مەن بلوگنى ياقتۇرۇپ قالدىم

ۋاقتى: 2011-11-16 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 637 قېتىم / 12 دانە باھا يوللانغان باھا

مەن بلوگنى ياقتۇرۇپ قالدىم

 

 

مەن تۇنجى قېتىم ”بلوگ“ دېگەن بۇ ”قولايلىق سورۇن“نى ياكى ”ھەقسىز ماھارەت سەھنىسى“نى بىر ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىمىنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن بىر تور بېكەتكە تىزىملىتىپ، شۇ يەردە بىر قىستۇرما تەرىقىسىدە كۆرۈپ ئىنگىلىزچىسىنى ئازراق ئىشلىتىپ باققان ئىدىم. ئۇ چاغدا ئىنگىلىزچە سەۋىيەم تازا ياخشى بولمىغاچقىمۇ ياكى ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ياخشى بىلمىگەچكىمۇ ئازراق ئىشلىتىپلا بەك قىزىقماي تاشلىۋەتكەن ئىدىم. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 6-يۈرۈش كىنو قانىلىدا“光影博客 ”دېگەن بىر پروگرامما تەسىس قىلدى. مەن بۇ سۆزنى چۈشىنەلمەي توردىن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئاقتۇرۇپ باقتىم. ھەمدە “ ئۇنىڭ توردا يېزىلغان شەخسىي خاتىرە“ دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەتتا شۇ ۋاقىتتا ”بلوگ“ دېگەن بۇ ئۇقۇمنى باشقىلارغا تونۇشتۇردىغان بىرەر پارچە ماقالە تەييارلاپ تورغا يوللىماقچىمۇ بولدۇم. لىكىن كىيىن بەزى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ بۇ ئىش تاشلىنىپ قالدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلىنىش تورىدا “ جېك تور خاتىرسى“ دېگەن بىر ئۇلانمىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ مېنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تورىدا تۇنجى قېتىم كۆرگەن بىلوگۇم ئىدى. ( ئۇيغۇرلاردا كىم تۇنجى قېتىم بلوگ ياسىدى، بۇنى ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن. ئىشقىلىپ مېنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرگىنىم شۇ بلوگ. مېنىڭچە بۇمۇ بىز بىلىپ قۇيۇشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە، ھازىرقى ئىشلار كىيىن تارىخقا ئايلىنىدۇ ئەمەسمۇ، ئەگەر بۇنى ئېنىق بىلىدىغانلار بولسا مېنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويساڭلار). شۇنىڭ بىلەن بۇ بلوگقا پات-پات كىرىپ جېك ئەپەندىمنىڭ ئېسىل ماقالىلىرىنى ئوقۇيالايدىغان بولدۇم. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەندىمۇ بىر بلوگ بولسا، ئويلىغانلىرىمنى جېك ئەپەندىگە ئوخشاش ھەر قايسى دوستلار بىلە ئورتاقلاشسام نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە! دېگەن ئوي-پىكىر پەيدا بولدى. لىكىن كومپىيوتىر سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا، دەماللىققا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلالمىدىم. بۇ ئىشقا بىر يىل بولا بولمايلا تور بېكەتلەردە ئۇيغۇرلار ياسىغان بلوگلار كۆپىيىشكە باشلىدى. بىر كۈنى تور ئارىلاۋىتىپ ئابرال ئېلىكتىرۇنلۇق كىتاپلىرى ئارىسىدىن“ ئۇيغۇرچە بىلوگ ياساش قوللانمىسى“ نى ئۇچىرتىپ قالدىم. خوشاللىقىمدا ئۆيدە ۋاقىراپ كېتىپتىمەن. بۇ قوللانما ئابرال تەرپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە بلوگ تۈزۈشتىكى تېخنىكا ۋە بىلىملەر ئارامگاھ ۋە تەكلىماكان بلوگىدىن ئېلىنغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى دەرھال چۈشۈرۈپ، پىرىنتىردا ئۇرۇپ چىقاردىم. شۇ زاماتلا باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقتىم. كاللامدا قانداق بلوگ ياساش، نېمە مەزمۇندىكى بلوگ قىلىش بىر قۇر پىشقاندىن كىيىن، قوللانما بويىچە ئىشنى باشلىۋەتتىم. دەسلەپتە بىر ئۇسلۇبنى تاللاپ ئۇنىڭغا ئويغۇرچىلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان ئىدىم. بەزى جايلارنىڭ خەتلىرى نورمال كۆرۈنمەي بىر ئاز خاپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن توردىكى بلوگ ئويغۇرچىلاشتۇرۇشقا ئائىت ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقتىم. ئانا تىل بلوگىغا كىرسەم، فىلاندىيەدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان دوستۇم ئىسمايىل بلوگباستىكى(牛奶2) دېگەن ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپتىكەن. ئۇنىڭ ئىشلەتكەن كودلىرىنى ئەكىلىپ ئىشلەتكەن ئىدىم، ھەممە خەتلەر نورمال كۆرۈندى. شۇڭا بۇ يەردە مېنىڭ دەسلەپكى بلوگنى ياسىشىمغا تور ئارقىلىق ياردەم بەرگەن ئابرال ئەپەندىگە، ئارامگاھ، تەكلىماكان بلوگىنىڭ قۇرۇغۇچىلىرىغا، بىزنىڭ بلوگىغا، شۇنداقلا ئانا تىل بلوگىغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. شۇنداق مەنمۇ بىر بلوگلۇق بولۇپ قالدىم. كۈندە كەچتە نېمە ئىش قىلىسەن؟ دېسەڭلار بلوگقا يوللاش ئۈچۈن يازما تەييارلايمەن. ئۈزۈن ئۆتمەي بلوگ خۇمارى بولۇپ قالدىم. بۇرۇن تېلېۋىزۇرنىڭ ئالدىدا كۆپرەك ئولتۇرۇپ قالاتتىم. ئەمدى كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا كۆپرەك ئولتۇردىغان بولۇپ قالدىغان بولدۇم.تۇنجى بلوگىمنى خېلى يامان ئەمەس ماڭدۇردۇم دېسەممۇ بولىدۇ. بۇ بلوگنى قۇرۇپ،خېلى كۆپ دوستلار بىلەن تونۇشتۇم. خېلى كۆپ مەسىلىلەرنى بىلوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش مەقسىتىگە يەتتىم. 2009-يىلى تورلار بىر مەزگىل تاقىلىپ،بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن ئېچىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن گەرچە بلوگباستىكى بلوگنى يەنىلا ماڭدۇرۇشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئېچىلىش سۈرئىتى بەك ئاستا بولۇپ قېلىش، بەزىدە يازما يوللىغىلى بولماسلىق، ئىنكاس رامكىسى كۆرۈنمەسلىك ھەم ئۆزۈمنىڭ پروگراممىلارنى تەڭشەيمەن دەپ بىر قىسىم جايلارنى بۇزۇپ قويۇشۇم قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن بۇ بلوگنى يېزىشتىن رايىم قايتتى. ئىككى –ئۈچ ئاي بلوگقا پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمىدىم. بىر كۈنى ئۇلىنىش بېتىدە ئۇلانما قىلىنغان بلوگلار ئارىسىدىن ئۇيغۇربەگ ئەپەندىنىڭ ۋوردپرەستە ئاچقان بلوگنى كۆرۈپ، يەنە قايتىدىن بلوگ يېزىش قىزغىنلىقىم كۈچەيدى. ھەمدە ۋوردپرەستە بىر بلوگ ئىچىش خىيالىغا كېلىپ ئۇيغۇربەگ ئەپەندىم بىلەن ئالاقە قىلدىم. ئۇيغۇر بەگ ئەپەندىم ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ماڭا ۋوردپرەستە بلوگ ئېچىشنىڭ يولىرىنى ئۆگىتىپ قويدى. بۇ يەردە ئۇيغۇر بلوگگىرلارنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇربەگ ئەپەندىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مانا ھازىرغا كەلگۈچە ئۇيغۇربەگ،تەدبىركار،پىرىستان، ئەلشات قاتارلىق پروگراممىچى ۋە ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرگۈچى دوستلار ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نۇرغۇن قان-تەرىنى سىڭدۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى چوقۇم مۇئەييەنلەشتۈرشىمىز كېرەك. مېنىڭچە مەلۇم بىر مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ بلوگچىلىق تارىخى يېزىلىپ قالسا، يۇقاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن دوستلىرىمىزنىڭ تارىخ بەتلىرىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئېلىشى مۇققەرەر. مەن بلوگنىڭ تېخنىكىلىق تەدبىرلىرى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشقا تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. لېكىن، بلوگنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە نەپ يەتكۈزۈش رولى نوقتىدىن چىقىپ ئاددىي بولسىمۇ، ئۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم. دوستلارنىڭ تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى ئۈمىدى قىلىمەن.

بلوگ گەرچە ”تور خاتىرىسى“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرسىمۇ، بىز ئۇنى ئوخشىمىغان مەقسەتلىرىمىز ئۈچۈن

  ئىشلەتسەك بولىدىكەن. مېنىڭچە بلوگ ياساشنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە جەھەتتە پايدىسى بار ئىكەن:

1. ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى كۆزقاراشلىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدىكەنسىز. باشقىلار شۇ ئارقىلىق سىزنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىللىكلىرىڭىزنى كۆرسىتىپ سىزنى ئۆزىڭىز بىلگەنچە ماڭىدىغان قالايمىقان يوللاردىن توسۇپ قالىدىكەن. توردا تۇرۇپلا باشقا دوستلىرىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇنازىرە قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدىكەنسىز. نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ھېسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن قاراشنى ئۆگىنىۋالدىكەنسىز.

2   . بلوگ ياسىغاندىن كىيىن ئۇنى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭىلاشقا بىلوگ سىزنىڭ يېڭى نەرسىلەرنى كۆرۈشىڭىزگە، باشقىلارغا پايدىلىق نەرسىلەرنى يوللىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدىكەن. توختىماي ئىزدىندىكەنسىز. سىز يوللىغان تېمىلارنى باشقىلار كۆرۈپ نەپ ئالغاندا، ئۇلار يازغان ئىنكاسلارنى كۆرگەندە بىر خىل ھاياتى كۈچكە تولغاندەك ھېسىياتقا كېلىدىكەنسىز. (مەن بەلكىم بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەندىمەن، لىكىن بۇ مېنىڭ ھەقىقىي تۇيغۇم.)

3. ئەگەر بلوگىڭىزنى باشقا بلوگلار بىلەن دوست قىلىۋالسىڭىز، دوستلىرىڭىز يازغان ھەرقانداق يازمىلار ئارقا سۇپىڭىزغا كىرىپ جايلىشىپ، سىزنى ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا نۇرغۇن يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار قىلىدىكەن(بلوگباستىكى بلوگگۈمدا مۇشۇنداق ئىقتىدار بار ئىدى).

4. داڭلىق تور بېكەت ۋە بلوگلارنى دوستانە ئۇلىنىش تىزىملىكىگە كىرگۈزىۋالسىڭىز، ئۆز بىلوگىڭىزدا تۇرۇپلا باشقا تور بېكەتلەرنىڭ ئادىرىسىنى كىرگۈزمەي تۇرۇپ ئۇلارنى زىيارەت قىلالايدىكەنسىز. بۇ سىزگە خېلى كۆپ ۋاقىتنى تېجەپ بېرىدىكەن.

5.باشقىلار بىلەن ئۇچىراشقاندا، كوچىدا كېتىۋاتقاندا، خىزمەت جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ، بىر خىل ئىلمى يەكۈنلەرنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇندىكەنسىز. يازغان كۈندىلىك خاتىرلىرىڭىز بۇرۇنقى يىل، ئاي،كۈن، ھاۋارايى، يولۇققان ئاددى ئىشلارنى يېزىشتىن، شۇ ئاددى مەسىلەر ئىچىدىن ئۇلۇغ ھەقىقەتلەرنى ئىزدەشكە، تەپەككۇرىڭىزنى غىدىقلاشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈندەشكە باشلايدىكەن. (بلوگقا كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى باشلىغاندىن بۇيان مەن راستىنلا شۇنداق ”گۇمانخور“، ”قۇلاق موللىسى“بولۇپ قالدىم) نەتىجىدە يازغان بەزى كۈندىلىك خاتىرلىرىڭىز بىر قارىسىڭىز كۈندىلىك خاتىرىگە بىر قارىسىڭىز ياكى ئازراقلا كۈچ قوشسىڭىز بىر ماقالىگە ئوخشاپ ماڭىدىكەن.

6. ئەگەر خالىسىڭىز بلوگىڭىزغا بەزى شىركەتلەرنىڭ ئېلانلىرىنى قويۇش ئارقىلىق ئۆيدە تۇرۇپمۇ، گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ ئاز تولا كىرىم قىلالايدىكەنسىز. بۇ كىرىملىرىڭىزنى  ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن تەرەپلەرگە سەرپ قىلالىسىڭىز بۇ خۇددى“ ئۆزى ئىشلەپ تاپقان پۇل بەك تاتلىق بولىدۇ“ دېگەندەك سىزگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدىكەن. تېخمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش ئارزۇيىڭىزنى كۈچەيتىدىكەن.

7. توردا تۇرۇپلا ھەقسىز مەسلىھەتچىگە ئىگە بولىدىكەنسىز. چەتئەلدە تۇرۋاتقان، ئوقۇۋاتقان كىشىلەردىن چەتئەلدە ئوقۇش، ئىشلەش، ئولتۇراقلىشىش، تىل ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى سوراپ مەسلىھەت ئالالايدىكەنسىز. ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىرادە تۇرغۇزالايدىكەنسىز. مەسىلەن: مەرىپەت بلوگى“نىڭ قۇرغۇچىسى ئەركىن سىدىق ئاكىمىز، “ جېك تور خاتىرسى“نىڭ قۇرۇغۇچىسى تۇرسۇنجان ئەپەندىلەر قېرىنداشلىرىمىزنى نۇرغۇن يېڭىلىقلار بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، چەتئەلدە ئوقۇش، تىل ئۆگىنىش، ھەتتا چەتئەلدە خىزمەت تېپىشقىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە قىممەتلىك مەسلىھەتلەرنى بەردى. بۇ يەردە بۇ ئىككى قېرىدىشىمىزغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

8. ناۋادا مەخسۇس بىر ساھەگە مۇناسىۋەتلىك بلوگ ياسىغان بولسىڭىز، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقالايدىكەنسىز. بۇنداق دېيىشتە بىر تەرەپتىن يوللىغان نەرسىلىرىڭىز ئارقىلىق باشقىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، بلوگنى ئۆز خىزمىتىڭىز ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلدۇرالايدىكەنسىز. مەسلەن: توردا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش شۇ ئارقىلىق يېڭى دەرس تەلىپىگە ماسلاشقان، ئوقۇغۇچىلار قىزىقىپ، دەرس مەزمۇنىنى ئوڭاي قۇبۇل قىلالايدىغان شارائىتنى يارىتالايدىكەنسىز. مەن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتىم. توردا ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش (بۇ ئۇزاق مۇساپىلىك مائارىپنى كۆرسەتمەيدۇ) چەتئەللەردە 1990-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىلا باشلانغان. لىكىن بىزدە ئەمدى باشلىنىۋاتىدۇ.بەزى بلوگلارنىڭ ھەقسىز بولۇش، ياساش تېخنىكىسى تور بەتكە قارىغاندا ئاددى بولۇش، ئىشلىتىش قولايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىزنىڭ ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كومپىيوتىر سەۋىيىسىگە تازا ماس كېلىدۇ.

بەلكىم بلوگنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق سۆزلەپ كېتەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن، مېنىڭ بۇ يازمىنى يېزىشىمدىكى مەقسىتىم يالغۇز ”بلوگ“ نى ماختاپ ئۇچۇرۇشلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتىنى تونۇتۇش، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ بلوگ ياسىشىغا مەدەت بېرىش شۇ ئارقىلىق توردىن توغرا پايدىلانماي ۋاقتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋاتقان ياشلىرىمىزنى ئۆزىنى تونۇش، ئىزدىنىش يولىغا باشلاش، ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزۈش. بلوگنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بلوگ ئارقىلىق ئېچىلمىغان ساھەلەرنىڭ ئېچىلىشىغا، دېيىلمىگەن گەپلەرنىڭ دېيىلىشىگە، تونۇشمايدىغان دوستلارنىڭ تونۇشۇپ پىكىر ئالماشتۇرشىغا تۈرتكە بولالىساق، بىلىپ بىلمەي مىللىتىمىزنىڭ ساپاسى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇمۇ ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كىيىنچە بېرىپ بىز پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىدىغان بىر ئىش بولۇپ قالغۇسى.ھەر يىلى يۈكسەل بلوگى باش بولۇپ،“ ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ“ نى توردا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلاپ چىقۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى مۇشۇ خىزمەتنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەخسۇس ئۇلىنىش بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەتلەر ياكى مەخسۇس بلوگ ئۇلىنىشىنى يولغان قويغان بلوگلار ھازىر ئۇيغۇرلاردا بار بولغان بلوگلارنى توپلاپ، بىزنىڭ بلوگدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشىمىزغا شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەڭ موھىمى، ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۈچۈن ئۈنسىسز تۆھپە قوشۇۋاتقان پروگراممىچى دوستلار ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ھەل قىلىپ بىزنى ياخشى سەھنىلەر بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. ئەمدىكى گەپ بىزنىڭ مۇشۇلىلارنى قوللىشىمىز، تەڭ ھەركەتكە كېلىشىمىزدە قالدى. قېنى سىزمۇ ھەرىكەتكە كېلىڭ، توردا كەچكىچە ئۇيۇن ئويناشتىن، ناخشا ئاڭلاشتىن، كىنۇ كۆرۈشتىن، جامالىنى كۆرۈپ باقمىغان جانانلارنى گەپكە سېلىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىپ خاسلىقىڭىزنى نامايەن قىلىدىغان، تەپەككۇرىڭىزنى ئويغىتىدىغان، ئۆزلۈكسىز ئىلگىرلىشىڭىزگە تۈرتكە بولىدىغان بلوگ ياساشقا ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈشنى باشلاڭ! بىر كۈن كېچىكسىڭىز، پۇشايمىنىڭىز تېخىمۇ كۆپىيىپ ماڭغۇسى!

ئەمدى كەڭ بلوگىر دوستلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم بلوگ يېزىش جەريانىدا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرگە دېققەت قىلساق:

1. ئوپمۇ-ئوخشاش مەزمۇندىكى بلوگلارنى ئامال بار قۇرۇشتىن ساقلىنىپ، بلوگنىڭ رەڭدارلىقىغا ۋە سەرخىللىقىغا كاپالەتلىك قىلساق. بۇ بىزدىكى ئېچىلمايۋاتقان ساھەلەرنىڭ ئېچىلىشىغا ۋە تەرەققى قىلىشىغا پايدىلىق. چۈنكى، تەكرار قىلىنغان ئەمگەكلەر ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىش بىلەن بىرگە،نۇرغۇن زېھنىمىزنى خورىتىۋىتىشى مومكىن.

2.بلوگ قۇرىغاندىن كېيىن بلوگ يېزىش ئۇسلۇبىغا ئەھمىيەت بەرسەك، بلوگىمىزدا يېڭى ھەم ئىجادىي مەزمۇنلارنىڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلساق. بلوگىمىزنى باشقا بلوگ ۋە مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن يازمىلار بىلەنلا تولدۇرۋەتمىسەك.(ناۋادا تارىخقا ئائىت بلوگلار بولسا،كىتاپ،گېزىت،ژورناللاردىن تورلاردا،مۇنبەرلەردە تېخى ئېلان قىلىنمىغان مەزمۇنلارنى ئۆز قولىڭىز بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزگەن بولسىڭىز بۇنىڭ يولى باشقا) بىر قىسىم مەزمۇنلار بلوگىمىزنىڭ خاسلىقىغا ماس كېلىپ قالسا بۇ باشقا گەپ. ھەممە يازمىلارنى باشقا يەردىن يۆتكەپ كېلىش قىپ-قىزىل كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشتىن باشقا ئەمەس.

3. بلوگ يېزىش جەريانىدا ئىلمىي،سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مەسىللەرنى پەقەت ھېسىياتىمىزغا تاينىپلا ئەمەس،ئەقلىي تەپەككۇرىمىز بىلەن ئويلاپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسەك.يازمىلىرىمىدا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى،قانۇنىي،ئەمىر-پەرمانلىرىغا مۇخالىپ كېلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ يوللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالساق.

4. يازغان ۋە يوللىغان يازمىلىرىمىزدا باشقىلارنىڭ بۇرۇن قىلغان ئەمگەكلىرىدىن پايدىلانغان بولساق،پايدىلانغان مەنبەنى ئەسكەرتىشنى قەتئىي ئۇنۇتمىساق. بۇمۇ مېنىڭچە تور ئەخلاقى ۋە بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان موھىم بىر مەسىلە.

5. ھەر قايسى بلوگىرلار ئارا ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، بلوگلىرىمىدا ئەھمىيەتلىك،قانۇنلۇق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ئورتاق نەپ يەتكۈزۈش،ئورتاق تەرەققىي قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرساق. ئىتىپاقلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىللەردە تالاش-تارتىش قىلىپ قالساق، ئىلمىي مۇنازىرىدە بولۇپ،سوغۇققانلىق بىلەن مۇنازىرە قىلساق. قارشى تەرەپنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان كىچىككىنە ئاجىزلىقىنى تۇتىۋىلىپ،ئۇنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايمىغىچە بولدى قىلمايدىغان ئەھۋاللاردىن ئامال بار ساقلانساق.

 ئۆزۈمچە، ئاتىكاچىلىق قىلىپ بلوگىر دوستلارغا قىلغان تەۋسىيەلىرىمنىڭ بەزىلىرى بەلكىم خام-خىيالدۇر. شۇنداق بولسىمۇ، ئوتتۇرغا تاشلاپ باقتىم. كەڭ دوستلارنىڭ تەنقىدىي پىكىر-تەلەپلىرىنى ئايىماي تۆكۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خۇلاسە ئورنىدا:

 ھازىر قارايدىغان بولساق، كىشىلەرگە خېلى ئوبدان نەپ بېرەلەيدىغان  بلوگباس،بلوگسىپوت،ۋورد پرەستىكى بلوگلارنىڭ سانى يۈزدىن ئېشىپتۇ. بۇ ”ئۇيغۇر بلوگچىلىقى (ئۆزەمچە شۇنداق ئاتاپ تۇردۇم)“نىڭ تەرەققىيات يولىغا قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بلوگ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپەيسۇن، راۋاجلانسۇن، مەنمۇ نەپ ئالاي، سىزمۇ نەپ ئېلىڭ، ئۇمۇ نەپ ئالسۇن. بۇ يازمامنى تۆۋەندىكى بىر كوپلىت قوشىقىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.

 

”بىلىڭ ئەلدىن ئەلگە نەپ“

ئەمەس ھەرگىز قۇرۇق گەپ.

ئىشنى باشلاڭ ۋاقتىدا،

قالماڭ كىيىن ”ئېسىت“ دەپ.

 

 

                                                                       -لوپنۇرى

 

12نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ئىلقۇت
    2011/12/02 09:54:00

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم لوپنۇرى ئەپەندى،
    ئېيتقىنىڭىزدەك ئەمەلىيەتتە بلوگنىڭ پايدىسى ھەقىقەتەن كۆپ. ئەمما بەزىلەر بلوگنىڭ پايدىسىنى پەقەت ئىقتىسادى قىممەت (ئېلان كىرىم) قىلالىسىلا شۇنى پايدىسى دەپ قارايدىكەن. ئەمما بلوگنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى رولىغا بەكمۇ سەل قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىنى پۇلغا تاقاپ تەپەككۇر قىلىشى تازا ئاقىلانىلىق ئەمەس دەپ ئويلايمەن. شەخسەن مەن بلوگقا ئېلان قويۇشنى ئانچە ياقىلاپ كەتمەيمەن ئەمما مەن بلوگ يېزىپ مەنپەئەتلىنىش جەھەتتە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكەنمەن. مېنىڭ بۇ ھەقتە خېلى توختالغۇم بار ئىدى. ئەمما تەپسىلىي يازما تەييارلاشقا پەقەر پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ. ئاللاھ نىسىپ قىلسا كېيىنچە بولۇپمۇ قالار دەپ ئويلايمەن….

    • lopnuri
      2011/12/02 12:17:59

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،ھۆرمەتلىك ئېلقۇت ئەپەندى.ئالدى بىلەن كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!ئېيتقىنىڭىز ناھايىتى توغرا،بىز بلوگقا پەقەت ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ۋاستىسى قاتارىدا مۇئامىلە قىلساق،ئەلۋەتتە خاتالاشقان بولىمىز.«ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماپتۇ»دېگەندەك بلوگقا ئېلان قويۇپ،باي بولۇپ كېتىشىمىز ناتايىن.ناۋادا تور بەتكە ئېلان قويۇپ باي بولىدىغان ئىشلار بولسا،ئۇيغۇرلاردىكى داڭلىق ئۇلىنىش بېكەتلىرى ۋە داڭلىق مۇنازىرە مۇنبەرلىرى ئاللىقاچان باي بولۇپ كەتكەن بولاتتى.بەزى بلوگىرلىرىمىز باشقىلارغا پايدىلىق ئىلىملەرنى تارقىتىش بىلەن بىللە بلوگىغا ئاز-تولا ئېلان قويۇپ،ھېچبولمىسا ئۆز بلوگىنىڭ چىقىملىرىنى قامداشنى مەقسەت قىلىدۇ. مېنىڭچە،بۇنداق بلوگىرلانى قوللاشقا بولىدۇ.لېكىن پەقەت ئېلان قويۇش ئارقىلىق پۇل تېپىشنىلا ئويلىسا،بۇ قىممەت قاراشتىكى مەسىلە بولىشى مومكىن. مېنىڭچە،«ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز»يارىشىدۇ. ئېلاننىمۇ باشقىلارغا ھەقىقىي نەپ بېرەلەيدىغان بلوگلارغا قويسا ئاندىن مۇۋاپىق بولىدۇ.ھەم مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدۇ.«تېشى پالا-پال،ئىچى غال-غال»بولىدىغان ئىش بولسا،بۇنداق بلوگلار تەبىلا شاللىنىپ قېلىشى مومكىن.بۇ ھەقتىكى يازمىڭىزنىڭ پاتىراق روياپقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2. تىلەك
    2011/11/27 07:44:40

    يازغان ئىنكاسىم تۇرۇپلا يوقاپ كەتتا!

  3. تىلەك
    2011/11/27 07:43:19

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    يېڭى قۇرغان بىلوگىم ئۈچۈن بۇ يازمىڭىز ناھايتى ياخشى ئىلھام بولدى، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    كونا بىلوگگىر ئىكەنسىز، بولسا بىلوگىمغا پات پات قەدەم تەشرىپ قىلىپ تەكلىپ پىكىر بېرىپ تۇرارسىز.
    ئامان بولۇڭ!

    • lopnuri
      2011/11/27 09:13:00

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،سىزنىڭمۇ كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئالغا ئىلگىرلەيلى!

  4. كۆنچى
    2011/11/19 16:21:39

    مەن بىلوگ بىلەن تونۇشقىلى بىر ئايدىن ئېشىپتۇ. بىر مەزگىل كىرىپلا كەتتىم دىسەممۇ بولىدۇ. كۆپ دوسلار بىلەن تونۇشتۇم، گەپنىڭ ئېنىقى مەنمۇ بۇ بىلوگ ئائىلىسىنى ياقتۇرۇپ قالدىم…
    راس ،بىلوگىڭىزنىڭ ئىسمى لوپنۇرى ئىكەن ، ئەمما لوگو ؟؟؟؟؟

    • lopnuri
      2011/11/19 16:46:42

      لوگو ياساشنى بىلمەيدىكەنمەن، بىر دوستۇم ياساپ بەرمەكچى بولغان.لېكىن بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىمۇ، ھازىرغىچە خەۋەر بەرمەيۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ لوگو بولمىسا بولمايدىكەن.نۇرغۇن دوستلار ئۇلىنىش ئالماشتۇرغاندا،لوگونى سورىدى. مەن يوق دەپ جاۋاپ بەردى. بەزىلىرى خەتلىك ئۇلىنىش قىلىپ قوشۇپ قويدى.بەزىلەر لوگو بولمىسا،ئۇلىنىشقا قاتمايدىكەن.قېنى يەنە بىر نەچچە كۈن ساقلاپ باقاي.دوستۇمدىن خەۋەر كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

  5. شاھ ئۇيغۇر
    2011/11/17 17:38:34

    لوپنۇرى بلوگىنى ئەسلىدىكى بلوگباس چېغىدىلا كۈندە بىرەر ئىككى قېتىم زىيارەت قلىپ ئادەتلەنگەن ئىدىم، قايتا ئىش باشلىغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، بۇ ماقالىڭىزمۇ ناھايىتى ئەستايىدىل يېزىلىپتۇ، بولۇپمۇ ئاخىرىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى بېرىپسىز، دېمىسىمۇ ئۇيغۇرچە بلوگلار گەرچە سان جەھەتتىن كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما مەزمۇن جەھەتتە يېڭىلىنىش ھەقىقەتەنمۇ ئاستا، كۆپىنچىسى قايسى خىل مەزمۇندىكى بلوگنىڭ بازىرى ياخشى بولسا شۇخىل مەزمۇنغا ئوخشاش قىلىپلا يەنە بىرنى ياسايدىغان ئىشلار سەل ئاۋۇپ قالدى، بولسا ھەرخىل كەسىپتىكى كىشىلەر ئۆز كەسپىدە ھەرخىل مەزمۇندا بلوگ يېزىپ تۇرسا ئۇيغۇر تورچىلىقىمۇ تېخىمۇ رەڭدار بولۇر ئىدى، بەلكىم پات ئارىدا بۇ ئىشلارمۇ رىئاللىققا ئايلىنىپ قالار

    • lopnuri
      2011/11/17 17:59:17

      كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا شاھ ئۇيغۇر ئەپەندىم! سىزنىڭ مېنىڭ پىكىرلىرىمنى قوللىغانلىقىڭىزغا ۋە ئۇيغۇر تورجىلىقىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئۈمىدلىك مەۋقەدە تۇرغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر. ھەممىزگە پۇرسەت بار، ھەممىمىزنىڭ ئاخىرقى نىشانى ۋە مەقسىتى بىر دەپ ئويلايمەن.

  6. [...] غا تەۋە، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! ?p=1050 ئېلان قىلىنغان [...]

  7. مۇزات
    2011/11/16 13:47:26

    مەنمۇ بۇ ماقالىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم،ياخشى يېزىپسىز.بلوگىڭىزمۇ ياخشكەن،مەنمۇ تارىخى ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن،پات-پات كىلىپ تۇرسام بولغۇدەك.

    • lopnuri
      2011/11/16 17:29:41

      كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا! سىزنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif