خىيالى كۆل-لوپنۇر مۇنازىرسىنىڭ باشلىنىشى

ۋاقتى: 2011-08-08 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 224 قېتىم / 4 دانە باھا يوللانغان باھا

 

خىيالى كۆل-لوپنۇر مۇنازىرسىنىڭ باشلىنىشى

 

تاغلار ئارىسىدىكى جىلغا سۈيى ئېرىق ھاسىل قىلىپ،تۈزلەڭلىك ۋە ياپ-يېشىل دالىلاردىن ئۆتۈپ،دېڭىزغا قۇيىلىدۇ،بۇ ياپۇنيەدە كۆپ ئۇچىرايدىغان دەريا ئېقىنلىرىنىڭ كۆرۈنىشى.بىراق قۇملۇقنىڭ ھاۋا كېلىماتى دەريا-ئېقىنلارغا تەسەۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە كەم ئۇچىرايدىغان ھادىسلەرنى كەلتۈرۈۇ چىقاردى.ئالدى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقىغا قۇيۇلىدىغان دەريا-ئېقىنلارغا قاراپ باقايلى:تەكلىماكان قۇملۇقى بەئەينى ئاتەش دوزاققا ئوخشايدۇ.بۇنداق بۇلۇشتىكى سەۋەپ،ھىمالايا تېغى،پامىر ئىگىزلىكى،كوئىنلۇن(ئەسلى ئۇيغۇرچە نامى<قاراقۇرۇم تېغى>:يوللىغۇچىدىن)تېغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرى تەبىئى دەرپەردە ھاسىل قىلىپ،دېڭىزدىن كېلىدىغان شامالنى توسىۋالىدۇ.ئۇنىڭ قۇرغاقلىقى شۇ قەدەر قۇرقۇنۇچلۇقكى،ئۇنىڭغا ئېكىسپىدىتۇر سىتەيىنمۇ ناھايىتى ھەيران قېلىپ مۇنداق دېگەن:“ھەتتا ئەرەپ قۇملىقىنىمۇ بۇ جاي بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ“.

بۇ جايغا قۇيىلىدىغان بىر نەچچە دەريا-ئېقىنلار تۇمۇز كۈنلىرى قۇملۇقتا تەمتىرەپ يۈرۈپ،ئۇزۇن ئۆتمەي يەر ئاستىغا سىڭىپ كىتىپ غايىپ بولىدۇ خالاس.لىكىن خۇددى تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغاندەك قۇملۇقنى كىسىپ ئۆتىدىغان دەريا-ئېقىنلار ئىچىدە تارىم دەرياسى بار.تاسادىبىي مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان بۇ دەريا لوپنۇرغا قۇيۇلۇپ ئۆز ماكانىنى تاپىدۇ.لوپنۇرنىڭ ئەزەلدىن نۇرغۇن تەسەۋۇر قىلغۇسىز جايلىرى بار.دەريا سۇنى بۇ جايغا باشلاپ ئەكىلىدۇ،بىراق كۆلدىن ئېقىپ چىقىدىغان بىرەر دەريامۇ يوق.بۇ جاي ئىسمى جىسمىغا لايىق“ئاخىرى“شۇنداق بولسىمۇ،ئۇنىڭ سۇ مىقدارىدا يىل بويى ئۆزگىرىش بولمايدۇ.قەدىمكى جۇڭگۇلۇقلار:بۇ كۆلنىڭ سۈيى چوقۇم يەر ئاستىغا كىرىپ كىتىدۇ.يەر يۈزىدە قايتىدىن پەيدا بولىدىغان جايى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باشلىنىشى دەپ قىياس قىلىدۇ.لىكىن ئالدىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك خۇاڭخېنىڭ باشلىنىش مەنبەسى شىزاڭ تەرەپتە.لوپنۇر بىلەن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق.

يەنە بىر تەسەۋۇر قىلغۇسىز يېرى شۇكى،جۇڭگۇلۇقلاردا لوپنۇر كۆلىدە تۇز تەركىبى بار دېگەن رېۋايەت تارقىلىپ كەلمەكتە.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۆلنىڭ ”تۈزلۇق كۆل“ دېگەن باشقىچە بىر ئاتىلىشىمۇ بار.لىكىن 13-سىردا بايان قىلىنغاندەك،يېقىنقى زاماندا لوپنۇرغا ھەممىدىن بۇرۇن بارغان پرژىۋالىسكى ئۆز دوكىلاتىدا ئۇنى تۇزسىز كۆل دەپ ئاتىدى.

پرژىۋالىسكىنىڭ يۇقىرقى دوكىلاتىنىڭ كۈچلۈك بىر رەدىيەچىسى بار.ئۇ بولسىمۇ يىپەك يولىغا نام بەرگۈچى گىرمانىيىلىك رېچخوفىن.رېچخوفىننىڭ پىكرىچە،بىرىنچىدىن،لوپنۇرغا ئوخشاش ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى چوقۇم تۇزلۇق كۆل بولىدۇ.ئىككىنچىدىن،ئەزەلدىن سۆزلىنىپ كەلگەن لوپنۇر بىلەن پرژىۋالىسكى دېگەن كۆل ئوتتۇرسىدا ئورۇن جەھەتتە ئىختىلاپ بار.شۇڭىلاشقا پرژىۋالىسكى كۆرگەن كۆل لوپنۇر كۆلى بولماستىن،يېڭىدىن شەكىللەنگەن كۆل بولىشى مومكىن.

 

كۆچمە كۆل-لوپنۇر مۇنازىرسىنىڭ تاسادىبى نەتىجىسى

 

پرژىۋالىسكى تاپقان كۆلنى يەرلىك خەلقلەر“قارا قۇيۇن“دەپ ئاتايدۇ.ئەگەر“قارا قۇيۇن“نى لوپنۇر دەپ بىلگەندە،ئۇ ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى جۇغراپىيە خەرىتىسى ماتىرىياللىرىنىڭ ھەممىسى خاتا بولغان بولىدۇ.ئەگەر“قارا قۇيۇن“لوپنۇر بولمىغاندا،ئۇنداقتا ھەقىقىي لوپنۇر زادى قەيەردە؟بۇ توغرلىق پرژىۋالىسكى بىلەن رېچخوفىن ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن مۇنازىرە ئاياقلاشقىنى يوق.پەقەت پرژىۋالىسكىنىڭ ئۆلىمى بىلەنلا توختاپ قالدى.ئارقىدىنلا لوپنۇر مۇنازىرسى رېچخوفىننىڭ شاگىرتى توغما ئېكىسپىدىتسىيىچى دېگەن نامغا مۇناسىپ بولغان سىۋىن ھىدىن مەيدانغا چىقىپ كۆتۈلمىگەن نەتىجىگە ئېرىشتى.

1893-يىلى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيانى ئېكىسپىدىتسىيە قىلغان سىۋىن ھىدىن تارىم دەرياسى بىلەن ئۇنىڭ تارمىقى كۆنچى دەرياسى قوشۇلىدىغان يولنى بويلاپ ماڭماي باشقا يول بىلەن ماڭدى.نەتىجىدە قۇرۇپ كەتكەن قۇرۇق دەريانى سەزدى.يەنىمۇ ئىچكىرلەپ مېڭىپ،“ئاخىر كۆل،قارا كۆل،تايىق كۆل ۋە ئارچا كۆل“قاتارلىق تۆت كۆلنى بايقىدى.بۇ تۆت كۆلنىڭ تۇتاشقان جايى جۇڭگۇنىڭ جۇغراپىيە كىتاپلىرىدا بايان قىلىنغان لوپنۇر كۆلى بىلەن ماس كىلىدۇ.سىۋىن ھىدىن بۇنىڭ رېچخوفىن تەشەبۇس قىلغان ھەقىقىي لوپنۇر كۆلىنىڭ قالدۇقى ئىكەنلىكىگە ھەقىقى ئىشەندى.بۈ قېتىمقى تەكشۈرۈشتىن كىيىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە قىياسنى ئوتتۇرغا قويدى:

”دېڭىز يۈزىدەك تۈپتۈز قۇملۇق ئۈستىدە ئېقىن سۇ يەر يۈزىدىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرگىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ.جەنۇبتىكى“قارا قۇيۇن“كۆلىنىڭ ئوتتۇرچە چوڭقۇرلۇقى0.81مىتىر كېلىدۇ.ئۇ تارىم دەرياسى ئېقىتىپ كەلگەن لاي-لاتقا،ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چىرىتمىلىرى ھەمدە كۆچمە قۇم بىلەن تىندۇرۋىتىلگەن.يەنە بىر جەھەتتىن كۆچلۈك شەرقى شىمال شامىلى نەچچە ئەسىر داۋام قىلىپ،قۇملۇقنىڭ شىمال تەرپىدىكى كۆل تېگىنى ئۇچۇرتۇپ تۆۋەنلەشتۈرۋەتكەن.مانا بۇ خىل تەسىر تۈپەيلىدىن تارىم دەرياسى يەنە بىر قېتىم ”قۇرۇق دەريا“غا قۇيۇلغان.شىمالدىكى ئويمانلىقتا بولسا قايتىدىن كۆل بارلىققا كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن ”قارا قۇيۇن“قۇرۇپ كەتكەن.جۇڭگۇ خەرىتىسىدە بولسا،قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى كۆللەرگە ئاخىر سۇ توشۇپ كەتكەن.

لوپنۇر كۆلى شۇ رەۋىشتە خۇددى ماياتنىكتەك قۇملۇقتا ئۇيان-بۇيان يۆتكىلىپ تۇرغان.ئۇنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ دەۋىر قىلىنىشىنى سىۋىن ھىدىن 1500يىل دەپ قارىغان.لوپنۇر كۆلى بىر“كۆچمە كۆل“.ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر بۇ يۈرەكلىك تەلىماتقا ئاساسىي جەھەتتىن سوغۇق مۇئامىلىدە بولدى.بۇ يەكۈن بىرىنچى قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيىدىن 14 يىل كىيىن چىقىرىلىدۇ.شۇ يىلى سىۋىن ھىدىن تۆتىنچى قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرپانغا كەلگەندە بىر سودىگەر ئۇلارنى يوقلاپ كېلىدۇ.ئۇلار بۇ سودىگەردىن“بۇندىن يەتتە يىل بۇرۇن كۆنچى دەرياسى قۇرۇق دەريا قېنىغا قۇيىلاتتى“دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قالىدۇ.بۇ پاكىت بىلەن سىۋى ھىدىننىڭ تەلىماتى تىكلىنىدۇ.پرژىۋالىسكىنىڭ ”قارا قۇيۇن تەلىماتى“بەربات بولۇپ،رېچخۇفىننىڭ“لوپنۇر“رىغا قايتىدىن سۇ توشىدۇ.

 

مەنبە:ياپۇنيىلىك چىيەنداۋ شىنسى يازغان“يىپەك يولىدىكى 99سىر“ ناملىق كىتاپ

4نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ھونزادە
    2011/08/09 02:26:57

    بولسا يەنە قاراپ ناقسىڭىزچۇ بارمىكىن؟مەن تاپالمىغىلى نەچچە يىل بولغان.

    • lopnuri
      2011/08/09 02:34:15

      بولىدۇ،مەن قاراپ باقاي.ئەگەر يەنە بولسا،مەن خەۋىرىنى بېرەي.

  2. ھونزادە
    2011/08/08 14:16:42

    مۇشۇ كىتاب سىزدە بار ئوخشىمامدۇ؟مەن بەك ئىزدەپ تاپالماي كەتكەن.

    • lopnuri
      2011/08/08 15:18:20

      مەندە بۇ كىتاب بار،ئون يىل بۇرۇن بىر خەنزۇ كىتاپپۇرۇشنىڭ ئالدىدىن سېتىۋالغان ئىدىم.بىر يىلنىڭ ئالدىدا كورلىدىكى بىر كونا كىتاپ ساتىدىغان ئادەمدە يەنە بىرنى كۆرگـەن،لېكىن باھاسىنى سەل ئۆرە يېزىۋاپتىكەن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif