لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش

ۋاقتى: 2012-03-11 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 86 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش

ئەلى ئەمەت

لوپنۇرلۇقلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلار قانداقتۇر بىر مىللەت ياكى قەبىلە بولماستىن بەلكى لوپنۇر رايونىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ رايون جەھەتتىن ئاتىلىشىدىن ئىبارەت①. ئۇلار ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى ۋە چەرچەن دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدىكى دەريا-كۆللەر بويىدا سىرتقى دۇنيادىن ئايرىلغان ھالەتتە بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشاپ كەلگەن. ھەممىمىزگە مەلۇم، تاڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ لوپنۇر رايۇنى سۇ مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈشى، دەريالارنىڭ ئېقىن ئۆزگەرتىشى، ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈشى ۋە قەدىمكى يوللارنىڭ يۆتكىلىشى سەۋەبلىك يىپەك يولىدىكى ھالقىلىق ئورنىنى يوقىتىپ، ئون ئەسىرگە يېقىن قاراڭغۇلۇق باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى. تاكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە كەلگەندىلا ئاندىن تارىخ بەتلىرىدە قايتا كۆرۈلۈپ كىشىلەرنىڭ دېقىتىنى تارتىشقا باشلىدى②.
لوپنۇرلۇقلار ئەسىرلەردىن بۇيان بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۆزگىچە بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلى، يەنى بېلىقچىلىق مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بېلىقچىلىق لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ قەدىمى، شۇنداقلا باشقا ئۇيغۇرلاردىن روشەن پەرقلىق بولغان تۇرمۇش ئادىتى ھىساپلىنىدۇ. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قەدىمدىن تارتىپ تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بېلىقچىلىق لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش جەھەتتىكى تەلىپىنى قاندۇرۇپ كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، لوپنۇرلۇقلار بېلىقچىلىق قوراللىرى ۋە بېلىقچىلىق ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىنمۇ باشقا يۇرتلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلار يەنە بېلىقچىلىق توغرىسىدا بىر قىسىم مەخسۇس ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەن (بۈگۈنكى كۈندە بېلىقچىلىققا ئائىت سۆزلەر لوپنۇر دىئالېكتىدا خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ). دېمەك، بېلىقچىلىق مەلۇم دەرىجىدە قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان لوپنۇرلۇقلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە يۇغۇرۇلۇپ، بىرخىل ئالاھىدە مەدەنىيەت ھادىسىسىگە ئايلانغان. شۇڭلاشقا، لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدە بولغان مۇھىم بىر تەشكىلى قىسمىدىن ئىبارەت.
بىرىنچى. يازما ماتېرىياللار ۋە ئارخئولوگىيىلىك بايقاشلاردىكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقىغا ئائىت بايانلار
قەدىمكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا ئائىت بايانلار تارىخى ماتېرىياللاردا بىر قەدەر كۆپ خاتىرە قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئەتىرىتى لوپنۇر كۆلى رايونىدا ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش جەريانىدىمۇ بىر قىسىم جايلار ۋە قەدىمى قەبرىلەردىن بېلىقچىلىققا ئائىت بىر تۈركۈم ئارخىئولوگىيىلىك قېزىلمىلارنى بايقىغان. بۇ تارىخى ماتېرىياللاردىكى خاتىرىلەر ۋە ئارخىئولوگىيىلىك قېزىلمىلارنىڭ بايقىلىشى يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلغان بىر توپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
1. يازما ماتېرىياللاردىكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقىغا ئائىت بايانلار
لوپنۇرلۇقلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللار 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئەسەرلەردە ئۇچىرايدۇ. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلىغان «ۋېينامە. تۇيغۇنلار » دا «تۇيغۇنلارنىڭ شىمالىدا ئېفتالىت دۆلىتى بار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى تۇيغۇنلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ،بېلىق ۋە زىسۇ ئۇرۇقىنىلا ئوزۇق قىلىدۇ، زىسۇ ئۇرۇقى جۇڭگو ئالقاتىغا ئوخشايدۇ » دېيىلگەن③. ئەينى ۋاقىتتا تۇيغۇنلار چىڭخەينىڭ شىمالى قىسمى ۋە شىنجاڭنىڭ چاقىلىق، چەرچەن رايونىدا ياشىغان. چەرچەن ۋە چارقىلىقنىڭ شىمالى دەل بۈگۈنكى كۈندىكى لوپنۇر ۋە لوپنۇر كۆلى ئەتراپى بولۇپ، يوقىرىقى خاتىرىدىن ئەينى ۋاقىتتا بۇ رايونىدىكىلەرنىڭ بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرىۋىلالايمىز.
«چىڭ سۇلالىسى كاڭشىنىڭ 17-يىلى (1678-يىل) لوپنۇرلۇقلارنىڭ سەردارى قۇربان چىڭ سۇلالىسىغا ئەل بولغان. چىڭ سۇلالىسى لوپنۇرلۇقلارغا سىياسەت جەھەتتە بەك ئىتىبار بەرگەن، ھەر يىلى ئەمەلدارلار لوپنۇرلۇقلار ئولتۇرۇشلۇق كۆل بويىغا كېلىپ، مەشئەلنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بەلگە بەرسە، لوپنۇرلۇقلار چاپما قولۋاققا ئولتۇرۇپ كۆلدىن ئۆتۈپ، باج ئۇچۈن ئازراق قۇندۇز تېرىسى تاپشۇراتتى.»④.
چىڭ سۇلالىسى يۇڭجېڭنىڭ 13-يىلى (1735-يىل) جۇڭغار قەبىلىسىنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشى تۈپەيلىدىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى لوپنۇرلۇقلارنى ئىمىن خوجا قەبىلىسىدىكىلەرگە قوشۇپ گۇاجۇ،شاجۇ ئايماقلىرىغا كۆچۈرۈپ كەتمەكچى بولدى. لېكىن، «لوپنۇرلۇقلار دەريا-كۆل بويلىرىدا ماكانلىشىپ، بېلىق تۇتۇپ جان باقىدىغانلىقى، قۇرغاق تۈزلەڭلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە كۆنەلمەيدىغانلىقى» ئۈچۈن ئۇلار شەرققە كۆچۈرۈلمىدى⑤.
« مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ تەزكىرىسى» دە : «لوپنۇرلۇقلار دانلىق زىرائەت تېرىمايدۇ، چارۋا باقمايدۇ، قولۋاقتا يۈرۈپ بېلىق تۇتۇپ ئوزۇقلىنىدۇ، ياكى ياۋا كەندىر، ياكى خاش قۇش تېرىسىدىن كىيىم تىكىپ كېيىدۇ، ياكى بولمىسا قۇندۇز تېرىسى ۋە خاش قۇش مامۇقىنى شەھەرگە ئاپىرىپ سېتىپ، رەخت سېتىۋىلىپ كىيىم تىكىپ كېيىدۇ» دېيىلگەن⑥.
«مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ تەزكىرىسى» دىن كېيىنرەك يېزىلغان «غەربىي يۇرتتا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم» دا بۇ ھەقتە قوشۇمچە قىلىپ «بەزى-بەزىدە كورلىدىكى مۇسۇلمانلار شەھىرىگە كېلىپ قالىدىغانلار دانلىق ئاشلىق، گۆش يېمەيدۇ، بۇ خىل نەرسىلەرنى كۆرسە كۆڭلى ئېلىشىدۇ، كورلىدا بېلىق كۆپ بولغاچقا ئۇلار كورلىغا كېلىدۇ، باشقا جايغا بېرىشقا پېتىنالمايدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن⑦.
ئۇلۇغ ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى« تارىخى ھەمىدى»دە بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ زېمىندىن خوتەن، يەكەن، ئاقسۇ، كورلا دەريالىرى ئۆتىدۇ. بۇ دەريالار بەزىدە قوشۇلۇپ، بەزىدە پارچىلىنىپ ئېقىپ بېيجىڭ تەرەپكە كېتىدۇ. بۇ دەريالارنىڭ ئەتراپ ۋە ياقىلىرىدا ياكى ئارالچە ۋە شاخچىلىرىدا ئون ئىككى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ. ئۇلار زىرائەت تېرىشنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ باغ-ئىمارەت، ھويلا-ئارام ۋە ئەل-يېمىشلىرىمۇ يوق، بەلكى ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى ئەزەلدىن كۆرمىگەن ياكى بىلمىگەن بولسا كېرەك. ئۇلار دەريادىن بېلىق تۇتۇپ تائام قىلىپ يەيدۇ. ھەتتا بېلىقلارنى قۇرۇتۇپ تالقان قىلىپمۇ يەيدۇ. يەتتە ياشتىن-يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەر قانداق ئەر-ئايال سۇ ئۈزۇۈشنى بىلىدۇ» دەپ خاتىرلىگەن⑧.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، لوپنۇر ناھيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىجتىمائىي تەكشۈرۈشكە دائىر ماتېرىيالدا «ناھىيىگە قاراشلىق قارچۇغا كەنتىدىكى لوپنۇرلۇقلار تېرىقچىلىق ۋە كۆچمە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلار ھەمىشە تۆت-بەش كىشى بىر بولۇپ ياۋا كەندىر چىگىسىدىن توقۇلغان تور، چاڭگاق ۋە توقماقلارنى ئېلىپ، چاپما قولۋاقلارغا ئولتۇرۇپ كۆلگە كىرىپ بېلىق تۇتۇپ كېلىدۇ، بېلىقنى پۈتۈن كەنتتكىلەر خالىغىنىچە ئەكىرىپ يەيدۇ، بېلىق تۈگەپ كەتسە يەنە تۇتۇپ كېلىدۇ، سېنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىمايدۇ. ئېشىپ قالغان بېلىقنى تازىلاپ قۇرۇتۇپ ئېلىپ قويىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن⑨.
2. بېلىقچىلىققا ئائىت بايقالغان ئارخىئولوگىيىلىك قېزىلمىلار
ئارخىئولوگ ۋاڭ بىنخۇا «كۆنچى دەرياسى گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىنىڭ قېزىلىشى ۋە دەسلەپكى
تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىدە «چارۋىچىلىق ۋە ئاز ساندىكى تېرىقچىلىقتىن سىرت، بېلىقچىلىق كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ تولوقلىمىسى. قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان بىر دۆۋە كونا بېلىق تورى بۇنىڭ دەلىلى» دەپ كۆرسەتكەن⑩.
تۆۋەندىكى 1998-يىلى شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىق ۋە ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى لوپنۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىن قالدۇرغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ باقايلى:
(ئىزاھات: بۇ جەدۋەللەرنى شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىق ۋە ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن لى ۋېنيىڭ تەمىنلىگەن. شۇ سەۋەبلىك ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.)
1-جەدۋەل:
ئىسمى يېقىنقى دەۋىردىكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق كەنتى 1-نۇمۇرلۇق خارابىسى
ئورنى چاقىلىق ناھىيە مىرەننىڭ شەرقى شىمالىدىن تەخمىنەن 120 كىلومېتىرلىق ئورون
دەۋرى يېقىنقى دەۋىر
يەككە تېپىلمىلار سانى 30
چۈشەندۈرۈلىشى ئولتۇراق ئۆي خارابىسى

قىسقىچە
چۈشەندۈ
رۈلىشى

خارابە مىرەننىڭ شەرقى شىمالىدىن تەخمىنەن 120 كىلومېتىرلىق ئورونغا جايلاشقان بولۇپ،1998-يىلى شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىق ۋە ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى لوپنۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا بايقىغان. خارابىدە 30 ئېغىز ئولتۇراق ئۆي خارابىسى بار، ئۆيلەر قومۇش باغلىمىسىنى زىچ تىكلەش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، قومۇش ئارىسىغا يۇلغۇن شاخچىلىرى قىستۇرۇلغان. ئۆيگە يېقىن جايغا زور مىقداردا بېلىق سۆڭەكلىرى ۋە باشقا ھايۋانات سۆڭەكلىرى تارقالغان، يەنە يېقىن جايدا 10 قەبرە بار.
بۇ خارابە يېقىنقى دەۋىردىكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.

2- جەدۋەل:
ئىسمى يېقىنقى دەۋىر لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق كەنتى 2-نۇمۇرلۇق خارابىسى
ئورنى چاقىلىق ناھىيە مىرەننىڭ شەرقى شىمالىدىن تەخمىنەن 80 كىلومېتىرلىق ئورون
دەۋرى يېقىنقى دەۋىر
يەككە تېپىلمىلار سانى
چۈشەندۈرۈلىشى

قىسقىچە
چۈشەندۈ
رۈلىشى

خارابە مىرەننىڭ شەرقى شىمالىدىن تەخمىنەن 80 كىلومېتىرلىق ئورونغا جايلاشقان بولۇپ،1998-يىلى شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىق ۋە ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى لوپنۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا بايقىغان. ئاساسەن 1-نومۇرلۇق خارابە بىلەن ئوخشاش. ئۆيلەر قومۇش باغلىمىسىنى زىچ تىكلەش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، قومۇش ئارىسىغا يۇلغۇن شاخچىلىرى قىستۇرۇلغان. ئۆيگە يېقىن جايغا زور مىقداردا بېلىق سۆڭەكلىرى ۋە باشقا ھايۋانات سۆڭەكلىرى تارقالغان، يەنە يېقىن ئورۇندا قەبرىس- -تانلىق بار، ئۇلار يەنە قۇمدىن يېرىمى چىقىپ قالغان قولۋاقنى بايقىغان، ئازراق تازلىغاندىن كېيىن قولۋاققا بىر ئادەمنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.8 مېتىر، ئەر، قولۋاقنىڭ ئۇزۇنلىقى 2.7 مېتىر، كەڭلىكى 0.4 مېتىر بولۇپ، ھېچقانداق دەپنە بۇيۇم قويۇلمىغان. بېلىقچىلار ئۆلگەندىن كېيىن جەسەتنى قولۋاققا دەپنە قىلىش ئادىتى لوپنۇر رايونىدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە.
بۇ خارابە يېقىنقى دەۋىردىكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.

بۇنىڭدىن باشقا، ئارخىئولوگ خۇاڭ ۋىنبىمۇ «لوپنۇر ئارخىئولوگىيىسى» ناملىق كىتابىدا لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالى قىرغىقىدا دەۋرى خەن سۇلالىسىنىڭ ئالدى كەينىگە توغرا كىلىدىغان قولۋاقلىق قەبرىلەرنى بايقىغان.
قولۋاق لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بېلىقچىلىق قورالى. لوپنۇر رايونىدىن قولۋاقلىق قەبرىلەرنىڭ بايقىلىشى لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق تۇرمۇشى توغرىسىدا بىزنى تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. لوپنۇرلۇقلارنىڭ « ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن قولۋاققا دەپنە قىلىش » تىن ئىبارەت بۇخىل دەپنە ئادىتى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنىڭ ئىزناسى، شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتلاردىكى ئومۇملاشقان دەپنە ئادىتى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن يازما ماتېرىياللار، ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشلار، ھەمدە يۈز ياشتىن ئاشقان بوۋايلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندىمۇ، لوپنۇرلۇقلار ئەسلىدىنلا بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېلىقچىلىق تۇرمۇشى ئۇزاق تارىخقا ئېگە.
ئىككىنچى. يېقىنقى زامانلاردىكى لوپنۇرلۇقلار ۋە ئۇلاردىكى بېلىقچىلىق ئەھۋالى
بېلىقچىلىق لوپنۇرلۇقلاردىكى تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا مۇئەييەن روللارنى ئويناپ، ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، تەبىئيەتتىن پايدىلىنىشتىكى مۇھىم بىر تەرەپ بولۇپ قالغان.باشقا ئۇيغۇرلار رايونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا لوپنۇرلۇقلاردا بېلىقچىلىق ئىشلىرى بىرقەدەر مۇكەممەللەشكەن ۋە كەسىپلەشكەن. مېنىڭچە لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىقچىلىقىغا مەلۇم دەرىجىدە ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
بېلىقچىلىق قەدىمكى دەۋىردىكى لوپنۇرلۇقلارنىڭلا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان لوپنۇرلۇقلىرىنىڭمۇ مۇھىم بىر ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى. بېلىقچىلىق لوپنۇرلۇقلار تۇرمۇشىدا تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ئۆزەممۇ بىر لوپنۇرلۇق بولۇش سالاھيىتىم بىلەن لوپنۇرلۇقلار ئارىسىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمچە، بېلىقچىلىق لوپنۇرنىڭ قارچۇغا قاتارلىق چەت رايونلىرىدا تاكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملاشقان.
جۇڭخۇا مىنگونىڭ 6-يىلى(1917-يىل) نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭغا قىلىنغان ساياھەت خاتىرىسى» دا « لوپنۇرلۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە، تاكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىغىچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ پەيدىنپەي تېرىقچىلىققا ئۆتۈۋاتقانلىقى» خاتىرلەنگەن11. بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ خىل ئالمىشىش ھەرگىزمۇ مۇتلەق ئالمىشىش ئەمەس، چۈنكى بېلىقچىلىق بىلەن تېرىقچىلىقنىڭ پۈتۈنلەي ئالمىشىپ بولۇشى ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت بولۇشى كېرەك. قارچۇغۇلۇقلاردا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر قىش پەسلى ئۆتۈشى بىلەنلا ساچقاق ۋە گۆلمۈلىرىنى ئېلىپ بېلىق تۇتقىلى بارىدىغانلىقى، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ بىرقەدەر كۆپلۈكى، ھەتتا پۈتۈن بىر جەمەتتىكىلەرنىڭ بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى … قاتارلىقلار بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ.
شۇنىسى ئېنىقكى، يېقىنقى دەۋرلەردىمۇ بېلىقچىلىق لوپنۇرلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ يەنىلا ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بولغان.
1. لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق قوراللىرى
لوپنۇرلۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق قۇراللىرى ئانچە كۆپ ئەمەس، شەكلى بىر قەدەر ئاددى ھەم قوپال بولۇپ، ئاساسلىق قوراللاردىن قولۋاق، گۆلمۈ، مانجا، ساچقاق، نەيزە، مانتۇ، پالتا قاتارلىقلار بار.
(1) كېمە: يەنى توغراق ياغىچىدىن ياسالغان چاپما قولۋاق. لوپنۇرلۇقلار بېلىق كىمىسنى پەقەت توغراق ياغىچىنى بىۋاستە چېپىپ ئويۇپ ياسايدۇ، ھەرگىزمۇ ياغاچ تاختايلارنى بىر-بىرىگە جۈپلەپ ياسىمايدۇ. تاياش(ھەيدەش) ئۇسۇلىمۇ بىرقەر تەسرەك، پەقەت بىر تەرەپتىنلا باشقۇرۇلىدۇ، باشقا خىل كىمىلەردىكىدەك ئىككى تەرەپتىن باشقۇرۇلمايدۇ. لوپنۇر رايونى تارىختىن بۇيان دەريا كۆللەر زىچ، سۇ ئىنتايىن كۆپ رايون بولغان. شۇڭلاشقا، كېمە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بېلىقچىلىق قورالى بولۇش بىلەن بىرگە، كىشىلەرنىڭ ئالاقە قىلىشتىكىمۇ مۇھىم قاتناش قورالى بولغان.
(2) گۆلمۈ: يەنى بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تور. ئاساسلىق ھايۋانات تېرىلىرى ۋە لوپنۇر كەندىرى(چىگە) دىن ياسىلىدۇ.
(3) ساچقاق: شەكلى ئارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان، ئۇزۇن ياغاچ ساپ ئورنىتىلغان، ئىككى تەرىپىگە تەتۈر تىل چىقىرىلغان نەشتەر شەكىللىك تىغ. ساچقاق ئادەتتە ئۈچ تىللىق ساچقاق ۋە تۆت تىللىق ساچقاق دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
(4) مانتۇ: گۆلمە ئارقىلىق تۇتۇلغان بېلىقلارنىڭ قولۋاقتىن سەكرەپ قىچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى توغراق ياغىچىدىن ياسىۋالغان، بېلىقنى ئۇرۇپ ھوشسىزلاندۇرىدىغان توقماق.
باشقا قوراللار ئادەتتە ئانچە كۆپ ئىشلىتىلىپ كەتمىگەچكە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلمىدى.
3. بېلىق تۇتۇش ئۇسۇللىرى
گۆلمۆ ئارقىلىق بېلىق تۇتۇش: بۇ خىل ئۇسۇل مەيلى قىش ياكى ياز پەسلىدە بولسۇن
ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان ئۇسۇل. ياز پەسلىدە بېلىقچىلار قولۋاق ئارقىلىق ئۆزلىرى خالىغان جايغا بېرىپ گۆلمە سالىدۇ. مۇز تۇتۇپ كەتكەن قىش پەسلىدە بولسا پالتا ئارقىلىق قاتار-قاتار سۇلاق ئېچىپ (سۇلاق، پالتا ئارقىلىق مۇزدىن چېپىپ ئېچىلغان كېچىك ئوچوق)، شۇ سۇلاق ئارقىلىق گۆلمە سالىدۇ، ياكى گۆلمىلىرىنى يىغىدۇ.
ساچقاق ئارقىلىق بېلىق تۇتۇش: ساچقاقنىڭ ئەسلى تولۇق ئاتىلىشى سانچىغاق بولۇپ، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىش جەريانىدا ئاددىيلىشىپ ساچقاققا ئۆزگىرىپ كەلگەن. بەزى ماقالىلەردە«شاشقاق» دەپمۇ ئېلىندى، لىكىن بۇخىل ئاتاش مىنىڭچە خاتا، چۈنكى بۇ قورالنىڭ شەكلى ۋە ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىن قارىغاندىمۇ «شاشقاق» سۆزىگە تازا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. لوپنۇرلۇقلاردا ساچقاق ئارقىلىق بېلىق تۇتۇش ئاساسەن ھاۋا تازا ئىسىغان ياز كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بەزىدە كىمە تاياپ كېتىۋاتقاندىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ھاۋا ئىسسىغان ياز كۈنلىرى چۈشلىكى بېلىقلار ئوتلاپ تويۇنغاندىن كېيىن يايدىلىقلارغا ( يايدىلىق، لوپنۇر دىئالېكىتىغا تەۋە سۆز بولۇپ، سۈيى يوتىدىن ئاشمايدىغان، كەڭرى كەتكەن سۇلۇق دالا) ئاپتاپسىنغىلى چىقىدۇ، مانا موشۇ ۋاقىتتا بېلىقچىلار ساچقاقلىرىنى ئېلىپ، بېلىقلارغا تۇيدۇرماي كېلىپ، قوغلاپ يۈرۈپ سانجىپ تۇتىدۇ.
سەكرەتمە قىلىش ئارقىلىق بېلىق تۇتۇش: بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاساسەن ئەتىياز ۋە ياز كۈنلىرى سۈيى بىر قەدەر تېيىز، ئەمما ناھايتى تىز ئاقىدىغان كىچىك ئېقىنلارغا ئۇزۇن ياغاچنى توغرىسىغا قويۇپ، ياغاچنىڭ ئارقىسىغا تور قويۇپ قويىدۇ. سۇنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئېقىپ كەلگەن بېلىقلار توغرىسىغا قويۇلغان ياغاچقا كەلگەندە ياغاچتىن سەكرەپ ئۆتىدۇ-دە بىلمەيلا تورغا چۈشۈپ قېلىپ چىقالمايدۇ.
پارتىلاتقۇچ دورا ئارقىلىق بېلىق تۇتۇش: بۇ يېڭى دەۋردە بارلىققا كەلگەن ئۇسۇل. ئادەتتە سۈيى ئىنتايىن چوڭقۇر جايلار لوپنۇرلۇقلار تەرىپىدىن «چول» دەپ ئاتالغان. بۇ چوللاردىكى بېلىقلار گۆلمىگە چۈشمەيدۇ، ساچقاق ئارقىلىق سانجىپمۇ تۇتقىلى بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا پارتىلاتقۇچ دورىسىنى چولدا پارتىلىتىش ئارقىلىق تۇتىدۇ.
يوقىرىدىكى ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان لوپنۇرلۇقلاردىكى بېلىقچىلىق ئەھۋاللىرىدىن ئىبارەت.
ئۈچىنچى. بېلىق ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەدەنىيىتى
بېلىقچىلىق ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان لوپنۇرلۇقلارنىڭ مۇھىم تۇرمۇش ئۇسۇلى بولۇش جەريانىدا، لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ئۆرپ-ئادەت ۋە تىلىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزگىچە بولغان بېلىقچىلىق مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
1.بېلىقچىلىقنىڭ لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

بېلىق لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەكلىك قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى. بېلىق لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئىلگىرى مال-چارۋىلىرى بار كىشىلەرمۇ بېلىقنى ئاساسى يېمەكلىك قىلغان. تەتقىقاتچى غالىپ بارات ئەرك ئەپەندىمۇ بۇ جەھەتتە توختىلىپ:«ئۇلار ئاساسلىقى بېلىقنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، ياز كۈنلىرى يېڭى بېلىق يىسە، قىشتا قۇرۇتۇلغان بېلىق يەيدۇ، بېلىق شورپىسىنى چاي ئورنىدا ئىچىدۇ» دەيدۇ12. ئەمەلىيەتتە لوپنۇرلۇقلارغا كەڭ تارقالغان«بالىق چولۇق (بېلىق تەييار)، قورساق توق» دېگەندەك ماقال-تەمسىللەر بېلىقنىڭ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئورنى ۋە رولىغا قارىتىلغان.
لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقنى پۇشۇرۇش ئۇسۇللىرى كۆپ. مۇھىمى ئۇلار بېلىق گۆشىدىن تەييارلانغان بېلىق تالقىنى، بېلىق قېقى( قۇرۇتۇلغان بېلىق) ۋە بېلىق ئۈچىيى قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەكلىكلەرنى ئىجاد قىلغان. بۇ يېمەكلىكلەر ئىنتايىن قۇۋەتلىك ھەم ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئېگە. شۇڭلاشقا بۇ يېمەكلىكلەر ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئالاھىدە بىر تەرەپتۇر.
2.بېلىقچىلىقنىڭ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى
بېلىقچىلىق لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆرپ ـ ئادەتلىرىگىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. لوپنۇرلۇقلارنىڭ تويىدىكى داستىخان تاشلاشتا يەتتە ياكى توققۇز بېلىق كاللىسىنى پۇشۇرۇپ ئېلىپ بېرىشى، چوڭ چايدا يەتتە ياكى توققۇز بېلىق ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشى، تويلۇق قاتارىدا توققۇز ياكى يەتمىش بېلىق بېرىشى… ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ تويى بولغان قىزـ يېگىتكە بېلىق، گۆلمۈ،ساچقاق قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىشى بۇنىڭ ئەينەن مىسالىدۇر.
لوپنۇرلۇقلارنىڭ دەپنە ئادەتلىرىمۇ مەلۇم دەرىجىدە بېلىقچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. پىرژىۋالىسكىي«لوپنۇر كۆلىگە سەپەر» ناملىق ئەسىرىدە «لوپنۇرلۇقلار ئۆلگۈچىنى بىر قولۋاققا قويۇپ، ئۈستىگە يەنە بىر قولۋاقنى يېپىپ، قومۇشلۇققا تىكلەپ قويىدۇ، ئەتراپى تور بىلەن ئورىلىدۇ» دەپ خاتىرلىگەن13.
بۇنىڭدىن باشقا، لوپنۇر كۆلى رايونىدىكى كىچىك دەريا قەبرىستانلىقىغا نەزەر سالساق، ئومومەن قەبرىلەرنىڭ ئالدىغا ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ياغاچلار تىكلەپ قويۇلغان. بۇنىڭغا قارىتا ئارخىئولوگلار بۇنى تارىختىن ئىلگىرىكى دىنلار بىلەن باغلاپ « ئۆلگۈچىنىڭ جىنسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئاياللارنىڭ قەبرىسى ئالدىغا تۈز، نەيزە شەكلىدىكى ياغاچ قاداش ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ جىنسى ئەزاسىغا، ئەرلەرنىڭ قەبرىسى ئالدىغا پالاق شەكىللىك ياغاچ قاداش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسىغا سىموۋول قىلىنغان». بۇ قەدىمكى دەۋىرلەردىكى جىنىسقا چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ14. بىراق دېققەت قىلىپ قارايدىغان بولساق، قەبرە ئىچىدىكى جەسەت ساندۇقى بىلەن لوپنۇرلۇقلارنىڭ قولۋىقى، قەبرە ئالدىدا تىكلەنگەن نەيزە شەكىللىك ياغاچ لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئشلىتىدىغان نەيزە ۋە توقمىقىغا، پالاق قولۋاقنىڭ پالېقىغا ئەينەن ئوخشايدۇ. مېنىڭچە، بۇ قەبرىستانلىقتىكى تىكلەنگەن ياغاچلار تارىختىن ئىلگىرىكى جىنىسقا چوقۇنۇش بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ بېلىقچىلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. بىز يۇقىرىقى مىساللار ئارقىلىق بېلىقچىلىقنىڭ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆرپ ـ ئادەتلىرىگە بولغان تەسىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.
3. بېلىقچىلىقنىڭ لوپنۇر كىشى ئىسملىرى ۋە يەر ناملىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى
ئۇيغۇرلاردا، بولۇپمۇ لوپنۇرلۇقلاردا بېلىقچىلىق ئىشلىرى بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن
بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىردە لوپنۇرنىڭ بەزى جايلىرىدا پۈتكۈل بىر جەمەت كىشىلىرى بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندەك ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. مانا مۇشۇنداق تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىدا بېلىق ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرى كىشى ئىسملىرى ۋە يەر ناملىرىغا بىر قەدەر چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
بېلىقچىلىقنىڭ كىشى ئىسىملىرىغا بولغان تەسىرى دىگەندە «بېلىق» ۋە «كۆلچۈ» سۆزىنىڭ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ، فامىلىسى تاشلىنىپ قېلىش ھادىسىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. لوپنۇردا «بېلىق» سۆزى بەزى بىر جەمەت كىشىلەرنىڭ لەقىمىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، شۇ كىشىلەرنىڭ بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەسلەن: قاسىم بېلىق، كېرەم بېلىق، ئەمەت بېلىق، ئاتامەت كۆلچۈ،… دېگەندەك.
بېلىقچىلىقنىڭ يەرـ جاي ناملىرىغا بولغان تەسىرى دىگەندە نۇرغۇنلىغان يەر ناملىرىنىڭ «بېلىق» سۆزى ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسلەن: بېلىق كۆل، لاقۇنى (لاقۇ ياكى لوخۇ، لوپنۇرلۇقلاردا چوڭ بېلىقلارنى لاقۇ دەپ ئاتايدۇ) تېرىسى قالغان كۆل، گۆلمە كەتكەن كۆل، سېمىللاكۇ كۆل(سېمىز لاقۇ كۆل)، ئارۇقبالىق(يەر نامى، ئەسلى مەنىسى ئورۇق بېلىق)، قۇربان قوللۇنۇ كۆلۆ (كۆلۆ سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى كۆلى)، ئايسۇ نىيازنى كۆلۆ، ئالىم خوجانى كۆلۆ…دېگەندەك.

4. لوپنۇر دىئالېكتىدىكى بېلىقچىلىققا ئائىت تەركىبلەر
لوپنۇرلۇقلار تىلغا ناھايتى باي خەلق، ئۇلار ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيان بېلىقچىلىق
بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا بىر قىسىم مەخسۇس بېلىقچىلىققا ئائىت سۆزلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، لوپنۇر دىئالىكېتىنى تېخىمۇ بېيىتقان. بۇ سۆزلەر ئاددى، چۈشىنىشلىك بولۇپ، لوپنۇر دىئالېكىتىدىن باشقا ئۇيغۇر دىئالېكىتلىرىدا ئۇچىرىتالمايمىز.
مەسىلەن: بېلىجانلارنى لوپنۇرلۇقلار تىرنا ياكى تىرجان، چوڭ بېلىقلارنى لاقۇ ياكى لوخو، مەخسۇس بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنى كۆلچۈ، قولۋاقنى كاپا، بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان سېۋەتنى مانجار، تورنى گۆلمۈ، بېلىق ئارىسنى ساچقاق، بېلىقنىڭ نەپەسلىنىش ئەزاسىنى ساقاق، بېلىق پارچىسىنى پارا، بېلىق ئۈچىيىنى پوستەك، بېلىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرىدىغان كالتەكنى مانتۇ دەپ ئاتىغان ۋە باشقىلار .
يىغىنچاقلىساق، بېلىق ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرى لوپنۇرلۇقلار تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، كىشىلىك ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە تىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بېلىقچىلىقنىڭ تەسىرىگە روشەن ئۇچىرىغان. بىراق، بۈگۈنكى كۈندە، پەقەت لوپنۇر دىئالېكتىدىكى بېلىقچىلىققا ئائىت سۆزلەرلا لوپنۇرلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇپ تۇرغاندىن باشقا، بېلىقنى ئاساس قىلغان يېمەكلىك قۇرۇلمىسى، بېلىقنى ناھايتى چوڭ ئورۇندا كۆرىدىغان توي ئادەتلىرى ۋە بېلىقچىلىق تۇرمۇشىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرگەن دەپنە ئادەتلىرى ئاللىبۇرۇن لوپنۇرلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىدىن يوقالدى ۋە يوقاپ كەتمەكتە. ئىلگىرى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور روللارنى ئوينىغان قولۋاق ھازىر چەت يېزىلاردا كەلكۈن پەسلىدە كىشىلەرنىڭ تارىم دەرياسىدىن ئۆتۈشتىكى بىر خىل قاتناش قورالىلىق رولىنى ياكى قوي-كالىلارغا يەم بېرىدىغان ئوقۇرنىڭ رولىنى ئوينىماقتا.
تۆتىنچى. لوپنۇرلۇقلاردىكى بېلىقچىلىقنىڭ يوقىلىشى
يوقىرىدا كۆرسىتىلگەن تەرەپلەردىن لوپنۇرلۇقلاردىكى بېلىقچىلىق ئېگىلىكىنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرىنى ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بىراق، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بېلىقچىلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم رولىنى يوقىتىپ، يوقىلىشقا يۈزلەندى. لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېگىلىكىمۇ تەدرىجى چارۋىچىلىق ۋە تېرىقچىلىققا ئالماشتى.
لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقىغا ئائىت خاتىرىلەر ئەڭ دەسلەپ «ۋىينامە» دە كۆرۈلىدۇ. ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ۋىي سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ھېساپلىغاندىمۇ لوپنۇر رايونىنىڭ بېلىقچىلىق تارىخى 2000 يىلغا يېقىنلىشىدۇ. بىراق بىزنى ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، شۇنچە يىللاردىن بۇيان كىشىلەر تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ شەكىللەنگەن بېلىقچىلىق نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە شۇنچە تىزلا يوقىلىپ كېتىدۇ؟ زادى قايسى سەۋەپلەر بېلىقچىلىقنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؟؟…
بېلىقچىلىقنىڭ يوقىلىپ كېتىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا، مەن ئۆزۈم لوپنۇرلۇق بولۇش ئەۋزەللىكىمدىن پايدىلىنىپ، ئەتىراپىمدىكى كىشىلەر (ياشانغانلار، ئىلگىرى بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلار ۋە ھازىرمۇ بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار) ۋە ئەتراپىمدىكى مۇھىتنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ چىقتىم.

1. تەبىئىي شارائىت بېلىقچىلىقنىڭ يوقىلىشىغا بىۋاستە سەۋەپچى بولغان.
بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلىۋاتقان تەبىئىي شارائىت لوپنۇر رايونىنىڭ سۇ رايى ئەھۋالى بولۇپ،
تارىختىن بۇيان لوپنۇر رايونى دەريا كۆللەر مەركەزلەشكەن سۇ مەنبەسى مول رايۇن ئىدى. لېكىن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىغا كەلگەندە تېرىقچىلىقنىڭ ئاساسى ئېگىلىك بولۇشىىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى ئېقىمدا بوز يەرلەرنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى، سۇ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئۈزلۈكسز كۆپىيىشى ھەمدە تەبىئىي شارائىتنىڭ ناچارلىشىشى نەتىجىسىدە تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا كېلىدىغان سۇنىڭ مىقدارى زور دەرىجدە ئازىيىپ كەتتى. مەسىلەن : «1950-يىلدىكى تارىم دەرياسىنىڭ يىللىق ئېقىم مىقدارى ئالار پونكىتىدا بەش مىلىيارد 620 مىلىيون كۇپ مېتىر بولسا، لوپنۇر چارا پونكىتىدا بىر مىلىيارد 560 مىلىيون كۇپ مېتىر بولغان. ھالبۇكى 1990-يىللاردا ئالار پونكىتىدا ئۈچ مىلىيارد 940 مىلىيون كۇپ مېتىر بولغان بولسا، چارا پونكىتىدا 310 مىلىيون كۇپ مېتىرغا چۈشۈپ قالغان.»16. بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن بىز تارىم دەرياسىنىڭ ئاياق ئېقىنىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ قانچىلىك ئازلىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بېلىقچىلىققا بولغان تەسىرىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.
2. جەمىئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بېلىقچىلىقنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئامىل.
ھەممەيلەنگە مەلۇم، تارىخى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن لوپنۇر ئىلگىرى مەيلى ئىشلەپچىقىرىش، مەدەنىيەت ۋە باشقا تەرەپلەردە ئىنتايىن ئارقىدا قالغان. بىراق، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ توختىماستىن يېڭىلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە خەلىقنىڭ مەنىۋى ساپاسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ، بېلىقچىلىق كىشىلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. لوپنۇرلۇقلارمۇ بارا-بارا تېرىقچىلىق ۋە باشقا كەسىپلەرگە يۈزلىنىپ بېلىقچىلىقنىڭ بارغانسىرى تاشلىنىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا جەمىئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشمۇ بېلىقچىلىقنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.
3. بەزىبىر نامۇۋاپىق يەرلىك سىياسەتلەر بېلىقچىلىقنىڭ يوقىلىش قەدىمىنى تىزلەشتۇردى.
تارىم، كۆنچى دەريالىرىنىڭ سۇ مىقدارى بارغانسىرى ئازلىغاچ، يېقىنقى دەۋىرلەردە لوپنۇر رايونىدا ئىلگىرىكىدەك تەبىئىي كۆللەر شەكىللىنەلمىدى. شۇڭلاشقا، لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقى ئاساسلىق سۇ ئامبارلىرىغا مەركەزلەشتى. بىراق، يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئامبارلار سىرتتىن كەلگەنلەرگە كۆتۈرە بېرىلىپ يەرلىك ئامما ئامبارلاردىن بېلىق تۇتالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، بېلقچىلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرىمۇ يوقىلىپ كەتتى. شۇڭا يۇقارقىدەك بەزىبىر نامۇۋاپىق يەرلىك سىياسەتلەر بېلىقچىلىقنىڭ يوقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر سەۋەبتۇر.
دېمەك، بېلىقچىلىق بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ھەر بىر لوپنۇرلۇقنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە چېتىلغان، ئۇزاق تارىخقا ئېگە كەسىپ بولسىمۇ، بىراق تەبىئي شارائىتنىڭ ناچارلىشىشى، قۇرغاقچىلىقنىڭ ئېغىرلىشىشى، جەمىئيەتنىڭ ئۈزلۈكسز تەرەققى قىلىپ باشقا كەسىپلەرنىڭ بېلىقچىلىقنىڭ ئورنىنى ئېلىشى شۇنداقلا بىر قىسىم نامۇۋاپىق يەرلىك سىياسەتلەرنىڭ تەسىرىدە، بېلىقچىلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرىمۇ يوقاپ، بىرخىل يوقالغان مەدەنىيەت بولۇپ قالماقتا.
بېلىقچىلىقنى تىلغا ئالساق ، گەرچە باشقا رايون ئۇيغۇرلىرىدىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر ساقلانغان بولسىمۇ، بىراق، باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىقچىلىقى لوپنۇرلۇقلارغا ئوخشاش مۇكەممەل، ئومۇملاشمىغان، شۇنداقلا مەدەنىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلەلمىگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئۇ بىر خىل نىسپى، ئايرىم كىشىلەرنىڭ شۇغۇللىنىدىغان ئېگىلىكى بولغان، ھەرگىزمۇ شۇ رايوندا ياشىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق تۇرمۇش ئۇسۇلى ئەمەس. بىراق، لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقى كەڭ دائىرىلىك، ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئادەمگە چىتىلغان تۇرمۇش ئۇسۇلى، شۇنداقلا بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر. شۇڭلاشقا بىز لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق مەدەنىيىتىنى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىقچىلىق مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ دەپ ئېيتالايمىز.
ئىزاھاتلار:
①夏训诚,胡文康 著《与彭加木同行》— 北京 :中共中央党校出版社1991年1月版,第184页
②扬镰 著《最后的罗布人》 —北京 : 中共中央党校出版社1999年1月版,第113页
③魏书•吐谷浑传
④⑤⑨ لوپنۇر تەزكىرىسىدىن ئېلىندى
⑥[清] 永贵撰,苏尔德补《回疆志》第一卷
⑦ 椿园氏《西域闻见录》第二卷- 上海:上海古籍书店,嘉庆本复印
⑧موللا مۇسا سايرامى «تارىخى ھەمىدى» -بىيجىڭ: مىللەتلەر نەشرىياتى 2007-يىل9-ئاي 648-بەت
⑩王炳华著《丝绸之路考古研究》— 乌鲁木齐:新疆人民出版社,1993年11月 第189页
11.غالىپ بارات ئەرك «كىروراننىڭ سىرى»-ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىل12-ئاي
12.普尔热瓦尔斯基《走向罗布泊》—乌鲁木齐: 新疆人民出版社1999年
13.刘学堂 著《新疆史前宗教史研究》— 北京:民族出版社2009年7月版
14.بۇ يەردىكى بەزى جاي ناملىرى غالىپ بارات ئەركنىڭ «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژورنىلى 2006-يىللىق سانىدا بېرىلگەن «لوپ رايونىدىكى جاي ناملىرى، جاي ناملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە لوپلۇقلارنىڭ جايلارغا ئات قويۇش ئادەتلىرى» ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىندى

 

مەنبە:شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى 2011-يىللىق سانىدىن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif