يېمەك-ئىچمەك، روھىيەت ۋە مىللەت

ۋاقتى: 2011-08-24 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 121 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

 

يېمەك-ئىچمەك، روھىيەت ۋە مىللەت

 

ئادەم بۇ دۇنياغا كەلگەندىن كىيىنكى بىرىنچى ئېھتىياجى يېمەكلىك ياكى قارا تىل بىلەن ئېيتقاندا قورساق تويغۇزۇش ئېھتىياجى. ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەشھۇر ئۇستازى ماركىسمۇ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرىدە ئەڭ ئاۋال ماددىي ئېھتىياج قانغاندىلا ئاندىن مەنىۋى ئېھتىياجنىڭ قاندۇرلۇش تەلىپىنىڭ شەكىللىندىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ مەيلى ئادەم مەيلى ھايۋاندا بولسۇن، تەبىئى شەكىللىندىغان ئېھتىياجدۇر. شۇنداق بولغاچقىمۇ، ئىنسانلار جەمىيىتى ئۆز تەرەققىيات تارىخىدا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ھەر خىل يىمەك-ئىچمەكلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى،تېخىمۇ ئۈنۈملۈك،تېخىمۇ ئاددى يوللار بىلەن قاندۇرۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ كەلدى. مۇشۇ ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن ”ئۇزۇقلۇقشۇناسلىق“ ئىلمىدىكى تەرەققىياتلار ئىنسانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر ئىسپاتى. يېمەك-ئىچمەكتىن ئىبارەت بۇ ئىلىم كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە مىللەتلەرنىڭ جۇغراپىيلىك جايلىشىشى، ئۆرپ-ئادىتى،دىنى ئېتىقادى،تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئوخشىمىغان تەسىرلەرگە ئۇچىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ پەرقىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت قاتلىمىدا ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرۈپ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ، بېيىپ،تاكاممۇللىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ جەرياندا قەدىمدىن تارتىپلا ئىنسانلارغا مەنىۋى تۆۋرۈك بولۇپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئېتىقاد-ئادەتلەر يىمەكلىك ئادەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. چۈنكى،ئوخشىمىغان دىندا چوقۇنىلدىغان ھايۋاناتلار،ئۆسۈملۈكلەر ۋە ياكى باشقا نەرسىلەر كىشىلەر تەرىپىدىن مۇققەددەس دەپ قارالغاچقا ئۇلارنى يىيىش چەكلەندى. مەسىلەن ئالايلى، بۇددا دىندا ھەر قانداق جانلىقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ئېغىر گۇناھ دەپ قارالغاچقا، بۇددا راھىبلىرىنىڭ گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يىيىشى چەكلەندى. ھىندى دىنىدىكىلەر كالىنى مۇققەدەس بىلگەنلىكى ئۈچۈن كالىنى ئۆلتۈرۈش ئېغىر گۇناھ دەپ قارالدى.  ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئېتىقاد ئادەتلىرىدە كىشىلەرنىڭ روھىنى بىخۇتلاشتۇردىغان، بەدىنىگە زىيانلىق، رەڭگى ياكى شەكلى كۆرۈمسىز بولغان نەرسىلەر مۇقەددەس كىتاپلار ئارقىلىق چەكلەندى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە يىگىلى بولىدىغان يىمەكلىك ۋە يىگىلى بولمايدىغان يىمەكلىك دېگەن ئۇقۇملار پەيدا بولدى. مەن بۇ يەردە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئادەتلىرىنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ ئولتۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ كۆرگەن، بىلگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە چېتىلىدىغان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن.

ئۇيغۇرلار تۈركى مىللەتلەرنىڭ بىر موھىم تارمىقى سۈپىتىدە، مىلادى 10-ئەسىردىلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ،ئۆز ئىشلىرىدا ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشنى پەرز ۋە قەرز ھېساپلاپ كەلگەن. شۇنداق بولغاچقا،ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن چوڭ جەھەتتە بىرلىكنى ھاسىل قىلغان. ئىسلام دىندا بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قانداق يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى يىيىش ۋە يېمەسلىك توغىرسىدا ئېنىق بەلگىلىمە كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ «ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۇپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ھەم ئاللاھنىڭ نامى زىكرى قىلىنماي بوغۇزلانغان ھايۋاننى يىيىشنى ھارام قىلدى» (2-سۇرە 173- ئايەت) «ئاللاھ نازىل قىلغان ھەقىقەت بويىچە ھۆكۇم قىلمايدىغانلار پاسىقلاردۇر» (5-سۇرە47-ئايەت) دىيىلگەن. ھەدىستە مۇنداق بايانلار بار: ‘ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مىنىڭ دۇئايىمنىڭ مەقبۇل بۇلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا دىگەندە، رەسۇلۇللا مۇنداق دىدى «ئى ئەبۇۋاققاس يىمەك – ئىچمىكىڭنى پاك قىلغىن. شۇندىلا سىنىڭ دۇئايىڭ ئىجابەت بولىدۇ. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى ئەگەر بىر ئادەم بىر لوقما ھارام نەرسىنى يىسە، ئۇنىڭ 40 كۈنلۈك ئىبادىتى مەقبۇل كۆرۇلمەيدۇ(بولمايدۇ). “ 

ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانىنى ساقلاپ تۇرالىشىنىڭ بىر شەرتى ھالال، پاك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتۇر. يۇقىردىكى قۇرئانى كەرىم ۋە ھەدىستىكى بايانلار بىز مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھالىمىز توغرىلىق ئويلىنىپ بېقىشقا دالالەت قىلىشقا كۇپايە. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ «روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ. نەپسىنى كۇپرى ۋە پىسقى – فۇجۇر بىلەن كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نا ئۇمىد بولىدۇ» (91- سۇرە 10- ئايەت) بىر مۆئىمىن ئىھتىياتسىزلىقتىن ھارام نەرسە يەپ سالسا، چىن دىلىدىن تۆۋە قىلىشى كىرەك. ( بۇ بايانلار بۇخارا بىلوگىغا يوللانغان ”مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى مۇسۇلمانچە بولمىغان يېمەكلىكلەر“ دېگەن ماقالىدىن ئېلىندى.)

دېمەك، ”قۇرئان كەرىم“ دىكى يۇقارقى ئايەتلەر بىزنىڭ يېمەك-ئىچمىكىمىزدىكى قىبلىنامىمىز ھېسابلىنىدۇ. ”ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. جۈملىدىن ھايۋاناتتىن ئېلىنىدىغان يىمەكلىكلەر ھالال ۋە ھارام دەپ ئىككى كاتىگورىيەگە بۆلۈنگەچكە، ئۇيغۇرلارنىڭ گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ۋە بىر قىسىم ئىچىملىكلىرىنىڭ تۈرىدە خېلى چوڭ ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى.“قۇرئان“ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۇيغۇرلار بىر قىسىم يىمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن چەكلەندى.(1)“ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلغىنىغا 10ئەسىردى كۆپرەك ۋاقىت بولدى.  ئىسلامىيەتتىن كىيىنكى ئۇيغۇرلار ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز قىلىپ كەلگەن يېمەكلىك،ئىچىملىك ۋە چېكىملىكلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1. يېيىش چەكلەنگەن يېمەكلىكلەر                                                    

1)چوشقا(تۇڭگۇز)، ئىت،ئېيىق، مايمۇن،ئېشەك،قېچىر،بورسۇق،چاشقان دېگەندەك ناپاك ھايۋانلار.

2)يولۋاس،قاپلان، بۆرە،شىر،مۈشۈك،يىلان،چايان، شۇنداقلا ئۆتكۈر تىرناقلىق،تۇمشۇقىدا ئولجىنى چوقۇپ،تىتىپ يەيدىغان بۈركۈت،قارچىغا،سار دېگەندەك يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە يىرتقۇچ قۇشلار.

3) بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلمىگەن،بەلكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان،كېسەل بىلەن ئۆلگەن،سوقۇلۇپ ئۆلگەن،زەھەرلىنىپ ئۆلگەن،بېسىلىپ ئۆلگەن،تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن،ئېسىلىپ ئۆلگەن ۋە يىقىپ ئۆلگەن بارلىق ھايۋانلار.

4) ئاللاھدىن باشقا ئىلاھنىڭ نامى بىلەن بوغۇزلانغان ياكى مۇسۇلمان بولمىغان ئادەم بوغۇزلىغان ھايۋانلار.

5) بارلىق قانلار،جۈملىدىن ھالال ۋە ھارام ھايۋانلارنىڭ قانلىرى.

6) گەندە يەپ قالغان قوي،كالا،توخو،ئۆردەك،غاز…قاتارلىق ھالال ھايۋانلار.

2.ئىچىش چەكلەنگەن ئىچىملىكلەر

1) ھاراق (ئىسپىرىتلىق بارلىق ئىچىملىكلەر)

2)قان

3) گۆشىنى يېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ سۈتى

4) گەندە يەپ سالغان ھالال ھايۋانلارنىڭ سۈتى

5) ئادەم سۈتى(ئېمىش مەزگىلىدە تۇرغان بوۋاقلار بۇنىڭ سىرتىدا)

3.چېكىش چەكلەنگەن نەرسىلەر

1)زەھەرلىك چېكىملىكلەر،جۈملىدىن خىروئىن،كوكايىن،ئەپيۇن،مورفىن ۋە نەشە قاتارلىقلار.

2) ئادەتتىكى چېكىملىكلەر جۈملىدىن پاپرۇس،سىگارت،كۆك تاماكا،ناسۋال قاتارلىقلار.

”بۇ ئۈچ تۈردىكى نەرسىلەر ئىسلام دىندا يىيىش،ئىچىش،چىكىش چەكلەنگەن نەرسىلەردۇر. بۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ چەكلىنىشى ھەققىدە ”قۇرئان كەرىم“دە ئېنىق بەلگىلىمە بار. بەزىلىرىنىڭ چەكلىنىشى ھەققىدە ”ھەدىس“لەردە كۆرسەتمە بېرىلگەن. يەنە بەزىلىرى بولسا ئىلمىي قىياس ئۇسۇلى بويىچەچەكلەنگەن. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كىيىن،يۇقىردا ساناپ ئۆتۈلگەن يېمەكلىك،ئىچىملىك ۋە چېكىملىكلەر چەكلىندىغان بولدى.“قۇرئان“دا ھايۋانلاردىن پەقەت چوشقىنىڭ نامىلا تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ھەدىسلەردە بۇ مەزمۇن تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ، ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ دائىرسى توم تۇياقلىق ھايۋانلار، كۆشىمەيدىغان ھايۋانلار، يىرتقۇچ ھايۋانلار، يىرتقۇچ قۇشلار،بارلىق ھاشارەتلەر، قوش ماكانلىق ھايۋانلار ۋە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىراق ئۆزى ئۈلۈپ قالغان ھايۋانلار ئىچىدە بارلىق سۇ جانلىقلىرى(جۈملىدىن بېلىق تۈرلىرى) ھالال قىلىنغان، ناۋادا ئۇلار سېسىپ كەتمىسىلا يېيىش تەشەببۇس قىلىنغان.(2) ”

دېمەك، يۇقىرقىلاردىن بىز ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نېمىنى يېيش ۋە ئىچىش،نېمىنى يېمەسلىك ۋە ئىچمەسلىكنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۋالدۇق. ئەمدى ئۆزىمىزنى مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە تارازىغا سېلىپ باقايلى. بىز ھازىر قانداق قىلىۋىتىپتىمىز. شۇنداق گەرچە نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىز ئىسلام دىننىڭ ئەقىدە-ئەھكاملىرىنى تولۇق ئادا قىلمىسىمۇ، ئۆزلىرىنى ”مۇسۇلمان“ قاتارىدا سانايدۇ. لىكىن، ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق شەرتىنى ھازىرلىيالايدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك. بۇ يەردە ئەڭ ئالدى بىلەن ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق شەرتىنى ھەقىقىي ئادا قىلالمىغان ئۆزۈمنى بىرىنجى بولۇپ، گۇناھكارلار قاتارىغا تىزىمەن ئەلۋەتتە. لىكىن مەن ھازىر پۈتۈن تىرىشچانلىقىم بىلەن بۇ شەرتنى ھازىرلاشقا تىرشىۋاتىمەن. مېنىڭ بۇ يازمىنى يېزىشىم دەل مۇشۇنداق ئىككى خىل سالاھىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ شالغۇتلىشىپ كېتىۋاتقان يېمەك-ئىچمەك ۋە ئۇنىڭ روھىيىتىمىزگە بولغان تەسىرى ھەققىدە بولماقچى.

دەۋىر تەرەققىي قىلدى،جەمىيەت تەرەققى قىلدى. ئۇيغۇرلار پۈتكۈل دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا ئۆز مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان، دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان، يېڭىلىق يارىتىش ۋە قۇبۇل قىلىشتا ئىلغار بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر قايسى جەھەتلەردە نۇرغۇن تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈردۇق. شۇ قاتاردا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى تالانتىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بۇ جەھەتتىكى داڭقىنى خېلى يىراقلارغىچە تارقىتىشقا تېگىشلىك ھەسسىمىزنى قوشتۇق. ھازىر بىزدە بارلىققا كەلگەن كۆزنى قاماشتۇردىغان رېستۇرانلار، پاكىز-ئازادە تېز-تاماقخانىلار، ئاشپۇزۇللار، ئاۋات كەچلىك بازارلار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەرەققىياتىمىز بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە كۆز يۇمۇشقا ئەلۋەتتە پىتىنالمايمىز. ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلىش جەريانىدا يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەتىراپىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئادەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماي قالمىدى. ئۇچىرىماي قالمىدىلا ئەمەس، قاتتىق تەسىرىگە ئۇچىراپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىز يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن يېمەك-ئىچمەك پەرھىزلىرىنى ئاستا-ئاستا ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇشقا باشلىدى. ئالدى بىلەن رېستۇران، تاماقخانىلىرىمىزدىكى تاماقلارنىڭ نامى كۆپ خىللىققا، كۆپ تىللىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئۆزىمىز بىلمەيدىغان ياكى بىزگە ناتۇنۇش بولغان نەرسىلەرگە قىزىقىدىغان مىللى پىسخىكىمىز بىزنى ھەر خىل يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى تېتىپ بېقىش يولىغا باشلىدى. تېتىغانسىرى جىق يىگۈمىز، يېڭى-يېڭى نەرسىلەرنى يىگۈمىز كەلدى. نەتىجىدە بىزنى دەيدەيگە سېلىۋاتقان بۇ نەپسىمىز بىزنى ئاتا-بوۋىلار يېمىگەن، ئىچمىگەن يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى يېيىشكە ۋە ئىچىشكە نائىل قىلدى. بۇنى ناھايىتى ياخشى پۇرسەت دەپ قارىغان باشقا مىللەت تاماقلىرى بەزىدە ئۆز تىلىدىكى نامى بىلەن، بەزىدە ئۆزىمىز تىلىدىكى نام بىلەن بىزنىڭ بىرىنجى ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇشقا، شۇ ئارقىلىق ئەنئەنىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرى بىلەن بىر قازان،بىر قاچىدا ھوزۇرلاندۇرشقا نائىل بولدى. ئەتىراپىمىزدىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر يامراشقا باشلىدى. لىكىن بەزىلىرىمىزنىڭ بۇنى ئاڭلارغا قۇلىقىمىز ۋە رايىمىز يوقتەك ئاڭلاپ قويۇپلا بولدى قىلدۇق. ”بەزى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدىغانلىقى بىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىزدىكى ئىش “ دەپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلدۇق. بىزنى غەيرى مۇسۇلمانلار ئاچقان ئاشخانىلارغا باشلىسا، بىر قىسىملىرىمىز ئاغزىمىز قۇلىقىمىزغا يەتكۈدەك بولۇپ، ئارقىدىن سوكۇلداپ ماڭدۇق. ئۆزىمىزنىڭ پەقەت قورساق تۇغۇزۇش غېمىدىلا قالغان لالما ئىتقا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىمىزنى سەزمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ يېقىن دوست بولۇش ئۈچۈن پات-پات رومكا سوقۇشتۇرۇپ، ئەجداتلىرىدىن قالغان قورۇمىلارنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىدىغان بولىۋالدى. ياكى ئىدارىلەردىن پائالىيەت ئۆتكۈزگەندە بىزنى ئۇدۇللا شۇنداق جايغا باشلايدىغان ھالەتكە يەتتى. بىزنىڭ بەزى قېرىنداشلىرىمىز باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلمىغان قىلىقى ئاز قالدى.

 بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا خوتەنلىك بىر دوستىمىز خوتەندىكى مەلۇم بىر يېزا باشلىقىنىڭ ۋىلايەتتىن كەلگەن باشلىقنى ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن خوش قىلىش ئۈچۈن، چوشقا كۈچىكىنى تونۇر كاۋاپ قىلىپ بەرگەنلىكى، بۇ باشلىقنىڭ بۇنى يەپ ئۇنى“ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى بولالايدىكەنسىز“ دەپ ماختىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكى  ھېلىمۇ ئېسىمدە.

ئۇنداق بولسا مۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا سانىلدىغان، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمىزگە چېتىلىدىغان تۆۋەندىكى مىساللارغىمۇ قاراپ باقايلى.

يەنە بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر شەھەردىكى ناھايىتى داڭقى بار بىر خۇيزۇ ئاشخانىسى تەخەي پاچىقىنى ئىشلىتىپ ئوخشىتىپ پولو ئېتىپ، بىر قاچىسىنى 15يۇەندىن قىلىپ(ئۇ ۋاقىتتا بىر قاچا پولونىڭ ئەڭ ئوبدىنىمۇ8يۇەن ئىدى) ئۇيغۇرلىرىمىزغا تازا يىگۈزدى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار پاچاق بېسىلغان پولۇنى يېيىش ئۈچۈن تاكسىلارغا ئولتۇرۇپ خېلى يىراق جايلاردىن بۇ يەرگە كېلەتتى. بۇ ئىش ئاشكارلانغاندىن كىيىن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەخەي گۆشى چىققان بۇ ئاشخانىنى تاقىۋىتىش يولى بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلدى. ئۇ خوجايىن باشقا تارماق دۇكانلىرىنى يەنىلا ئېچىۋەردى. بۇ خەۋەر ھېچقانداق ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغاچقا، بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالغان نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئۇنىڭ ئاشخانىسىدىن تاماقنى يەۋەردى. ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ يەنە بەزىلەر ھۆكۈمەت جەرىمانە قويمىغاندىن كىيىن ئەمدى قالايمىقان گۆش ئىشلەتمەس دەپ قويۇپ يەنىلا يەۋەردى.

يېقىنقى بۇيان بىر نەچچە تور بېكەتتە بىزنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقان خوگو،مالاچۇەن قاتارلىق تاماقلارنى ساتىدىغان ئاشخانىلاردا ”چوڭ گۆش“نىڭ بايقالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى بالىلىرىمىز ياقتۇرۇپ يەۋاتقان خوتۇيچاڭنى چاشقان گۆشىنى خام ئەشىيا قىلىپ ياساپ ئۇلارغا بىز ھالال دەپ قارىغان گۆش تۈرلىرىنىڭ تالقىنى ئارلاشتۇرۇپ بازارغا سالغانلىقىنى رەسىملىرى بىلەن چىقىرىپ قويغانلىقىنىمۇ كۆردۈم. شۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق يەرلەرگە سەپ سېلىپ باقتىم. بۇ خەۋەرنى نۇرغۇن كىشىلەر كۆرمىدىمۇ ياكى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالدىمۇ، ئەيتاۋۇر بۇ جايلاردا يەنىلا ئۆز قېرىنداشلىرىمىز كۆپ قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان جايى بولۇپ قالدى.

يۇرتىمىزدىكى مەلۇم بىر رېستۇراننى تەكشۈرگەندە( بۇ رېستۇراننىڭ باش ئاشپىزى خەنزۇ ئىدى)، تاماق ئېتىدىغان جايدىن چوشقا گۆشى بايقىلىپتۇ. لىكىن بۇ ئاشپەز تەپ تارتماستىن تەكشۈرگۈچىلەرگە “ بۇ گۆشنى ئۆزۈم يەيمەن، خېرىدارلارغا ساتمايمەن“ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بۇ رېستۇران ئەمدى تاقىلىپ قالىدىغان بولدى دەپ يۈرسەك، نەدىكىنى بىر قايتا بېزەپلا قويىۋىدى، تىجارىتى بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى بولۇپ كەتتى.

بىر قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتىراپىدىكى دۇكانلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىمىز يەۋاتقان ئۈستىگە لازا سۈركەپ ئەيىبلىرى يېپىلغان ئۇششاق-چۈششەك ئەخلەت يىمەكلىكلەر يا مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ،يا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە ياكى ئاتا-ئانىلارنىڭ دېققىتىنى قوزغىيالمىدى. قارا ئۇۋىلاردا ياسالغان بۇنداق يىمەكلىكلەر باھاسى ئەرزان بولغاچقا، سەبىيلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكىگە ئايلاندى.

سۆزلەپ كەلسەم بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ، ناھايىتىمۇ كۆپ. ئەمدى مىسال سۆزلەشنى توختىتىپ نېمە ئۈچۈن، يېمەكلىككە بولغان پەرھىزلىرىمىزنىڭ ئەسقاتمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىغا نەزەر سېلىپ باقايلى. مەن بۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاپ ئۆتىمەن.

1. ھاراق. ھاراق ئىسلام دىندا ئىچىش چەكلىندىغان بىرىنچى رەتكە تىزىلىدىغان ئىچىملىك. بوتۇلكىدا جىم تۇرغان بىلەن،قورساققا كىرگەندە جىم تۇرمايدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ ”قارشى ئېلىشى“غا ئېرىشىپ، رېستۇرانلىرىمىزدا ئەتىۋارلىق مېھمان قاتارىدا تۆردىن ئورۇن ئالىدىغان بولدى. ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن يىيىلمەيدىغان يېمەكلىكلەر يىيىلدىغان، ئىچىلمەيدىغان ئىچىملىكلەر ئىچىلىدىغان بولدى. ھاراق چوڭ بىلەن كىچىك، ئەر بىلەن ئايال، مۇسۇلمان بىلەن بىدئەت ئوتتۇرسىدىكى قېلىن پەردىنى يىرتىپ تاشلاپ،“ دوستلۇقنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى“غا چوڭ تۆھپە قوشتى. يانچۇقىمىزدىكى پۇللار رومكىدىكى سۈزۈك سۇدەك ھاراق زاۋۇتلىرىغا ئېقىشقا باشلىدى. دەسلەپتە كىچىك ئېرىق بولۇپ ئاققان بولسا، بارا-بارا ئۆستەڭ ياكى دەريا بولۇپ ئاقىدىغان بولدى. ھاراق جانابىي ئەزرائىلغا ماسلىشىپ نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ جېنىنى ئېلىشىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا يەنىلا بىرىنچى خوتىنىمىزدىن كىيىن ئالغان چىرايلىق توقىلىمىزدەك چىڭ چاپلىشىپ قالدۇق. ئۇ بىزنى تەسەۋۇردىكى چەكسىزلىككە، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتتىكى قېلىنلىققا، ئەقىدە-ئېتىقاد جەھەتتىكى مەجروھلۇققا ئېلىپ باردى. كۆڭلىمىزدە ھاراق ئارقىلىق كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشماقچى، تېخىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولماقچى، يۈرەك سىرلىرىمىزنى تۆكۈشمەكچى بولدۇق. ئاتا-ئانىمىزنىڭ قاقشاشلىرى،تەنقىد-تەربىيەلىرى قۇلىقىمىزغا كىرمىدى. بەزىلىرىمىز جېنىمىزدىن، يۈرەك پارىمىزدىن، تەر تۆكۈپ تاپقان پۇلىمىزدىن بىراقلا ئايرىلدۇق. لىكىن يەنىلا ھۇشۇمىزنى تاپمىدۇق.

بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى توردا ”ئامېرىكىنىڭ ھاراق ئارقىلىق ئىسلامنى يوقىتىش ھېيلىسى“ دېگەن ماقالىنى كۆرۈپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ناھايىتىمۇ ئەقىللىق ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇپ قالغان ئىدىم. چۈنكى ھاراقتىن ئىبارەت بۇ شەيتان سۈيدۈكى بىزنىڭ تېنىمىز ۋە روھىمىزنى بىرلا ۋاقىتتا كونتىرول قىلالايتتى. ماقالىنى ئوقۇۋىتىپ كاللامغا شۇ ھامان 1840-يىللىرى چەتئەللىكلەرنىڭ ئەپىيۇن ئارقىلىق جوڭگۇلۇقلارنى بىخۇتلاشتۇرۇپ، جوڭگۇ زىمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكى ئېسىمگە كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا لىن زېشۈي مەردانىلىك بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ ئەپىيۇننى چەكلىگەن ۋە كۆيدۈرگەن ئىدى. ئۇ بۇنىڭ بەدىلىگە شىنجاڭغا پالانغان ۋە ئەمىلى چۈشۈرلۈپ جازالانغان ئىدى. ناۋادا ھازىر بىرەر يۈرەكلىك ئۇيغۇر چىقىپ بىزنى بىخۇتلاشتۇرۋاتقان ھاراقنى چەكلىسە لىن زىشۈيدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىدا گەپ يوق. دېمەك، ھاراقنىڭ بىزنىڭ بەزى كىشىلىرىمىز قەلبىدىكى ئورنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەپىيۇننىڭ ئورنى بىلەن ئوخشاش. شۇ ۋاقىتتا ئەپىيۇننى چېكىدىغانلار ئەلۋەتتە پۇلى بار يۇقىرى تەبىقىدىكى ئەمەلدارلار ئىدى. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قورسىقى تويمايۋاتسا، ئەپىيۇن سېتىۋىلىپ ھوزۇرلانغىدەك نەدىمۇ پۇلى بولسۇن. ھازىرقى ئەھۋالمۇ سەل-پەل ئوخشاپ كېتىدۇ. يۇقىرى تۆۋەندە ئەمەل تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھاراق ئىچىدۇ. ئەمەلدارچىلىقنىڭ ھاراقسىز يۈرۈشمەيدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. مۇشۇنداق ئەھۋالدا كىممۇ يۈرەكلىك ھالدا چىقىپ بىر نەرسە دىيەلىسۇن. دېمەك، ھازىر ھاراق بىز ئۆتكۈزىۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ مەنبەسى، ئەجداتلار روھىنى ئۇنتۇلدۇردىغان بىھۇش دورىسى. ئۇ بىزگە ھەممە نەرسىنى يىدۈرۈشكە، ھەرقانداق ئىچىملىكنى ئىچتۈرۈشكە قادىر. بۇ كىچىك تېمىنىڭ ئاخىرىنى بىر قۇربان ھېيتتا مەسچىتتە ئاڭلىغان بىر رىۋايەت ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرىمەن: بىر كۈنى بىر ساھابىنىڭ ئوغلى نامازدىن يېنىپ كېتىۋاتسا بىر تۇل خوتۇن ئۆزىنىڭ مۇھىم گىپى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىپتۇ. ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن، ھېلىقى ئايال ئۇنىڭغا مۇنداق تـۆت شەرتنى قويۇپ بۇنىڭ ئىچىدىن بىرىنى ئورۇندىمىسا ئۆيدىن چىققىلى قويمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بىرى، ماۋۇ چىنىدىكى ھاراقنى ئىچىۋىتىسىز، بىرى بۇ چۇشقا گۆشىنى يەۋىتىسىز،يەنە بىرى مېنىڭ بىلەن زىنا قىلىسىز،يەنە بىرى يېنىمدىكى بۇ بالىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىسىز. ئايالنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىغان ئەر بىر ھازا ئويلانغاندىن كىيىن، خوتۇن كىشى بىلەن زىنا قىلسام،چوشقا گۆشىنى يېسەم ياكى بالىنى ئۆلتۈرسەم بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئېغىر گۇناھ بولغىدەك، باشقىلىرىغا قارىغاندا، ھاراق ئىچسەم گۇنايىم ئۇنچە ئېغىرلاپ كەتمىگۈدەك دەپ ئويلاپتۇ – دە چىنىدىكى ھاراقنى پاك-پاكىز ئىچىۋىتىپتۇ. ھاراقنى ئچىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ قېنى قىززىپ،قورساقلىرى ئېچىپ چوشقا گۆشىنى يەۋىتىپتۇ. ئاندىن ئۇ ئايال بىلەن زىنا قىپتۇ. ئاخىردا قىلىچ بىلەن بالىنىمۇ ئۆلتۈرۈپ تاشلاپتۇ.

رىۋايەتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن سىز بەلكىم مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى ئاللىقاچان چۈشىنىپ بولدىڭىز. بۇ يەردە يەنە ئارتۇقچە سۆزلەپ يۈرمەي، كىيىنكى گەپكە ئۆتەي.

2.ئەمەل. يولداش ماۋزېدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا ”خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى“، ”بىز خەلىقنىڭ چاكىرى بولىشىمىز كېرەك“ دېگەندەك مەشھۇر ھېكمەتلەرنى ئەلۋەتتە ئادەتتىكى پۇقرالارنى نەزەردە تۇتۇپ ئەمەس. دەل باشقىلارغا يول باشچى بولىۋاتقان ئەمەلدارلىرىمىزنى ئوبىكىت قىلىپ ئېيتقان. ھازىر كىم كىمنىڭ خوجايىنى،كىم كىمنىڭ چاكىرى ئىكەنلىكىنى دەپ ئولتۇرمىساقمۇ بۇ ھەمىمىزگە ئايان. ئەمدى بۇ ئەمەلدىن ئىبارەت خوراز تاجىسىنىڭ بىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىك مەسىلىسىگە كېلەيلى. مەن بۇ يەردە ئەمەل تۇتقان ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇشۇنداق يول تۇتىدۇ دېگەن ئىدىيىنى ئالغا سۈرمەكچى ئەمەس. پەقەت ئايرىم كىشىلەردە ساقلانغان بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچى. ئەمەل تۇتقان ساھىبلىرىمىز بىزنىڭ ھەر قايسى ئىدارە،ئورگان ئاپاراتلاردىكى ۋەكىلىمىز، يول باشچىمىز، بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى يۇقىرىغا يەتكۈزگۈچىلەر مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىز بىلەن پارتىيە-ھۆكۈمەت ئوتتۇرسىدىكى كۆۋرۈك. ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پادىنىڭ سەركىلىرى. مەيلى بىلىم-سەۋىيە، مەيلى سۈپەت-ساپا جەھەتتىن ئېىيتقاندا، شۇ مىللەتنىڭ ئالدىدا ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقانلاردۇر. ھەممىمىزگە ئايان پادا ئىچىدىكى سەركە قايسى جاينى كۆزلەپ ماڭسا، پادا شۇ ياققا قاراپ ماڭىدۇ. ئۇلار گەرچە بىر توپنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.  بۇ سەركىللىرىمىز بىزنىڭ قانداق ئوت-چۆپنى يەپ، قانداق سۇنى ئىچىشىمىز كېرەكلىكىنى ھەممىمىزدىن ئوبدان بىلىدۇ. لىكىن ھازىرقى ئەھۋال ”موللام بىلىپ تۇرۇپ كۆلگە سىيەر“دېگەندەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرمەكتە. بىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئادەتلىرىمىز باشقىلار تەرپىدىن خورلانسا، قائىدە بويىچە بۇ سەركىلىرىمىز بۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ ئېتىراز بىلدۈرشى كېرەك ئىدى، لىكىن بىزنىڭ نۇرغۇن سەركىلىرىمىز تاجىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەمدۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ؟ بۇ جەھەتتە ئۆرپ-ئادەتكە بىرىنچى بولۇپ خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتارىغا ئۆتۈپ قالماقتا. ئۇلار ئۆزى بىلەن بىللە يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى دوستلاشقان مىللەتلىرىمىز ئاچقان ئاشپۇزۇل ۋە كاتتا مېھمانخانىلارغا باشلاپ، ئۆزى باش بولۇپ تىڭىرقاپ قالغان كىشىلىرىمىزگە داغدام يول ئېچىپ بەرمەكتە. نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ غەيرى تائاملارنى يىگۈسى بولمىسىمۇ، سەركىلىرىمىز ئالدى بىلەن چوكا ئوينىتىپ، ”مەينى ئاۋال ئۆزى تېتىپ، ئۇنىڭدا زەھەر يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش تاكتىكىسى“نى قوللىنىپ ئۇلارنى بۇنداق تائاملارنى يېيىشكە مەجبۇر قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بىردىن بىر شۇئارى “ سەن مۇسۇلمان بولساڭ، مەنمۇ مۇسۇلمان.مەن ساڭا مۇسۇلمانچە ئەمەس نەرسىلەرنى يىگۈزەمدىم“ دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ شۇئارنىڭ كۈچى ھوقۇقنىڭ كۈچى بىلەن بىرلىشىپ بىزنى قارىشلىق كۆرسىتىشكە ئامالسىز قويماقتا. نەتىجىدە ”مۇسۇلمانچە“ دەپ ۋېۋىسكا ئېسىلغان بولسىلا بۇنداق يەرلەر مەيلى كىمنىڭ ئاچقان بولىشىدىن قەتئىينەزەر كىشىلىرمىزنىڭ ئەركىن-ئازادە كىرىپ غىزالىنىدىغان جايىغا ئايلىنىپ قالماقتا. مەن ئويلايمەن، پارتىيىمىز ھەر قايسى مىللەت خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ،قوغدايدۇ. بىزنىڭ ئەمەل تۇتقان قېرىنداشلىرىمىزمۇ پارتىيەنىڭ سادىق ئەزاسى بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە كىملىكىگە ”ئۇيغۇر“ دېگەن تامغا بېسىلغانلاردۇر. ئۇلار گەرچە خەلققە خىزمەت قىلىشتا مىللەت، جىنىس قاتارلىقلارنى ئايرىپ ئولتۇرمىسىمۇ، تۇرمۇش ۋە ھايات كەچۈرۈش نوقتىسىدىن يەنىلا مۇشۇ توپقا تەۋە كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغدىغانلىقى خاتالىق ياكى جىنايەت ھېساپلانمايدۇ. ئەكسىچە ئۆز قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ قايىللىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆرمەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ. ئۆزىدىن يۇقىرى بولغان يات مىللەت باشلىقلىرىنى ئۇلار ئادەتتە بېرىپ باقمىغان جايلارغا، مىللى ئالاھىدىلىككە.خاسلىققا ئىگە جايلارغا باشلىسا،شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتسا ئۈنىمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

ئالدىنقى يىلى چاغاندا بىر خىزمەتدېشىم ماڭا تېلىفۇن قىلىپ، خەنزۇ ۋە مۇڭغۇل قېرىداشلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە چاغانلاپ بارىدىغانلىقىمىزنى، پەقەت بىر مېنىڭلا كام قالغانلىقىمنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يىتىپ كېلىشىمنى ئىيتتى. مېنىڭ ئۇنداق يەرگە بېرىشقا رايىم بولمىسىمۇ، بۇ خىزمەتدېشىم مېنى باشقۇرۋاتقان باشلىقىم بولغاچقا، ئامالسىز بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم. بىز بىرنچى بېكەتتە بىر بىرىمىزگە تۈزۈت قىلىپ ناھايىتى ئەدەپلىك ئولتۇردۇق. ساھىبخان بىزنى ھەدەپ ئېسىل قورۇمىلارغا چوكا سېلىشقا تەكلىپ قىلىپ تۇرىۋالدى. بىر نەچچە ئادەتتىكى پۇقرالار بىر-بىرىمىزگە مەنىلىك قارىشىپ نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي تۇرغان ئىدۇق. بىزنىڭ خېلى چوڭ بىر باشلىقىمىز ئەڭ ئالدى بىلەن سۇ سەيلەرنى تېتىپ بېقىپ بىزگە يول ئاچتى. بۇنى كۆرگەن كىچىك باشلىقلار ئۇنىڭغا يىقىندىن ماسلىشىپ بەردى. بۇ ئۆيدە بىر تەرەپتىن ھاراق قۇيۇلۋاتاتتى. بىر دەمدىلا  تارتىنىپ ئولتۇرغان خىزمەتداشلىرىمىز خېلىلا ئوچۇق-يورۇق بولۇپ قالدى. ئاندىن كىيىن ئىككىنچى،ئۈچىنچى ئۆيلەرگە كىرگەندە، چوكىلار كاۋاپلارنىڭ، گۆشلۈك سەيلەرنىڭ ئارىسىدا ھەركەت قىلىشقا باشلىدى. مەن ھاراق ئىچمەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى كۈزىتىپ، گاھىدا پاراڭلىرىغا ئارلىشىپ ئولتۇردۇم. مەن ھاراق ئىچمىگەچكە غىزاغا بەكرەك زورلاپ تۇرىۋالدى. باشقىلار يەۋاتىدۇ، سەن نېمىشكە يېمەيسەن؟ دېگەندەك كىشىنى تەڭقىسلىقتا قويىدىغان سۇئاللارنى پات-پات سوراپ تۇردى. گاھىدا باشلىقىمىز ماڭا قاراپ ئالىيىپمۇ قويدى. ئۈچىنچى ئۆيدىن چىققاندىن كىيىن،ئۆيگە مېھمان كەلگەنلىكىنى باھانە قىلىپ قېچىپ كەتتىم. ئەتىسى ئاڭلىسام، قالغانلار يەنە بىر نەچچە ئۆيگە كىرىپتۇ. بىر خەنزۇ خىزمەتدېشىمىزنىڭ ئۆيىدە ئۈگرە، بىر مۇڭغۇل خىزمەتدېشىمىزنىڭ ئۆيىدە تۈگرە يەپ ھاراقنى بېسىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىپتۇ.  دېمەك، بۇ ناھايىتى بىر ئاددى ھېكايە بولسىمۇ، ھازىرقى قىسمەن دەرىجىدىكى ئومۇمىلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئىشلارغا خېلى سەپ سېلىپ باقتىم. ئىشقىلىپ بەزى رەھبەرلىرىمىز بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنى باشقىلار بىلەن ئوخشاش مىللەت قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن،  ئوخشاش ئۆرپ-ئادەتكە يېقىنلىشىنى بىردىنبىر چارە دەپ قارايدىغان ئوخشايدۇ.

3. ئىقتىقادسىزلىق. ئېتىقاد-كىشىلەرنىڭ بىر خىل مەنىۋى تۆرۈكى. كىشىلەر قەدىمدىن تارتىپلا ئۆزلىرىنىڭ ئەتىراپىدىكى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ سىرىنى ئېچىش، بىلىش ئۈچۈن ئېتىقادتىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى تۆۋرۈكنى ئۆزىگە قۇرال قىلىپ كەلگەن. بىز يازمىنىڭ باش قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئادەت ۋە پەرھىزلىرىنىڭ ئىسلام دىنى ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىز گەرچە ئىسلام دىننىڭ ئەقىدە پەرمانلىرىغا تولۇقى بىلەن رىئايە قىلىپ كەتمىسىمۇ، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى پەرھىزلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلمەكتە. لىكىن شەھەرلىشىش قەدىمىمىزنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ، پەننى مەكتەپلەردىلا ئوقۇپ، دىن بىلەن ھېچقانداق تونۇشلۇقى بولمىغان بىر تۈركۈم ئەۋلاتلىرىمىز يېتىشىپ چىققاندىن كىيىن، ئالدىغا نېمە كەلسە ئايرىماي يەيدىغان باللىرىمىز بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ھەتتا ئۆزىنىڭكىنى موھىتى ياخشى ئەمەس، پاكىز ئەمەس، تېخنىكىسى تۆۋەن مۇلازىمىتى ناچار دەپ قارايدىغانلار بارغانسىرى كۆپەيدى. نەتىجىدە. بىز باشتا دەپ ئۆتكەندەك، يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىمىزگە مۇخالىپ قىلمىشلارنى كۆرگەندە توسىماقتا، غەزەپلەنمەكتە يوق، ئەكسىچە ئۇلارنى قوللاش يولىغا قاراپ ماڭدى. مېنىڭچە بولغاندا، ھېچقانداق ئېتىقادى يوق كىشىلەر ئاسماندا ئۇچىدىغان،يەردە ماڭىدىغان،سۇدا ئۈزىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى يېيەلەيدىغانلاردۇر. بۇنداق كىشىلەرنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغانلىقى،قانداق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ”سارس“دېگەن ۋابا تاررقالغاندا ھەممىمىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. بۇنىڭدا ھەرگىز شەكلىنىشكە بولمايدۇ. ئاللا بىزگە زىمىندا يىسەڭلار بولىدۇ دېگەن نىممەتلەر ئارىسىدا بىزنىڭ بەدىنىمىزگە زىيانلىق بىرەرىنى ئىيتىپ بېرەلەمدۇق؟ئەلۋەتتە ئېيىتىپ بېرەلمەيمىز.بىز ھازىر قورسىقىمىز توق،كىيمىمىز پۈتۈن دەۋىرگە قەدەم قويدۇق. ئۆزىمىزنىڭ ئېسىل يېمەك-ئىچمەكلىرىمىز دەۋىر بىلەن تەڭ تەرققىي قىلماقتا. ئۆزىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى ئارقىلىقمۇ قۇۋۋەت تېپىپ ساغلام بولالايمىز، ئەقىللىق بولالايمىز.

4.چېكىملىك.  ”ھاراق زورلاشتىن،چېكىملىك دوراشتىن’ دېگەندەك ئەڭ ئاۋال باشقىلارنى دوراپ باشلىنىپ، ئاخىردا پاتقاققا ئۆزى پېتىپ قالىدىغان ”مەرى ئىسسىق“،“ كەيپى چاغ“ نەرسىدۇر. بىز بۇ يەردە تاماكىغا ئوخشاش ئاددى چېكىملىك ئۈستىدە توختالماي، كىشىلەرنى دەيدەيگە بەكرەك سالايدىغان خىروئىن،كوكايىن،نەشە قاتارلىقلار ئۈستىدە توختىلىپ باقايلى. ئادەتتىكى تاماكا چېكىشتىن تەرەققي قىلىپ، نۆۋىتى كەلسە ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئۆلتۈرۋېتىشكە قىستايدىغان بۇ چېكىملىكلەر قىسقىغىنا بىر قانچە يىلدىلا ئۇيغۇر ياشلىرى ”ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلدىغان بويۇم“غا ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ چەككەندىن كىيىنكى ”ئەرشكە ئاچىقىپ ساياھەت قىلدۇردىغان“، ”بارلىق غەم-غۇسسىنى تۈگىتىپ چەكسىز شادلىققا چۆمدۈردىغان“ خۇسۇسىيىتى ياشلىرىمىزنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، قىزلىرىمىزنى ئېپپەت-نۇمۇسىنى ئايىمايدىغان ”مەرت“،ئوغۇللىرىمىزنى“ كوچا-كويلاردا قېتىپ قالىدىغان تاتلىق ”تاڭگازى“غا ئوخشىتىپ قويدى. ئۇ ھاراققا ئوخشاش ئەڭ ئاۋال بەدەننى ئەمەس، روھنى كونتىرول قىلىپ پۈتمەس-تۈگىمەس دەرت-ئەلەم، پالايى-ئاپەتلەرنىڭ يىلتىزىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ كاساپىتىدىن تارقالغان ”ئەيدىز“گە ئوخشاش يامان كېسەللەر كۈنىنى ئاران-ئاران ئېلىپ كېلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىمۇ، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىپ، ئالى دەرىجىلىك ماشىنىلاردا ئولتۇردىغان بايۋەتچىلىرىمىزنىمۇ سەرسان-سەرگەردانلىق يولىغا تاشلىدى. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ماددى ۋە روھى زىيان بىزنىڭ باشقا مىللەتلەر ئالدىدىكى ئوبرازىمىزنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ بىر تىيىنغا ئالماس قىلىۋەتتى. لىكىن يەنىلا نۇرغۇنلىرىمىز قاتتىق ”تۆۋە“ ۋە ‘پۇشايمان“قىلغان پېتى ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېلىۋاتىمىز. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭ جاۋابىنى ھەر بىرىمىز تېنىمىزدىن، قېنىمىز، جېنىمىزدىن سوراپ باقساق بولىدۇ.

ئاخىرىدا يېمەك-ئىچمەك ۋە روھىيەت توغىرسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي. بۇلار ئوتتۇرسىدا قانداق باغلىنىش بار. قارىماققا ھېچقانداق باغلىنىش يوق. لىكىن بۇنى ھازىرقى زامانىۋى ئاتالغۇ بىلەن ئاتىغاندا، تار دائىردىكى ماددى مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۆزى دېيىشكە بولىدۇ. يېمەك- ئىچمەكنىڭ كىشىلەرنىڭ روھىغا،خاراكتىرىگە،مىجەز،خۇلقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆپىنچىلىرىمىز دەرھال قۇبۇل قىلالماسلىقىمىز مومكىن. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى داڭلىق يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئۆزىنىڭ بىر ماقالىسىدا“ ئۇيغۇرلار قوي گۆشىنى كۆپ يىگەچكە، باغانسىرى قوي مىجەز بولۇپ كېتىۋاتىدۇ“ دېگەن بىر جۈملە سۆزنى ئوقۇغان چېغىمدا بۇنىڭ تەكتىگە تازا يېتەلمىگەن ئىدىم. دېققەت قىلىپ باقايلى، ئۆزىمىزنىڭ مىجەز خۇلقىمىزنىڭ قانداق ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى دەڭسەپ باقايلى.ئەمدىلىكتە بولسا، بۇنى ئاز-تولا بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولىۋاتىمەن. ئەتىراپىمغا نەزەر سالسام، نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ “ ئەركەكلەر قېنى سىلەر؟“، “ بىزدىكى يوقاۋاتقان ئەركەكلىك“، “ كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنىڭ تاپ ئەركەكلەر“، ”قىزلىرىمىزغا نېمە بولدى“،“ قىزلىرىمىزدىكى شەرمى-ھايا نەگە كەتتى“ دېگەندەك نىدالارنى قىلىۋاتقانلىقى قۇلىقىمغا كىرىشكە باشلىدى. بۇنداق نىدالارنىڭ چىقىشىدىكى سەۋەبلەرنى ئويلاندىم. گاھىدا ئەركەكلەر ئەيىبلەنگەن، گاھىدا قىز ئاياللىرىمىز ئەيىبلەنگەن ماقالىلەرنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم. ھەم ئۇلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن قايىل قىلىش تالانتىغا باش لىڭشىتىپ تەستىق بىلدۈردۈم. لىكىن مەن يۇقارقىلارنىڭ پىكرىنى قوللاش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ پەقەت ئەخلاقى مەسىلىلەر دائىرسىدىلا بولۇپ، يېمەك-ئىچمەكنىڭ روھىمىزغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئانچە تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى بايقىدىم.

 ئەڭ ئاددى مىسال ئالايلى، ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، قورسىقىڭىز قاتتىق ئېچىپ كەتكەنلىكىڭىزنى بايقىدىڭىز. ناۋادا ئالدىراشلىق تۈپەيلى بۇ ئېھتىياجىڭىز قاندۇرۇلمايلا ئىشقا كەتتىڭىز. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بىلەن بولغان ئارلىقتىكى تەن قۇۋۋىتىڭىز، روھى كەيپىياتىڭىزنىڭ، ئېھتىياجىڭىز قاندۇرۇلغاندىن كىيىنكى روھى كەيپىياتىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز. بۇلارنىڭ قانداق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى سېزەلەيسىز. بۇغۇ ناھايىتى تومتاقلا بىر مىسال بولۇپ قالدى. لىكىن مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاز-تولا پايدىسى بار دەپ قارايمەن.

بۇرۇندىن ئىتائەتچان، مۇلايىم قىزلىرىمىز ئەرلىرىمىزنى بىر چەتتە قالدۇرۇپ، ئۇلارنى كۆزگىمۇ ئىلماستىن تاقىلداپ سىرتقا ماڭغاندا بەزى ئەركەكلىرىمىز كۆزىنى پاقىرتىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامال قىلالماي پەشتامىنى كېلىشتۈرۈپ تارتىپ قازان بېشىدا چىنە-قاچىلارنى يىغىشتۇرۇپ قالدى. نېمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟ نېمىشقا نۇرغۇن ئائىللەردە ئەرلەرنىڭ گېپى ئۆتمەيدۇ؟ بۇنىڭ ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدا بولغان فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى باردەك قىلىدۇ. ئەر-ئايال توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن، بۇ خىل ئېھتىياج قورساق تويغۇزۇش،كىيىم كىيىش ئېھتىياجلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇردىغان موھىم ئېھتىياجدۇر. بۇ خىل ئېھتىياجنىڭ نورمال قانائەتلىنىشكە ئىگە بولماسلىقى ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پىسىكىسىغا، روھىغا، زېھنى قۇۋۋىتىگە، دېققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان موھىم ھالقا. ئۇ گەرچە مەلۇم ۋاقىت يۇشۇرۇن ئاڭ تەرىقىسىدە ئادەم بەدىنىدە بىر مەزگىل ساقلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن پارتىلاپ چىقىدىغان، پارتىلاپ چىققاندا ئەخلاق، شەرمىي-ھايا، ئائىلىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدىغان ۋاقىتلىق بومبىدۇر. تۆۋەندە مەلۇم بىر كەچلىك بازاردا بىر جۈپ ياش ئەر- ئوتتۇرسىدا بولۇنغان قىسقا دىئالوگقا قاراپ باقايلى:

ئەر: خوتۇن بۈگۈن مەن سىلىنى راۋرۇس مېھمان قىلاي، نىمە يەيسىلە؟

ئايال: نېمە يېسەك بولا؟

ئەر: مەن سېرىق ئاش بىلەن پىۋا ئىچەيمىكىن.

ئايال:(قاپىقى دەرھال تۈرۈلگەن ھالدا) تۈزۈكرەك بىر نەرسە يېمەمسىز؟ كەچلىككە بىر دەمدىلا بولالماي قالاسىزمىكىن.

ئەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھۈپپىدە قىزاردى. لىكىن بىرەر ئىغىز گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، يېمەكلىك ئارقلىق تولۇقلىندىغان تەن قۇۋۋىتى ئەرلەرگە ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ غورۇرى ئەڭ دەپسەندە بولىدىغان ئىش ئۇنىڭ يوشۇرۇن قابىيلىيەتلىرىنىڭ جارى قىلدۇرلىشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئائىلىدە بەكرەك ۋاقىراي دېسە تىل تۇتىغى بار ۋاقىرىيالمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇمۇ قىسمەن ئەھۋال. ئەرلەرنىڭ تېنىدىكى قۇۋۋەت ئۇلارنىڭ يولۋاستەك جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولىشىدىكى ئاساس. قورسىقى ئاچ قالغان بۆرىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان سىمىز جەرەننى تۇتۇپ يەيمەن دېيىشى بىر خام خىيال. چۈنكى ئۇنىڭدا قورسىقى توق ۋاقىتتىكىدەك جەڭگىۋارلىق، ياۋۇزلۇق، كۈچتۈڭگۈرلۈك يوق.

ئەرلىرىمىزنىڭ ھاراققا زىيادە بېرىلىشى، نەتىجىدە بۇزۇلغان ئاشقازاننىڭ يېمەكلىكلەرنى نورمال ھەزىم قىلالماي تەن قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى.بەزى ئاياللىرىمىزنىڭ يۈرىكىنى يوغىنىتىپ ئائىلىدە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىدا گەپ يوق. ھاراقتىن، چېكىملىكتىن كەلگەن روھى زەئىپلىكنىڭ غورۇرىمىزنى دەپسەندە قىلىش دەرىجىسىگە ئېلىپ بارغانلىقىمۇ بىر پاكىت.

بۇ تېمىنى يورۇتۇش جەريانىدا بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلاردىن خالى بولالمىغىنىم ئېنىق. ناۋادا بىز بۇ تەرەپتىكى تەتقىقاتلارنى ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلىپ بارساق، بۇنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ساغلام تەن، ساغلام روھقا ئىگە بولشىدا موھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. بۇ مەسىلە ھەر قايسى ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، بىلىمىمنىڭ چولتىلىقى، تەجىربەمنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلىدىن بەزى خاتا نوقتىنەزەرلەرنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇشۇم مۇمكىن. خاتالاشقان بولساممۇ، قېرىنداشلىرىمنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خاتالاشتىم. دوستلارنىڭ سەمىمىي تەنقىدلىرىنى قۇبۇل قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييارمەن.

 

 

ئىزاھلار:

(1) ”ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر“، 184-بەت،  ئەنۋەر سەمەت قورغان

(2) ”ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر“، 186-بەت،  ئەنۋەر سەمەت قورغان

 

پايدىلانغان ماتىرىياللار

1. ”ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر“، ئەنۋەر سەمەد قورغان،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2008-يىل1-ئاي1-نەشرى

2. ”ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقى“، ئەنۋەر سەمەد قورغان،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2006-يىل3-ئاي1-نەشرى

3. توردىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

2009-يىل 1-ئاينىڭ 29-كۈنى

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. لوپنۇرى
    2011/08/25 15:58:01

    مېنىڭچە، مەتبۇئاتلار بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنى باسماسمىكىن دەيمەن. ھازىر مەتبۇئاتلار سەل نازۇك (شۇلارنىڭ نەزىرىدە شۇنداق،ئەمىلىيەتتە نورمال نەرسىلەر) نەرسىلەر بولسىلا بېسىشتىن قورقىدۇ.

  2. ھونزادە
    2011/08/25 12:58:27

    مەزكۇر تېما شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،ھەتتا بەزى مەتبۇئات ئورۇنلىرى نەشىر قىلۋاتقان ژورناللاردىكى ماقالىلەردىن ياخشى يېزىپسىز،ئوخشۇتۇشلار،مىساللار،دەللىلەر شۇنداق ماس كەپتۇ،سىزگە قول قويدۇم،مەزكۇر تېمىنى بىرئاز ئۆزگەرتىپ ژورنالغا بىرىپ باقسىڭىز قانداق؟

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif