لوپنۇرى تور خاتىرسى يانفۇن ۋە ئۈندىداردا

 

 

لوپنۇرى تور خاتىرسى يانفۇن ۋە ئۈندىداردا

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز تورداشلار!تېنىڭلار سالامەت، ئىشلىرىڭلار بەرىكەتلىك بولسۇن. لوپنۇرى تور خاتىرىسى ۋوردپرەس سۇپىسىغا كۆچكىلىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە ئىككى يىل ۋاقىت بولۇپ قاپتۇ. بۇ جەرياندا كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى مۇقىم بوشلۇق ۋە تور نامى بىلەن تەمىن ئەتتى. پاراۋۇز ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر بەگ ئەپەندىلەر بلوگنىڭ تېخنىكا ئىشلىرىدا كۆپ ياردەملەردە بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇلارغا چىن دىلىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا نۇرغۇن تورداشلارنىڭ سەمىمىي قوللاپ-قۇۋەتلىشىگە نائىل بولدۇم. بۇ تور خاتىرىنى تورداشلىرىمىزغا ئاز-تولا بولسىمۇ نەپ يەتكۈزەلەيدىغان قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدىم. شۇ تىرىشچانلىقلىرىم ۋە تورداشلارنىڭ قوللىشى بىلەن 2012-يىللىق ئون نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە 4-دەرىجىگە ئېرىشىپ مېنى ۋە قوللىغۇچىلىرىمىزنى تولىمۇ خۇرسەن قىلدى.

       ئەمدى ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەم، لوپنۇرى تور خاتىرسىنىڭ ۋوردپرەستىكى 2 يىللىك تەۋەللۇت كۈنىگە ئاز قالغان مەزگىلدە تورداشلىرىمىز ئۈچۈن يەنە بىر خۇش خەۋەر تارقالغۇسى. ئالدىراش تورىنىڭ مەسھۇلى پاراۋۇز ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قايتا-قايتا سىناق قىلىشى نەتىجىسىدە لوپنۇرى تور خاتىرسىنىڭ يانفۇن نۇسخىسى بىلەن ئۈندىدار سالۇنى بىرلا ۋاقىتتا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇندىن كېيىن يانفۇندىمۇ لوپنۇرى تورخاتىرسىدىكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى ئەركىن زىيارەت قىلالايسىز. ئۈندىدار سالۇنىمىزغا ئەزا بولسىڭىز، يېڭى يازمىلاردىن ئۆز ۋاقتىدا بەھرىمان بولالايسىز.

ئۈندىدار سالۇنىمىزنىڭ ئىزدەش نۇمۇرى:lopnuricom

ئىككىلەمچى كودى:

بېكەت ئادىرىسى:

بۇندىن كېيىنكى ۋە ئىلگىركى يازمىلىرىمىزغا ھەرقانداق تەكلىپ پىكرىڭلار بولسا ئەركىن ئوتتۇرغا قويۇشۇڭلارنى، لوپنۇرى تور خاتىرسىنى ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە بىلىم ئۆگىنىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۈرتكە بولشىڭىزلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. لوپنۇرى تور خاتىرسىنىڭ ئىككى يىللىق تەۋەللۈت كۈنىگە ئاتالغان ،تورداشلارغا سوۋغات سۈپىتىدە سۇنۇلدىغان تېخىمۇ مول مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ. تور خاتىرىمىزنى يوقلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىغايسىزلەر.

2013-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3262

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-06-26
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 4دانە
  1. تۇران تېكىن

    مۇبارەك بولسۇن! يەنە بىر سالونىمىزنىڭ كۆپەيگەنلىكىگە تەشەككۇر!

  2. مۇبارەك بولسۇن، يەنە بىر ئەلگە نەپ بېرىدىغان ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ قۇرۇلغىنىدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن.

  3. قولۇڭلارغا دەت كەلمىسۇن ــــ توربەت تىلفۇندا كۆرۇشكە ئەپ شەكلىدە ياسالدىمۇ ياكى تىلىفۇندىمۇ نورمال كۆرىنىدىغان قىلىپ ياسالدىمۇ ـــ
    مەن ئەجەپ ئەپ نۇسخىسىنى تاپالماي قالدىمغۇ

    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كەلگەن قەدىمىڭىزگە قۇت بولسۇن، تور بەت يانفۇندا نورمال كۆرگىلى بولىدىغان شەكىلدە ياسالغان.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: