قەھرىمانغا ئاتالغان ناخشا-مۇزەپپەر

 

     ئىلاۋە:   ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرىنى ئۇلۇغلايدۇ، ياد ئېتىدۇ، ئۇلار ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ مۇققەددەس بۇرچى دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىمۇ شۇڭىلاشقا نۇرغۇن مىللىي قەھرىمانلارغا ئائىت ھېكايىلەر، چۆچەكلەر، شېئىر-قوشاقلار كەڭ تارقىلىپ يۈرمەكتە. ئوغۇزخاندىن تارتىپ تاكى يېقىنقى مەزگىلەردىكى ئۆت يۈرەك ئەزمەتلىرىمىز بولغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە لۇتۇپۇللا مۇتەللىپكىچە نۇرغۇن قەھرىمانلار ئىسسىق قانلىرى، ياش ھايات بەدىلىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىن ۋە باراۋەر تۇرمۇش كەچۈرشى ئۈچۈن كۆرىشىپ بىز پەخىرلىنىدىغان خەلق قەھرىمانلىرىغا ئايلاندى. ئۆز قەھرىمانلىرىنى سۆيمەيدىغان خەلق ۋە كىشى بولمىسا كېرەك. مەنمۇ كىچىكىمدىن تارتىپلا سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى دوستلىرىم بىلەن بەسلىشىپ يادلاپ نېمىنىڭ مىللىي قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋە كېيىنچە چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم. شۇڭىلاشقا، قەھرىمانلار ھەققىدىكى ناخشا- قوشاق، ھېكايە-چۆچەكلەرگە ئالاھىدە ئىشتىياقىم ۋە ھەۋىسىم بار. ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغان ۋە ئاڭلايدىغان ئادىتىم بار. باللىرىمغا ھەم بۇ ھەقتىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىشنى،ئۇلاردا ئۆز مىللىي قەھرىمانلىرىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. مانا مۇشۇ ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە بىر نەچچە يىل ئاۋۋال لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى ئارىسىدىكى ”مۇزەپپەر“ناملىق ناخشىنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. بۇ ناخشىنى نەچچە رەت ئاڭلىغىنىمنى بىلمەيمەن. ئاڭلىغانسىرى يېڭى-يېڭى تۇيغۇلارغا چۆمىمەن. قىزىقىش ۋە ھەۋەس ئادەمنى ھەر خىل كويلارغا سالىدىكەن. شۇڭىلاشقا، ئاڭلىغانسىرى بۇ ناخشىدىكى تارىخى قەھرىمانغا قىزىىشىم ھەسسىلەپ ئاشاتتى. لېكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق ئىدى.  شۇنداق قىلىپ بۇ ناخشىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن خېلى كۆپ ماتىرىيال ئاختۇرۇپ باقتىم. بەزى كىشىلەردىن سوراپمۇ باقتىم. ئەمما قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم. بىر كۈنى تۇيۇقسىز ”كورلا خەلق چۆچەكلىرى“ ناملىق كىتابنى ئوقۇۋىتىپ ”مۇزەپپەر“ دېگەن بىر چۆچەككە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. چۆچەك لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاكتىپ تولىغۇچىسى توختى جامال تەرپىدىن خاتىرگە ئېلىنغان ۋە كورلا خەلق چۆچەكلىرى توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، چۆچەكنىڭ مەزمۇنى بىلەن لوپنۇر خەلق ناخشىدىكى مەزمۇن بىر-بىرىگە خېلىلا يېقىن كېلىدىكەن ھەم ماسلىشىدىكەن. جۇغراپىيەلىك جايلىشىش ۋە تارقىلىش دائىرىسى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا لوپنۇر خەلق ناخشىسى ”مۇزەپپەر“ بىلەن كورلا خەلق چۆچىكى ”مۇزەپپەر“نىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىش مۇمكىنچىلىكى ھەقىقەتەن زور دەپ قارىدىم. مەيلى خەلق ناخشىسى بولسۇن ياكى چۆچەك بولسۇن ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتا-بوۋىلار تۇرمۇشىنىڭ ۋاستىلىك ئىنكاسىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى توقۇلما دېيىشكە بولماس. لېكىن بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىزدىنىپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭىلاشقا، بۇ ناخشىنىڭ تېكىستى بىلەن ”مۇزەپپەر “ چۆچەكنى بىرلىكتە ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. تارىخى تېخى نامەلۇم بۇلغان بۇ خەلق قەھرىمانىنى ئەسلەشكە ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمەن. ناۋادا بۇ ھەقتە يەنە باشقا يىپ ئۇچىلىرى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان دوستلار بولسا، ياردەم قوللىرىنى سۇنۇشىنى ”مۇزەپپەر“ دەك مۇشۇنداق بىر قەھرىماننىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تېخىمۇ ئېنىقراق يېزىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا يادنامە قىلىشىم ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىنى قۇشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

ئەڭ ئاۋال لوپنۇر خەلق ناخشىسى ”مۇزەپپەر“نىڭ تېكىستىنى كۆرۈپ باقايلى:

لوپنۇر خەلق ناخشىسى –مۇزەپپەر

ئاتاڭ بارمۇ مۇزەپپەر؟

ئاناڭ بارمۇ مۇزەپپەر؟

ئون بەش ياشتا جەڭ قىلىپ،

قەرزىڭ بارمۇ مۇزەپپەر؟

مۇزەپپەردەك ئەر بارمۇ؟

قۇمدا قالغان شەر بارمۇ؟

مۇزەپپەرنى كۆرگەندە،

دۈشمەنلەردە جان بارمۇ؟

ئوقيا ئاتتى مۇزەپپەر،

رەقىبىنىڭ كۆزىگە.

قىلىچ سالدى مۇزەپپەر،

دۈشمىنىنىڭ يۈزىگە.

مۇزەپپەرنىڭ ئاتىقى،

يەر جاھانغا تارالدى.

باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ،

مۇزەپپەر دەپ نام ئالدى.

ئاھ مۇزەپپەر،مۇزەپپەر،

داڭقىڭ كەتتى جاھانغا.

رەھمەت ئېيتتى خەلقلەر،

سېنىڭ ئاتا-ئاناڭغا.

جەڭدىن قايتىپ كەلگەندە،

قىزىل گۈلنى قىسقاندا.

مۇزەپپەرمۇ ئايلاندى،

شۇندا ئۇلۇغ ئىنسانغا.

ئەمدى ”كورلا خەلق چۆچەكلىرى“ توپلىمىدىكى ”مۇزەپپەر“ ناملىق چۆچەكنى كۆرۈپ باقايلى.

مۇزەپپەر

(چۆچەك)

بۇرۇنقى زاماندا كورلا دېگەن جايغا بىر توپ بۇلاڭچى ،قاراقچىلار كېلىپ ھە دېسە خەلقنى بۇلاپ تالاپ قىلمىغان ئەسكىلىكى قالماپتۇ، خەلق ئامالسىز ئۇيان-بۇيان قېچىپ، ۋەيران بولۇشقا باشلاپتۇ.دەل مۇشۇنداق پەيتتە مۇزەپپەر ئىسىملىك بىر باتۇر يىگىت، ئەتىراپتىكى يىگىتلەرنى يىغىپ، بۇ بالايى ئاپەتنى يوقاتماقچى بولۇپ، مەيدانغا چۈشۈپتۇ. ئۇ 300 كىشلىك قۇشۇن تەشكىللەپ ئۇلارغا قىلىچ،قالقان تۇتۇشنى،نەيزە،ئوقيا ئېتىشنى ئۆگىتىپتۇ. ئۇلار جەڭ ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىپ، مۇزەپپەرنىڭ باشچىلىقىدا بۇلاڭچىلارغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بۇلاڭچىلارمۇ ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن قارشى جەڭگە ئاتلىنىپتۇ. بۇ ئىككى قوشۇن دەل كورلا دەرياسىنىڭ دولان تۇغ يېنىدىكى سايلىقتا ئۇچىرىشىپ قاتتىق ئېلىشىپتۇ، قان دەريا بولۇپ ئېقىپتۇ، بۇلارنىڭ قاراس-قۇرۇسلىرى يەر جاھاننى بىر ئېلىپتۇ. ئەتىراپىغا نۇرغۇن خەلق ئولىشىپتۇ، پۈتۈن خەلق مۇزەپپەرنىڭ يېڭىشىنى تىلەپ مۇزەپپەرگە كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلاپتۇ. دەل پىشىم بولغان چاغدا بۇ جەڭ ئاخىرلىشىپتۇ،مۇزەپپەر ئەتىراپىغا شۇنداق قارىسا، ئەتىراپىدا بىرمۇ تىرىك جان قالمىغان. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ جەڭدە شىھىت بولغان، بىر كۈنلۈك جەڭدە قاتتىق چارچىغان مۇزەپپەر ئەمدى ياناي دەپ تۇرغاندا، ئۆلۈكلەر ئارىسىدا يالغان ئۆلۈك بولۇپ يېتىۋالغان بىر بۇلاڭچى ئۇنىڭ ئارقا تەرپىدىن ئوق چىقىرىپتۇ، ئوق بېرىپ دەل ئۇنىڭ سول كۆكرىكىگە تېگىپتۇ. مۇزەپپەر غەزەپتە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قارىسا، بىر مۇناپىق غال-غال تىتىرەپ تۇرغان، غەزىپىنى باسالمىغان مۇزەپپەر، ئۆتكۈر قىلىچىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بۇ ئەبلەخقە غەزەپ بىلەن ئېتىلىپتۇ، قاراقچى ئۇنىڭ ئۆتكۈر قىلىچى ئاستىدا كاللىسىدىن ئايرىلىپتۇ. مۇزەپپەر ئەتىراپىغا قاراپ، بىر كۈلۈمسىرەپ يىقىلىپتۇ ۋە جان ئۈزۈپتۇ. مۇزەپپەر بۇ چاغدا ئارانلا 18 ياش ئىكەن.

ئېيتىپ بەرگۈچى:ئىلىياس

خاتىرلىگۈچى:توختى جامال

1990-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئەڭ ئاخىردا ”مۇزەپپەر“ ناملىق ناخشىنىڭ سۈرەتلىك كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ باقايلى:


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3127

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-30
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: