لوپنۇردا بېلىق تۇتۇش ئەسلىمىسى-لوپنور ئېكىلوگىيىسىنىڭ ئۆزگۈرۈشى ھەققىدە

لوپنۇردا بېلىق تۇتۇش ئەسلىمىسى-لوپنور ئېكىلوگىيىسىنىڭ  ئۆزگۈرۈشى ھەققىدە

لىيۇ جېنجېڭ

      تەرجىمان:ئىسمايىل موسا

سۇلۇق يەرلەرنىڭ تارىيىپ كىتىشى

لوپنور ناھىيەسى كۆنچى دەرياسى ,تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىككى دەريا ئېقىنىنىڭ يەرتۈزۈلىشى تەكشى،دەريا يوللىرى ئەگرى-توقاي،  بولۇپمۇ تارىم دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىن يوللىرى بىر-بىرسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن.كۆللەرنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا كىچىك ئېقىنلار كۆپ بولۇپ،كەلكۈن  مەزگىلىدە دەريا سۈيى ئۆركەشلەپ ئېقىپ  (ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ گېپى بويىچە  ئېيىتقاندا، سۇ ئاز بولسا دەريا قېنىدا ئاقىدۇ،سۇ جىق بولسا  تاشاپ ئاقىدۇ) نۇرغۇنلىغان تەبىئىي كۆللەرنى (تېتىما كۆللەر) نى شەكىللەندۈرگەن .20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىداناھىيىمىزدىكى كۆللەر،  تارماق ئېقىنلاردىن پايدىلانغىلى بولىدىغان سۇ كۆلىمى 320 مىڭ موغا يەتكەن. لوپنورنىڭ ھاۋا كېلىماتى ئىسسىق، كۈن نۇرى يېتەرلىك  بولۇپ ، سۇدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى  ۋە سۇدا ياشايدىغان جانلىقلارىنىڭ كۆپۈيىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ . قويۇق قومۇشلۇق،  بۈك-باراقسان ئۆسكەن يېكەنلىكلەردە  ياۋا غاز ، ئۆردەك ، يېكەن توخۇسى، ئاق تۇرنا ،قارۇنا قاتارلىق  قۇش تۈرلىرى توپلىشىپ ياشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېلىق تۈرلىرىنىڭمۇ ئۆسۈپ كۆپىيىشىدىكى جەننەت ماكانى بولۇپ،   نەدە سۇ بولسا شۇ يەردە  بېلىق بار دىيىشكە بولىدۇ . لوپنورنىڭ بېلىقى تىلغائېلىنغاندا،  كىشىلەر لوپلۇقلارنى ئېسىگەئالىدۇ ، قەدىمقى لوپلۇقلار بېلىقنى ئاساسىي يىمەكلىك قىلغان . « شىنجاڭدىكى چوڭ ئىشلار تەزكىرىسىنىڭ  تولۇقلىما نەشىرى»دىكى خاتىرلىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا” لوپلۇقلار بېلىق تۇتۇپ يىيىشنى بىلىدۇ ،تېرىقچىلىقنى ئۇقمايدۇ، ساتمىنى  تۇرالغۇئۆي قىلىدۇ.“دىيىلگەن . 50- يىللاردىن ئىلگىرى لوپنوردا  ئىككى خىل بېلىق تۈرى بولغان،يەنى تارىم ياپىلاق ئېغىزلىق بېلىقى (يوغانباش بېلىق)، لېفۇ بېلىقى (ئاغزى ئۇچلۇق بېلىق) بار ئىدى. بۇخىل بېلىقنىڭ ھەركىتى ئاستا بولغاچقا تۇتۇش ئوڭاي ئىدى. 60- يىللاردا تاپان بېلىقى،سازان بېلىقى  بار ئىدى ، 70- يىللاردىن كېيىن،ئوتخۇر بېلىق(سويۈ)، لاقا بېلىق (لەنيۇ )، چىپار بېلىق ،ياپىلاق  بېلىق ، چار پاقا بېلىق، قاسىراقسىز بېلىق قاتارلىق10 نەچچە خىل بېلىق تۈرلىرى سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن .

بېلىق تۈرلىرى كۆپ بولغانلىقىدىن شۇ ۋاقىتتىكى لوپنورلۇقلار ئۆزىگە خاس  بېلىق تۇتۇش تارىخېنى ياراتقان. بەزى ۋاقىتتاگۆلمە  ۋە ساشقاق ئىشلەتمەي كالتەك بىلەنچوڭ بېلىقلارنى تۇتقان بولۇپ،  بۇ ناھايىتى قىزىقارلىق  ئىش ھېساپلىناتتى، تېخىمۇقىزىقارلىق يېرى شۇكى بەزىدە چوڭ بېلىقلار قىرغاققا چىقىپ قالسا كشىلەر بۇ بېلىقلارنى قويىۋېتەتتى ياكى ئوزۇقلۇق قىلاتتى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆللەر قۇرۇپ كەتتى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە 21- ئەسىر كەلدى،  بۈگۈنكى تارىم دەرياسى ئېقىشتىن توختىدى ، كۆنچى دەرياسى قۇرۇق دەريا غا  ئايلىنىپ زەيلىككە ئۇخشاپ قالدى ، چۇڭ كۆللەرۋادىسىدىكى تېتېما كۆللەرمۇ قۇرۇپ كەتتى ، ھايات كەچۈرىۋاتقان بېلىق تۈرىدىكى ياۋايى جانلىقلار تەدىرجى ھالدا كىشىلەر نەزىدىرىن غايىپ بۇلۇپ، كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاجايېپ مەنزىرىلەر ۋە قىزىقارلىق  ئىشلار ئەسلىمىگە ئايلىنىپ قالدى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇپ سەي يىيىشمۇ تەس ئىدى ، پەقەت بېلىقلا بىزنىڭ ئوزۇقلۇقىمىزنى ياخىشىلايدىغان ئېسىل يىمەكلىگىمىز بولۇپ قالغان ، بىر قازان بېلىق سېلىپ بىر قانچە ئادەم يىسەقوساق توياتتى.   بېلىق يېغىدا يەنە  سەي قورىغىلى بولاتتى ، قورۇلغان سەيلەرپۇراقلىق ھەم تەملىك بولاتتى . ئېسىمدە قېلىشىچە مەن ئوتتۇرا مەكتەپتەئوقۇۋاتقان  چېغىمدا بېلىق تۇتسام خوشال بولۇپ كىتىپ  ھارغىنلىق ھېس قىلمايتتىم ،ئۇۋاقىتلاردا ئاساسلىق بېلىق تۇتۇش جايلىرى – كۆنچى دەرياسى ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئاقسۇپا رايونىدىكى كۆللەر ، لوخۇلۇق كۆلى ھەم  شىڭپىڭ ئۆستىڭى ، تارىم  شىمالىي ئۆستىڭى ۋە سۇ ئېچىلغان ئېتىز-ئېرىقلاردىكى كۆلچەكلىرى  ئىدى ، بېلىق  تۇتۇش كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ھەم خوشالقىلىدىغان قىزىقارلىق ئىش بولۇپ گەرچە 30 يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ،  بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى قىزىقارلىقبېلىق تۇتۇش ئەسلىمىلىرى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ .

كۆنچى دەرياسىدىكى  بېلىق تۇتۇشنىڭ ئالدىراش مەزگىلى

باغراش كۆلى كۆنچى دەرياسىنىڭ شۇنداقلا لوپنور ناھىيەسىنىڭ ئاساسلىق سۇ كېلىش مەنبەسىدۇر. خاتىرلىنىشلەرگە  ئاساسلانغاندا،  1970- يىلىدىن 1981 – يىلىغىچە كۆنچى دەرياسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى بىر مىلىيارت 112 مىلىيون كۇپ، ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقتارى سېكونىتىغا 35 كۇب بولۇپ ، دەريا يۈزىنىڭ كەڭلىگى 40-50 مېتىرغىچە بولۇپ ،چوڭ-كىچىك دەريا يوللىرىدىكى  سۇلارتوختىماي شەرىققە قاراپ ئاقاتتى. دەريادىكى سۇ ئوتلىرى ، قىرغاقتىكى  قومۇش، يېكەنلەر  بېلىقلارنىڭ ئاساسى  ئوزۇقلۇقى ھېساپلىناتتى ، دەريالاردىمۇبېلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى . بىزنىڭ كۆنچى دەرياسىدا بېلىق  تۇتۇشىمىزنىڭ ئاساسلىق تۆۋەندىكىدەك بىرقانچەخىل ئۇسۇلىمىز بار ئدى. بىرىنچى  ساشقاق بىلەن بېلىق تۇتۇش ، ساشقاق تۆمۇردىن ياسىلاتتى . ساشقاقنىڭ ئىككى سالىسى، ئۈچ سالىسىۋە كۆپ سالىسى بار . ساشقاقنىڭ ئۇچىدا كەينىگە قايرىلغان ئىلمەك تىلى بولۇپسانجىلغان بېلىقنىڭ ئاجراپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىناتتى ،ساشقاق 3-4 مېتىرئۇزۇنلىقتىكى ياغاچقا ساپلانغان بولۇپ ئىشلىتىشكە قولايلىق ئىدى.  ھەر يىلى باھارنىڭ 4،5- ئايلىرى بېلىقلارنىڭ كۈپىيىش مەزگىلى بۇلۇپ ، بېلىقلار قىرغاقتىكى تېيىز سۇلاردا ئوتلاش جەريانىدا بەزىدە قىرغاققا يېقىنلاپمۇ قالاتتى،  بۇساشقاق بىلەن بېلىق تۇتۇشتىكى ياخشى ۋاقىت ئىدى . يەنە بىر خىل ئۇسۇلى سېۋەت ياكى تېلەڭگە بىلەن بېلىق تۇتۇش بولۇپ،  ئۇنىڭ ئۈستىگە رەخت يېپىلىپ ئوتتۇرىسىغا تۆشۈك ئېچىپ  قويۇلاتتى. ئۇنىڭغا كوناكېيىمنىڭ يېڭى ياكى ئىشتاننىڭ پۇشقىغى ياماپ قويىلاتتى، ئۇنىڭ ئىچىگە بېلىقنى جەلىپ قىلىدىغان پۇراقلىق بىر قىسىم يىمەكلىكلەر قويۇلاتتى . مەسىلەن : پىشۇرۇلغان سېرىق پۇرچاق ، قوناق ، ياغ گۈنجىرى قاتارلىقلار . بېلىقلار پۇراقلىق يىمەكلىكلەنى پۇرىغان ھامان تۆشۈكلەرنىڭ ئىچىگە كىرەتتى يەڭنىڭ ئاغزى سۇ بىلەن ئېتىلگەچكە بېلىق كىرگەن ھامان چىقالمايتتى. بۇ خىل ئالداپ  بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى ئاددى ھەم قوللىنىشچانلىققائىگە بۇلۇپ  ۋاقىت،  كۈچنى تېجەپ قېلىپ بېلىقنى كۆپ تۇتقىلى بولاتتى.ھەر كۈنى مۇقىم قويۇلغان تەلەڭگە ۋە سېۋەتتىن بىرقانچە قېتىم بېلىق ئېلىناتتى.  ئۇنىڭدىن كېيىن بىر قىسىم پۇراقلىق يىمەكلىكلەرنى  تولۇقلاپ قويسىلا بولاتتى .يەنە بىر خىل ئۇسۇل قارماق بىلەن بېلىق تۇتۇش ، قارماققا  موزەي بېشى ئىلىنىپ بىلىق يەمچۈگى قىلىناتتى،  بەزى ۋاقىتلاردا ئاخشىمى قارماقنى تاشلاپ قويۇپ ئەتتىگەنلىگى يىغىۋىلىناتتى. دائىم  چوڭ بېلقلانى تۇتتاتتۇق،  ئېسىمدە قېلىشىچە ئالتەكىلوگىرامدىن يۇقىرى كېلىدىغان بىر  بېلىق تۇتقان  ئىدۇق. ئاقسوپا سۇ ئامبىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان نۇرغۇنلىغان دەريا ئېقىنلرى بار بولۇپ ھەر يىلى  ئامبارغا سۇ تولدۇرغاندىن كېيىن تۆۋەنكى ئېقىنغا سۇ قويۇپ بېرىپ  يايلاقلارسۇغۇرۇلۇپ نۇرغۇنلىغان تىتىماكۆللەر شەكىللەنگەن.  ئاقسوپىغا بېرىپ بېلىق تۇتۇدىغان  يوللاريىراق ھەمدە مېڭىش تەس بولغاچقا ئۇ يەرگە بېرىپ بېلىق تۇتۇدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز ئىدى. شۇ سەۋەپ بىلەن  بېلىقلار كۆپ بولۇپ تۇتۇشمۇ ئوڭاي  ئىدى ، بىز ئېشەك ھارۋىسى بىلەن باراتتۇق.  بىر بېرىپ كېلىش ئۈچۈن ئىككى كۈندۈز بىر كېچە ۋاقىت كېتەتتى . شۇ كۈنى كۆلگە بارغاندىن كېيىن ئالدىبىلەن بىر قانچە تورنى سېلىپ ئازىراق بېلىق تۇتقاندىن كېيىن كەچلىك تاماققائىشلىتەتتۇق.  بۇ بېلىقلار كۆل سۇيىگەسېلىپ پىشۇرىلاتتى  ياكى كاۋاپ قىلىناتتى ، ھېچقانداق خۇرۇچ ئىشلىتىلمەيتتى، پەقەت ئازىراق تۇز سېلىنسىلا بولاتتى.  بەزى ۋاقىتلاردا بىز بېلىقلارنى ئوتقا قاقلاپ پىشۇراتتۇق.  بۇ خىل پىشۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى بېلىقنى  يۇلغۇن زىقىغا ئۆتكۈزۈپ ئوتقا قاقلاپ پۇىشۇرۇپ، ئازىراق تۇز سېپىەتتۇق،  بۇ خىل ئۇسۇلدا پۇىشۇرغان بېلىقنىڭ تەمى  بەك تەملىك بولۇپ كىشىنىڭ ئاغزىدا قالاتتى .ئاقسوپا سۇ ئامبىرىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى كۆللەردە بېلىق كۆپ بولۇپ بىر كۈندە بىرھارۋا بېلىق تۇتقىلى بولاتتى . بىز پەقەت بىر كىلوگىرامدىن  يوقىرى بېلىقلارنى تاللاپ تۇتاتتۇق.  يوللار يىراق بولۇپ بېلىقنىڭ سېسىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن بېلىقلارنىڭ  قارنىنى يېرىپ تۇز سېلىپ قۇياتتۇق،  شۇ جايدا بىز 103كىلوگىرام كىلىدىغان بىر چوڭ ئوتخۇر بېلىقىنى تۇتۇۋالغان ئىدۇق . بۇ بېلىق  2 مىتىر ئۇزۇنلىقتابولۇپ  4 ئادەم  ھارۋىغا تەستە باسقان ئىدۇق. بۇ بېلىق سۇ يۈزى 300مىتىردىن يۇقىرى، كەڭلىگى 70 مىتىر، چوڭقۇرلىقى 2.5 مىتىر كېلىدىغان سۇدا ئۈزۈپ يۈرىگەن ئىكەن . بىز تور سېلىپ ئۇچىنچى قېتىمدا  بېلىقنى سۈزۈپ  چىقتۇق.

  80-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە  كۆنچىدەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا زور كۆلەمدە بوز يەر ئېچىش باشلىنپ،  دەريا ياقىلىرىغا نۇرغۇنلىغان سۇ پومپىلىرى ئورنىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن دەريادىكى سۇلار بارغانسىرى ئازلاپ 1992- يىلغاكەلگەندە  لۇپنۇردا  تۇنجى قېتىم سۇ  توختاش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ ،   بېلىقلار دەريانىڭ  چوڭقۇر يېرىگە يىغىلدى  شۇنىڭ بىلەن بېلىق تۇتىدىغانلار كۆپۈيۈپ، دەريادىكى بېلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇلۇپ بولىندى ، شۇنىڭدىن كېيىن كۆنچى دەرياسىدا چوڭ  بېلىقلارنى كۆرگىلى بولمايدىغان،  پەقەت تېيىز سۇلاردا ئاندا-ساندا ئۈزۈپ يۈرىگەن بېلىجانلارنىلا كۆرگىلى بۇلاتتى.

ئۆستەڭ، ئېتىز ـ ئېرىقلاردىكى بېلىقلارنى تۇتۇش شاتلىق مەزگىلى

ئۆستەڭ، ئېتىز ـ ئېرىقلاردىكى سۇ كولچەكلىرى بېلىق تۇتىدىغان ياخشى جايلار ئىدى. شىڭ پىڭ ئۆستىڭى،تارىم ئۆستىڭى،جەنۇبىي ئۆستەڭلەر-لوپنورناھىيەسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ئۆستىڭى ئىدى. 80-يىلارنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە ، يازلىغى ئۆستەڭلەردە ئاساسەن سۇ توختىمايتتى.ئۆستەڭلەر سۇ سىڭمەسلەشتۈرۈلمىگەن بولغاچقا،  ئېرىقلاردائوت-چۆپلەر كۆپ بولۇپ،  سۇنىڭ ئېقىشىغا  توسالغۇ بولۇپ دائىم  ئېرىقلارنى ئوتاشقا توغرا كېلەتتى. ئېرىقلارنى ئوتىغان چاغدا سۇ ئامبىرىنىڭ توسمىلىرى ئېتىلىپ،توسمىلارنىڭ توۋەنكى ئېقىنىدىكى ساقلىنىپ قالغان سۇلار ئاستا-ئاستا ئېقىپ كېتىپ،  بېلىقلار كۆۋرۈكنىڭ ئاستى ۋە توسمىلارنىڭ ئالدى-كەيىنىدىكى سۇ كۆلچەكلىرىگە يىغىلىپ قالاتتى. سۇ كۆلچەكلىرىدىكى بېلىقلارنىڭ كۆپلىگىنى بايقىغان چېغىمىزدا  بىز چېلەك،پىڭزا ،سىۋەت ،گۈرجەك قاتارلىق قوراللارنى ئېلىپ كېلىپ،  ئالدى بىلەن گۈرجەك ئارقىلىق ئېرىقنى ئېتىپ كۆلچەكتىكى سۇلارنى چېلەك بىلەن سىرتقا چىقىرۋەتكەندىن كېيىن بېلىقلارنى سۈزىۋالاتتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قىش كىرىشتىن بۇرۇن ئېرىقلاردىكى سۇلار توختىتىلاتتى.سۇلار قۇرۇغاندىن كېيىن مۇزلارنى چېقىش ئارقىلىقمۇ بېلىق تۇتۇشقا بولاتتى ، بۇئۆستەڭلەردىكى  سۇلار سۇ ئامبىرىدىن كەلگەنبولۇپ سۇ ئامبىرىدا ناھايىتى كۆپ بېلىقلار بار ئىدى ، گەرچە توسمىغا تور سېلىنغانبولسىمۇ بىراق تورلاردىن بېلىقلار يەنىلا ئۈتۈپ كېتەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگەئېرىقلاردا ئوت-چۆپلەر كۆپ بولۇپ، دائىم سۇ توختىتىلمىغاچقا  بېلىقلار ناھايىتى كۆپ ھەم سېمىز ئىدى ،ئاساسلىقى سازان بېلىق ، ئوتخور بېلىق ،چىپار بېلىق ، ئاق قاسىراقلىق بېلىق قاتارلىق بېلىقلار بار ئىدى. بېلىقلار ئادەتتە   بىر كىلوگىرامدىن  يوقىرىلىرى ناھايىتى ئاز بولۇپ 500گىرامدىن تۆۋەن   كېلىدىغانلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى ،ھەر قېتىمدا تۇتقان بېلىقلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا  يەپ بولالماي قاق سېلىپ قوياتتۇق ياكى  چوشقا باقاتتۇق.

ئۆستەڭلەردە بېلىقلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا سۇ قويغانچاغدا بېلىقلار ئېتىزلارغا كىرىپ كېتەتتى ، ئېرىقلارنىڭ ياقىسىدىكى ئورەكلەرگەكىرىۋالاتتى.  قەيەردە بېلىق بارلىقىنى توغرا بېكىتىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىمىز قۇشلار توپلاشقان جاي ئاقىلىق بېكىتەتتۇق . قاغىنىڭ پۇراش سېزىمى كۈچلۈك بولۇپ قەيەردەبېلىق بولسا  ئۇلار شۇ ئەتىراپقا قوناتتى.   ئۇلار بېلىقلارنى يەپ تويغان بولسىمۇ  شۇجايدىن كەتمەيتتى ، ئۇلارنىڭ قونغانجايلىرىنى توغرا تېپىپ  چىققان چېغىمىزداشۇ كۆلچەكلەردە بېلىق بولاتتى .  باش باھاردىن- ئالتۇن كۈزگىچە تېرىلغۇ يەرلەر سۇغۇرۇلىدىغان  ۋاقىت بولغاچقا،  بېلىق تۇتۇلاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا يەنە  چوڭ بېلىقلارمۇ ئۇچىراپ قالاتتى ، كۈچىمەي تۇرۇپلا چېلەك  سېۋەتلىرىمىزنى توشقۇزىۋالاتتۇق.

كۆللەرنى  ئوراپ تۇرغان  كەنىتلەر

ئىلگىرى ئىتتپاق يېزىسىدا ئىككى كۆل بولۇپ،  ئايرىم-ئايرىم ھالدا“شەرقىي كۆل” ۋە“ غەربىي كۆل” دەپ ئاتىلاتتى.ھازىرقى شەرقىي كۆل كەنتى ۋە غەربىي كۆل كەنتى بىر –بىرسىگە كۆل ئارقىلىق قارىشىپ تۇرغانلىقتىن كۆلنامى  ئاتالغان. ئىككى كۆلنىڭ سۈيى كۆنچى دەرياسىدىن كېلەتتى،سۇ يۇزىنىڭ كۆلىمى 500مۇ،چوڭقۇرلىغى 3مىتىر ئەتىراپىدا ئىدى.70-يىللاردا كۆلنىڭ سۈيى ناھايىتى ياخشى بولۇپ يېكەن قاتارلىق ئوت-چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن ئىدى،شۇ ۋاقىتتا،كۆلگە بىر تۈركۈم بېلىجانلار سېلىنغان بولۇپ،كۆلدە ئوتخۇر بېلىق ،ئالتايبېلىغى يەنە قىزغۇچ ئالتاي بېلىغى قاتارلىق بېلىقلار بار ئىدى. بېلىقلارنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى تېز بولۇپ  بىز دائىم كۆلگە بېرىپ يوشۇرۇنچە  بېلىق تۇتتاتتۇق.بىز قارماق سېتىۋالالمىغاچقا يىڭنىنى كىرسىن چىراققا قاخلاپ،قىزارتىپ ئېگىپ قاماق ياساپ  يىپ ئۆتكۈزۈپ 2،3مىتىر ئۇزۇنلىقتىكى ياغاچنى  قاماق خاددىسى قىللاتتۇق. كۆلدىكى بېلىقلارنى تۇتۇش بەك ئوڭاي ئىدى بولۇپمۇ قىزغۇچ ئالتاي بېلىغى ئوڭايلا قارماققا ئىلىناتتى.كۆلگە قارايدىغان مەخسۇس ئادەم كەلگەندە بىز ئوت-چۆپلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنىۋالاتتۇق ياكى كۆرەلمەيدىغانجايغا مۈكىۋالاتتۇق. كېيىن كۆلگە قارايدىغان كىشى بىزنى قورقۇتۇپ مۇنداق  دىگەن ئىدى: كۆلنىڭ يېنىدىكى  قۇملۇقتا (ھازىرقى شەرقىي كۆل كەنتىنىڭ جەنۇبىي تەرەپى)  چوڭ بىر يىلان بار ئۇنىڭ چوڭلىغى چىلەكتەك بولۇپ دائىم چىقىپ نەرسە-كېرەك ئىزدەپ يەيدىكەنمىش ،كۆلگە قارايدىغان كىشى ئۇ يىلانىڭ قوي،كالا ۋە چوشقىلارنى يەپ كەتكەنلىگىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگە نمىش،ئۇيىلان ئاغزىنى ئېچىپ شۈمۈرسە قوي،كالىلار ئۇنىڭ قورسىقىغا كىرىپ كىتەرمىش. بىز بۇئىشنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يېرىم-ياتا ئازراق ئىشەنگەن  بولساقمۇ شۇنىڭدىن كىيىن يوشۇرۇنچە بېلىق تۇتۇشقا جۇرئەت قىلالمىدۇق.

80-يىللاردىن كېيىن كۆنچى دەرياسىنىڭ سۈيىيىلدىن-يىلغا ئازىيىپ كۆللەرگە كىرىدىغان سۇلارمۇ ئازلاپ كەتتى،كۆلنىڭ سۈيىمۇتەدرىجى بۇلغۇنۇپ  بېلىقلارمۇ يوقاپ كەتتى.ھازىر بۇ ئىككى كۆل قۇرۇپ ئىككى چوڭ ئورەككە ئايلىنىپ قالدى. كۆلنىڭ بەزى جايلىرىنى كىشىلەر تىندۇرۇپ ئۆي سېلىۋالدى،بەزى جايلىرى تۈزلۈنۇپ يول ياسالدى. كۆل ياقىسىدىكى كەنىتلەردىكى مورىلاردىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر گەرچە چىرايلىق  كۆرۈنسىمۇ بىراق كۆلدىكى سۈپ-سۈزۈك سۇلارنىڭ  يوقلىغى كىشىلەرنى بىئارام قىلماقتا.

لوخۇلۇق كۆلىنىڭ قۇرۇپ  كېتىشى

لوخۇلۇق كۆلى چوڭ باشلىق بېلىق كۆپ چىققانلىغى بىلەن نام چىقارغان. لوخۇلۇقنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى (چوڭ لۇخۇ بېلىق دىگەن مەنىدە) لوخۇلۇق كۆلى دۆڭقوتان يېزىسى بىلەن تارىم يېزىسنىڭ ئۇتتۇرسىغا جايلاشقان بولۇپ،غەربىي تەرىپى دۆڭقوتان رايۇنىنىڭ مەزىن كۆلىدىن باشلىنىپ،شەرىق تەرىپى تارىم يېزىسىنىڭ چۇڭكۆل رايۇنىغا تۇتۇشىدۇ. شەرىق بىلەن غەرىپنىڭ ئۇزۇنلىغى25كىلومىتىر ،جەنۇپ بىلەن شىمالنىڭ كەڭلىگى 4.5كىلومىتىر كېلىدۇ،كۆلىمى 100مىڭ مۇدىن ئاشىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال خاتىرلىرىگە ئاساسلانغاندا،20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى تارىم دەرياسى يەنەبىر قېتىم دەريا ئېقىنىنى ئۆزگەرتىپ شىمالغا يۆتكەلگەن. لايسۇ دەرياسىى ئارقىلىق توپىشەر،پۇخۇينى بسىپ ئۆتۈپ بىر قىسىم سۆيى- كۆنچى دەرياسىغا قۇشۇلۇپ لوپنور كۆلىگە قۇيۇلىدۇ، يەنە بىر قىسمى لوخۇلۇق كۆلىگەقۇيۇلۇپ، چوڭكۆلدىكى 80كۆۋرۈكنىڭ تۆۋىنى ئارقىلىق تىكەنلىككىچە ئېقىپ  بارىدۇ. شۇ چاغلاردا لوخۇلۇق كۆلىنىڭ سۈيى بەك كۆپ بولۇپ بەزى جايلىرىغا توغان سېلىشقا توغرا كېلەتتى.

1952-يىلى لوپنورناھىيەلىك پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتى  پۈتۈن ناھىيە بۇيىچە 1488نەپەر ياش، ئوتتۇرا ياش ئەمگەكچىنى تەشكىللەپ  74كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ لاي دەرياسىغا توغان ياساتقان ئىدى. (بۇگۇر تارىم دەرياسى چوڭ توغىى)،بۇنىڭ بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى قايتىدىن ئاساسى دەريا قىنى بىلەن ئاقىدىغان بۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن لوخۇلۇق كۆلى   ئوسمان دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى چايان دەرياسىغا  ئېقىپ كىرىدىغان بولۇپ قالغان،ھەر يىلى چايان  دەرياسىغا كىرىدىغان سۇ 280مىليۇن كۇپ مىتىرغا يەتكەن.

70-يىللاردىن ئىلگىرى لوخۇلۇق كۆلىنىڭ سۈيى كۆپ،ئوت-چۆپلىرىى قويۇق،بېلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ ئدى، سۇ بار يەرنىڭ كۆلىمى 100 كۇۋادىرات كىلومىتىردىن ئارتۇق ئىدى. دۆڭقوتان يېزىسىغا بارىدىغان يوللارنى كۆل رايۇنىدىكى سۇلار توسىۋالغانلىقتىن كۆلنى كىسىپ ئۆتىدىغان يولغا  16ئورۇنغا كۆۋرۈك سېلىنغان ئىدى،كەلكۈن مەزگىلىدە كەلكۈن سۈيى يوللارنى  دائىم بۇزىۋىتەتتى.كۆل رايۇنىدىكى قومۇشلار 4-5مېتىر ئىگىزلىكتە ئۆسكەن بولۇپ پۈتۈن ناھىيىدىكىلەر  قومۇش بىلەن ئۆي سالسىمۇ تۈگۈمەيتتى،كەلكۈن سۈيى كېلىشتىن ئىلگىرى تېيىز كۆللەرنىڭ سۈيى قۇرۇپ قېلىپ ئۆلگەن بېلىقلارنىڭ قېلىنلىغى1مېتىردىن كۆپىرەككە يەتەتتى. سۇ، ئوت-چۆپلەر كۆپ بولغاچقا كۆل رايۇنىدىكى قوي-كالىلارتوپ-توپ بولۇپ ئوتلايتتى.بۇ كالىلار ئوت يەپلا قالماي يەنە بېلىقمۇ يەيتتى،شۇڭا بۇكالىلار سېمىز ھەم تۈكلىرى پاقىراق ئىدى. كالا پادىلىرى  قۇملۇقتا يېتىپ بىر تەرەپتىن  يېگەن نەرسىلىرىنى كۆشىسە يەنە بىر تەرەپتىن قۇيرۇغى بىلەن چىۋىنلارنى قورۇغدايتتى.قويلار ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ئۇيان –بۇيان مېڭىشاتتى ، باش كۆتەرمەي ئوت يەيتتى ياكى باشلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئەتىراپلارغا قارىشاتتى ۋە مەرىشىپ ھەمرالىرىنى ئىزدىىشەتتى،بۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل كۆل رايۇنى ھاياتىي كۈچكە تولغان بولاتتى.

لوخۇلۇق كۆلى پەسىل خاراكتىرلىك كۆل بولۇپ كۆلنىڭ سۈيى ئاساسلىقى ھەر يىلى 6،7-ئايلاردىكى تارىم دەرياسىغا  كەلگەن كەلكۈن سۈيى ئارقىلىق تولۇقلىناتتى. كەلكۈن سۈيى كېلىشتىن ئىلگىرى،كۆلدىكى سۇلار پارغا ئايلىنىپ،سىڭىپ كىتىش سەۋەبى بىلەن زور مىقتاردا خوراپ بېلىقلارچوڭ-كىچىك كۆللەرگە يىغىلىپ قالاتتى، بۇ بېلىق تۇتىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپتىن يازلىق تەتىلگە قويۇپ بەرگەن چاغ بولۇپ ھەر كۈنى بېلىق تۇتۇش بىزنىڭ يازلىق تەتىلدىكى  مۇھىم ئېشمىزئىدى. ئۆيىمىزدىن لوخۇلۇق كۆلىگە بارىدىغان يول 10نەچچە كىلومىتىر كېلىدىغان قاقمىلىقتوپا يول بولۇپ مېڭىش بەك تەس ئىدى، ئۇ چاغلاردا قاتناش قورالى ناھايىتى ئازبولۇپ  ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ  3-4سائەت ماڭساق ئاندىن كۆل رايۇنىغا بارغىلى بولاتتى. كۆل رايۇنىدا قومۇچ،يېكەنلەر قۇيۇق ئۆسكەن بولۇپ يول يوق ئىدى،پەقەت كالا،قويلار ماڭىدىغان كىچىك يوللار بار ئىدى. كۆل رايۇنىغا كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن بېلىق بار كۆللەرنى ئىزدەيتتۇق،كۆل ئىزدىگەندە تەجىرىبە بولۇش كېرەك ئىدى، بىزدائىم دوڭنىڭ تۆپىسىگە چىقىپ قومۇچلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۈزىتەتتۇق،قەيەردەقومۇشنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولسا شۇ يەردە كۆل بار ئىدى. كۆلنى تاپقاندىن كېيىن سۇنىڭ رەڭگى قاتارلىق ئەھۋالارغا ئاساسەن بېلىقنىڭ تۈرلىرى،چوڭ-كىچىكلىگى ۋە ئاز-كۆپلىگىگەھۆكۈم قىلاتتۇق.ئادەتتە سۇنىڭ رەڭگى لايلىشىپ كەتسە ئوتخۇر بېلىق كۆپ ، سۇنىڭرەڭگى كۆكۈچ بولسا ئالتاي بېلىقى كۆپ ،سۇنىڭ تىگى لايلىشىپ تۇرسا  لوقا بېلىق كۆپ بۇلاتتى. سۇ يۈزىدە بېلىقنىڭ پۇقلىرى كۆپ بولسا بېلىق كۆپ ھەم چوڭ بولاتتى. بىر كۆلدىن بىرقانچە قېتىم بېلىق تۇتقىلى بولاتتى،ئالدىنقى مەزگىلدىكى سۇ بىر قەدەر كۆپ بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ سۇ ئاساسەن قۇرۇپ بولغانغا قەدەر بېلىق تۇتاتتۇق. بېلىق كۆپ ھەم سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى تېزبولغاچقا كىشىلەر بېلىقنى تۇتۇپ بولغۇچە ناھايىتى كۆپ بېلىقلار كۆلچەكتە ئۆلۇپ كىتەتتى.دەسلەپ بېلىق تۇتۇشنى باشلىغان چاغدا سۈيى تېيىز كىچىك كۆلچەكلەرنىڭ سۇنى لايلىتىۋەتسەك  بېلىقلارغا ھاۋا يىتىشمەي بېشىنى سۇ يۈزىگەچىقىراتتى ،بۇ چاغدا بېشى چوڭ كەلگەن بېلىقلارنى سىۋەت بىلەن سۈزۇۋالاتتۇق. بۇنداق ئۇسۇلدا سۈيى چوڭقۇر يەرلەردىكى بېلىقلارنى تۇتۇشقا ماس كەلمەيتتى. چوڭ بېلىقلارمۇ ئاز تۇتىلاتتى،كېيىن تور توقۇپ  بېلىق تۇتىدىغان بولدۇق،يەنى نىلوڭ يىپ، يىپەك يىپ بىلەن ئۇزۇنلىغى 3-4مىتىر،كەڭلىگى 2-3مىتىر كېلىدىغان تور  توقۇپ ئىككى بىشىغا ياغاچ ئۆتكۈزۈپ تورنىڭ تىگىگە كىچىك تومۇرلەرنى باغلاپ چۆكمە قىلىپ ئىككى ئادەم ئىتتىرىپ ماڭاتتى،بېلىق ئىلىنسا تورنى سۇ يۇزىگە كۆتىرەتتۇق بىر ئادەم  تورنى كۆتۇرۇپ سۇزەتتى ياكى بېلىقنى ئىتتىرىپ قىرغاقا چىقىراتتۇق .بۇنداق قىلغاندا بىر قەدەر چوڭقۇر سۇدىكى بېلىقلارنى ھەم چوڭ بېلىقلارنىمۇ كۆپ  تۇتقىلى بولاتتى، كېيىنچوڭ تورلار بىلەن بېلىق تۇتىدىغان بولدۇق،بۇ تورلار 30مىتىر،50مىتىر ،100مىتىركېلەتتى. چوڭ تورلارنى تارتىدىغان ئادەملەرمۇ بىر قەدەر كۆپ ئىدى .كىچىك تورلارغا 5-6ئادەم،چوڭ تورلارغا10دىن ئارتۇق ئادەم كىتەتتى.سۈيى چوڭقۇرراق چوڭ كۆللەردە بېلىق تۇتقاندا بەزىدە بىر قېتىم تور تاتقاندا نەچچە يۈز كىلوگىرام بېلىق سۈزىۋالغىلى بولاتتى،بىراق سۇداتور تارتىپ  بېلىق تۇتۇشمۇ  ئىنتايىن جاپالىق ئىش ئىدى. ئادەم  سۇدا مەشخۇلات قىلغاندا بەك كۆپ كۈچ كىتىدۇ،بىر قانچە قېتىم تور تارتقاندا ھېرىپ ھالىدىن كېتىدۇ. كىشىلەر”بېلىق تۇتۇشقا بېرىلىپ كەتكەندە سۇ  سوغاقلىغىنى ھىس قىلالمايدۇ “ دىيىشىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يەنى ئادەملەرنىڭ  سۇدا ۋاقىراشلىرى،بېلىقلارنىڭ تورنىڭ ئالدىدا ئېتىلىپ چىقىپ سەكرەشلىرى، قارۇنالارنىڭ باشلىرىمىزدا ئايلىنىشلىرى، ياۋا غاز، يېكەن توخۇسىنىڭ قومۇچلۇقتا سايراشلىرى،يىلانلارنىڭ سۇلاردا ئۈزۈپ يۈرگەنلىرى ،قىرغاقلاردا ماڭغاندىكى ئاشۇ  مەنزىرلەر كىشىنى ھارغىنلىق ھىس قىلدۇرمايتتى.بىز ھەر قېتىم لوخۇلۇق كۆلىگە بېلىق تۇتقىلى بارغاندا رازىمەنلىك بىلەن قايتاتتۇق. ھەر –بىر كىشىگە نەچچە ئون كىلوگرام ياكى 100كىلوگىرامغىچە بېلىق تارقىتىلاتتى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇرۇق-تۇققان،دوست-بۇرادەرلەر،خوشنا-خۇلۇملارغائازراقتىن تارقىتىپ بېرىپ ئېشىپ قالغانلىرىنى يەرلىك  تۇز سېپىپ قۇرۇتۇپ قوياتتۇق ياكى ئاپتاپقا قاقلاپقاق قىلىپ قويۇپ قىشلىقى يەيتتۇق. ھەر يىلى بىرقانچە تاغار قاق بېلىق قۇرۇتۇپ قوياتتۇق.

‹تارىم دەرياسى ،ئانا دەريا،سىز ماڭا سۈت بېرىپ باققان›دىگەن شېئر ناھايتى ياخشى تۇقۇلغان .

ھازىر تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى بارغانسېرى ئازىيىپ،دەريانىڭ تىگىگە قۇملار كۆپ تىنىپ كەتتى. ماتىرىيالارغائاساسلانغاندا،2005-يىلى لوپنور ناھيىسىنىڭ تەۋەسگە ئېقىپ كىرگەن سۇ مىقدارى2مېلىيارت500مىليۇنكۇپ ؛2008-يىلى 900مىليۇن كۇپ بولغان؛2009-يىلى200مىليۇن كۇپقا يەتمىگەن؛بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،لوخۇلۇق كۆلىنىڭ سۈيىنى تولۇقلاش  ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ،ھازىر لوخۇلۇق كۆلى بىر پارچە قۇرۇق ئوتلاققا  ئايلىنىپ قالدى،قۇيۇق ئۆسكەن يېكەنلەرمۇ مەۋجۇت ئەمەس .چوڭ –چوڭ ئۆسكەن قومۇچلارمۇ قۇرۇپ كەتتى.  ،كالا،قويلارنىڭمۇ يەيدىغان ئوتى قالمىدى.لوپنورنى ياشارتىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپ  تۇرغان كۆل تەدرىجى قاغجاراپ قۇرۇپ كەتتى.

مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3433

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-10-13
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: