ئۆمۈرلۈك ھەمراھنى قانداق تاللاۋاتىسىز؟
ئۆمۈرلۈك ھەمراھنى قانداق تاللاۋاتىسىز؟
ئادەم تۇغۇلۇپ مەلۇم بىر دەۋىرگە كەلگەندىن كىيىن تۇرمۇشلۇق بولۇش يولىغا قەدەم قويىدۇ.بۇ ئىسانىيەتتىكى بارلىق مىللەت ۋە ئېرىقتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق ئىجتىمائى ھادىسە.تۇرمۇشلۇق بولۇشتا بىر-بىرىگە ماس كېلىدىغان،بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان،بىر-بىرىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغان ھەمراھ تاللاش ئىنتايىن موھىم.تارىخنىڭ چاقى چۆگىلەپ ھازىرقى دەۋىرگە كەلگەندە كىشىلەر بۇ جەھەتتە بىلىشمەي تۇرۇپ ھەمرالىق يولىغا قەدەم قويۇش،مەجىۇرلاش ئارقىلىق ھەمرالىق يولىغا قەدەم قويۇشتىن تەدىرىجى ھالدا ھەمراھلارنى ئەركىن تاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.ھەمرا تاللاشنىڭ ئەركىن ھالەتكە ئۆتىشى ھازىرقى زاماندىكى يىگىت-قىزلارنىڭ ئەڭ زور بەختى.كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا بارلىققا كەلگەن ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ پاجىئەسى دەل ئۆزىگە ئەركىن ھەمرا تاللاشنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان.شۇڭىلاشقىمۇ ئەجداتلىرىمىز گەرچە بۇرۇندىن ئەركىن نىكاھقا ئىنتىلىپ ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولسىمۇ،ھەمرا تاللاشنىڭ بىر ئائىلىنى كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ناھايىتى موھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.“ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇن،يەر قىلغانمۇ خوتۇن“،“خوتۇنۇڭ بار،ئۆيۈڭ گۈل؛خوتۇنۇڭ يوق،ئۆيۈڭ چۆل“،“خوتۇنى ئوبدان شۈمشەيمەس“،“قىشنىڭ راھىتى ئوتۇن،ئەرنىڭ راھىتى خوتۇن“،“ياخشى خوتۇن ئەرنى تۈزەيدۇ“،“ياخشى خوتۇن ئۆينىڭ راھىتى،يامان خوتۇن ئۆينىڭ ئاپىتى“،“ياخشى خوتۇن ئۆي زىننىتى،يامان خوتۇن توي زىننىتى“،“ياخشى خوتۇن ئۆينىڭ گۈلى“،“ئەسكى خوتۇن ئالساڭ،بېشىڭ بولار ساساڭ.ياخشى خوتۇن ئالساڭ،ئاشقا تولار كاساڭ“دېگەندەك ھېكمەتلىرى بىلەن ئايال كىشىنىڭ تۇرمۇشتىكى رولىغا يۇقىرى باھا بەرسە؛“ئەرسىز ئايالنىڭ ھالىغا ۋاي“،“ئەرسىز خوتۇن-يۈگەنسىز ئات“،“ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈم بولسا،ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم بولسا“،“ئەرلىك خوتۇن مەزىلىك ئاش،ئەرسىز خوتۇن تۇزلۇق ئۇماچ“،“ئەر ئالمىغان قىز-بۇزۇلغان گۆش“دېگەندەك ھېكمەتلىرى ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.دېمەك،بىر ئائىلىنىڭ قۇرۇلىشىدا ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت بىر-بىرىنى شەرت قىلىدىغان ئىككى تەرەپ مەۋجۈت.ھازىرغا كەلگۈچە نۇرغۇن كىشىلەر قانداق قىلغاندا كۆڭۈلدىكىدەك ھەمرا تاپقىلى ۋە شۇ ئارقىلىق بەختلىك ئائىلە قۇرىغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىپ كەلدى.كىشىلىرىمىزنىڭ لايىق تاللاشقا بولغان پوزىتسىيىسى ۋە ئۆلچەملىرىمۇ دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ باردى.مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە قىزلىرىمىز لايىق تاللاشتا،ئەسكەر بولغان ئەرلەرنى تاللىدى ،كىيىن بېرىپ زىيالى ياشلارنى تاللاشنى مودا قىلدى،مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرى يېڭىلا ئاخىرلاشقان مەزگىللەردە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ شوپۇرلىرىنى تاللاش ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى.90-يىللاردىن كىيىن سودىگەرلەرنى تاللاش كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش بولۇپ قالدى.ھازىر بولسا بۇ خىل تاللاش بىر خىل مۇرەككەپلىكنى شەكىللەندۈردى.دېمەك،دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىشى كەسىپلەرنىڭ جەمىيەتتىكى ئېقىش دەرىجىسى بىزنىڭ لايىق تاللاش ئۆلچىمىمىزگە تەسىر كۆرسەتتى.بىز ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ ھەمراھ تاللاشتىكى تەجىربىسىنىڭ كەملىكى،ئالدۇراڭغۇلىقى،كەلگۈسىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەسلىكى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇزۇلغان ئائىلىلەرنىڭ كۆپ بولىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئېچىندۇرىدۇ.ئاللىقاچان ئۆي-ئوچاقلىق بولغان ئەرياكى ئايللارنىڭ بىر ئائىلىنى تۇتىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئۇلاردا كۆرىلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەت،ئەخلاق چۈشەنچىلىرىمىزگە يات قىلىق ھەرىكەتلەر بىزگە چاك-چېكىدىن ئاجىراپ كەتكەن كۆرۈنۈشتە بىر ئائىلىدە ياشاۋاتسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز قىزىقىشى بويىچە ياشاپ كېلىۋاتقانلىقى بىزگە كىيىكى زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئائىلىلەرنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرماقتا.
ھازىر بىزنىڭ ھەمرا تاللاش شەكلىمىزدىن قارىغاندا،ئوغۇللارنىڭ يەنىلا تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇشى ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.قىزلار بولسا،ئوغۇللارغا تەشەبۇسكار بولۇشتىن ئۆزىنى ئامال بار تارتىدۇ.ئوغۇللارنىڭ لايىق تاللىشى بىر قەدەر ئەركىن ۋە دائىرسى كەڭ بولىۋاتىدۇ.ئەلۋەتتە ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا قىزلارنىڭ تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇپ ئكز بەختى ئۈچۈن كۈچىشىمۇ بار ھادىسە.ئەمما يەنىلا ئالدىنقىسى ئاساسىئېقمنى شەكىللەندۈرگەن.مەن باياتىن ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ ھەمرا تاللاش ئۇسۇلى بىر خىل مۇرەككەپلىكنى ھاسىل قىلغانلىقنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم.بۇ خىل مۇرەككەپلىك قىزلىرىمىزنىڭ ئۆز ھەمرالىرىغا ئوخشىمىغان نوقتىدىن ئۆلچەم قويغانلىقنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.تۆۋەندىكى ئىككى دىئالوگ ئىككى قىزنىڭ ئىككى خىل پوزىتسىيىسىنىڭ جانلىق كارتىنىسىدۇر.
دىئالوگ1:
بىر بايۋەتچە بىر ساھىبقامال قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆيلەنمەكچى بوپتۇ.لىكىن قىز ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلماپتۇ.بىر كۈنى بايۋەتچە قىزغا:
-سىز مەندەك باينىڭ بالىسىغا تەگمىسىڭىز،كوچىدىكى بىكار تەلەپكە تېگەمسىز؟دەپ دوق قىلىپتۇ.قىز:
-ئەگەر مەن كوچىدىكى بىكار تەلەپلەرگە تەگمەكچى بولسام،ئالدى بىلەن سىزگە تەگمەمتىم. دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
دىئالوگ2:
-ئۇ يىگىتنى ياقتۇرمىدىڭمۇ؟
-ئۇ گومۇشنىڭ نېمىسىنى ياقتۇرىمەن؟
-ئۇ بىر ئوبدان بالىغۇ؟پاكىز كىيىنگەن….
-ئوغۇل بالا دېگەن پاكىز كىيىنسىلا بولامدۇ؟
-ئۇ ئەقىللىق…
-ئەقلى قۇرۇسۇن!
-ئۇ ئەدەپلىك…
-ئەدىپىنى نەگە ئاپارسا ئاپارسۇن!
-ئەمىسە ئۇ يىگىتنىڭ نېمىسىنى ياراتمىدىڭ؟
-ئۇ بىر نېمەڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇردىغان“قۇتادغۇبىلىك“بىلەن كىشىنى تېرىكتۈردىغان“ناۋايى شېئىرلىرى“دىن باشقىنى بىلمەيدىكەن.يا ئادەمنى ئوينىتىشنى بىلمىسە،يا قىززىق گەپلەر بىلەن ئادەمنى كۈلدۈرۈشنى بىلمىسە.
-مۇنداق دە،مەيلى سېنى كەچكىچە ئوينىتىدىغان بىكار تەلەپتىن بىرنى تېپىپ تەگكىن ئەمىسە.
يۇقىر قى ئىككى دىئالوگدىن ئىككى قىزنىڭ ھەمراھىنىڭ قانداق بولىشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.لىكىن بۇلارنىڭ بۇ خىل ئۆلچەملىرىنى خاتا دەپ ئىنكار قىلىۋىتەلمەيمىز.چۈنكى بۇ ھەمرا تاللاشتا ئەكىنلىك يولغا قويۇلغان دەۋىر.بۇ ئىككى ئۆلچەمدىن قارىغاندا بىرىنىڭ ئەقىلنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى،بىرىنىڭ ھېسىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.مېنىڭچە ھەمرا تاللاش ئەقىل بىلەن ھېسىياتنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭشىلىشى كىيىنكى ئائىلە ۋەيرانچىلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى موھىم ئامىل.شۇڭىلاشقا ھازىرقى ياشلىرىمىز ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تالىغاندا ئەڭ موھىمى ھەر ئىككى تەرەپنى ئويلاشقىنى تۈزۈك.
ئۇنداق بولسا بۇرۇن ئاتا-بوۋىلىرىمىز لايىق تاللاشتا قانداق ئۆلچەملەرنى قوللانغان ئۇنى تۆۋەندىكى ھېكمەتلەر بىلەن قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى.“ئەر تااللىغان يەردە قالار“،“بىر ئالدىراڭغۇغا قىز بەرمە،بىر ئالدىرماسقا“،“داۋان ئېشىپ خوتۇن ئالما،سۇدىن ئېشىپ ئۇتۇن ئالما“،“غاجايدىغان ئۆتۈكتىن كەچ،يېپىشقاق خوتۇندىن كەچ“،“قاششاڭ قىز خوتۇن بولماس،پسار پوستەك ئوتۇن بولماس“،“قوشناڭنىڭ قىزىنى كېلىن قىلما“،“قىز تاللىغان تازغا ئۇچىراپتۇ،ئەر تاللىغان مازغا ئۇچىراپتۇ“،“قىز ئال،كۈز ئال،تېز ئال“،“قىز ئال توي قىلغان يەردىن،بىر ئۆينى ئۆي قىلغان يەردىن“،“مىدىرلىغان كۆتەكنى يارماڭ،تېگەي دېگەن خوتۇننى ئالماڭ“،“ئۆزۈڭدىن تۆۋەن قىز ئال،ئۆزۈڭدىن ئۈستۈنگە قىز بەر“ . مانا يۇقارقى ماقال-تەمسىللەر كىشىلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش تەجىربىلىرى ئاساسىدا يەكۈنلەپ چىقىلغان ھەمراھ تاللاش پىرىنسىپلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر.بۇلار ئىچىدە بەلكىم ھازىرقى دەۋىرگە ماس كەلمەيدىغانلىرىمۇ بولىشى مومكىن،لىكىن كۆپىنچىلىرى ھەر قانداق زامانغا ماس كېلىدىغان ھېكمەتلەردۇر.
مەن تۇرمۇش تەجىربىسىگە مول ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن مويسىپىت ئەمەس،ياكى لايىق تونۇشتۇرۇش مەركىزىنى خوجايىنىمۇ ئەمەس،بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىمۇ ئەمەس.بەلكى،مۇشۇ ھەقتىكى ئىشلارنى بىىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرگۈچى.شۇڭىلاشقا،يۇقاردا ئېيتىلغان گەپلەر ئىچىدە ئۆزۈڭلارغا ماس كەلمەيدىغانلىرى بولسا تەنقىدىي مۇئامىلە قىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
2009-يىلى3-ئاينىڭ25-كۈنى
كىيىنكى يازما: راستىنلا كىتاپنى ئاز ئوقۇيدىغان ئوخشايمىز