تور ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشتىن قىسقىچە مەلۇمات
تور ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشتىن قىسقىچە مەلۇمات
1995-يىلى ئامېرىكا سانتىياگو ئۈنۋېرسىتى مائارىپ تېخنىكا فاكۇلتىتىنىڭ پروفىسورى بېرنىي دوج((Bernie Dodge توم مارچ( March Tom ) لار بىر خىل دەرس لايىھەسىنى ئىجاد قىلغان، ئۇ دەرس لاھىيەسى ئىنتىر تورى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، webquest (تور سۇئالى) دەپ ئاتىغان. بۇ بىر خىل توردىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئىزدىنىپ ئۆگىنىدىغان ، ئوقۇتقۇچى پەقەت سۇئال سوراش شەكلى ئارقىلىق يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئۆگىنىش پائالىيىتىدۇر.
بۇ خىل ئوقۇتۇش بىلىمنىڭ تارقىلىشى ۋە جۇغلىنىشى، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى تەشكىللەش ۋة ئەلالاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
بۇ خىل ئۇسۇلدا تۆۋەندىكىدەك ئالتە قىسىمدىن تەركىپ تاپقان مەخسۇس تور بەت لاھىيەلىنىدۇ:
1.كىرىش قىسمى. دەرسنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئۇچۇر پائالىيىتىنى تەشكىللىنىشىگە قارىتا تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغىتىلىدۇ.
2 . ۋەزىپە قىسمى. بۇ قىسىم رىئال، ھەقىقى، ئىجىرا قىلغىلى بولىدىغان، جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.
3. بايلىق قىسمى. ئۇ ۋەزىپە ئورۇنلاشقا كېرەكلىك ھەر خىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئۇچۇرلار ھەر خىل تور ھۆججەتلىرى، مۇتەخەسىسىلەرنىڭ خەت ساندۇقلىرى، توردا ئىزدەپ تاپقىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى، ھەر خىل ئىلىكتۇرۇنلۇق كىتاپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4.جەريان قىسمى. ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش جەريانىغا نىسبەتەن ئالدىن قىياسى پىلان بولىدۇ.
5. باھالاش قىسمى. ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ھەر بىر تۈردە باھالاش ئۆلچىمى بولىدۇ. بۇ ئۆلچەم جەزمەن ئادىل، ئېنىق، بىردەك بولىشى لازىم.
6.خۇلاسىلەش قىسمى. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىزدىنىش جەريانىغا نىسبەتەن خۇلاسىلاش ئېلىپ بارىدۇ، ئۆگەنگۈچىگە نىمىنى ئۆگەنگەنلىكى ھېس قىلدۇرۇلىدۇ. ھەمدە ئۇلارنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ باشقا ساھەلەردە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرىلىدۇ.
تور ئارقىلىق ئۆتىلىدىغان بىر سائەتلىك دەرسنىڭ لاھىيىسى
1. دەرس نامى : كىلاسسىك ئەسەر قۇتادغۇبىلىك
2. دەرس ئۆتكۈچى: ئاتىللا
3. ماس كېلىدىغان يىللىق: تولۇقسىز 3-يىللىق
4. ئوقۇتۇش مەزمۇنى: ئوقۇتقۇچى بالىلارنى مۇشۇ دەرسكە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. قۇتادغۇبىلىك بولسا،11- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا مەشھۇر دىداكتىك ئەسىرى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 11-ئەسىردىكى تۇرمۇشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. ئوقۇتقۇچى بۇ سائەتلىك دەرس ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاپتۇرنى، ئەسەرنى، ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاشقا يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەرگە بولغان چۈشەنچىسى كەمچىل، ئەسەر تىلىنى بىر ئوقۇپلا چۈشىنەلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولۇق توپلىشى كېرەك.
بۇ سائەتلىك دەرستە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى مول ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاپتۇرنىڭ ھاياتى،ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى، ئالىمنىڭ مەقبەرىسى، ئەسەر ھەققىدىكى بۇرۇنقى ئىزدىنىشلەر، ئاپتۇرنى خاتىرلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان پائالىيەتلەر قاتارلىقلار ھەققىدە ئىزدىنىشكە يىتەكلەش لازىم.
ئوقۇتۇش نىشانى
1.ئىنتىر تورىدىن پايدىلىنىپ،ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە كۆرۈش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش.
2.ئەسەردىكى ئۆزى قىزىقىدىغان قىسىملارنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ نىمە مەنە بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئۆز كەچۈرمىشى،تۇرمۇشى بىلەن باغلاشنى بىلىۋىلىش
3.ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەرگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ،ئۇلارنىڭ خەلقپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش. ئەجداتلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان،ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان روھنى يىتىلدۈرۈش.
بۇ سائەتلىك دەرستىكى قىيىن نوقتا
1.ئەسەر يېزىلغان تارىخى ئارقا كۆرىنىش
2. ئەسەر تىلى
3. ئەسەر ژانىرى
4. پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكى
ئوقۇتۇش جەريانى
مۇئەللىم: سىلەر ”قۇتادغۇبىلىك“ دېگەن ئەسەرنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ئۇنىڭ ئاپتۇرى كىم؟
ئوقۇغۇچى: ئاڭلاپ باققان، ئاپتۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ.
مۇئەللىم: ناھايىتى ياخشى، ئۇنداق بولسا سىلەر ”قۇتادغۇبىلىك“ دېگەن سۆزنىڭ نىمە مەنە بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟
ئوقۇغۇچى: بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم.
………………………………………………………………..
مۇئەللىم ئەسەر ھەققىدە قىسقا چۈشەنچە بېرىدۇ.
مۇئەللىم: سىلەر ئاپتۇرنى ۋە ئەسەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشنى خالامسىلەر؟ ئۇنداق بولسا ئۆزەڭلار قىزىقىدىغان مەزمۇنلار بويىچە مەشغۇلاتىڭلارنى باشلاڭلار.
ئوقۇغۇچىلار مەشغۇلات قىلىشقا كىرىشىدۇ. مۇئەللىم ئارىلاپ يۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن.
مۇئەللىم: سىز ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك قانداق ئىش قىلدىڭىز؟
ئوقۇغۇچى1: مەن ئاپتۇرنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلىدىم.
مۇئەللىم: سىزچۇ؟
ئوقۇغۇچى2: مەن ئەسەرنىڭ بىر نەچچە خىل نۇسىىسىغا ئائىت مەزمۇنلارنى توپلىدىم.
مۇئەللىم: سىزچۇ.
ئوقۇغۇچى3: مەن ئەسەردىكى سودىگەرلەرگە ئائىت بايانلارنى تەھلىل قىلدىم.
مۇئەللىم: ناھايىتى ياخشى، ئۇنداقتا سىز قايسى قىسىمنى تەھلىل قىلدىڭىز؟
ئوقۇغۇچى4: ئاپتۇرنىڭ پوتىرىتىنى سىزغۇچى ۋە سىزىش جەريانىغا ئائىت ئوچۇرلارنى توپلىدىم.
مۇئەللىم: سىزچۇ؟
ئوقۇغۇچى5: مەن ئەسەردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى تەھلىل قىلدىم.
مۇشۇ تەرىقىدە ئوقۇغۇچىلار توپلىغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدا بەس مۇنازىرە قىلىشىدۇ.مۇئەللىم كىمنىڭ قانداق پىكىر قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ ئولتۇرىدۇ.بالىلار ئۆزلىرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئەركىن ئازادە ئوتتۇرغا قويىدۇ.ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ كۆز قارىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ.ئاخىردا ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى يىغىنچاقلاپ خۇلاسە قىلىپ بېرىدۇ.
مەن بۇ بىر سائەتلىك دەرس پىلانىنى ئۆزبىلىم دائىرەم بويىچە مۇنداقلا تۈزۈپ باقتىم.خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا قىممەتلىك پىكرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
-لوپنۇرى