ھەر كىم ھەر نېمە دەيدۇ

ۋاقتى: 2011-07-10 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 174 قېتىم / 3 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ھەر كىم ھەر نېمە دەيدۇ

ئاتا-بوۋىلىرىمىز“ئۆزۈڭ بىلگەن يولنى ئاتاڭغا بەرمە“دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بىلەن ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى،شارائىتى ۋە خاھىشى بويىچە مۇستەقىل يول تۇتۇشنى تەكىتلەپ كەلگەن.مۇشۇ بىر قانچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھااياتىمدا نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس بېرىپ كەپتىمەن.ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ باقسام،ئۆزگىچە تەپەككۇر،خاسلىققا ئىگە ئوقۇغۇچىلار بارغانسىرى ئازلاپ كېتىۋىتىپتۇ.مەيلى تەتىللەردە  ئۆزلۈكسىز تەربىيەگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن،مەيلى ئادەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇغۇچىلىرىمىز بولسۇن.ئوقۇتقۇچىلار نېمە دېسە شۇنى راسىت دەپ ئولتۇردىغانلار كۆپىيىپ،ئۆزىنىڭ مەلۇم مەسىلىلەرگە بولغان مۇستەقىل كۆزقارىشى بارغانسىرى يوقاپ كېتىۋىتىپتۇ.گەرچە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان مائارىپتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ،بالىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىشى،ئىجادىي يول تۇتۇشى تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ،لىكىن بۇ ئىسلاھات ھەقىقىي مەنىسىنى تاپالىغىنى يوق.

ئويلاپ قالدىم ھەر تەتىل مەزگىلىدە ئالدىمغا كېلىۋاتقان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى نېمە دېسە شۇنىڭغا ھە دەپ ئولتۇرۋاتسا،ئادەتتىكى بالىلاردىن ئىجادىي پىكىر تەلەپ قىلىش ئارتۇقچىمۇ قانداق.چۈنكى،ئۇلارنى ئوقۇتىۋاتقان ئۇستازلارنىڭ ئۆزىگە خاس پىكىر يولى يوق.ئۇلار دەرسلىكتە نېمە بولسا،شۇ دەپلا باشقىغا نەزىرىنى ئاغدۇرمىغان،بالىلار ئىجادىي پىكىر قاتناشتۇرسا“ئاتكاچىلىق قىلدىڭ“دەپ ئەيىپلىنىۋاتقان تۇرسا،باللىرىمىزدىكى ئىجادىي تەپەككۇر ئۆلمەي قانداق بولىتى.ئۆتكەندە مەلۇم بىر سىنپقا ئوچۇق دەرس ئاڭلىغىلى كىردۇق.ئارقىدىكى بوش ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇم.مۇئەللىم دەرىسنى سائەت توشاي دېگۈچە توختىماي سۆزلىدى.بالىلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرشىغا ئاساسەن پۇرسەت بولمىدى.بەش مىنۇت قالغان ۋاقىتتا،مۇئەللىم دەرىسنى خۇلاسىلەپ بالىلاردىن“بۈگۈنكى دەرسنى چۈشەندىڭلارمۇ؟“دەپ سورىدى.ئوقۇغۇچىلار بىردەك ”چۈشەندۇق“دەپ جاۋاپ بېرىشتى.ئاندىن مۇئەللىم“بۈگۈنكى دەرس توغرلۇق سۇئالىڭلار بارمۇ؟“دەپ سورىدى.“يوق“دېدى بىر قانچە ئوقۇغۇچى ئالدى-كىيىن توۋلاپ.بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئوقۇتقۇچى“چۈشەنسەڭلار ئاۋازىڭلار چىقمايدىغۇ؟“دېدى خاپا بولغاندەك.بۇ ۋاقىتتا سېنىپتىكى بالىلار سىنىپنى كۆتۈرۋەتكۈدەك ئاۋازدا“چۈشەندۇق“دەپ ۋاقىردى.جاراڭلىق ئىنكاسنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈزىگە قايتا كۈلكە يۈگۈردى.بۇ ۋاقىتتا يېنىمدىكى بالىدىن.

-سىز دەرىسنى ھەقىقەتەن چۈشەندىڭىزمۇ؟“دەپ سورىدىم.

ئۇ بىر خىل ئەندىككەن ھالدا چىرايىمغا تىكىلدى.“مەن مۇئەللىمىڭىزگە دېمەيمەن راست گەپنى قىلىڭ“دېدىم ئۇنىڭغا.شۇ چاغدىلا ئۇ خاتىرجەم بولغاندەك

-راست گەپنى قىلسام مەن بۈگۈنكى دەرسنى تازا چۈشىنەلمىدىم.

-ئۇنداق بولسا،نېمىشكە چۈشەندىم دەپ توۋلايسىز؟“.

-بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق دېگەن تۇرسا.

-بالىلار شۇنداق دېسە،سىز ئۇنىڭغا قارغۇلارچە ئەگەشسىڭىز بولامدۇ؟ئۆزىڭىزنىڭ پىكرى بولسا ئوتتۇرغا قويسىڭىز بولىدىغۇ؟

-ياق بولمايدۇ.مۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالىدۇ.

ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.بىزنىڭ نۇرغۇن ئەقىللىق،ئىجادىي تەپەككۇرغا باي بالىلىرىمىز مانا مۇشۇنداق ساختا ”چۈشەندۇق“دېگەن جاۋاپ بىلەن تۇنجۇقۇپ كېتىۋىتىپتۇ.بۇنداق بالىلار كىيىن ئالىي مەكتەپكە بارغاندىمۇ،جەمىيەت چىققاندىن كىيىنمۇ ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرغا قويالمايدىغان،بىرەر ئىش ھەققىدە مۇستەقىل قارار چىقىرالمايدىغان باشقىلارنىڭ مەسلىھەتىگە قاراپلا ئىش قىلىدىغان،كىم قاياققا باشلىسا،شۇ ياققا ماڭىدىغان،قىلچە تەۋەككۈلچىلىك روھى يوق ئادەم بولۇپ چىقماي نېمە بولماقچى؟

ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قاراپ باقايلى،ئۇلار مەن يۇقىردا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك مائارىپ ئەندىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغاچقا،ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالايدىغانلىرى،باشقا شىركەت-كارخانىلىرىدا ئىشلىگەن ۋاقىتلاردا دادىل يېڭىلىق يارىتالايدىغانلىرى ناھايىتى ئاز.نۇرغۇنلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمەت تېپىپ بېرىشىنى ساقلاپ ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرۋاتىدۇ.كىچىگىدىنلا باشلاپ بوغۇلغان تەپەككۇر چوڭ بولغىچە ئەركىن بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولماقتا.ئۆتكەندە مۇنداق بىر ھېكايىنى ئوقۇپ قالدىم:

بىر توننا ئېغىرلىقتىكى يۈك-تاقنى خارتۇمى بىلەن كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان پىلنىڭ سېرىك سەھنىسىدىكى ھالىتىگە قارايلى، شۇنداق كۈچلۈك ھايۋان سېرىك سەھنىلىرىدە كىچىككىنە بىر قوزۇققا باغلاپ قويۇلسا، باغلاقلىق پىتى جىم تۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ پىللار ناھايتى يۇمران ۋاقتىدىلا زەنجىر بىلەن يوغان تۆمۈر قوزۇققا باغلاپ قويۇلىدۇ. ئۇلار كىچىك ۋاقتىدا تېخى شۇنداق ئاجىز بولغانلىقتىن زەنجىرنى ”ئۈزۈۋىتەلمەيمەن“دىگەن ئوي بىلەن زەنجىرلەنگەن ھالىتىگە كۆنۈپ قالىدۇ. چوڭ بولۇپ كۈچتۆڭگۈرلۈككە يېتىپ بارغاندىمۇ يەنە شۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتمىگەچكە، سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىپ كىچىككىنە زەنجىرگە باغلاپ قويۇلسىمۇ يەنە جىم تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىدىكى كۈچتۆڭگۈرلۈك بويىچە زەنجىرنى ئۈزۈۋىتەلمەسلىكى ئەنە شۇ ئادەتلىنىشتىن بولغان. ئادەملەردىكى تەپەككۇر ئادىتىمۇ شۇنداق بولۇپ، گەرچە ئادمگە ئەركىن قەلىب ۋە مېڭىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال ئاتا قىلىنغان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئادەملەر تەرپىدىن ”كۆندۈرۈلگەچكە“ئۇ چوڭ بولۇپ،مۇستەقىل ئىش قىلىش يېشىغا يەتكەندىن كىيىنمۇ يەنىلا ھېچ ئىشنى باشقا ئەچىقالمايدۇ.

ھازىرقى جەمىيەتتە ھەقىقىي ئۆزىمىزگە تەئەللۇق ئادەم بولۇپ ياشايمىز دەيدىكەنمىز.چوقۇم ئۆز خاسلىقىمىزنى شەكىللەندۈرشىمىز كېرەك.كەچكىچە باشقىلارغىلا تەقلىد قىلىدىغان،دورايدىغان شاتۇتىغا ئايلىنىپ قېلىشىمىزمۇ مومكىن.شۇڭىلاشقا،باللىرىمىزنى كىچىكىدىن باشلاپ دادىل پىكىر قىلىدىغان،ئۆزگىچە مۇستەقىل كۆز قارىشى بار قىلىپ تەربىيلەش ناھايىتى موھىم.

ئاخىردا دوستلارنىڭ دادىل بولىشى،باشقىلارنىڭ پىكرىگە تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىرگە ئۆز خاسلىقىنى نامايەن قىلىشقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ھېكايىنى سوۋغا قىلماقچىمەن:

بىر كىشى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئوغلىنى ئۆزىدىن كىيىن قالسا ئۆز يولىنى تېپىپ ياشىيالىسۇن دەپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلماقچى بوپتۇ.شۇ مەقسەت بىلەن بىر كۈنى ئوغلىنى ئېلىپ،ئېشىكىنى يېتىلەپ تالاغا چىقىپتۇ.

ئۇلار پاراڭلىشىپ ماڭا-ماڭا بىر يەرگە كەلگەندە يولدا بىر نەچچە كىشى ئۇچىراپ:

-ماۋۇ ئەخمەقلەرگە قاراڭلار،ئېشەكنى يېتىلەپ ئىككىسى پىيادە ماڭغۇچە،بىرەرى مىنىپ ماڭسا بولمامدۇ؟-دېيىشىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئېشەكنى مىنىپ،بالىسىغا ئېشەكنى يىتىلىتىپ مېڭىپتۇ.بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن يەنە بىر نەچچە كىشى ئۇچىراپ:

-ماۋۇ ۋىجدانسىز قېرىغا قاراڭلار،ئېشەككە ئۆزى مىنىپ،كىچىككىنە بالىغا ئېشەكنى يىتىلەتكىنىنى!-دېيىشىپتۇ.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ كىشى دەرۇ ئېشەكتىن چۈشۈپ،ئېشەككە بالىسىنى مىندۈرۈپ،ئۆزى يېتىلەپ مېڭىپتۇ.بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن يەنە بىر نەچچە كىشى ئۇچىراپ:

-قاراڭلار ماۋۇ نومۇسسىز بالىغا!ئۆزى ئېشەككە مىنىپ،ئاپئاق ساقال قېرى دادىسىغا يېتىلىتىپ ماڭغىنىنى!-دېيىشىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئۆزىمۇ بالىسىنىڭ كەينىگە مىنگىشىپتۇ.بىر ئېشەكنى ئىككى ئادەم مىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر:

-ھوي،ماۋۇ ئىنساپسىزلارغا قاراڭلار،بىر ئېشەككە ئىككىسى مىنىپ،بىچارە ئېشەككە ئۇۋال بوپتۇ!-دېيىشىپتۇ.

شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ كىشى ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ-دە،بالىسىنى ئولتۇرغۇزۇپ:

-كۆردۈڭمۇ بالام؟ھەرقانداق ئىش قىلساڭ كىشىلەر بىر نېمە دەيدۇ.مەندىن كىيىن قالساڭ،بىر ئىش قىلغىلىۋاتقاندا ئالدى بىلەن خۇدادىن،ئاندىن ئۆزۈڭنىڭ ۋىجدانىدىن سورا.كىشىلەر ھەر نېمە دەيدۇ.باشقىلارنىڭ ئاغزىغا قارىساڭ،ئۆزۈڭنىڭ ماڭىدىغان يولۇڭنىمۇ تاپالمايسەن،-دەپ نەسىھەت قىپتۇ.

بۇ ھېكايىدە بوۋاينىڭ ئوغلىدىن كۈتىۋاتقان نەرسە دەل ئىجادىيلىق،مۇستەقىللىق.ناۋادا ھەممىمىز بۇ بوۋايغا ئوخشا نوقتا نەزەر بىلەن بالىلىرىمىزغا،ئەتىراپىمىزدىكى كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىدىغان بولساق،ئۇ ھالدا چوقۇم پارلاق ئىستىقبال بىزنى كۈتۈپ تۇرغان بولاتتى.

3نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ئابدىراخمان.
    2012/01/26 21:48:20

    دىگېنڭىز مۇ توغرا.سەۋەپلىرى سىز دىگەن دەك كۆپ تەرەپلىمىلىك بۇلشى مۇمكىن.

  2. ئابدىراخمان.
    2012/01/24 20:51:53

    مىنىڭچە باللارنىڭ بۇنداق بۇلۇپ قېلىشغا بىرقىسىم ساپاسىز ئۇقۇتقۇچىلار سەۋەپلىك دەپ قاراي مەن.
    سىزنىڭچە چۇ؟سڭز قانداق قارايسڭز؟

    • lopnuri
      2012/01/24 21:39:33

      بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ تەرپلەرگە چېتىلىشى مۇمكىن. يەنى، ئاتا-ئانىلار،مائارىپ تۈزۈلمىسى، جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائى قۇرلمىسى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى دېگەندەك. مەسىلىنى بىر تەرەپكىلا دۆڭگەپ قويۇشقا بولماس. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوينايدىغان رولى بىر قەدەر چوڭ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif