كۇچا ئۇيغۇر ۋاڭلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇش(سۈرەتلىك)

ۋاقتى: 2011-10-26 / تۈرى: تارىخ-مەدەنىيەت / كۆرۈلۈشى: 397 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

 

كۇچا ئۇيغۇر ۋاڭلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇڭ

 

كۇچا ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ تارىخى-1758-يىلدىن 1949-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ تېنچ يول بىلەن ئازاد بولغانغا قەدەر 11ئەۋلاد ۋاڭنىڭ 200 يىلغا يېقىن تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇ مەزگىللەردە كۇچا ئۇيغۇر ۋاڭلىرى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىرلىشىگە ۋە يۈكسەك ئېتىبارىغا ئېرىشكەن. كۇچا-يەكەننى مەركەز قىلغان جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنى ئىدارە قىلغان. تۆۋەندە بۇ 11 ئەۋلاد ۋاڭ بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

 

1. بىرىنچى ئەۋلاد ۋاڭ- مىرزا ھادى بەگ

  مىرزا ھادى بەگ(چىڭ سۇلالىسى تارىخنامىلەردە ئېدۈي دەپ ئېلىنغان) كۇچانىڭ ھاكىمبېگى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە 2500 تۈتۈن،15 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس بار ئىدى. چىڭ سۇلالىسىگە چىيەنلۇڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە شىمالىي شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئاقسۆكەكلىرى توپىلاڭ كۆتۈردى. مىرزا ھادى بەگ تارىخنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ،چىيەنلۇڭنىڭ 20-يىلى(1755-يىلى) ئادەملىرىنى باشلاپ ئېلىغا بېرىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ توپىلاڭنى باستۇرشىغا ھەمكارلاشتى. چىيەنلۇڭنىڭ 22-يىلى(1757-يىلى) چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغاندىمۇ، ئۇ يەنە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ،بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ،كەسكىنلىك بىلەن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ماسلىشىپ توپىلاڭنى تىنجىتىشقا قاتناشتى. توپىلاڭچىلار كۇچانى ئىگەللىۋالغاندىن كىيىن مىرزا ھادى بەگنىڭ ئايالى رەھىمە ئاغىچا بىلەن ئىككى ئوغلى ۋە بىر قىزىنى گۆرۆگە ئېلىۋالدى. ھەمدە ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن بىر قىزىنى سېپىلدىن تاشلاپ ئۆلتۈرۋەتتى. مىرزا ھادى بەگ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ،چىڭ سۇلاسىنىڭ سانغۇنلىرىدىن شۇندې بىلەن يارخاشەنگە ماسلىشىپ  شۇ يىلى 8-ئايدا كۇچا شەھرىنى توپىلاڭچىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالدى. كىيىن ئۇ يەنە چىڭ سۇلاسىنىڭ ئەمەلدارى جاۋخۇيغا ماسلىشىپ ئاقسۇنى قايتۇرۋالدى ھەمدە يەركەنگە يۈرۈش قىلدى.مىرزا ھادى بەگ خوجىلارنى جىنايىتىنى يەرلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلارغا پاش قىلىپ ئۇلارنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن خوتەن ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يۇرۇڭقاش،چىرا،كېرىيە قاتارلىق شەھەرلەر ئارقا-ئارقىدىن چىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلدى. يۇقىرقىدەك بىر قاتار تۆھپىلىرى ئۈچۈن چىيەنلۇڭ خان 1758-يىلى 7-ئايدا ئۇنى ئالتە شەھەرنىڭ مەركىزى يەكەنگە ۋاڭ قىلىپ تىكلەپ،چىنۋاڭلىق  مەنسىپىنى بەردى.

مىلادىيە 1758-يىلى چيەنلۇڭ خان بىېيجىڭ خان ئوردىسىدا بىرىنچى ئەۋلاد كۇچا ئۇيغۇر ۋاڭى مىرزا ھادى بەگكە پەخرى تۆرە مەرتىبىسىنى بەردى

 

مىرزا ھادى بەگ يەركەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە مەرىپەتپەرۋەر، مەرد،رەھىمدىل،ئادالەت بىلەن ھاكىميەت يۈرگۈزۈپ،خەلققە نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بەردى. ”يەكەن ساداسى“ ناملىق تارىخى داستاندا:

يەكەن تەبەسى بولۇبان خانغا تەئەللۇق،

بەردى مىرزا ھادى بەگكە بەيلى ھاكىملىق.

يۇرتقا كۆپ ئەدىلى قىلۇردى،

ئەھلى ئىلىم ئامانىدا…..“

   دەپ تەرىپلەنگەن. مىرزا ھادى بەگ چىيەنلۇڭنىڭ 43-يىلى (1778-يىلى) كېسەل سەۋەبى بىلەن يەكەندە ۋاپات بولۇپ، تەكەندىكى ئالتۇنلۇق قەبرىستانلىقىنىڭ يۇقىرى تەرپىدىكى چىلتەن مازىرى يېنىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىندى.

 

مىرزا ھادى بەگنىڭ ئايالى رەھىمە ئاغىچا خېنىم

 

2. ئىككىنچى ئەۋلاد ۋاڭ- مىرزا ئوسمان بېيزى ھاكىمبەگ

مىرزا ئوسمان بېيزى ھاكىمبەگ( مىلادى؟-1788)يەكەن ھاكىمبېگى مىرزا ھادى بەگنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. چىيەنلۇڭنىڭ 23-يىلى(1758-يىلى) چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ”چوڭ-كىچىك خوجىلار“ غا جازا يۈرىشى قىلىپ،كۇچا شەھرىنى ئالغاندىن كېيىن، مىرزا ئوسمانبەگنىڭ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئۇنى كۇچا شەھرىدە ئىش بېجىرىشكە قالدۇردى.

چىيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى(1759-يىلى) ئۇنىڭغا كۇچانىڭ 3-دەرىجىلىك بېگى دېگەن مەنسەپ بېرىلدى.

چىيەنلۇڭنىڭ 37-يىلى(1772-يىلى)كۇچانىڭ ھاكىمبېگى 2-دەرىجىلىك تەيجى مىرزا ئوسمانبەگ بېيجىڭغا بېرىپ،شىنخۇامېن قۇۋۇقىنىڭ سىرتىدىن چىيەنلۇڭ خانغا سالام بەردى.

چىيەنلۇڭنىڭ 40-يىلى(1775-يىلى)مىرزا ئوسمان بەگ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھاكىمبېگى بولدى.

كىيىنكى يىلى 12-ئايدا كۇچانىڭ 3-دەرىجىلىك ھاكىم بېگى مىرزا ئوسمان بەگ قاتارلىق 13 كىشى بېيجىڭغا بېرىپ چىيەنلۇڭ خانغا سالام بەردى. خان ئۇلارغا تاج-تون ئىنئام قىلدى.

چىيەنلۇڭنىڭ 43-يىلى(1778-يىلى) ئۇنىڭ ئاتىسى مىرزا ھادى بەگ ۋاپات بولغاندىن كىيىن، مىرزا ئوسمان بەگ نائىبلىك مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلدى.

چىيەنلۇڭنىڭ 49-يىلى(1784-يىلى) ئۇ بېيزىلىككە ئۆستۈرلۈپ، ئەجداتلىرىنىڭ ئورنىنى بېسىپ ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ قەشقەرگە ھاكىم بەگ بولدى. كىيىن گاۋپۇنىڭ ھۆكۈمەت قاشتېشىنى ئۆز ئالدىغا قېزىپ ساتقانلىق ئەنزىسىگە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن مەنسەپ مەرتىۋىسى ئېلىپ تاشلاندى. كىيىن خۇشۇن بېيزىسى دېگەن مەرتىۋىگە ئۆستۈرۈلدى.

چىيەنلۇڭنىڭ 53-يىلى(1788-يىلى) پايتەخت بېيجىڭغا بېرىپ چىيەنلۇڭ خانغا سالام بېرىپ قايتىشىدا كېسەل بولۇپ ۋاپات بولدى.

 

كۇچا ۋاڭ ئوردىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى

 

3. ئۈچىنچى ئەۋلاد ۋاڭ- مىرزا مۇھەممەد ھۆسىيىن بېيزى ھاكىمبەگ

 

مىرزا مۇھەممەد ھۆسىيىن بېيزى ھاكىمبەگ ”كۇچا ناھىيىسى تەزكىرىسى“دە، رىزاشاھ سېتىۋالدى

(چىڭ سۇلالىسى تارىخىدا مۇھەممەد ھەسەن دەپ يېزىلغان) دەپ ئېلىنغان. ”يەكەن ساداسى “ ناملىق تارىخى داستاندا “ رىزاشاھ سېتىۋالدى بەيسى ھاكىمبەگ“ دەپ يېزىلغان. چىيەنلۇڭنىڭ 53-يىلى(1788-يىلى) مىرزا ئوسمان بېيزى ھاكىمبەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى مىرزا مۇھەممەد ھۆسىيىن بېيزى ھاكىمبەگ ئەجداتلىرىغا ۋارسلىق قىلىپ، بېيزىلىق مەرتىۋىسى بىلەن يەكەن شەھرىگە ۋاڭ بولدى. دەسلەپتە ئۇ ئادالەت بىلەن يۇرت سورىغان. بۇ ھەقتە ”يەكەن ساداسى“ ناملىق تارىخى داستاندا:

ئاندىن قىلىبان بەيسى ھاكىمبەگ سېتىۋالدى،ئادىللىقى مەشھۇر،

زالىمغا جازا بەرگۈچى، رەئىيەتنى بېقىڭ بار، ئول ھاكىم دانا.

مىردابە بىلەن،تۇڭچى غۇپۇر،ئابدۇشۈكۈرنىڭ يوق قىلدى جاھاندىن،

زۇلمەتلەرنى تېنچ قىلىپ،يەرگە كىرىڭ بار، جەننەت ئاڭا مەئىۋا

دەپ يېزىلغان. لىكىن ئۇ كىينكى مەزگىللەرگە بارغاندا، چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىغا ئوخشاش چېرىكلىشىپ، ئۇلارنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن  خەلق ئۈستىدىكى سېلىقنى ئېغىرلىتىۋەتكەن. قىمار ئۇيناپ كەيىپ-ساپاغا بېرىلگەن. ”يەكەن ساداسى“ ناملىق تارىخى داستاندا  يەكەن شائىرلىرى مۇنداق يازىدۇ:

كەلدى كۇچادىن بۇلۇبا ھاكىم مۇھەممەد ھۈسەيىن بەگ مىرزا مەنسەپلىرى بەيسە،

تا بولدى ھاكىم راۋان،زامان،قەرز قىلىڭ بار، پەس قىلغىلى غەۋغا.

پەرز ئەيلىدى،كەشمىر،تىبەت،ھىندى، خىتايىن مەن ياخشى بولاي دەپ،

تاپتى ئوقىبە(ئاقىۋەت) نەپىس…لار چوڭ ئېلىڭ بار،تاپماي ئاڭا ئارغا.

پانىي بولۇشنى بىلمەي،شۇنداق ئۆتىمەن دەپ غەپلەتتە بۇ شاھ،

يىللاردىن داۋام زۇلمى بىلەن ئوردا ياساڭ بار، ئۇلساددە تەتەييا.

ھەر يەردە ئەگەر مەدرىسلەر بولسا باھالاپ ساتماقنى چىقاردى،

ئول بولسا خۇدا فاڭزا بېرىپ،يامبۇ ئېلىڭ بار، ئەۋسىيەت ۋە ئەدنا(ئاخىرى).

سالتاڭ كېلىبان بولدى تاۋانگىر(باي) گاھ-گاھ سوقۇشتى،

بۇ پانىي جاھان لۇلى زامان، پانىي بولۇڭ بار، تا بولغىلى شەيدا.

ئەدلى بار ئىدى ئازغىنە، لىكىن ئىدى پاسىق ئىچمەكلىرى باقسۇم(شاراب)،

ئوينىشى قىمار لولىبازلىق(زىناخورلۇق) كۈچ ئېلىڭ بار، خەلق ئىچى ھۇۋەيدا.

قەرزنى تۈگەتمەي كىرىبان گۈمبەز ئىچىگە، ئۆزى ئامان قالدى،

قەرزنى قويۇپ كەتتى قېچىپ گۆرگە كىرىڭ بار، ئۆلمەك ھامانا.

مىرزا مۇھەممەد ھۆسىيىن بېيزى ھاكىمبەگ داۋگۇاڭنىڭ 4-يىلى(1824-يىلى) ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا، يەكەن شەھرىدە 45 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ مازىرى كېيىنچە ”بېيزى ھاكىمبەگ مازىرى “ دەپ ئاتالدى.

 

كۇچا ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كۆرگەزمىخانىسىدىكى شام ھەيكەل(ئوتتۇردىكىسى مىرزا ھادى بەگ، ئوڭ تەرەپتىكىسى مىرزا ھامۇت ۋاڭ، سول تەرەپتىكىسى مەھپۇز ۋاڭ)

 

4.تۆتىنچى ئەۋلاد ۋاڭ- مىرزا مۇھەممەد ھادى بەگ

مىرزا مۇھەممەد ھادى بەگ ”كۇچا ناھىيىسى تەزكىرىسىدە“ ھەزرىتى ئاپپاق(چىڭ سۇلالىسى تارىخىدا تاتلىق دەپ يېزىلغان) دەپ ئېلىنغان.“ يەكەن ساداسى“ ناملىق تارىخى داستاندا ”ھەزرىتى ئاپپاق بېيزى ھاكىمبەگ “ دەپ يېزىلغان.

داۋگۇاڭنىڭ 4-يىلى(1824-يىلى) مىرزا مۇھەممەد ھۆسىيىن بېيزى ھاكىمبەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئوغلى مىرزا مۇھەممەد ھادى بەگ ئەجداتلىرىغا ۋارسلىق قىلىپ، بېيزىلىق مەرتىۋىسى بىلەن ئاقسۇغا ھاكىم بولدى،كېيىن يەكەن شەھرىگە ھاكىمبەگ بولدى. ئۇ ھاكىم بەگ بولغان مەزگىللەردە نۇرغۇن خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى قىلغان. “ يەكەن ساداسى“ ناملىق تارىخى داستاندىكى مۇنۇ مىسىرالار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ:

ئاندىن قالىبان ھەزرىتى ئاپپاق بەگ ھاكىم بولدى، يەكەن بولۇپ ئاۋات،

ئول ۋاقتىدا ئاتسىز كىشىلەر ئاتقا مىنىڭ بار، كەڭرىدى دۇنيا.

ئابات قىلىپ،چۆلۇ باياۋاننى كۆكلىتىپ،لەنگەرلىرى مەشھۇر،

ھەم مەدرىسە، مەسچىت،دەرەخلەر يولغا سېلىڭ بار،يوق ئەردى زۇلىما.

ھەر يەردە ئەگەر دەشتلەرگە سۇلار چىقمىسا ناگاھ چاپتى ئاڭا ئۆستەڭ،

يۇرت قىلماق ئۈچۈن چۆللەرنى ئاۋات قىلىڭ بار،شاھىن ئاڭا شۇ بار.

ئالۋانچى بۇ بەگ موللا-قەلەندەر ئامان ئەردى،قويغا بۆرە چاپمادى،

خوش،ھاكىم…قۇۋۋەت…بەرىكەت ئەمدى بىلىڭ بار،ئانداق كىشى قايدا؟

1820-يىلدىن 1828-يىلىغىچە جاھانگىر خوجا بەش قېتىم توپىلاڭ كۆتۈردى. 1826-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى جاھانگىر خوجا قەشقەر كوناشەھەرنى ،ئاندىن كېيىن يېڭىشەھەرنى ئىشخال قىلدى. ھەمدە ئۆزىنى“ سەئىد جاھانگىر سۇلتان “ دەپ جاكارلىدى. ھەمدە بارا-بارا تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى رايۇنلارنى چاڭگىلىغا ئالدى. شۇ سەۋەبتىن مىرزا مۇھەممەد ھادى بەگ داۋگۇاڭنىڭ 6-يىلى (1826-يىلى) قەشقەردە جاھانگىر خوجىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا زەربە بېرىشتە باتۇرلۇق كۆرسەتمىگەن دەپ، ئۇرۇشقا قاتناشقان باشقا ھاكىمبەگلەر قاتارىدا گۇناھكار ھېسابلىنىپ مەنسەپتىن قالدۇرۇلدى. شۇ يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى.

 

كۇچا ۋاڭلىرى ئائىلە-تاۋاباتلىرى تۇرۇشلۇق رايۇن

 

5.بەشىنچى ئەۋلاد ۋاڭ- مىرزا ئىسھاق(ئىززاق) ۋاڭ

چىڭ سۇلالىسى داۋگۇاڭنىڭ 6-يىلى (1826-يىلى) مىرزا مۇھەممەد ھادى بەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى مىرزا ئىسھاق بەگ (؟ -1824) بېيزىلىق مەرتىۋىسى بىلەن ئاقسۇغا ھاكىمبەگ بولۇپ تەيىنلەندى.

چىڭ سۇلالىسى داۋگۇاڭنىڭ 7-يىلى (1827-يىلى) ئۇ بېيزىلىق مەرتىۋىسى بىلەن قەشقەرنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەندى.

چىڭ سۇلالىسى داۋگۇاڭنىڭ 8-يىلى (1828-يىلى) ئۇ ئىنانچىلىققا ئۆستۈرلۈپ، قەشقەرنىڭ ياردەمچى نازارەتچى ئامباللىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ماسلىشىپ جاھانگىر خوجىنى يوقىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا قاتناشتى. ھەمدە جاھانگىر خوجىنى تىرىڭ تۇتۇپ زور تۆھپە كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن داۋگۇاڭنىڭ 8-يىلى(1828-يىلى) بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن ئىنانچىلىققا ئۆستۈرلۈپ، ئەجداتلىرىنىڭ ۋارىسى قىلىنىپ قەشقەرنىڭ ياردەمچى نازارەتچى ئامباللىقىغا تەيىنلەندى.

ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى بىلىملىك، ھۇشيار ۋە دانىشمەنلىكى ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ۋى ھەربىي ئىلىمدىكى يۇقىرى ئىستىداتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ،ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا خەنزۇ، مانجۇ، مۇڭغۇل، زاڭزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقلىرىنى پىششىق بىلىدىغانلىقى بىلەنمۇ تونۇلغان. شۇڭا ئۇ 1831-يىلى داۋگۇاڭ خان تەرپىدىن بېيجىڭغا چاقىرتىلىپ، گۇگۇڭ سارىيىدا خاننىڭ مەخسۇس تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ۋە كۆپ قېتىم خاننىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن.كېيىن كېسەل بولۇپ قېلىپ خاننىڭ ئىجازىتى بىلەن كۇچاغا قايتىپ كەلگەن. داۋگۇاڭنىڭ 22-يىلى (1842-يىلى) كۇچادا ۋاپات بولغان، كۇچادىكى كۆكگۈمبەز ۋاڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مازىرىنى رېمۇنت قىلدۇرغان. قەشقەر دەرياسى بويىدا كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئاچتۇرۇپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتكەن. چېلېخې قورغىنىنى بىۋاستە يىتەكچىلىك قىلىپ سالدۇرغان.

 

كۇچا ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىچكى كۆرۈنىشى

 

6. ئالتىنچى ئەۋلاد ۋاڭ- مىرزا ئەھمەد ۋاڭ

چىڭ سۇلالىسى تارىخىدا بۇ ۋاڭنىڭ ئىسمى ئەمەت ۋاڭ دەپ يېزىلغان. مىرزا ئەھمەد ۋاڭ (؟  – 1864) داۋگۇاڭنىڭ 22-يىلى (1842-يىلى) ئاتىسى قەشقەر ئىنانچىخانى ئىسھاق ۋاڭنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىناچىقانلىق مەنسىپىگە ۋارسلىق قىلغان. ئۇ چىڭ سۇلالىسى بېيجىڭ خان ئوردىسىنىڭ چيەنمېن قوۋۇقىدىن ئۆتۈپ خان ئوردىسىغا كىرىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولغان. مىرزا ئەھمەد ۋاڭ قائىدە يوسۇنلۇق، ئادالەتپەرۋەر، ھەققانىيەتچىل، پەزىلەتلىك،ۋىجدانلىق كىشى بولۇپ، بۇ ھەقتە بۇخارالىق موللا ئابدۇكېرىم داموللامنىڭ ”ئاقائىد(ئەقىدىلەر)“ ناملىق كىتابىدا نۇرغۇن تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان. تۇڭجىنىڭ 3-يىلى (1864-يىلى) كۇچا شەھرىدە ماشىزاخۇن(خۇيزۇ) ۋە يېڭىسار ھاكىم بېگىنىڭ ئوغلى ئاللا يار بەگ باشچىلىقىدا توپىلاڭ كۆتۈرۈلدى. توپىلاڭچىلار ناھايىتى تېزلىكتە كۇچانى ئىشخال قىلدى ھەمدە ئادەم ئەۋەتىپ مىرزا ئەھمەد ۋاڭنىڭ تاپتۇرۇپ كەلدى. شۇنداقلا ئۇنى ئۆزلىرىگە باش بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. لېكىن مىرزا ئەھمەد ۋاڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇدىغانلىقىنى،چىڭ سۇلالىسىگە ئاسىيلىق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ تەلىپى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن توپىلاڭچىلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۋەتتى. بۇ داۋگۇاڭنىڭ 3-يىلى (1864-يىلى) 6-ئاينىڭ6-كۈنى ئىدى.

كۇچا ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ھويلىسى

 

 

7.يەتتىنچى ئەۋلاد ۋاڭ – مىرزا ھامۇت ۋاڭ

مىرزا ھامۇت ۋاڭ مىرزا ئەھمەد ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بولۇپ، ئۇ 1878-يىلىدىن -1895-يىلىغىچە ئاقسۇ، خوتەن ۋىلايەتلىرىگە 17 يىل ۋاڭ بولغان. زوزۇڭتاڭ ياقۇپبەگنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، مىزرا ئەھمەد ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مىرزا ھامۇد بەگنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭغا چىنۋاڭلىق ئۈنۋانىنى بەردى ۋە ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ۋارسلىق قىلدى. 1883-يىلى ئىنانچىخانلىق مەرتىۋىسىگە ئۆستۈرۈلدى.      گۇاڭشۈنىڭ 10-يىلى(1884-يىلى) شىنجاڭ ئۆلكە قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ھاكىمبەگلىك تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، مىرزا ھامۇت ۋاڭنىڭ ئىنانچىخانلىق مەرتىۋىسى ساقلاپ قېلىندى. گۇاڭشۈنىڭ 20-يىلى(1894-يىلى) كۇچا ئىنانچىخانى مىرزا ھامۇت ۋاڭغا گۇاڭشۈ خان تەرپىدىن “ ئۈچ كۆزلۈك گۈللۈك پەي قادالغان مەنسەپ قالپىقى“ ئىنئام قىلىندى.

گۇاڭشۈنىڭ 21-يىلى(1895-يىلى) ئۇ بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، لەنجۇغا كەلگەندە تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولدى.

 

كۇچا ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم تارىخى سۈرەتلەر

 

8. سەككىزىنچى ئەۋلاد ۋاڭ- مىرزا مامۇت ۋاڭ

 

  مىرزا ھامۇت ۋاڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مىرزا مامۇت بەگ گۈاڭشۈينىڭ 21-يىلى(1895-يىلى) كۇچا ۋاڭلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇرتنى گۈللەندۈردى. گۇاڭشۈينىڭ 26-يىلى(1900-يىلى) خاننىڭ يارلىقىغا ئاساسەن ئاتسىنىڭ تەيجى ئىنانچىخانلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلدى.

شۈەنتۇڭنىڭ 2-يىلى(1910-يىلى) ئۇ كۇچادا ۋاپات بولۇپ، كۇچا كۆكگۈمبەز ۋاڭلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

 

كۇچا ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم تارىخى سۈرەتلەر

  

9. توققۇزىنچى ئەۋلاد ۋاڭ- مۇھەممەد ئىمىن شىتەي ۋاڭ

 

شۈەنتۇڭنىڭ 2-يىلى(1910-يىلى) مىرزا ھامۇت ۋاڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىمىن خوجام 49 يېشىدا كۇچا ۋاڭلىقىغا تەيىنلەندى.

مىنگونىڭ 2-يىلى(1913-يىلى) 3-ئاينىڭ 24-كۈنى كۇچا ئىنانچىخانى مۇھەممەد ئىمىن ۋاڭ جۇمھۇرىيەتكە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن مەرتىۋىسى چىنۋاڭلىققا ئۆستۈرۈلدى.

مىنگونىڭ 3-يىلى(1914-يىلى)11-ئاينىڭ27-كۈنى مۇڭغۇل-زاڭزۇ ھەيئىتى بۈيۈك زۇڭتۇڭنىڭ كۇچا ۋاڭى مۇھەممەد ئىمىنگە مەرتىۋە بېرىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى.

مىنگونىڭ 5-يىلى(1916-يىلى)ئۇ ئۈچتۇرپاندا شىتەي ۋاڭ ۋەزىپىسىدە چىگرا قوغداشقا مەسئۇل قىلىنغان. چېگرا رايۇننىڭ ئامانلىقىنى شاقلاش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ياڭ زىڭشىڭنىڭ مۇھەممەد ئىم چىنۋاڭنى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ قوشۇمچە شىتەيلىككە تەيىنلەش توغرىسىدىكى پەرمانىغا ئاساسەن، ئۇ ئۇچتۇرپانغا بېرىپ، كۇچا ۋاڭلىقىغا قوشۇمچە شىتەيلىك ھەربىي خىزمىتىنى ئۆتىگەچكە، شىتەي ۋاڭ دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭ ئۇچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق ئورنى ”شىتەي يامۇلى“ دەپ ئاتالدى.

مىنگونىڭ 8-يىلى(1919-يىلى) 5-ئاينىڭ21-كۈنى كۇچا چىنۋاڭى مۇھەممەد ئىمىنگە 2-دەرىجىلىك“ۋېنخۇ“ مىدالى بېرىلگەن.

مۇھەممەد ئىمىن ۋاڭ ئۈچتۇرپاندىكى ۋاقتىدا چاروسىيە قاچقۇنلىرىنى پەم بىلەن قولغا چۈشۈرۈش، شۇنداقلا قەشقەرگە بېرىپ مادارىن بىلەن بىرلىكتە ماتىتەينى زىياپەت ئۈستىدە پەم بىلەن تۇتۇش قاتارلىق موھىم ئىشلاردا ئالاھىدە رول ئوينىغان.

ئۇ مىنگونىڭ 12-يىلى(1923-يىلى) 6-ئايدا ئۇچتۇرپاندا كېسەل سەۋەبى بىلەن 62 يېشىدا ۋاپات بولدى. دەسلەپ ئۇچتۇرپانغا دەپنە قىلىنىپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن يەنە كۇچادىكى كۆكگۈمبەز ۋاڭلار قەبرىستانلىقىغا يۆتكەپ كېلىندى.

 

كۇچا ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم تارىخى سۈرەتلەر

 

ئونىنچى ئەۋلاد ۋاڭ مەھپۇز ۋاڭ

 

مەھپۇز ۋاڭ گۇاڭشۈنىڭ 22-يىلى(1895-يىلى) كۇچادا تۇغۇلغان. مۇھەممەد ئىمىن  شىتەي ۋاڭ مەھپۇز خوجىنى كىچىكىدىن تارتىپ تەربىيلەپ ئوغۇل قىلىۋالغانىدى. ئۇ چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ مەرەم خېنىم دېگەن قىزىنى چېتىپ، كۈيۈئوغلى مەھپۇز خوجىنى يۇقىرىغا يوللاپ، كۇچادا تەيجى بەگ(ئىزباسار بەگ) مەنسىپىگە ئىگە قىلدى.مۇھەممەد ئىمىن شىتەي ۋاڭنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، مىنگونىڭ 12-يىلى(1923-يىلى) دىن باشلاپ رەسمىي كۇچانىڭ چىنۋاڭلىق مەنسىپىگە تەيىنلەنگەن.  مەھپۇز ۋاڭ مۇھەممەد ئىمىن شىتەيۋاڭنىڭ ئىنىسى مەخسۇت خوجامنىڭ ئوغلى ئىدى. مىنگونىڭ 22-يىلى(1933-يىلى) جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەقەسىگە قاتنىشىپ، خوجىنىياز ھاجى تەرپىدىن شىجاڭلىققا تەيىنلەنگەن.شۇ يىلى ئۇ مانجۇچە كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلىدى. 1934-يىلى 4-ئايدا شىڭشىسەي ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيى چاقىردى. بۇ قۇرۇلتايغا مەھپۇزۋاڭمۇ تەكلىپ قىلىندى. شىڭشىسەي ئۇنى قۇبۇل قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا قوشۇمچە كۇچانىڭ ھاكىملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ 1936-يىلىغىچە قۇرۇلتاي قارارلىرىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. 1936-يىلنىڭ ئاخىرى شىڭشىسەي تەرپىدىن شايار ناھىيەسىنىڭ قوشۇمچە ھاكىملىقىغا تەيىنلەندى. مىنگونىڭ 26-يىلى(1937-يىلى)10-ئايدا شىڭشىسەي تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مىنگونىڭ 30-يىلى(1941-يىلى) 8-ئايدا 47 يېشىدا ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك تۈرمىدە  بىرىنچى تۈركۈمدە 108 كىشى بىلەن بىللە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلدى.

كۇچا ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم تارىخى سۈرەتلەر

 

11.ئون بىرىنچى ئەۋلاد ۋاڭ- داۋۇت مەخسۇت ۋاڭ

 

داۋۇت مەخسۇت 1927-يىلى كۇچا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1941-يىلى 9-ئايدا شىڭ شىسەي دۇبەن مەھكىمىسىنىڭ يارلىقىغا بىنائەن 14 يېشىدا تاغىسى مەھپۇز ۋاڭنىڭ ئورنىغا كۇچانىڭ 11-ئەۋلاد ۋاڭلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1942-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 1945-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ دۇبەن مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىغا ئاساسەن سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك 1-دارىلمۇئەللىمدە ئۈچ يىل ئوقۇغان.1946-يىلى ۋاڭ ئوردىسىنى رېمونت قىلدۇرۇش  بىلەن بىللە، جەمىيەتتىكى ھەر خىل سىياسى ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. شۇ يىلى 11-ئايدا كۇچا ناھىيەلىك سايلام ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1947-يىلى 1-ئايدا كۇچادا تۇرۇشلۇق(كۇچا، شايار،توقسۇ قاتارلىق ئۈچ ناھىيەنىڭ) مەركىزىي بانكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرقى ئۈچ ناھىيە گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ تەپتىشى،ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ ھەربىي قوشۇنىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى،شىنجاڭ ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.

1951-يىلى 4-ئاينىڭ18-كۈنىدىكى ناھىيە بويىچە ئېچىلغان ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىدا داۋۇت مەخسۇت “ تارىخىي ئەكسىلئىنقىلاپچى“ دېگەن جىنايەت بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.1958-يىلى 4-ئايدا تۈرمىدىن چىقىپ،كۇچا ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدى. ھەمدە خانىقاتام يېزىسىدا دېھقان،سۇ قۇرۇلۇش تېخنىكى،بىناكارلىق تېخنىكى بولۇپ ئىشلىدى. 1960-يىلى6-ئايدىن 1966-يىلى 4-ئايغىچە خانىقاتام يېزىسىدا رەسمىي دۆلەت كادىرى بولۇپ،يېزىلىق پارتىكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەرجىمانى بولدى. 1966-يىلى 4-ئايدىن  1979-يىلى 12-ئايغىچە ئوچا يېزىسىدا ئاتالمىش ”ئەكسىلئىنقىلاپچى“ دېگەن قالپاق بىلەن تارتىپ چىقىرلىپ قاتتىق باشقۇرلۇپ،13 يىل ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتتى. 1980-يىلدىن باشلاپ لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى ئاسارە-ئەتىقىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش ئورنىنىڭ تەرجىمانى بولۇپ ئىشلىدى. 1984-يىلدىن باشلاپ كۇچا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي كېڭەش ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خىزمەت كوممىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولدى. 1997-يىلىدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولدى.

 

ئەڭ ئاخىرقى كۇچا ۋاڭىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى

 

مەنبە: ماقالىنىڭ مەنبەسى ئابدۇكېرىم ئېزىز يازغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن 210-يىلى 9-ئايدا نەشر قىلىنغان“ كۇچا ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى“ ناملىق كىتاپتىن قىسقارتىپ يوللىغۇچى لوپنۇرى.

سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى: بەيدۇ تورى

 

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ھونزادە
    2011/10/27 08:02:08

    كۇچارغا بېرىپ كەلگەن ئوخشىمامسىز؟مەن نەچچە بېرىپ كىرمىگەن ئىدىم باھاسىنى قىممەت كۆرۈپ،بىزنى قىممەتلىك سۈرەتلەردىن ھۇزۇرلاندۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

    • lopnuri
      2011/10/27 08:35:34

      مەنمۇ كۇچاغا بىر قانچە قېتىم باردىم،لېكىن ناھىيە ئىچىدە بىر كۈنمۇ تۇرۇپ باقمىدىم. شۇڭىلاشقا، ۋاڭ ئوردىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقمىدىم. ھەم بۇ ۋاڭلارنىڭ تارىخىنى بەك بىلىپ كەتمىگەچكە، باشقىلار دېسىمۇ، ئانچە قىزىقىپ كەتمەپتىكەنمەن. ئەمدى بارسام چوقۇم كىرىمەن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif