2012-يىللىق 10چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى

 

 

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار! ھەر يىلى يۈكسەل بلوگى باش بولۇپ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ھەر يىللىق نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى. بۇ يىلدىن باشلاپ بۇ پائالىيەتنى كومپىيوتىر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، پائالىيەت بۇرۇنقى يىللارغا قارىغاندا، ھەر قايسى جەھەتلەردىن تولۇق تەييارلىق بىلەن باشلاندى. ھازىر دەسلەپكى 20 بلوگنى تەۋسىيە قىلىش باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ.ھەمدە مۇشۇ يەردە ئۆزۈڭلار ياقتۇرغان بلوگنى تەلەپ بويىچە تەۋسىيە قىلساڭلار بولىدۇ:

 http://bbs.xjcfan.com/thread-3031-1-1.html

 

ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم، لوپنۇرى بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ(دەسلەپتە بلوگباس سۇپىسىدا ئىدى) ھەر قايسىڭلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن باشلاپ تاكى ھازىرغا كەلگۈچە تۆت يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈردى. بۇ جەرياندا ئۆزلۈكسىز ھالدا يازمىلار ئىجادى بولۇش، باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىنمىغان بولۇش، ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. 2011-يىللىق نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە ئالدىنقى 20 بلوگنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئومۇمىي نۇمۇردا 17-ئورۇندا تۇردى. بۇمۇ مېنى يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، بلوگىمغا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ كېلىۋاتقان دوستلارنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىدىن بولدى، دەپ قارايمەن. مەن بۇ يەردە بۇ بايانلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ بلوگىنى نادىر بلوگ بولۇشقا مۇناسىپ دېگەن ئىدىيىنى ئالغا سۈرمەكچى ئەمەس. ئەللنىڭ كۆزى ئەللىك. تورداشلار ئەقىل كۆزى بىلەن قانداق بلوگنىڭ نادىر بلوگ بولالايدىغانلىقىنى ئايرىپ چىقالايدۇ. بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل. ناۋادا دوستلار، بلوگىمغا كىرىپ ئاز-تولا نەپ ئالغان بولسا، بلوگىمدىكى يازمىلار قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ قويمىغان بولسا، بەزى يازمىلار دوستلارنىڭ مەلۇم ئېھتىياجىدىن چىقالىغان بولسا، كومپىيوتىر ئالدىدىكى ئويناتقان بارماقلىرىمنىڭ ھارغىنلىقى ئاز-تولا بولسىمۇ پەسەيگەن بولاتتى.  ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك.بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلارنى بۇ يەردە دەپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈريىتى يوق دەپ قارايمەن. چۈنكى، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىر خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. مەن بلوگ يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن.بلوگ سۇپىسى ئارقىلىق دوستلار بىلەن سىردىشىشنى، ئىلىم ئۆگىنىشنى، بىلىم تارقىتىشنى ياخشى كۆرىمەن. مەن قۇرۇق ۋەدە بېرىشنى ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن نىمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى، نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىمەن. تۆۋەندە دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا 10 ئاي ئىچىدىكى ھەر قايسى سەھىپىلەردە ئېلان قىلىنغان يازمىلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى سۇنماقچى.

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2443

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-02
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 13دانە
  1. ۋۇييۇ ! ما گەپنىڭ ئۇستىلىقىنى!

  2. چاتاق يېرى ماۋۇ بىلوگدا شىفىت بىلەن ئېنتېر بېسىلسىمۇ تېما يوللىنىپ كېتىدىكەن.
    لوپنۇرىنىڭ 10 چوڭ بىلوگ قاتارىغا كىرىشىگە تىلەكداشىمەن

    • بىر ھون ئەپەندىنىڭ مېنى قولىغانلىقىغا تەشەككۈر. شىفىت بىلەن ئىنتىر كونۇپكىسىنى باسسا تېما يوللىنىپ كىتىدىغانلىقىنى مەنمۇ ئەمدى بىلىپتىمەن. سىزمۇ بىلىسىز، مەن بلوگ تېخنىكىسىغا بەكلا چولتا.بۇ تۈپەيلى سىزگە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرگەن بولسام مېنى ئەپۇ قىلىۋىتەرلا.

  3. كەچۈرۈڭ، مەن سىز ئەۋەتكەن ماقالىنى تاپشۇرۇپ ئالمىدىم،

  4. كەچۈرۈڭ، مەن سىز ئەۋەتكەن ماقالىنى تاپشۇرۇپ ئالمىدىم، بەلكىم ئېلخەت ئادرېسىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن خاتا يېزىپ سالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. مۇشۇ ئىنكاستا ئىشلەتكەن ئېلخەت ئادرېسىمغا ئەۋەتىڭ، ھەمدە ھەربىر ئېلخەتتە ئەۋەتكەن ماتېرىيالنىڭ 15 مېگابايتتىن ئېشىپ كەتمىگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭ. ئەگەر 15 مېگادىن ئېشىپ كەتسە، ئېلخەت يوللانمايدۇ. ھۆججەت چوڭ بولسا، بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ ئەۋەتىڭ. كۆپ رەھمەت.

  5. ئېسىل ماقالىلىرىڭىزنى بىرھوندا ئورتاقلاشقىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. ماقالىلىرىڭىز تولۇق چىقىرىلدى (ۋاتىدۇ). داۋاملىق قارشى ئالىمىز. سىز ئۈچۈن بېرىلگەن مۇقىم ئادرېس:

  6. يەنە بىر گەپ، خۇاۋېينىڭ بوشلۇقى يامان موتورلاكەن، سىز ماڭا ئەۋەتكەن «ئۇرۇش ۋە قوماندان» تېخىچە تەستىق كۈتۈۋېتىپتۇ، خاپا بولماي، بەيدۇ ياكى گۇگولنىڭ بوشلۇقىغا يۈكلەپ ئەۋەتكەن بولسىڭىز.

  7. تورباجىن

    مەن سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن.

    • بلوگىمنى ياقتۇرغانلىقىڭىزدىن خۇش بولدۇم. پات-پات كېلىپ تەنقىدىي پىكىرلىرىڭىزنى بېرىپ تۇرارسىز.

  8. ئۇشبۇ بىلوگنىڭ 10 بىلوگنى تاللاش پائالىيىتىدە 20 نىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئاز بولسىمۇ بىر بىلەت تاشلاپ قويدۇم.

    • خۇشخۇي ئاكامنىڭ مېنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت! مەن بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ،مەندىن كۈتكەن ئۈمىدلەرنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىزدىنىمەن ۋە ھەرىكەت قىلىمەن.

  9. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم لوپنۇرى.مەندە سىزنىڭ بۇ ئۇسلۇبىڭىزنىڭ دەرىجە كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسى بار ئىدى.شۇنى سىزگە بېرەي دېۋىدىم،ياقتۇرسىڭىز ئىشلىتەرسىز،مەن بىلەن ھەمنەپەسلەر تورى(http://hemnepes.com)ئارقىلىق ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: