سەھرادىكى باھار كېچىسى(ئىككى كىشلىك مۇشائىرە3)
ئايزىتنىڭ ئالتىنچى پارچە مۇشائىرسى
ئۇنتۇشنى كۈنلەرگە تەڭلىدىم ئۇزاق،
ئالماشقان كۈنلەرنىڭ خىيال پەسلىدە.
بوقۇلداپ يىغلايدۇ قارا چاچلىرىم،
ئونبەش كۈن قاراڭغۇ, ئاي يوق كېچىدە.
ھىجرانلىق كۈنلەرگە خەير دىيەلمەي،
قايرىلىپ قارايمەن كەينىمگە رەت-رەت.
سايەمنىڭ چۈشلىرى سەنسىز كۈنۈمدە،
خوشپۇراق جانسىز گۈل سۇنىدۇ پەقەت .
جۇدالىق تۇيغۇسى غەليان كۆتۈرۈپ،
ۋېسالنىڭ قەدىمى كەتتى كىچىكلەپ.
قۇياشنى تېرىكمەي كۈتكەن ئۇپۇقتەك،
سېغىنىش ئىچىدە يۈردۈم چۆرگىلەپ.
مېنىڭ يەتتىنچى پارچە مۇشائىرەم
ئالماشقان كۈنلەرنىڭ خىيال پەسلىدە،
ئەسلەشنى ئىچىمگە چىڭدىدىم لىقلاپ.
ھىجىراننى كاۋاپ قىلىپ ئۆرتىمەك بولدۇم،
تېنىنى مىڭ يەردىن پارچىلاپ،زىقلاپ.
پۇراقسىز ئاتالغان گۈللەر بەرگىنى،
دەرياغا ئەسەبىي ئاتتىم تىتمىلاپ.
غەليانغا سەۋەبچى بولغان تۇيغۇنى،
ئاي يۈتكەن كېچىدە ئەملىدىم سىپاپ.
بىر ئۆرۈپ توختاتسام چاچنىڭ يېشىنى،
ۋىسالنىڭ قەدىمى كەلدى يېقىنلاپ.
ئۇنتۇشنى بېشىمدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ،
تاشلىدىم داق يەرگە تالاي قېتىملاپ.
قۇياشنى تېرىكمەي كۈتكەن ئۇپۇقتەك،
ئۈمىدكە دەردىمنى ئېيتتىم قىزىرىپ.
نەچچە رەت ئۇزىتىپ قويسام ھىجراننى،
كەتمەستىن تەلمۈرۈپ تۇردى بېزىرىپ.
سايەمنىڭ چۈشلىرى ئويغاندى چۆچۈپ،
ۋىساللار تىۋىشسىز چەككەندە ئىشىك.
ھاياجان ياشلىرى تىزدى مارجاننى،
قارچۇققا ئەگىشىپ ماڭغاندا كىرپىك.
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=1116