لوپنۇر لەڭ قوشۇقىنىڭ تارىخى

لوپنۇر لەڭ قوشۇقىنىڭ تارىخى

ئېيتىپ بەرگۇچى:ئەيسا موسا

خاتىرلىگۇچى :  توختىجامال

رەتلىگۇچى :  غۇپۇر قۇربان لوپتېكىن

تۆۋەندە مەن لوپنۇرنىڭ چوڭكۆل رايونىدا بارلىققا كەلگەن،لوپنۇرنىڭ ھەممە جايلىرىدا كەڭ تارقالغان ۋە ئىيتىلىپ يۈرگەن《لەڭ قوشىغى》نىڭ كېلىپ چىقىش جەريانىنى،كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

1942-يىللىرى ،كۈزلۈك يىغىم مەزگىلى ئىدى. بۇ يىلى لوپنۇر ناھىيىەسىنىڭ چوڭكۆل كەنتىدە جىددى يازلىق زىرائەتلەر يىغىلىۋاتاتتى.ھەممە دىھقانلار ناھايىتى ئالدىراش ئىدى. بىراق موساخۇن ئاكىنىڭ ئۆيىدە بولسا ،قايغۇ-ھەسرەت ھۆكۈم سۈرەتتى. موساخۇن ئاكا 2-3-ئايدىن بۇيان ئېغىر كىسەل بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئىدى.

چۆڭكۆل خەلقىنىڭ خوشخۇي،ھەمدوستى،ھىكايىچىسى،داستانچىى ھەمدە قوشۇقچىسى،خەلقنىڭ سۇنۇق كۆڭلىگە خوشاللىق ئاتا قىلغۇچى موساخۇن ئاكانىڭ كېسىلى يالغۇز ئۆز ئۆيىدىكى  8 بالىسىنى غەم –ئەندىشىگە سېلىپلا قالماي،پۈتۈن چوڭكۆل خەلقىنىمۇ ئەندىشىگە سالغاچقا،بۇئۆيدە بىر قانچە كۈندىن بىرى،،يوقلاپ كىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. موساخۇن ئاكىنى ئىزدەپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى، غەمكىن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ،موساخۇن ئاكىغا بىر تەرەپتىن ئامانلىق تىلىسە،يەنە بىر تەرەپتىن موساخۇن ئاكىنىڭ كىشىلەرنىڭ مىسكىن كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان چاخچاقلىرى،قىزىق ھىكايە-چۆچەكلىرى ۋە قوشاقلىرىنى ئەسلىشەتتى….

موساخۇن ئاكىنىڭ ئاتىسى خىلى ئۇقۇمۇشلۇق بىر زات ئىدى.ئۇ دىنى مەدرىسلەردە كۆپ ئوقىغان بولۇپ،ئۆيىدە دائىم يۇرۇتتىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە«ناۋايى»،«گۈل غوجا-ئەخمەت»،«زىرەنىسا»،«زەپتۇم پاكى زامان(ھىكايە ھەم جەڭنامە)»، «قەخرىمان قەخرىتان»(ھىكايە)قاتارلىق نۇرغۇنلىغان داستانلارنى،كەڭ خەلق ئاممىسىغا تارقاتقان.    ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە «ۋەسىيەتنامە»(شېئىر) «خوجا ھاپىز»(شىېئىرى ئەسەر)قاتارلىق شېئىر–داستانلارنى كۆپ ئوقىغاچقا ،كۆپ ھاللاردا ئۆزىمۇ جەمئيەتتىكى ھەرخىل ئىشلارنى قوشاققا قوشۇپ،ھاشار ۋە توي-تۆكۈنلەردە ئېيتىپ بىرەتتى.ئۇنىڭ بىزگىچە كەلگەن(بالىسى ئەيسا موسا،ئىسمائىل قوشۇق ۋە قۇنىياز قوشۇق ئارقىلىق)نۇرغۇن قوشاقلىرى ھازىرمۇ لوپنۇر خەلقى ئارىسىدا ئېيتىلىپ يۇرمەكتە.ئۇنىڭ لوپنۇر خەلقى ئېيتىپ يۈرگەن ئىككى  مالىنىڭ(چارا بىلەن كۆزلەك)ئېىيتىشقان قوشۇغى:

ئون بەش كىشىڭلار قوشۇپ،

بۇ موساغا تەڭ كەلمىگەن.

موساغا تەڭ كىلەي دىسەڭ،

يېغىرلىق ئاتىڭنى مىنسەڭ….

ھازىرمۇ سورۇنلاردا ئىيتىلىپ كەلمەكتە.

  موساخۇن ئاكا مۇشۇنداق ئېغىر كىسەل تۇرۇپمۇ چوڭ ئوغلى ئەيسانى يېنىغاچاقىرىپ،ئۇنىڭغا قوشاق بىلەن ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ:

ئوغلۇم ئەيسا ئېسىڭدە تۇت،

ئاتاڭ موسا سۆزۈنى.

ھەرگىز ھاراۋا ھايدىما،

تارتىسەن يول ئازاۋىنى.

مەن ھايدىغان 50 يىل،

كالا قوشقان ھاراۋا.

تارتقان دەرىتنى قوشاق قاتىپ،

ئۇچۇرىۋاتتىم ھاگاغا.

ساڭا ئېيىتتىم بۇ گەپنى،

دائىم ئۇنى ئۇنتۇما.

يەتتە بالىنى تاپشۇردۇم،

ئاۋال خۇدا ھەم ساڭىلا.

دەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلابۇ ئالەم بىلەن مەڭگۇلۇق خوشلاشتى.ئۆيدىن چىققان يىغا ئاۋازىدىن،پۈتۈن چوڭكۆل كەنتى تەۋرەپ كەتتى. يىغا-زارە ئاۋازى پەلەككە كۆتۈرۈلدى.يېراق-يېقىندىكى ئۇرۇق-تۇققان- قارىنداشلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قايغۇ ئىچىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يىقىن ھەمسۆھبەتدىشىنىڭ مېيىتى بىلەن خوشلاشىتى.ئەيساخۇن ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە  كىچىگىدىنلا قوشاققا ئىشتىياق باغلاپ،ئاتىسىنىڭ ۋە يۇرۇتتىكى باشقا قوشاقچىلارنىڭ قوشاقلىرىنى يادىلاپ ئۆگەنگەن ھەمدە ئۆزىمۇ ماھىر قوشاقچىلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان. ئەيساخۇن يۈرەكتىكى ئازاۋىنى باسالماي،مىيىت ئۇزاتقاندا،مۇنۇ قوشاقنى ئېيتىپ،پۇتۇن يۇرت خەلقىنى يىغلىتىۋەتتى:

ھەسرەت بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن موڭلۇق ئاتا،

سەن كېتىپ سەككىز بالاڭ نەدە قالا.

بالا تاپىپ راھاتىنى كۆرمۆدۆڭ،

قادىر خۇدا جايىڭنى جەننەت قىلا.

قادىر خۇدا جايىڭنى جەننەت قىلا

سەندىن ئايرىپ شۇ كۇنلەرگە سالدى خۇدا.

بارچە دەرىتنى مىھرىبان ئانام تارىتتى،

جان باقالماي ئۇكامنى بايغا ساتتى.

سەككىز بالا  قايسىمىزنىڭ شۇملۇغۇ،

تەغدىر كېلىپ ئەجەل ئوقۇنى ئاتتى.

بېلىقلارمۇ ئوينايدىكەن چوڭقۇر سۇدا،

بۇ دۇنياغا تۈۋرۈك ئىكەن ئاتا-ئانا.

يات قولىدا ئامانەتتەك يۈرۈيمىز،

خۇدايىمغا نالە قىلىپ سەككىز بالا.

نەچچە يۇزلىگەن ئازاپلانغان يۈرەكلەر،تىخىمۇ قايغۇغا تولۇپ،موساخۇن ئاكىنى يەرلىككە قويۇپ،قوللىرىنى كۆتۈرۈشۇپ،چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە،ھەسرەتلىك دۇئالىرىنى بىرىپ، 8 بالىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتى….

يەتتە ناسىرىدىنى بېقىش زىممىسىگە چۈشكەن ئەيساخۇن ئاتىسىدىن قالغان  يەرلىرىنى تېرىغاچ،يەنە ئانچە- مۇنچە بايلارغىمۇ ئىشلىدى.شۇ ئەسنادا ھاراۋا ئېلىش  نىيىتىگە كەپ قالدى.چۈنكى ھاراۋا بولسا قول بىلەن ئىشلىگەندىن، سەل جىقراق ئىش قىلىپ، پۇلنىمۇ جىق تاپقىلى بولاتتى.ئەيساخۇننىڭ قول ئىلكىدىمۇ دادىسىدىن قالغان ئانچە-مۇنچە مال-مۇلكى بولغاچقا،قىش ئۆتۈپ ،ياز كەلگەندە،گۆدەك ئەيساخۇن ھىچكىمگە مەسلىھەت سالمايلا،ئۆزى يالغۇزلا بېرىپ،بىر ھاراۋا سىتىۋالدى. بۇ ھاراۋا  ھەدىسىلا بۆگۈنى ئۇلتىڭى،ئەتىسى گۈگۈىسى،ئۆگۈنى قىسمىسى دىگەندەك بۇزۇلۇپلا تۇردى.بۇنى كۆرگەن ئەيساخۇن ئۆزىدىن چوڭلارغا بۇ ھاراۋىنى كۆرسىتىپ باقتى.ما ئىشنى كۆرمەمسىز!ئەيساخۇننىڭ ھاراۋىسىنىڭ بىشى قاراياغاچ ياغىچى بولماستىن،توغراق ياغىچىكەن ئەمەسمۇ!ئەيساخۇن پۇشايمان قىلدى.پۇشايمان قىلغان بىلەن نېمە ئامال ،ھە دىسىلا ھاراۋىنى تولا ياسىتىپ ھايداۋەردى.بۇنداق قىلىپ يازمۇ ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ كەتتى.دەل كۈزنىڭ ۋاختى بۇ چوڭكۆل مەھەللىسىگە ئالۋاڭ- ياساق كەلگىلى تۇردى.بىر كۈنى كەچتەئەيساخۇننىڭ ئىشىگى قاتتىق قېقىلدى.ئەيساخۇن ئىتتىك ئىشىكنى ئىچىپ قارىسا،تېيىپ بوجاڭ بىلەن ئىككى يايى تۇراتتى.    تېيىپ بوجاڭ:

ـــ تېشلىقمۇئەيساخۇن ھال –ئەھۋالىڭلار قانداقراق –دەپ سورىدى.

ئەيساخۇن:

ـــ تېچلىق،ھال ئەھۋالىمىز يامان ئەمەس –دىيىشىگىلا، تىيىپ بوجاڭ:

ـــ شەن يامۇلنىڭ ئەمرى بىزنى چارقىلىققا لەڭ ئاپىرىشقا بۇيرىدى.سەنمۇ ئەتىگەندە ھارۋاڭنى قوشۇپ چىق،چارقىلىققا ماڭىسەن!-دىدى.بۇنى ئاڭلىغان ئەيساخۇن:

ـــ بوجاڭ بىگىم،مىنىڭ ھاراۋام ئاجىز ئىكەن،ئۇنىڭ بىشى قارا ياغاچ ئەمەس،توغراق ياغىچى ئىكەن،بۇنى پۈتۈن يۇرت ئەھلى بىلىدۇ،چارقىلىققا بارغىچە ،بۇ چۆلدە مىنىڭ ھاراۋام ساق بارالمايدۇ-دەپ قاخشاپ ھال ئېيىتسىمۇ،تىيىپ بوجاڭ غەزەپ بىلەن:

ـــ بۇئىشقا بۇيون تولغاشقا بولمايدۇ، بۇ شەن دارىننىڭ بۇيرۇغى،بارساڭمۇ -بارىسەن!بارمىساڭمۇ –بارىسەن ! دەپلا ئارقىغىمۇ قاراپ قويمايلا كىتىپ قالدى.ئامالسىز قالغان ئەيساخۇن كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقتى ۋە رەھمەتلىك،ئاقىلانە ئاتىسىنىڭ ئاۋازى قولاق تۈۋىدە ياڭرىغاندەك بولدى:

ئوغلۇم ئەيسا ئېسىڭدە تۇت،

ئاتاڭ موسا سۆزۈنى.

ھەرگىز ھاراۋا ھايدىما،

تارتىسەن يول ئازاۋىنى…

ئەيساخۇن يەتتە ئۇكىسىغا قاراپ،ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئەسلەپ،ئېسىت بېشىم،نىمىشقىمۇ ئاتامنىڭ ۋەسىيىتىنى ئېسىمدە تۇتمىغاندىمەن ! دەپ ۋايسىدى. نىمە ئامال،ئەتىسى بەگ،بوجاڭلار مەجبۇرى ھايداپ ئەپچىقىپ، يولغا سالدى.

1942-يىلىشىڭ سىسەي ھۆكۈمىتى قارا شەھەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق خوتۇنسۇمۇل(خىجىڭ ناھىيەسى) كۆنچى (لوپنۇر ناھىيەىسى) ،كورلا،بۇگۇر ۋە چاقىلىقتىن3000 دېھقان-چارۋىچىنى ۋە 2 پولىك ئەسكەرنى كورلا بىلەن چاقىلىق ئوتتۇرىسىدىكى يول قۇرۇلىشىغا سالىدۇ. بۇلارنىڭ يىمەكلىگىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلارغا ئاشلىق يۆتكەش ۋەزىپىسنى چۈشىۈرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئەيساخۇنلار بۇ لەڭ توشۇشقا تۇتىلىدۇ.

ئەيساخۇننىڭ ئۈچلا ئۇيى(كالىسى) بار ئىدى،يول يىراق،جاپالىق بولغاچقا،بىر ئۇينى باشقا بىرسىدىن ئارىيەتكە ئالدى.بۇ ئۇينىڭ ئېگىسى زەينەم ئاتلىق بىر قىز بولۇپ،،ئۇ قىزغا ئەيساخۇن خىلىدىن بېرى ئىش پەش تارتىپ يۈرەتتى.بىراق قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى ئەيساخۇنغا بەرگىسى يوق ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار قېرىشىپ- ھاراۋا تارتمايدىغان بىر ناچار ئۇينى  تاللاپ ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدى.ئەيساخۇن نائىلاج توت ئۇينى ھاراۋىسىغا قوشۇپ،لەڭنى بېسىپ،ئۆكىلىرىنى خوشنىلىرىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ،يولغا راۋان بولدى.لەڭچىلەر جەمئى   14ھاراۋا بولۇپ، كۈندۈزى يېتىپ،جاندارلىرىنى بېقىپ،ئاخشىمى يول يۈرۈۇپ،يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ،4-كۈنى تىكەنلىككە يېتىپ كىلىدۇ.ئۇلار تىكەنلىكتە بىر كۈن قونۇپ يولغا چىقىدۇ.

     ئۇلار يېرىم كىچىدە دورال يامۇلىنىڭ سىپىلى يىنىغا كەلىدۇ(بۇ سىپىلنىڭ قالدۇقلىرى ھازىرمۇ بار).دورال يامۇلىنىڭ يىنىغا كەلگەندە،تۇيۇقسىز ئەيساخۇننىڭ ھاراۋىسىنىڭ ئۇلتىڭى چىقىپ كىتىدۇ.بۇ لەڭچىلەرگە شۇ چاغدا تالىش گۇڭتۇ بىلەن ئىسمائىل شىلدىرلارنىڭ يېشى چوڭ بولغاچقا،ئۇلارغا باش بولۇپ ماڭغان ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن تالىش گۇڭتۇ:

مۇشۇ يەرگە چۈشۈڭلار،ھاراۋىنىڭ گۈگۈسىنى ئوڭلاپ،ئەتە ماڭىمىز–دىدى. شۇنىڭ  بىلەن لەڭچىلەر بۇ يەرنى چۈشكۈن قىلدى.

ئەتىسى ئەتىگەندىن باشلاپ چوڭلار ھارۋىنى رېمۇنت قىلسا،كىچىلەر ئۇي كالىلارنى باقتى.ئىشلار تاماملانغاندىن كىيىن ناشتا قىلىشتى. ناشتا ۋاختىدا ئەيسا موسا بىلەن ئىسمايىل شىلدىر گەپ تەگىشىپ قالدى. تالىش گوڭتۇ سالا-سۈلە قىلىپ ئۇلارنى جىمقىلدى. لەڭچىلەر ناشتىدىن كىيىن چاقىلىققا قاراپ سەپەرگە ئاتلاندى. ئەيسا موسا دۇرالدا بىر كېچە قۇنۇش جەريانىدا يۈزبەرگەن ئىشلارنى قۇشاققا قېتىپ ئېيتىپ ماڭدى.

كالاباقىپ كەل دەيدۇ ،

كالاباقاي كىم بىلەن .

دورالداچاي تالاشىپ ،

ئۇرۇشتۇم شىلدىر بىلەن .

ئىگەمنىڭ سۆزى كەڭرى ،

ناخشائايتاي ئاغزىم بىلەن .

ئۇپاراسا ئۆزۈمگە .

توپاق سويساق بىز سويدۇق ،

ئارتالىپ قالۇر كىمگە .

ئوبدان قۇلاق سالىپ باق ،

تالىش گۇڭتۇ سۆزۈمگە .

ئىتتىك-ئىتتىك ھايدا دەپ

ھەممىسى قىلدى  سوراق.

  دورالدا بىر كۈن  ياتىپ،

سويۇپ بەردۇق بىر توپاق.

خۇدايى تالا نەپ قىلسا،

تۈگۈمەمدۇ بۇ سوراق.

لەڭچىلەر دۇرالدىن ماڭغان پىتى،يەتتە-سەككىز كۈن يول يۈرۈپ،مىڭ بىر جاپادا ئاخىرى چاقىلىق بازىرىغا يىتىپ كېلىپ،لەڭنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ،ئون نەچچە كۈن يېتىپ قالدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاپارغان لېڭى كام چىقىپ قېلىپ،چاقىلىق ئامبىلى :لەڭنى تۆلەپ بېرىپ كېتىڭلار-دەپ بۇلارنى قايتۇرمىدى.بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىسىدا ئەيساخۇن يەنە مۇنۇ قوشاقنى قوشتى:

مەن بازارغا بارمايمەن ،

بارىپ كەلدىم تۆنۆگۈن .

لەڭىمىز كامىپ چىقىپ ،

مۈشكۈل بولدۇغۇ بۈگۈن .

خۇدا ناسىپ قىلارمۇ ،

ئۆيگە كەتىشكە بىر كۈن .

خۇداناسىپ قىلارمۇ ،

ئۆي تەرەپكە كەتىشكە .

بۇخەقلەر ئۇنىمايدۇ ،

پۇلغابۇغداي بىرىشكە .

چارەگى يىگىرمە كوي ،

يۈز جىڭ بۇغداي دىيىشكەن .

چارەگى يىگىرمە كوي ،

زىيان زەھەردىن ئاچچىق .

لەڭ سالىپ كەلگەن تاغارنى،

ئالىپ كەتەيلى باشلىق .

چاقىلىق دىگەن جاينىڭ ،

قاغۇن- تاۋۇزى تالتىق .

بىز چاقىلىققا  بارىپ ،

ئون ئۈچ كۈن بىكار ياتتۇق .

لەڭىمىزكامىپ چىقىپ ،

ئارغامچا تاغار ساتتۇق .

كىشى يۇرتى مۇساپىر ،

دەرت ئۈستىگە دەرت تارتتۇق .

كىشى يۇرتى مۇساپىر ،

كۆزىمىزدىن ئاقتى ياش .

شايارلىققى لەڭىدىن ،

كام چىقتى تۆت دادەن ئاش .

بىزنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ،

ئۆز يۇرتتا قالغان ئاداش .

بىزنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ،

يۇرتۇمدا قالغان ئاشنام .

يانا تارتىپ ئالارمەن،

شۇندىن سالامەت بارسام.

پۇل خەجلىمەي كەلدىممۇ ،

ئەللىك كوي زىيان تارتسام .

پۇل خەجلىمەي كەلدىممۇ ،

ئەللىك كوي زىيان تارتىپ .

لەڭىمىز كامىپ چىقىپ ،

ئون ئۈچ كۈن بىكار ياتىپ .

ئاران يانىپ كەلدۇق بىز ،

مىڭ جىڭ ئاش ئۆتنە ئالىپ .

ئون نەچچە كۈن بىكار ياتقان لوپنۇرلۇق لەڭچىلەر، ئەيساخۇننىڭ بۇ قوشىغىنى ئاڭلاپ،ئىچ-ئىچىدىن خوش بولۇشتى. تالىش گۇڭتۇ بىلەن ئىسمائىل شىلدىرمۇ خوش بولۇپ:

ـــ ئايتەئوغلۇم.! ئاتاڭڭى ئۆزىلا بولۇپسەن،ئىچ قارنىم ئاچىلىپ قالدى-دېيىشتى،شۇنىڭ بىلەن 《لەڭ قوشىغى》دىگەن قوشاق مەيدانغا كەلدى. لەڭچىلەر نەرسە-كېرەكلىرىنى سىتىپ،كام چىققان ئاشلىقنىڭ پۇلىنى مىڭ تەستە تۆلەپ،قايتىشقا ئىجازەت ئالدى. قايىتقاندا يولدا ھىچقانداق ئالاھىدە ئىش بولمىدى. لىكىن ئەيساخۇننىڭ قوشىغى تۆختىمىدى. ئۇ بارغىچە زەينەمنىڭ دادىسى بەرگەن ئۇينىڭ جاپا سالغانلىغىنى ئويلاپ،يەنە مۇشۇ قوشاقنى توقىدى:

ھاراۋا ھايداپ ماڭدىم،چاقىلىق دىگەن جايغا،

ئاۋام(ئاتام) سۆزۆنۈ تىڭشاماي،مەن تۇتۇلدۇم ئالۋاڭغا،

زەينەم بەرگەن چار ئۇييۇ،قاتىپ كۆتەك ھارۋاغا.

تاغىل ئۇيلا تارتادۇ،ھاراۋانى ئۆمۈلەپ،

زەينەم بەرگەن چار ئۇيۇم،ئارقاسىغا تىرەجەپ،

ئاچچىغىمدا مەن ھۇ دەپ،تاغىل ئۇييۇ كۈچەلەپ.

ئاچچىغىمنى چىقارىپ،تاغىل ئۇيۇم بىچارە،

ئازاپنى تارتماسقا،مەن ئەيسادا نىمە چارە،

خەپ توختاپتۇر سەن زەينەم،ئۆچۈممۈ ئالارمەن بارادا.

ياتىپ بارسام چوڭكۆلگە،تاشلاپ بېرىپ ئۇيۇڭڭۇ،

قارغا-قۇزغۇن يەم قالسۇن،سېنىڭ ئاشۇ بۇيۇڭڭۇ،

ئۆلەرمەنمۇ مەن ئەيسا،قىلماسام شۇ تۇيۇممۇ.

ئۆزۈم تاپقان بالاغا،نەگە باراي داۋاغا،

ھاراۋا ئالىپ قويۇپ،ئۆزۈم قالدىم بالاغا،

بارسام چىقىپ قالارمەن،ھەرگىز چىقماي تالاغا!

بۇ قوشاقنى ئاڭلىغان لەڭچىلەر ھەدىسە كۈلۈشۈپ كەتتى.بۇلار شۇ ماڭغانچە توققۇز كىچە-كۈندۈز يول مېڭىپ،ئاخىرى چوڭكۆلگە يېنىپ كەلدى.80 كۆۋرۈكتىن،چوڭ كۆلگە كەلگىچە،ئەيساخۇن پۈتۈن ماڭغان يەرلىرىنى قوشۇپ،مۇنۇ قوشۇقنى قالدۇردى:

ﻛﯚﻧﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ،ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ يېرىم ﻛﯧﻤﻪ،

ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﺩﯨﻤﻪ،

ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ خام ﻛﺎﯞﯨﻨﻰ ﻳﯩﻤﻪ.

ﻛﯧمەدﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺟﺎﻳﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﻢ،

ﺧﻪﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﻛﺎﺭﯨﻢ.

ﺗﺎﺭﯨﻤﺪﺍ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ ،ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﻢ.

ﺗﺎﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﭼﻮﯕﻜﯚﻝ،

ئون ﻛۈﻧﺪﻩ ﺑﺎﺭﯨﭗ-ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯚﯕﻜۈ،

ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺯﺍﯞﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ،ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪە،

ﭼﯘﺷﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ ﻳﯩﺮﺗۇﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﻣﻜﻪ.

ﭼﻮﯕﻜﯚﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ ﭼﺎﺭﺍﻏﺎ،

ﻟﻪﯕﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜۈﺯۈﭖ ﺑﯩﺮﯨﭙﺘﯘ،ﺗﻮﻗﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﺎﺭﺍﯕﻐﺎ،

ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻟﻪﯕﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ ﺋﺎﻻﯕﻐﺎ.

ﭼﺎﺭﺍ ﺩﯨﺴﻪ ﻧﯩﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﯨﻤﻪﯕﻼﺭ،ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺗﺎ ﺗﻪﯕﻠﻪ،

ﺑﯩﺮ ﺑﻪﯕﮕﯘ ﺗﺎﻣﺎﻛۇ ﭼﻪﻛﺴﻪ،ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﻮﻝ ﺗﻪﯕﻠﻪ،

بىر بالىقنى تالاشىپ،ئاتا-بالىلىقتىن كېچىشىپ كەتمەڭلە.

بىكار يىتىپ،ئەي چارا خەلقى-ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ كەتمەڭلە.

چارىدىن چىقىپ،بارغان يىرىم كۈزلەك،

تازىلىقىغا قارىسام،ھەممە مەللىسى بىردەك،

ئەمما مەھەللىدە ئولتۇرغان خاتۇنلارنىڭ

ئەمچەكلىرىنىڭ ھەر دانىسى قاق يەڭدەك.

كۈزلەكتىن چىقىپ بارغان يىرىم تىكەن.

كاتتا جاي دەپ ئايتىۋىدىلە راس ئىكەن،

تىكەنلىكتە ئولتۇرغان كىشىلەر مۇرادىغا يەتكەن.

تىكەندىن چىقىپ بارغان يېرىم دورال،

مۇشۇ يەرنى شە قىلىپ ئولتۇرغان خاڭ دارىنغا ئۇگال.

دۇرالدىن چىقىپ بارغان يىرىم ياڭىسۇ،

ھىساپ قىلسام بەش نان قاپتۇ،ئازۇغىمىزنى بارىشۇ.

مەھەللىدە بىر بۇرنى پۇچۇق خاتۇن باركەن،سۇنجاڭلىرىنىڭ يارى شۇ.

ياڭىسۇدىن چىقىپ بارغان يىرىم ئارغان،

يىراق يول دەپ ئايتىۋىدىلەر، لىكىن ھەممىڭلاربارغان.

يولنىڭ يىراقلىغىدىن لەڭچىلەرنىڭ ئېشىگىنىڭ تەڭ يامىسى ئارا يولدا قالغان.

بۇنى ئاڭلامادىم دىمەڭلار،بۇ يولنى ئازاۋىدىن بۇرۇنمۇ بىر قاتىمدا،

لى كوجاڭنىڭ  ئېشەگىمۇ ھارغان

ئارغاندىن چىقىپ بارغان يېرىم قورغان،

گومىنداڭنىڭ زۇلىمى پۈتۈن شىنجاڭغا تولغان.

ھەي بۇرادەرلەر غاپىل ئۇيقىدا ياتساڭ دەرھال ئويغان.

قۇرغاندىن چىقىپ بارغان يېرىم يېكەن مۇجىمال،

ئۇخماسلىقتىن مۇشۇ يولغا كەلگىنىمگە، يۈز مىڭ قىلدىم پۇشمان،

ھەسەن سۇنجاڭنى سولىتىپ قويدى،سۇفى سۇنجاڭ دىگەن دۇشمان.

يېكەن مۇجمالدىن چىقىپ بارغان يېرىم لوپ،

ئالدىراپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ،ئىشتان كۆينەكنىڭ ھەممىسى پوق.

باشلىقلار چاقىرىپتۇ،ماڭىلى روزىلەڭ ئورنۇڭدىن قوپ.

لوپتىن چىقىپ بارغان يىرىم چارقىلىق،

ئىنسانغا -ئىنسان قىلمىدى زەررىچە ياخشىلىق.

چۈشكىلى ئۆي تاپالماي ،بىر ئۆي كۆرسىتىپ قويدى،

كونا داۋۇت ئەپەندى دىگەن قاشقارلىق.

قالىغىلى ئوتۇن تاپالماي تاڭ ئاتقۇچە ھۇ!

ئىزلىسەڭ تاپالمايدىكەنسەن بىر چىنە قايناق سۇ.

چارقىلىققا كەلمەس ئۈچۈن،قولاڭنى جەينىگىڭدىن يۇ.

چارقىلىق دىگەن بىلەن، ئازغىنە ئىكەن بازارى،

مىڭىشتا يىغلاپ قالدى، پېقىر سۇلتەكنىڭ يارى.

نىرى -بىرى ئۇلاق ھايداپ، ئۆلۈپ كىتىدىغان ئوخشايمىز،

بىز لوپنۇر خەلقىنىڭ تەڭ يامى.

ئەيساخۇننىڭ بۇ مەنىلىك قوشۇقى پۈتۈن لەڭچىلەرنى رازى قىلدى،ئۇلارمۇ چوڭكۆلگە يىتىپ كەلدى ،بۇ چاغدا ئەيساخۇن يەنە:

ساق-سالامەت كېلىپ،

ئايرىلاشىدىغان بولدۇق.

قارىنداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ،

يىغلاشىدىغان بولدۇق.

يەنە ئالۋان دىسەڭلار،

بارماسمەن ئەمدى .

ھاراۋىنى ساتىۋىتىپ،

خاتۇن ئالاي ئەمدى.

دەپ ھەممىنى كۈلدۈرۋىتىپ،ئۆز ئۆيىگە كىرىپ كەتتى…..

  شۇنىڭ بىلەن بۇ تارىخى ۋەقە تا ھازىرغىچە خەلق ئارىسىدا سۆزلۈنۈپ،توي-تۆكۈن،مەشرەپ-يىغىلىشلار ۋە ھېيىت-بايراملاردا ئېيتىلىپ كەلمەكتە ۋە ئېيتىلغۇسى.

مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3484

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-11-14
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: