خىزمەت پەلسەپىسى(سۈرەتلىك)

ۋاقتى: 2011-09-20 / تۈرى: ئۇنىۋېرسال / كۆرۈلۈشى: 142 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

خىزمەت پەلسەپىسى

 

1.خىزمەتداشلىرىڭىزغا ئۇچۇق-يورۇقلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ،مانا بۇ دوستلۇق!
2.  ھەر بىر كۈنىڭىزنى ئىدىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇڭ،مانا بۇ تولۇقلاش!
3.  ھەممە ئىشقا پۇختا تەييارلىق  قىلىپ،ئاندىن ئىشنى باشلاڭ،مانا بۇ ئاكتىپچانلىق!
4.  ئومۇمەن ھەممە ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ مانا بۇ ئشەنچ!
5.  بارلىق خۇشاللىق خىزمەتتىن كېلىدۇ.مانا بۇ بېرىلىش!
6.  پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئاتلىنىڭ،مانا بۇ مەسئۇلىيەت!
7.  ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قولىڭىزنى سۇنۇڭ،مانا بۇ دەردىگە دەرمان بولۇش!
8.كەچۈرۈم قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.مانا بۇ كەڭ قورساقلىق!
9.  ماختاشنى يۇشۇرۇن قۇبۇل قىلىڭ،مانا بۇ كەمتەرلىك!
 

10.تەنقىدنى مەردانىلىق بىلەن قۇبۇل قىلىڭ،مانا بۇ ئىلگىرلەش!
خۇلاسە
 

ھاياتنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق،ناۋادا قىلىدىغان بىرەر خىزمەت بولمىسا……
بارلىق خىزمەتلەر ئىنتايىن جاپالىق،ناۋادا بىلىم ئىقتىدار بولمىسا…….
بارلىق بىلىملەر قۇرۇق گەپ،ناۋادا قىزغىن ئارزۇ-ئىستەك بولمىسا…..
بارلىق ئارزۇ-ئىستەكلەر قارغۇلارچە،ناۋادا مۇھاببەت بولمىسا……
ئۆزى سۆيىدىغان خىزمەتنىڭ بولىشى ھاياتنىڭ كونكىرىتلاشقانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.
قانداق قىلغاندا ئاندىن ئۆز خىزمىتىگە مۇھاببەت باغلىغىلى بولىدۇ؟
قەلىب تالالىرىڭىزدىن ئېسىل بىر رەخت توقۇپ چىقىڭ،بۇنىڭدىن خۇددى سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىز كىيىم كىيىدىغاندەك…..
كۆڭۈل تۆرىڭىزگە تۈجۈپلەپ بىر ئىمارەت سېلىڭ،خۇددى سىز ئۇنىڭ ئىچىگە ئۆز سۆيگۈنىڭىز بىلەن كۆچۈپ كىرىدىغاندەك….
مۇھاببەت سىزنى ئۆزلۈكىڭىز بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ،شۇنداق بولغاندىلا ھاياتىڭىز مەنىلىك،كۆڭۈللۈك،ئۈمىدلىك،پارلاق ھالەتتە كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.
ماقالىنىڭ ئاپتۇرى نامەلۇم،لىكىن تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى
سۈرەتلەرنى مەن توردىن ياخشى كۆرۈپ توپلىۋالغان،بۇ تېكىست بىلەن ئۆزۈم كىرىشتۈرۈپ باقتىم.
2011-يىلى9-ئاينىڭ20-كۈنى

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif