لوپنۇر يىراق قەدىمكى زامان ئاھالىلىرىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى

لوپنۇر يىراق قەدىمكى زامان ئاھالىلىرىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى

ئۈستىدە  مۇلاھىزە

ئەلى ئەمەت

لوپنۇر رايونى دۆلىتمىز، جۈملىدىن ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا قەدىمكى ئاھالىلەر بىرقەدەر كۆپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى جىلغا (گۇمۇگۇ) قەدىمىي قەبرستانلىقى، تېبەن دەرياسى قەبرىستانلىقى، قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقى، يىڭپەن قەدىمىي قەبرىستانلىقى قاتارلىق قەبرىستانلىقلار ۋە بۇ قەبرىستانلىقلاردىن بايقالغان بۇيۇملارنىڭ كۆپلۈكى، دەپنە ئادەتلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىملارنىڭ دېققىتىنى تارتىدۇ. بولۇپمۇ جىلغا (گۇمۇگۇ) قەدىمىي قەبرستانلىقى، تېبەن دەرياسى قەبرىستانلىقى، قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقى قاتارلىق تارىختىن ئاۋالقى (يېزىق پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنقى) دەۋرگە تەۋە قەبرىستانلىقلاربۇنىڭدىن 3800~4000 يىللار ئىلگىرىكى شىنجاڭدا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ماتىرىيالدۇر. تۆۋەندە مەن ئوخشاش مەدەنىيەت تىپىغاتەۋە بولغان بۇ ئۈچ قەبرىستانلىقتىن بايقالغان ھەمدەپنە بۇيۇملار، دەپنەئادەتلىرى، قەبرە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىك قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ لوپنۇر رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

  ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك كەسپ قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق بولۇشى قانداق ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىش تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەمگەك ئىنسانلارنى ياراتقان بولۇپ، ئىنسانلار ئۇزاق بولغان تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدائۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشقان ۋە ئىزدەنگەن. مۇنداقچەقىلىپ ئېيتقاندا ئىنسانلار ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي، سىياسىي،دىنىي، مەدەنىيەت-سەنئەت… قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇلىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال يىمەك- ئىچمەك، كېيىم- كېچەك، تۇرالغۇ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق شەرت- شارائىتلارنى ھازىرلىشى كىرەك، بۇ شارائىتلارنى پەقەت ۋە پەقەت ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلار توختىماستىن ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.

   ئۇنداقتابۇنىڭدىن 4000 مىڭ يىللار ئىلگىرى لوپنۇر رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى قانداق ئىدى؟ ئۇلار قانداق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان دىگەن سۇئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ بىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئارخىئولوگىيەلىك ماتىرىياللارغا مۇراجەت قىلىپ ئىزدەنگىنىمىزدە بۇ رايوندا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ
ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقىنى بايقايمىز.

بىرىنچى. چارۋىچىلىق

چارۋىچىلىق قەدىمكى زامان ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئەمگەكلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئارخىئولوگىيەلىك ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك كىلىماتى قۇرغاق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىنتايىن باپ كىلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن چارۋىچلىق تارىخى ئىنتايىن ئۇزاق بولغان، شىنجاڭ رايونى قەدىمدىن تارتىپلادۆلىتىمىزنىڭ چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان رايونىدۇر①.ئەلۋەتتە لوپنۇر رايونىدىن بايقالغان چارۋىچىلىققا ئائىت بايقالمىلار ئىنتايىن مول بولۇپ، تاش قوراللار دەۋرى بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كىينكى دەۋرگە مەنسۇپ بولغان قەبرىلەردىن تېپىلغان بۇيۇملار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.

لوپنۇردىكى قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ قىزىش ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا چارۋىچىلىق ئوخشاشلا بۇ رايوندىكىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بولغان. ئۇلارنىڭ چارۋىچىلىق ئوبىيكتى ئاساسلىقى قوي، كالا، ئۆچكە قاتارلىقلار بولغان. قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان چارۋىچىلىق بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملار بۇ پەرىزىمىزنى بۇ كۆز قارىشىمىزنىڭ توغرىلىقىنى دەلىلەيدۇ. بۇ بۇيۇملار تۆۋەندىكىچە:

(1) ياغاچ تۈۋرۈككە ئېسىلغان كالا بېشى. ئارخىئولوگىيە خادىملىرى 2003- يىلى 1- ئاينىڭ 25-كۈنى قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىنى قېزىش جەريانىدا ھەربىز قەبرىنىڭ ئالدىدىكى ياغاچ تۈۋرۈككە كالىنىڭ بېشىنى ئېسىلغانلىقىنى، كالىنىڭ يۈز قىسمىنىڭ چېپىۋىتىلگەنلىكىنى، ياغاچ تۈۋرۈكنىڭ ئەتىراپىغا نۇرغۇنلىغان كالا ۋە قويلارنىڭ بېشىنىڭ دۆۋلەپ قويۇلغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن باشقا بېرگمان «شىنجاڭ ئارخىئولوگىيەسى»دە تىلغا ئالغان قابرىستانلىقنىڭ شەرقى ئۇچىدىكى ياغاچ ئۆي قۇرۇلمىلىق قەبرىنىڭ ئەتراپىغىمۇ كالا ۋە قويلارنىڭ بېشى دۆۋلەپ قويۇلغان بولۇپ،ھېسابلىغاندا 100 دانىدىن ئاشىدۇ②.

(2) كالا ۋە قوي تېرىسى: شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى 2002- يىلى قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىدا 4 قەبرىنى سىناپ قازغاندىن تارتىپ 2005- يىلى 3-ئايغىچە جەمئىي 167دانە قەبرە قازغان (1934- يىلى بېگمان قازغان 12 قەبرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولۇپ، ئومۇمىي قەبرىستانلىقتا بىر دانە ياغاچ ئۆي قۇرۇلمىلىق قەبرە ۋە بىر نەچچە دانە سىرتى لاي بىلەن سۇۋالغان ياغاچ قەبرىدىن باشقىسى دۈم قويۇلغان قولۋاق شەكلىدىكى قەبرە بولۇپ، ھەر بىر جەسەت ساندۇقىغا رەڭگى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل كالا تېرىسى يېپىلغان بولۇپ، بۇ بىر ئادەمنى دەپنە قىلغاندا ئاز بولغاندىمۇ 3 كالائۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ③. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان قەبرىلەرىن قوي تېرىسىنىڭ پارچىسى تېپىلغان بولۇپ، جەسەتنىڭ باش قىسمىنىڭ ئاستىغاقويۇلغان.

(3) ھەمدەپىنە قىلىنغان كالا بېشى: ئارخىئولوگىيە خادىملىرى 13M-نومۇرلۇق قەبرە ۋە  24M-نومۇرلۇق قەبرە قاتارلىق بىر قىسىم قەبرىلەردىن ھەمدەپىنە قىلىنغان كالىنىڭ بېشىنى بايقىغان بولۇپ، ئادەتتە ئۆلگۈچىنىڭ كۆكرەك قىسمىغائورۇنلاشتۇرۇلغان.

يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تىپىك مىساللاردىن باشقا، قەبرىستانلىقتىن يەنە پىلاش، كىگىز باش كىيىم،بەللىك، ئۆتۈك (پىيما)، تېرە، ھايۋاناتلارنىڭ قۇلىقى قاتارلىق بىر تۈركۈم بۇيۇملارنى بايقىغان. گەرچە بۇ بۇيۇملار گەرچە ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ چارۋىچىلىقىنى بىۋاستە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلمىسىمۇ، لىكىن ئىچكىرلەپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا بۇ بۇيۇملارنىڭ ئائىلە ھايۋانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ ئائىلە ھايۋانلىرىنىڭ يۇڭى، تېرىسى ۋە قۇلىقىدىن پىشىقلاپ ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. شۇڭلاشقا بۇ بۇيۇملارمۇ قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى چارۋىچىلىقنىڭ ئورنىنى دەلىللەيدىغان ئۈنۈملۈك پاكىتلاردۇر. ئوخشاشلا، ئوخشاش مەدەنىيەت تىپغا تەۋە بولغان جىلغاقەبرىستانلىقىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان كالا، قوي سۆڭەكلىرى، مۈڭگۈزلىرى، كىگىز قالپاق،يۇڭ توقۇلما، كىگىز گىلەم، كالا تېرىسىدىن پىشىقلاپ ئىشلەنگەن ئۆتۈك قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ كۆپلىكىدىن بىز لوپنۇردا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىداچارۋىچىلىق ئېگىلىكىنىڭ يىتەكچى ئورۇنداتۇرغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئارخىئولوگ ۋاڭ بىنخۇامۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ «جىلغا قەبرىستانلىقى قەدىمكى ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئاھاسلىق ئۆي ھايۋانلىرىدىن كالا بىلەن قوي بار ئىدى»④ دەپ قارايدۇ.

ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، لوپنۇر قەدىمكى ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆي ھايۋانلىرى باقمىچىلىقىدىن سىرت ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش زۆرۈر. قەدىمىي قەبرىلەردىن بايقالغان زور مىقداردىكى قۇش پەيلىرى، پەي ئوقيا، پەيدىن ياسالغان بىزەك بۇيۇم قاتارلىقلار بىزنىڭ دىقىتىمىزنى قوزغايدۇ. ئۇنداقتا بۇ پەيلەر قەيەردىن كەلگەن؟ مىنىڭچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىداچوقۇم  ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنىڭ مەۋجۇت بولغان. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قايسى ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى كىيىنكى تەتقىقاتلاردا ئايدىڭ بولغۇسى.

   يىغىپ ئېيتقاندا چارۋىچىلىق تۇرمۇشى قەدىمكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا. مەلۇم بولغان ماتىرىياللاردىن ھازىرچە بىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا كالا،قوي، ئۆچكە ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنىڭ مەۋجۇتلىنى بىلەلىدۇق. ئەمما بۇ ئەڭ ئاخىرقى خۇلاسە ئەمەس، بەلكىم نۇرغۇنلىغان ئۆي ھايۋانلىرىمۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن،لىكىن شۇنىسى ئېنىقكى، «كالا»نىڭ قەدىمكى لوپنۇر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى رولى ئالاھىدە زور بولغان بولۇپ، ئۇ ئادەتتىكى ئۆي ھايۋىنى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىر-چىراق پائالىيەتلىرىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان،شۇنداقلا كىشىلەر تۇرمۇشىدا «كالىغا تىۋىنىش» نىڭمۇ مەۋجۇت بولغانلىقىنىڭ ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ.

ئىككىنچى. تېرىقچىلىق

   لوپنۇررايونىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان مىرەن خارابىلىكىدىن بايقالغان خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بولغان بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان سۇغىرىش سىستىمىسى مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدىكى لوپنۇر رايونىنىڭ دېھقانچىلىقىنىڭ ناھايتى چوڭ تەرەققىياتلارغا ئېگە بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ تارىختىن ئاۋالىقى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ ئەمەس، ئۇنداقتا يىراق قەدىمكى زاماندا لوپنۇر رايونىدا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا تېرىقچىلىق تۇرمۇشى بولغانمۇ يوق؟

ھەممىمىزگە مەلۇمبولغىنىدەك، ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىرى تەرەققىي قىلمىغان يىراق قەدىمكى زاماندا لوپنۇردىن ئىبارەت تەبىئىي شارائىتى ناچار، چۆللىشىش ۋە يىرىم چۆللىشىشتىن ئىبارەت بۇ خىل شارائىتتا تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن چوقۇم بىر قەدەر ئىلغار بولغان ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ۋە مۇكەممەل بولغان سۇغىرىش سىستىمىسى بولغاندىلا ئاندىن تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئەينى ۋاقىتتىكى لوپنۇررايونىدىكى ئاھالىلەر تۇرمۇشىدا زادى تېرىقچىلىق ئېگىلىكى بولغانمۇ يوق؟ بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ئارخىئولوگىيەلىك قىزىشتا تېپىلغان ماتىرىياللارغا مۇراجەت قىلىشقاتوغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ماتىرىياللارغا نەزەر سېلىپ باقايلى:

قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقى M2- نومۇرلۇق قەبرە: ساقلىنىشى مۇكەممەل بولغان قەبرە بولۇپ يەريۈزىدىن چوڭقۇرلىقى  130 cm بولۇپ، ياغاچ ھەيكەل دەپنە قىلىنغان بولۇپ، دەپنە ئادىتى راسىت ئادەم بىلەن ئوپمۇئوخشاش، پىلاش بىلەن ئورالغان، ئۈستۈنكى بەدەن باش قىسمىنىڭ ئوڭ تەرىپگە ئىككى دانە قاپچۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىچىدە بۇغداي دانلىرى بار…. تۆۋەنكى بەدەن قىسمىدىمۇ بۇغداي، چۈجگۈن قوناق قاتارلىقلار بار⑤. 4M نومۇرلۇق قەبرە: يەر يۈزىدىن چوڭقۇرلىقىcm 140 بولۇپ، يېتىلگەن ئايال دەپنە قىلىنغان بولۇپ پىلاشنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۈچ دانە قاپچۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىچى بۇغداي دانلىرى ۋە چاكاندا بىلەن توشقۇزۇلغان⑥. 11M-نومۇرلۇق قەبرە: ئايال جەسەتنىڭ كۆكرەك قىسمىغا تېرىق ۋە ئۇششاق ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرى قويۇلغان⑦.

… بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قەۋەتتىكى قەبرىلەرنىڭ ھەممىسى يەككە كىشىلىك قەبرە بولۇپ، جەمئىي 40 قەبرىدىن 30قەبرىگە يېتىلگەنلەر دەپنە قىلىنغان، 10 قەبرىگە يىتىلمىگەن ئۆسمۈرلەر دەپنە قىلىنغان.. ..ھەمدەپىنە بۇيۇملار قانۇنىيەتكە ئىگە…. بەدەننىڭ ئۈستۈن ۋە تۆۋەن قىسمىغا ئومۇمەن بۇغداي، تېرىق دانلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان⑧.

يوقىرىقى ماتىرىياللاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، بۇغداي ۋە تېرىق قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىدىكى زور كۆپ ساندىكى قەبرىلەردىن بايقالغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا ئارخىئولوگلار چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:«ھەر بىر قەبرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ھەمدەپىنە بۇيۇملارنىڭ قويۇش ئۇسۇلى قانۇنىيەتكە ئىگە….چۆپتىن تۇقۇلغان سىۋەت ھەربىر قەبرىدە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك بۇيۇم بولۇپ ئىچىگە بۇغداي قاتارلىق يىمەكلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان⑨.بېرگمانمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئەينى ۋاقىتتا بۇغداي ۋە ئاشلىق زىرائەت دانلىرىنى تاپقان بولۇپ، «جەسەت ساندۇقىدىن تېپىلغان بۇغداي ۋە ئاشلىق زىرائەت دانلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ تېرىقچىلىقى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەن» دەپ قارىغان⑩.

بىز يەنە جىلغاقەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان تۆۋەندىكى ماتىرىياللارغىمۇ نەزەر سېلىپ باقايلى:

… بىرىنچى خلدىكى قەبرىلەر…. ھەممىسىدە بىردىن چۆپتىن تۇقۇلغان سىۋەت بار، ئىچىگە بۇغداي دانلىرى سېلىنغان، ئازلىرىدا 10 نەچچە تالدىن 100 نەچچە تالغىچە بار… (11)

تارىختىن ئېلگىرىكى دەۋرلەرگە تەۋە بولغان بۇ بىرنەچچە قەبرىستانلىقتىن بۇغداي، تېرىق ۋە باشقا دانلىق زىرائەت دانلىرىنىڭ كۆپلەپ تېپىلىشى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى دىھقانچىلىقنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، بەزىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە جىلغا قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان بۇغداي تېپىك ئادەتتىكى بۇغداي بولۇپ، دۆلىتىمىز تەۋەسىدىن تېپىلغان تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بۇغداي ئەۋرىشكىسىدۇر. ۋاڭ بىڭخۇا قاتارلىقلار «دۆلىتىمىزدەبۇغداي ئەڭ بۇرۇن شىنجاڭدا تېرىلغان» دەپ قارايدۇ12.

ۋاڭ بىڭخۇانىڭ يوقىرىقى كۆزقارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقى تىخى قېزىلمىغان بولۇپ، بۇقەبرىستانلىقتىن تېپىلغان بۇغداي توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغان ئىدى. ئىككى قەبرىستانلىق گەرچە ئوخشاش مەدەنىيەت تىپىغا تەۋە بولسىمۇ لىكىن يىل دەۋرى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى قىسمىنىڭ چېكى جىلغا قەبرىستانلىقىدىن ئۇزۇن. بۇ توغرىسىدا ئارخىئولوگلار «قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىنىڭ تۆۋەنكى چېكى جىلغا قەبرىستانلىقىدىن كېيىن بولسىمۇ بىراق يوقىرى چېكى جىلغا قەبرىستانلىقىدىن تېخىمۇ ئۇزۇن» دەپ قارايدۇ13. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان بۇغداينىڭ يىل دەۋرى جىلغا قەبرىستانلىقىدىن ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن، بۇ توغرىسدا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەيلى قانداق بولۇشدىن قەتئىينەزەر بىز لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى زامان ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا تېرىقچىلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداينىڭ تېرىلىش مىقدارىنىڭ باشقىلاردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيمىز.

گەرچە دۆلىتىمىز تەۋەسىدەئەڭ دەسلەپكى بۇغداي لوپنۇر رايونىدىن بايقالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ غەرپتەتېرىلغان ۋاقتى شىنجاڭدىن كۆپ ئۇزۇن، قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان بۇغدايغا قارىتا ئېلىپ بىرىلغان ئىرسىيەتشۇناسلىق ئىلمىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇئادەتتىكى گېكساپلوئىد(六倍体) تىپىغا تەۋە بۇغداي بولۇپ، بىرونزا قوراللار دەۋرىدە شىنجاڭدامەۋجۇت بولغان14، بۇ بۇغداينىڭ غەربى ئاسىيادىن شىنجاڭ ئارقىلىق ئىچكى تۈزلەڭلىك رايونىغا تارقىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. تېرىق بولسا تىپىك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ ھەر ئىككىلىسىنىڭ لوپنۇر رايونىدىن بايقىلىشى بۇنىڭدىن 4000يىللار ئىلگىرىلا شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقىنى،لوپنۇر رايونىنىڭ بولسا  شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسدىكى چوقۇم ئۆتۈشكە تىگىشلىك جاي ئىكەنلىكىنى ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى.

يىغىنچاقلىساقبۇ بۇيۇملار لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلىرىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتىرىياللار بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى تەتقىق قىلىشتىكىمۇ مۇھىم ماتىرىياللاردۇر.

ئۈچىنىچى. ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىكى

   قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئەينى ۋاقىتتىكى ئاھالىلەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەرەپتۇر. قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايقالمىلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،ئۇلار تۇرمۇشىنى قامداشنىلا بىلىپ قالماستىن بەلكى لازىملىك كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساش ئارقىلىق ئۆزىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتقان ۋە گۈزەللەشتۈرگەن.قۇم دەريارسى قەبرىستانلىقى، جىلغا قەبرىستانلىقى ۋە تېبەن دەرياسى قەبرىستانلىقى قاتارلىق قەبرىستانلىقلاردىن تېپىلغان بۇيۇملاردىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىقى ئاساسلىقى   تېرە-كۆنپىشىقلاپ ئىشلەش، تۇقۇمىچىلىق، ئويمىچىلىق، سىلىقلاش، تۆشۈك تېشىش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنداقتا بىز تەپسىلىي قاراپ باقايلى.

كۆن پىشىقلاپ ئىشلەش: ۋەكىللىك بۇيۇملاردىن تېرە ئۆتۈك ۋە تېرە تۇلۇم قاتارلىقلار بار. مەيلى قۇم دەريارسى قەبرىستانلىقى بولسۇن، جىلغا قەبرىستانلىقى بولسۇن ۋە ياكى تېبەن دەرياسى قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ پۇتىغا ئومۇمەن تېرىدىن ياسالغان ئۆتۈك كەيدۈرۈلگەن بۇ ئۆتۈكلەر بۈگۈنگە قەەر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى ئۆتۈك ئەۋرىشكىسىدۇر. ئۆتۈكلەرنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا چەمىدە تۈكى بار ئۆتۈك ۋە چەمىدە تۈكى يوق بولغان ئۆتۈك قاتارلىق ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. گەرچەبۇ ئۆتۈك ۋە باشقا تېرە-كۆن بۇيۇملار ئانچە نەپىس بولمىسىمۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا كۈندىلىك تۇرۇمۇشتىكى زۆرۈر بۇيۇملارنىڭ بىرى بولۇپ،بۇنىڭدىن 4000 يىللار ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن تېرىنىڭ چىداملىقلىق رولىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى پىشىقلاش ئىشلەشنى ئېگەللىگەنلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

   توقۇمىچىلىق: بۇ تۈرگە تەۋە بولغان بۇيۇملارنىڭ سانى ۋە تۈرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ۋەكىللىك بۇيۇملاردىن يۇڭ گىلەم، كىگىزقالپاق، پىلاش، بەللىك، ئارغامچا قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە گىلەم بۈگۈنگە قەەر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى گىلەم ئەۋرىشكىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا كىگىز قالپاقنىڭ رەڭگى كۆپ خىل بولۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ بوياش تېخنىكىسىنىمۇ ئېگەللىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قالپاقنىڭ تۈرى يۇملاق قالپاق، ئۇچلۇق قالپاق ۋە يۇملاق قالپاق قاتارلىق تۈرلەرگە، پىلاش ۋە بەللىك ئىنتايىن نەپس ئىشلەنگەن بولۇپ ئەرەنچەۋە ئايالچە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

   ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، بۇ قەبرىستانلىقلاردىن تىپىلغان يۇڭ توقۇلما بۇيۇملارنىڭ سۈپىتىدىن قارىغاندا،ئۇلارنىڭ پىشىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى ئىنتايىن يوقىرى بولۇپ، ۋاڭ بىنخۇا«جىلغاقەبرىستانىقىدىن تېپىلغان يۇڭ توقۇلما ئىككى تەرەپتىن تونۇشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ،بىرسى، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ئۇلار سۈپەتلىك تىۋىت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئېگەللىگەن بولۇپ، ھازىرقى توقۇمچىلىق تېخنىكىسىدا ئاشۇ كىشىلەر ئىشلەتكەن سۈپەتلىك تىۋىتتىن 70 دانە ئىنچىكە يىپ ئېگىرگىلى بولىدۇ. ئىككىنچىسى، ئۇلار يۇڭ بۇيۇملارنى دەرىجىگە ئايرىشنى ئىگىلىگەن بولۇپ، سۈپەتلىك تىۋىتلاردىن گىلەم، كىگىزقالپاق قاتارلىق سۈپەتلىك بۇيۇملارنى، ناچارلىرىدىن ئارغامچا قاتارلىق ئادەتتىكى بۇيۇملارنى ياسىغان، بۇ خىل تونۇش بىر قەدەر ئۇزاق مەزگىللىك تەجىرىبە بولغاندىلائاندىن خۇلاسىلىنىپ چىقىدۇ»15 دەپ قارىغان. بۇقاراشتىن بىز بۇنىڭدىن 4000 يىللاردىن تىخىمۇ يىراق قەدىمكى ۋاقىتلاردىلا  لوپنۇر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا تۇقۇمچىلىق تېخنىكىسى مەۋجۇت بولۇپ، 4000 يىللار ئىلگىركى دەۋرگە كەلگەندە ئۇ بىرقەدەر يوقىرى سەۋىيىگە يەتكەن دىگەن يەكۈننى چىقىرالايمىز. شۇڭلاشقا بۇ توقۇلمابۇيۇملار شىنجاڭنىڭ توقۇمچىلىق تارىخنى، بولۇپمۇ گىلەمچىلىك تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتىرىياللاردۇر.

   ئويمىچىلىق،سىلىقلاش، تۆشۈك تېشىش تېخنىكىسى: بۇ تۈرگە تەۋە بۇيۇملارمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،ئاساسلىقلىرىدىن جەسەت ساندۇقى، قەبرە ئالدىغا تىكلەنگەن ئويما نۇسخا بار بولغان ھەرخىل تىكلىمە ياغاچلار، ياغاچ تەخسە، مۈڭگۈزدىن ياسالغان ئىستاكان، قاشتىشى بۇيۇم، ياغاچ ھەيكەل، ياغاچ تارغاق، ياغاچ يىڭنە، بىلەيزۈك (تۆشۈك تىشىلگەن ئېلىپىسسىمان قاشتىشىغا قىزىل ۋە سېرىق ئىككى خىل رەڭدىكى يىپنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ياسالغان) قاتارلىقلار. يۇقارقى بۇيۇملارنىڭ ياسىلىشى، بۇيۇملاردىكى ئويمانۇسخىلار، پشىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ساقلىنىپ قالغان ئىزلار قاتارلىقلاردىن ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ ياغاچ بۇيۇملارنى پىشىقلاپ ئىشلەش، تاش بۇيۇملارنى پىشىقلاپ ئىشلەش(قاشتىشى بۇيۇم)، ئويمىچىلىك تېخنىكىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگەللەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ پىشىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىغا تايىنىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىغائېرىشكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.

تۆتىنچى. ئوۋچىلىق

   ئوۋچىلىق ئىنسانلار جەمئىيىتى پەيدا بولغاندىنتارتىپ كىشىلەرنىڭ تەبىئەتتىن پايدىلىنىشتىكى مۇھىم بىر ئۇسۇلى بولغان بولۇپ،ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ يىمەكلىك جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرغان بولسا، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بار-بارا ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ، مۇھىم بىر يىمەكلىك مەنبەسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئوخشاشلا ئوۋچىلىق لوپنۇر قەدىمكى زامان ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان تەرەپلەرنىڭ بىرسىدۇر. نۆۋەتتە، ئېكىلوگىيىلىك مۇھىت ئىنتايىن ناچارلاشقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بۇ رايوندىن ياۋا تۆگە، بۇغا، جەرەن، توشقان…قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۇچىراتقىلى بولىدۇ، بۇ ئەھۋالىدىن بىز ئەينى ۋاقىتتىكى ئىكىلوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، سۈيى مول بولغان لوپنۇر كۆلى ئەتراپى ۋە تارىم، كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئەتراپىدىكى قويۇق جاڭگاللىقلاردا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ۋە تۈرلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكىنى ھىس قىلالايمىز. بىز يەنە قىزېۋىلىنغان بۇيۇملارغا قارايدىغان بولساق، قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىدىن تىپىلغان ئاخىرەتلىك ئوق ۋە يا (ئەينىۋاقىتلاردا ئوقيا ئىھتىمال ئىككى ئىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، بىرىئوۋچىلىق، يەنە بىرسى بولسا جەڭ قورالى)، جىلغا قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان بۇغامۈڭگۈزىدىن ياسالغان سۆڭەك بىگىز، قۇشلار سۆڭىكىدىن ياسالغان مارجان قاتارلىقلاربار. بۇ بۇيۇملارغا ئاساسلىنىپ لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى زامان ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئوۋچىلىقنىڭ بارلىقىنى قىياس قىلالايمىز، ئەمما تېپىلغان بۇيۇملارئىنتايىن ئاز بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇلاردىكى ئوۋچىلىقىنىڭ ئېگەللىگەن مىقدارىنىڭ ئانچەچوڭ ئەمەسلىكىنى، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر سانىنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەسلىكىنى بىلەلەيمىز.

   گەرچە ئوۋچىلىقىنىڭ ئېگەللىگەن مىقدار كىچىك،شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئاز بولسىمۇ، لىكىن ئۇ يەنىلا لوپنۇر قەدىمكى ئاھالىرىنىڭكەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلغۇچى تەرەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم يىپ ئۇچى ھىسابلىنىدۇ.

بەشىنچى. بېلىقچىلىق

بېلىقچىلىق گەرچەئوۋچىلىقنىڭ تەركىبى قىمسى بولسىمۇ، لىكىن لوپنۇر رايونىدا ياشىغان قەدىمكى زامان،يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بېلىقچىلىقنىڭ ئالاھىدەئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئايرىم مەزمۇن سۈپىتىدە ئېلىندى.

   ئارخىئولوگىيەلىك تىپىلمىلارغا ئاساسلانغاندا لوپنۇر قەدىمكى زامان ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا بېلىقچىلىق بىر قەدەر ئومۇملاشقان.بېلىقچىلىقنىڭ ئومۇملىشىشى تەبىئىي شارائىت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بېلىقچىلىق چەكلىمىلىكى بىرقەدەر كۈچلۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پەقەت مول سۇ، دەريا، كۆللەربولغان جايلاردىلا ئاندىن مەۋجۇت بولوپ تۇرالايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، لوپنۇررايونى تارىختا سۇ مەنبەسى ئىنتايىن مول بولوپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق دەريالارنىڭ سۇيى بۇ جايغا ئېقىپ كىرىپ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان لوپنۇر كۆلىنى شەكىللەندۈرگەن، شۇڭلاشقا قەدىمكى خەنزۇچە يازمىلاردا لوپنۇر كۆلى «دېڭىز» (屈海) دەپ ئېلىنغان. بۇنىڭدىن 4000 يىللار ئېلگىرى تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، دەريا كۆللەر ئۆمۈچۈك تورىدەك تورلاشقان، سۇ مەھسۇلاتلىرىمۇ كۆپ بولغان.مانا بۇ ئەۋزەل مۇھىت لوپنۇردىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا بېلىقچىلىق ئىگىلىكىنىڭ شەكىلىنىشى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى بېيىتىش ئۈچۈن مۇھىم شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن.

   لوپنۇر كۆلى رايونىدا ئاساسلىقى كۆنچى دەرياسىنىڭ لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلۇش ئېغىزى ئەتراپىدىكى دېلتا رايونى، كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان قۇم دەرياسى ۋە كىروران قەدىمكى شەھىرى ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان سىپتا تاش قوراللار بۇ جايدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا يىغىش-توپلاش ۋە بېلىقچىلىقنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ16. جىلغاقەبرىستانلىقىندىن بېلىق تورلىرىنىڭ قالدۇقى تېپىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتائارخىئولوگ ۋاڭ بىنخۇا «چارۋىچىلىق ۋە ئاز ساندىكى تېرىقچىلىقتىن باشقا بېلىقچىلىق كىشىلەر تۇمۇشىنىڭ تولۇقلىمىسى»17 دەپ كۆرسەتتى.قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىدىن گەرچە بېلىقچىلىق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بۇيۇم تېپىلمىغان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا بېلىقچىلىق بىلەن ئالاقىدار ئەھۋاللار ئۇچىرايدۇ.مەسىلەن دۈم قويۇلغان قولۋاق شەكلىدىكى قەبرە، قەبرە ئالدىغا تىكلەنگەن قولۋاقپالىقى قاتارلىقلار. بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا 1934- يىلى بېگمان «بۇ جايدا ياشىغان كىشىلەر دائىم قولۋاق ھەيدىگەن»18 دەپ كۆرسەتكەن.قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقى قېزىلغاندىن كېيىن دۆلتىمىز ئارخىئولوگلىرى بۇ ئەھۋال ئۈستىدە توختىلىپ «قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىدىكى قولۋاقسىمان جەسەت ساندۇقى ۋە تىكلىمە ياغاچلار جىنىسقا چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك…»19 دەپ ھۆكۈم چىقارغان. بىز گەرچە ئارخئولوگلارنىڭ كۆزقارىشىنى قوبۇل قىلساقمۇ لىكىن بۇ بۇيۇملارنىڭ دىنى رولىنىلا كۆرۈپ ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى باشقا روللىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتسەك بولمايدۇ. يەنى بۇ بۇيۇملارجىنىسقا چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى،ئەينى ۋاقىتتىكى لوپنۇر كۆلى ئەتراپىنىڭ ئىكولوگىيىلىك ئەھۋالىدىن تەھلىلقىلغاندا، شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا بېلىقچىلىق ئادىتى شەكىللىنىشىگەپۈتۈنلەي ماس كىلىدۇ. تارىختىن بۇيان تارىم، كۆنچى، چەرچەن دەرياسى ۋە باشقا كىچىك ئىقىنلار بۇ رايونغا ئىقىپ كىرىپ، دەريالار تورى ۋە لوپنۇر كۆلى، تېتىما كۆلى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان چوڭ كىچىك كۆللەرنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئەھۋاللار بىلىقچىلىق تۇرمۇشىنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن.

   بۇنىڭدىن سىرت، قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقى بىلەن ئوخشاش مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى جىلغاقەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بىلىقچىلىق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك «بىلىق تورى»قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ تېپىلىشى يوقارقى كۆزقارىشىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا مىنىڭچە بېلىقچىلىق تۇرمۇشى ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم بىرمەزمۇن، شۇنداقلا كەسىپ قۇرۇلمىسىدىكى مۇھىم بىر ھالقىدۇر.

   ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى،لوپنۇر رايونىنىڭ بېلىقچىلىق تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن، شۇنداق ئېيتشقا بولىدۇكى،بېلىقچىلىق لوپنۇر رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاھالىلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىش ئادىتىدۇر. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان يازما ۋە قىزىلما بۇيۇملاغا ئاساسلانغاندا،مەيلى يىراق قەدىمكى ئاھالىلەر بولسۇن، مەيلى خەن سۇلالىسىنىڭ ئالدى- كەينى ۋەۋىي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە بولسۇن ئۇمۇمەن بۇ رايوندا بېلىقچىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ۋە ئىزچىل ھالدا تاكى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تارىخى ماتىرىياللاردا تىلغائېلىنغان لوپنۇرلۇقلارغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئادىتىگە ئايلانغان. ئۇنداقتا لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقى بىلەن قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ بېلىقچىلىقى ئۆزئارا باغلىنىشلىقمۇ قانداق دىگەن مەسىلىنى تۇغدۇرىدۇ. ئەمما لوپنۇرلۇقلارنىڭ كىلىش مەنبەسى توغرىسىدا ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بىۋاستە باغلىنىشلىق دەپ ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ماتىرىياللار ۋەبايقالمىلارغا مۇراجەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ئەمما بۇ رايوندا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيىتىدە مەلۇم ئورتاقلىقلار بار بولۇپ، بۇنىڭدىن بىز لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقى بىلەن قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ بېلىقچىلىقنىڭ مەلۇمدەرىجىدە باغلىنىشى بار دىگەن خۇلاسىگە كىلەلەيمىز.

   يىغىنچاقلاپ ئىيتقاندا لوپنۇر يىراق قەدىمكى زامان ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مەزمۇنى بىرقەدەر مول ھەم رەڭگارەڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىدا چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق، ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، ئوۋچىلىق،بېلىقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلار شۇغۇللانغان ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى مۇشۇ بەش تۈرلۈك كەسىپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان دىگەنلىك ئەمەس. بەلكىم نۇرغۇنلىغان كەسىپلەر مەجۇت بولغان بولۇشى مۇمكىن،ئەمما ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ماتىرىياللاردىن بىز پەقەت يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قانچە تەرەپنىلا مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز. بۇنىڭدىن كېيىن قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقى، جىلغا قەبرىستانلىقى قاتارلىق قەدىمىي قەبرىستانلىقلارغامۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنىڭ ئاشكارىلىنىشغا ئەگىشىپ، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلاريەنىمۇ چوڭقۇرلاشقۇسى.

ئىزاھلار:

① 16 جاڭيۈجۇڭ «شىنجاڭنىڭ ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ئارخىئولوگىيەسىدىن قىسقىچە بايان»، يېزائېگىلىكى ئارخىئولوگىيەسى ژورنىلى 1989- يىل 1- سان

②③19 ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل، لى ۋىنيىڭ «كىروران تارىختىن ئاۋالقى مەدەنىيىتىنىڭ سىرىنى چۈشىنىش — شىنجاڭ لوپنۇركۆلى قۇم دەريا قەبرىستانلىقى»، جۇڭگو ئارخىئولوگىيەسىدىكى ئون چوڭ بايقاش، 2004-يىللىق سانى. شاڭخەي سەنلىيەن كىتابخانىسى 2006- يىل، 145- 146- بەتلەر.

④11،12،17ۋاڭ بىنخۇا: «كۆنچى دەرياسى جىلغا قەبرىستانلىقىنىڭ قىزىلىشى ۋە دەسلەپكى تەتقىقات»،شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى 1983- يىل 1- سان.

⑤⑥⑨13 ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل، لىيۇ گورۈي، لى ۋىنيىڭ «2002- يىللىق قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىنى ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە قىزىشتىن دوكلات»، چىگىرا رايون ئارخىئولوگىيەسى تەتقىقاتى ژورنىلى 2004- يىللىق 3-سان.

⑦⑧ ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل، لى ۋىنيىڭ «2003- يىللىق لوپنۇر قۇم دەرياسى قەبرىستانلىقىنى قېزىشتىن دوكلات»، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ژورنىلى 2007- يىللىق 1- سان.

⑩ بېگمان «شىنجاڭ ئارخىئولوگىيەسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىل، 104- بەت.

14 لى چۈنشىياڭ «قۇمدەريا قەبرىستانلىقىدىكى قەدىمكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قالدۇقىنىڭ مولېكۇلا گېنېتىكىسى ئۈستىدە تەتقىقات»، جىلىن ئۇنۋىرسىتىتى دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى. ماقالەمەنبەسى 中国知网:

15 ۋاڭبىنخۇا: «يىپەك يولى ئارخىئولوگىيەسى تەتقىقاتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993-يىل نەشرى. 424- بەت

18 بېگمان: «شىنجاڭ ئارخىئولوگىيەسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىل نەشرى.76- بەت.

مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3521

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-11-22
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: