سالامەت بول جېنىم ئاتا
سالامەت بول جېنىم ئاتا
سېنى“ئېتىزدا ئايلىنىپ كېتىپتۇ“دېگەن دېگەن خەۋەر يۈرۈكۈمگە غايىپتىن بىر ئوق تەككەندەك،مېنى نەچچە قەدەم ئارقىمغا ئۇچۇرۋەتتى.شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نېمە قىلىشىمنى،كىمنى ئىزدشىمىنى بىلمەي ۋىچىرلاپ تۇرغان بالىلارنىڭ ئارىسىدا كىملەرنىدۇ ئىزدەپ پۇتى كۆيگەن توخودەك ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرۈپتىمەن.“بۇ يەردە ئادەم كۆپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغۇچىلىرىم بار“دەپ كۆز چاناقلىرىمغا كەلگەن ياش قىيانلىرىنى زورىغا بېسىپ،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يېنىغا رۇخسەت سوراش ئۈچۈن يول ئالدىم.بەلكىم سېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ“بالام،ئوغۇل بالا دېگەن يېشىنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىكى كېرەك“دېگەن سۆزلىرىڭنىڭ كۈچىدىن بولسا كېرەك،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يېنىغا كىرىپمۇ ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋىلىپ“ئاتام ئاغرىپ قاپتۇ،رۇخسەت سورايمەن“دېدىم.نەچچە ۋاقىتتىن بېرى رۇخسەت سورىغىلى كىرىپ قالساق،قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ،تولا سەۋەپ سۈرۈشتۈرۈپ كېتىدىغان مەكتەپ مۇدىرى نىمە ئۈچۈنكىن بۈگۈن باشقىچە دوستانە بولۇپ،ئارتۇق گەپ قىلمايلا،بىر خىل جىددىيلەشكەن تەلەپپۇزدا“ئۇنداقتا تىز بارغىن“دېدى.خۇداغا شۈكرى ئاخىر بۇ ئادەم دېڭىزىدىن قۇتۇلۇپ،پەقەت ئۆزۈملا بار جايغا يىتىپ كەلدىم.كاللامدا چېقىلىۋاتقان سانسىز چاقماقلار،قەلبىمنى قاپلىغان ئەندىشە بۇلۇتلىرى،يۈرۈگۈمنى تىتىرتىۋاتقان جىددىيلىك گۈلدۈرمامىلىرى ئاخىر ياش كەلكۈنلىرىنى يامرىتىشقا باشلىدى.ئۆزۈمگە توختىماي“يىغلىمايمەن“دەپ تۇرىۋاتىمەن.لىكىن نەدىن كېلىۋاتىدىكىن يىپقا تىزغان مارجاندەك ياشلىرىمنى توختىتىشقا ئامالسىز قالدىم.خۇددى بىرەر خېمىيىلىك ماددا ياش ئىشلەپچىقىرىش نېرۋىلىرىمنى غىدىقلاپ،پۈتۈنلەي ئىش ھالىتىگە ئەكىلىپ قويغاندەك قوللىرىم دومىلاۋاتقان تۇزلۇق سۇيۇقلۇقنى سۈرتۈپ ئۈلگىرەلمەيۋاتاتتى.مانا شۇ ۋاقىتتىلا سېنىڭ تومۇرۇمدا ئېقىۋاتقان قانلىرىڭنىڭ بەدىنىمدە دەھشەتلىك قىيان ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتتىم.
بەشىمىز قەلبىنى ئىللىتقان تەكشى،
قەلبىڭدە ھەر زامان پەرزەنتىڭ مىھرى.
قۇربانلىق بېرىشنى قىلغانسەن ئۇدۇم،
چېھرىڭدە بالقىيدۇ مىڭ قۇياش سېھرى.
ماشىنىنىڭ چاقى سائەتىگە 120كىلومىتىرنى كۆرسىتىپ پىقىرىماقتا.قولۇمدىكى سائەت خۇددى توختاپ قالغاندەك بىلىنمەكتە.50كىلومىتىر يول500كلومىتىرغا،30مىنۇتلۇق مۇساپە 30سائەتلىك مۇساپىگە ئايلىنىپ كېتىدىغاندەك قەلبىمنى بىر خىل ئەندىشە قاپلىماقتا.ماشىنا ئاخىر دوختۇرخانا دەرۋازىسى ئالدىغا يېتىپ كەلدى.دەرۋازا ئالدىدا ئاكام ئىنتايىن مەيۈس ۋە ھارغىن قىياپەتتە مېنى ساقلاپ تۇراتتى.يۈرۈكۈم قارتتىدە قىلىپ قالدى.ئۇنىڭ بىلەن رەسمىيەت ئۈچۈن مۇنداقلا كۆرۈشتۇق.چۈنكى شۇ تاپتا بىزنىڭ بىر-بىرمىز بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ،ئەھۋال سوراشقۇدەك ھەپسىلىمىز يوق ئىدى.“ئاتام قەيەردە؟“دەپ سورىدىم.ئاكام گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا ئارقىدىكى بىنانى ئىشارەت قىلدى.بىلىمەن ئۇ گەپ قىلسىلا يىغلاپ تاشلايتتى.يۈگۈرگەن پېتى ئاتام ياتقان جىددىي قۇتقۇزۇش ياتىقىنىڭ ئالدىغان كەلدىم.ئاپام ۋە ئۈچ ھەدەم ياتاقنىڭ ئالدىدا ئىچىگە بويۇنداپ قارىغىنىچە،كۆزلىرى ياش يۇقى تۇراتتى.دوختۇر ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ تولا يىغلاپ ئاتامنىڭ قۇتقۇزلىشىغا دەخلى قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ھېچقايسىسىنى كىرگىلى قويمىغان ئىكەن.دوختۇرغا يىغلىماسلىق ھەققىدە ۋەدە بېرىپ ئاتامنىڭ يېنىغا ئاستا كەلدىم.ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچقۇدەكمۇ مادارى يوق ئىدى.ئېكرانغا قارىسام ئاتامنىڭ يۈرىكى مىنۇتىغا 120-130نى كۆرسىتىپ سوقىۋىتىپتۇ.بىر نەچچە سىكۇنتتا بىر ئونىڭ ناھايىتى زەئىپ ئاۋزدا ”ئاللاھ“دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا ئىنسان ھەقىقەتەن ئاجىز،ئۇنىڭ ئاللاھدىن ياردەم سوراشتىن باشقا ئامالى يوق،ئەلۋەتتە.جاننىمۇ ئاللاھ بەرگەن،ئالىدىغاندىمۇ يەنە شۇ ئاللاھ ئالىدۇ.بۇ چاغدا مەسئۇل دوختۇر ماڭا ئاتامنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.مېنىڭ دوختۇر بىلەن پاراڭلاشقان چاغدىكى ئاۋازىمنى ئاڭلىغان چېغى،ئۇ پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ كۆزىنى ئاچتى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا بىرەر نەرسە دېگۈسى بارلىقىنى ھېس قىلىپ ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.“ئاتا قانداق ئەھۋالىڭ“دېدىم ئۆزۈمنى مىڭ تەستە تۇتىۋىلىپ.“بالام مەن بولالامايۋاتىمەن“دېگەن گەپلەر قۇلىقىمدىن كىرىپ يۈرۈكۈمنىڭ بېغىشىغا تەگدى بولغاي،ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي“ئاتا،ھەرگىز ئۇنداق دېمە،خۇدايىم سېنى ساقلايدۇ،يېنىڭدا ھەممىمىز بار،بىزنى تاشلاپ كەتسەڭ بولمايدۇ“دېدىم.ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىدىن قاتتىق ھاياجانلىنىۋاتقانلىقى بىزگە قىيمايۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز قالايمىقانلىشىپ كەتتى.بىزدەم 140 قا چىقسا بىردەم 30-40قا چۈشۈپ قالاتتى.مەسئۇل دوختۇر ئاچچىقلىنىپ مېنىڭ چىقىپ كېتىشىمنى ئېيتتى.ئۆزۈمنى تۇتۇۋالاماي تالاغا قاراپ يۈگۈردۈم.
بىر ئۆمۈر بىز ئۈچۈن سوققان يۈرىكىڭ،
نە ئۈچۈن ۋاقىتسىز ئىزىلدى بۈگۈن.
سەن راھەت كۆرۈشۈڭ كېرەكقۇ ئەسلى،
خاتىرجەم بولغانتىڭ تېخى تۆنۈگۈن.
كۆز ياشلىرىمنى يەنىلا كونتىرول قىلالمايۋاتاتتىم.مەن تالادا تۇرغان ئاشۇ قىسقىغىنە بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ئاتامنىڭ مەن ئېسىمنى بىلگەندىن بۇيانقى جاپا-مۇشەقەتلىك كەچۈرمىشلىرى،بىزنى پەپىلەشلىرى،بەزىدە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ۋاقىراشلىرى كۆڭۈل ئېكرانىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.شۇنداق،ئۇ ئۆزىنىڭ 62يىللىق ھاياتىدا تۈزۈك راھەت كۆرۈپ باقمىدى.بەش بالىنى قاتارغا قوشىمەن دەپ كېچە-كۈندۈز غېمىمىزنى يىدى.شۇنداقتىمۇ بىرەر قېتىممۇ ۋايساپ باقمىدى.ئۇ ئائىلىمىزنىڭ تۆۋرۈكى بولۇشقا ھەقىقىي مۇناسىپ كىشى ئىدى.ئەمدى بۇ توۋرۈك غۇلاپ چۈشكىلىۋاتاتتى.ئاھ خۇدا 62 يىللىق جاپا-مۇشەققەتنى بېشنى كەچۈرگەن،ئەمدىلا چۈجىلىرىنىڭ ئۇچۇرما بولغانلىقىنى كۆرۈپ پەخىرلىنىش ھېسىياتى بىلەن ھەر بىر ئىشىمىزدىن ھوزۇر ھېس قىلىۋاتقان جاپاكەش بۈركۈتۈڭنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن.بىز بەش بالا تېخى ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ بىر پىرسەنتىنىمۇ قايتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدۇق.ئەلۋەتتە،ئۇ بىزدىن ھېچقانداق ماددىي بويۇم تەلەپ قىلمايدۇ.ئۇنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى ئۆزىنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلاش،بىزنى ۋاقتى-ۋاقتىدا كۆرۈپ تۇرۇش،بىزنىڭ ئىشلىرىمىزدا غەلبە قىلىشىمىزنى،ياراملىق ئادەم بولۇشىمىزنى كۆرۈش خالاس.
بەش بالا تومۇرىدا ئاقماقتا قېنىڭ،
بىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قىينالدى جېنىڭ.
ۋە لىكىن كۆرمىدۇق بىرەر قېتىممۇ،
چېھرڭدە مىننەتنىڭ ئىزلىرى سېنىڭ.
بىزدە“ئېلىپ بەر“دەيدىغان ھېكىمەت بار.بۇ ھېكمەتنى بەزى كىشىلەر ماددىي جەھەتتىكى ئېلىم–بېرىمغا ئىشلەتسىمۇ،بىزنىڭ ئاشۇ قەلبى دەريا ئاتىلىرىمىز بىزدىن تاما قىلىشتىن ناھايىتىمۇ،ناھايىتىمۇ يىراقتا.جۈملىدىن سەنمۇ شۇنداق ئاتا.بىز ئەمدى ئۇچۇرما بولۇپ قانات قۇيرۇقىمىز يىتىلدى.قۇشلارنىڭ قانات قۇيرۇقى يىتلگەندە ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تاشلاپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كىتەرمىش.لىكىن بىز بەش بالا ھەر ۋاقىت سېنىڭ ئەتىراپىڭدا پەرۋانە.بىزنىڭ ئەشۇ قۇشلاردىن پەرقىمىز ئۆز ئەجدادىمىزدىن تانمايمىز،ئوڭايلىقچە تاشلاپ كەتمەيمىز.قۇشلار تاشلاپ كېتىشنى ئۆزىگە ئەنئەنە قىلغان بولسا،بىز ئاتىلىرىمىز ئەتىراپىدىن ئايلىنىپ كېتەلمەسلىكنى ئۆزىمىزگە ئۇدۇم قىلغان.ناۋادا ئۇنداق بولمىغاندا ئىنسانلارنىڭ ھايۋاناتلار دۇنياسىدىن قانداقمۇ پەرقى بولسۇن؟
خۇداغا مىڭ مەرتە شۈكرى،مانا توپتوغرا ئىككى كېچە-كۈندۈز ئۆتتى.بېشىڭدا ئولتۇرۇپ،تۈزۈك كۆز يۇممىغان بولساقمۇ،يۈرەك سوقۇشلىرىڭنىڭ بارا-بارا ئۆز ئوربىتىسىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ خوشاللىقتىن يەنە كۆز يېشى قىلىشتۇق.بىزنىڭ ھەقىقەتەن تەلىيىمىز بار ئىكەن.مۇنداقچە ئېيتقاندا سەن تەۋە بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەلىيى بار ئىكەن.بىلىمەن ساڭا ئوخشاش نۇرغۇن ئاتىلار رەھىمسىز كېسەلنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالاماي،ئۆز ئارزۇيىغا يىتەلمەي،پەرزەنتلىرىنى داغدا قالدۇرۇپ كىتىپ قالدى.ئاشۇ كېتىپ قالغان ھەر بىر ئاتا ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر يوقىتىش ئىدى.ئاتىلىرىمىز بىزنى قوغداپ تۇرىدىغان تاغ.بۇ تاغدىن ھەر زامان ئابى ھايات سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ چۈشۈپ،بىز غۇنچىلارنىڭ قەلبىنى ياشارتىدۇ.ئاشۇ ئاتىلىرىمىز ئۆز مەردانىلىكى،قەيسەرلىكى،مىھرىبانلىقى،چىدام-غەرەتلىكلىكى بىلەن پۈتكۈل مىللىتىمىزنىڭ روھى تومۇرىغان قان تولۇقلاپ تۇرىدۇ.دوستۇم شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇن،ئاتىلىرىمىز بىز بىر ئۆمۈر يۆلىنىدىغان تاغ ئەمەس،ئۇ بىزنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش كەلگۈسىدە بىر مەزمۇت تاغ بولۇپ ئۆز مىللىتىنى كۆتىرىپ تۇرۈشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىدۇ-ھە!ئاتىلىرىمىزغا يۆلەنمەيلى،ئۇلارنى ھالىدىن كەتكۈزۋەتمەيلى.ئۇلارمۇ بىز بىلەن تەڭ بەختنىڭ پەيزىنى سۈرسۇن.
ئامان-ئېسەن بولغىن ئەي ئاتا،
تەڭ ئۇلاشقىن شۇ گۈزەل تاڭغا.
تەڭ باسايلى مەزمۇت قەدەمنى،
تەڭ چاپايلى“ھۇررا“دەپ ئالغا.
كېچە-كۈندۈر تىلەيمەن تېنچلىق.
قوللىرىمنى جۈپلەپ دۇئاغا.
ئۆتۈنىمەكچى شۇ ئاتىلارنى،
ئامان-ئېسەن قىلغىن ئەي خۇدا.
2009-يىلى7-ئاينىڭ5-كۈنى
كىيىنكى يازما: قەدىمقى كرورەن دولىتىدىكى ئادەملەرنىڭ سىرى