لوپنۇر سەن – غەربيى دىياردىكى قۇياش شەھىرىسەن

لوپنۇر سەن – غەربيى دىياردىكى قۇياش شەھىرىسەن(نەسىر)

—-مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا

مۇھەممەتجان جېلىل لوپنۇر

تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ،تارىم ئورمانلىقىنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان ،ناخشا–قوشاق،ئۆزگىچە تىل ئالاھىدىلىكى،ئەنئەنىۋى ئۆرۇپ-ئادەتلىرى،مېززلىك كاۋاپلىرى، ئۆزگىچە مەدەنىيىتى بىلەن  دۇنياغا داڭلىق بۇ ئانا يۇرت قوينىدا چوڭ بولغان ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنى پەخىرلىك ھېس قىلماي تۇرالمايدۇ،زەن سېلىڭ ،بىر يېقىملىك ناخشا،كۈي ئاڭلانماقتا…

قىزىل گۈلۈم قارچۇغانىڭ بالاسى،

قانداق قىلاي ئەي كۆزۈمنى قاراسى.

قانات ياساپ ئۇچۇپ بارسام يانىڭغا،

ساقىيار ئىدى يۈرىكىمنى ياراسى.

بوز يېگىتىم ھېساپلىسام كۆيگەلى،

ئۇزۇن بوپتۇ شېرىن لېۋى سۆيگەلى.

ئۆزۇڭ ماڭا ئەسلا مۇمكىن ئەمەستۇر،

سەن جاناندىن بۇ كۆڭۇلنى بۆلگەلى.

……..

بۇ ناخشىنى ئاڭلىغانلىكى ئادەم ئالدى بىلەن لوپنۇرنى ئەسكە ئالماي قالمايدۇ.شۇنداق،غەربىي يۇرت ئېكىسپىدىتسىيە تارىخىدا كرورانىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقان ئۆردەك ئوماق،ئەنە سېۋىن ھىدى،نېكولاي مىخايلوۋىچ،گابرىل بونىۋالۇت،ۋۇن لېكوك،خۇنېتىڭتۇن…لارنىڭ كارۋان قوشۇننى باشلاپ كېلىۋاتىدۇ…ئۇلار بۇنىڭدىن بىر ئەسىر مۇقەدەم بايقىغان سىرلارنىڭ ،ئېچىلمىغان قىسمىنى ئېچىشقا يەنە كېلىۋاتىدۇ…

سەن تارىم باغرىدىكى خاسىيەتلىك ماكاندا،تارىم دەرياسى ۋە كۆنچى دەريا بويىدىكى ئەڭ گۈزەل دەرەخ توغراق بىلەن ھەمنەپەس بۇلۇپ ،ھايات-ماماتتا ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتىڭ…ھاياتلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل سىمپونىيىسىنى ياڭراتتىڭ…

سەندە ،ناخشا-قوشاق خەزنىسىنىڭ ئاچقۇچى بار،سەن ،ئاتا بوۋامنىڭ تىلىنى ئەينەن ساخلاپ،ئەۋلاتقا ئەكەلگۈچىسەن،يەنە سەندە لوپنۇر شىۋىسى خەزنىسىنىڭمۇ ئاچقۇچى بار،بۇ ئىككى خەزنىنىڭ ئاچقۇچى بولغاچقا،سەن،ئېتىز-ئېرىق،ئورما ئورغاندا،خامان تەپكەندە،ھاشار-مەدىكارغا چىققاندا ،قوي پادا باققاندا،توي-تۆكۈنلەردە ئۆزگىچە تىل بايلىقىڭ بىلەن ناخشا-قوشاق ئايتىپ،بارچە ئەلنى تاڭ قالدۇرۇپ،بۇ جەننەت كەبىي ماكاننى دۇنياغا تونۇتۇپ  كېلىۋاتىسەن ئەمەسمۇ؟

كۈز پەسلىدىكى توغراقلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تاغ چوققىلىرىغا ۋە كۆك ئاسمانغا  ئىنتىلىدۇ،تەرەپ-تەرەپكە  نۇر چېچېپ تۇرغان تاجى گويا پىشقان ئۇستازنىڭ بېشىدەك ئەقىل پاراسەتكە تولۇپ،تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۇلۇقۋارلىق ۋە شان –شۆھرەت خۇددى ھومىر قەھرىمانلىق ئېپوسىدەك،ۋانگېر ئوپىرالىرىدەك ۋە بېتخوۋېننىڭ موزىكىلىرىدەك گۈزەل ھەم يېقىملىق پىچىرلاپ،سېنى غەربىي يۇرتىكى ئۈچ يۇمىلاق شەھەرنىڭ بىرى بولغان بۇنىڭدىن 3800يىل بۇرۇن قۇياشقا بەيئەت قىلغان قەدىمى شەھەر-  قۇياش شەھەرىدە ناخشا- قوشاق ،بېيىت ئاڭلاپ كېتىشكە خىتاب قىلماقتا…يۇلغۇن قىزارغان دۆڭلەردىن تولىمۇ يېقىملىق‹‹ قەدىمى كۈي›› ناخشا – قوشاقلار ئاڭلانماقتا… شۇ تاپتا ساقاللىرى ئۈچتەك ئاقارغان تەمبەل كەلگەن ،بېشىغا ئالدى كەينى ئاچىماق،چۆرىسى تۇم قارا،ئۈستى ئاق باش كىيىم كىيگەن،پوتۇسىنىڭ يېنىغا كىچىك قاپاق ئېسىۋالغان يۈز نەچچە ياشلىق بوۋايمۇ ئۆز ناخشىسىدىن مۇڭ بوپ كەتكەنىدى.

لوپنۇر،سەن،تارىم ۋادىسىنىڭ يۈرىكىدىكى دەرت ئەلەملەرنى ،ئۆزۈڭنىڭ ئەڭ مۇڭلۇق كۈيلىرىڭ،جەلىپكار ناخشا-قوشاقلىرىڭ،ھازىر جاۋاب بېيىتلىرىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمگە جاكارلاۋاتىسەن.

سەن،ئۆگىچە ئەنئەنەڭ بىلەن تارىختا ئوۋچىلىق،بېلىقچىلىقنىڭ بەيگە مەيدانى بۇلۇپلا قالماي،بەلكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ   ناخشا-قوششاقنىڭمۇ كاتتا سورۇننى بۇلۇپ كېلىۋاتىسەن…

سەن ئالىم ،مۇتەخەسىس،تەتقىقاتچىلارنىڭ تىل تەتقىقاتىكى ئەڭ كۆڭۇللۈك سورۇننىسەن!! تىل دۇردانىسىدىكى تۈگىمەس بۇلاقسەن!!!

سېنىڭ قوينىڭدىكى ئادەملەر،ساپ ھاۋايىڭدا ،تونۇر كاۋاپ،جاڭگال كاۋاپ،بېلىق كاۋاپلارنى يەپ، بۇغا مارال،جەرەنلەرنى،ئېتىپ ، كاتتا مەرگەنلەرگە ئايلاندى،كۆل بويىدىكى لوخا بېلىقنى ئەشۇ كۆل بويىدىلا پۇشۇرۇپ يېگەندىكى ھوزۇرنى تىللاردا داستان قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ،يەنە كېلىپ ئاتا-بوۋىرىرىمنىڭ ،جاڭگالدا يۇلغۇنغا ئۆتكۈزۈلۈپ پۇشۇرىلغان كاۋاپلارنى مەزە قىلىپ يېگەنلىكى،تۇرمۇشتا كەڭ قورساق،ئاقكۆڭۇل ،مەرتلىكنى قولدىن بەرمەي،سەنئەت بىلەن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن توغراق يېشىدا ياشاپ،جىمى ئالەمنى تاڭ قالدۇرىۋاتىدۇ. ئېسېڭدىمۇ؟ئىلگىرى سېنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزۈڭدا ،ئاھاڭىڭدا گەپ قىلغانلار ،ناخشا –قوشاق ئايتقانلار زاڭلىق قىلىنناتتى،مانا ھازىر ئەلنەغمىچىلىرىڭ ۋۇجۇددى بىلەن ئايتقان ناخشىلار،جىمى ئالەمنى ساڭا مەھلىيا قىلماقتا.‹‹لوپنۇرلۇقلار كەنتى››،‹‹توغراقلىق ئائىلىسى››،‹‹كۆنچى››ساياھەت ئارامگاھلىرى مېززىلىك كاۋاپلىرىدا ھوزۇر سۈرۈشكە خىتاب قىلسا،‹‹قاقشاللىق قەدىمى شەھەر ئىزى››،‹‹قۇرۇغتاغ قىيا تاش رەسىملىرى››،‹‹دۇرال قەدىمكى شەھەر ئىزى››…قەدىمكى تارىخى ئىزلارنى ،بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى تارىم ۋادىسىدىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ تارىخىنى بىلىشېڭگە دەۋۋەت قىلماقتا.جەننەت كەبىي باغرى قۇياشتەك سەخىلىققا،مەمۇرچىلىققا تولغان يۇرتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ كېتىشىڭىزگە چاقىرسا ،ئۆمۇر چولپانلىرى، ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۈشنىڭ دەستۇرلىرىنى تەغدىم ئەتسە،خەلق قوشاقچىلىرى،ئەلنەغمىچىلەر،ئۆزگىچە ناخشا-قوششاقلارنىڭ پەيزىدىن زوقلىنىپ كېتىشىڭىزنى كۈتىۋاتىدۇ…

يازغۇچى،تارىخچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجىر مېھنەتلىرى ئارقىلىق، سەندىكى ئۆچمەس تارىخى ئابىدىلەرنى ،ئەنئەنىۋى ئۆرۇپ ئادەت ئېتنوگەرافىيىە قىسسىسلىرىنى ئەۋلاتلارغا  مىراس قالدۇرۇش ئۈچۇن يازغان ‹‹كروراندىكى ئىزچىلار››،‹‹كروراننىڭ سىرى››…غا ئوخشاش  تالاي –تالاي نادىر ئەسەرلىرىنى خەلقىم قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالسۇن…؟!

تارىخچى،يازغۇچى،شائىرلار،تىلشۇناس،ئالىملار بىر ئەسىردىن چارەك ۋاقىت ئۆتسىمۇ،ساڭا ئاشىقلىق پەيلىدىن يېنىش تۈگۈل،مىھرى-مۇھەببىتى ھەسسىلەپ كۈچەيتمەكتە…توغرىسىنى ئېيتقاندا،تىلغا ئاشىقلارنىڭ ۋە فولىكلىر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقات پىلتىسىگە ئوت يېقىۋەتتىڭ…

ئەي قۇياش شەھرى،كۆللىرىڭدە ئىلگىرى يەرلىك مىللى بالىقلار بىلەن قوينۇڭدىكى خەلقىمگە بەخىت-سائادەت ئوردىسىنىڭ ئاچقۇچىنى تىلتۇمار قىلىپ ھوزۇز-ھالاۋەتتىن بەھرىمەن قىلغۇزۇپ،شاھانە تۇرمۇش ئاتا قىلغان بولساڭ،ئەمدىلىكتە،دۇنياغا داڭلىق تۇزۇڭ بىلەن پۈتۈن ئىخلىمنى تاڭ قالدۇرۇپ كېلىۋاتىسەن ئەمەسمۇ؟!

ئاھ،گۈزەل يۇرتۇم لوپنۇر، شەنىڭگە ھەر يىلى سەنئەتنىڭ ئوتىدا كۈيۇپ سۈيىدە ھاردىم-تالدىم دېمەي ئېقىۋاتقان تۆھپىكار سەنئەتكارلىرىمىز تەييارلىغان ‹‹گۈلخان مەشىرىپى››،‹‹نورۇز››،‹‹ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى›› دا مۇنۇ ناخشا ،سورۇن ئەھلىنى گويا گۈزەل ساھىپجامال كەبى تارتماقتا…

….ئۈركەي چىقىپ ئاي نىمىشقا پاتمايدۇ،

چولپان تولۇپ تاڭ نىمىشقا ئاتمايدۇ.

ئىككى باغدا كاككۇك بىلەن زەينەپتەك،

بۇ ئالەمدە يۈرەكلىرىم قانمايدۇ.

قىزىل گۈلۈم ئۆچمەس ئوتتۇر نامىڭىز،

كىمگە يېتەر بىزنىڭ پەريات نالىمىز.

سىز ئۇ ياقتا،مەن بۇ ياقتا ئىنتىزار،

غارىپ باشقا قاچان چۈشەر سايىڭىز.

كارۋان بىلەن ئۆتۈپ كەتتىم تارىمدىن،

مۇڭلىنىمەن ناخشام بىلەن يايرىم دەپ،

بۇلبۇل كۆڭلى قىزىل گۈلگە قانغانمۇ،

كىم ئېيتىدۇ يۈرەك باغىر ئايرىم دەپ…

….

سەندە،باي،مەدەنىي،ئىناق،بەخىتلىك ،گۈزەل تۇرمۇشقا ئاشىقلىق روھىڭ دېڭىز كەبىي چوڭقۇر،پولاتتەك مۇستەھكەم  بولغاچقا،داشىدەك مەمۇرچىلىقنىڭ،ئىناقلىقنىڭ،تەرەققىياتنىڭ ئابىدىسىنى تىكلەپ،خەلقىمنڭ قەلبىدىكى قۇياشقا ئايلاندىڭ،..خەلقىڭ چېھرىيىدىمۇ قۇياش پارلىماقتا.

سەن ئەڭ گۈزەل توغراق سۈيىنى ئىچىپ،ساپ ھاۋالدىن ئەركىن نەپەس ئىلىپ،مىجازىڭنى چېگىلەك چېيىڭدا تەڭشەپ تۇرۇشنى ئۇدۇم قىلغانلىقىڭ ئۈچۈنمىكىن ئاۋازىڭ شۇنچە يېقىملىك،شۇنچە ياڭراق،بۇلبۇلمۇ گايىدا ساڭا جور بولىدۇ،ئادەملىرىڭ كۈچتۇڭگۈر،چېچەن،پالۋان سۈپەت بولغاچقا،تارىخ بېتىڭگە يولۋاس ئۆلتۇرگەن باتۇر ئەزىمەتلەرنىڭ ئابىدىسىنى تىكلىگەن،ئۆمۇر چولپانلىرى ئوردىنىنى تاقىيالىغان. ئىلىم ئاسمىنىدا چاقنىغان ئالىم مۇتەخەسسىسلەر ،تەتقىقاتچى، مائارىپچىلار،يازغۇچى شائىرلار،سەن ئانا تىلنىڭ بۆشۈكىنى زامانلاردىن-زامانلارغا تەۋرىتىپ كېلىۋاتىسەن،شۇڭا مەن دەيمەن،سەن ئانا تىلىمنىڭ ئەڭ كۈيۈمچان پەرۋىشكارىسەن،نىجاتچىسىسەن،بۇلاق كەبىي مەنبەسىسەن!!!

تارىم توغراقلىرى بىلەن گۈزەل،تەكتىماكان يەر ئاستى تىلسىماتى بىلەن سېھىرلىك،سەن تىل مەدەنىيەت  غەزنەڭ ۋە ناخشا-قوششاقنىڭ ئەسلى ماركىسى بىلەن جەلىبكارسەن،تىل خەزنىسىسەن!!!

لوپنۇر،سەن غەرىبىي يۇرتتىكى قۇياش شەھىرىسەن،سەن قۇياشتەك سەخىسەن،ئانا تۇپراقتەك بەركەتلىكسەن،مىھرىبان ئانا كەبىي،كۈيۈمچانلىق بۆشۈكىسەن،مانا ھازىر،پۈتۈن ئىخلىم ساڭا كۆز تىكمەكتە،ساڭا ئاشىق بولماقتا،سېنىڭ شەرىپىڭگە تىللاردا داستان بولغىدەك مەدىھىيىلەرنى ياڭراتماقتا،تەكلىماكان باغرىدىكى تارىم توغراقلىرى ساڭا خاتىرجەملىك،خەلقىڭگە ئاسايىشلىق تىلىمەكتە..دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن پالازنى توقىغان چىۋۋەر قوللارغا ئاپرىن ئوقۇماي تۇرالمايدۇ، كۈزنىڭ ئېتىزلىرىدىكى قاردەك ئاق ئەلا سورتلۇق پاختىلىرىڭ گويا سېنىڭ كۆڭلۇڭدەك ئاقلىقىغىمۇ قايىل بولماي تۇرالمايدۇ..يەنە دېسەم سەندە نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر بار…قېنى دوستۇم،مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا،نېمىگە قاراپ تۇرىسىز،بۇ جەننەت كەبىي ناخشا-قوششاق ماكانىغا قەدەم تەشرىپ ئېتىڭ،مانا يەنە يېقىملىق كۈي ئاڭلانماقتا،قۇلاق سېلىڭ:

ساپ ھالىق بوستانلىق،

لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ.

ھوزۇرلىنىپ جەننەتنىڭ،

پەيزىنى سۈرۈپ كېتىڭ.

ئۆمۇر چولپانلىرى كۆپتۇر،

ھەمسۆھپەت بولۇپ كېتىڭ.

2014-يىل 16-ئىيول،كورلا

ئادىرسىم:بايىنغولىن ئوبلاستلىق پىداگوگىكا مەكتەپ:مۇھەممەتجان جېلىل لوپنۇر.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3855

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-09-30
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئەدەبىيات
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: