ئايەملىك ئېلكىتاب-«يىللار شۇنداق ئۆتكەن»

 

 

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار!كەمىنە لوپنۇرى ئالدى بىلەن ھەر قايسىڭلارنىڭ قۇتلۇق قۇربان ھېيتىنى چىن دىلىدىن تەبرىكلەيدۇ.ھەممىڭلارنىڭ ئائىلەڭلارنىڭ تېنچ-ئامان، تېنىڭلارنىڭ ساق-سالامەت، ئىشىڭلارنىڭ غەلبە-نۇسرەت ئىچىدە بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيدۇ. ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! لوپنۇرى تور خاتىرىسى ئولۇغ قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ھەر قايسىڭلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەش بىلەن بىرگە كىچىككىنە ھېيتلىق كۆڭلىنى بىلدۈرمەكچى. بۇ قېتىمقى ئېلكىتابىمىز ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان، ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىدا ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ،ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە نائىل بولغان داڭلىق سەنئەتكار ئابدۇۋېلى جارۇللايۇپنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان ”يىللار شۇنداق ئۆتكەن ناملىق بىئوگىرافىك قىسەسىدۇر.بۇ كىتاب 1989-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ھازىر ئوڭايلىقچە ئۇچىراتقىلى بولمايدىغان مۇھىم كىتابلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ كىتابتىن سىز ئابدۇۋېلى جارۇللايۇپنىڭ ھاياتى ئىش-پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپلا قالماستىن، ئەينى دەۋىردىكى سىياسى ۋە ئىجتىمائى ئەھۋاللار ھەققىدىمۇ خېلى ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز. كىتابنىڭ بەلگىلىك تارىخى قىممىتى بار. تۆۋەندە كىتابقا قىستۇرۇلغان سۈرەتلەردىن بىر قانچىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى!

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

كىتابنىڭ بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:

 

http://pan.baidu.com/share/link?shareid=100328&uk=3909161718

 

مەزكۇر كىتابنى رۇخسەتسىز باشقا تور بېكەتلەرگە يۆتكىمىگەيسىز!

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2510

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-24
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇرى ئېلكىتابلىرى
ئىنكاس: 4دانە
  1. ھىيتڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، بىز تەرەپلەرگىمۇ كلىپ پەتىلىپ كىتەرسىز .

  2. تەڭ بولسۇن!ئاللاھ خالىسا،چوقۇم شۇنداق بولىدۇ.

  3. ئۇيغۇربەگ

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداش، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا ۋەكالەتەن ھېيتلاپ كەپ قالدۇق :grin: ، مۈكۈۋالماي چاي قۇيمامسىلەر دەيمەن ! :mrgreen:
    ئامىن!(…..)، ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، كىچىكىپ كەلگەن بولساممۇ ئاز بولسىمۇ بىر ئىنكاس ھېيتلىق بەرگەچ تۇراي.
    ئاخىرىدا تىنىڭىزغا سالامەتلىك، ئىشىڭىزغا ئوڭۇشلۇق، ئائىلىڭىزگە ئەمىنلىك تىلەيمەن…

    • ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،بېگىم!كەلگەن قەدەملىرىگە قۇتلۇق بولسۇن! سىلىمۇ سىرتقا ھېيتلاپ كەتكەندە كەپلا، بولمىسا،ئاران بىر كەلگەندە تازا بىر مىھمان قىلىۋالار ئىكەنمەن. بۇندىن كېيىن ئالدىن خەۋەر بېرىۋەتكەيلا. تىلىگەن تىلەكلىرى ھەمىىمىزگە ئورتاق بولسۇن!بەرگەن ھېيتلىقلىرىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم!ئاللاھ ئالتۇن تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن!قىلغان ئىشلىرىغا بەرىكەت بەرسۇن!

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: