ئۇيغۇرچە ئېتىقاد ۋە قارا قوشۇنلۇق

ئۇيغۇرچە ئېتىقاد ۋە قارا قوشۇنلۇق

تۇرسۇن قۇربان تۈركەش

ئوتتۇرا مەكتەب دەۋرىمدە قايسىدۇر بىر ئەدىپنىڭ قۇمۇشلۇق ئىچىدىكى ئۆردەك تۇخۇملىرىنى،قىزىق قۇمغا قاقلاپ سوقۇپ تەييارلانغان بالىق(1) تالقانلىرىنى ئۇزۇقلۇق قىلىدىغان،كېسىلگەن ياش توغراق نوتىلىرىدىن تامچىغان سۇنى توغرۇغۇ قىلىپ   ئىشلىتىدىغان ياكى ئۇنى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ شىپالىق دورىسى ئورنىدا ئىچىدىغان لوپنورلۇقلار ھەققىدىكى تەسۋىرلىرى مەندە ئۆچمەس تەسىرات قالدۇرغانىدى. تەسەۋۋۇرۇمدا ئۇلار قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلغان قۇمۇشلۇق ئارالدا سالغا بىلەن بېلىق تۇتۇپ ،دالا كېزىپ ياشايدىغان چۆلچى ۋە ئوۋچى خەلقتەك جانلىناتتى! كېيىن بۇلارغا ئۇلۇق سەيياھ ئۆردەكنىڭ مىرەن قەدىمقى شەھەرىنى بايقىغانلىقى ھەققىدىكى ئاجايىپ ھېكايىلىرى قوشۇلۇپ،لوپنور خىيالىمدا ساماۋىي چۆچەككە ئايلاندى.
سەندىكى ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئارزۇ ۋە سەبىر بىر خىل كۈچكە ئايلانسا ئۇ تەبىئەتنىڭ روھىغا قوشۇلۇپ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەقدىر ساڭا چىقىش يولى كۆر سىتىپ بېرىشى مۇمكىن.

1987–يىلى پىراكتىكىمىز لوپنورغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.ساۋاقداشلىق مەدەنىيەتلىك ئىنسانلاردا ئەڭ كۆپ ئەسلىنىدىغان ھايات! كېيىنكى20نەچچە يىل مابەينىدە ھەر جايدىكى سىنىپداشلار بىلەن ئۇچراشساق لوپنور ئەسلىمىلىرى سۆزلەندى…چۈنكى ئۇنىڭدا قۇرۇق،كىتابى نەرسىلەرنىڭ ئورنىغا رېئاللىققا تەلپۈنۈپ تۇرغان گۈلباھار سىتۇ دېنتلارنىڭ ھاياتى ئىزلىرى قالغان.شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخىدىكى بىر گوروتھ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاپاسى،رېئاللىقنىڭ رەھىمسىزلىكى،كېلىچەككە بولغان ئوت لۇق ئارمانلار،كۆز يېشى ۋە مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى لوپنوردا!

   كېيىنكى يىللاردا لوپنورغا نەچچە قېتىم بېرىپ،بۇ خىلۋەت ماكاننىڭ بارغانچە ئىپ تىدائىيلىقتىن ئۇزاقلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت سەپىرى نىڭ ئىلھامى بىلەن مەن ئەينى يىللاردا دۆڭقوتان قۇملۇقلىرىدىكى كەسلەنچۈك ئىزى دەك ئىمىر-چىمىر يېزىلغان«كۈندىلىك»ىمنى ئىختىيارسىز ۋاراقلاشقا باشلىدىم…

  بىز 1985-يىلى 5 –ئاينىڭ26-كۈنى يەنى پەيشەنبە بىر ئايلىق لوپنور خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى يىغىش دالا پىراكتىكىسىغا ئاتلانغان ئىدۇق.شۇ كۈنى كەچ سائەت يەتتەلەردە لوپنورغا يېتىپ كەلدۇق.بۇ ئازات مۇئەللىمنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتچانلىق يىللىرىنىڭ باشلىنىشى بولسا كېرەك،ئالدىدىن كېلىپ ھەممە ئىشلارنى ئورۇن لاشتۇرۇپ بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.بۇ ئىجتىھاتلىق ئۇستازنىڭ ئەمدىلا تۇرمۇش بوسۇغىسىدىن ئۆتكەن30ياشلار ئەتراپىدىكى يىگىتلىك دەۋرى بولۇپ،مېنىڭ ئازات مۇئەللىمنى بىلىشىم شۇنىڭدىن باشلانغان ئىدى.غۇنچە بوي،چوڭراق رېشاتكىلىق كۆزئەينەك تاقىغاندىكى ئويچان،تەلەپچان كۆزلىرى  ۋە ئەستايىدىل،سىلىق ھەرى كەتلىرى بىزدە ياخشى تەسىرات قالدۇرغانىدى.ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بازارنىڭ ئوتتۇ رىسىغىراق جايلاشقان خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشخانىسىدىكى تەشكىللىك كەچلىك تاماقتىن كېيىن،لوپنور ناھيەسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كونىراپ كەتكەن سۇپىلىق ياتاقلىرىغا جايلاشتۇق.گەرچە مەكتەبكە ئىككى قەۋەتلىك يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى سېلىنىۋاتقان بولسىمۇ،ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە ياشاۋاتقان بىزدەك ھەردەمخىيال ئوقۇغۇچىلارغا كۆز ئالدىمىزدىكى ھالەت بەكمۇ ۋەيرانە كۆرۈن مەكتە ئىدى.مەن يېزىدا ئۆسكەن،شۇڭا ئۆزەم تەلپۈنگەن لوپنور يېزىلىرىنىڭ تەڭقىس،يوچۇن ۋە جاپالىق ھاياتىغا دادىل يۈزلىنىشكە تەييارلاندىم.

  ئىككىنچى كۈنى لوپنور ناھىيەسىنىڭ ئورۇنباسار ھاكىمى مۇھەممەت ئەمەت بىزدىن ھال سوراپ يىغىن ئاچتى.ھاكىم دېھقان خارەكتېرى كۈچلۈك،ئوتتۇرا بوي ئەمما مىقتا ئادەم بولۇپ،ئۇنىڭ لوپنورنى تۇنۇشتۇرغاندىكى نۇتۇقى قىسقا ۋە دادىل جاراڭلايتتى:

  لوپنور تارىم دەرياسى بىلەن كۆنچى دەرياسىنى ھاياتلىق ماكانى قىلغان ۋە لوپنور كۆلى بىلەن مەشھۇر بولغان قەدىمقى جاي! ئۇنىڭ ئاھالىسى70 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ يېرىمىدىن ئازراق.يەر مەيدانى60 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر.تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ 117 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.جەنۇبى قىسمى تەكلىماكان قوملۇقىنى ئارىلاپ،چەرچەن،چاقىلىق ناھيەلىرىگە؛شەرقى شىمالى تەڭرىتاغ ئېتىكىگە، غەرىبى تەرىپى بۈگۈر،كۇچار ناھيەلىرىگە؛شىمالى چېتى كورلا شەھەرى بىلەن تۇتىشىدۇ.

لوپنوردا تارىم،شىڭ پىڭ،ئىتتىپاق،ئاقسوپى،دۆڭقوتان ۋە قارچۇغىدىن ئىبارەت ئالتە يېزا بار.مىللىتىمىزنىڭ مەنەۋىي بايلىقلىرى لوپنور كۆلىدەك يوقىلىپ كېتىۋاتقان، مەدەنىيەتنىڭ شاھىدلىرى بولغان بوۋاي-مومايلار ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ناھى يەمىزگە كەلگەنلىكىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.سىلەر ئارقىلىق بىزدە لوپنورنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن ئۈمىد پەيدا بولدى،-دەپ سۆزىنى ئاخىر لاشتۇردى مۇھەممەت ئەمەت.

   ھاكىمنىڭ بىزنىڭ لوپنوردىكى پائالىيەتلىرىمىزگە ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈدى غانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزلىرى ساۋاقداشلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.

  بىز چۈشتىن كېيىن شىمالدىن-جەنۇپقا سوزۇلغان چاققانغىنە لوپنور بازىرىنى ئاي لاندۇق.سەل«غەلىتە»كېيىنگەن،تېخى بەزىلىرى يوغان قارا كۆزئەينەك تاقاشقان بىر سىنىپ قىز- ئوغۇل ئاپتاپلىق قاقاس دالاغا ئۇچۇپ كەلگەن بىر توپ رەڭدار قۇشلار دەك بىردىنلا لوپنور بازىرىنى ئالا-چەكمەن قىلىۋەتتۇق.بەزى كىشىلەر قوللىرىنى ئۇ زۇن سوزۇپ،بېگىز بارماقلىرى بىلەن:«بۇلار ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئارتىسلار ئىكەن» دېيىشسە،يەنە بەزىلىرى«ئۇنداق ئەمەسكەن،توپچىلاركەن»دېيىشەتتى.تېزلىكتە كېتىۋاتقانلار ۋېلىسىپىتلىرىدىن چۈشۈپ،بىزگە قىزىققىنىچە بىرھازا قاراپ كېتىشەتتى.

   3-كۈنى ئەتتىگەندە بىز تارىم،شىڭ پىڭ ۋە دۆڭقوتاندىن ئىبارەت ئۈچ گورۇپپىغا بۆلۈنۈپ يەنە يولغا ئاتلاندۇق.«ئۇنىڭ بىلەن بىرگورۇپپا بۇلاتتىم،بۇنىڭ بىلەن بولمايتتىم» دېگەندەك بىزگە خاس ئىللەتلەر،كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن بىرگە بۇلال مىغاندىكى ياشلىققا خاس سۈكۈت-ئەلەملەر ۋە ھەتتا ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاشلار ھازىرمۇ لوپنوردا ئۆتكەن بەختىيار سىتۇدېنتلىق يىللارنىڭ ئەسلىمىسى سۈپىتىدە كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇرماقتا.

  شۇنداق قىلىپ گورۇپپىمىز 5-ئاينىڭ27 –كۈنى چۈشتىن كېيىن لوپنور بازار ئىچىدىن30 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دۆڭقوتانغا قاراپ يولغا چىقتۇق.بۇ يېزا ناھىيە بازىرىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ،ئەسلى كونا لوپنورنىڭ ئورنى دۆڭقوتاندا بولسا كېرەك،ئۇنىڭدىكى بەزى ئىزلار بۇ جاينىڭ تارىخي قەدىمجايلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.بىز دۆڭقوتانغا كەلگۈچە ئۆگەن دەرياسىنى ۋە شورلۇق ئۆرلەپ تۇرغان كەڭ توغراقلىق دالانى كېسىپ ئۆتتۇق.ئەتراپنى زەي پىچانلىق قاپلىغان ئوڭغۇل-دوڭغۇل يول گويا ئىچكىرى تەكلىماكانغىچە سوزۇلىدىغاندەك قىلاتتى.مەن ماڭغانسېرى چۆللۈكنىڭ بىر چېتىنىڭ ئاسمانغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى،نەپەس ۋە تەنلى رىمنىڭ ئاستا- ئاستا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم.

   بىز تەخمىنەن بىر سائەتلەردىن كېيىن دۆڭقوتان يېزا مەركىزىگە يېتىپ كېلىپ، كونا دادۈينىڭ ئورنى بولسا كېرەك، شاخ-شۇمبا بىلەن يېپىلغان ۋە ئاستى-ئۈستى بۇلۇڭلىرىغا ياۋا شىۋاق ئۆسۈپ كەتكەن پاكار ۋە زەي ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇق.سىرتتىن قارىسا ھازىرلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك قىلىپ،قىڭغىيىپ قالغان بۇ ئەسكى ئۆيلەرگە ئازراق تازىلىق ۋە تۈزەشتۈرۈشتىن كېيىن ئىنساننىڭ ھىدى ۋە قىزلارنىڭ مېھرى بىلەن سىن قوشۇلدى شۇنداقتىمۇ قوڭغۇز،ئۆمۈچۈك ۋە پاشا قاتارلىقلار بىزنىڭ ئۆڭمەس، ئوماق ۋە دائىمى ھەمرالىرىمىز سۈپىتىدە ئۇلار بىلەن باشتىن-ئاخىر بىرگە ياشىدۇق. پات-پات قىزلارنىڭ ۋاقىرىغان ۋە يىغلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى…

  دۆڭقوتان لوپنورنىڭ ئەڭ چوڭ يېزىسى بولۇپ مىرسالى(‹مىرزا سالى›دېگەن ئىسىمدىن كەلگەن)،تاتلىق،دۆڭمەھەللە ۋە خورجا چارۋىچىلىق مەيدانى قاتارلىق جايلىرى بار.بۇ جاي يەر شارائىتىغا يارىشا چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان.شۇڭا يېزىلاردا تۇتاش ئۆيلەر يوق،يېزا مەركىزى ئەتراپىدىكى كېچىك كۆجۈم دائىرىنى ھېساپلىمىغاندا،قوم دۆڭلىرىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان ۋادەك ۋە توغراق تاللىرىدىن توقۇلغان پاكار قاشا ئۆيلەر كەڭ دالاغا تەكشىسىز تارقالغان.يىراقتىن قارىساڭ قوغۇن چىنىڭ سۆرىسىگە ياكى ئۇرۇشتا ئۆلگەن جەڭچىلەرنىڭ تۇغ دۆۋىلىرىگە ئوخشايدىغان بۇ ساتما ئۆيلەر  ئاپتاپتا بوزۇرۇپ ۋە شامالدا يەلپۈنۈپ كۆرۈنىدۇ. بەزى ئۆيلەرنىڭ ئىچى يامان ئەمەس بېزەلگەن بولسىمۇ،تورۇستىكى يۇچۇقلاردىن قۇياش  نۇرى يىڭ نىنىڭ كۆزىدەك ياكى پىچاقنىڭ بىسىدەك قىيغىتىپ چۈشىدۇ،شامال چىقسا ئۆيلەر يەڭگىل تەۋرەپ،پۈتۈن دالا يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان دەريا شاۋقۇنىدەك گۈكىرەيدۇ. جەنۇبى مىرەن قەدىمقى شەھەرى بىلەن تۇتىشىپ كېتىدىغان دۆڭقوتان-قارچۇغا دالاسى چۆل،ئورمانلىق ۋە   سۇلۇق يايلاق  بىرلىشىپ كەتكەن چەكسىز باغرىكەڭ زېمىن بولۇپ، بۇ يەر دۇنياغا مەشھۇر لوپنور كەندىرى،زەھەرلىك ئوت،قۇمۇش، كۆكيانتاق،كۆرۈك قاتارلىق بولۇق چۆل ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلانغان.بولۇپمۇ تاڭ شەپىقىدەك تاۋلانغان پوتا (2)بىلەن باغجانلاپ ئۆسكەن سۇلۇق ياش توغراق بۇ يەرنىڭ سېھرى كۈچى ۋە خاسىيىتىنى،چۆلنىڭ قۇدرىتىنى،جەزىرە كىشىلىرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى،ئۇلارنىڭ مۇزەككەر-مۇئەننەس قۇۋۋەت ھەم ئىنتىلىشىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.يىراقتىن قارىساڭ پاقىراپ كۆرۈنىدىغان سۇلۇق دالادىكى كونا توغراقلار قالپاق كىيىپ سال ئۈستىدە كېتىۋاتقان ئۆردەكباينى ئەسلىتىدۇ.دۆڭقوتاننىڭ قۇياشى يۈرىكىڭنى تومۇرلىرىڭدا سوقتۇرۇپ، گويا ئاخىرقى قېتىم كۆيۈپ تۈگەيدىغاندەك يالقۇنلۇق،كېچىدىكى ئېيى ئالەمدە تەڭدېشى يوق گۈزەل،يولۇڭغا قارىغان قىزدەك تو لۇنلاپ تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ…

لوپنور ياكى دۆڭقوتان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە مەدەنىيەت ۋە قاتناشتا بې كىك يەر بولسىمۇ ئادەملىرى ياتسىرىمايدۇ،ھەۋىسى كۈچلۈك،قۇلى ئۇچۇق ۋە ساددا، ھويلا-ئىشىكلىرى تاقالمايدىغان ھەم ئۆتنە-يېرىم قايتۇرۇلمايدىغان يەر. ياتىقىمىز نىڭ ئارقىسى يەنى شىمال تەرىپىدىن200 مېتىر يىراقلىقتا ھەممە تەرىپىدىن كىرگىلى بولىدىغان چۇلاق تاملىق يېزا بازىرى بار،ئالدىدىكى جەنۇپ تەرىپى سۈيى كېچە- كۈندۈز چۇرۇقلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان يىپتەك تۈز  ئۆستەڭ! مانا بۇ 12نەپەر ساۋاقداش كۈنۈم-كۈنۈم قامۇش ئۇجىلاسىدەك(3) چېچىلىپ ۋە ئارىلاپ يۈرۈيدىغان دۆڭقوتان سەھراسى ۋە پىراكتىكا ئىزلىرىمىز قالغان دىيارنىڭ گىرىمسەن سۈرىتى…

    -ياشلار باھارنىڭ گۈللىرى،گۈل ئېچىلمىسا باھارنىڭ خاسىيىتى ۋە يازنىڭ بەرىكى تى بولمىغاندەك،ياشلىقسىز ئۆمۈرنىڭ زىننىتى يوق.ياشلارنىڭ قەددى قىرچىندەك(4) تۈز،ئالمىدەك قىزىل بولسىمۇ،لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سېنىڭمۇ يۈزۈڭنى جاڭگال بېسىپ، بېلىڭ دوڭغاق توغراقتەك پۈكلىنىدۇ.شۇڭا ياشلار قېرىلارنى دوراپ،مەسخىرە قىلماسلىقى كېرەك.چوڭلارمۇ بالىلارنىڭ يۈرۈش-كىيىنىشلىرىگە قاراپ ئۇلارنى بىھۇدە ئەيىپلىمەڭلار،چۈنكى بىزنىڭمۇ ياشلىقىمىز بولغان.يەنە بىرى، ھازىر يۇرتىمىزدا قىز- ئاياللارغا ئالا-باغىرلىق(5)،گۇپا(6)قىلماسلىق ئەھۋاللىرى بار.ئۇلارنى ئىنەڭلار(7)دەك ھۆر مەتلەڭلار،چۈنكى ھەممىمىز بىر ئانىدىن تۇغۇلغان،-مانا بۇ تۆنۈگۈنكى مىرسالى يېزى سىدىكى روزا ھېيىت نامىزىدا قۇملۇق دۆڭنىڭ ئۈستىگە يەرلىك ئۆيدەك سېلىنغان مەسجىدنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ،ئانچە كۆپ بولمىغان نامازخانلارغا قىلىنغان سەۋىيى لىك تەبلىغ-ناسات(8)نىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى.

بىز ھازىر ئەنە شۇ ياسىن ئاسىم ئىسىملىك ئىگىز،ئۇستىخانلىق؛ياشلىقىدا كۈچتۈڭ گۈرلىكى چىقىپلا تۇرىدىغان،ئۇزۇن-ئىنچىكە بۇرۇتلۇق،سەل ياپما قاپاقراق ئەمما سىلىق-سىپايە، 60ياشلىق يۇرت مۆتىۋىرىنىڭ ئۆيىدە ھېيىتلىغاچ ئۇنىڭ ئېغىزىنى كوچىلاپ ئولتۇرۇپتۇق.

-بالىلىرىم،لوپنور كۆنچى دەرياسى قىرغىقىدىكى ناھىيە بولغىنى ئۈچۈن بۇرۇن« كۆنچى ناھيەسى»،ئېغىز تىلىدا «لوپ»دەپمۇ ئاتالغان.ئوجۇللۇقلار-لوپنور خەلقى نىڭ ئەجداتلىرى بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى كىروراندا ياشىغان قەدىمقى تارىم لىقلار ئىدى.لوپنور شېۋىسىدە«تارىم»دەريا دېگەنلىك بولۇپ،بۇ ئانا دەريانىڭ كىرۇ راندا كۆپ قېتىم ئېقىن ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى لوپنورنىڭ ئورنى ۋە تەۋەلىكىنى مۇقىمسىز قىلغان.بۈگۈنكى دۆڭقوتان كونا لوپنورنىڭ بىر قىسىمى ئىدى.دۆڭقوتاندا قاراقو شۇنلار،«جوداق»لار دەپ ئاتالغان يۇلتۇز مۇڭغۇللىرى،ئالتە شەھەردىن چىققان قېرىنداش-يانلار، قىرغىزلار ۋە  بىزدەك سارتلار بار ،سۆز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆي گە ھېيىتلاپ ئىككى كىشى كىرىپ كەلدى،-مانا بۇ قۇلىقى قىزىپ كەتكەن ئۇزۇن قۇلاقلارنىڭ بىرىسى،ئاۋۇ بوۋاي-دەپ كۆز ئىشارىسىدە كۆرسەتتى-ياقۇپ داموللا، قىرغىز؛يەنە بىرىسى بولسا قالماق، قاسىم ھەيدەر؛يوغان گەۋدىسى بىلەن،گۆشلۈك يۈزلىرىدىن كۆرىۋالساڭلار بولىدۇ،لېكىن بىز ھازىر ھەممىمىز ئۇيغۇرلىشىپ ياشايمىز، -دەپ ھەممىمىزنى كۈلدۈردى ياسىن ئاكا.مىھمانلار تۆرگە جايلاشقاندىن كېيىن ئارى مىزدىن بىرىسى:

  ـ ياسىن ئاكا،ئەمدى ئۆزىڭىز ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز،-دېدى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ.ھەممىمىز خۇددى دېپلوماتنىڭ ئالدىدىكى مۇخبىرلاردەك قەلىمىمىزنى خىتتىرلىتىپ خاتىرىلەشكە باشلىدۇق.ياسىن ئاسىم 1920–يىللىرى دۆڭقوتاندا تۇغۇلۇپ،1937-يىلى ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ.شېڭ شىسەي نىڭ شۇ يىللاردىكى قىرغىنچىلىقىدا قارا شەھەردە تۇرغۇن ئالماس بىلەن بىر تۈرمىدە يېتىپتۇ. كېيىن ل.مۇتەللىپ ۋە ئىبراھىم تۇردىلار بىلەن تۇنۇشۇپتۇ.1960-يىللاردا چاقىلىق ناھيەسىگە ھاكىم بولۇپتۇ.ھازىر ناھىيەدە بىرقانچە ۋەزىپىسى بار چوڭ ئاقساقال…

  -لېكىن،-دەپ سۆز تېمىسىنى يۆتكەپ،ئاھاڭىغا ئۇرغۇ بېرىپ،جىددىراق تۈستە گېپىنى داۋاملاشتۇردى ياسىن ئاكا،-1945-يىللىق«شىنجڭ ئىنىستىتوتى»دا بىرگە بىلىم ئاشۇرغان ساۋاقدىشىم،سىلەرنىڭ مەكتىپىڭلارنىڭ تىل-پاكۇلتېتىدىكى ھۆر مەتلىك پىرافېسسور ت. ئەخمەت بىلەن1985-يىلىدىكى لوپنوردا ئۇچرىشىشىمىز ۋە ئارىمىزدا بولغان گۇپاسىزلىق مېنى ئۈمۈتسىزلەندۈردى.ئەمدى بۇ پىشقەدەم زات نۇتى قى ئارقىلىق بىزگە دارىتمىلايدىغاندەك قىلاتتى.گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ھېيىت چىلارنىڭ كىرىپ-چىقىشلىرى بىلەن سۆھبىتىمىز ئۈزۈلدى.بىر ھازا جىمجىتلىقتىن كېيىن خۇرساندۇق.بىز قىزغىن سۆھبەت بىلەن ۋاقىتنىڭ پىشىن بولغانلىقىنىمۇ سەزمىگەنىدۇق.ساھىپخانىغا كۆپ رەھمەتلەر ئېيتىپ،ياسىن ئاكا خانىدانى بىلەن خوشلاشتۇق.

خېلى كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن مەن بۇ كىشىنىڭ كەيپى چاغ پۇرسەتنى تېپىپ ھېلىقى ھېكايىنىڭ داۋامىنى چۈشۈردۈم.

   ئەسلى ياسىن ئاكا 1970 –يىللاردىن باشلاپ لوپنور دېئالىكىتى،تارىخى،تەزكىرى سى ۋە بەزى ئەسلىمىلىرىنى قوشۇپ بىر كىتاب يېزىپتۇ.كۆرۈشمىگىلى يېرىم ئەسىرچە بولغان ساۋاقداش دوستى،تىلشۇناس ت.ئەخمەتنىڭ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا تىل  تەكشۈرۈش مەقسىتىدە لوپنوردا پەيدا بولۇشى ئۇنى قەۋەتلا خوشال قىلىۋېتىپتۇ. ساۋاقداش دوستى ياسىن ئاسىمدا ياخشى ماتېرىيالنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ،كۆرۈپ بېقىش شەرتى بىلەن ئېلىپتۇ، ئەمما ئارىلىقتا ئۆزىمۇ-كىتابمۇ يوقىلىپتۇ.بۇ ئىش ياسىن ئاكىغا بەكمۇ ھار كېلىپ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژورنىلى»ۋە ئەينى چاغدىكى سابىق مۇدىر ھاكىم جاپپارلارغىچە ئىنكاس قىلىپتۇ…بولۇپمۇ ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىدىكى«ئوغلۇم تۇرسۇن،قېنى،ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ، ساۋاقداشلىق مېھرى،زامانىۋىي ئاۋات شەھەر بىلەن لوپنوردەك چەت سەھرالاردا ياشاش پەقەت بىر قىسمەت!ئۈرۈمچىدەك مەدەنىيەتلىك چوڭ شەھەردە قەدەمدە بىر ئەخلەت لەر ئۇچۇپ يۈرگەندەك،دۆڭقوتان چۆللۈكلىرىدە يولۋاسلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتماسلىق لازىم» دېگەن ئاچچىق،مەسخىرە ۋە نەسىھەت ئارىلاشقان گەپلىرى مەندە ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇردى.جەمىئيەت تەكشۈرۈش جەريانىدا مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەت لەر ھەققىدە ئالغان بۇ يېڭى ھاسىلاتىم ئارقىلىق مەن ئۇنى داۋامللىق ئەسلەپ تۇردۇم.ئۇ ئارىلىقتا گورۇپپىمىزدىكى باشقا ساۋاقداشلارغا نۇرغۇن چۆچەك ۋە قوشاق لارنى ئېيتىپ بەرگەن،بىزنى زىيارەت ئۇبېيكتلىرى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ،لېكىن مەن بۇ زەنىلىك(9) كىشىنى قايتا ئىزدەشكە پېتىنالمىدىم.بۇ چۆلدىكى توغراقتەك قەيسەر كىشىنىڭ«ئۈرۈمچىدىكى ئەخلەتلەر بىلەن دۆڭقوتان جاڭگىلىدىكى يولۋاس لار»ھەققىدىكى چۇڭقۇر سېلىشتۇرمىلىق سۆزلىرى 20نەچچە يىلدىن بېرى تېنىمنى شۈركەندۈرۈپ ۋە قۇلاق تۈۋىمدە ئۈزلۈكسىز جاراڭلاپ،مېنى كىشىلىكتىكى چىنلىق ھەم ساختىلىق ئۈستىدە ئويلاندۇرۇپ كەلدى.

بۇ يىلقى روزا ھېيىتنىڭ پىراكتىكىنىڭ باشلىنىشىغا توغرا كېلىشى بىزنى سەل ئالدى رىتىپ قويغانىدى،شۇڭا نامازغا قاتنىشىپ ئالدى بىلەن دۆڭقوتان خەلقىگە سالام بې رىش،ئۇلار بىلەن تۇنۇشۇش ۋە زىيارەت ئۇبېيكىتلىرىنى دىتلاش مەقسىتىگە يەتتۇق.

نامازدىن كېيىن ئىككى،ئۈچىمىز بىر گورۇپپا بولۇپ،دۆڭقوتانغا پاشىدەك چېچىل دۇق،مەن نامازدا ئىمامەتچىلىك قىلغان ئۆلىما ياقۇپ ئاكىنى نۇقتۇلۇق تەكشۈرۈش نىشانى قىلىپ تاللىدىم.داموللا 65ياشلاردىكى ئۆچكە ساقال،كۆزلىرى قىسىق،يۈز لىرى قوغۇن ئۇرۇقىدەك ئۇزۇنچاق،شىراق ئادەم بولۇپ،گەپ قىلغاندىكى پەس،يۇم شاق ئاۋازى ۋە سەل كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان بوز چىرايى ئۇنىڭ بەكمۇ ھالال ۋە مۆمىن ئىنسانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئامان-ئېسەن تۇردىلىمۇ؟-سالام بىلەن كىردىم بىر كۈنى دا موللىنىڭ يېزىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ھويلىسىغا.بۇ ئىگىز ئاش ۋاقتى كەملىرى بولۇپ،بوۋاي ھويلا-ئارام ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىكەن.مەن كېلىش مەقسىتىم،ياقۇپ ئاكىنىڭ تىرىكچىلىكى ۋە بالىلىرى ھەققىدە سورىدىم.بىز خېلى ۋاقىتقىچە ئۇيەر بۇ يەردىن ئازادە پاراڭلاشتۇق.

-موللام،ھېيىت نامىزىدا «خەتمە قۇرئان»قىلدىلا،سىلى دىنى ئىلىمنى قەيەردىن ئۆ گەنگەن،نامازغا كەلگەن ئادەم ئازغۇ؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن تەبىئىي ھالدا ئۆز مەقسىتىمگە قايتىپ.

-يانلار لوپنوردا ئاچقان دىنى مەكتەپلەردە ئوقۇدۇم.لوپنورغا ئىسلام كېيىن كەلگەن. شۇڭا بۇ يەردىكىلەر ئەرەپ تىلى ۋە سۈرىگە زادىلا ماسلىشالماي ئالتە شەھەردىن كەل گەن موللاملار ئۇلارغا سۈرىلەرنىڭ مەنىسى ئاساسىدا«ئۇيغۇرچە دۇئا»لارنى ئۈگەتكەن.

-«ئۇيغۇرچە دۇئا»دېگەن قانداق گەپ؟،داموللامنىڭ ئېغىزىدىن بۇ سۆز تاساددىبىلا چىقىپ كەتكەنمۇ قانداق؟- دەپ ھەيرەتلىنىپ تۇراتتىم،بوۋاي مەن سىزگە ئۇلار نىڭ ئۆلۈم ئۇزىتىش دۇئاسىنى ئېيتىپ بېرەي دەپ ئوقۇپلا كەتتى:

ئاغىزىڭغا بەردىم كەلىمەئىي شاھادەت،

بۇرۇنۇڭغا بەردىم نۇشئىي تاھارەت،

قۇلاقىڭغا بەردىم سەلئەتى قامەت،

بۇنىڭ ئارقىسى قاندى دۇرۇۋە،

ئۇنىڭ ئارقىسى مۇقادۇرۇۋە،

ئەسلى بىزمۇ بارايلى دېۋىدۇق،

ئۈزەڭ يالغۇز كېتىپ قالدىڭ،

بىز بارغۇچە خۇدايىمغا ئامانەت!

ياخشى يولغا كىرگەن،يامان يولغا كىرمىگەن،

ئازازۇل بىر كىشى بەلكى مىڭ كىشى،

 چىڭ تۇر، بەك تۇر،

 ئاغام-دوغام،ئاغام- دوغام!

تەييارلىقسىزلىقىم ۋە ئۇشتۇمتۇتلۇق ھېس قىلغانلىقىم ئۈچۈن تېخى لوپنور شىۋىسىمۇ ئارىلاشقان بۇ تېكىستلەرنىڭ بىر قىسىمىنى ئاران دېگەندە ئاققا چۈشۈرەلىدىم.قوشاق ئۆلۈم ئۇزىتىش مۇراسىمىگە بېغىشلانغان بولۇپ،ئۇنىڭدا ۋاپات بولغۇچىغا قىيالماسلىق ھىسسىياتى ۋە ئۆلۈمنى مەنسىتمەسلىك تۇيغۇسى تىراكومىك كەيپىياتتا ئىپادىلەنگەن. بۇ نېمە  دېگەن قالتىس گەپ!«ئۇيغۇرچە دۇئا»دېسىلە،مەن ئىسلامغا «ئانا تىلى»دا ئېتىقاد قىلىش ھەققىدە تۈركىي دۇنيادىكى ئۇلۇغ جەدىتىزىمچى تاتارىستانلىق ئىس مايىل گاسپىرانىسكى،مۇسا جارۇللا؛مىللى ئويغىنىش دەۋرى ئۆزبېك ئەدەبىياتى دا نىشمەنلىرىدىن مەھمۇدخوجا بەھبۇدى،ئابدۇللا ئەۋلانى؛كاشىغەردىكى ئابدىقادىر دا موللا ھەتتا تۈركىيەدىكى بۈيۈك ئىسلاھاتچى،ئاتا تۈرك-مۇستاپا كاماللارنىڭمۇ سۆز- ھەرىكەتتە بولغانلىقىنى ئاڭلىمىغان.پەقەت 16-ئەسىردىكى گېرمانىيەلىك دىنى ئىسلىھاتچى مارتىن لوتېر دىنى دوگمىلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن«ئىنجىل»نى نېمىس چىگە تەرجىمە قىلىپ،«خىرىستىئان دىنى»غا«ئانا تىل»بىلەن يەنى گېرمانچە ئېتى قاد قىلىش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان.لوپنور جۇغراپىيەلىك ئايرىمىلىق سەۋەبىدىن تا 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە نە پەننىي نە دىنى ئىلىملەردە بولسۇن زادىلا ئاقار تىلمىغان،پەقەت قارا بۇدۇن ھالىتىدە قالغان.ئالتە شەھەردىن چىققان ئۆلىمالار بۇ ئىشنى ئامالسىزلىقتىن ئويلاپ تاپقان بولسىمۇ،لېكىن ئۇ بىر ھەقىقەتنىڭ نۇرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.چۈنكى قانۇنىيەت ۋە ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاددى ۋە ئۇلۇغ يەنە كېلىپ تاساددىبىلىق ئىچىدىكى ئالاھىدە شارائىتتا ئىجاد قىلىنغان.لوپنور خەل قى ئىسلامغا ئەڭ كېيىن كىرىپ ئۇيغۇچە ئېتىقادقا ھەممىدىن بۇرۇن ئادەتلەنگەن بول سىمۇ،لېكىن بۇ ئىش سىرتدا ھېچقانداق پىكىر-ئىنكاس قوزغىماي تۇنجۇقۇپ قالغان. دۇئا بىلەن شېئىر تىل تۇمار ۋە ئوخشاشلا ھېكمەتتۇر.جالالىددىن رۇمىنىڭ«مەن شې ئىر ۋە شائىرغا ئۆچ،پەقەت تەبلىغ قىلىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن گەپلىرىمنى شېئىر بىلەن يازدىم»دېگىنى شۇ بولسا كېرەك.بۇ ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇم بىر ئەللامە شائىر تەرىپىدىن ئەمەس،بەلكى تەكلىماكان خىلۋەتلىرىدىكى ياۋا گىياھتەك ئاددى بىر ئىنساننىڭ نۇتۇقىدا ئىجاد قىلىندى.

شۇنىڭدىن كېيىن«ئۇيغۇرچە دۇئا»دېگەن بۇ كەلىمە ياشلىقتا يۈرەككە چۈشكەن ئا شىقلىق چوغىدەك ۋۇجۇدۇمنى بۆلەكچىلا قىزىتىپ كەلدى.سۆز تەڭرىنىڭ ئىنسانغا ئىنئام قىلغان ئۇلۇغ نېممەتلىرىنىڭ بىرى.مەن بولسام ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاشۇ سۆزگە تىۋىنىپ ۋە ئۇنىڭ سېھىر تورىدا بەنتلىنىپ ياشاپ كەلدىم.

دۆڭقوتانغا يېڭىدىن كەلگىنىمىزدە كۈنلەر پالاستەك سۆرەلمە بولسا،ئەمدى قۇملانى توزغىتىپ ئۆتىدىغان قاناتلىق شاماللاردەك ئۇچماقتا ئىدى.ياتىقىمىز بىلەن داموللى نىڭ ئۆيى ئۈچ كىلومېتىر كېلەتتى.ئارىلىقتىكى يول قويۇق،قالايمىقان ۋە كىرىشىپ كەتكەن توغراق،جىگدە تاللىرى بىلەن قاپلانغان.يول بىلەن ئېرىق خۇددى ماتېماتى كىدىكى قوش يۆلىنىشلىك ئەگرى سىزىقتەك قەدەمدە كېسىشىپ تۇرىدىغان بۇ تار يولدا دەسلەپتە گۈزەل ۋە ساددا ساۋاقدىشىم تۇلپارئاي بىلەن بىرگە ماڭغان بولساق (دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەنلىكى ئۈچۈن كەتكەن)ئەمدى كېسەك ئۈنئالغۇنى كۆتۈرىۋېلىپ،شۇ يىللاردا مودا بولغان دىڭ لىجۈننىڭ ناخشىسىغا دۆڭ قويۇپ يالغۇز ماڭاتتىم.يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئارىلاپ-ئارىلاپ كېسەكلىك ۋە چېگىلىك ئۆيلەر، قۇمۇشلۇق چەللىلەر،قۇمساڭغۇ نەم يولدا ھارىۋا بېسىپ ئۆلگەن ئىلانلار ئۇچراپ تۇ راتتى.بۇنداق چاغلاردا يالغۇزلۇقتا قورقۇپ تېنىم شۈركىنىپ كېتەتتى.شۇنداق قىلىپ داموللىنىڭ قاچان ۋاقتى بولسا شۇندا بېرىپ دېگەندەك ھازىرغىچە«رۇستەمى داستان»نىڭ بىرقانچە بابىنى خاتىرلەپ بولدۇم.ياقۇپ ئاكىنىڭ مەزكۇر داستاننى بىلىشى لوپنوردا«شاھنامە»خانلىق مەجلىسلىرىنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ داستاننىڭ خەلق ۋارىيانتىمۇ،يازما نۇسخىسىمۇ،ئەگەر شۇنداق بولسا كىتاب يوقالغانمۇ ياكى موللام كۆرسىتىشنى خالىمىدىمۇ بۇ سۇئاللار نائېنىق پېتىچە قېلىۋەردى.مەن كېيىن داموللىنىڭ ھېكايە شەكلىدە ئېيىتقانلىقىغا قاراپ،بۇنىڭ ئۇلۇغ پىردەۋسىنىڭ18- ئەسىر مۇئەللىپلىرىدىن شاھ موللا ھىجرانىي«شاھنامەئىي تۈركىي»نامىدا ئۇيغۇرچى لەشتۈرگەن نەزمىي ۋارىيانتىدىن ئۇقۇلغانلىقىنى سەزدىم.

  جۈمەگە بېرىش،توي ۋە ئۆلۈم،ئېتىز ۋە چارۋا ئىشلىرى،ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى ۋە قوينىڭ مەرىشىدەك ئىشلار سۆھبىتىمىزنى ئاقسىتاتتى.يەنە كېلىپ داموللىنىڭ ياشى نىپ قالغانلىقى ۋە خېلىدىن بېرى ۋائىزلىق قىلمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك ھېكايە ئاس تا ئېيتىلاتتى.شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن رۇستەم،تەھمىنە، سوھراپ،سىياۋۇش، فەرەنگىس ۋە بەرزۇ قاتارلىق يۇرۇقلۇق كۈچلىرى؛يوۋاس،دىۋە، جىن، شىر،ئەجدەر ھا،لەھەڭ ۋە ئەپراسىياپ(پىردەۋسى ئىران مەۋقەسىدە تۇرۇپ بىزنىڭ قەھرىمان ئەج دادىمىزنى دۈشمەن قىلىپ كۆرسەتكەن)تەك سەلبى قەھرىمانلار؛گۈرزە،كامان،كە مەند، نەيزە،قىلىچ،قالغان،ساۋۇت،دۇبۇلغا،سالما ۋە پالاخمان كەبى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇرۇش قورالى ئاتالغۇلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى.بۇ ئۇنىڭ غوجما(10) زەنىلىكلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.

  پىراكتىكىمىزغا ئۈچ ھەپتىلەر بولغاندا كېلىشكىنىمىز بويىچە داموللامنىڭ ئۆيىگە يەنە كەلدىم.پاكار شورا تاملىرى ئۆرۈلگەن باغ،قۇلۇپسىز ھويلا،ئىشىكلىرى ئۇچۇق ئۆيلەر..

     خوشنا ئەسكى تاملىقتا ئاپتاپ يەۋاتقان كىلەدەك يالىڭاچ ئوينىۋاتقان ئىككى بالىنى ھېساپقا ئالمىغاندا،ئەتراپتا ھېچكىم يوق…باغنىڭ چېكىسىگە بېرىپ چەكسىز جەزى رىگە كۆزۈم تالغۇچە قارىدىم. يەر بىلەن ئاسمان خۇددى دۈم كۆمتۈرۈلگەندەك ئېنىق سىزلىقتا،تەبىئەتتە جىمجىتلىقنىڭ سىمفونىيەسى ياڭرىماقتا.بەزىدە خۇددى يېرىم يالىڭاچ چۆل ئادىمى كاپلا قىلىپ تۇتۇپ كېتىدىغاندىكىدەك قورقۇنۇچ باساتتى.ئۆزەم نى باغدىكى ئۈجمە ۋە ئۆرۈككە زورلاپ دېگەندەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۈم.كۈن چاشكا بول غاندا  ياقۇپ ئاكا ئايالى بىلەن كىرىپ كېلىشتى.ئۇلار دالاغا كەتكەن ئىكەن،كۆرۈش تۇق،بوۋاي ئىسسىقتا چاڭقاپ، قورۇلۇپ كېتىپتۇ.بىز كۆڭلىمىزدىكى ئادەملەرگە ھامان بەخىتتىن تەخت تىلەيمىز،ئەمما ھالاۋەت ۋە ئارام جاپانى شەرت قىلغان.زادىلا ئويلى مىغان ئىدىم،بوۋاي ئازغىنە ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بىر قاچا ئىسسىق ئاش كۆتۈرۈپ كىردى ،ھور چىقىپ تۇرغان،ئاددى ئۈگرە،غورا سالغان،شۇنداق تېتىدىكى،ئاپام رەھمەت لىكنىڭ كىچىكىمدە تۈگمەندە ئېتىپ تىلىمدا قالغان خولۇپ ئېشىدەك مېھىرلىك،لەز زەتلىك ۋە تاتلىق! داموللام پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ جاينامازدىلا بىر-ئىككى«خورەك» تارتىۋالدى،بەكمۇ خىجىل بولدۇم،يەنە خاتىرلەشكە باشلىدۇق.بۈگۈن ئۇ«سوھرابنىڭ رۇستەم قولىدا ھالەك بولۇشى»دېگەن بابنى سۆزلىدى:

…رۇستەم تولپارىنى ئىزلەۋېرىپ تۇراننىڭ ئىران بىلەن چېگىرالىنىدىغان ئورمانلى قىدا ئەپراسىياپنىڭ بەگلىرىدىن-تەھەتەنىڭ ئوۋغا چىققان گۈزەل مەلىكىسى تەھمىنە بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.قىز گەرچە دۈشمەن بولسىمۇ رۇستەمنىڭ قەھرىمانلىقىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن بېرى ئاشىق بولۇپ يۈرەردى.رۇستەمى داستاندىن رۇس تەمدەك ئوغۇل تۇغۇشنى ئارزۇ قىلاتتى.باتۇر گۈزەل مەھۋەش بىلەن قوۋۇشۇپ،ئۇنى مۇرادىغا يەتكۈزدى.رۇستەم تەھمىنەگە«ئەگەر بالىمىز قىز بولسا چېچىغا،ئوغۇل بولسا بىلىكىگە»تاقاپ قوي، دەپ قۇت بەلگىسىنى بېرىپ سېيىستانغا كېتىپ قالدى… شۇ زامانلاردا ئىران بىلەن تۇران ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك كۈچەيدى،قاپلاندەك ئۆسۈپ يېتىلگەن سوھراپ دىلاۋەر تۇلپار نەسلىدىن بولغان ئۇچار قۇلاننى تاللىدى،بەستى تاغدەك ئىدى.نەچچە-نەچچە نۇسرەتلىك جەڭلەردىن كېيىن رۇستەم بىلەن روبۇرو كەلدى.سوراپ دەسلەپتە رۇستەمدىن قورققاندەك قىلسىمۇ،ئەمدى تەقدىرگە تەن بەرمەي بولمايتتى.ئۇلار دەسلەپتە قىسقا نەيزە،ئاندىن قىلىچ چېپىشتى.ئارىدىن ئۇچقۇن چاچراپ تۇراتتى.كېيىن گۈرزىلەر ئېتىشتى،ساۋۇتلار يىرتىلىپ،قالقانلار تى تىلدى.كامان تارتىشتى،ئاتلار ھالسىزلاندى.قېرى جەڭچى بىلەن باتۇر نەۋقىران ئوتتۇ رىسىدا شۇنچىلىك قاتتىق ئۇرۇش بولدىكى زامان ئاخىرلىشىپ،مەشھەر كۈنى كەلىدى غاندەك ئىدى.رۇستەم كۆڭلىدە«بۇنداق ياش لەھەڭنى ئۆمرۈمدە كۆرمىگەنتىم»دەپ ئويلىدى.يىرتقۇچ شىرلار بىر ھازا ئېلىشقاندىن كېيىن سوھراپ بىر نەرە تارتىپ،رۇس تەمنى شۇنداق ئېلىپ ئۇردىكى،قارا يەرگە دەز كەتكەندەك بولدى.بىراق رۇستەم «مەرتلەر تۇنجى قېتىمدا ئۆلتۈرمەس»دېگدن ھىيلە بىلەن قۇتۇلۇپ قالدى. ئەمە لىيەتتە ئۇ ئۇستىىخېنى قاتمىغان ياش باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئانىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ قەستەن يىڭىلىپ بەرگەنىدى. ئىككىنچى كۈنلۈك ئېلىشىشقا،ئىككى تەرەپتىن لەكمىڭ قوشۇن قاتناشتى،گويا ئىككى ئۇلۇغ دەريا سۈيى قوشۇلغاندەك بولدى.رۇستەم يەنىلا شۆۋكەت لىك،سۆلەتلىك،قامەتلىك كۆرۈنەتتى.سوھرەپ بولسا«شىر ئالىقىنىمدىن ئەمدى قان داق قۇتۇلارسەنكىن»دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئىككى تاغ يۈرەك دىلاۋەر ئارىسىدا شۇنچىلىك قاتتىق جەڭ بولۇپ،ئەتراپتىن قىقاس-چوقان كۆتۈرۈلدىكى،بۇ ئەھۋالدىن دۈشمەننىڭمۇ كۆزى ياشلانماقتا ئىدى. نەزمە:

قىنىدىن تېز چىقىرىپ مىسلى ئەجدىھار،

ئاتا ئۇردى ئوغۇل كۆكسىگە خەنجەر.

كىمكى تىغ كۆتەرسە خەقنىڭ جېنىغا،

زامان تەشنا بولۇر ئۇنىڭ قېنىغا…

ئاتام بىلسە تۇپراق مېنىڭ ياستۇقۇم،

خۇنۇم ئىزلەپ كېلەر،كۆتۈرۈپ تۇغۇم…

ئېچىپ ساۋۇت كۆردى رۇستەم بىچارە،

ئۆز كىيىملىرىن ھەم ئەيلىدى پارە.

داد سالدى:«ئاھ ئوغلۇم،جانۇ جاھانىم،

دەستىمدىن ئۆلدۈڭمۇ،باتۇر پالۋانىم!»

……

تۇران گۈزىلى تەھمىنە ئېرى رۇستەمنىڭ نەسىھىتى بويىچە سوھراپنىڭ بىلىكىگە قۇت بەلگىسى سېلىپ قويغانىدى.ئۆز ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان رۇستەم يۈزلىرىنى تى لىپ،تۇپراق چېچىپ يىغلىدى.«ئەمدى تۇران بىلەن جەڭ قىلمايمەن»دەپ ھۇشسىز لىنىپ يىقىلدى…

   بۇلارنى سۆزلىگەندە داموللىنىڭ يىغىق كۆزلىرى پاقىراپ،نەپەسلىرى سەل تىزلەش تى،بىر تۇتام ساقىلى يەڭگىل يەلپۈندى.ئۇ ھاياجانلانغاندى.ئۇ شاغات شۇمنىڭ ئات لىق رۇستەمنى نەيزە،خەنجەر قادالغان چاھقا ھىيلە بىلەن چۈشۈرىپ،ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئاخىرقى بابنىمۇ يېقىن ئادىمى بىلەن خوشلاشقاندىكىدەك پەرىشان بىر كەيپىياتتا سۆزلەپ تۈگەتىپ،نامازغا تۇرغاندەك جىمىپ قالدى…

  مەن ئارىلىقتىكى بوش ۋاقىتلاردا داستاننىڭ ئۈنئالغۇ ۋە خاتىرەمدىكى نۇسخىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ رەتلەپ تۇردۇم.كېيىنكى جۈمە كۈنى قاسىم ھەيدەر ئاكىنىڭ ئۆيىدە پاراڭلىشىپ،ئەمدى ياتىقىمغا چىقىپ ئولتۇرسام بىرىسى بازاردا ياقۇپ داموللىنىڭ چاقىرى ۋاتقانلىقىنى ئېەتتى.بوۋايدىن ئۆزەمدە خۇشاللىق تۇيغۇسى سېزىپ،ياتىقىمىزغا يېقىن يېزا بازىرىغا چىقسام موللام بىرىسى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپتۇ.مەن ئۇلارنى دۆڭقو تاننىڭ ئەرزان،سۇغاق،قايماقلىق قېتىقى بىلەن مىھمان قىلدىم.دۇئادىن كېيىن ياقۇپ ئاكا ماڭا:

-بۇ قوشاقچى ۋە قىزىقچى ھىۋۋۇل،-دەپ تۇنۇشتۇردى مىھماننى.بۇ كىشى بىز ناماز كۈنى ئاڭلىغان مۇرات يالغان،ئابلەت فىرات ۋە ئابدۇرېھىم كوڭزى قاتارلىق دۆڭقوتان ئەل ئەدەبىياتچىلىرىنىڭ بىرىسى ئىدى.ئۈستىبېشى خاراپ،ئالدى ئىككى چىشى قوزۇقتەك كۆرۈنىپ تۇرىدىغان،ھازىرلا كۆمۈر قۇدۇقىدىن چىققاندەك يۈزلىرى قۇرۇلۇپ،قارىداپ كەتكەن دەرۋىش سىياق بۇ ئادەمنىڭ چىرايىدىن بىر خىل ئاڭسىز ھالەتتىكى كومىك كەيپىيات ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.موللام ئىشەكلىك،ئىككىمىز پىيادە پاراڭلاشقاچ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قالغانلىقىمىزنى سەزمەپتۇق.يولغا يېقىن،ئەتراپىغا كۆرۈك،قۇ مۇش ۋە يۇلغۇن ئۆسۈپ،تاشلاندۇق ئۆيدەكلا ئىسلىشىپ كەتكەن،بۇ بىر ئېغىزلىق غۇربەتخانا ئۇنىڭ ئۈيى ئىكەن.ھېۋۋۇل ئاكىنىڭ تۇرالغۇسىدىن «چېنىقىش»تىكى مەتنى ىيازنىڭ ئۈيى كۆپ ياخشى.ئۆي ئىچىگە كىرىپ قارىساڭ60 نەچچە يىل ياشىغان ئادەم نىڭ بىساتىدا10 يۈئەنلىك دۇنيا مېلى يوق،بۇلار ماڭا ئىنسانلىق شەرىپى ئۈچۈن ھاقا رەتتەك بىلىندى.

-ئۆيلەنمىدىڭىزمۇ،يالغۇز تۇرامسىز؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-خۇتۇن ئالغان،پۇلۇم يوق قېچىپ كەتتى.ئاچچىقىمدا چېچىنى كېسىۋالغان،شۇنى ساقلاۋاتىمەن…

-يەنە ئۆيلەنسىڭىز بولمامدۇ؟

-ساياق بېشىم،خان بېشىم،دەپتىكەن.ئۆيلەنمىدىم،ئەمما ماڭا كۆڭلىدە ئوت ساق لاپ يۈرىگەنلەر ھازىرمۇ بار،-دەپ ۋىلىقلاپ كۈلدى ھېۋۋۇل ئاكا.ئۈزى گەپ قىلىپ  ئۈزى كۈلۈش،كۈلگەندە گاللىرى غىژىلداپ كېتىش ئۇنىڭدىكى خاسلىق ئىدى.كېيىن مېنىڭ تەلىۋىمگە ئاساسەن قۇشۇق(11)ئېيتتى.نېمە ئۈچۈنكىن دۆڭقوتاندا جىنسى قو شاقلار كۆپ تارقالغان.ئېھتىمال دالا ھاياتىدىكى ئىنسان تەبىئىتى تېخىممۇ جەلىپ كار،ئاشكارا ۋە ياۋايى بولسا كېرەك.بۇ بىر ھايات،قوشاقلار ئاڭلىماققا قوپالدەك تۇ يۇلغىنى بىلەن مەنتىقىسى كۈچلۈك،قىزىق،سېنى راسا كۈلدۈرۈپ ھاردۇقىڭنى چىقىرى دۇ.شۇ يىللاردا ئۇنىڭدىن خېلى كۆپ قوشاق خاتىرلىگەن بولساممۇ بۇ يەرگە يارىغۇ دەكلىرى ئاز:
تام ئۈستىگە تام سالدىم،

شامالغا دالدا بولسۇن دەپ.

يېڭى مەلىدىن يار تۇتتۇم،

 يۈرەككە پايدا بولسۇن دەپ.

قېرى نەيزە ئاتالماس،

ئاتسىمۇ دەل قادالماس.

گۈزەل جانان ياتسا قېشىدا،

تاڭغىچە ئىش قاتالماس.

كېيىن مەن بۇلارنىڭمۇ ئۇنىڭ ئەمەسلىكىنى بايقىدىم.ھېۋۋۇل ئاكىدا قوشاقچىلىق ۋۇجۇد،ئىنكاس يوق،گويا يەردىن قېزىۋېلىنغان ئاسارە-ئەتىقىدەك خورىغان،نەزىرىم دە ئۇ بىر سەۋدا ئاشىق،ھەممىدىن ئايرىلغان دەرۋىش ئىدى.ئېيتىشلارغا قارىغان دا،تەڭرى ئادەم ئاتىغا كۈي ئارقىلىق جان ئاتا قىلغانىكەن.ئەگەر كېسىۋېلىنغان چاچ نى دېمىسە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ ۋاي دېگۈچىلىك يېرى قالمىغاندى!

* *  *

     6-ئاينىڭ 20-كۈنلىرى،پىراكتىكىمىزغا يەنە بىر ھەپتە قالغان چاغ. نەچچە كۈن ئاۋۋال قارچۇغىغا كەتكەن ساۋاقداشلارنىڭ دېرىكى بولمىغاچقا،ئۇلارنى  ئىزلەپ بېرىپ تاپالماي،ئەتىسى يەنە دۆڭقوتانغا قاراپ يولغا چىقتۇق.ھازىر بۇ ئىككى يېزا ئارىسىدىكى جاڭگاللىق كەلكۈن پەسلىنىڭ باشلىنىش پەللىسىدە تۇرماقتا.تارىم دەرياسى دۆڭقوتان چېگىرىسى ئىچىدە نەچچە تارام ئېقىنغا ئايرىلىپ،چەكسىز ئورمان لىق ۋە سازلىق يايلاققا يېيىلغان.يەر ۋە ئاسمان قوچىل(12) ۋە ئوقار(13) قوشلىرىنىڭ جەننىتىگە ئايلانغان.قارچۇغا تارىختا قارا قوشۇنلىقلار بۈركۈت    بىلەن ئوۋ ئوۋلىغان جاي بولغىيتتىمىكىن ياكى قارچۇغىلار ئوۋا سالغان ماكانمۇ ئۇنى تەكلىمىكاندىكى «يىگانە ئارال»دەپ تەرىپلەش مۇمكىن.بىر كىلاسسىك ئەدىپنىڭ«قارالىسام كۆرۈن مەيدۇ دۇنيانىڭ ئۇچى»دېگەن سەترىسى ئېسىمدە.بۇ قارچۇغا ئورمانلىقىغا تازا ماس كېلىدىغان تەسۋىر،ئۇ ھېچكىم بارغان يولىدا قايتىيالمايدىغان دۇنيا! بىردە پاتقاقلىق ئېقىن،ئاندىن قۇملۇق داۋان،كېيىن ئېقىپ تۇرىدىغان توپىلىق!ماشىنا،ھارۋىغا ئولتۇر غان ۋاقتىڭدىن ئۇنى ئىتتىرىپ ماڭىدىغان يول ئۇزۇن! ئۇ بىر رەڭلەر دۇنياسى- قىزىل،ئاق،سۆسۈن،يېشىل يۇپۇرماق ۋە گۈللەر! يولدىن قايرىلىپ ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە سەل كىرسەڭ ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئىپتىدائىي ئورمان ئادىمى تۇتىۋالىدىغاندەك قورقۇنۇچۇق،ھەر خىل شەكىلگە كىرىپ قالغان توغراقلار…مانا بۇ ۋەتەن! تەسەۋۋۇ رىمىزدىن ھالقىغان قۇدرەت،بىز  ئويلىيالمايدىغان كونكرېت پايانسىزلىق!  ھاسىل كالام،ئىھ ھارارەتلىك ياشلىق،قىزلار بىلەن مىڭ بىر جاپا ھالاۋەتكە،چۆل گۈلىستانغا ئايلاندى.چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە قارچۇغىدىن كەلگەنلەر بىلەن ئىككىنچى چارۋىچىلىق مەيدانىدا ئۇچراشتۇق.تاماق يەۋېتىپ نەچچە كۈن ئاۋۋال قوشاقچى بۈۋىخان ئانا بىلەن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشكىنىمىز ئېسىمگە كەلدى.ئۇ بىزگە «قارا قوشۇنلۇق قوشۇقى»(14)نى ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان. ئۆيىگە نەچچە بېرىپ تاپالمىغانتۇق،باشقا پۇرسەت يوق.شۇڭا دوستۇم قاسىم(ياسىن ئاسىمنىڭ ئوغلى)نىڭ ياردىمىدە ئاتلىق يولغا چىقتۇق.ئات،شېئىر قىز ۋە ئەڭ ئېزىز ئىنسانىڭ بىلەن سۆھبەتلىك شاراپ سەندە ئۇنۇتۇلماس تەسىرات قالدۇرىدۇ.ئات گويا بوشلۇقتا قاناتلىق ئۇچماقتا.بارساق ياتاقنىڭ ئالدىدا بۈۋىخان ئانا ساقلاپ تۇرۇپتۇ. سالامدىن كېيىن گەپنى تىزلا ئەسلى تېمىغا يۆتكىدۇق.

  «قارا قوشۇن»ئىسلامدىن سەل بۇرۇن قاراخانىيلارنىڭ شەرقىي چېگىرىسىدىكى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدىن مۇداپىيىلىنىش ئۈچۈن جەنۇپتا مىرەن،شىمالدا لوپنور كۆلى ۋە شەرقتە ئالتۇن تاغنىڭ غەرىبىي بەلبېغىغا ئەۋەتكەن ئەسكەرلىرى.لوپنوردا بۇ ئادەملەر نىڭ خۇتەندىن كەلگەنلىكى ھەققىدىمۇ قۇشاقلار ساقلانغان.قوشاقتىكى سۆزلەردە«ر»تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بۇ قاراشنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى دەلىللەيدۇ.بۇ قوشۇن تەركىبىدە يەنە مۇڭغۇللارنىڭ ئىسلامنى مەجبۇرى قۇبۇل قىلغان يۇقىرى قاتلام ئاقسۆ ڭەكلىرىمۇ بولغان.قارا قوشۇننىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ئادەملىرى يوغان ۋە ئۇزۇن ئۆ مۈر كۆرۈش.قەدىمدە مەزكۇر ئاتالغۇ ئەسكەرنى كۆرسەتسە،كېيىن شۇلار ياشىغان زىمىننى بىلدۈرگەن.

-سىز ئېيىتماقچى بولغان«قارا قوشۇنلۇق قوشۇقى»نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بارمۇ؟-سورىدىم ئانىدىن چۈشىنىشلىك قىلىپ.

-بولمامدىغان بالام-دەپ سۆزلەشكە باشلىدى بۈۋىخان-بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى بىر باينىڭ قىزى بىلەن نامرات يىگىت ئاشق-مەشۇق بولىشىپتۇ.بىراق باي قىزىنى پۇلدار بىرىسىگە پۈتۈشۈپ قويغاچقا،قىز-يىگىت مەقسەت-مۇرادىغا يېتەل مەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇرتىدىن قېچىپ،قاشلىرى ئوتلۇق بىر دەريانىڭ بويىغا ما كانلىشپ،ئۆز نىكاھلىرىنى ئۈزى ئوقۇش ئارقىلىق يەتتە پەرزەنتلىك بولۇپتۇ.كۈن لەرنىڭ بىرىدە چاپارمەنلىرى بىلەن ئوۋغا چىققان بىر باي ئادەمىزاتسىز چۆلدە بۇ گۈزەل چوكاننى ئۇچرىتىپ ئۇنى بۇلاپ كىتىپتۇ. ئىلاجىسىزلىقتىن ئىرى ۋە بالىلار زار- زار قاخشاپ قېلىپتۇ.نەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەر يەتتە كىيىك ئوۋلاپ، ئۇنىڭ تېرىسىگە شۇ قۇشۇقنى پۈتپ،يۇقىرىغا ئەرز قىلغان ئىكەن،قازىلار خوتۇننى ئېرىگە بۇيرۇپ بېرىپتۇ…

بۈۋىخان قوشاقنىڭ نەسىرى ئىزاھاتىدىن كېيىنلا داستانچىلاردەك يىگانە دۆڭقوتان ئاھاڭى بىلەن كۈيلەشكە باشلىدى:

 لاچىن بالاسى سايرايدۇ تاغدا،

 سەمەي(15) كەلىڭلا ئوينايلى باغدا.

 سەمەيىڭ بىلەن باغقا كىرەسەن،

 ئوتۇم ئىچىمدە كۆيۈپ بىلەسەن

قاراسام كۆدەي(16) ئۇنۇمايسەن،

 خىيالىڭدا يارنى تاپىپ كۈلەسەن.

تاپسام كۆدەي ئۇنمايسەن قىياق،

 يېتالمايدىمىز ئارامىز يىراق.

 ئاي يۇزۈڭگە قاشقىناڭ سىياق(17)،

 قاياپ باقىڭلا تۈن كېچىدە يايۇيدا چىياق.

 تۈن كېچىدە يايۇيدۇ ئەينەكتەك كۆزۈڭ،

 ئالتە ئالەمگە(18) تارايدۇ-نۇرانە يۈزۇڭ.

 ئايدەك يۈزۈڭ تارىلىپ ئالتە ئالەمگە،

   سودايى بولدۇم ئوتۇڭدا ئوينا مالەڭدە.

   سەنما مەنى ئۇنىمايسەن،

   دۈشمەنلەرنىڭ گەپلەيىنى ساختا كۆڭۈلدە.

 بوز يىگىتنى يەزىت دارغا ئاسقان،

قانلىرى ئۇيۇپ دەرياغا ئاققان.

 ئىلگەرىكى تاھىر-زۆھرەخانلارمۇ،

   ئۆز دەرتلەرىنى نەزمىگە قاتقان.

  مالەڭدە سېنىڭ كۆزۈڭ شەيتانغا تويماي،

   كىچىكىڭدە ئىنىڭنى ئىمىپما قويماي.

    خام سۈت ئەمگەن مەيدەڭمۇ ئاغرىپ ياتقان،

    تاغقا چىقىپ تاغدا كىيىك ئاتقان.

   ئاستا ئولتۇرۇپ ئۇزۇننى خىيال قىلسام،

    بولمايدىكەن سەندىن كۆڭۈل بۆلگەلى.

    قىزىل گۈلۈم ئۇنۇمايسەن سۆيگەلى،

    ھېساپ قىلسام ئالتە ئاي بوپتۇ كۆيگەلى.

بۈۋىخان ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ تېمەن،ئارتىىسلاردەك ھېسسىياتچان ئايال ئىدى. ئۇ بۇ«قۇشۇقنى مەن بەش يېشىمدا ئاتام رەھمەتلىكتىن ئۆگىنىۋالغان»دېگەن گەپنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيىتقان بولسا،قوشاقنى دۆڭقوتان شىۋىسى ۋە ئاھاڭىدا غەمكىن كەيپى ياتنى ئىپادىلەپ ناخشا قىلىپ كۈيلىگەندە بولسا،يۈزلىرىدىكى يىپتەك ئېرىقچىلەردىن ئاققان ياش لەۋلىرىدە قېتىپ قالغان ئىدى.گەرچە قوشاقنىڭ غايىۋىي مەزمۇنى بىلەن ئۇنى يۈزگە چىقارغان سەۋەپ ئۇ دەرىجىدە ماسلىشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ،لېكىن قوشاقتا كۈچلۈك سېغىنىش ۋە ھىجران قايغۇسى ئىپادىلەنگەن.ئۇنىڭدا كىلاسسىك غەزەللەردەك يار تەرىپى بېرىلگەن.بۇ چاغدا خېلىلا كەچ كىرگەن بولغاچقا مەن بۈۋىخان ئانىنى قائىدىمىز بويىچە چاي،قەنت ۋە ئازراق پۇل بىلەن ئۇزىتىپ قويدۇم..

   ئارىدىن 20 نەچچە يىللار ئۆتتى. ئىنسان ھامان قولدىن بېرىپ قويغان قىممەت لىك نەرسىلىرىنى ئوناپ(19) ياشايدۇ.دۆڭقوتان بىزنىڭ ياشلىقىمىزنىڭ پارچىسى! ھەي رانمەنكى،كەچتە ساۋاقداشلار يېزىغا خۇددى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىسىگە سىڭگەن دەك سىڭىپ كېتىپ،يەنە قاچاندۇر قايتىپ كېلەتتى،ئەتتىگەندە تارىلىپ كەچتە يى غىلغاندا ھارغىنلىق-ئاچلىق ھەققىدە ئەمەس،ئۇچراتقان قىزىق ئىشلىرى،خاتىرلىگەن ئەسەرلىرى ھەققىدە پەخىرلىنىپ سۆزلىشەتتى.تېخى قىزلىرىمىزغا خوشامەت قىلىدى غانلارنىڭ داستىخانلىرىدا مىھمان بۇلاتتۇق،ئاي دالادا بەزمە قۇراتتۇق…

  ئەمدى ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىسام، بىز زىيارەت قىلغان ئاشۇ بوۋاي-مومايلار دۆڭقو تاندىن ئىبارەت بۇ ئۆتەڭدىن كارىۋان بولۇپ،بەكمۇ يىراق جايلارغا كۆچۈپ كەتكەن دۇ…تېخى بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ ئۇلارنى سوڭدىشىپ ئۇزىغانلار بار.1994-يىلى لوپنور ۋە دۆڭقوتانغا قايتا بېرىپ بازاردا بېشىغا قالپاق كىيىپ،ئىشەكتە موگۇدەك ئولتۇرغان ياقۇپ داموللىنى يىراقتىن كۆردۈم.ئەمما يېنىغا بېرىپ قېرىنداشلارچە ئەھۋال سورىمىغىنىمدىن ئۆزەمدە بۈگۈنگىچە ئارلىق ھېس قىلىمەن.كۆز ئالدىڭدىكى ۋە ئالىقى نىڭدىكى پۇرسەتنىڭ خاسيىتىنى چۈشەنمەسلىك ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ چەكلىمى لىكى.تاغنى ھەقىقى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش كېرەك!

                    لوپمۇر ئۆزلۈكنىڭ ھىدى،جۇلاسى،

                    پەرلىرىم قاتتۇرغان قارچۇغا ئۇۋاسى.

                    ئىستەرەم نە مۇرات قەقنۇس ياراتسا-

                    قارا قوشۇنلۇقنىڭ ئۇيغۇرچە دۇئاسى!

ئىزاھلار:

(1) بېلىق لوپنور شېۋىسىدە «بالىق».(2) لوپنور شېۋىسىدە قىزىل يۇلغۇن.(3) لوپنورشېۋىسىدە قومۇش پۈپىكى.

(4)  لوپنور شېۋىسىدە توغراقنىڭ يېڭى چىققان نوتىسى.(5) لوپنور شېۋىسىدە ئالا كۆڭۈللۈك.

(6)  لوپنور شېۋىسىدە ۋاپاسىزلىق قىلىش.(7) لوپنور شېۋىسىدە ئانا-ئاپا.  (8)  لوپنور شېۋىسىدە نەسىھەت.

(9) لوپنور شېۋىسىدە ئۆتكۈر پىكىرلىك.(10) لوپنور شىۋىسىدە پىكىر-ئىنكاس.

(11) «قوشاق» لوپنور شېۋىسىدە شۇنداق دېيىلگەن.. (12)«ئاققۇ»لوپنور شىۋىسىدە شۇنداق دېيىلگەن.

(13) لوپنور يايلاقلىرىدا توپ-توپ ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان قۇش (14) «قوشاق»لوپنور شىۋىسىدە «قۇشۇق» دېيىلىدۇ. (15)سەمەي- بىر قىزنىڭ ئىسىمى     (16) كۆدەي-بىر خىل ئوت-چۆپ (17) سىياق-چىراي

 (18) ئالتە ئالەم-جاھان (19)  ئەسلەش، سېغىنىش

يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:مىراس ژورنىلى 2013-يىللىق 4-سانى

توردىكى مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3431

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-10-13
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: