سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇشقا تېگىشلىك ئون ھېكايە(1)

 

سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇشقا تېگىشلىك ئون ھېكايە

سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى مەكتەپ ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ موھىم تەركىبىي قىسمى،مەكتەپ ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق،غەلبىلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولىشى بۇ خىزمەتنىڭ ياخشى ئىشلىنىش ئىشلەنمەسلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن،ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش ۋە تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىمىزدىكى بەزى يېتىشسىزلىكلىرىمىز بايقىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى، ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى،سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىچە تەلەپلەر مەيدانغا كەلدى. مەن داۋاملىق تەربىيەدە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا بىر نەچچە قېتىم ”سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى“ توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدىم. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم.بۇ جەرياندا شۇنى بايقىدىمكى، بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمەتلىرىمىزدە بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار،تۈزىتىشكە ۋە ئەلالاشتۇرۇشقا تېگىشلىك تەرەپلەر يەنىلا خېلى كۆپكەن. شۇڭىلاشقا، دەرس تەييارلاش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا پايدىلىق بولغان بىر قىسىم ماتىرىياللارنى كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش نىيتىگە كەلدىم. تۆۋەندە سۆزلىندىغان ئون ھېكايە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۈنېۋىرسىتىتى مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفسورى چيەن جىلياڭ ئەپەندىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسىدىن رەتلەلىنىپ تەرجىمە قىلىندى. ئەگەر بۇ ھېكايىلەر بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ سىنىپ مەسئۇللۇق كۆز قاراشلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئازدۇر-كۆپتۇر مەنپەئەت قىلسا ئەمگىگىمدىن رازى بولغان بولاتتىم.
_ تەرجىماندىن

1.سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىنىڭ قائىدىسى،دوست تۇتۇشنىڭ قائىدىسى بىلەن ئوخشاش

 

بىر قاغا جەنۇپقا قاراپ ئۇچماقچى بوپتۇ.ئۇچۇش سەپىرىدە بىر كەپتەر بىلەن ئۇچىرىشىپ قاپتۇ.ئۇلار بىرلىكتە بىر دەرەخكە قونۇپ ئارام ئاپتۇ.كەپتەر قاغىدىن:“سەن بۇنچىۋىلا جاپا تارتىپ،نەگە ئۇچۇپ بارماقچى،نېمە ئۈچۈن بۇ يەردىن كېتىسەن؟“دەپ سوراپتۇ.
قاغا چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىپ،مەيۈسلەنگەن ھالدا: ”ئەمىلىيەتتە مېنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلغۇم يوق،ئەمما بۇ يەردىكى ئاھالىلارنىڭ بىرسىمۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى ياقتۇرمايدۇ.ئۇلار مېنى كۆرسىلا قوغلايدۇ،ھەتتا بەزىلىرى تاش ئاتىدۇ.شۇڭىلاشقا بۇ يەردىن كەتمەكچى بولدۇم“ دەپتۇ.
كەپتەر ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن ھالدا:“ئارتۇقچە ئاۋارە بولما،ئەگەر سەن بۇ ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمىسەڭ،نەگىلا بارساڭ باشقىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەيسەن.“دەپتۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر دائىم باشقىلارنى ئەيىپلەشنى ياخشى كۆرىدۇ“موھىت بەك ناچار،باشقىلار مېنى ياقتۇرمايدۇ“دەپ ئاغرىنىدۇ.ھەرگىزمۇ ئۆز ھەرىكىتىنىڭ باشقىلارغا نىسبەتەن قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى،باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ۋە ياخشى كۆرىشىگە لايىق ياكى لايىق ئەمەسلىكىنى ئويلاپ كۆرمەيدۇ.ئەگەر بىر ئادەم دائىم ئۆز-ئۆزىنى ئوپراتسىيە قىلىپ تۇرمىسا،پەقەت باشقىلارنىلا ئەيىپلەشنىلا ئۆگىنىۋالىدۇ.ھەم بايىقى قاغىغا ئوخشاش نەگىلا بارسا باشقىلار چەتكە قاقىدىغان ئوبىكىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،باشقىلارنىڭ بىزارلىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇلار بىلەن دوست بولۇش.سىنىپ مەسئۇلىمۇ ھەم شۇنداق.ئەگەر بالىلار سىزدىن بىزار بولمىسىلا سىز ئەڭ ياخشى سىنىپ مەسئۇلى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ.
ياخشى سىنىپ مەسئۇلى بولۇش ئانچە تەس ئەمەس.ئەمما نۇرغۇن سىنىپ مەسئۇللىرى بۇ ئىشنى قىيىن دەپ قارايدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرگە باھا بېرىش ئۆلچىمىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىمىز غەلبىلىك بولدىمۇ يوق؟بۇ يەردە مەن ئەڭ ئاددىي بىر ئۆلچەمنى دەپ ئۆتەي:ئوقۇغۇچىلىرىڭىز سىزگە يولۇققاندا كۈلۈمسىرىگە ھالدا ئالدىڭىزغا كېلەمدۇ،يوق؟

 

2.غەمسىز سىنىپ مەسئۇلى بولۇڭ

 

بىر كۈنى بىر دېھقان ئېشىكىنى مىنىپ بىر چىغىر يولدا كېتىۋاتسا،ئېشەك بىردەم بىردەم توختاپ يول بويىدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەپ مېڭىپتۇ.بۇ ۋاقىتتا دېھقان“ھەي،جانىۋار سەن پەقەت ياخشى ئىشقىلا تۇرىسەن-ھە؟“دەپتۇ-دە،ئۇنى قامچا بىلەن يېنىڭ ئۇرۇپ قويۇپتۇ.ئېشەك شۇنىڭ بىلەن ئالدىغا قاراپ مېڭىپ كېتىپتۇ.
بۇ مەنزىرىدىن بىز دېھقانننىڭ ئېشىكىنىڭ ناھايىتى بىر بەختلىك ئىشەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.ئويلاپ كۆرەيلى،بىز ئويلىغان ياخشى ئىشلار ئەمەلگە ئاشسا،ئۆزىمىزنى بەختلىك سانايمىزمۇ،سانىمايمىزمۇ؟
”پەقەت ياخشى ئىشقىلا تۇرۇش“دېگەن بۇ سۆز قارىماققا بەزىدە سەل سەلبىي مەنە بېرىپ قويۇشى مومكىن.نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر،ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن ياخشى ئىش قىلىشنى ئويلاش،ھېچ ئىش قىلىشنى ئويلىمىغاندىن مىڭ ياخشى.سىنىپ مەسئۇلى بولغان ئىكەنمىز كۆڭلىمىزدە ھەر قاچان بىر گۈزەل ئارزۇ ئارمان بولىشى،ھامان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز لازىم.

 

3.سىنىپ مەسئۇلى ھەيكەلتاراش بولماستىن،شۇ ھەيكەلدىن زوق ئالغۇچى بولىشى كېرەك.

 

ئىلگىرى بىر تاغدا،بىر-بىرىگە ئوپمۇ-ئوخشاش ئىككى تاش بار ئىكەن.بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن.بۇلارنىڭ تەقدىرىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل بوپتۇ.بىرى ئىنتايىن نەپىس ھەيكەلگە ئايلىنىپ،باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتالايدىغان ۋە ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشەلەيدىغان بوپتۇ.يەنە بىر تاش يول بويىدىكى ئادەتتىكى بىر تاشقا ئايلىنىپ كىشىلەر تەرپىدىن ھېلى ئۇ يەر ھېلى بۇ يەرگە يۆتكىۋىتىلىدىغان،دائىم دەسىلىدىغان تەقدىرگە دۇچ كەپتۇ.بىر كۈنى يول بويىدىكى تاش نارازى بولغان ھالدا:“بۇرادەر ئۈچ يىل ئىلگىرى بىر تاغدىكى ئوخشاش تاشلار ئىدۇق،بۈگۈن بىزنىڭ پەرقىمىز ھەقىقەتەن چوڭىيىپ كەتتى.شۇڭا مېنىڭ كۆڭلۈم بەك يېرىم“دەپتۇ.
ھەيكەلگە ئايلاندۇرۇلغان تاش بۇرادىرىگە:بۇرادەر ئېسىڭدە بارمۇ؟ئۈچ يىل ئىلگىرى،بىر ھەلكەلتاراش كەلگەن ئىدى.سەن ئۆزگىرىشنى قۇبۇل قىلمىدىڭ.بەدىنىڭنى پىچاق بىلەن كەسكەن ۋە ئويغان چاغدىكى جاپالارغا چداشنى خالىمىدىڭ.سەن ئۇنىڭغا“مېنىڭ پەقەت ئۇ يەر بۇ يەرلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ“دەپ تۇرىۋالدىڭ.ئەمما مەن ئۇۋاقىتتا،ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى ھالىتىمنى ئويلاپ،ئۆزگەرتىشنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدىم.بەدىنىمنىڭ ھەر قانداق يېرىنى كەسسە بەرداشلىق بەردىم.شۇڭا ھەيكەلتاراش ساڭا ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا بولدى قىلدى.ئەمما مېنىچۇ؟بولقا بىلەن چوقۇدى،ھەرە بىلەن كەستى،پىچاق بىلەن ئويدى،قۇم قەغەز بىلەن سۈرتتى.مېنىڭ تارتقان ئازاپلىرىم سېنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغاچقىلا،مېنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىم بارلىققا كەلدى.“دەپتۇ.بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يول بويىدىكى تاش ھەم خىجىل بوپتۇ.ھەم پۇشايمان قىپتۇ.
بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ھەرگىزمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ”ھەيكەلتاراش“ى بولىمەن دەپ ئويلىماڭ.ئوقۇغۇچىلارنى“بولقا بىلەن ئۇرۇپ،ھەرە بىلەن ھەرىدەپ،پىچاق بىلەن ئۇيۇش“نىمۇ ئويلىماڭ.ئەمىلىيەتتە ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئەسلىدىنلا سىزگە زوق ئاتا قىلالايدىغان“ئېسىل سەنئەت بويۇمى“.ئوقۇغۇچىلار قانداق ئادەم بولۇشنى ئويلايدۇ؟بۇ پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا باغلىق.بىز ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز.بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز،ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى،ئاكتىپ ئالغا باسىدىغان جايلىرىنى لوپا ئەينەكتە چوڭايتىپ كۆرسىتىش.ئۇلارنى تۇرمۇشقا،جەمىيەتكە ئاكتىپ يۈزلىنىشكە،ئۆز-ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشقا،ئۆز تەقدىرىنىڭ“ھەيكەلتاراش“ى بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش.

 

4.سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئادەم تەربىيلەش نىشانى

 

بىر پادىشاھ دائىم ئۆزىنى بەختسىز ھېساپلايدىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىراق-يېقىنغا ئادەم ئەۋەتىپ،ئۆزىنى بەختلىك ھېساپلايدىغان ئادەمنى تېپىپ،ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ.
”بەختلىك ئادەمنى ئىزدىگۈچىلەر“ئۇچىرىغانلا ئادەمدىن:“سىز بەختلىكمۇ؟دەپ سوراپتۇ.ھەمدە:“مەن بەختسىز،چۈنكى مېنىڭ پۇلۇم يوق؛مەن بەختسىز،چۈنكى مېنىڭ ئۇرۇق-تۇققىنىم يوق؛مەن بەختسىزچۈنكى مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزغا ئېرىشەلمىدىم….“دېگەندەك جاۋاپلارغا ئېرىشىپتۇ.ئۇلار ”ئەمدى بەختلىك ئادەمنى تېپىشتىن ئۈمىد قالمىدى“دەپ تۇرغان ۋاقىتتا،قارشى تەرەپتىكى بىر تاغ باغرىدىن ئىنتايىن يېقىملىق بىر ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ.ئۇلار ناخشا ئاۋازىغا ئەگىشىپ مېڭىپ،ئۇ ئادەمنى تېپىپتۇ.ھەمدە ئۇنىڭ يالىڭاچ ھالدا يوغان بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ئاپتاپسىنىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن“سىز بەختلىكمۇ؟“دەپ سوراپتۇ.
-شۇنداق مەن بەختلىك.دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئۇ ئادەم.
-سىزنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشتىمۇ،سىز ئەتىڭىز ئۈچۈن قايغۇرمامسىز؟دەپ سوراپتۇ.
-شۇنداق،قاراڭلار!ئالتۇندەك قۇياش نۇرى،مەيىن شامال،ساپ ھاۋا…نىمە دېگەن راھەت!
مېنىڭ قورسىقىممۇ ئاچمىدى،ئۇسساپمۇ كەتمىدىم.ئاسمان كۆپكۆك،يەر پىپايان،مەن مۇشۇنداق گۈزەل بىر جايدا ئارام ئېلىۋاتىمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەردىن باشقا ھېچقانداق ئادەم ماڭا دەخلى قىلمىدى.مەن يەنە نىمىگە بەختسىز بولغۇدەكمەن؟
-سىز ھەقىقەتەن بەختلىك ئىكەنسىز،مومكىن بولسا،بىر تال كۆينىكىڭىزنى پادىشايىمىزغا بەرسىڭىز،ئۇ سىزگە زور ئىنئام بېرىدۇ،دەپتۇ ئۇلار.
”كۆينەك دېگەن نىمە؟مەن ئۇنداق نەرسىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىدىم“دەپتۇ جاۋاپ بېرىپتۇ ھېلىقى ئادەم.
ھەممە ئادەم ئۆز بەختىنى ئىزدەيدۇ.ھەم ئۇنىڭغا ئوخشمىغان نوقتىدىن تەبىر بېرىدۇ.بۇ ھېكايە بىزگە بەختنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر سىموۋۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.بەخت كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى بىر خىل ئۆزلۈك ھېسىياتى.ئەمدىكى مەسىلە بىزنىڭ بۇ خىل سىمۇۋۇل ياكى ھېسىياتقا قانداق پوزىتسىيەدە بولىشمىزدا.
ئوخشاش بىر ھەقىقەت،سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئادەم تەربىيلەش نىشانى،ئوقۇغۇچىلار بەختىنىڭ سىموۋۇلى ۋە بەختلىك بولۇش ھېسسىي تۇيغۇسىنى ئىزدەپ تېپىش.بۇ خىل سىمۇۋۇل ياكى ھېسىيات زادى نېمە؟بۇنى بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈش بىر ئاز قىيىن.ئەمما شۇنداق بىر نوقتىغا دېققەت قىلىشىمىز كېرەككى،ئوقۇغۇچىلار بەختىنىڭ سىمۇۋۇلى ۋە بەختلىك بولۇش ھېسىياتى دائىم ئۇلارنىڭ چىرايىدا ئەكىس ئىتىپ تۇرۇشى مومكىن.

 

5.ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار

 

قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا دېڭىزنى بىر كۆرۈشنى بەك ئارزۇ قىلىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر چوڭ تاشپاقىنى ئۆزىنى ئېلىپ دېڭىزنى كۆرسىتىپ كېلىشكە تەكلىپ قىپتۇ.تاشپاقىنىڭ ئۆمىرىدە تۇنجى قېتىم باشقىلارغا يول باشلىغۇچى بولىشى ئىكەن.شۇڭا ئۇ بۇ تەكلىپكە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇدۇقتىن ئايرىلىپ،دېڭىز تەرەپكە قاراپ ئاستا-ئاستا ئىلگىرلەپتۇ.ھەم دېڭىز بويىغا يىتىپ كەپتۇ.پاقا پايانسىز كەتكەن دېڭىزنى كۆرۈپ،بەك ھەيران قاپتۇ.ھەم ھاياجانلىنىپ كىتىپ،كوركىرىغان پېتى ئۆزىنى دېڭىزغا ئېتىپتۇ.ئەمما كۈچلۈك بىر دولقۇن ئۇنى بىرلا ئۇرۇپ دېڭىز ساھىلىغا ئاچىقىپ قويۇپتۇ.پاقا بىر نەچچە يۇتۇم تۇزلۇق ھەم قىرتاق دېڭىز سۈيىنى ئېچىۋالغاچقا،بېشى قىيىپ،پۇتلىرى ئالمىشىپ كىتىپتۇ.
تاشپاقا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ،پاقىنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ دېڭىزنى كۆرسىتىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ھەم ئۇنى ئېلىپ دېڭىز ساياھىتىنى باشلاپتۇ.ئۇلار ئىككەيلەن دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرۈپ،ئىنتايىن خۇشال ئويناپتۇ.پاقىمۇ دېڭىز سۈيىگە ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قاپتۇ.شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككەيلەن بىر نەچچە كۈن خوشال سەيلە قىپتۇ.بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن،پاقا بەك ئۇسساپ كېتىپتۇ،لىكىن دېڭىز سۈيى بەك تۇزلۇق بولغاچقا ئىچەلمەپتۇ.قورسىقى ئېچىپتۇ.لىكىن دېڭىزدىن يىگۈدەك بىرەر قۇرت-قوڭغۇز تاپالماپتۇ.پاقا ئاخىرى ئويلىنىپ،تاشپاقىغا“دېڭىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن.لىكىن مېنىڭ تەن شارائىتىم بۇ يەردە ياشاشقا ماس كەلمەيدىكەن.ئەڭ يامان بولغىنى مەن بۇيەردىن يەيدىغان يىمەكلىك تاپالمايدىكەنمەن.قارىغاندا مەن يەنىلا ئاشۇ كىچىك قۇدۇقۇمغا كەتسەم بولغىدەك“دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاشپاقىدىن ئايرىلىپ،ئۆز قۇدۇقىغا كېلىپ خۇشال ھەم خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
دېمەك،سىزگە ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشىسى.ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان تەربىيلەش ئۇسۇلى ئەڭ ياخشى تەربىيلەش ئۇسۇلى.ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋاتقىنىنىڭ باشقىلارنىڭ ياكى داڭلىق كىشىلەنىڭكىگە ئوخشىماي قىلىۋاتقانلىقىدىن ھەرگىز ئەنسىرىمەڭ.بەلكىم سىز“قۇدۇق ئاستىدىكى پاقىنى بىلىدىغىنى تايىنلىق،شۇڭا بايقىدەك قىلىدۇ“دېيىشىڭىز مومكىن.بۇ گەپنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئاساسىي بار.بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ھەقىقەتەن قىزىقارلىق،ھەممە ئىشنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق،ئاكتىپ ۋە پاسىپ دېگەنگە ئوخشاش ئىككى تەرىپى بولىدۇ.سىز پەقەت ئۆزىڭىز كۆرۈپ يىتەلىگەن تەرەپكە بەكىرەك ئەھمىيەت بەرسىڭىز،باشقىلارنىڭ تەربىيلەش ئۇسۇللىرىنى ھەققىي تۈردە ئۆزىڭىزنىڭكىگە ئايلاندۇرسىڭىز،تەربىيلەش تاكىكىڭىزنى بارغانسىرى ئۆستۈرۈپ،ئۆز خاسلىقىڭىزنى نامايەن قىلالالىسىڭىز غەلبە قىلىشىڭىدا شەك يوق.

 

تەرجىمە قىلىپ تورغا يوللىغۇچى:لوپنۇرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=1936

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-02-25
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مائارىپ-پىسخىلوگىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: