پىسخىك قوغدىنىش(مۇداپىيە) ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

ۋاقتى: 2011-08-03 / تۈرى: مائارىپ-پىسخىلوگىيە / كۆرۈلۈشى: 127 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا



 

 

پىسخىك قوغدىنىش(مۇداپىيە) ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

  

ئاكتىپ كەيپىيات ئادەمنىڭ ئىنتىلىش خاراكتىرلىك ھەرىكىتىنى پەيدا قىلىدۇ.پاسسىپ كەيپىيات بولسا،ئادەمنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ھۇجۇم قىلىش خاراكتىرلىك ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مەسىلەن:يولۋاسنى كۆرگەندە قورقۇپ قېچىپ كېتىش؛باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا،غەزەپلىنىپ قايتۇرما زەربە بېرىش قاتارلىقلار.

ئەمىلىي تۇرمۇش جەريانىدا ئۆگىنىۋالغان بىر قىسىم ئوڭۇشسىز موھىتقا ماسلىشى ياكى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى پىسخىكىلىق قوغدىنىش سەنئىتى دەپ ئاتايمىز.

   ئادەملەرنىڭ فىزىلوگىيىسىنىڭ موھىت بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش قابىيلىتى بولغىنىغا ئوخشاش،پىسخىكىلىق قابىيلىيەتنىڭمۇ موھىتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىپ،تەڭپۇڭ ،تېنچ،خاتىرجەم ھالەتنى  ساقلاپ قېلىش قابىيلىتى بار.مانا بۇ خىل قابىيلىيەت پىسخىكىلىق قوغداش قابىيلىتىدۇر.

 1.      

1.ئىنكار قىلىش

بۇ مەۋجۇتلۇقنى ئىنكار قىلىدىغان يۇشۇرۇن ئاڭدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي ۋە ئەڭ ئاددىي قوغداش قابىيلىتىدىن ئىبارەت.بۇ رىياللىقنى ئىنكار قىلىش(مەسىلەن:يېقىنلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىق)،ياكى ئۆز كەيپىياتىنى ئېتىراپ قىلماسلىق( مەسىلەن:ناھايىتى خاپا بولغان تۇرۇقلۇقمۇ“خاپا بولمىدىم“دەپ تۇرۋېلىش)قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان لوڭقىدىن بىرنى ئىشكاپنىڭ ئۈستىدىن ئېلىۋىتىپ قولىڭىزدىن چۈشۈپ چېقىلىپ كەتكەندە،سىز دەرھال قولىڭىز بىلەن كۆزىڭىزنى ئىتىۋىلىپ ياكى كەينىڭىزگە بۇرۇلۇۋېلىپ ئۇنىڭ چېقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلىسىز.مانا بۇ ئىنكار قىلىپ پىسخىكىسىنى قوغداش قابىيلىتىدىن ئىبارەت.

ئۇنۇڭدىن باشقا ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى پىسخىكىلىق ۋە فىزىئولوگىيلىك جەھەتتىكى نوقسانلىرىنى ھېس قىلمىغاندەك ئېتىراپ قىلمايدۇ؛بىر قىسىم ئوپراتسىيە قىلىنغان كېسەللەر ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم ئەزاسىنى كىسىپ ئېلىۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.ئوڭۇشسىزلىقنى ئوڭۇشسىزلىق ئەمەس دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ.

 

ئەمىلىي مىسال:

مېنىڭ بىر دوستۇم تۇرمۇشىدا ئازراق كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچىرىدى(دوستلىرىنىڭ قارىشىچە)،ئەتىراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئاشنىسى بارلىقىنى بىلىدۇ.پەقەت ئايالىلا بىلمەيدۇ.بىز دائىم ئۇچىراشقاندا بۇ دوستىمىز ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ئايال ھېساپلاپ،يولدىشىنىڭ ئۆزىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقى توغرسىدا سۆزلەپ بېرىدۇ.ياسالمىلىق قىلىۋاتامدىكىن دېسەك،ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ روھى كەيپىياتىمۇ شۇنداق ياخشى.مەن بۇ دوستۇمنىڭ پىسخىكىسىغا شۇنداق قىزىقىپ كوچىلاپ سوراپ باقسام،ئۇ يولدىشىدىكى شۇنداق مەسىلىلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى.يولدىشى ئۆيگە كەچ قايتقان،ھەتتا كىرمىگەن كۈنلىرىگىمۇ دوستۇم پۈتۈنلەي ئۆزىگە پايدىلىق سەۋەب كۆرسەتتى.تۇرمۇشىدا ئۈچىنچى شەخس بارلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى.ئىككى يىلغا بارا-بارمايلا يولدىشى ئاشنىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ،شىرىن مۇھەببەتلىك كۈنلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.دوستۇمنىڭ يولدىشى يەنىلا ئايالىم بىلەن بالام ماڭا ۋاپادار ئىكەن دەپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ،دوستۇمنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىۋەتتى.يولدىشىنىڭ بۇ قىستۇرما تارىخىنى ھەم بىلمىدى،ھەم ئۇنىڭدىن گۇمانلانمىدى.دوستۇم بولسا ئوخشاشلا بۇرۇنقىدەك ياخشى كەيپىياتتا ئۆي تۇتىۋاتىدۇ.

بۇ ھەقىقەتەن ئاقىلانە ئىنكار قىلىش ئۇسۇلىدۇر.لىكىن ئۇمۇ ئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە.

ئاكتىپ تەرىپى:،تۇرمۇشتىكى بەزى قۇبۇل قىلمىسىمۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى زورلاپ قۇبۇل قىلىپ،ھەسىرەتنى سېتىۋالغاندىن كۆرە،ئۇنى ئىنكار قىلغان تۈزۈك.

پاسسىپ تەرىپى:قۇبۇل قىلمىسا بولمايدىغان ئەمىلىيەتنى ئىنكار قىلىپ تۇرۋىلىش.مەسىلەن:تۈگەپ كەتكەن ئادەمنى تېخى ھايات دەپ كۈندە ئۆيدە ساقلاپ ئولتۇرساق،بۇ نورمالسىز ھالەت بولىدۇ.

 

2. بىلىشنى ئۆزگەرتىپ پىسخىكىسىنى قوغداش

 

ئادەملەرنىڭ كەيپىيات ۋە ھېسىياتى بىلىش ئاساسىدا پەيدا بولىدۇ.ھەم بىلىشنىڭ ئۆزگىرشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ.شۇڭا پاسسىپ كەيپىياتنى ئۆزگەرتىش ياكى پاسسىپ كەيپىياتنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئامال بار مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىمىزنى يەنى بىلىشىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.مەسىلەن:سىز ئىنگىلىز تىلى بىلمىسىڭىز،بىرسى سىزنى ئىنگىلىز تىلىدا تىللىسا خاپا بولۇپ كەتمەيسىز.ئىنگىلىزچە يۇمۇر دەپ بەرسىمۇ كۈلۈپمۇ كەتمەيسىز.

يەنە مەسىلەن،ئۈچ ئەدەمگە بەش مىڭ يۇەندىن 3-دەرىجىلىك پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى چىقىپتۇ.بىرىنچى ئادەم 5000يۇەن چىقتى دەپ قاتتىق خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ.ئىككىنچى ئادەم بەش مىڭ يۇەن بىردەمدىلا تۈگەيدۇ دەپ خۇشال بولۇپمۇ كەتمەپتۇ،قايغۇرۇپمۇ كەتمەپتۇ.ئۈچىنچى ئادەم بولسا،نىمىشقا ماڭا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقمايدىغاندۇ دەپ ئىنتايىن قايغۇرۇپ كېتىپتۇ.دېمەك مەسىلىلەرنى قانداق ئويلىشىمىز،بىزنىڭ قانداق ھېسىيات كەيپىياتتا بولىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئادەملەر سىرتقى غىدىقلىغۇچىغا سوبىكتىپ پائالىيەتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.شۇڭا بىز ئامال بار ئىنكاسنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرشىمىز لازىم.

مەسىلەن:پاسسىپ سىرتقى غىدىقلۇغۇچىدىن ئۆزىنمىزنى چەتكە ئالىمىز.“بىرسى سېنىڭ يامان گېپىڭنى دېدى“دېسە،نېمە دېدى،جېنىم دەپ كېتەي دەپ بەرگىنە دەپ تۇرۋالماي.بۇنداق ئۆسەك گەپلەرنى ئامال بار ئاڭلىماسلكىقىمىز،يامان گەپ سۆز،ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئاڭلاپ ئۆزىمىزنى بىئارام قىلماسلىقىمىز لازىم.

يەنە بىر جەھەتتىن ئاڭلىغان گەپ –سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتلەرنى ياخشى تەرەپتىن ئولىشىمىز لازىم.مەسىلەن:100يۇەن پۇل يۈتۈپ كەتسە،خۇداغا شۈكرى بانكىدىكى 1000يۇەننى ئاچچىقىۋالغان بولسام ھەممىسى يۈتەركەن دەپ ئۆزىڭىزگە تەسەللى بەرسىڭىز،قايغۇڭىز خۇشاللىققا ئۆزگىرىدۇ.ئادەمنىڭ خۇشاللىقى ئۇنىڭ كاللىسىدا،ھەرقانداق مەسىلىنى ئۆزىمىزگە پايدىلىق تەرەپتىن ئويلىساق چوقۇم ئاكتىپ كەيپىيات ھالىتىدە تۇرالايمىز.

ئەمىلىي مىسال:

يېقىندا بىر ئوقۇتقۇچى قىز بىلەن سۆھبەتلىشىپ قالدىم.بۇ قىز بىر يىگىت بىلەن يۈرگىلى بىر يىلدىن ئاشقاندا،يىگىتىنىڭ بۇ قىزدىن باشقا يەنە بىر قانچە قىز دوستى بارلىقىنى بايقىغان.دەسلەپتە بىر نەچچە كۈن بىر ئاز ئازاپلانغان بولسىمۇ،ئۈچىنچى كۈنىگە كەلگەندە،شۇنداق يەڭگىل ئاكتىپ ھالەتتە ئورنىدىن تۇرغان.سەۋەبى،ئۇ بىر نەچچە كۈن ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ ئايرىلىشنى ناھايىتى ياخشى خۇلاسىلاپ چىققان:“ئەگەر بۇ يىگىت بىلەن ئايرىلىپ كەتمىگەن بولسام،كەلگۈسىدە قابىيلىيەتلىك مەسئۇلىيەتچان يىگىت بىلەن ئۇچىرىشىپ،مۇھەببەتلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان بولاتتىم،ئايرىلىپ كەتكىنىم بەك ياخشى بوپتۇ“دەپ ئويلىغان.

 

3. يۆتكەش ئارقىلىق پىسخىكىسىنى قوغداش

        بۇ ھېسسصيات، ئارزۇ – ئارمان ياكص ھةرصكةتلصرصنص ئةسلصدصكص نصشاندصن باشقا شةيئصلةرگة يۆتكصۋېلصشنص كۆرسصتصدۇ.بۇ ئادەملەردە داۋاملىق بولىدىغان مايىللىق بولۇپ،ئۇ مەلۇم بىر ئوبىكىتقا نىسبەتەن پەيدا بولغان ھېسىيات ياكى كەيپىياتنى  مەسىلەن:ياخشى كۆرۈش،ئۆچ كۆرۈش،ئاچچىقلىنىش قاتارلىقلارنى مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن شۇ ئوبىكىتتا بىۋاستە ئىپادىلىيەلمىگەندە،باشقا بىخەتەررەك،كۆپچىللىك قۇبۇل قىلالايدىغان ئوبىكىتلارغا يۆتكەشكە قارىتىلىدۇ. مةسصلةن: ئاچچىقىڭىزدا ئالدىڭىزدىكى ئادەمنى ئۇرسىڭىز،بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىسىز،تامغا ياكى ئۈستەلگە بىر نەچچە مۇش ئۇرۋەتسىڭىز ئاچچىققىڭىزمۇ چىقىدۇ،ئاۋارىچىلىقتىنمۇ مەلۇم دەرىجىدە قۇتۇلۇپ قالالايسىز.

ئەمىلىي مىسال:

   مەلۇم ئىدارىدىكى قابىيلىيەتلىك بىر ياش كادىر دائىم ئۆزىنىڭ باشلىقى بىلەن پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەيدىكەن.دائىم ئىشتىن چۈشكەندە بىر مۇنچە قورساق كۆپىكى بىلەن ئۆيگە قايتىدىكەن.ئۆيگە بېرىپ ئايالىغا ياكى بالىسىغا ئاچچىقلىغۇسى كېلىپلا تۇرىدىكەن.ئىدارە باشلىقى بىلەن تاكاللىشىپ ئىچىنى بوشىتاي دېسە،ئىستىقبالىمغا تەسىر يىتىپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەيدىكەن.قانداق قىلىش كېرەك؟ئاخىر رەھبىرىنىڭ رەسىمىنى چوڭ قىلىپ يۇغۇزۇپ ئۆيگە قويۇپ قويۇپ،كۈندە ئىشتىن قايتقاندىن كىيىن،رەسىمنى ئېلىپ تازا تىللاپ تۈكۈرۈپ دەسسەپ ئاچچىقىنى چىقىرۋالىدىكەن.پەقەت ئاچچىقىنى چىقىرالمىسا بىر پارچە قاغەزگە رەھبىرىنى تازا تىللاپ يېزىپ ئەتىسى يىرتىۋىتىدىكەن.شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇ بارا-بارا رەھبىرىگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بوپتۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە رەھبىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئاپتۇ.

   پاسسىپ تەرىپى:مەقسەتلىك ھالدا پاسىپ يۆتكىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.مەسىلەن:دادىسىغا ئۆچ بولساق ،بالىسىدىن ئۆچ ئالىدىغان،ئاتا-ئانىمىز بىزنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرسا،بىزمۇ بالىمىزنى شۇنداق باشقۇردىغان.

4.ئايرىۋىتىش ئارقىلىق پىسخىكىسىنى قوغداش

ئايرىۋېتىش دېگىنىمىز،روھى كۆڭۈلسىزلىكتىن خالىي بولۇش ئۈچۈن،قىسمەن پاكىتلارنى ئاڭدىن ئايرىۋىتىپ ئۆزىگە بىلدۈرمەسلىككە قارىتىلىدۇ.بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان قىسمەن پاكىت دېگىنىمىز،پۈتكۈل ئىشنىڭ بىر قىسمىغا قارىتىلغان بولۇپ،بۇنىڭدا پاكىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سەزگۈ قىسمىنى ئايرىۋىتىش ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدۇ.

مەسىلەن:ھاجەتخانىغا بارامسەن دېمەستىن ”بىرىنچى نۇمۇرغا بارامسەن“دەيمىز.قىزلار ھەيىز كۆردۈم دېمەستىن ”ئاي كۆردۈم“دەيدۇ.بۇنداق بولغاندا،ھاجەتخانا  ۋە ھەيىز بىلەن بىللە باغلىنىپ كېلىدىغان سېسىقچىلىق ۋە مەينەتچىلىكنىڭ كىشىلەردە پاسسىپ ئىنكاسىنى قوزغاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئەمەلىي مىسال:

بىر كۈنى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىك مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى تاماملاپ قايتاي دەپ تۇرسام،40 ياشلار چاممىسىدىكى ،چىرايى ناھايىتى سۇلغۇن ۋە غەمكىن كۆرۈنىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى مەن بىلەن سۆھبەتلەشكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى.مەن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ چىرايىدىن مەسىلىنىڭ بىر قەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ،قايتىدىن مەسلىھەت بېرىش ئۆيىگە كىردىم.بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېيتىشىچە،ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىللىق سۈيۈملۈك ئايالىنىڭ تۈگەپ كەتكىنىگە بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ،يەنىلا ئۆيگە كىرسە ئايالى تۈگەپ كەتكەن ۋاقىتتىكى ئېچىنىشلىق ھالەت كاللىسىغا كىرىۋىلىپ،ئۆزىنى بەك ئازاپلاۋاتقانلىقىنى،بولۇپمۇ يالغۇز قىزى ئۆيدىكى ھەممە نەرسىگە قارىسا،ئاپىسى ئېسىگە كىرىۋىلىپ،ئۆگىنىشتە چېكىنىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىنى ،مىجەزلىرى غەيرىلىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ،قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى.مەن بۇ ئوقۇتقۇچىغا بۇ خىلدىكى ئايرىۋىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ:ئامال بولسا ئۆي كۆچۈڭ،پەقەت ئامال بولمىغاندا،ئۆيىڭىزنى قايتىدىن بېزەپ،ئايالىڭىزنى ئەسلىتىدىغان بۇرۇنقى ھالەتلەرنىڭ باغلىنىش ھاسىل قىلىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.شۇنداق بولغاندا،ئاستا-ئاستا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىزىڭىز ۋە ئۆزىڭىزدە ئاكتىپ كەيپىيات ھالىتى پەيدا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت بەردىم.ئارىدىن بىر ئايدەك ۋاقىت ئۆتۈپ،بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ رەھمەت ئېيتىپ ئۇرغان تېلېفۇنىنى تاپشۇرۋالدىم.ھەقىقەتەن بۇرۇنقى موھىتتىن ئايرىۋەتكەندە پىسخىك ھالىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەمىلىي رولىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

5.ئىختىيارسىز چەكلەش ئارقىلىق پىسىخكىسىنى قوغداش

ئىختىيارسىز چەكلەش دېگىنىمىز،ئاڭدا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قاراش،ھېسىيات ۋە ھاياجانلىنىشلارنى ئىختىيارسىز ھالدا ئاڭدا چەكلەپ قالىدىغان پىسخىكىلىق قوغداش ئۇسۇلىدۇر.بۇ خىل ئىختىيارسىز چەكلەش تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئۇچىرايدۇ.مەسىلەن:بىز بىر پارچە كۆڭۈلسىز خەت تاپشۇرۋالغان بولساق،ئىختىيارسىز ھالدا خەت قايتۇرۇشنى داۋاملىق ئۇنتۇپ قالىمىز.بۇ بىر خىل مەقسەتلىك ئۇنتۇشتۇر،ئۇ تەبىئىي ئۇنتۇش بىلەن ئوخشىمايدۇ.

ئەمىلىي مىسال:

مەن يېقىندا ناھايىتى ياخشى نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.مەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش  مەسىلىسى بىلەن ئۆگىنىش مەسىلىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلغىلى ئۇزۇن يىل بولغاچقا،بۇ قىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلدىكى ھېسىيات مەسىلىسىنى سۈرۈشتۈرگۈم كېلىپ قالدى.

مەن:سىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە بىرەر ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن قىزىقىپ قېلىش ھېسىياتىدا بولۇپ باقتىڭىزمۇ؟

قىز:راست گىپىمنى ئاڭلامسىز،يالغان گېىمنىمۇ؟

مەن:ئەلۋەتتە راست گەپ قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

قىز:راست گەپنى قىلسام، ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە ئازراق بولسىمۇ ھېسىيات مەسىلىسىگە ئۇچىراپ  ئوقۇغۇچى كۆپ بولمىسا كېرەك.مەنمۇ تولۇق ئىككىنچى يىللىققا چىققاندا بىر يىگىت تەرپىدىن ھېسىيات جەھەتتە ئازراق خىيالچان بولۇپ قالغان.

مەن:ئۇنداقتا بۇ ھېسىيات ئۆزگىرىشى ئۆگىنىشىڭىزگە تەسىر كۆرسەتمىدىمۇ؟

قىز:ئەلۋەتتە تەسىر كۆرسەتتى.مۇشۇ مەزگىلدە دەرس كاللامغا كىرمەيدىغان،ياسانغۇم كېلىدىغان ،يالغۇزلۇقتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم.بۇ ئەھۋال مېنى قاتتىق قورقۇتتى.ئەگەر مەن ھازىرقى نەتىجەمنى ساقلاپ قالالمىسام،ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىسەم،كەلگۈسۈمنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىشىدىغانلىقىنى ،ئۇ يىگىتكىمۇ ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم.

مەن:ئۇنداقتا سىز قانداق قىلدىڭىز؟

قىز:بەلكىم مېنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئايىم،مۇھەببەتلىشىش خىيالىمنى يەڭگەن بولىشى مومكىن،بىر نەچچە كۈن قايتا-قايتا ئويلىنىش ،ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلەش(ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ،ھازىر سېنىڭ مۇھەببەتلىشىدىغان ۋاقتىڭ ئەمەس)ئارقىلىق،ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،يەنىلا ئەسلىمگە كېلىپ قالدىم.بۇرۇنقىدەك ئۆگىنەلەيدىغان،تىرشالايدىغان بولدۇم.

مەن:بۇرۇنقى ھالىتىڭىز بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىڭىزنى پۈتۈنلەي ئوخشاش دەپ مۇئەييەنلەشتۈرەلەمسىز؟

قىز:مېنىڭچە ئوخشىمايدىغان  يېرىمۇ بولىشى مومكىن.ئۇ يىگىتنى ئويلىسام،يەنىلا باشقىچە ھېسىياتلىنىپ كېتىمەن.شۇڭا ئۆگىنىش قىلىپ ھارغاندا  ياكى پاسسسىپ كەيپىياتىم پەيدا بولۇپ قالغاندا،ئۇ يىگىت بىلەن ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىپ،سەيلە-ساياھەت قىلغانلىقىمنى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئويلاپ بولغاندىن كىيىن،باشقىدىن جانلىنىپ،ئۆگىنىش قىزغىنلىقىم تېخخمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.بەلكىم مېنىڭ ياخشى نەتىجەم مۇشۇ يىگىت بىلەن پەيدا بولغان يۇشۇرۇن ھېسىياتىم بىلەن ئازراق بولسىمۇ مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلايمەن.

مەن:سىز ئادەملەردىكى ئىختىيارسىز چەكلەش رولىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىپسىز .

قىز :بەلكىم.

6.سىرتقا چاپلاش ئارقىلىق پىسخىكىسىنى قوغداش

سىرتقا چاپلاش دېگىنىمىز،ئۆزىنىڭ سوبىكتىپ ئېڭى بويىچە سىرتققى دۇنيادىكى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ياكى ئۆزىدىكى خاتالىقلارنى باشقىلارغا چاپلاپ قويۇشتىن ئىبارەت پىسخىكىلىق قوغداش ئۇسۇلىدۇر.بۇ خىل .ئۆزىنىڭ مۇددىئاسى،كۆز قارىشى،پوزىتسىيىسى ياكى ئارزۇسىنى ئوبىكتىپ شەيئىلەرگە چاپلاش سىرتقى چاپلاش دەپ ئاتىلىدۇ.مەسىلەن:سوقۇشۇپ قالغان ئىككى بالا بىرى-بىرىنى باشتا ئاۋال قول سالدى دېيىشىدۇ؛يەنە مەسىلەن،بىر بانكا خزمەتچىسى ئۆزىدىكى پۇل ئوغرلاش ئىدىيىسىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ،باشقا خىزمەتچىلەردىن گۇمانلىنىپ،ئۆزىنىڭ پىسخىكىسىنى قوغدايدۇ.

ئەمىلىي مىسال:

بىر كۈنى ئەتىگەندىلا بىر قىز ئوقۇغۇچى ناھايىتى جىددىي ھەم كۆزلىرى ئىششىغان ھالدا قېشىمغا كىرىپ ،مېنىڭ ۋاقتىمنىڭ بار-يوقلىقىنى سورىدى.مەن گەرچە ئالدىراش بولساممۇ،ئۇ قىزنىڭ ھالىتىگە قاراپ ئازراق ۋاقىت چىقىرىشنى قارار قىلدىم.

ئالدىنىقى كۈنى يەكشەنبە بولۇپ،بىر يۇرتداش ئوغۇل ساۋاقدېشى بۇ قىزنى كىنو كۆرۈشكە تەكلىپ قىپتۇ.بۇ قىز گەرچە بۇ ساۋاقدېشىنىڭ قىز دوستى بارلىقىنى بىلسىمۇ،كۆپ ئويلاشمايلا ماقۇل بوپتۇ.بىراق ئىش بۇ قىز ئويلىغاندەك بىر قېتىملىق كىنو كۆرۈش بىلەنلا ئاخرلاشماپتۇ.بۇنى باشقىلار كۆرۈپ،ئۇ يىگىتنىڭ قىز دوستىغا خەۋەر يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ،بۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز دەرھال بۇ بالىنى ئىزدەپ ئايرىلىش تەلىپىنى قويۇپ ۋە قاتتىق سوقۇشۇپ،باشقا دوستلىرىغا جار سېلىپ،مەكتەپ ئىچىدە ”يەكشەنبىلىك قىزىق نوقتا“پەيدا قىپتۇ.مانا بۇ بىر كۈنلۈك ۋەقە،بۇ قىزنى بىر كېچە ئۇخلاتماي ئەتىگەندە يىغلاپ مىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلغان ئىكەن.

گەرچە بۇ مەسىلىدە بۇ قىزدا بەلگىلىك خاتالىق بولسىمۇ،بۇ ھالەتتە ھەرگىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا بولمايدۇ.شۇڭا مەن سۆھبەتلەشكەندە،سەۋەبنى پەقەت بۇ قىزدىن ئىزدىمەي،باشقا ئىككى شەخسكە قويدۇم.پۈتۈن خاتالىقنىڭ ئۆزىدە ئەمەسلىكىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن،بۇ قىزنىڭ كەيپىياتى ئازراق تۇراقلاشتى.ئاندىن باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزىگە پۈتۈنلەي قۇبۇل قىلىش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ،ئۆزىنى ئەيبلەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ،بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپمۇ ئاڭلىمىغاندەك ،ئۆزىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك بولىۋېلىپ،ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىمىزنى تەڭشەشنىڭ موھىملىقىنى چۈشەندۈردۈم.بىرەر سائەتلىك سۆھبەتتىن كىيىن،بۇ قىزنىڭ كەيپىياتى خېلى ئوبدانلا تۇراقلىشىپ،خېلى جانلىنىپ قالدى.ئەڭ ئاخىردا تۇرمۇشقا بەك يەڭگىللىك قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ،قىز-ئوغۇللار مۇناسىۋىتىنى تۇغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ساقلىنىشتا ناھايىتى موھىم رولى بارلىقىنى سۆزلەش ئارقىلىق،ئۆزىدىكى خاتالىقلار توغرىسىدا ئازراق ئۇچۇر بېرىپ قويدۇم.

 

7.چېكىنىش رولى ئارقىلىق پىسخىكىسىنى قوغداش

”ۋايجان ئاپا“ بۇ كىچىك بالىنىڭ ئەمەس،بەلكى ئاغرىققا چىدىمىغان چوڭ ئادەمنىڭ بالىلارچە ۋاقىرىشى.بۇ ئۇسۇل ئادەملەرنىڭ قىسقا مەزگىللىك قىلمىشلىرىدىكى بالىلارچە ئىنكاس ئارقىلىق پىسخىكىسىنى قوغداش قابىيلىتىگە قارىتىلغان.

ئادەتتە ئادەملەرنىڭ يېشى چوڭايغانسىرى ئۇلارنىڭ  شەخسىيىتى بارا-بارا پىشىپ يىتىلىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ.شۇڭا چوڭلارنىڭ مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش قابىيلىتى بارا-بارا مۇككەممەللىشىدۇ.مەسىلەن:كىچىك بالىلار تەرىتى قىستىغاندا خالىغان يېرىدە بىر تەرەپ قىلىدۇ.لىكىن چوڭلار ئۇنداق قىلمايدۇ.مۇۋاپىق ئورۇن تېپىلمىغۇچە بىر تەرەپ قىلالمايدۇ.بىراق بەزى كىشىلەر ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقنىڭ ھەسرىتىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەندە،بالىلىق مەزگىلگە چېكىنىپ،ئىشلارنى بەك ئەتىراپلىق ئويلاپ كەتمەي،ئۆزىنىڭ پىسخىكىسىنى بالىلارچە ئىنكاس ئارقىلىق قوغدايدۇ.مەسىلەن:چوڭلارمۇ ئازابلانغاندا بالىلاردەك ئاۋازىنى قويۋېتىپ يىغلاپ كېتىدۇ.ئەر –ئاياللارمۇ بىر-بىرىگە باللاردەك قىلىقلارنى قىلىشىدۇ،دادىسى باللىرى بىلەن باللىلاردەك ئورۇندا تۇرۇپ مۈكۈشمەك ئوينايدۇ….  

ئەمىلىي مىسال:

شىياڭگاڭنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى لىيۇ دېخۇانىڭ ”ئەرلەر يىغلاڭلار،يىغلاش جىنايەت ئەمەس“ دېگەن ناخشىسى شىياڭگاڭنىڭ مودا ناخشىلىرىنى تەرتىپكە تىزىش مۇسابىقىسىدە 14 ھەپتە بىرىنچىلىك ئورۇننى ئىگەللەپ،ناھايىتى ياخشى ئىنكاسقا ئېرىشكەن.بۇنىڭ سەۋەبى ،ئۇ ئەرلەرنىڭ قەلب سۆزىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.تۆۋەندە بىر مەسلىھەت سورىغۇچىنىڭ بايانىنى سىلەرگە تەقدىم قىلاي:

  مەن بۇ يىل 43 ياشقا كىردىم.بىر ياخشى ئەر بولماق،بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئەر بولماق ھەقىقەتەن تەس ئىكەن.ئايالىمغا ياخشى ئەر،باللىرىمغا ياخشى دادا،ئاتا-ئانامغا كۆيۈمچان بالا،ئىدارىدە قابىيلىيەتلىك خىزمەتچى،ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي تۆۋرۈكى،ئاغىينىلىرىم ئىچىدە مەرت،ئادەمگەرچىلىكى بار ئاغىينە بولۇپ ھەقىقەتەن ئوڭاي ئەمەسكەن.ئەرلارنىڭ ئىسمى سەۋىرچان بولۇش ئىكەن،جەمىيەتنىڭ ئەرلەرگە يۈكلىگەن يۈكى ھەقىقەتەن ئېغىر.بىر نىقاپ كىيىپ ياشايمىز،كىم بىزنىڭ قەلبىمىزنى چۈشىنىدۇ؟ئايالىممۇ چۈشەنمەيدۇ،ئايالىمدىن سىرت قىز دوستمۇ تۇتۇپ باقتىم،دەسلەپتە پۈتۈن دەردىمنى تۆكۈۋېلىپ مېنى چۈشىنىدىغان ئادەم تاپتىم دەپ خۇشال بولۇپتىكەنمەن.ئەسلىدە ئۇمۇ مېنى چۈشەنمەيدىغانننىڭ بىرى ئىكەن.ئەكسىچە ئاخىرغا بارغانسىرى بۇ ئىشلار يۈكۈمنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتى.

”بالىلىققا قايتقۇم بار“ دېگەن بۇ ناخشا ماڭا خۇددى مېنىڭ قەلب سۆزۈمنى ئېيتقاندەك بىلىنەتتى.ھازىرمۇ مەن بەزىدە باللىلىقىمدىكى ئالاھىدىلىكلىرىمدىن پايدىلىنىپ پىسخىكامنى تەڭشەيمەن.بەزىدە ھەممىنى ئۇنتۇپ باللىرىم بىلەن كىچىك بالىدەك ئويناپ كېتىمەن.بەزىدە ئازراق ھاراقنى باھانە قىلىپ،كىچىك بالىدەك تازا يىغلىۋالىمەن.بەزىدە ئاپامغا ياكى ئايالىمغا تازا ئەركىلىۋالىمەن.ئازراقلا ئاغرىپ قالسام كىچىك بالىدەك چىدىماسلىق قىلىپ يېتىۋالىمەن.ئەگەر بۇ ئىشلار بولمىغان بولسا،بەلكىم بېسىمغا چىدىماي،پىسخىكام ئاللىمبۇرۇن نورمالسىزلىشىپ كەتكەن بولاتتى.

ئەلۋەتتە،بۇ پەقەت پىسخىكىنى تەڭشەشتىكى بىر ئۇسۇل.بىردىنبىر ئۇسۇل ئەمەس.بىراق دائىم قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغاندا چېكىنىپ،بۇ ئىپتىدائى ئۇسۇلنى قوللىنىۋېرىپ ياكى چېكىنىش،باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ئىچ ئاغرىتىشىغا ئېرىشىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقتىن قاچىمەن دەپ ئويلاشمۇ نورمالسىزلىق.چۈنكى چېكىنىش ئەمىلىيەتكە يۈزلىنىش ئەمەس،شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى قەرەللىك ھالدا قىسمەن قوللىنىش ئىنتايىن مۇۋاپىق تاللاشتۇر.

8.خام خىيال ئارقىلىق پىسخىكىسىنى قوغداش

  خام خىيال ئادەتتە ئىشقا ئېشىش ئېھتىماللىقى بولغان غايە بىلەن ئىشقا ئېشىش ئېھتىماللىقى بولمىغان قۇرۇق خىيالدىن تەركىپ تاپىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدا كىشىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچىراپ ئۇنى ھەل قىلىشقا ئامالسىز قالغاندا،خام خىيال قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق  ئەمىلىي تۇرمۇشتىن ئايرىلىپ،خىيالىي دۇنيادا بىر مەزگىل تۇرۋالغاندىن كىيىن،ھېسىيات ۋە ئۈمىدلىرى توغرىسىدا ئەركىن خىيال قىلىپ پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدۇ.بۇ ئىدىيە جەھەتتىكى بىر خىل چېكىنىشتۇر.مەسىلەن:ئەمىلىي تۇرمۇشتا ئەرلەر تەرپىدىن ئالدانغان ئاياللار،كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى ۋە كېلىشكەن بىر يىگىتكە ئېرىشىشنى خىيال قىلىدۇ؛باشقىلار تەرپىدىن بوزەك قىلىنغان بالىلار كەلگۈسىدە سادىر پالۋاندەك باتۇر ئادەم بولۇشنى خىيال قىلىدۇ.

ئەمىلىي مىسال:

تولۇق 2-يىللىقتىن باشلاپ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان قىز ساۋاقدېشى بىلەن ئاخىر بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان كۈندىن تارتىپ،ھېسىياتىنى قاچان،قانداق ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەشنى ئويلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ يىگىت ،ئاخىر ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى تۇنجى يېڭى يىل كېچىسىنى مۇۋاپىق كۈن دەپ تاللىدى.بىراق ئادەتتە ناھايىتى يېقىن ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەۋاتقان بۇ قىز،بۇ يىگىتنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى كەسكىن ئېيتىپ،يىگىتنى پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندۈردى.ئىككى يىلدىن ئارتۇق قىلغان تەييارلىقلىرى ۋە زور ئۈمىدى بىردىنلا بەربات بولغان بۇ يىگىت بىراقلا ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندەك ئازاپلانغان پېتى،ئالدى-ئارقىغىمۇ قارىماي ياتىقىغا ماڭدى.ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئىختىيارسىز تاراملايتى.نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا چىدىغان بۇ چوپچوڭ يىگىت ،بۈگۈنكى ئازاپقا چىدىمىغاندەك قىلاتتى.ئاخىر كارۋىتىغىمۇ چىقىپ باقتى،كۆزىنىمۇ يۇمۇپ باقتى.بىراق يەنىلا قاتتىق ئازاپلىنىۋاتاتتى،شۇنداق يېتىۋىتىپ ئۇشتۇمتۇت ئۇ قىز بىلەن ساۋاقداش بولۇپ،ئۆتكەن ۋاقىتلىرى ئېسىگە كېلىپ قالدى.ئاستا-ئاستا بۇ خاتىرسى خىيالغا قاراپ تەرەققىي قىلدى.خىيالىدا ئۇ قىز بۇ يىگىتنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلغاننىدى.،ئىككىسى بىرلىكتە خۇشال كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۋاتاتتى.خىيال قىلغانسىرى يىگىتنىڭ ئازاپلىرىمۇ يېنىكلەپ قالغاندەك بىلىندى.بىراق ئەمىلىيەتكە قايتىپ كەلسە،يەنىلا قاتتىق ئازاپلىناتتى.ئاخىر گۈزەل خىياللارنى قىلىپ،ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى.شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بۇ يىگىت ئەمىلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،بىر مەزگىل گۈزەل خىياللار ئىچىدە ئۆتتى.كەيپىياتى سەل نورماللاشقاندىن كىيىن،تۇرمۇش توغرىسىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئاستا-ئاستا تونۇپ يېتىپ،بۇ ئازاپلىق مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇپ چىقتى.

ئاكتىپ تەرىپى:ئەمىلىيەتتە ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى خام خىيال ئارقىلىق ھەل قىلىپ پىسخىكىلىق جەھەتتىن تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

پاسسىپ تەرىپى:خام خىيال ئادەتتە ئادەملەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ،ئۆزىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقى ۋە ئۈمىدسىزلىككە تولغان پوزىتسىيىسىنى كەچۈرۈپ،باشقىلارنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەمىلىي تۇرمۇشىغا باھا بېرىدۇ.بۇ بىر خىل غايىبانىلىك بولۇپ،ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس.شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش ۋاقتى بەك ئۇزراپ كەتمەسلىكى كېرەك.

9.تولۇقلاش ئارقىلىق پىسخىكىسىنى قوغداش

بۇ خىل ئۇسۇل،ئادەملەر ئوخشىمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيىسى ۋە پىسخىكىسىدىكى نوقسانلاردىن پەيدا بولغان ماسلاشماسلىقنى تولدۇرۇپ،ماسلاشماسلىقتىن پەيدا بولغان تەڭپۇڭسىز ھالەتنى قوغداش قابىيلىتىگە قارىتىلغان.بۇ خىل نوقسان ئەمىلىيەتتە بار بولىشىمۇ مومكىن ياكى خىيالدىكى نوقسان بولىشىمۇ مومكىن.مەسىلەن،بەزى مېيىپ ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتەن ئەمىلىيەتتە نوقسانلىرى بولىدۇ،ئۇلار ئۆزىدىكى نوقسانلارنى نەتىجىلىرى ئارقىلىق تولۇقلىماقچى بولىدۇ.روزۋېلىت،سىماچىيەن،خۇالوگېن،جاڭخەيدى قاتارلىق نۇرغۇن شەخسلەر،گەرچە مېيىپ بولسىمۇ،ئۆزىدىكى بۇ فىزىئولوگىيىلىك نوقسانلارنى تولۇقلاش پىسخىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە،ساق ئادەملەردىنمۇ يۇقىرى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

 

بەزى ئادەملەر پىسخىكىلىق جەھەتتە خاتالاشقاندىمۇ،ئۇنى تولۇقلاش ئارقىلىق پىسخىكىسىنى تەڭشەيدۇ.مەسىلەن:بالىلارنى خاتا ئەيىبلەپ قويساق،كەينىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق تولۇقلايمىز؛ئائىلىدە ئەر-ئاياللار ماجىرالىشىپ قالسا،كىيىن ئەپۇ سورىشىش ياكى سوۋغا-سالام بېرىش بىلەن ئۇنى تولۇقلايدۇ،تۇرمۇشتىكى خاتالىقلىرىمىز سەۋەبىدىن،باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ قويساق،باشقا ئۇسۇل بىلەن تولۇقلىۋەتسەك ئاندىن خاتىرجەم بولىمىز.

ئەمىلىي مىسال:

يېقىندا شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ 2-قانىلىدىكى“كۆڭۈلدىكى سۆز“پروگراممىسى،خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيىسىدىن چىققان توختى مەمەت ئىسىملىك بىر مېيىپ(بىر پۇتى خېلىلا ئاقسايدىغان)تىجارەتچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.بۇ كىشىنىڭ نەتىجە قازىنىش جەريانىنى پىسخىكىلىق جەھەتتىن تەھلىل قىلىشقا مەنمۇ قاتناشقان.بۇ كىشىنىڭ تارىخى دەل فىزىئولۇگىيىلىك جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ئارقىلىق پىسخىك تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىش جەريانىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

بىر پۇتى كىچىكىدە ھارۋىغا قىسىلىپ قېلىپ مېيىپ بولۇپ قالغان بۇ يىگىت،يېزىدا ئەمگەك قابىيلىتى بولمىغانلىقتىن،باشقىلارنىڭ مەسخىرسىگە ۋە مەنسىتمەسلىكىگە كۆپ قېتىم ئۇچىرىغان.،ھەتتا مىيىپلىقى سەۋەبلىك توي ئىشىمۇ سۇغا چىلاشقان.بۇنىڭ بىلەن توختى مەمەت“خەپ،بىر پۇل تېپىپ،داڭلىق شەخس بولۇپ،ھەممىڭلارغا مېيىپلارنىڭ ساقلاردىنمۇ بەكرەك قابىيلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويمىسام“دېگەن قارارغا كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن 1987-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ 1997-يىلىغىچە،ئون يىل ئىچىدە بىر تەرەپتىن ئاشخانىدا ئىشلەپ،يەنە بىر تەرەپتىن،كېچىدە قۇشخانىغا بېرىپ ئىشلەپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق،ئاخىر تىجارەتتە ياخشى بىر پۇرسەتكە يولۇقۇپ بېيىپ كەتكەن.گەرچە كىيىنكى كۈنلەردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولسىمۇ ئۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،مېيىپلارغا،قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلالىغۇدەك بايغا ئايلانغان.

ئەمىلىيەتتە،بۇ خىل مۇددىئانىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىدە كۈچلۈك ئىرادە،توغرا قاراش،قانۇن ۋە ئەخلاق-پەزىلەت ساپاسى قاتارلىقلارنىمۇ يىتىلدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمىغان.

10.مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق پىسخىكىسىنى قوغداش

 

  بۇ ئۇسۇل،ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىغاندا ياكى نىشانغا يېتەلمىگەندە،ئۆزىنىڭ قىلمىشى ئىجتىمائىي ئۆلچەمگە توشمىغاندا،سەۋەبىنى مۇۋاپىق تەھلىل قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئەسلىي مۇددىئاسى ۋە ئۈمىدلىرىنى يۇشۇرۇپ،پىسخىكىسى ئارام تاپىدىغان سەۋەبلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىسخىكىسىنى قوغداش قابىيلىتىگە قارىتىلغان.

بۇ ئادەملەر ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ئۇسۇل بولۇپ،ئۇنىڭ ماھىيىتى ئۆزىگە پايدىلىق بولغان سەۋەبلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى يېپىپ قېلىپ،پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىشتىن ئىبارەت.ئەمىلىيەتتىمۇ يۈز بەرگەن ھادىسىنى ھەر خىل تەرەپتىن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن:“قولى يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق“تەمسىلىمۇ نەق مۇشۇ قابىلىيەتنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.بىز ئېرىشەلمىگەن ئادەملەرنى،ئ.الالمىغان نەرسىلەرنى،بارالمىغان يەرلەرنى،ناچار،ئەسكى دەپ ئويلىساق،كۆڭلىمىز ئازراق ئەمىن تېپىپ قالىدۇ.يەنە ”قاغا بالام ئاپپاق،كىرپە بالام يۇمشاق“دېگەن تەمسىلمۇ نەق مۇشۇ قابىيلىيەتنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.بىز ئېرىشكەن ئادەم،بىز ئالغان نەرسە،بارغان يەرلەرنى ھەممىسىنى ياخشى ئىلغار دەپ قارىساق خۇشاللىق ھېس قىلالايمىز.ئۇنىڭدىن باشقا،ئاكىسى سىڭلىسىنىڭ كەمپۈتىنى تالىشىپ يېۋىلىپ،ئاپىسىغا سىڭلىمنىڭ چىشىنى قۇرۇت يەپ كەتمىسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم دەپ چۈشەندۈرىدۇ…..

ئەمىلىي مىسال:

 يېقىندا مەن يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ تۇنجى سائەتلىك دەرسىدە،پىسخىلوگىيە توغرلۇق دەرس مەزمۇنىنى ئازراق چۈشەندۈرگەندىن كىيىن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ئۆز تۇرمۇشىدىكى كۆڭلى ئەڭ يېرىم بولغان بىر ۋەقەنى ھەم بۇ خىل ھالەتتىن قانداق قۇتۇلغانلىقىنى سۆزلەتتىم.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بىر قىز،ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ھەم ئالىي تېخنىكۇمغا ئۆتكەنلىك چاقىرىق قەغىزىنى  ئالغان چاغدىكى روھى كەيپىياتى،ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئازاپلانغان مىنۇتلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.چۈنكى،ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ قىزنىڭ ئوقۇشى ئىزچىل ياخشى بولۇپ،نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن چىقىپ قېلىش سەۋەبىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن.ھەتتا سىنىپتا ئۆزىنىڭ كەينىدە تۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىمۇ ئۆزىنىڭكىدىن ياخشى چىقىپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگەن چاقىرىق قەغىزىمۇ تولۇق كۇرۇسنىڭ بولماستىن،ئالىي تېخنىكۇمنىڭ بولۇپ قالغىنى تېخىمۇ ئازاپ ئېلىپ كەپتۇ.چۈنكى،نۇمۇرى سەل تۆۋەن بولغان بىلەن يەنىلا تولۇق كۇرس چېكىدىن يۇقىرراق ئىكەن.ئۇ قىزنىڭ ھازىرقى روھى كەيپىيات ھالىتى يامان ئەمەس ئىدى،شۇڭا ئۇنىڭ قانداق قىلىپ يۇقىردا بايان قىلغان پاسسىپ ھالىتىنى يېڭەلىگەنلىكىگە قىزىقپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.

  بۇ قىز بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كىيىن ناھايىتى كەسكىن ئاھاڭدا“مېنىڭچە مەن تىرىشتىم،بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئىمتىھان مائارىپى ۋە باشقۇرۇشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كۆرىمەن.شۇڭا گەرچە دەسلەپتە بىر نەچچە كۈن قاتتىق ئازاپلانغان بولساممۇ،كىيىن ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ نۇرغۇن ئىشلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم.ئاخىر ئالىي تېخنىكۇم بولسا نېمە بوپتۇ،باشقىلار بەش يىلدا ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى مەن ئۈچ يىلدا تېخىمۇ مۇككەممەل ئۆگىنىپ بولسام بولىدىغۇ،ئاساسلىق سەۋەب ئىچكى سەۋەب بولغاچقا،مەيلى قانداق مەكتەپ،قايەردىلا ئوقۇي تىرىشىپ ياخشى ئۆگەنسەم چوقۇم ياخشى نەتىجە قازىنالايمەن.ئەگەر تولۇق كۇرستا ئوقۇماقچى بولسام، ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش شەكلىنى قوللانسام ياكى خىزمەت ئىشلەۋىتىپ چوڭلار مائارىپىدا ئوقۇسام بولىدىغۇ،تېخى باشقىلاردىن بالدۇراق خىزمەتكە چىقىپ،ئاتا-ئانامنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتەلەيدىكەنمەن،دېگەنلەرنى ئويلاپ باشقىچە جانلىنىپ كەتتىم،تېخى ئاخىردا ھېلىمۇ تولۇق كۇرستىن چاقىرىق كېلىپ قالماپتۇ دېگەن خىيالغىمۇ كېلىپ قالدسىم.مانا ھازىر روھى كەيپىياتىممۇ ياخشى“دەپ جاۋاپ بەردى.

   دېمەك بۇ خىل ئۇسۇل سىرتقا چاپلاش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدۇ،ئۆزىڭىزدە مەۋجۈت بولغان مەسىللەرنى،مەسىلەن،ئېلىپ بولغان كىيمىڭىز،تاللاپ بولغان جۆرىڭىز ئاتا-ئانىڭىز… قاتارلىقلارنىڭ مۇۋاپىق ئاكتىپ تەرەپلىرىنى چوقۇم ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ ھەممىدىن ياخشى دەپ ئويلاش ئارقىلىق پىسخىكىنى تەڭشەش ئۇسۇلىدۇر.

11.باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق قوغداش قابىلىيىتى

باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش دېگىنىمىز،بىر خىل پائالىيەت ئارقىلىق،ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى بىۋاستە قاندۇرۇپلا قالماستىن،يەنە ئىپادىلىگەن قىلمىشى ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم قىلالايدىغان ۋە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان ھەم جەمىيەتنىڭ ماختىشىغا ئېرىشەلەيدىغان پىسخىك قوغدىنىش ئۇسۇلىدۇر.مەسىلەن:كىچىك بالىنى ياخشى كۆرىدىغانلار،ئامال قىلىپ بالىلار باغچىسىدا خىزمەت قىلسا،كۈندە بالىلار بىلەن بىللە بولالايدۇ ھەم بالىلارغا قاراپ،ئۇلارنى تەربىيلەپ،باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ۋە جەمىيەتتىكى ئورنى ئارقىلىق خوشاللىق تاپالايدۇ.

 

ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان،يەنى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇغۇچىلارغا،يىتىم-يىسىرلارغا،يول ياساشقا ياردەم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنى قانائەتلەندۈرىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ قانائەتلەندۈرىدۇ،بۇ ئارقىلىق خوشاللىق تاپىدۇ.

 

ئەمىلىي مىسال:

نۇرغۇن ئادەملەر گۈل باقىدۇ،گۈلگە قىزىقىدۇ،گۈلنىڭ ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن.گۈلنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرگەن پايدىسىمۇ كۆپ،بولۇپمۇ ئادەمنىڭ پىسخىكىلىق،فىزىئولوگىيىلىك سالامەتلىكىگە كەلتۈرگەن پايدىسى ناھايىتى كۆپ.ئۆتكەندە دېرىزىسىگگ نۇرغۇن گۈل تىزىپ،ئەتىراپتىكى خوشنىلارنى ھۇزۇرلاندۇردىغان،پىنسىيىگە چىققان بىر ئايال قوشنىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.ئۇ ماڭا: ”مەن بۇرۇندىن گۈلنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم،بولۇپمۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كىيىن گۈلگە تېخىمۇ ھەۋەس قىلىدىغان بولدۇم.ھەر بىر شاخ بىخ سۈرۈپ،گۈل ئېچىلغاندا خۇددى خىزمەتتە نەتىجە قازانغاندەك خۇشال بولۇپ كېتىمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈل بىلەن ھەپىلىشىپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى بىلمەي قالىمەن.ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەنلەر ياكى قوشنىلار گۈلۈمنى ماختىسا ياكى قوشنىلار گۈلدىن ئازراق كۆچۈرۈپ بېرىڭ دەپ كىرسە،گۈلۈمنىڭ ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزگىنىنى كۆرسەم قەۋەتلا خۇشال بولۇپ،نەچچە ياش ياشىرىپ كەتكەندەك بولۇپ كېتىمەن“دېدى.

      دېمەك،باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىپ،ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ خۇشاللىققا ئېرىشىش ئارقىلىق پىسخىكىسىنى قوغداش،تۇرمۇشتا كەڭ تەشۋىق قىلىش كېرەك بولغان ھەم  ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە ئۇسۇلدۇر.

 

12.يۇمۇرىستىك بولۇش ئارقىلىق پىسخىكىسىنى قوغداش

 

  بەزىدە ئادەملەر قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قالغاندا،يۇمۇرىستىك بولۇش ئارقىلىق قىيىن ئەھۋالدىن ئۆتىۋالىدۇ؛ياكى يۇمۇر ئارقىلىق ۋاستىلىك ھالدا يۇشۇرۇن ئاڭدىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەيدۇ،نۇرغۇن زىدىيەتلەرنى تەڭشىيەلەيدۇ،بۇ خىل پىسخىكىلىق قوغداش قابىيلىتىنى يۇمۇرىستىك بولۇش ئارقىلىق پىسخىكىسىنى قوغداش دەپ ئاتايمىز.نۇرغۇن سورۇنلاردا بىۋاستە ئىپادىلەيدىغان مەقسەتنى،يۇمۇرلۇق قىلىپ ئىپادىلىسەك،نۇرغۇن زىدىيەتلەردىن ساقلىنالايمىز.

ئەمىلىي مىسال:

     بىر كۈنى بىر تويدىن يېنىپ ئەر-ئايال بىر نەچچەيلەن بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق.ئەسلىدىلا ئەرلىرىمىز ئازراق كەيپ ئىدى.بىزنىڭ كەينىمىزدىكى جوزىدىلا بىر توپ قىزلار ئولتۇرۇپتۇ.بىر دوستۇمنىڭ يولدىشىنىڭ كەينىدىلا ناھايىتى يالاڭ كىيىنىۋالغان بىر قىز ئولتۇرۇپتۇ،ھەممەيلەن ئازراق قىززىۋالغاچقا،دوستۇمنىڭ يولدىشى كەينىگە قاراۋەردى.ھەممەيلەن ئەنسىرەپ ئولتۇردۇق،ئايالى خاپا بولۇپ بىر نەرسە دەپ قالسا،زىدىيەت چىقارمۇ،خۇشال كىرىپ خاپا چىقىدىغان بولدۇق دەپ ئويلىساق،ئەمىلىيەت ئۇنداق بولمىدى.كەينىمىزدىكى مودا قىز بوينىدىن چىگىدىغان كىيىم كىيىۋالغانىكەن.دوستۇم ناھايىتى يۇمۇرىستىك قىلىپ يولدىشىغا:“سىزنىڭ قولىڭىز ئىتتىكرەك،كەنىڭىزدىكى قىزنىڭ بوينىدىكىنى يىشىۋەتمەڭ يەنە،ئۇ قىز خىجىل بولۇپ كەتمىسۇن جۇمۇ“دېدى،پۈتۈن جوزىدىكىلەر كۈلۈپ كەتتۇق.ئۇنىڭ يولدىشىمۇ بىز بىلەن تەڭ كۈلۈپ كەتتى-دە،كەينىگە قايتا بۇرۇلۇپ قارىمىدى.

 

دېمەك،يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن پىسخىكىلىق قوغداش قابىيلىتىنى خۇلاسىلىساق،ئادەملەر ئوڭۇشسىزلىققا ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغاندا،دائىم قايغۇرۇپ پاسسىپ كەيپىياتقا چۆكىدۇ.بۇ قايغۇلۇق پاسسىپ كەيپىياتنىڭ بىزنى قىينىماسلىقى ئۈچۈن،بولۇپمۇ ئۇزۇن مەزگىل قىينىماسلىقى ئۈچۈن،تەشۋىشلىك پىسخىكىلىق ھالەتنىڭ پەيدا بولىشىدىن ئامال بار ساقلىنىشىمىز كېرەك.

 

زىۋىدە ئابدۇكېرىمنىڭ“ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىك دوختۇرى بولۇشنى خالامسىز“ ناملىق كىتابىدىن  قىسقارتىپ رەتلىگۈچى:لوپنۇرى

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif