چىڭ سۇلالىسىنىڭ لوپلۇقلارغا سالغان ئالۋاڭ-ياساقلىرى توغرىسىدا

چىڭ سۇلالىسىنىڭ لوپلۇقلارغا سالغان ئالۋاڭ-ياساقلىرى توغرىسىدا

ئاپتورى ؛ شېرىپ مۇسا

چىڭ سۇلالىسى؛1759-يىلى جۇڭغارلارغا جازا يۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ،شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن كىچىك لوپ رايۇنىنى پىچان خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرىشىغا ئايرىپ بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ چىڭ سۇلالىسى بۇ رايۇندا ئىسلاھات خاراكتىرىنى ئالغان بىر قىسىم ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئىشلار توغرىسىدا بىرئاز توختۇلۇپ ئۆتەيلى.

تارىختا لوپ دەپ ئاتالغان بۇ كەڭ زىمىن  چوڭ لوپ،كىچىك لوپ دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلاتتى.لىكىن بۇ ئىككى لوپنىڭ دائرسى بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ، تۇرغان چېگراسى ئېنىق بولماي كەلگەنىدى.چىڭ سۇلالىسى تۇنجى قېتىم بۇ ئىككى لوپنىڭ دائرسى بىلەن چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ چىقتى.شۇ ئاساستا پىچان خان ئامبىلى باشقۇرغان كىچىك لوپنىڭ زىمىن دائرسىنى‹‹ تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا،تۆۋەن ئېقىمى،كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا،تۆۋەن ئېقىمى،چەرچەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى،چارقىلىق دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى،تەكلىماكان بىلەن قۇمتاغ قۇملۇغىنىڭ ئارىسىدىكى كەڭ زىمىن؛ كىچىك لوپ ›› دەپ ئېنىق بېكىتىپ چىقتى.بۇ دائىرىگە ھازىرقى لوپنور ناھىيەسىنىڭ زىمىنى بىلەن لوپ كۆلىنىڭ غەربىي شىمالى،غەربىي جەنۇبى قاتارلىق جايلار تەۋە بولدى لوپلۇقلار بۇ كەڭ زىمىندا ناھايىتى تارقاق ھالدا ياشايتتى.چىڭ سۇلالىسى ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، لوپلۇقلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەم قۇلايلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاھالىلار ئولتۇرغان نوقتىلارنى ئاساس قىلىپ، ھازىرقى لوپنور ناھىيەسى تەۋەسىدە 20 كەنىت‹‹مەھەللە››، ھازىرقى چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدە 8 كەنىت‹ مەھەللە › تەسىس قىلدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا يېقىن كەنىتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بەگلىككە ئايرىدى. بەگلىكنىڭ بەگلىرىنى پۇقرالار سايلاپ بېرەتتى.سايلانغان بەگلەرنى پىچان خان ئامبىلى چىڭ سۇلالىسى مەركىزى ھۆكۈمىتىگە يوللاپ تەستىقلىتىپ ئوتۇغان تارقىتىپ بېرەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ يەرلىك ئاھالىنى بەگلەر باشقۇرىدىغان بولدى. كىچىك لوپتا بەگلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئاھالىلار دەسلەپكى قەدەمدە مەھەللىلەردە ئولتۇراقلىششنى ئەمەلگە ئاشۇردى بۇ ئىش لوپلۇقلار ئۈچۈن چوڭ ئىلگىرلەش بولدى.

چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن كىچىك لوپتا يەرلىك لوپلۇقلار بىلەن كۆچۈپ كەلگەن دولانلار بىرلىكتە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. بۇيەرگە جۇڭغارلار قەرەلسىز ھالدا باستۇرۇپ كىرىپ پۇقرالارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلاتتى. قارشىلىق قىلغانلارنى  قىراتتى،چاپاتتى.بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچىراپ خانىۋەيران بولغان دولانلار بۇ يەردە تۇرالماي ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.يەرلىك لوپلۇقلار بۇ يەردە داۋاملىق قىلىپ ناھايىتى قىيىن تۇرمۇش كۆچۈردى. بۇ ئەھۋاللاردىن چىڭ سۇلالىسى مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۆز ۋاقتىدىلا خەۋەردار ئىدى. ھەم ئۇنىڭغا كېيىنكى ئەھۋاللارنى بىرلەشتۈرۈپ لوپلۇقلارغا دەسلەپتە ئېتىۋار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.يۇرت ئەمىن تاپقىچە،پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى،ئىگىلىگى ئۆز ئىزىغا چۈشكىچە باجنى يىنىك ئالدى. ئاندىن كېيىن پەيدىن-پەي كۆپەيتتى. بۇ ئەھۋال 1997-يىلى نەشىر قىلىنغان‹‹لوپنورناھىيەسى تەزكىرە››سىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىغى ئۈچۈن بۇ يەردە قايتا توختالمايمىز.لىكىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى لوپلۇقلار ئۈستىدىكى ئالۋاڭ-ياساقنى بىكار قىلمىدى. ‹‹تەزكىرە››دە بۇ كۆز قاراشنىڭ ئەكسىچە لوپلۇقلار باج ئۈچۈن‹‹ئازىراق قۇندۇز تېرىسى تاپشۇراتتى(1) شۇنىڭ بىلەن بىر يىللىق باج-سېلىقى تۈگەيتتى.ئۇنىڭدىن باشقا ئالۋاڭ-ياساقنى ئۈستىگە ئالمايتتى›› دېيىلگەن.بۇ كۆزقاراشلارنىڭ قايسىسى توغرا ؟ بۇ توغرىدا تەپسلىراق توختۇلۇپ ئۆتەيلى. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىز چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى لوپلۇقلار ئۈستىدىكى       ئالۋاڭ-ياساقنى بىكار قىلمىدى دېگەن پىكرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئاساس قىلدۇق. بۇپاكىتلارنىڭ بەزىلىرى لوپلۇقلار ئىچىدىكى ۋەقە شۇناسلارنىڭ ئەۋلادلارغا سۆزلەپ بېرىشى،قوشاقچىلارنىڭ توقىغان قوشاقلىرى، بەزىلىرى شىنجاڭغا ئىلمىي تەكشۈرۈشكە كەلگەن چەتئەللىك ئالىملار تەرىپىدىن خاتىرىگە ئېلىنغان ماتېرىياللار ئارقىلىق دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن ھەقىقى،چىن  ۋەقەلەردۇر.

1-لوپلۇقلارنىڭ قورۇلدىن چېكەلىك ئۆيگە ئاشلىق توشۇش ئالۋىڭى

 چارقىلىق ئەينى چاغلاردا يول ئۈستىدىكى كىچىك ئۆتەڭ  ئىدى.ئۇنىڭ جايلاشقان ئورنى موھىم بولۇپ، بۇ يەردىن شەرق تەرەپكە سەپەر قىلسا دۇخان ‹‹ دەشتى ئاتا ››ئارقىلىق ئىچكى ئۆلكىلەرگە، جەنۇپقا قاراپ سەپەر قىلسا چەرچەن ئارقىلىق خوتەن رايۇنىغا، غەربىي شىمال تەرەپكە سەپەر قىلسا لوپنوردىن ئۆتۈپ كورلا ئارقىلىق شەرقىي شىنجاڭغا، شىمالى شىنجاڭغا، غەرىپتىكى بۇگۇر، كۇچار، ئاقسۇ، قەشقەرلەرگە بارغىلى بولاتتى. چارقىلىق بۇنداق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ھەربىي ئىشلاردا مۇھىم سىتىراتىگىيىلىك ئورۇن ھېساپلىناتتى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى خوتەن رايۇنىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ يەردە خىلى زور قوشۇن تۇرغۇزدى.بۇ چاغلاردا چارقىلىقنىڭ نوپۇسى ئاز،تېرىلغۇ كۆلىمى كىچىك بولۇپ، ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئارانلا قامدىيالايتتى.ئېشىنچا ئاشلىق زاپىسى بولمىغاچقا بۇ يەردە تۇرغۇزۇلغان قوشۇننىڭ قورسىقىنى بېقىشقا قۇربى يەتمەيتتى. ئەمەلىي ئەھۋال شۇنداق بولغاچقا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلارنىڭ قورسىقىنى باقىدىغان ئاشلىقنى ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان كورلا، قاراشەھەر،بۈگۈر،كۇچا،شايار قاتارلىق جايلاردىن يۆتكەپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ يەرلەردە يىغىلغان ئاشلىقلار ئىككى يول ئارقىلىق قورۇلغا توشۇلاتتى.(قورۇل؛يەر-جاي نامى بولۇپ،ئورنى؛ھازىرقى لوپنور ناھىيەسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەت 218- تاشيولىنىڭ 80 كىلومېتر بېكىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان جايدا. بۇ يەردە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەينى چاغلاردا قورۇل تەسىس قىلغان ھەم قورۇلبەگ تۇرغۇزغان.شۇ چاغلاردىن باشلاپ بۇ يەرنىڭ نامى قورۇل دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان›.قورۇلغا ئاشلىق توشۇلىدىغان1-يول:-كۇچار، شايار ناھىيەلىرىدە توپلانغان ئاشلىقلار بۇ يەردىن ئالۋاڭغا تۇتۇلغان پۇقرالار تەرىپىدىن تارىم دەريا سۇ يولى ئارقىلىق ھازىرقى لوپنور ناھىيەسىنىڭ قارچۇغا يېزىسى تەۋەسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان،تارىم دەرياسى بويىغا جايلاشقان ساڭ چېكە دېگەن يەرگە توشۇلاتتى.بۇ يەرگە توپلانغان ئاشلىقلار قارچۇغا رايۇنى دائىرسىدىن ئالۋاڭغا تۇتۇلغان يەرلىك لوپلۇقلار تەرىپىدىن تارىم دەريا سۇ يولى ئارقىلىق قورۇلغا توشۇلاتتى.2- يول:-قاراشەھەر،كورلا،بۈگۈر قاتارلىق ناھىيەلەردە توپلانغان ئاشلىقلار بۇ يەرلەردىن ئالۋاڭغا تۇتۇلغان پۇقرالار تەرىپىدىن قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق قورۇلغا توشۇلاتتى.ئەينى ۋاقىتلاردا قورۇل چاقىلىققا توشۇلىدىغان ئاشلىق توپلىنىدىغان موھىم بازىغا ئايلانغان ئىدى.قورۇلغا توپلانغان ئاشلىقلارنى چوڭكۆل،تېيىزكۆل،چارا قاتارلىق جايلاردىن ئالۋاڭغا تۇتۇلغان يەرلىك لوپلۇقلار كېمىگە بېسىپ، تارىم دەرياسىنىڭ سۇيولى بىلەن چېكەلىك ئۆيگە ئاپىراتتى.(چېكەلىك ئۆي،يەر-جاي نامى بولۇپ،ھازىرقى چاقىلىق ناھىيەسىگە تەۋە،ئورنى؛ لوپ كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا،تارىم دەرياسىنىڭ لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدىغان جايغا يېقىن يەردە بولۇپ،چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا كەنىت،مەھەللە)ئىدى.شۇنىڭ بىلەن سۇ يولى ئارقىلىق ئاشلىق توشۇيدىغانلارنىڭ ئالۋىڭى ئاخىرلىشاتتى،چېكەلىك ئۆيگە توپلانغان ئاشلىق باشقىلار تەرىپىدىن چاقىلىققا توشۇلاتتى.قورۇل بىلەن چېكەلىك ئۆينىڭ ئارىلىقى دەريانىڭ ئېقىش يولى بىلەن ھېساپلىغاندا تەخمىنەن 400 كىلومېتىردىن ئوشۇقىراق بولۇپ، بېرىپ-كېلىش ئۈچۈن تەخمىنەن 800 كىلومېتىردىن ئوشۇقراق يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى.ئارىلىق يىراق،يول يۈرۈش مۈشكۈل بولۇپ خىيىم-خەتىرى تولا ئىدى. دەريا بويلىرىدىكى ئۆتەڭلەردە پىچان خان ئامبلىنىڭ خادىملىرى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ،ئۇلار ئاشلىق توشۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلاتتى. ھەر خىل بانا-سەۋەپلەر بىلەن ئاشلىق توشۇغانلارنى سوراققا تارتاتتى،قاقتى-سوقتى قىلاتتى، تىللايتتى، ھەتتا ئۇرۇپ -دۇمبالايتتى.زۇلۇم يېتىپ ئاشقۇچە بولاتتى.بۇ ئەھۋال مەلۇم بىر قوشاقچى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان قوشاقتا مۇنداق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

  مەندە  نەمەنە جانۇغۇ،

گۇناھكار قىلغان يازۇغۇ

ئىككى كىشىلىك كېمەگە

جىقتاپ  تاياغان  ئازۇغۇ

(مەنىسى؛-ئىككى كىشى تايايدىغان يوغان كېمىگە توشقىچە ئوزۇقلۇق ئاشلىق قاچىلاپ ئۆزۈم يالغۇز تاياپ كېتىۋاتىمەن،قايسى ئۆتكەزگەن يازۇق-خاتالىغىم ئۈچۈن گۇناھكار قىلىپ مېنى جونۇپ-دۈشكەلەيسەن) .

 ئالۋاڭ ۋەزىپىسىنى تاماملىغان لوپلۇقلار ئۆز يۇرتىغا قايتقاندا سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى ‹‹ئۆردۈلەپ››كېمە تاياپ يول يۈرەتتى.بۇ كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئېغىر ئىش ئىدى.كىشىلەر ئاسانلا ھالىدىن كېتەتتى.سەپتىن چۈشۈپ قالاتتى.بۇلاردىن يۇرتىغا قايتالمايدىغانلار ياقا يۇرتلاردا سەرسان بولاتتى.بەزىلەر يول ھەم ئاچلىق ئازابى بىلەن ئاجىزلاپ، كۈندۈزى ئاپتاپتا كۆيۈپ،ئاخشىمى كېچىنىڭ سوغىقىدا توڭلاپ ھەر خىل كېسەللەرگە دۇچار بولۇپ يول ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈگى قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم بولاتتى.ئاز بىر قىسىملار تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ مىڭبىر جاپادا يۇرتىغا قايتىپ كېلەلەيتتى. لوپلۇقلارنىڭ ئاشلىق توشۇش ئالۋىڭى يوقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك كىشىلەرنىڭ ھايات-ماماتىغا تاقىلىدىغان ئېغىر، جاپالىق،قىيىن،خەتىرى تولا،مۈشكۈل ئازاپلىق ئالۋاڭ ئىدى. بۇ ئالۋاڭ ھەتتا مىنگو دەۋرىگىچە داۋاملىشىپ،ئاشلىق قۇرۇقلۇق يولى بىلەن توشۇلۇپ خەلقنى ۋەيران قىلىش رولىنى ئوينىغان. بۇ ئالۋاڭلار توغرىسىدا لوپلۇقلار ناھايىتى كۆپ قوشاقلارنى توقىغان.ئۇنىڭدا لوپلۇقلارنىڭ ئىكىسپىلاتاتسىيىگە زۇلۇمغا قارشى غەزەپ-نەپرىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ يەردە  شۇ قوشاقلاردىن بىر قىسىملىرىنى ماقالىمىزغا قىستۇرۇپ قويساق ئوشۇقچە بولماس.

 چارقىلىققا بىز بارىپ،

ئون ئۈچ كۈن بىكارياتتۇق.

لەڭىمىز(2) كامىپ قالىپ،

 ئارغامچا،تاغار ساتتۇق.

كىشى يۇرت مۇساپىر،

دەرت ئۈستىگە دەرت تارتتۇق.

ئۇچۇپ بارغان قارغالار،

قونادىكەن تېرەككە.

 لەڭچى باللار يىغلايدۇ،

ئۆلۈپ قالغان ئىشەككە.

كالتەك قامچىسى تەگدى،

گۆشتىن ئۆتۈپ يۈرەككە.

ئامان قارشى ئالىپتۇ،

 شايارلىققى لەڭىنى.

 ئىشەك ھايدىغان باللار،

 يەپ كېتىپتۇ تەڭڭىنى.

ھۆججەت قىلىپ بەرمەپتۇ،

چاقىلىققى شۈڭگەنى.

مىنگو دەۋرىدىكى ئالۋاڭلارنى يېزىش ماقالىمىزنىڭ تەلىۋى بولمىغاچقا شۇنچىلىكلا ئەسكەرتىش بېرىلدى،خالاس…

2- چەتئەللىك ئالىملار خاتىرلەپ قويغان بىر قىسىم ئالۋاڭ –ياساقلار

19-ئەسىرلەردىن باشلاپ چەتئەللىك ئىكىسپىدتسىيىچىلەر رايۇنىمىز شىنجاڭغا ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۈچۈن كۆپلەپ كېلىشكە باشلىدى. ئىكىسپىدتسىيىچىلەر تەركىۋىدە داڭلىق ئالىملار بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ تاغ، دەريا، كۆل، ئويمانلىقلىرىنى، ئېكىلوگىيەسىنى، تارىخىنى، ئارخىلوگىيەسىنى، مەدەنىيىتىنى، جەمئيەت ئەھۋالىنى، مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئىتقادىنى، تىلىنى، ئۆرۇپ-ئادەتلىرىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.بۇ نەتىجىلەر دۇنيا ئىلىم-پەن ئەھلىنى ھەيران قالدۇردى. ئەنە شۇ شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ئالىملارنىڭ بىرسى روسىيە تۈركۈلۈگى ن،ف،كاتانوۋ ئىدى.ئۇ 1891-يىلى تىل تەكشۈرۈش ئۈچۈن قۇمۇل،تۇرپانلارغا كەلگەن. ئۇ تىل تەكشۈرۈش جەريانىدا توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېزىلغان‹‹كۈن چىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى›› دېگەن كىتاۋىنى نەشىر قىلدۇرغان.  بۇ كىتاپقا كاتانۇۋنىڭ 1891-يىلى 9-ئاينىڭ 24- كۈنى تۇرپاندا تىل ماتېرىيالى ئېلىش ئۈچۈن مىجىت نوجۇپ ئاخۇن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ خاتىرسى كىرگۈزۈلگەن.سۆھبەت جەريانىدا مىجىت نوجۇپ ئاخۇن ئۆز ئىختىيارلىغى بىلەن لوپ ھەققىدە سۆزلىگەن.ئۇنىڭ سۆزى قىسقا بولسىمۇ، لىكىن كۆپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.ئۇنىڭدا لوپنىڭ مەمۇرىي بۆلۈنىشى، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، لوپلۇقلارئۈستىدىكى ئالۋاڭ-ياساقلار، لوپلۇقلارنىڭ دىنىي ئىتقادى، كىيىم- كېچەك، تاماق مەدەنىيىتى،توي-تۆكۈن،ئۆلۈم-يىتىم ئۇزۇتۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۆرپى- ئادەتلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن. كاتانوۋ مۇستەقىل قاراشقا ئىگە، بىتەرەپ مەيداندا تۇرىدىغان ئالىم بولغاچقا مىجىت نوجۇپ ئاخۇن نېمىنى سۆزلىسە ئۇنى ئۆز ئەينى، ئۆزگەرتمەي خاتىرلىگەن.ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ شەخسى كۆزقاراشلىرىنى پەقەت قوشماي،سۆزنىڭ چىنلىقىنى،ھەقىقىلىغىنى ساقلاپ قالغان. بۇ ماتېرىيالنى لوپلۇقلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتە پايدىلىنىشقا بولىدىغان قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال دېيىشكە بولىدۇ. بىز بۇ ماتېرىيالنىڭ ماقالىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسمىنى نەقىل كەلتۈرىمىز.مىجىت نوجۇپ ئاخۇننىڭ سۆزىدىن ئۈزۈندە؛-‹‹بۇ چاغلاردا لوپ تۇرپان ۋاڭغا قارايدۇ. توققۇز بېگى بار.بۇ بەگلەر ئوتۇغان كېيىدۇ.ئوتۇغاتنى لوپلۇقلار ‹‹غوتۇرغات›› دەيدۇ.  لوپ بەگلىرى ھەر يىلدا تۇرپان دوتەيگە بىر جۇپ ئۆلۈك يولۋاس،بىر جۇپ تىرىك ئات، بىر جۇپ قاما،توققۇز كالا،توقسەن قوي،ئاق قارا بىر يۈزسەكسەن كۆرپە تارتۇق بېرىدىكەن. لۈكچۈن ۋاڭغىمۇ شۇ مىقداردا تارتۇق بېرىدىكەن. خانغا توققۇز جۇپتىن يولۋاس،قاما تېرىسى سوغات بېرىدىكەن››.

يولۋاسنى مۇنداق تۇتىدىكەن:-بەگلەر ھەر بىر يۇرتتىن بىردىن،ئككىگىچە كالا ئالۋاڭ سېلىپ يىغىدىكەن.كالا يەتمىش سەكسەن،بىرەر يۈز بولغاندا يولۋاس بار جاڭگالغا  ھايدىۋېتىدىكەن. يولۋاس كالىدىن بىرەرسىنى بوغۇپ ئۆلتۈرىدىكەن. بۇ ئۆلگەن كالىنىڭ ئىېتى سۇۋۇغاندىن كېيىن ئەتىسى كۈنى يولۋاس يەيدىكەن. لوپلۇقلار يائەللىك يىرىم ياكى ئاتمىش يىرىم كۈچۈلىنى سوقۇپ ئۇنى كىچىك يىگىرمە-ئوتتۇز خالتىغا قاچىلاپ ،ئۆلگەن كالىنىڭ گۆشىگە پىچاق تىقىپ،شۇ تۈشۈككە كىرگۈزۈپ،ئاغزىنى يىڭنە بىلەن ياماپ قويىدىكەن. بۇرۇن يەپ كۆرگەن يولۋاس بولسا يېمەي كېتەر ئىكەن.يەپ كۆرمىگەن يولۋاس بولسا يەپ كېتەر ئىكەن. بۇ زەھەرلىك گۆشنى يېمىگەن يولۋاس بولسا ئالقىنىنى ئېچىپ يەر دەسسەيدىكەن. يېگەنلىرى بولسا يەرگە يۇمىلاق دەسسەيدىكەن. ئىزى مۇشتەك ھالەتكە كەلسە كۇچۇلا كۈچۈنى كۆرسىۈتۈۋاتقان بولىدىكەن. بۇنداق ھالەتكە كەلگەندە ئادەم ئۇچىراپ قالسا بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن. شۇڭا بۇنداق بولغاندا يولۋاسقا يېقىنلاش خەتەرلىك بولىدىكەن. 3كۈندىن كېيىن يولۋاس ئۆلىدىكەن.ئۇنىڭ تېرىسىنى سويۇپ، تېرىسىگە سامان تىقىپ قۇرۇتىدىكەن. ئۇستىخىنىنى بىر خالتىغا، گۆشىنى بىر خالتىغا قاچىلايدىكەن.

قامىنى مۇنداق تۇتىدىكەن:-مۇز توڭلىغاندا بىرقانچە يەردىن سۇلاق تىشىلىدىكەن. بۇ يەرگە نان،گۆش قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇپ قويىدىكەن. قاما بۇنى يەپ ئۆگەنگەندىن كېيىن سۇلاقتىن چىقىپ جاڭگالغا كىرىپ كېتىدىكەن.بۇ چاغدا سۇلاققا تۇزاق قۇرۇپ قويۇلىدىكەن. قاما سۇلاققا كىرىمەن دەپ بېشى تۇزاققا چۈشىدىكەن. شۇنداق تۇتىلىدىكەن.

تۇرپاندىن لوپقا كىرگەن ئادەملەر دوتەينىڭ،ۋاڭنىڭ بەگلەرنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ بولۇپ بىر-ئىككى مىڭ سەرلىك مال ئېلىپ كىرىدىكەن.بۇنى لوپ بەگلىرىگە ئۆتكۈزۈپ پۇلىنى يىغىۋالىدىكەن.بۇ‹‹خېنى سودا››دەپ ئاتلىدىكەن. بۇ سودىدىن كىرگەن پايدىنى دىرىنى ھەر قايسىلىرى بۆلۈشۈپ ئالىدىكەن ھەم ئۇلار ئۆز ئادەملىرىگە بۆلۈپ بېرىدىكەن.

لوپتىن يىغىۋالغان ماللارنى ئالۋاڭغا ئات، ئۇلاق، ئادەم يىغىپ تۇرپانغا ئاپىرىدىكەن.بۇ ‹‹ئۆلۈم ئالۋىڭى››دېيىلىدىكەن.

تۇرپانلىق بەگلەر كەتمەكچى بولسا لوپ بەگلىرى يۇرتتىن يىغىپ ‹‹خېنى سوغات›› بېرىدىكەن. ‹‹خېنى سودا›› دا بىر گەز مالغا بىر قوي ھېساپلاپ يىغىپ ئالىدىكەن. بىرەر كىشىگە بىرقاپ يىڭنە ياكى بىرەر ساندۇق ئۇپا بېرىپ،ئۇنىڭ ئورنىغا بىرەر تاغار، خۇرجۇن، تاسما، كۆرپە يىغىپ ئالار ئىكەن.

لوپلۇققا ئاساسى جەھەتتىن چىچەك چىقمايدىكەن.چىچەك چىققانلارنى ‹‹پىشىقلار››دەپ ئاتايدىكەن…چىچەك چىقمىغانلار تۇرپانغا بارسا، بىر-ئىككى كۈنگە قالماي چىچەك چىقىدىكەن. شۇڭا ئالۋاڭغا ‹‹پىشىقلار››نى ئىۋەتىدىكەن.تۇرپاندىن كەلگەنلەرنى ئۈچ يىلغىچە  لوپقا كىرگۈزمەيدىكەن. ئۈچ يىلدىن كېيىن لوپقا كىرمەكچى بولسا كۆنچى دەريا بويىدا توختۇتۇپ قويۇپ،ئەر-ئاياللار،ياش-قېرىلار دەريا بويىدا بىر سىقىم يۇڭ تۇتۇپ تۇرىدىكەن. بىر تاغار كېپەك بىلەن ئادىراسماننى ئارىلاشتۇرۇپ ئوت ياقىدىكەن.ئۇ كىشى ئوتتىن 41 قېتىم ئەگىيدىكەن. 41 قېتىم ئاتلايدىكەن.ئاندىن كېيىن يالىڭاچ قىلىپ سۇغا چۈشۈرىدىكەن.ئاندىن ئۇنى ئارىغا ئېلىپ مەھەللىگە ئېلىپ كېرىدىكەن. بۇنى لوپلۇقلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كېسەلنى كارانتىن قىلىشى دەپ چۈشۈنۈشكە بولىدۇ.

مىجىت نوجۇپ ئاخۇننىڭ سۆزلىرى بۇنىڭدىن 120 يىل ئىلگىرى سۆزلەنگەن بولسىمۇ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن بولغاچقا ئوقىغان كىشى ئاسانلا چۈشۈنىۋالالايدۇ. مىجىت نوجۇپ ئاخۇن تۆت مەسىلە ئۈستىدە سۆزلىگەن.بىرسى ‹ئۆلۈم ئالۋىڭى› توغرىسىدا بولۇپ،ئۇنىڭ ئالۋاڭ-ياساق ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. قالغان 3 مەسىلە ئالۋاڭ-ياساق دائىرسىگە كىرەمدۇ-كىرمەمدۇ؟دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بىر ئاز توختۇلۇپ ئۆتەيلى:- چىڭ سۇلالىسىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك مەمۇرى ئورگانلىرى دوتەيگە، ۋاڭغا تارتۇق، خانغا سوغات بېرىشنى لوپتىكى 9 بەگلىككە ئالۋاڭ سېلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. بەگلەر پۇقرالارغا ئالۋاڭ سېلىپ، ئۇلاردىن تارتۇق، سوغات بېرىشكە كېتىدىغان نەرسىلەرنى يىغىۋالىدۇ.

9 بەگلىكنىڭ بەگلىرى دوتەيگە،ۋاڭغا تارتۇق،خانغا سوغات بېرىش ئۈچۈن بىر يىلدا پۇقرالاردىن يىغىۋالغان نەرسىلەرنىڭ يىغىندىسى تۆۋەندىكىچە:-

ئۆلۈك يولۋاس‹تېرىسى›-99 جۇپ،‹ 198 دانە› ھەم ئۇستىخان گۆشى بار. ئات18جۇپ‹36تۇياق›، قاما ‹تېرىسى› 99 جۇپ ‹198دانە›، كالا 162 تۇياق،قوي  1620  تۇياق ،كۆرپە 3240دانە بۇ ئالۋاڭ-ياساققا يىغىۋېلىنغان نەرسىلەرنىڭ سانى خىلى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ تەن نەرخىنى ئەينى زاماننىڭ كۆمۈش پۇلىغا،ياكى ھازىرقى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېساپلاش مۇمكىنچىلىگى بولمىغانلىغى ئۈچۈن بۇ توغرىدا ئېنىق بىر پۇل سانىنى ئوتتۇرىغا قويالمايمىز.لىكىن ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن خىلى پۇلغا يارايدىغانلىغى ئەمىلىيەت. بۇ نەرسىلەرنى تاپشۇرۋېلىشقا كەلگەن ئەمەلدارلار‹‹خېنى سودا›› قىلىشقا ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى لوپنىڭ بەگلىرىگە ‹‹ سېتىپ بەر ›› دەپ ئالۋاڭ سېلىپ يوقىرى باھادا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.لوپ بەگلىرى ئۆز پۇقرالىرىغا ئالۋاڭ سېلىپ مەجبۇرى ساتىدۇ. پۇلىنى يىغىۋېلىپ، تۇرپانلىق ئەمەلدارلارغا بېرىدۇ. تۇرپانلىق ئەمەلدارلار‹‹خېنى سودا››ئارقىلىق لوپلۇقلاردىن جىق نەرسە ئۈندۈرۋالىدۇ. تۇرپانلىق ئەمەلدالار ئىشىنى تۈگۈتۈپ كەتمەكچى بولغاندا لوپ بەگلىرى پۇقرالارغا ئالۋاڭ سېلىپ بىر بۆلۈك نەرسىلەرنى يىغىپ ئۇلارغا ‹‹خېنى سوغات›› قىلىپ بېرىدۇ. بۇلار بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، زەنجىرسىمان باغلىنىشقا ئىگە ئالۋاڭ-ياساقلار بولۇپ، ئۇ پۇقرالارئۈچۈن مەجبۇرىيەت ھېساپلىنىدۇ. باش تارتىشقا بولمايدۇ.شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇ ئالۋاڭلارنى دوتەي،ۋاڭغا تارتۇق، خانغا سوغات بېرىش ئالۋىڭى،خېنى سودا ئالۋىڭى،خېنى سوغات بېرىش ئالۋىڭى دەپ ئاتاش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغاندەك قىلىدۇ.

يوقىرىدا بىز چىڭ سۇلالىسىنىڭ لوپلۇقلارغا سالغان ئۇششاق-چۈشەك ئالۋاڭ- ياساقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، چوڭ ئالۋاڭ-ياساقلاردىن ئىككىنى پاكىت ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ پاكىتلار ‹‹ لوپنور ناھىيە تەزكىرىسى›› دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان لوپلۇقلار بىر يىللىق باج-سېلىقنى تاپشۇرسىلا‹‹ئۇنىڭدىن باشقا ئالۋاڭ-ياساقنى ئۈستىگە ئالمايتتى›› دېگەن خاتا قاراشقا رەددىيە بېرىشكە يېتىپ ئاشىدۇ. ‹‹تەزكىرە››دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ خاتا قاراش مەزكۈر تەزكىرىنىڭ ئاپتۇرلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانمۇ، ياكى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان تەزكىرىلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەنمۇ، بۇ تەرەپلىرى بىزگە نامەلۇم. ‹‹لوپنور ناھىيەسى تەزكىرىسى››نى يوقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاتاغا چىقىرىلغان كۆز قاراشلار ئارقىلىق ئنكار قىلىغىلى بولمايدۇ، ئۇ يەنىلا ياخشى يېزىلغان تەزكىرە دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ‹‹لوپنور ناھىيە تەزكىرىسى›› يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يېزىلغان چوڭ تەزكىرە .بۇنداق چوڭ تەزكىرىنى يېزىشتا يا ئۇنداق يابۇنداق كەمچىللىك،خاتالىقلاردىن خالى بولغىلى بولمايدۇ، بۇنداق كەمچىللىك، خاتالىقلار كۆرۇلگەن تەغدىردىمۇ، ئۇنى نورمال ھادىسە دېيىشكە بولىدۇ. كەمچىللىك، خاتالىق بولسا چوقۇم تۈزۈتۈش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا تەزكىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.

ئىلاۋە :-يولۋاس،قاما قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانلار تارىم ۋادىسىدىن ئىبارەت يېشىل كارىدۇردا ئەلمىساقتىن تارتىپلا ياشاپ،كۆپۈيۈپ كەلگەن.ئۇ ھايۋانلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى ئىچىدە بۇ ھايۋانلارنىڭ نەسلى پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتتى. بۇ مەملىكىتىمىزدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىمۇ ئاز كۆرىلىدىغان زور يوقۇتۇش بولدى. بۇ ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشتە كۆرسىتىلگەن سەۋەپلەر ئىچىدە:-قۇم بورانلىق ھاۋارايى،قۇرغاقچىلىق،قۇملۇشۇپ كېتىش،بۇ ھايۋانلار ياشايدىغان موھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ كىچىكلەپ كېتىشى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ چۈشەندۇرۈلدى.ۋە بۇ كۆز قاراش ئاساسى ئورۇندا تۇرۇرپ كەلدى .

چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭغا 100 يىلدىن ئوشۇقراق ۋاقىت ھۆكۈمىرانلىق قىلدى. بۇ مەزگىلدە پۇقرالار باجغا يولۋاس، قاما تېرىسى تاپشۇردى. تۇرپان دوتەيگە، ۋاڭغا تارتۇق،خانغا سوغات بېرىلىدىغان بويۇملار ئىچىدە يولۋاس، قاما تېرىسى ئاساسى ئورۇندا تۇردى. شۇنداق سەۋەپلەر بىلەن بىر يىلدا ئۆلتۈرۈلگەن يولۋاس،قامالار سانى خىلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇ ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشتە ئەشۇنداق قالايمىقان،پىلانسىز تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئاساسى سەۋەپ بولغانمۇ قانداق؟ بۇنى مۇناسىۋەتلىك كەسپى خادىملار تەتقىق قىلىپ باقسا بولىدۇ…

ئىزاھاتلار:

(1)بىر تۈتۈننىڭ باج سېلىقى ئۈچۈن تاپشۇرىدىغىنى،بىر جۇپ قاما تېرىسى،بىر دانە لاقۇ بېلىقنىڭ بېشىدىن ئىبارەت ئىدى. لاقۇ بېلىقنىڭ بېشىنى باجگىرلار ئۆزلىرى يېيىش ئۈچۈن قوشۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا كىچىك لوپنىڭ ئاھالىسى تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئوشۇقراق ئىدى.5 جاننى بىر ئائىلە دەپ ھېساپلىساق 2 مىڭدىن ئارتۇقراق تۈتۈن بار ئىدى. شۇنداق بولغاندا  لوپلۇقلار بىر يىلدا چىڭ ھۆكۈمىتىگە 2 مىڭ جۇپ (4000دانە)قاما تېرىسى باج ئۈچۈن تاپشۇراتتى. كېيىنچە باج دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق،قول سانائەت (8 تارمىغى بار) بويىچە كۆپەيتىپ ئېلىنىدىغان بولدى.

 (2)لەڭ؛ئەينى چاغلاردا چاقىلىققا توشۇلغان ئاشلىقلارنى لوپلۇقلار(لەڭ) دەپ ئاتىغان.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

(1)‹‹لوپنور ناھىيەسى تەزكىرسى›،  (2) ن،ف،كاتانو ‹‹كۈن چىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى››

مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى         www.loptekin.com


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3435

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-10-13
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: