ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى(6)

 

6. سىنىپ مۇدىرى ناھايتى سەزگۈر بولۇشى، ھەر بىر كىچىك ھالقىلارنىمۇ نەزىرىدىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك.

 

  سىنىپ خىزمىتىدە ھەر قانداق ئىش، ھەر قانداق ۋاقىتتا تەربىيىلەش نۇقتىلىرى بايقىلىپ تۇرىدۇ.  

  تەربىيىلىگۈچى بۇ نۇقتىلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تەربىيە ئېلىپ بارسا، مۇشۇ كىچىككىنە نۇقتىدىن چوقۇم خېلى زور تەربىيە ئۈنۈمى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

كەسىپدىشىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقتىن يېڭى سىنىپ تۇتۇپتۇ ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشۈپتۇ.  ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرگەن چاغدا، ئوتتۇز- قىرىق ئوقۇغۇچى سىنىپقا يىغىلغانىكەن.  ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان جايدا ئولتۇغان بولۇپ، سىنىپ ئىچى سۈپۈرۈلمىگەن،  كەينىدە بىر مۇنچە ئۈستەل- ئورۇندۇق قالايماقان ئىكەن. ئوقۇتقۇچى يازلىق تەتىلدە يېڭىچە مائارىپ نەزىرىيىسى بويىچە تەربىيىلەنگەنلىكى ئۈچۈن،  ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە سىناپ باقماقچى بولۇپ، ساۋاقداشلارغا قاراپ:

 كىم كەينىدىكى ئۈستەل- ئورۇندۇقلارنى رەتلەپ قويۇشنى خالايدۇ؟- دەپتۇ.  ئوقۇتقۇچى شۇ چاغدا: «ئوقۇغۇچىلار چوقۇم بەس- بەستە قوللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشكە ئالدىرايدۇ.» دەپ ئويلىغان.  بىراق ئويلىمىغان يەردىن بىرمۇ ئوقۇغۇچى قول كۆتۈرمىگەن. ئوقۇتقۇچى يەنە:

كىم ئۈستەل رەتلەپ قويۇشنى خالايدۇ؟ – دەپ سورىغان. يەنىلا بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ قول كۆتۈرگىنى كۆرۈلمىگەن. بۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا زادى نىمە بولغاندۇ؟  ئوقۇتقۇچى بىر نەچچەيلەننى كۆرسىتىپ رەتلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ ئويلىغان، بىراق ئۇنداق قىلماي يەنە:

 ئۇنداقتا، مەن ئۆزۈم رەتلەي،  دەپتۇ- دە،  كەينىگە ئۆتۈپ ئۈستەل- ئورۇندۇقلارنى رەتلەشكە باشلاپتۇ.  ئالتە مىنۇتقا يېقىن بىرمۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىغا ياردەملىشەي دېمىگەن.  ئوقۇتقۇچى پارتىلارنى رەتلەپ بولغاندىن كىيىن بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى يەنە سىناپ بېقىش ئۈچۈن:

 كىم سىنىپنى سۈپۈرۈشنى خالايدۇ؟ – دېگەن.  يەنە ھېچكىم قول كۆتۈرمىگەن. ئوقۇتقۇچى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغاندىن كىيىن، ئاخىر ئىككى ئوقۇغۇچى قول كۆتۈرگەن.  ئوقۇتقۇچى باشقا ئوقۇغۇچىلارنى كارىدورغا چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇپ، ھېلىقى ئىككى ئوقۇغۇچى بىلەن سىنىپنى سۈپۈرۈشكە باشلىغان.

سىرتتا تۇرغان بىر قانچە ئاتا-ئانا:

ۋۇي، ئوقۇتقۇچى سىنىپ سۈپۈرۈپتىغۇ؟ – دېيىشكەن.

ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ھەيرانلىق ئىپادىلەنگەن.  شۇنداق، ئۇلار بۇنداق مەنزىرىنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان. ئوقۇتقۇچىمۇ يەرنى سۈپۈرىۋېتىپ ئويلانغان. ئون نەچچە يىللىق خىزمەت تارىخىدا بۇ تۇنجى ئىش ئىدى.  قېنى، ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىشقا قارىتا قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىكىن؟ ئۇلار سىنىپنى پاكىز تازىلاپ بولغاندىن كىيىن سىرتتىكى ساۋاقداشلار پاكىز سىنىپقا كىرگەن…

ئوقۇتقۇچى ئىشخانىغا كىرىپ دەم ئالغان، بىراق قەلبى تىنچلانمىغان.  چۈنكى بۇ ئىش ئۇنى ھەيران قالدۇرغان.  ھازىرقى زاماننىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نىمە بولدىكىن تاڭ؟

ئوقۇتقۇچى ئاخىرى مۇنداق يەكۈن چىقارغان: «بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماينىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئەتىۋار بالىلار، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرۈشى،  ئەركىنلىك،  ئۇلاردا مىشچانلىق ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئەمگەك،  كوللىكتىپ ئېڭى ئىنتايىن تۆۋەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە  بۇ ئوقۇغۇچىلار يېڭىدىن بۇ سىنىپقا كىرگەچكە، ئوقۇتقۇچىغا بولغان ھۆرمەت، بۇ يېڭى كوللىكتىپقا نىسبەتەن كۈچ چىقىرىش ئېڭى يوق» . ئوقۇتقۇچى يوقارقىلارنى خۇلاسىلەپ،  بۇ يېڭى سىنىپ خىزمىتىنى مۇشۇ نۇقتىدىن باشلىماقچى بولغان.

چۈشتىن كىيىن يېڭى كىتاب-ماتىرىيال تارقىتىشنىڭ ئالدىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا يېرىم سائەت سىنىپ يىغىنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق دېگەن:

  ساۋاقداشلار، ھەممە ئادەمنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بولىدۇ.  ئاتا-ئاناڭلار مۇشۇ ئائىلىدىكى ئەزالارنىڭ بەختى ئۈچۈن تىرىشىدۇ.  شۇڭا ئۇلارغا ئۆزلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق خوشاللىق ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەك.  ئەگەر قايسى بىر ئوقۇغۇچى دەم ئېلىش كۈنلىرى ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرسە، ئائىلىسىدىكىلەرگە خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئۆزىمىزدىمۇ ئالاھىدە بىر خىل شادلىنىش تۇيغۇسى بولىدۇ.

كۆپچىلىكتە مۇشۇنداق تۇيغۇ بارمۇ- يوق؟

كۆپ ساندىكى ساۋاقداشلار «بار!» دەپ جاۋاب بەرگەن.  ئوقۇتقۇچى يەنە ئۇلاپلا:

بىز بۈگۈندىن باشلاپ بىر سىنىپ كوللېكتىپى بولۇپ تەشكىللەندۇق.  بۇ بىزنىڭ چوڭ ئائىلىمىز.  شۇنداق بولغانكەن، بۇ ئائىلىمىزنى ئىللىق، خۇشاللىققا چۆمگەن ئائىلىگە ئايلاندۇرۇشنى خالامسىلەر؟ – دەپ سورىغان.  بۇ قېتىم ھەممىسى بىردەكلا «خالايمىز!» دەپ جاۋاب بەرگەن.

   ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈلگەنىكەن. ئوقۇتقۇچى يەنە:

   -ئۇنداقتا، بۇ چوڭ ئائىلىمىزنىڭمۇ ئىللىق، شاد-خۇرام بولۇشى ئۈچۈن ھەممە ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق كۈچ چىقىرىش كېرەك.  مەسىلەن:  بايا سىنىپ ناھايتى قالايمىقان، مەينەت ئىدى.  مەن ئىككى ساۋاقدىشىڭلار بىلەن قوشۇلۇپ سىنىپنى پاكىز تازلىدىم،  تازىلاش جەريانىدا گەرچە ئازراق  ھارغان بولساقمۇ،  ئەمما سىلەرنىڭ ھازىر بۇ پاكىز سىنىپتا ئولتۇرغىنىڭلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولىۋاتىمىز،  شۇنداقمۇ قىزلار، – دەپ ھېلىقى ئىككى ئوقۇغۇچىغا قارىغان.  ئۇلارنىڭ چېھرىدىمۇ خۇشاللىق ئەكس ئەتكەن.

    ئوقۇتقۇچى يەنە:

   -مۇشۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى، خۇشاللىقى ئۈچۈن ئولتۇرغان ھەر بىر ئەزا ئازراق تۆھپە قوشسا،  بۇ خۇشاللىقلاردىن ئۆزىمۇ بەخت ھېس قىلىدۇ،- دېگەن. كەينىدىنلا يەنە:

   -كىم ماڭا ياردەملىشىپ يېڭى كىتاب- ماتېرىياللارنى كۆتۈرۈپ  سىنىپقا ئېلىپ كېلىدۇ؟  دەپ سورىغان.

   – مەن باراي.

   – مەن باراي…

    ئولتۇرغان ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى تەكشى قول كۆتۈرگەن.  شۇ كۈنى مۇزاكىرىدىن چۈشكەندىن كىيىن، ئوقۇتقۇچى : «كىم سىنىپنى تازىلاپ بولۇپ قايتىشنى خالايدۇ؟ » دەپ سورىغان.  بۇ چاغدا يىگىرمە ئوتتۇز ئوقۇغۇچى تەڭلا قوللىرىنى كۆتۈرۈشكەن.  ئوقۇتقۇچى ئىككى ھەپتىگىچە كۈندىلىك دىژۇرنى تۇرغۇزماي: «كىم سىنىپنى سۈپۈرۈشنى خالايدۇ؟  كىم كارىدورنى سۈپۈرۈشنى خالايدۇ؟  كىم مەيدان تازلىقىنى قىلىشنى خالايدۇ؟ كىم ئىشخانا تازىلاشنى خالايدۇ؟…» دەپ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرغان،  سىنىغان.    ئوقۇتقۇچى ھەر بىر قېتىم «كىم… خالايدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئوقۇغۇچىلار قىزغىنلىق بىلەن قول كۆتۈرۈشكەن. بارا- بارا «كىم؟» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتمەي،  ئوقۇغۇچىلار ناھايتى ئىشچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى تېپىپ قىلىدىغان بولغان.

     گەرچە بۇ ئىش ناھايتى كىچىك ئىش بولسىمۇ،  بۇ     نۇقتىلارغا سەل قارالسا،  ئوقۇغۇچىلاردا جاپادىن، مەينەتچىلىكتىن قورقىدىغان ھەم قاچىدىغان «تەييارغا ھەييار»  بولىۋالىدىغان تەييارتاپلىق بىخلىرى بىخ سۈرۈپ،  كېيىنچە يامان خاراكتېرلەرنىڭ يېتىلىشىگە ئاساس بولۇپ قالىدۇ.    ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كۈتكۈنىدەك بولۇپ چىقىشى ناتايىن.  ئوقۇتقۇچى بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققاندا ،  چوقۇم ئېغىر-بېسىق بولۇشى،  باشتىن- ئاخىر ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىش نۇقتىسىدىن ئويلىنىشى كېرەك.  

يۇقۇرقىدەك ئىشلارغا يولۇققاندا ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئاچچىقلاپ سۆزلەپ كەتسە،  بىر قېتىملىق تەربىيە بېرىشتىكى ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغاننىڭ ئۈستىگە،  تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشكەندىلا، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.

     بۇ يىل تولۇقسىز 1-يىللىقتىن يېڭى سىنىپ ئالدىم.  سىنىپ ھەيئەتلىرىنى ياخشى تاللاپ،  سىنىپ كوللىكتىپىنى ئاساسەن ياخشى تەشكىللىۋالدىم.  سىنىپىمىزدىكى مەرھابا تەشۋىقات ھەيئىتى بولۇپ،     ئۇ ئادەتتە قىزغىن،  جۇشقۇن،  خىزمەت ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى قىز ئىدى. قارا تاختا گېزىتىنى ئىشلەشتە، تەشكىللەشتە ئالاھىدە تالانتى بولغاچقا، ھەر ئايلىق قارا تاختا گېزىتىنى باھالاشتا تەقدىرلەشكە ئېرىشەتتۇق. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ ئۆزىگە سەل تەمەننا قويغاچقا، ئۆزىنى كونتۇرول قىلالمايمۇ قالاتتى.  دەرسخانىدا ئۇششاق پاراڭ ۋە ھەركىتى كۆپرەك ئىدى. ئۇنىڭغا يېتەرسىزلىكىنى تۈزىتىش توغرىسىدا نۇرغۇن تەربىيە قىلغان بولساممۇ، ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولمىدى.  بىر كۈنى خەنزۇچە دەرس ۋاقتىدا ئۇنىڭ كونا كېسىلى يەنە قوزغىلىپ، يېنىدىكى ساۋاقدىشى بىلەن ئۇزاققىچە پاراڭلىشىپتۇ، مۇئەللىم ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئانچە پىسەنت قىلماپتۇ. مۇئەللىم ناھايتى خاپا بوپتۇ.  دەرستىن كېيىن مەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ مەرھابانى چاقىردىم ۋە ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلدىم.  لېكىن ئۇ ئۆزىنى ئاقلاپ، ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرىۋالدى،  مەن ناھايتى خاپا بولۇپ:

     بىر سىنىپ كادىرى تۇرۇپ دەرس ۋاقتىدا ئىنتىزامغا رىئايە قىلمايدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزگەننى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرمەيدىغان بۇ خىل پوزىتسىيە سىنىپ كادىرلىرىغا ماس كەلمەيدۇ. قايتىپ بېرىپ قىلغان ئىشلىرىڭىز توغرىسىدا ياخشى ئويلىنىڭ،  ئاندىن بىر پارچە ئىستىپانامە يېزىپ كېلىپ ئەتە ماڭا تاپشۇرۇڭ،- دېدىم ۋە سىنىپتا بۇنى ئېلان قلىپ، ئەتە سىنىپقا قايتىدىن تەشۋىقات ھەيئىتى سايلايدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردۇم.  كەچتە ئولتۇرۇپ ئويلاندىم، بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەل ئاشۇرىۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.  مەرھابانىڭ يىغلىغان قىياپىتى كۆز ئالدىمغا كەلگەندە يۈرىكىم سىقىلىشقا باشلىدى.  نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ تېخى تولۇقسىز 1-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسىدە.  لېكىن ئەمدىلىكتە قارارىمدىن يېنىۋالسام كېيىن ئوقۇغۇچىلارنى قانداق باشقۇرىمەن؟  قانداق قىلىش كېرەك؟  كېچىچە ئويلىنىپ بىر ئامال تاپتىم.

    ئەتىسى سىنىپتا قارارىم بويىچە تەشۋىقات ھەيئىتىنى قايتا سايلىدۇق. سايلام بېلىتى يىغىلدى،  قولۇمدا مەرھاباغا تاشلانغان بەش تال بېلەت بار ئىدى.  پەستە بالىلارنىڭ پىچىرلاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن مەرھاباغا قارىدىم. ئۇ مېنىڭ قارىشىمدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغانىدى. مەن بۇ بەش تال سايلام بېلىتىنى ئېلىپ:

   -ساۋاقداشلار، ئەسلى بۇ ئىسىمسىز تاشلانغان بېلەتلەر بولغاندىكىن، مەن كىملەرنىڭ تاشلىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىكىم كېرەك ئىدى. لېكىن بۇ بەش تال بېلەت ئالاھىدىرەك. شۇڭا كىملەرنىڭ تاشلىغانلىقىنى بىلىپ باقساق، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، – دېدىم.

    بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن تۆت ئوقۇغۇچى ئاستا ئورنىدىن تۇردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە سىنىپ باشلىقىمۇ بار بولۇپ، ئۇ مۇستەقىل پىكىرلىك بالا ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم.  ئۇ:

    مەرھابا سىنىپ كادىرى تۇرۇقلۇق سىنىپ تۈزۈمىگە رىئايە قىلمىدى، بۇ ئۇنىڭ كەمچىلىكى، لېكىن ئۇ بۇ كەمچىلىكىنى چوقۇم تۈزىتىپ كېتەلەيدۇ. ئۇ تەشۋىقات خىزمىتىنى ئەزەلدىن ياخشى ئىشلەپ، سىنىپىمىزغا نۇرغۇن شان- شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلگەن.  مەن سىزنىڭ ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.  ئىشىنىمەنكى،  بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا ساۋاق بولدى  دەپ بولىشىغىلا سىنىپتا ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.   بۇ ئالقىش ساداسىدىن بالىلارنىڭ سەمىمىي كۆڭلىنى بىلگەن بولساممۇ،  ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم.  چۈنكى قولۇمدا يەنە بىر تال بېلەت بار ئىدى.

   بۇنى كىم تاشلىغان؟ -دەپ سورىدىم مەن.

   بۇ چاغدا بىر قىز يۈزلىرى قىزارغان ھالدا ئورنىدىن تۇردى.  ئۇ دەل ئالدىنقى قېتىم بىر بېلەت كەم بولۇش سەۋەبىدىن سايلىنالماي  قالغان  ئالىيە ئىدى.   ئۇ سەمىمىي، ئاددى- ساددا  قىز بولۇپ،  نەتىجىسىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى،  شۇڭا بۇ بېلەتنى ئۆزىگە تاشلىسا تامامەن بولاتتى، لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىغانىدى. مەن ئۇنىڭدىن:

    نىمىشقا بېلەتنى ئۆزىڭىزگە تاشلىمىدىڭىز؟ – دەپ سورىدىم.

    ئۇ تېخىمۇ قىزارغان ھالدا:

    مەنمۇ شۇنداق قىلىشنى ئويلىغان ئىدىم.  لېكىن تەشۋىقات خىزمىتىگە ماھىر ئەمەسكەنمەن.  مەرھابا بۇ جەھەتتە كۆپ تەجىرىبىلىك،  شۇڭا  ئۇ ناھايتى ياخشى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.  مەن ئۇنى ھەر قايسى جەھەتلەردە مەندىن ياخشى قىلالايدۇ دەپ قارايمەن.   سىزمۇ دائىم بىزگە : «بىزنىڭ مەقسىتىمىز كېسەلنى داۋالاپ،  ئادەمنى قۇتقۇزۇش، ساۋاقداشلارغا ياردەم قىلىپ ئۇلارنى خاتالىقىنى ئۆزگەرتىپ، ئالغا باستۇرۇش، ھەرگىزمۇ بىر توقماق بىلەن ئادەمنى ئۇجۇقتۇرىۋېتىش ئەمەس» دەيتتىڭىز،  شۇڭا مەرھاباغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرسىڭىز،- دېدى.

    سىنىپ ئىچى جىمجىتلىققا چۆمگەن ئىدى.  مەن ھەقىقەتەن تەسىرلەنگەنىدىم. قارىماققا بۇ ئاددىي قىزنىڭ كۆكسى- قارنى نېمىدېگەن كەڭ- ھە! نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.  پەقەت:

    ساۋاقداشلار قانداق قارايسىلەر؟-دەپلا سورىيالىدىم.

    ئۇنىڭغا بىر قېتىم پۇرسەت بېرەيلى، ئۇنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز،- دەپ بىر خىلدا تەرەپ- تەرەپتىن چۇقىراشتى ساۋاقداشلار.

    ئۇنداقتا،  مەن سىلەرنىڭ پىكىرىڭلارغا قوشۇلاي.  ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرەيلى، مەن ساۋاقداش مەرھابانىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۈمىد، ئىشەنچىسىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. قېنى ئەمىسە، مەرھابا بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلسۇن! – دېدىم مەن. `

   شۇ چاغدا قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولدى.  نېمىدېگەن ياخشى ساۋاقداشلار،  نېمىدېگەن ئالىيجاناب گۈزەل قەلىبلەر- ھە!

   مەن چوقۇم پۇرسەتنى قەدىرلەپ،  ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۈمىد، ئىشەنچىسىنى ئاقلايمەن،  ھەرگىزمۇ… – ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلالماي قالدى.

   مەرھابا ھەقىقەتەن ئۆزگەردى.  تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى تېخىمۇ ئەستايدىللىق بىلەن ئورۇندايدىغان،  ئۆگىنىشتە تىرىشچان،  ئىنتىزام قارىشى كۈچلۈك ئوقۇغۇچىغا ئۆزگەردى.  ھەقىقەتەن ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىدى.

   مەرھابانىڭ بۇ ئىشى مېنى قاتتىق ئويغا سالدى.  سىنىپ مۇدىرىنىڭ باشقۇرىشى بىر سەنئەت ئىكەن.  تولۇقسىز 1-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تېخى ئەمدىلا باشلانغۇچنىڭ دەرۋازىسىدىن چىققان سەبىيلەر بولغاچقا،  ئۇلارغا نىسبەتەن ھەممە نەرسە يېڭى  ۋە  ئاددىي ھېسابلىنىدۇ.   بۇ ۋاقىتتا سىنىپ مۇدىرى توغرا يېتەكلىمىسە،  پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن.   ئەگەر ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا سەبىي كۆڭۈللەرگە ئازار بېرىپ قويىدىغان گەپ.  بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا سىنىپ مۇدىرى ناھايتى سەزگۈر بولۇپ، «زىخمۇ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان» باشقۇرۇش سەنئىتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.  چارە-تەدبىرلىك بولۇشى،  ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ دەرھال تەدبىر قوللىنالايدىغان  ئەقىللىق بولۇشى لازىم .


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=696

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-12
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مائارىپ-پىسخىلوگىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: