چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ لوپنۇر ۋارىيانتى-«ئاق ئۆلەمبەردىخان»دا ئات ئوبرازى

لوپنۇر خەلق داستانى «ئاق ئۇلەمبەردىخان» دا ئات ئوبرازى

ئابدۇبەسىر شۈكۈرى

  «ئاق ئۇلەمبەردىخان» داستانى لوپنۇر خەلق داستانلىرى ئارىسىدىكى ئاساسلىق ۋە ئىنتايىن مۇھىم داستانلارنىڭ بىرى. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى توپلاش جەريانىدالوپنۇر ناھىيە تىكەنلىك رايونى يېڭىسۇ كەنىتىدە ئولتۇرۇشلۇق داستانچى بېغىم نىيازئاتىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىدا ۋە توختى جامال ئەپەندىنىڭ خاتىرىلىشىدە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بۇ داستان «قىزىل گۈلۈم»، «خاقاننىڭ ئۆلۈمى»، «بوز كۆرپەش- قاراچاچ ئايىم»، «بارىل ـــ تىنا-تىنا» قاتارلىق لوپنۇر خەلق داستانلىرى ئىچىدە ئۆزگىچە سىيۇژىت ۋە پىرو-مۇتىف (ئەسلى مۇتىف) ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كۆزگەتاشلىنىپ تۇرىدۇ. مەزكۇر داستان 1991- يىلى مۇيدىن سايىت ئەپەندىنىڭ رەتلەپ نەشىرگە تەييارلىشىدا بۇلاق ژۇرنىلىنىڭ 3- سانىدا ئېلان قىلىنغانىدى. بىر يىل كېيىن،يەنى 1992- يىلى 7-ئايدا جۇڭگۇ خەلق ماقال-تەمسىللىرى توپلىمى شىنجاڭ تومى «لوپنۇرخەلق ماقال-تەمسىللىرى»  توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ داستان شۇ چاغلاردىلا بىزنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىمىزنى قوزغىغانىدى.بولۇپمۇ لوپنۇر خەلقى ئىچىدە ئۇزاق زامانلاردىن ساقلىنىپ كەلگەن ئەمما يېڭى بايقالغان «ئاق ئۈلەمبەدىخان» داستانى ئۇيغۇر خەلق داستانى «چىن تۆمۈر باتۇر» نىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋارىيانتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا موڭغۇل ئىستىلاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى بولماستىن، بەلكى قويۇق شامان ئەقىدىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىزناسى ئەكس ئېتىپ تۇرغانلىقى بىزنى جەلپ قىلغانىدى. شۇ ۋەجىدىن، ئەشۇچاغلاردا مەن «ئاق ئۆلەمبەدىخان» داستانىنى تەپسىلىي ئۆگىنىپ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» (1999-يىل 4-سان) دا «ئۇيغۇر خەلق داستانى ئاق ئۆلەمبەدىخان ۋە شامان دىنى» ناملىق خېلى ئۇزۇن سەھىپىلىك  بىر ماقالە ئېلان قىلغانىدىم. مەزكۇر ماقالىدەيۇقىرىقى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. ئۇ چاغدىكى يازمامنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى شامان دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا «ئاق ئۆلەمبەدىخان» داستانىدىكى ئات ئوبرازى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت مەنىسى ھەققىدە توختالمىغانىدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەلۇم زۆرۈرىيەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئات مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقىنىم ئۈچۈن داستاننى قايتا ئوقۇش جەريانىدا دەل مۇشۇ مەسىلىنىڭ يورۇتۇلۇشىنى ئىلمىي زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە چۈشەندىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنگىچىلا ئىلىم ساھەسىدە بىرەرى «ئاق ئۆلەمبەدىخان» داستانىدىكى ئات ئوبرازى ھەققىدە ئەتراپلىقراق ئىزدەنمىدى ياكى بىرەر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى.

  ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا  ئىنسان بالىسىنىڭ ئويغارلىق (مەدەنىيلىك) تارىخى تولىمۇ قىسقا بىر دەۋىرنى ئەكس ئەتۈرىدۇ. سوتسىئولوگلار ئىنساننىڭ ئويغارلىق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى بىر مۇنچە زور مەدەنىيەت زاكالەتلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ.بەزىلەر ئىنسانلارنىڭ پولات تاۋلاشنى بىلگەنلىكى ئويغارلىق دەۋرىگە كىرگەنلىكىنىڭ تۈپ بەلگىسى دېسە، يەنە بەزىلەر ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش شەكىللىرىنىڭ روياپقا چىقىشى، يەنى چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقنىڭ ئايرىلىپ چىقىشى ئويغارلىق دەۋرىنىڭ ئالامىتى دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ئىنسانلارنىڭ تۇرالغۇلارنى ياسىشى، سىپتىلاشقان قوراللارنى ئىشلىتىشنى بىلىشى، مۇكەممەلراق ئېگىنلارنى كىيىشى، يېزىق ئىشلىتىشنى بىلىشى، زامان ھېسابىنى چۈشىنىشى ئويغارلىقنىڭ نىشانى دېسە، يەنە بەزىلەر ئىنسانلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قولغاكۆندۈرۈشى ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىشى ئويغارلىقتۇر دەيدۇ. مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، ئىنسان بالىسى ئەڭ بۇرۇن قولغا ئۆگەتكەن ھايۋان ئىتتۇر. ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى   12مىڭىنچى يىللاردا كۆندۈرۈلگەن. ئاندىن ئىنسانلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 9 مىڭىنچى يىللاردا قوينى، مىلادىدىن ئاۋالقى 7 مىڭىنچى يىللاردا ئۆچكە، چوشقا ۋە بەزى كاتەك ھايۋانلىرىنى، ئاخىرىدا بۇغىنى، ئەڭ ئاخىرىدا ئاتنى قولغا كۆندۈرگەن.[①]ئات بۇنىڭدىن 5500 يىللار بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا قولغا كۆندۈرۈلدى.[②]ئەمما بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى ئات قولغا كۆندۈرۈلۈشتىن خېلى بۇرۇنلا دەجلى-ئىفرات دەريالىرى بويلىرىدىكى- مىسسۇپوتامىيە دەپ ئاتالغان زىمىندا،ئامۇ-سىر دەريا بويلىرىدىكى- ماۋرەئۇننەھىر دەپ ئاتالغان يەردە، نىل دەريابويلىرىدا، ئوتتۇر ئاسىيادا، بولۇپمۇ بۈگۈنكى تۈركمەنىستاننىڭ جىتون رايونىدا،رايونىمىزنىڭ تارىم بۆلگىلىرىدە خېلى كەڭ كۆلەمدىكى دېھقانچىلىق ئىگىلىكى شەكىللىنىپ بولغانىدى.[③]ئاتنىڭ قولغا كۆندۈرۈلۈشى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا مەيلى چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى دېھقانچىلىق ئىگىلىكى ئۈچۈن بولسۇن پەۋقۇلئاددە روللارنى ئوينىدى. ھەممىدىن بۇرۇن ئاتنى قولغا كۆندۈرگەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئەشۇ ئۇزۇن تارختىن بۇيان ئاتنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ كەلگەچكە ئۇلارغا ئات-قانات، ئاتتىن چۈشۈش ھالاكەت بىلەن تەڭ بولدى. بىزدىكى ”ئەر قانىتى ئات“، ”ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ“ دېگەندەك ئاتىلار سۆزلىرى مانا شۇ سەۋەپتىن بارلىققا كەلگەندۇر.  ماقال-تەمسىللىرىمىزدىن چۆچەكلىرىمىزگىچە،ئەپسانە-رىۋايەتلىرىمىزدىن داستانلىرىمىزغىچە ئات ئوبرازىنىڭ يارقىن سىماسى ۋەئۇنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ۋەزىنلىك مىللىي مەزمۇنلارنى ئۆزىگە يۈكلەپ كېلىشى يەنە شۇ سەۋەپتىندۇر. لوپنۇر خەلق داستانى «ئاق ئۆلەمبەدىخان»دىكى ئاق ئۆلەمبەدىخاننىڭ بوز ئارغىمىقى، نۆگەستان يىلقىلىرى ئىچىدىكى مەختۇمخاننى پاجىئەدىن قۇتقۇزغۇچى كۆك چامبۇل تاغىل دۇلدۇل ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدىكى ئاجايىپ خاسىيەتلىك ئاتلارنىڭ ئوبرازلىرىدۇر. داستاندا ئاق ئۆلەمبەردىخان، مەختۇمخان، كېيىك، كۆك چامبۇل تاغىل ئات، يەتتە باشلىق يالماۋۇز، نۆگەستان قاتارلىق ئاساسىي پىرسۇناژلار داستان سىيۇژىتىنى روياپقا چىقىرىدۇ. ئاق ئۇلەمبەردىخاننىڭ بوز ئارغىمىقى، مەختۇمخاننىڭ باشپاناھى كۆك چامبۇل تاغىل ئات داستاندىكى ئەڭ مۇھىم پىرسۇناژلاردۇر. بۇ ئاتلار گاھىدا ئادەمگە،گاھىدا تەڭرىگە ئوخشايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلار داستاندا ئادەم ۋە تەڭرى سۈپەتلىرىگە ئىگىدۇر.

   «ئاق ئۇلەمبەردىخان» داستانى ئۈچ چوڭ ۋەقەلىق قۇرۇلمىسىدىن تەشكىللىنىدۇ. بىرىنچى بۆلەكتە خانزادە ئۆزىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان سىڭلىسىنى كېيىك ئانىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى، كېيىك ئانىنىڭ بوۋاقنى بىر ياشقىچەباققانلىقى، ئاندىن خانزادە (ئاق ئۇلەمبەردىخان) نىڭ كېيىك ئانىغا رەھمەت ئېيتىپ سىڭلىسىغا ”مەختۇمخان“ دەپ ئىسىم قويغانلىق جەريانلىرى ھېكايە قىلىنىدۇ. ئىككىنچى بۆلىكىدە، مەختۇمخاننىڭ يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا يولۇققانلىقى ئاق ئۇلەمبەردىخاننىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ يالماۋۇز ۋە جىن-شاياتۇنلار بىلەن جەڭ قىلغانلىقى، جىن-شاياتۇنلار پادىشاھى نۆگەستانغا تەڭ كېلەلمەي ئاخىرىدا سىڭلىسى مەختۇمخاندىن ئايرىلىپ قالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى بۆلىكىدە، مەختۇمخاننىڭ ئالۋاستىلار مەملىكىتىگە ئاپىرىلىپ جىن ئالۋاستىلار شاھى نۆگەستان بىلەن ئۆيلەندۈرۈلگەنلىكى،مەختۇمخاننىڭ نۆگەستاندىن ئىككى پەرزەنتلىك بولغانلىقى، ئاخىرى مەختۇمخاننىڭ كۆك چامبۇل تاغىل ئاتنى مىنىپ كوھىقاپ (جىن-ئالۋاستىلار مەملىكىتى) دىن قۇتۇلۇپ غەمگۇزارى ئاق ئۆلەمبەردىخان بىلەن دىدارلاشقانلىق ۋەقەلىكى سۆزلىنىدۇ.

   داستاننىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى بۆلەكلىرىدە ئاتنىڭ ئورنى، بولۇپمۇ ئاق ئۇلەمبەردىخاننىڭ بوز ئارغىمىقى ۋەمەختۇمخاننىڭ باشپاناھى كۆك چامبۇل تاغىل دۇلدۇلنىڭ ئورنى ئىنتايىن يۈكسەكتۇر.پۈتكۈل ئالتاي خەلقلىرىنىڭ قەدىمكى ئىپوس ۋە ئەپسانە رىۋايەتلىرىدە ئاتنىڭ ئورنى ھەرقانداق ھايۋاندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. گاھىدا ئات ئىنساندىنمۇ بۈيۈكلۈككە قويۇلىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ”ئوغۇزنامە“سىدە ئوغۇزنىڭ ئارغىمىقى ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپە بېرىلىدۇ.قىرغىزلارنىڭ ماناس داستانىدا ماناس باتۇرغا قانات بولغان قۇلاتاي مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:

               قۇلاغىندا شامى بار،

               ماڭدايىدا باغى بار،

               سوزۇسا قاراساڭ،

              سالا-سالا قالى بار.

              با باي ئۆمۈر سىلاغان،

              بېلگىسى بار بىلىپ ئال.

              تۇتام بولۇپ قادودوي،

              ئازۇسۇ چىقتى جانى بار.

              قورساقى جىيىپ تارتىلغان،

              قۇلاغى جالدان ئارتىلغان،

              ئون بەش كۈن بولغۇن بايلاغان،

              ئارقاداي كۆزۈ جايناغان.

              مۇنداق سۇلۇ تابىلباس،

              تۆرت ئاياقتى ئايباندان.

دەپ تەسۋىرلىنىدۇ.

   موڭغۇل خەلقىنىڭ جاڭغىر داستانىداباتۇر جاڭغىرنىڭ قەھرىمان ئېتى ئارانزال مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:

              ئارانزالنىڭ دۈمبىسى تولىمۇ گۈزەل،

              بارلىق گۈزەل خىسلەت شۇندا توپلانغان.

              ئارانزالنىڭ كۆزلىرى چاقنار يۇلتۇزدەك،

              ئۆتكۈر ئەقىل نۇرى شۇندا توپلانغان.

              ئارانزالنىڭ تۇياقلىرى ئاجايىپ چاققان،

              پۈتۈن سۈرئەت شۇ تۇياققاتوپلانغان.

              ئارانزالنىڭ مۇقەددەس كۆركەم قۇيرۇقى،

              قويىۋەتسە كېلىدۇ سەكسەن بىر غۇلاچ.

              پۇتلىرى توشقاننىڭ پۇتىدەك ئىخچام،

              قۇلاقلىرى قايچىدەك تۇرىدۇ قىيغاچ.

              …

              ئاي ۋە قۇياش بىلەن جىلۋە تالىشىپ،

              كىمخاپتەك مويلىرى ۋال-ۋۇل يالتىرار.

              تىزگىنىنى ئوينىتىپ سەكرەپ كەتسە ئۇ،

              گويا دۈشمەن زېمىنى دىر-دىر قالتىرار.

              بىر ئۇيان-بىر بۇيان تاشلاپ تىنجىماس،

              تۇتۇپ تۇرغان ئات باقارباتۇرلارنى ئۇ.

              ئەمما شادلىق ئىچىدەھەرگىز ئۇنتۇماس،

              سەپەردىكى قىينچىلىق-خەتەرلەرنىمۇ.[④]

  ئۆزبېك خەلقىنىڭ ”ئالپامىش“ ئېپوسىداباتۇر ئالپامىشنىڭ قانىتى بولغان باي چىپار قاناتلىق دۇلدۇل تېمسالىدا مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:

             ئەمدى جاپا كەلدى ئاتنىڭ جېنىغا،

             قامچا تەگدى بايچىپارنىڭ سانىغا.

             قالمىدىغۇ بايچىپارنىڭ تاقىتى،

             يېيىلغاندۇر قانات ئىككى يانىغا.

             يالقۇن ئوتتەك كۆتۈرۈلدى بايچىپار،

             بەلكى ئاتقا تەڭ بوپقالدى بۇلۇتلار.[⑤]

  بۇلاردىن باشقا قازاق خەلقىنىڭ قەھرىمانلىق داستانى ”قوبلاندى باتۇر“، ئالتايلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىپوسى ”ياڭغار“،ئەزەربەيجانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىپوسى ”گۆر ئوغلى“ قاتارلىق نۇرغۇن ئىپوسلاردا ئات ئوبرازىنىڭ ئاجايىپ گۈزەل نەمۇنىلىرىنى ئۇچرىتىمىز. بۇ ئىزچىللىققا ئىگە ئات مەدەنىيىتىگە ئائىت ھادىسىدۇر. ئاق ئۇلەمبەردىخان داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئات ھەققىدىكى گۈزەل تەسۋىرلەر ھەم ئەنە شۇنداق بىر ئىزچىللىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. داستاندامەختۇمخاننى نۆگەستاننىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان كۆك چامبۇل خۇددى ئادەمگە ئوخشاش ئەقىلگە، زۇۋانغا ۋە پاراسەتكە ئىگە. مەختۇمخان ئاتنى ئىزدەپ بارغىنىدا تەڭ بۇلاق بويىدا تۇرغان كۆك چامبۇل مەختۇمنى كۆرۈپ قايتا ئۈمۈدكە تولىدۇ. بۇ تەسۋىر داستاندا مۇنداق بېرىلىدۇ:

   مەختۇمخان ئىزدەپ بارسا راستىنلا تەڭ بۇلاقتا ئېتى بار ئىكەن، مەختۇمخان مۇنداق دەپتۇ:

                 تىۋىل كۆزلۈك تاغىل ئاتىم،

                 مېنى تاشلاربولدۇڭمۇ؟

                 مەختۇمخان دېگەن بۆكۈڭنى،

                 چۆلدە تاشلاربولدۇڭمۇ؟

  ئات زۇۋانغا كىرىپ مەختۇمخانغامۇنداق دەپتۇ:

                 ئاچارچىلىقتايادادىم،

                 سۇسىزلىقتا جۈدەدىم.

                 ئەمدى ئىزىمغا ياناربولدۇم.[⑥]

  دېمەك ئاق ئۇلەمبەردىخان داستانىدى مۇئات خۇددى ئالتاي خەلقلىرىنىڭ جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېپوسلىرىدىكى قەھرىمانلىق قانات بولىدىغان خاسىيەتلىك ئاتلارغا ئوخشاشلا ئىنسانىي سۈپەتلەرگەئىگىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي داستانلىرىدا قەھرىماننى پۈتۈن قاباھەت ۋەيامانلىقلاردىن ساقلىغۇچى ئۇنىڭ دۇلدۇلى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئاق ئۇلەمبەردىخان داستانىدا يالماۋۇز مەختۇمخاننىڭ قېنىنى شوراش ئۈچۈن كېلىدۇ. بۇ يەردە يالماۋۇزنىڭ تەشۋىشلىنىدىغان، يەنى قورقىدىغان نەرسىلىرى ئىچىدە بوز ئارغىماق ئالاھىدە ئورۇنتۇتىدۇ. قاراڭ، داستاندا يالماۋۇز يېقىنلاپ كېلىپ مەختۇمخاندىن مۇنداق سوئال سورايدۇ:

ئاق ئۆلەمبەردىخان ئۆيىدە بارمىكىن،

مىسران قىلىچى تۆرىدە بارمىكىن،

ئاق بوقار يايى ئاسقىدا بارمىكىن،

بوز ئارغىماقى ئوقۇردا بارمىكىن،

كۆك تايغانى غىنجىدە بارمىكىن؟

   مەختۇمخان يالماۋۇزغا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:

                   ئاق ئۆلەمبەردىخان ئۆيىدەمۇ يوق،

                   مىسران قىلىچى تۆرىدەمۇ يوق،

                   ئاتىسى بەرگەن ئاق بوقار ئاسقىدامۇ يوق،

                   بوز ئارغىماقى ئوقۇردامۇ يوق،

                   كۆك تايغانى غىنجىدامۇ يوق.[⑦]

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ كۈشەندىلىرى ئىچىدە بوز ئارغىماق ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇنى ئېيتىش كېرەك، خەلقىمىز ئىچىدە بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شۇنداق بىر ئەقىدە باركى، ئات ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەزىمەتنى يامانلىقلاردىن،بولۇپمۇ جىن-ئالۋاستىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغدايدۇ. جانلىقلار ئىچىدە جىن-ئالۋاستىنىڭ شەپىسىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئات سېزىۋالارمىش. جىن-ئالۋاستى يېقىنلاشقاندا ئىنسان ھېچمىنىمىنى سەزمىسىمۇ ئات ئالدى بىلەن سېزىپ كىشنەپ ئۆرەنلەرمىش، يايلىلىرىنى تىك قىلىپ، تۇياقلىرىدىن ئوت چاقنىتارمىش. شۇڭا جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ئادەمگە زىيان سالىدىغان ۋاقتىدا ئەنسىرەيدىغان نەرسىسى ئاتمىش. تۈركىي خەلقلەردىن ئالتايلارنىڭ ئۈلگەنگە بېغىشلانغان شامان دۇئالىرىدىمۇ ئات ھەممىدىن بۇرۇن  شامان دۇئاسى مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغۇچى پىرو-مۇتىفتۇر.[⑧] ئاقئۆلەمبەردىخاننىڭ بوز ئارغىمىقى شۇ سەۋەپتىن يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ ئەڭ زور كۈشەندىلىرىدىن بىرىدۇر. قەدىمكى ئالتاي خەلقلىرىدە، جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا ئاق ئات ئىلاھىغا چوقۇنۇش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش قاراشلىرى تولىمۇ يىراق قەدىمىي تارىخقا ئىگە. ئاق رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئېڭىدا ئۇزۇن تارختىن بۇيان بەخت،ئامەت، ياخشىلىق، پاكلىق، ئالىيجاناپلىق چۈشەنچىلىرىگە ئىگە ئىدى. بۇ چۈشەنچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد دەۋرىدىن تارتىپلا بار ئىدى. ئوغۇزنامىدەئوغۇزخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن بۈيۈك غەلبىسىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە قىرىق غۇلاچلىق ئاق خادا ئاستىغا ئاق قوينى باغلىشى بەخىت ۋە ئامەتنىڭ مەڭگۈلۈك نىسىپ بولۇشىغا قارىتا پۈتمەس ئىشەنچنىڭ سىموۋولىدۇر. بۇ بەلكىم ئالتاي خەلقلىرىگە ئورتاق چۈشەنچە بولسا كېرەك. چۈنكى ئۇلار مۇشۇ ئاق رەڭ چۈشەنچىسى ئاساسىدا ئاق ئاتنىمۇ ئۇرۇش ئىلاھىنىڭ قانىتى سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغان.چىڭگىزخانمۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىدە سەپنىڭ ئالدىدا مەخسۇس بىر ئادەم يىتىلىگەن، ئۇرۇش ئىلاھى ئۈچۈن تەييارلىغان ئاق ئاتنى ماڭغۇزىدۇ. سىماچىيەن «تارىخىي خاتىرىلەر»نىڭ ھونلار تەزكىرىسىدە ھونلارنىڭ ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان ھايۋانلىرى ئىچىدە ئاتنى نوقتىلىق تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھونلار ئۇرۇشقا چىققاندا بولۇپمۇ ياغى (دۈشمەن)نى قورشىۋالغاندا ھامان غەرپ تەرەپكە ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئاق ئاتتىن تەركىپ تاپقان ئەڭ باتۇر قوشۇنىنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.[⑨]ئاق ئات ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ھەر زامان باتۇرغا قانات ۋە كاھىن بولغۇچىدۇر.”ئېرق-بېتىگ“ دە ئاق ئاتنىڭ ياخشىلىق، ئىزگۈلۈك نۇسرەت ئىلاھلىرىغا ئەڭ يېقىن ئوبرازئىكەنلىكى ئوندىن ئارتۇق چۈش تەبىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.[⑩]قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ”ئوغۇزنامە“ دىن باشقا بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېپوسلىرىدا، ئەپسانە-رىۋايەت، چۆچەكلىرىدە قەھرىمان ئىزچىل بىر خاسىيەتلىك ئاق ئاتنى ئۆزىگە قانات قىلغاندۇر. ئەمما تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئېپوسلىرىدابۇ ئاق ئات بىر كۆك چىپار دۇلدۇلنىڭ نەسلى بولۇپ چىقىدۇ. ”ماناس“ داستانىدا باتۇر ماناسنىڭ قولا تېيى گەرچە قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئاق ئاتنى ئۇلۇغلاش قارىشىنىڭ مۇجەسسەملەنگەن ئوبرازى سۈپىتىدە نامەيەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئاق ئاتنىڭ ئەجدادى ئالتاينىڭ ئايدىڭكۆلىدىكى كۆك چىپار ئايغىرغا باغلىنىدۇ.[11]”ئاق ئۇلەمبەردىخان“ داستانىدا ئۇلەمبەردىخاننىڭ يالماۋۇزنى قورقىتىدىغان ئېتىنىڭ نامى ”بوزئارغىماق“تۇر. قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەردىن قارىغاندا قەدىمكى ئۇيغۇرلار كۆكۈش ئات (青马) نى ”بوز“ دەپ، ئاق ئات (白马) نى بۆردە، سېرىق ياكى سېرىققا مايىل ئات (黄马) نى قۇلا دەپ، قىزغۇچ ياكى قىزىلغا مايىل ئات (赤马)نى جىردە، قارا ئات (黑马)  نى قارا ئات دەپ ئاتىغان.[12]ئېنىقكى بوز دېگەن سۆز قەدىمدە كۆك مەنىسىنىمۇ بىلدۈرگەن.[13]شۇنداق بولغاندا ئاق ئۇلەمبەردىخاننىڭ بوز ئارغىمىقى كۆك ئاتنى كۆرسىتىدۇ. كۆك ئات ئەمەلىيەتتە كۆكتەڭرى سۈپەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن خاسىيەتلىك ئات بولۇپ بىزگە ئوغۇزخاقاننىڭ كۆك چىپار دۇلدۇلىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ”بوزيىگىت“ موتىفىمۇ ئەشۇ مەزمۇنلار بىلەن باغلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. كۆك تەڭرى سۈپەتلىرىگە ئىگە بولغان بوز ئارغىماقتىن يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ ۋەھىمە ھېس قىلىشى دەل مۇشۇ مەنبە بىلەن مۇناسىۋەتلىك.دېمەك بۇ يەردە يەنىلا كۈچلۈك شامان ئەقىدىسىنىڭ ھېدى پۇراپ تۇرىدۇ.

ئالتاي شامانىزىمىدا يەر بىلەن جەھەننەمنى ئايرىپ تۇرىدىغان بىر سۇ يەنى (بىر دەريا) تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ ئەپسانە رىۋايەتلىرىدە ۋە شامان چۈشەنچىلىرىدە ھەرخىل ناملاردا ئاتىلىدۇ.[14]”ئاق ئۇلەمبەردىخان“ داستانىدا يەر يۈزى بىلەن جەھەننەم (جىن-شاياتۇنلار ئېلى) نى ئايرىپ تۇرغۇچى ”تېكەس سۈيى دەرياسى“ دېيىلىدۇ. داستاندا مەختۇمخان يالماۋۇزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە نۆگەستاننىڭ يىلقىلىرىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ مۇڭ بۇلۇپ تائام تارتماي ھېچنىمىگە مەيلى يوق ھالەتتە نۆگەستاننى ئازاپلايدۇ. داستاندا نۆگەستاننىڭ مەختۇم ھەققىدە ئېيتقانلىرى مۇنداق:

            قارغىلار ئۇچتى، قايەرگە چۈشتى؟

            قارا قاش مەختۇمخانغا نى مۇڭلارغا چۈشتى.

            قۇشقاشلار ئۇچتى، كۆۋرۈككە چۈشتى،

            سېغىزخانلار ئۇچتى، قېيىرگە چۈشتى،

            قارا قاش مەختۇمخانغا نى مۇڭلار چۈشتى.

مۇشۇ چاغدا مەختۇمخان نۆگەستاننىڭ ئەجدادىدىن قالغان ئاتلىرىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. نۆگەستان ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭغا تۈمەنلەپ قوي،ئاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل يىلقىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.داستاندا بۇ بايان مۇنداق بېرىلىدۇ:

”ھەر ئاتلار كېلىپ ئۆتۈپ تۇرغىدەك، توغراقلارنى ڭئۇچىدىكى غازاڭلارنى چاداپ يەپ ئۆتۈپ تۇرغىدەك. ئەڭ ئاخىرىسىدا بىر كۆك چامبۇل تاغىل ئات كېلىپتۇ، مەختۇمخاننىڭ كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيۇپ دەرھال  ئېرىغا: – ئاشۇ تاينى تۇتۇپ بەر،- دەپ تۇرىۋاپتۇ. نۆگەستانمۇ: -ئەمدى ئىككى بالىلىق بولۇپ قالدۇق، بۇ كەتمەس،- دەپ ئويلاپ تاغىل ئاتنى تۇتۇپ بېرىپتۇ. بۇ ئاتنى مەختۇمخان ھەر كۈنى ئۆزى بېقىپ ئۆزى كۆندۈرۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن كاپىرلار: – ئەي مەختۇمخان، بۇ ئاتنى نېمىگە باقىسەن؟-دېسە، – ئاكامنىڭ ئىزىدا ئاكا قىلىپ باقىمەن، ئاغامنىڭ ئىزىدا ئاغا قىلىپ باقىمەن،- دەپتۇ. ئۇلار ئىشىنىپتۇ. كۈنلەر ئۆتىۋېرىپتۇ. مەختۇمخان يوشۇرۇن نان،ئوزۇق تەييارلاپتۇ. نۆگەستان يوق بىر كۈنى كېچىدە مەختۇمخان كۆك چامبۇل تاغىل ئاتقا مىنىپ، يۈك-تاقىنى ئارتىپ، تېكەس سۈيى دەرياسىغا كىرىپتۇ. ئات ئۈزۈپ ئۇقاتقا چىقىپتۇ. ئۇنىڭ ئىككى بالىسى ئۇخلاپ قالغانىكەن. ئەتىگەندە ئويغىنىپ قارىسائاپىسى يوق، بالىلار يىغلاپ دەرھال دەريا بويىغا كەلسە ئاپىسى ئۇقاتتا بېشىنى تاراپ ئولتۇرغىدەك، بالىلار بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ يىغلىشىپتۇ. نۆگستان بۇنى ئاڭلاپ -نېمىگە يىغلايسىلەر؟- دېسە بالىلار: – ئاپىمىز يوق، قارىساق ئاپىمىز دەريانىڭ ئۇقېتىدا تۇرىدۇ،- دەپتۇ. قارىسا راست مەختۇمخان دەريانىڭ ئۇ قېتىدا تۇرغان نۆگەستان خوتۇنىغا: – ھوي خوتۇن سەن ئاۋال بۇ قاتقا چىق، ئاغامنى ئىككىمىز يوقلاپ كېلەيلى،-دەپتۇ. ئۇنىڭغا مەختۇمخان: – ئىككى بالىنى سۇغا تاشلىساڭ چىقىمەن،- دەپتۇ. نۆگستان ئوغلىنى سۇغا تاشلاپ: – ھە ئەمدى چىق،- دەپتۇ. مەختۇمخان: – قىزنىمۇ سۇغا تاشلىساڭ چىقىمەن،- دەپتۇ. نۆگەستان قىزنىمۇ تاشلاي دەپ تۇرغاندا، نۆگەستاننىڭ ئۇكىسى تاشتۆمۈر باتۇر كېلىپ: – ھەي ئاكا، نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ئۇ سېنىڭ ئۇرۇقۇڭنى قۇرۇتىۋېتىپ كېتىمەن دەۋاتسا، نېمىشقا تاشلايسەن؟ ئارقاڭدا بىر قىز بولسىمۇقالسۇن،- دەپ قىزنى تارتىۋاپتۇ. مەختۇمخان بۇنى كۆرۈپ ئاتنى قامچىلاپ يولغا راۋان بوپتۇ. چۈنكى بۇ ئاتتىن بۆلەك ئات تېكەس سۈيى دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتەلمەيدىكەن…“[15]

شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، مەختۇمخاننى قۇتقازغۇچى كۆك چىپار دۇلدۇل شامان مۇقەددەس ئىلاھىنىڭ يارقىن ئوبرازىدۇر. مەختۇمخان ئەشۇخاسىيەتلىك ئىلاھىي ئاتنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئالۋاستىدىن بولغان ئۆز نەسلىنى مۇدەرياغا تاشلاتقۇزىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە شامان ئەقىدىسىدىكى يامان روھلار تەرىپىدىن بۇلغانغان ۋۇجۇد ۋە ئەقىلنىڭ پاكلاشتۇرۇلىشىدىن ئىبارەت. بۇ يەردە ئات گويا ياخشى روھلارنىڭ مەدىتىگە مۇشەررەپ بولغان شامانغا ئوخشايدۇ. پەقەت مۇشۇ ئاتلا مەختۇمخاننى تېكەس سۈيى دەرياسىدىن ئۆتكۈزەلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنى جىن-شاياتۇنلار ئاسارىتىدىن تەل-تۆكۈس قۇتقۇزالايدۇ. شۇڭا مەختۇمخان سەپەردە بۇئاتتىن ئايرىلىپ قالغاندا قاتتىق قايغۇرىدۇ. شامان ئەقىدىسىدە يەنە ياخشى روھلاربىلەن يامان روھلار ئارىسىدا دائىم كۆرەش بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ كۆرەش ئىنسانلار ئالىمىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. شۇڭا ئىنسانلار ھەر زامان كۆك تەڭرىنىڭ مەدىتى بىلەن يامانلىق ۋە ياۋۇزلۇقنى قوغلايدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئاق ئۇلەمبەردىخاننىڭ بوز ئارغىمىقى ۋە مەختۇمخاننىڭ كۆك چامبۇلى شامان ئىلاھىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاتنى ئۇلۇغلاش قاراشلىرىدا ئۆزىنىڭ مەنىۋىي ئاساسىنى نامايەن قىلغان. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاقئۇلەمبەردىخان داستانىدىكى ئات ئوبرازلىرىدىن تەھلىل قىلغاندا بۇ داستان ئەڭ قەدىمىي داستانلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.

ئىزاھلار:


[①]  ئەسەر تۈتەل: «ئات ۋە ئاتچىلىق»، 1998-يىل ئىستانبۇل؛ ئىلەتىشىم نەشرىياتى تۈركچە نەشىرى 72-بەت.

[②]  دېنىس سىنور: «ئىچكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدائات ۋە بوز قىر»؛ جۇڭخۇا كىتاپچىلىقى 2006-يىل 10-ئاي، خەنزۇچە نەشىرى 107~108-بەتلەر.

[③]  ۋاڭ جىلەي: «ئوتتۇرا ئاسىيائومۇمىي تارىخى» (قەدىمكى زامان قىسمى، 1-كىتاپ) 2010-يىل 9-ئاي، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشىرى 5-، 11~ 12- بەتلەر.

[④]  «ئىبراھىم مۇتئى ئىلمىي ماقالىلىرى»، 2007-يىلى 7-ئاي؛مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشىرى، 504~505~506 بەتلەر.

[⑤]  «شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1997-يىللىق 2-سان 29-بەت.

[⑥]  جۇڭگۇ خەلق ماقال-تەمسىللىرى توپلىمى شىنجاڭ تومى «لوپنۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» (داستانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 1992-يىلى 7-ئاي نەشرى 33-بەت.

[⑦]  جۇڭگۇ خەلق ماقال-تەمسىللىرى توپلىمى شىنجاڭ تومى «لوپنۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» (داستانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 1992-يىلى 7-ئاي نەشرى 25-بەت.

[⑧]  ئابدۇلقادىر ئىنان: «تارىختا ۋە بۈگۈن شامانىزىم»، تۈرك تارخ قۇرۇمى تۈركچە تەشىرى؛ 1954-يىل ئەنقەرە105-بەت.

[⑨]  سىماچىيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر» ھونلار تەزكىرىسى؛ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989-يىلى9-ئاي، ئۇيغۇرچە نەشىرى 110-جىلت، 404-بەت.

[⑩]  ئابدۇبەسىر شۈكۈرى،سۇلايمەن ھېلىمنىياز: «پالنامە ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2000-يىلى 9-ئاي، ئۇيغۇرچە نەشىرى 240~266- بەتلەرگىچە.

[11]  «مىراس» ژۇرنىلى 1995- يىللىق 2-سان، 84-بەت.

[12]  «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» 1984-يىلى 5-ئاي، مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىرى 39-بەت.

[13]  ئاخمەت جافار ئوغلۇ: «قەدىمكى ئۇيغۇر تۈركچىسى سۆزلۈكى»، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى،1968-يىل تۈركچە نەشىرى 49-بەت.

[14]  ئابدۇلقادىر ئىنان: «تارىختا ۋە بۈگۈن شامانىزىم»، تۈرك تارخ قۇرۇمى تۈركچە تەشىرى؛ 1954-يىل ئەنقەرە145- بەت.

[15]  جۇڭگۇ خەلق ماقال-تەمسىللىرى توپلىمى شىنجاڭ تومى «لوپنۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» (داستانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 1992-يىلى 7-ئاي نەشرى 30~31~32-بەت.

ئاپتۇرنىڭ خىزمەت ئورنى :شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئەدەبىيات ئىنستىتوتى

ئەسلى مەنبە: ”سىھىرلىك لوپنۇر“ ناملىق كىتاب

توردىكى مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3620

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-01-26
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: