لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى

ۋاقتى: 2011-07-11 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 153 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى

ئابدۇرېھىم ئابدۇللا 

يىمەك-ئىچمەك ئادىتى

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىمەك- ئىچمەك جەھەتتە باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا ئۆزىگە خاس بىر ئالاھىدىلىكى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-،40-يىللىرىغا قەدەر ئۇلارنىڭ يىمەك-ئىچىمەك تەركىبىدە بېلىق، گۆشنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا، ئۇجۇل، ئاشلىق (ئاساسەن بۇغداي ئۇنى)، جىگدىنىڭ قوشۇمچە ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكى ۋە ئىستىمال ئۇسۇلىدا ئىپادىلىنىدۇ. لوپنۇرلۇقلار بېلىق ۋە گۆشنى يېڭى پېتى سۇدا پىشۇرۇپ ۋە كاۋاپ قىلىپ يىيىشنى ئەلا بىلىدۇ.بېلىق،گۆشنىڭ شورپىسىغا ئازراق جىگدە سېلىپ ئىچىدۇ، بەزىدە ئازراق ئۇجۇل ياكى ئۇن چېلىپ ئۇماچ قىلىپمۇ ئىچىدۇ. لوپنۇرلۇقلار بېلىق ۋە گۆشنى كاۋاپ قىلىپ يىيىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بېلىق كاۋىپىمۇ ئىككى خىل بۇلىدۇ، بىرخىلى يېڭى بېلىق كاۋىپى، يەنە بىرخىلى قاق بېلىق كاۋىپى دەپ ئاتىلىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى بېلىق كاۋىپى بولمىسۇن ناھايىتى مەززىلىك كىلىدۇ. لوپنۇرلۇقلار بېلىقنى كۆپىنچە ھاللاردا تىلىپ ياكى سىرتلاپ، تۇزلىماي شامالدا قۇرۇتۇپ قاق قىلىدۇ ۋە ئۇنى قۇمغا كۆمۈپ ساقلاپ يەيدۇ. قۇمغا كۆمگەندە، بىرىنچىدىن، كۈيە چۈشمەيدۇ، ئىككىنچىدىن، تەمىدىن كەتمەيدۇ.شۇڭا قاق بېلىق كاۋىپى ئالاھىدە مەززىلىك بىرخىل تەمگە ئىگە. قاق بېلىقنى سۇدا پىشۇرۇپمۇ يەيدۇ، ئەمما سۈيى ئىچىلمەيدۇ. لوپنۇرلۇقلار بېلىق يىيىشكە شۇنداق ماھىركى، بىرتەرەپتىن يەپ، يەنە بىرتەرەپتىن جاۋغىيىدىن قىلتىرىقلىرىنى چىقىرىپ چۈشۈرۈپ تۇرىدۇ. گۆشنىمۇ ئىككى خىل كاۋاپ قىلىپ يەيدۇ. بىرخىلى، زىخ كاۋاپ، بىرخىلى، كۆممە كاۋاپ دەپ ئاتىلدۇ. زىخ كاۋاپ ئادەتتىكى باراۋەت كاۋاپلىرىغا ئوخشاش، ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا سۆڭەكلىرى بىلەن قوشۇپلا كاۋاپ قىلىندۇ، كۆممە كاۋاپ ئاساسەن قوغقا كۆمۈپ پىشۇرىلىدۇ. جەريانى مۇنداق : قوي تۇلۇمچە سويۇلىدۇ، گۆش پارچىلىنىپ تۇلۇم ئىچىگە سېلىنىپ، مەلۇم مىقداردا تۇزى تەڭشەلگەن سۇ قۇيۇلۇپ تۇلۇم ئاغزى مەھكەم باغلىنىدۇ، ئاندىن ئوت قالاپ قىزدۇرلغان  قۇم چوغ ياكى يۇلغۇن يودىسىدىن پەيدا بولغان دۆڭگە ئوت يېقىپ ھاسىل قىلىنغان چوغقا كۆمۇپ پىشۇرۇلىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كۆممە كاۋاپ شۇنداق تەكشى، چىرايلىق سارغىيىپ، مەززىلىك پىشىدىكەنكى، ھەتتا سۆڭەكلىرىمۇ ئېرىپ كىتىش ھالىتىگە كىلىدىكەن، ئەگەر ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا دورا دەرمەك سېلىنغاندا، تەسۋىرلىگۈسىز يەنە بىرخىل ئالاھىدە تەم كىرىدىكەن.

ئۇجۇل ۋە ئۇنىڭ ئىستىمال قىلىنىشى: يىكەن چىچىكىدىن ھازىرلانغان ئۇن«ئۇجۇل» دەپ ئاتىلىدۇ. يىكەن چىچىكى ئۇجۇل دەپ ئاتالغاچقا، ئۇنىڭ ئۇنىمۇ «ئۇجۇل» دەپ ئاتالغان. يىكەن ئۆسۈپ ۋايىغا يەتكەندە بەش-ئالتە سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا باش ئېلىپ سېرىق چىچەكلەيدۇ. بۇ پەسىلدە كىشلەر كېمە بىلەن دەريا-كۆللەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئۇنى قېقىپ ئالىدۇ-دە،قۇرۇتۇپ، سوقۇپ تاسقاپ ئۇن قىلىۋالىدۇ. بىرنەچچە تاغار ئۇجۇلىدىن بىرەر-يېرىم خالتا ئۇن قىلغىلى بۇلىدۇ. ئۇ، قۇۋەتلىك ۋە تېتىملىق بولغاچقا، بىرقازان بېلىق ياكى گۆش شورپىسىغا ئىككى ئۈچ چىمدىم سالسىلا كۇپايە قىلىدۇ. ئۇجۇل ئادەتتە ئاساسەن بۇلماق ياكى قاتۇرما(ئۇجۇل ھالۋىسى) قىلىنىپ، ئەتىگەنلىكى چاي بىلەن بىرەر كېسىكتىن يىيىلىدۇ. ئۇجۇل قاتۇرمىسى بېلىق يېغىدا ئادەتتىكى ھالۋىدەك ھازىرلىنىدۇ. پىشقاندا قاچىغا ئېلىپ كىسىپ قويۇپ ئىستىمال قىلىندۇ. ئۇ شۇنداق مەزىلىك، قۇۋەتلىك كىلىدۇكى، ئىككى كىسىك ئارتۇق يەپ ئالسا، كەچكىچە قورساقنى ئاچۇرمايدۇ. لوپنۇرلۇقلار ئەزىز مىھمانلارنى گۆش ۋە بېلىقتا كۈتىۋىلىش بىلەن بىللە ئۇجۇل بۇلىمىقى، ئۇجۇل ھالۋىسى بىلەنمۇ كۈتۈۋالىدۇ. ئۇجۇلنىڭ تەركىبىدە بىرخىل ماي ماددىسى بولسا كېرەك، شۇڭا ئۇ ھۆل ۋاقتىدا شىلىمسىمان-يېپىشقاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىنىڭ يوقىرى بۇلىشى شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىشى مۇمكىن. دۇنيادا دەريا، كۆل بويلىرىدا ياشايدىغان باشقا مىللەتلەر يىكەننىڭ توزغاقتىن سىرىت مۇنداق ئوزۇقلۇق تەركىبى يوقىرى يەنە بىرخىل مەھسۇلات بېرىدىغانلىقتىن خەۋەرسىز بۇلىشى مۇمكىن.شۇڭا، پەندە ئۇنىڭ تەركىبىدە قانداق ماددىلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدا بىرەر مەلۇمات بېرىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. بۇ نوقتىدىن ئۇجۇلنى لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىركەشپىياتى دىيىشىگە بۇلىدۇ. بۇ مەخسۇس تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك بىر تېما.

بېلىق تالقىنى: قاق سېلىپ ئوبدان قۇرۇتۇلغان بېلىق سوقۇپ تاسقاپ ئۇن قىلىنىش بىلەن ئۇنىڭغا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقى ئارلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ. بېلىق تالقىنى قايناق سۇدا چېلىنىپ بېلىق يېغى ياكى سېرىق ماي ئارلاشتۇرۇلۇپ يىيىلىدۇ. بۇمۇ ناھايىتى مەزىلىك ۋە قۇۋۋەتلىك كىلىدۇ.

جىگدە: جىگدە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بېلىق ۋە گۆش شورپىسى، ئۇماچ كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنىڭسىز ئىچىلمەيدۇ، تالقانمۇ ئۇنىڭسىز يىيىلمەيدۇ. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى جىگدىنى نان جىگدە، قاغا جىگدە دەپ ئىككى خىلغا ئايرىيدۇ. نان جىگدە ئۆلكە يېرىدە ئۆستۈرۈلگەن جىگدىگە قارىتىلىدۇ، قاغا جىگدە تەبئىي جىگدىزارلىقتىن ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ياغ جىگدە، ياغ كۆتەن جىگدە، ئاق جىگدە دىگەن سورتلىرى بۇلۇپ، ئەڭ ياخشىسى ياغ جىگدە. ئۇ پىشقاندا ھەممە يېرى خۇددى مايغا چىلاپ قويغاندەك خورما رەڭ ھالەتكە كېلىدۇ، ئۇنىڭ تەمى خورمىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

ئۇن تاماقلىرىدىن ئاساسەن تالقان، ئۇماچ، كۆمەچ، نان، سۇيۇقئاش، پوسۇلاق ئاش( خېمىرى لەڭمەندەك ئېشىلىپ سۈتتە پىشۇرۇلىدۇ)، پېشكەك (سۈتتە ئېتىلىدىغان بىر خىل شويلا)، مانتا ، چۆچۈرە قاتارلىق تاماقلار ئىستېمال قىلىنىدۇ. لەڭمەن، پولۇ قاتارلىق تاماقلار كيىنكى ۋاقىتلاردا ئومۇملاشقان. لوپنۇرلۇقلاردا بۇرۇن مانتا «مالۇنپۇتۇ»، چۆچۈرە «چۆچپورە»دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. چۈنكى مانتىنىڭ تۈگۈلۈشى مولۇن پۇتىغا ئوخشاپ كەتكەچكە، شۇنداق ئاتالغانىكەن.ھازىر جانلىق تىلدا مانتا «مانتۇ»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.مېنىڭچە،تىلىمىزدىكى تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە ئالمىشىش قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن «مانتۇ»نى «مالۇنپۇتۇ»نىڭ ۋارىيانتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن مانتىنىڭ بەزىلەر ئىيتقاندەك، باشقا مىللەتلەردىن كىرىپ ئۆزلەشكەن تاماق ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا بۇرۇن چامغۇر، زەدەك، پىيازدىن باشقا كۆكتات تۈرلىرىنى ئۆستۈرۈش ئانچە ئادەت قىلىنمىغاچ، قورۇما تاماقلارنى يېيىشمۇ ئانچە ئادەت قىلىنمىغان.لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۇن تاماقلىرى ئىچىدە كۆمەچ، بولۇپمۇ گۆشلۈك كۆمەچ بىلەن توقاچ ناھايىتى داڭلىق. گۆشلۈك كۆمەچ بىلەن توقاچ ناھايىتى داڭلىق. گۆشلۈك كۆمەچ خۇددى پېتىر مانتىدەك شورپىلىق ۋە مەززىلىك بولىدۇ. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، يالغۇز قوينىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئات، كالا، تۆگە ۋە ئوۋ ھايۋانلىرىنىڭ ئۆپكە، ئۈچەيلىرىنى يېمەيدۇ، غاز، ئۆردەك، قىرغاۋۇل، كەكلىك، توخۇ قاتارلىق قۇش گۆشىنىمۇ كەڭ ئىستېمال قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇجۇر(يىكەن يىلتىزى) يېيىشمۇ ئومۇملاشقان. ئەمما ئۇجۇرنى يېمەكلىك ئورنىدا ئەمەس، بەلكى دورا ئورانىدا يەيدۇ. چۈنكى ئۇجۇر تاماق سىڭدۈرۈش، ئىشتەي ئېچىش، مىجەز تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇجۇرنى پات-پات، مۇۋاپىق ھالدا يەپ تۇرسا، ئادەم قۇرۇق ئىسسىق تۇتۇپ قېلىش، قەۋزىيەت بولۇش، كەم ئىشتەيلىك، مەيدە سۇسلىقى قاتارلىق كېسەللەردىن خالىي بولىدۇ. شۇڭا لوپنۇرلۇقلاردا بۇرۇن ئاشقازان كېسەللىكلىرى يوق دېيەرلىك ھالەتتە ئىدى. لوپنۇردا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇلارنىڭ ياشىغان جۇغراپىيىۋى مۇھىتى، نورمال ئەمگەكتىن ئايرىلماسلىقى، يوقىرىقىدەك تائاملارنى ئىستېمال قىلىشى بىلەن ماناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

مېھماندارچىلىق ئادەتلىرى

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ناھايىتى مېھماندوست، داستىخىنى كەڭ كېلىدۇ. ئادەتتە، مەھەللە ئىچىدە ئۆز ئارا كىرىپ-چىقىپ مېھمان بولۇشۇپ تۇرۇش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولمايدىغان بىر مەزمۇن. ھەرقاچان غىزا-تاماق ئۈستىگە كىرىپ كەلسە، چوڭ-كىچىك ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئېلىپ تۆرگە باشلايدۇ، ئالدىغا تاماق قويۇپ، ئاندىن ھال سورايدۇ. تاماق ئۈستىگە كىرگەن كىشىنى «ياخشى ئادەم ئاش ئۈستىگە، يامان ئادەم گەپ ئۈستىگە كىرەر» دەپ ئۇنى ياخشىلىققا جورۇيدۇ. كىرگەن كىشىگە قارىتىپ تاماق يېيېشنى قىزغانچۇقلۇق، پىخسىقلىقدەپ يامان ئالىدۇ.

  مەخسۇس چاقىرىلغان مېھمانلارنى مېھمان قىلىشتا قائىدە-يوسۇنغا قاتتىق دىققەت قىلىنىدۇ. ساھىبخان ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ كەلگەنلەر بىلەن سالاملىشىپ ئۇدۇللۇق ئۆيگە باشلاپ تۇرىدۇ.ئۇلاغلىق كەلگەنلەرنى مەخسۇس بىر كىشى ئالدىغا بېرىپ كۈتىۋېلىپ ئۇلاغنى قولىغا ئالىدۇ ۋە تېگىشلىك جايغا باغلاپ قويىدۇ. مېھمانلارنىڭ نوپۇز-ئابرويىغا قاراپ تۆرۋە تۆرنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدىن ئورۇن كۆرسىتىلىدۇ، ئاندىن قولىغا سۇ ئېلىنىپ داستىخان سېلىنىدۇ. 2-قېتىمدا توقاچ بىلەن چاي، ئۇجۇل ھالۋىسى ياكى ئۇجۇل بۇلمىقى، ئاندىن، بىر قاچىدىن قايماقلىق چاي قويۇلىدۇ. 3-قېتىمدا يېڭى پېتى سۇدا پىشۇرۇلغان بېلىق قويۇلىدۇ، بېلىق ئاخىرىدا بىر پىيالىدىن بېلىق شورپىسى كەلتۈرۈلىدۇ. 4-قېتىمدا يېڭى ئۆلتۈرلۈپ سۇدا پىشۇرۇلغان گۆش، گۆش ئاخىرىدىن بىر پىيالىدىن شورپا ياكى ئۇجۇل ئۇمىچى قويۇلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بىر نەچچە تاۋاق ئۇجۇل قۇيۇلىدۇ. ئۇجۇلنىڭ قۇيۇلۇشى مېھماندارچىلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما گۆش گۆشنىڭ سۈپەتلىك سانىلىدىغان دەرىجىسى بويىچە بەش دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. گۆشنىڭ دەرىجىسى مېھماننىڭ دەرىجىسىگە ماس كېلىشى شەرت. ئادەتتە، قۇيرۇق قوشۇلۇپ پۈتۈن دۈمبە1-دەرىجىگە،پۈتۈن سان 2-دەرىجىگە، پۈتۈن قول 3-دەرىجىگە، قوۋۇرغا4-دەرىجىگە، بويۇن5-دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. شۇنىڭدەك سان يەنە سۆجە، چوڭ ئىلىك، كىچىك ئىلىك دەپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. دۈمبە ھۆرمەتكە ئەڭ چوڭ مېھمان ئالدىغا؛ سۆجە، چوڭ ئىلىك، تاغاق، بوغچۇم ئىلىك ئارلاشتۇرۇلۇپ ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى مېھمانلار ئالدىغا، كىچىك ئىلىك، قوۋۇرغا، بويۇن ئارلاشتۇرۇلۇپ ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى مېھمانلار ئالدىغا، كىچىك ئىلىك، قوۋۇرغا بويۇن ئارلاشتۇرۇلۇپ ئادەتتىكىلەر ئالدىغا قويۇلىدۇ. تۆش ئايال مېھمانلار ئىچىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك مېھمان ئالدىغا قويۇلىدۇ. مېھمانلارمۇ قۇرۇق كەلمىگەچكە، ئۇلارنىڭ خۇرجۇنلىرىغا بىرەر سان ياكى بىرەر قول گۆش، توقاچ، خىل بېلىقتىن بىرنەچچىسى سېلىپ قويۇلىدۇ.

   لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا بۇرۇن توي ئېشى، نەزىر ئېشىدىمۇ يۇقىرىقى ئادەت بويىچە چايدىن كېيىنلا بېلىق، گۆش ۋە بىر قاچىدىن ئۇجۇل ياكى ئاق ئۇن ئۇمىچى قويۇش ئومۇملاشقان. كېيىنچە، بېلىق يېغىدا پوشكال پىشۇرۇپ، گۆشنى دەرىجىسى بويىچە پارچىلاپ ئۈچ پوشكال ئۈستىگە بىر پارچىدىن گۆش قويۇپ(نەزىردە خام گۆش قويۇلىدۇ)، كەلگەن مېھمانلارنىڭ ھەممىسىگە بىر ئۈلۈشتىن قويۇپ ئۇزىتىش ئومۇملاشقان.ھازىر چايدىن كېيىنلا ئاش قويۇپ ئۇزىتىلىپ كەلمەكتە.

تۇرمۇش ئادەتلىرى

 

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرى بىرقەدەر ئاز،ئۇلار ئاساسەن قوشاق ئېيتىش، ھېكايە سۆزلەش، ئوغلاق تارتىشىش، مەنىۋى جەھەتتە ئوزۇقلىنىپ كەلگەن. بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدە قوشاق ئېيتىشىش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار قوشاق توقۇش-ئېيتىشقا ناھايىتى ماھىر. لوپنۇر قوشاقلىرى ئۆزىنىڭ ئاددىي،ئەمما مەزمۇنغا باي، ئوبرازلىق،كۈيىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئەل ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن ئالغاندا، ۋەتەن، ئەمگەك، مۇھەببەتنى كۈيلەيدىغان قوشاقلار ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ.

تولا ماڭىپ قاپارىپ كەتتى پۇتۇم ،

زېرىكىمەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇم .

سەن يادىمغا يەتكەندە قىزىلگۈلۈم،

قانات تاقاپ لاچىن بۇلۇپلا ئۇچتۇم.

مانا مۇشۇ بىركۇپلىت قوشاقتىنلا يوقىرىدا ئېيتىلغان مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىكلەر تىپىك گەۋدىلەنگەن. لوپنۇر خەلقى ئىچىدە دائىم دېگۈدەك قوشاق ئېيتىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ تۇرىدۇ. بەزىدە مۇسابىقە كۈننى تۈنگە ئۇلاپ داۋاملاشتۇرلىدۇ. مۇنداق مۇسابىقىدىن خەۋەر تاپقانلار بىر-ئىككى كۈنلۈك يىراق جايلاردىنمۇ كېلىپ ئاڭلايدۇ.مۇسابىقە ئىككى ئەر ياكى ئىككى ئايال، ۋە ياكى بىر ياكى بىر ئەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىپ، بىر كۇپلىتقا قارشى بىركۇپلىت، بىريۈرۈش قوشاققا قارشى بىريۈرۈش قوشاق ئېيتىلىدۇ.بىر كۇپلىتقا قارشى بىر كۇپلىت ئېيتىلغاندا، قوشاق شۇ نەق مەيداندا تۇقۇلىدۇ. مۇنداق قوشاقلاردا بىر-بىرىنىڭ تەقى-تۇرقى، خۇسۇسىيەت ئالاھىدىلىكلىرى، قىلمىشلىرىنى تەسۋىرلەش مەزمۇن قىلىنىدۇ. بىر يۈرۈش قوشاقلاردا، مەلۇم بىر ۋەقە، سەرگۈزەشتىلەرمەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، مەنتىقىسى جەھەتتە ناھايىتى جىپسىلاشقان بولىدۇ. تىكەنلىك يېزىسىدا پوتا ئويناش مەزمۇن قىلىنغان مەشرەپ، شورپا، گۆش ئاساس قىلىنغان باغ باراۋىتى؛قاتارى مەشرەپ (قىش كۈنلىرى)ئۆتكۈزىلىدۇ. باراۋەت قاتارلىق مەشرەپلەردە دۇتتار بىلەن مۇقام ئاڭلاش، چاقچاق، كىتابخانلىق قاتارلىق پائالىيەتلەر بولىدۇ.

 

 

توي-تۆكۈن ئادەتلىرى

 

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي-تۆكۈن ئىشلىرىدا مۇشۇ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە ئىنتايىن تىپىك بىر نەچچە خىل مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، ئۇنى بىر قەدەر ئىپتىدائىي سودا خاراكتىرلىك تۈزۈم ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان مەزگىللەردىكى ئادەت قائىدىلەرنىڭ داۋامى ياكى ئىز قالدۇقلىرى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر نۇقتىلىق ھالدا تويلۇق تۈرلىرىنىڭ، تويلىشىىش جەريانىدىكى بەزى قەدەم-باسقۇچلارنىڭ مەزمۇنى ۋە ئاتالغۇلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. مەسىلەن:لايىق تاللاش«كۆزلەش ياكى نىشان كۆرىستىش»، ئادەم (ئەلچى)قويۇش«گەپ سېلىش»، كىچىك چاي (داستىخان تاشلاش)«چانچىق تۈگۈش»، چوڭ چاي «قولتۇقتۇق بولۇش»، تويلۇق«قالىن»دەپ ئاتىلىدۇ.

   نىشان كۆرسىتىشنىڭ جەريانى ۋە مەزمۇنى:

  ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ئويناپ يۈرگەن، ئۆيلىرىگە كېلىپ-كېتىپ يۈرگەن مەزگىللىرىدىن باشلاپلا قىز ياكى ئوغۇلنى ھەرجەھەتتىن كۈزىتىدۇ.مۇشۇ جەرياندا ئاتا-ئانىلارغا مەلۇم بىر قىز ياكى ئوغۇل يېقىپ قالسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزغا تۇيدۇرماي كۆڭلەك ئېتىكىنىڭ بىر يېرىنى يىرتىپ قويىدۇ،ئۇغۇلنىڭ بولسا دوپپىسى ياكى تۇمىقىغا ۋەياكى چاپىنىنىڭ دۈمبىسىگە بىر تال كالتە ئاق يىپ يېپىشتۇرۇپ قويىدۇ.يىگىت بىلەن قىز ھەقىقەتەن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسا، يىگىت قىزنىڭ بارمىقىغا ئۈزۈك سېلىپ ياكى بوينىغا تۇمار ئېسىپ قويىدۇ.قىز يىگىتكە مەخسۇس ئىشلەنگەن قول ياغلىق تۇتۇشتەك ئادەتمۇ بولغان. ئاتا-ئانىلار ئۇ بەلگە-ئالامەتلەرنى كۆرگەن ۋە سەزگەندىن كېيىن: ھە، قىزىمىز(ئوغلىمىز) غا لايىق چىقىپتۇ، دەپ ئويلىنىشقا باشلايدۇ ۋە مەلۇم بىر كۈنى قىز تەرەپكە گەپ سېلىپ ئادەم ئەۋەتىدۇ. گەپ سېلىشقا ئىككى-ئۈچ ئەركىشى بارىدۇ.

   چانچىق تۈگۈش،قولتۇقتۇق بولۇشتا ئېلىپ بېرىلىدىغان داستىخانغا بىرقەدەر بۇرۇنقى چاغلاردا پىشۇرۇلغان توققۇز ياكى يەتتە بېلىق بېشى، بىر كىيىملىك تورقۇ چەكمەن، ئازراق تۇز قوشۇپ ئاپىرىش؛قولتۇقتۇق بولۇش داستىخىنىغا توققۇز ياكى يەتتە بېلىق، بىر-ئىككى كىيىملىك تورقۇ چەكمەن، تۇز سېلىپ ئاپىرىش ئادىتى مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن.كېيىنچە، چانچىق تۈگۈشتىكى داستىخانغا بېلىق ئورنىغا شاتىۋا، تەدىرىجى زاۋۇت رەختلىرى سالىدىغان بولغان. قولتۇقتۇق بولۇش داستىخنىغا يېرىم قوي ئورنىغا بىر قوي، ئىككى-ئۈچ كىيىملىك رەخت سېلىپ كېلىدىغان بولغان.بۇ ئادەت تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. قولتۇقتۇق بولۇش ئەمەلىيەتتە ئەل-يۇرت ئالدىدا قۇدۇلىشىشقا بېرىلگەن ۋەدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مەيلى قايسىسى بولمىسۇن ھەرقانداق شارائىتتا يالتىيىۋېلىشقا بولمايدۇ.

 قالىن(تويلۇق): بۇرۇن قالىن(تويلۇق) ئۈچۈن بېلىق، ئۇجۇل،تورقۇ چەكمەن، تورقۇ، جىگدە، كېمە، گۆلمە(تور)، جەرەن، تۈلكە، مولۇن تېرىلىرى ئورنىغا قوي، كالا ياكى قوي، كالا بەدىلىگە كۆمۈش، يامبۇ سېلىنىدىغان بولغان. قول ئىلكىدە بارلار ئارا تويلۇق ئۈچۈن توققۇز ياكى يەتتە ئون بېلىق (20بېلىق بىر ئون بېلىق ھېسابىلىنىدۇ)، توققۇز ياكى يەتتە جەرەن، يا تۈلكە، يا مولۇن تېرىلىرى، بىرجۈپ كېمە، بىرجۈپ گۆلمە، توققۇز ياكى يەتتە كىيىملىك تورقۇ چەكمەن، ئىككى-ئۈچ خالتا ئۇجۇل، تۆت-بەش تاغار جىگدە، ئىككى ئارتىق تورقۇ؛ ئادەتتىكىلەر ئارا ھەممە ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ يوقۇرىقى تۈرلەر بويىچە سان، مىقتارىنى مۇۋاپىق كېمەيتىپ سېلىنىپ كەلگەن. قولى قىسقىلار ئارا ئىككى ئون بېلىق، بىر گۆلمە، يېرىم خالتا ئوجۇل، بىر خالتا جىگدە، بىر-ئىككى كىيىملىك تورقۇ چەكمەن سېلىنىپ كەلگەن. ئەمما بۇ ئادەتلەر 30-يىللاردىن كېيىن تەدىرىجىي ئۆزگۈرۈپ، يوقىرىقىدەك تويلۇق تۈرلىرىنىڭ ئورنىنى كالا، قوي، رەخت، ئاشلىق (بۇغداي ياكى ئۇن) ئالغان.

  توي مەرىكىسى قىز تەرەپتىلا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلاردىن تاشقىرى مەرىكىگە كەلگەن مىھمانلار بوسۇتسىز كېلەتتى، تۇغقانلار بىردىن تىرىك مال (قوي) يېتىلەپ كېلەتتى. بۇرۇن توي مەشرىپى بولماي مەرىكىدىن كېيىن ئوغلاق تارتىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇلۇپ قىز كۆچۈرلىدۇ.قىز كۆچۈرۈش جەريانىدا بولىدىغان قائىدە-يوسۇنلار باشقا رايونلاردىكىدىن پەرقلەنمەيدۇ. ئەمما قىز كۆچۈرگىلى كەلگەن تويچىلار ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە: «ئاتالار، ئىنە (ئانا)لەر،چوڭ بەگلەر، ئاغاچىلار! كۈيئوغۇل سالام بەرەدۇر (بېرىدۇ)لار»دەپ تەڭ ۋارقىرىشىدۇ، ئۇنىڭغا جاۋابەن ئىشىك ئىچىدىن:«ئىلىك سالام! ئىلىك سالام!»دەپ ۋارقىرىشىدۇ، ئاندىن ئىشىك ئېچىلىدۇ.

   يۈز ئاچقۇ: توي كۆچۈرلۈش جەريانىدىكى قائىدە-ئادەتلەرمۇ باشقا پەرق يوق. بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، قىز ھوجرىغا باشلاپ ئەكىرىلگەندە ئالدى بىلەن پەۋاغا قويۇپ قويۇلغان تاش ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. ئاندىن يۈز ئېچىش پائالىيىتى باشلىنىدۇ. تاشتا ئولتۇرغۇزۇشتىن «كېلىن بالىمىز بۇ ئۆيگە تاشتەك ئورناپ كەتسۇن»دېگەن ئارزۇ-تىلەك ئىپادىلىنىدۇ. قىز تاشقا ئولتۇرغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن قىزلار، يەڭگىلەر ئوسسۇلغا چۈشىدۇ. قىزنىڭ يۈزى ئۈچ قات ياغلىق بىلەن پۈركەلگەن بولىدۇ. يەڭگىلەردىن بىرى ئۇسسۇل ئوينىغاچ، قىز يۈزىدىكى ياغلىقنى ئۈچ قېتىم قايرىپ ئېچىپ تاشلايدۇ، بۇ چاغدا قىز ئورنىدىن تۇرۇپ كۆپچىلىككە تەزىم بىجا كەلتۈرىدۇ. كۆپچىلىك بىردەك: مۇبارەك بولسۇن! قىزىڭلار توققۇز، ئوغلۇڭلار 30 بولسۇن! دەپ تەبرىكلەپ قايتىپ چىقىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەرىكىمۇ ئاياغلىشىدۇ. 2-كۈنى قىز تەرەپتىن ئەكېلىدىغان ئىسسىقلىق ئۈچۈنمۇ لوخو بېشى پىشۇرۇپ ئەكېلىش ئادىتى بولسىمۇ، ھازىر ئاش ئەكېلىش ئومۇملاشقان.

  چىللاق : بۇرۇندىنلا چىللاققا كەلگەن مېھمانلار لوخو بېشى بىلەن مېھمان قىلىنىپ كەلگەن. تۇغقانلار ئارا  قويۇلىدىغان سوۋغاتقىمۇ گۆش بىلەن توقاچ قويۇلۇپ كەلگەن. ئەمما گۆش تۇغقانلارنىڭ دەرىجىسىگە ماس كېلىشى شەرت، بۇ، «قويدۇرۇق»دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىنچە قويدۇرۇق ئۈچۈن رەخت قويۇلىدىغان بولغان. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدىمۇ قىزنىڭ تۇنجى تۇغۇتى ئاتا-ئانىسنىڭ ئۆيىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمما بۆشۈك توي ھازىرقىدەك ھەشەمەتلىك ئەمەس، بەلكى ئاددىي ئۆتكۈزۈلەتتى. سۈننەت توي تېخىمۇ ئاددىي بولۇپ، پەقەت قۇلۇم-قوشنىلار، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن.
   لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا يەنە يېقىن ئۆتىدىغان ئەل-ئاغىنىلەر ئارا ئاياللىرى ھامىلدار چاغدىلا قۇدىلىشىشقا ۋەدىلىشىدىغان ئادەتمۇ مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ كەلگەن.

 

ئۆلۈم-يىتىم ئادەتلىرى

 

ئۆلۈم-يېتىم ئادەتلىرىدە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا مۇنداق ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن

 1. ھازا ئېچىلغان ئۆيگە ئادەتتە ئىسسىقلىق ئەكىرىش ئومۇملاشمىغان(ھازىر بىردەك ئومۇملىشىپ كەتكەن). 2. ئۆلگۈچى ئۈچۈن ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا ياخشى كۆرىدىغان غىزا-تاماقلىرىنى ئېتىپ 20 نەزىرى ئۆتكۈزىلىدۇ. 3.مېيىتنى ئۇزۇتۇپ ماڭغاندا شىرغا ياكى تاۋۇت ئالدىدا ئۆلگۈچى ھايات چاغدا كەيگەن ئاساسلىق كىيىملىرىنى، ياخشى كۆرىدىغان نەرسە-كېرەكلىرىنى مەرھۇم مىنگەن ئاتقا ئارتىپ يېتىلەپ ئېلىپ بېرىش بىلەن دەپىن مۇراسىمىدىن كېيىن ئۇ نەرسىلەرنى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىش، ئادەم نەدە ئۆلسە شۇ يەرگە دەپىن قىلىش، چوڭلار ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئۈچۈن خالىغان يەردىن يەرلىك كۆرسىتىپ قويۇشتەك ئادەتلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، ئەمما ھازىر ئادەتتىن قالغان. 4. ئۆلۈكنى دەپىن قىلىش جەھەتتە، بىر قەدەر بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا قۇرغاق ۋە دۆڭ يەرلەرگە قويۇش ياكى ئۆرە تۇرغان توغراق كاۋاكلىرىغا ئۆرىسىگە دەپىن قىلىشتىن سىرت، مېيىتنى يېكەنگە ئوراپ ئەر كىشى بولسا ئۈستىگە كېمە، ئايال بولسا ئۈستىگە چوڭ چارا(كىريۇيىدىغان چوڭ تەڭلە) كۆمتۈرۈپ دەپىن قىلىش ئادىتىمۇ مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن. كېيىنچە كېسەكتە تۈزگۆر ياساپ دەپىن ئومۇملاشقان بولسىمۇ، تا يېقىنقى دەۋىرلەرگىچە يەنىلا مەھەللە ئەتىراپلىرىدىكى دۆڭلۈك ۋە قۇم دۆڭلىرىنىڭ قاپتاللرىغا قەبرە ياساپ،مەخسۇس توپ قەۋرىستانلىق بېنا قىلىش ئادەت قىلىنمىغان. شۇڭا يەككە قەبرىلەر «ماقات»، ئۇنداق قەبرىستانلىقنى «ئاگاي»دەپ ئاتىلىدۇ. 5. مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشتە نوقۇل ئەرەبچە ئايات ئوقۇماي، ئۇيغۇچىلاشتۇرۇپ بېيىت ئوقۇش ئادەت قىلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن:

ئوڭ قۇلاقىڭغا بەردىم سالاتۇ قامەت،

بۇرنىڭغا بەردىم نۇشئى تاھارەت.

ئاغزىڭغا بەردىم كەلىمە شاھادەت،

بىزمۇ بارايلى دىگەنىدۇق،

ئۆزۈڭ ئالدىراپ كېتىۋاتىسەن ،

بىز بارغۇچە خۇداغا ئامانەت.

 ئاغام، دوغام! ئاغام،دوغام!

بۇ بېيىتلار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مېيىتنىڭ ئوڭ قۇلىقى ئىككى قېتىم سوزۇپ قويۇلىدۇ. لېكىن، كېيىنچە تەدىرجىي ئەرەبچە ئايەت ئوقۇش ئومۇملاشقان.

دىننىي ئادەتلىرى

 

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى X I I I ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن شامان، بۇددا دىنىغا ئېتىقادا قىلاتتى. شۇڭا، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا، ئىسلام كەيپىياتى ئانچە قويۇق ئەمەس. ئۇلار بۇرۇنقى دىن-ئېتىقادلىرىنىڭ قىسمەنلىرىنى ئىسلام شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. مەسىلەن:

  1. بەش ۋاق نامازنىڭ ئۆتىلىشى ۋە باشقا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئىسلام دىنى مەجبۇرىيەت-قائىدىلىرىنىڭ ئادا قىلىنىشى ئىزچىل ۋە ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەس، دىنىي مائارىپمۇ ئومۇملاشمىغان. 30-يىللاردىن كېيىن تىكەنلىك، كۆنچى،چوڭكۆل، كۈزلە قاتارلىق يېزا-كەنتلەرگە مەسچىت بىنا قىلىنغان بولسىمۇ، باشقا مۇتلەق كەڭ يېزا-كەنتلەردە دىنىي خادىملار يوق دېيەرلىك ھالەتتە ئىدى. شۇڭا ئىلمى-مەرۇپ قىلىش، مەۋلۇت ئوقۇش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ھەيدەكچىلىك-دالەلەت قىلىدىغان پائالىيەتلەرمۇ ئېلىپ بېرىلمايتتى.

   2.ئازساندىكى دىنىي خادىملار ۋە تەقۋادارلارنىڭ ئاياللىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپچىلىك ئاياللار ئىچىدە بۈۋىمۇ يوق.

   3.ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئىسلام دىنىدا قاتتىق چەكلەنگەن، نامەھرەمچىلىككە ياتىدىغان ھادىسلەر بىر قەدەر كۆپ ئۇچراپ تۇرسىمۇ، جەمئىيەتتە ئەجەبلىنەرلىك ئىشلاردىن ھېسابلانمايدۇ.

   4.ئىسلامىيەتتىن كېيىن تا يېقىنقى دەۋىرلەرگىچە قۇياشقا، ئاسمانغا، ئوتقا قاراپ تۈكۈرۈشنى، كۈندۈزى قۇياشقا، كىچىسى ئايغا قاراپ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشنى، ئوت-چۆپ ئۈستىگە كىچىك تەرەت قىلىشنى «يامان بۇلىدۇ» دەپ قارايدىغان؛ تويدا قىزنى ئوتتىن ئاتلىتىدىغان، بارات ئېيىدىكى تۈنەك كىچىسى قاپاق كۆيدۇرىدىغان؛ ياشانغان كىشلەرئۆلگەن ئۆيدە يەتتە ياكى قىرىق كۈنگىچە كىچىسى چىراق ئۆچۈرمەيدىغان ۋە ئۇنداق كىشلەرنى سۇغا ئالغاندا، قول بارماقلىرىغا قاپچۇق سېلىپ تۇرۇپ سۇغا ئېلىش بىلەن، ئۇ قاپچۇقلارنى ھايات ياشاۋاتقان تۇققانلار تەۋەرۈك قىلىپ ساقلايدىغان ۋە ئۇنى كۆز ئاغرىقىغا داۋا دەپ كۆزگە سۈرتىدىغان؛ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە شەكىللەنگەن تەبىئەت ھادىسلىرىگە، توتىملارغا، ئەجدادلارغا چوقۇنىدىغان ئادەتلەرنى ئىسلام شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇپ كەلگەن.

   5. پالغا ئىشىنىش ناھايىتى ئومۇملاشقان. لوپنۇرلۇقلار ئادەتتە بېلىقنىڭ دولا سۆڭىكىدە پال سالىدۇ. پالچى دولا سۆڭەكنى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭدا ھاسىل بولغان قاپارتمىلارغا قاراپ ھاجەتمەننىڭ مۇددىئاسىغا تەبىر بېرىدۇ.

6. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا مازايى-ماشايىقلارغا، سۇ-دەريا بويلىرىغا چىقىپ داش قاينىتىپ، مازايى-ماشايىقلارغا سېغىنىدىغان، تەڭرىدىن سۇ، يامغۇر تەلەپ قىلىدىغان، زارا-خەتمە قىلىدىغان ئادەت يوق. شۇنىڭدەك لوپنۇر ناھىيسى دائىرىسىدە ئاتالمىش «ئۇلۇغلىرىم»نىڭ مازارلىرىمۇ يوق.

ھېيت-بايرام ئادەتلىرى

 

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىمۇ ئىككى ھېيىت بايرىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ قۇربان ھېيىتنى چوڭ ئۆتكۈزىدۇ.قۇدىرىتى يەتكەنلا ئائىلەردە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. ئۆز-ئارا قىزغىن ھېيىتلىشىدۇ. ئۇلار بىرقەدەر تارقاق جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ھېيىتلاش بىر ئايغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ھېيىت كۈنلىرى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر چېلىشىش، چاقىپىلەك ئۇچۇش مۇسابىقىسى ۋە تۇخۇم چېكىشتۈرۈشكە ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. ئىككى ھېيىتتىن باشقا يەنە بارات ئېيىنىڭ 14-كېچىسى تۈنەك بايرىمىنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ. بۇ بايرام ئەسلى ئىسلام دىنىدىكى تۇن بويى تائەت-ئىبادەت قىلىپ يامان قىلمىشلار ئۈچۈن خۇدادىن كەچۈرۈم سورايدىغان مەخسۇس دىني پائالىيەت كېچىلىكى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىگە ئىسلامىيەتتىن كېيىن تارقالغان ۋە تەدىرىجىي مىللي ئادەت تۈسىنى ئالغان. ئەمما لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئۇ كېچىلىكنى ئۇ مەزمۇندا ئەمەس، بەلكى مەخسۇس ئەجدادلار روھىغا ھىد پۇرىتىش كېچىلىكى قىلىپ كەلگەن. بۇ كۈنگە بايرام تۈسىنى كىرىگۈزىدىغان بىر پائالىيەت ياشلارۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ياغلىق قاپاق كۆيدۈرۈشىدۇر. بۇ كۈنى كەچتە بالىلار كونا ياغلىق قاپاقنى كۆيدۈرۈپ: «بارات كەلدى، تۈنەك كېچە، ئۇخلىماڭلار تاڭ ئاتقىچە؛بارات كەلدى بۇگۈن كېچە،ئايدىڭدۇر تاڭ ئاتقۇچە؛ئاپئاق ئايدىڭ بۇ كېچە، ئوينايمىز تاڭ ئاتقۇچە»دىگەن قوشاقنى ئېيتىشىپ مەھەللىنى ئارىلاپ ئوينايدۇ. قاپاقلىرىنى كۆيدۇرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆيلىرىگە كىرىپ چوڭلارغا ئوخشاش ئۇخلايدۇ. بۇمۇ يوقىرىدا بايان قىلىنغان قەدىمكى ئادەت-ئەنئەنىلەرنىڭ ئىسلام شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇلۇپ كەلگەنلىكىنىڭ يەنە بىر مىسالى.

يەنە 80-90 ياشلىق بوۋايلارنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە بۇرۇن «يىل»دىگەن بىر بايرام بولغانىكەن. بۇ بايرام ھەريىلى يەر-زىمىندىن قار كېتىپ، دەريالاردا كۆمەل (لوپنۇر دىئالىكىتىدا ئېرىپ ئاققان مۇز پارچىلىرى «كۆمەل»دەپ ئاتىلىدۇ)تۈگىگەن.چاغلاردا ئۆتكۈزىلىدىكەنتۇق.ئەمما ئۇنىڭ قايسى ئاي،قايسى كۈندە ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.لېكىن ئۇنىڭ  «يىل»دەپ ئاتىلىشى ۋە يەر-زىمىندىن قار كېتىپ دەريالاردا كۆمەل تۈگىگەن چاغلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ئاساسەن، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى يېڭى يىل بايرىمى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر بۇ بايرامنى ئىسلامىيەتتىن كېيىن «نەۋرۇز»(پارىسچە«يىڭى»، «يىڭى كۈن»دىگەن بولىدۇ)نامى بىلەن تا يېقىنقى دەۋىرلەرگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى ئەنە شۇنىڭدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇ، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا ئۇلارنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن كۆچۈش ۋەقەسى جەريانىدا ئۇنتۇلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا نەۋرۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئادەت قىلىنمىغان.

 

ئولتۇرۇش-قوپۇش ئادەتلىرى

 

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى خىلى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئازى بىر نەچچە ئۆيلۈك، كۆپى نەچچە ئون ئۆيلۈكتىن تەركىب تاپقان كىچىك مەھەللە – كەنىتلەردە مۇقىم ئولتۇرۇقلۇق ھالەتتە ياشاپ كەلگەن. ئۇلاردا ئۈچ – تۆت ئېغىزلىق بىر يۈرۈش ئۆيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھويلىلىق ئۆيلەرنى سېلىپ ئولتۇرۇش ئومۇلاشمىغان بولۇپ، ئادەتتە ئىچكىرى- تاشقىرى ئىككى ئېغىزلىق يانداش ئىككى ئېغىزلىق ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. ئۆينىڭ ئىچكى تۈزۈلىشى بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ ، تۇڭلۈك، مورا، ئوچاق ئورۇلاشتۇرىلغاندىن تاشقىرى دېرىزە قويۇش ، ئويۇق – تەكچە ئورنىغا ئاسقۇ قىلىپ ئورۇن- كۆرپە ، كىيىم – كېچەك قاتارلىق نەرسىلەر ئاسقۇغا ،چىنە – قاچا قاتارلىقلار تامغا يانداش قىلىنغان تاختا بېشىغا قۇيۇلىدۇ. ئۆيگە سۇپا قىلىشمۇ ئومۇملاشقان سۇپۇلۇق ئۆيلەردە ئورۇن- كۆرپە تۆرنىڭ  بۇلۇڭ تەرىپىگە يىغىلىدۇ. كىيىم- كېچەك قوزۇققا ئېلىپ قويۇلىدۇ. ئولتۇراق ئۆيلەر تام ئۆي ، چاپلىما ئۆي، قۇمۇش ئۆيدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. چاپلىما ئۆي پۈتۈنلەي قۇمۇشتا ياسىلىپ ، ئىچى- تېشى، ئۈستى سامانلىق (كاكۇل) سۇۋىدىغانلىقى ئۈچۈن ‹«چاپلىما ئۆي» دەپ ئاتالغان ، قۇمۇش ئۆي تۆت بۇلۇڭغا تۆت تال ئاچا تۈۋرۈك ، تۆت تال چېتىق ۋە تام قورشاقلىرى، ئۈستىنى يېپىش ئۈچۈن مەلۇم ساندا ياغاچ ئىشلىتىلگەندىن تاشقىرى پۈتۈنلەي قۇمۇشتا ياسىلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە يازلىق ئۆي بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىغا قوۋۇقلۇق ئىشىك تۈڭلۈك، مورا ئوچاق قويۇلمايدۇ، شاخشا ئېشىك قىلىنىدۇ ياكى بىر پارچە پالاز ئېسىپ قويۇلىدۇ. يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، مەيلى قايسى خىلدىكى ئۆيلەر بولمىسۇن ھەممىسىنىڭ ئالدى شاخ- شۇمبا ياكى قۇمۇشتا قورۇققا ئېلىنىدۇ،قورۇقنىڭ ئۈستىنى يېرىم ھالەتتە قۇمۇش بىلەن ياپىدىغانلارمۇ بار. ياز كۈنلىرى غىزا- تاماق شۇ يەردە ئېتىلىدۇ. يېتىپ- قوپۇشمۇ شۇ يەردە بولىدۇ. ياغاچ ياكى تاختايدىن كات (كارۋات) قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلىق ئولتۇرۇش ئۈچۈن گەرەم ئۆيلەرمۇ ياسىلىدۇ.

  ئۆي بىسات ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى:لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىمۇ ئۆيگە پالاز، كىگىز، گېلەم سالىدۇ. بىر قەدەر بۇرۇنقى زامانلاردا جەرەن كىيىك، ئېيىق، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى ھەم سېلىنچا ھەم يىپىنچا قىلىپ كەلگەن. ئۆي زىنىتى ئۈچۈن تامغا گېلەم ئېسىش ئادىتى يوق بولۇپ، بۇ ئادەت كىيىنكى دەۋىرلەردە شەكىللەنگەن. تۇرمۇش بويۇملىرىدىن قۇمداڭغا، مىس چۆگۈن، مىس تاۋاق، غېدىر قاچىلاردىن تاشقىرى ئاساسلىقى ياغاچتىن ياسالغان سۇغا، تاۋاق، چۆچەك، تەڭلە، پۇرۇچ (سۈت-قايماق ئۈچۈن)، چارا (كىر يۇيىدىغان چوڭ تەڭلە) ۋە قاپاق (سۇ توشۇش ئۈچۈن) ، تۇلۇم قاتارلىق بويۇملارنى ئىشلىتىپ كەلگەن. پار-پۇر ۋە چويۇن، تۈنىكىدىن ياسالغان بويۇملار، سىرلىق قاچىلار كېيىنىكى دەۋرلەردە ئوموملاشقان.

 

 

گۈزەللىك قاراشلىرى

 

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ياشاپ كەلگەن جۇغراپىيىلىك شارائىتى ئۇلاردا ئۆزىگە خاس گۈزەللىك زەۋقىنى يېتىشتۈرگەن. بۇ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ سەمىمىي-سادىقلىق، ئاقكۆڭۈللۈك ئۇرغۇپ تۇرغان مىجەز- خاراكتىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى گۈزەللىكىنى ئىنسانغا خاس ئەڭ ئاساسلىق گۈزەللىك ھېسابلايدۇ.بۇ ئۇلاردىكى «باشى قارا بولغانغىلا ئادەم ئەمەس»دېگەن ماقالىدا روشەن خاراكتىرلەنگەن. ئۇلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان زەۋقى-ھېسىياتىمۇ ناھايىتى روشەن خاراكتىرگە ئىگە. ئۇلار يېشىل، يۇلغۇن، چېچىكى(ئاق قىزىل)، ئاق، سېرىق، ھاۋارەڭ نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.چۈنكى ئۇلارچە يېشىل-گۈللەش-ياشناش، ئاۋاتلىقنىڭ، ھاۋارەڭ-سۇ-مەۋجۇدىيەتنىڭ، شاپتۇل چېچىكى(ئاچ قىزىل)- شادلىقنىڭ ئالامىتى. چۈنكى لوپنۇر رايونىدىكى كەڭ دالا، قۇملۇقلاردا يۇلغۇن كۆپ بولۇپ، ئۇ چېچەكلىگەندە چۆل-جەزىرە قىزغۇچ تونغا پۈركۈنۈپ كىشى قەلبىدە شادلىق تۇيغۇسىنى ئورغۇتىدۇ. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا ئاق-پاكلىق، يورۇقلۇق، ئوڭۇشلۇقنىڭ، قارا-قاراڭغۇلۇق، زۇلمەت، جۇتلۇقنىڭ، سېرىق-ھەسرەت-نادامەتنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۇلارنىڭ قارىشىچە داۋۇ-دەرەخ، ئۆسۈملۈك، گۈل-گىياھ ئۈنۈپ، ئۆسۈپ، چېچەكلەپ، ئاخىر سارغىيىپ سولىدۇ، تۆكۈلىدۇ، قېرىيدۇ، قۇرۇيدۇ، ئادەمنىڭ ھاياتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى كىيىنىشتە ئاساسەن يېشىل، ئاق، ھاۋارەڭ، شاپتۇل چېچىكى ۋە شۇ رەڭلەرگە مايىل رەختلەردە كىيىم كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

 

ئىسىم قويۇش ئادەتلىرى

 

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا ئات-ئىسىم قويۇشتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ جانلىق-جانسىز تەبىئەت شەيئىلىرى سىمۋۇل قىلىنغان، بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان، تۇغۇلغان بالىدىن كۈتىلىدىغان ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىسىم قىلىپ قويۇشتەك ئەنئەنىلەر بىرقەدەر تۇلۇق ساقلىنىپ كەلگەن. ئىسلامىيىتتىن كېيىن ئەرەبچە-پارىسچە ئىسىم قويۇش مىللي ئادەت تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەنئەنە ئاساسىدا ئۇيغۇرچە قويۇلغان ئىسىملار يەنىلا كۆپ ئۇچىرايدۇ. مەسىلەن:يولۋاس، كىيىكباي، قۇلانباي، پولات، تۆمۈر، تۇرسۇن، توختى، تاش، چورۇق، توقۇم، تىلەك(باي)، ئىگەمبەردى، (كۈن)تۇغمەت، (كۈن)پاتقانباي، قوشمەت، بۇللاباي، قاراجان، ئۇتۇق، تالىش، ئاق، سۈيۈم، ئالماسخان، مايسىخان، چولپان، يۇلتۇز، ئايخان، ئالتۇن،(خان)، ئالمىخان، تۆمۈرخان، چىمەن، ئارزۇخان قاتارلىقلار. لوپنۇرلۇقلاردا ئەر-ئايال ئىسىملىرى ئاخىرىغا ئاخۇن، باي، بەگ، جان،خان دېگەندەك سۆزلەرنى قوشۇپ ئاتاشتىن تاشقىرى باشقا رايونلاردىكىدەك تاي، قىز، ئاي، گۈل، بانۇ، بۈۋى قاتارلىق سۆزلەرنى قوشۇپ ئاتاش ئادەت قىلىنغان.

  لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدىمۇ لەقەم قويۇش ناھايىتى ئومۇملاشقان. ئۇلار لەقەم قويۇشقىمۇ ناھايىتى ماھىر. كىشىلەرنىڭ مىجەز-خۇلقى، تەق-تۇرقى، يۈرۈش-تۇرۇشى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە قاراپ لەقەم قويۇۋېرىدۇ. كىشىلەر لەقەمنىمۇ يامان كۆرمەيدۇ. مەسىلەن : ئوسمان ئاچچىق، داۋۇت قۇشقاچ، تۇردى دىڭدىڭ، ئابدۇل پايىز، ئارۇپ داپياردى، ئابدۇل ساقال، تۆمۈر گۈلدۈر، تۈلكە قادىر، نىياز پالگان(پالۋان)، تۇرسۇن كېپەك، يۈسۈپ قاتار قاسىم تېرىق قاتارلىقلار.

 

كىيىنىش ئادەتلىرى

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىيىنىش – ياسىنىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى شۇكى، كۆچمەن چارۋىچى قەۋملەرگە خاس ئەنئەنىۋى ئادەت ئىزلىرى بىر قەدەر تولۇق ساقلىنىپ قالغان. بۇ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-، 40-يىلىرىغا قەدەر قوي ۋە ئوۋ ھايۋانلىرىنى تېرىلىرى، قوي يۇڭى، تورقۇ چىگە تالاسىدىن قولدا توقۇلغان چەكمەن- پالازنى ئاساسلىق كىيىم- كېچەك مەنبەسى قىلىپ كەلگەنلىكى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ. كېيىنچە پاختىدا توقۇلغان چەكمەن ، شاتىۋا، شايە – ئەتلەس، دۇردۇن، تاۋار، چىبەرقۇت، تىرىكە، شەيتان تېرە ۋە ھەرخىل گۈللۈك چىت، خەسە، داكا قاتارلىق قول سانائەت ۋە ماشىنىدا توقۇلغان توقۇلمىلاردىن كىيىم كىيىش ئومۇملاشقان.

باش كىيىم: قىشلىقى ئەر- ئايال بىردەك تۇماق، يازلىقى دوپپا كىيىش ئادەت قىلىنغان. ئەمما ئەر- ئايالارنىڭ باش كىيمىنى پەرقلىق كېلىدۇ. ئەرلەر ئاساسلىقى ئۆڭ ياكى تاشلىق سالۋا تۇماق، كۆرپە (شۇنىڭدەك تۈلكە تېرىسى) دە تىكىلگەن ئۆڭ ياكى تاشلىق قاسقان تۇماق، تېقىر تۇماق (بۇنى تېقىر دوپپا دەپمۇ ئاتاشقا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ يازدىمۇ كىيىلىدۇ)؛ ئاياللار ئاساسلىقى كۆرپە، مولۇن تېرىسىدىن تىكىلگەن قاسقان (تۆپىلىكى سەل پەس) تۇماق؛ ئەرلەر ئاساسلىقى شاپاق دوپپا ئاياللار قۇلاقچا ۋە ھازىرقى شەكىلدىكىدەك ئاددىي گۈل تىكىلگەن قاسقان (تۆپىلىكى سەل پەس) تۇماق؛ ئەرلەر ئاساسلىقى شاپاق دوپپا، ئاياللار تار جىيەكلىك تالالىق سىدام دوپپا كىيىپ كەلگەن. قۇلاقچا ۋە ھازىرقى شەكىلدىكى ئاددىي گۈل تىكىلگەن دوپپا كىيىش كېيىنكى دەۋرلەردە ئومۇملاشقان. لوپنۇر ئاياللىرىدا 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللاردا لېچەك سېلىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پەرەنجە ئارتىش ، چۈمبەل سېلىش ، ياغلىق چېگىش ئادەت قىلىنمىغان. داكا ياغلىق ، غىجىم رومال سېلىش كېيىنكى دەۋرلەردە ئومۇملاشقان.

 ئەرلەردە يازلىقى كىگىز قالپاق كىيىش ئومۇمىيۈزلۈك بىر ئادەت بولۇپ، قالپاقنى ئۆزلىرى باسىدۇ. كىگىز قالپاقنىڭ شەكلى كاناي گۈلسىمان، قىرغىز قالپىقىسىمان(ئەمما ئارقىسدا چېكى يوق)،شىلەپىسىمان ئۈچ خىل كېلىدۇ. قالپاق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىملىرىدىن بولۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. قالپاقنىڭ قەدىمكى شەكلى لوپنۇردا ساقلىنىپ قالغان.

 ئىچ كىيىم: لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ماتا، شاتىۋا ۋە باشقا توقۇلما رەختلەر ئومۇملاشقىچە توقۇردا قولدا توقۇلغان سىپتا چەكمەندە كۆڭلەك ئۇزۇن-قىسقىلىقى، ياقا شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ، ئەرلەر يەكتەك شەكىللىك،ئاياللار ئويماياقا ، كەڭ ۋە ئۇزۇن قاپ كۆڭلەك كىيىپ كەلگەن. بۇرۇن كالتە مەيدە ياقىلىق ۋە مەيدە-غول پۈرمىلىك كۆڭلەك كىيىش يامان بولىدىغان ئىشلار قاتارىدا قارىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، كېيىنچە تەدرىجىي ئومۇملاشقان. تۆت-بەش ياشلىق بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەر-ئايال ھەممىسى باغلىق، ئاغلىق ئىشتان كىيىدۇ.

 تاش كىيىم:ئەر- ئاياللاردا بىردەك يالاڭ ئەستەرلىك چاپان كىيىش ئومومىلاشقان. ئەرلەر يەكتەك ياقىلىق ۋە بۆرەك ياقىلىق ئۇزۇن چاپان كىيىپ كەلگەن. مەيلى قانداق ياقىلىق بولمىسۇن ئاياللار چاپىنىنىڭ پېشىنىڭ ئىككى يېنىدا چېكى بولىدۇ.يەكتەك ياقلىق چاپاننىڭ ياقىسىدىن پېشىگىچە ۋە پەشنى ئايلاندۇرۇپ چىلتەك تۇتۇلىدۇ.سېرىق تۇچتىن قوڭغۇراق شەكىللىك تۈگمە، مۇنچاقسىمان لاتا تۈگمە، كۈمۈش تەڭگە ياكى مۇنچاق قاداش ئادەت قىلىنغان. ئەرلەرنىڭ چاپىنى تۈگمىسىز بولۇپ، بەلباغ باغلاش ئادەت قىلىنغان. قىشلىقى ئەر-ئاياللار يۇڭ ياكى پاختا سېلىنغان قىشلىق چاپان (شەكلى يەكتەككە ئوخشاش)ۋە جۇۋا كىيىدۇ.

ئەرلەر تولاراق ئۆڭ(كۈرۈك)جۇۋا، ئاياللار توقلۇ ۋە قوزا تېرىلىرىدە تىكىلگەن تاشلىق جۇۋا كىيىدۇ. جۇۋا يەكتەك ياقىلىق (يۇڭلۇق توقلۇ تېرىسىدە قايرىما ياقا قىلىنغان ياكى ياقا قىلىنمىغان ئىككى خىل)بولىدۇ. تۈلكە، بۆرە، ئىت تېرىلىرىدىنمۇ جۇۋا كىيىدۇ. مۇنداق جۇۋىلار ئادەتتە تاشلىق بولىدۇ.

 ئاياغ كىيىم: ئاياغ كىيىمدە، چورۇق، چورۇق ئۆتۈك، شىۋانچى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.مەلۇمكى، چورۇق ئۇيغۇرلارغا ئورتاق، ئىپتىدائىي ئاياغا كىيىم . شۇڭا ، ئۇيغۇرلاردا «ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىرچورۇقۇڭنى قۇرۇتما»دېگەن ماقال مەيدانغا كەلگەن. بۇ ماقالدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش پەلسەپىسى ناھايىتى تىپىك ئىپادىلەنگەن.

بۇنىڭدىن باشقا دەكتۇ (قىشتا ئۇلاقلىق يول يۈرگەندە مەيسە ياكى چورۇق ئۆتۈك، شىۋانچى ئۈستىگە كىيىلىدىغان تېرە پايپاق) ۋە چوڭلار ئىچىدە مەيسە، كىپىش كىيىشمۇ ئوموملاشقان. شىۋانچى چورۇق ئۆتۈكنىڭ تەرەقىي قىلدۇرۇلغان تۈر بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزلىكى خۇددى ھازىرقى يۈزلىكى پۈرۈپ تىكىلگەن شىبلىتلارغا ئوخشاش ئەمما پاشىنىسى، سوڭنىڭ ئىككى يېنىدا بوغۇچى بولىدۇ، كەينىدە ھوشۇق ئۈستىدىن بوغۇچلىنىدۇ. زاۋۇتتا ئىشلەنگەن رەختە كىيىم كىيىش، خۇرۇم – چەمدە تىكىلگەن ئۆتۈك، شىبلىت، توفلى كىيىش 40-يىلاردىن كېيىن ئوموملاشقان . ھازىرقى لوپنۇر ئۇيغۇرلىردىمۇ يېڭى پاسۇن- مودا بويىچە كىيىنىش- ياسىنىش ئومۇملىشىپ ئادەت تۈسىنى ئالغان.

لوپنۇرلۇقلاردا كېيىنىكى دەۋىرلەرگىچە ياشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ئەرلەردە چاچ قويۇش ئادەت قىلىنىمغان. ئايالاردا چېچىنى ئىككى تال ئۆرۈش ئادەت بولۇپ، چاشنى تۈرمەكدەپ(بانتىلاپ) يۈرۈش، قىرقىم چاچ بولۇش غەيرى ئادەت ھېسابلىناتتى. قىزلاردا ئۇپا- ئەڭلىك سۈرۈپ پەداز قىلىش ئادىتى يوق ئىدى. ئاياللاردا ئالتۇن- كۈمۈش، تۇچتىن ئۈزۈك، بىلەيزۈك، ھالقا سېلىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇرەككەپ جۇلالىق چاچ تەڭگە سېلىش، بوينىغا زۇلنار ئېسىشمۇ ئادەت قىلىنىمىغان. ئەمما، قىز –چوكانلارنىڭ دوپىسىغا سوقسۇر يىپى قاداش، بوۋاق ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ پوسمىسىغا ، كىيىملىرىنىڭ مۈرىسىگە سۇقسۇر يېپى، يىلانىڭ باش سۆڭىكى، قۇلۇلە قېپى، بۆرە كۈچۈكنىڭ ھوشۇقى ۋە ھەرخىل مۇنچاقلارنى تاقاش ئادىتىمۇ ئومۇملاشقان.

لوپنۇرلۇقلارنىڭ مىجەز-خاراكتىرى ۋە ئىزچىلىق ئەنئەنىسى

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئاقكۆڭۈل، زېرەك، مەرت-مەردانە، خۇشچاقچاق، ھېسىياتچان،ئاددىي-ساددا، ئەمگەكچان، قانائەتچان-چىداملىق، ھالىمەن، يارىمەن، يۇرت سۆيەر، جەسۇر قاتارلىق مىجەز-خۇلقى بىلەن كىشىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ.مۇنداق خىسلەت-پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ئىجتىمائي مۇناسىۋەتتە ئۇچىرايدىغان ياخشى-يامان ئىشلارغا، پۈتۈن جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قارىتا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسى، ئەل-يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى،سەمىمىي-سادىقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار ئەل-يۇرت ۋە شەخسلەر ئۈچۈن مەرتلىك كۆرسەتكەنلەرنى «ئەلنىڭ جانى(جېنى)ساڭا بولسۇن»، «باشىڭدىن ئەل ئايلانسۇن»، «جانىم ساڭا»دەپ ماختاپ ئالقىشلىسا، يۇرت-جامائەت ۋە شەخسلەر مەنپەتىگە زىيان سالغانلارنى «جانىڭ ئەلگە كىرسۇن»،«ئۈيۈڭدە پاقا چىللار»(ئۈيۈڭ چۆللىشىپ ۋەيران بولسۇن، دىگەن بولىدۇ)دەپ قاغايدۇ.شەخىسلەر ئارا جېدەللىشىپ قالسا، ھەرقانچە قەھىر-غەزەپكە كېلىشىپ كەتسىمۇ، ئاغزىنى بۇزۇپ يامان تىللاردا تىللىشىش، ئاسانلىقچە قول ئۇزۇتۇپ ئۇرۇش ئادىتى يوق بولۇپ، پەقەت «ئاۋاڭ(دادا)ياكى ئىنەڭ (ئانا) ئۆل»،« تىلىڭغا يامان چىق (ياراچىق)»، «بوغزۇڭ كۆپ»، «ئاۋاڭنىڭ ئاگايىدا پاقا چىللار»دىگەندەك قارغىشلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ ياردىمىگە سۈيۈنۈشتە ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتە «قاراغىم جانىم ساڭا»، «قاراغىم ياكى جانىم باشىڭدىن ئايلاناي»دەيدۇ.بالىلىرى ياكى باشقىلارغا ئامراقلىقىنى بۈلدۈرۈشتە:«قاراغىم، جانىم، قاناتىم»دەيدۇ.يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئالدامچىلىق قاتارلىق قىلىقلارنى بەك يامان كۆرىدۇ. ئۆتنە-يېرىمغا سادىق كېلىدۇ، دېگەن ۋاقتىدا قايتۇرىدۇ. ھەرقانداق مۇئامىلىدە بىرەر باراۋەرسىزلىك، ۋاپاسىزلىق كۆرسە، ئۇنداق ئادەم بىلەن ئىككىنچى بېرىش-كېلىش قىلمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ.جامائەت مەنپەتىگە ئالاقىدار ئەمگەك-ھاشارلاردىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ.

   لوپنۇرلۇقلار يۇقۇملۇق كېسەلدىن، بولۇپمۇ ۋابادىن ئىنتايىن قوقىدۇ. ئەگەر ۋابا تارقىلىپ قالغۇدەك بولسا، دەرھال يىراق جايغا كۆچۈپ كېتىشىدۇ. ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىلىرىدىن چىقىپ خېلى يەرگىچە بولغان ئارىلىق (ماڭغان يول)نى ئۆرتەپ مېڭىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە ئورۇنغا توساق بېنا قىلىپ قويىدۇ.

   يەنە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن سەپەرگە چىقىشقا توغرا كېلىپ، خوشلىشىپ بوسۇق ئاتلاپ چىققاندىن كېين كەينىگە يېنىپ ئۆيگە كىرىشنى«يىگىت باسقان ئىزىدىن، دىگەن لەۋزىدىن قايتمايدۇ»دەپ يامان ئالىدۇ؛ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يىراق جايلاردا تۇرۇپ قېلىشقا توغرا كەلگەنلەر سەپەرگە چىقىشتا قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ خۇرجۇنىغا توقاچ سېلىشتىن تاشقىرى «ئەل-يۇرتۇڭنى سېغىنغاندا پۇرا»دېگەن مەقسەتتە بىر كىچىك خالتىغا ئېتىز توپىسىنى تىكىپ سېلىپ قويىدۇ ياكى چاپىنىنىڭ مۈرىسىنىڭ قېتىغا تىكىپ قويىدۇ. يەنە شۇنداق زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئەل – يۇرتىدىن ئايرىلىپ يىراقلاردا قالغان ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر، ئۇرۇق-تۇققانلار، ئەر-خوتۇن ياكى سۆيۈشكەنلەر ئارا خەت-خالتا ئەۋەتىشكەندە خەت ياكى خالتائىچىگە(لاتىغا ئوراپ)بىرتال سامان، بىرتال ئۇچارقۇشنىڭ مامۇقى، كىچىككىنە بىرتال كۆمۈر پارچىسى (خەت بولغان تەقدىردە خەتنىڭ بىر چېتىگە كۆمۈردە بىر سىزىقچە سىزىپ قويىدۇ)سېلىپ قويىدۇ. ئۇلار مۇنداق ئاددىي، ئەمما ئىنتايىن سىموۋۇللۇق ۋاستە ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەل-يۇرت ۋە ئۆز-ئارا مېھىر- مۇھەببەت پىراقىدا «سارغىيىپ ساماندەك، كۆيۈپ كۆمۈردەك بولدۇم، قانىتىم بولسا ئۇچۇپ بارغۇدەك ھالەتكە كەلدىم»دېگەن مەقسەت ۋە قايناق، سەمىمىي ھېىس-تۇيغۇلىرىنى ئۇقتۇرىدۇ.

   لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زېرەك ۋە پەم-پاراسەتلىكى ئۇلارنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئىجدىمائىي تۇرمۇش تەجىربىلىرىنى يەكۈنلەشكە ۋە ئۇ تەجىربىلەرنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىشقا ماھىر بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:چارۋا-ماللاردىكى ھەرخىل خۇسۇسىيەتلەر ئارقىلىق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشتا ئۈنۈملۈك چارىلەرنى تاپقان. بۇ ئۇلاردىكى ئىزچىلىق، كۆمۈكچىلىك ئادەتلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ.

   ئىزچىلىق : ئۇلار ئوغۇرلانغان ياكى يىتىپ كەتكەن جاندار، قاچقۇنلارنىڭ ئىزىغا قاراپ توغرا ھۆكۈم چىقىرىشقا، يول ئادىشىپ ياكى چۆل-جەزىرلەردە خەتەر ئەھۋال ئاستىدا قالغاندا، ئايغىر ئاتتىن پايدىلىنىپ نىشان توغرىلاشقا ماھىر. ئۇلار ھەتتا ئوغۇرلانغان جاندارلارنىڭ ئۈستىگە يۈك ئارتىلغان ياكى ئادەم مىنگەنلىكى، ئادەم مىنگەن بولسا، ئۇنىڭ ئەر-ئاياللىقى، ئايال بولغاندا ئۇنىڭ سالتاڭ ياكى ھامىلدار ئىكەنلىكىنىمۇ پەرق ئېتەلەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىدە، جاندارنىڭ ئاياق ئىزىنىڭ يەرگە چۈشىشىدە، قاچاقنىڭ دەسلەپ ۋە كىيىن قانداق قەدەم تاشلىشىدا ھاسىل بولىدىغان ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر ئاساس قىلىنىدۇ.نىشان توغرىلاشتا، ئايغىر ئاتنىڭ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزى بېقىلغان، يايلىغان يېرىنى ئۇنتۇمايدىغانلىق خۇسۇسىيىتى ئاساس قىلىنغان.

   كۆمۈكچلىك : لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى كۆپ ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە، قۇم ئاستىنىڭ قاچانلا بولسا بىردەك قۇرغاق، سالقىن، قىشلىقى توڭلىماي تۇرىدىغان، چاشقان ئورا قازالمايدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئاساسەن كۆمۈكچىلىككە ئادەتلەنگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئارتۇق ئاشلىقى،بېلىقى ۋە قىممەت باھالىق نەرسىلىرىنى يامان كۆزلەردىن يىراق تۇتۇش، مېتە-كۈيە چۈشۈپ بۇزۇلىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن قۇم ئاستىغا كۆمۈپ قويىدۇ. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە مۇشۇنداق ماھىر كىشىلەر ۋە ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەر بولغاچقا، ئۆز دەۋرىدە ئوغرى-يالغان ناھايىتى ئاز ئىدى.

  ئىزچىلىق ، كۆرۈنۈشتە ئاددىي بىر تەجىربىدىن ئىبارەتتەك قىلىدۇ، ئەمما ئوبدان كۈزىتىدىغان بولساق، ئۇنىڭدا بەلگىلىك قانۇنىيەت بارلىقى روشەن مەلۇم بولىدۇ. ئۇنى تەتقىق قىلىپ ئىلمىي سەۋىيىگە كۆتۈرۈپ ۋارىسلىق قىلىش ۋە جارى قىلدۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.

ئالدىنقى يازما:
كىيىنكى يازما:

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif