ئۇستاز نىياز كېرىم شەرقىي ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى(1)
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى.ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ جۇلاسى ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى بىلەن تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈسى! نۆۋەتتە ئانا تىلنى سۆيۈش،قەدىرلەش ئېڭى كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان پەيتتە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى بۇ بىر ياخشى ئىلگىرلەشتۇر. بۇرۇنقى خەتتاتلىق سەنئىتىمىز ئاساسىدا راۋاجلىنىپ بۈگۈنگە كەلگۈچە داۋاملىشىپ كەلگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى بۇندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ سىھرىي كۈچىنى تېخىمۇ نامايەن قىلغۇسى. بۇرۇنقى زاماندا مەتبەئە ئىشلىرى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان ۋاقىتلاردا ئەجداتلىرىمىز تەۋەرۈك كىتابلارنى ھۆسنىخەت شەكىلدە كۆچۈرۈپ تارقاتقان. مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن قولدا كىتاب كۆچۈرىدىغان ئىشلار ئاساسىي جەھەتتىن قالمىدى. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن خەتتاتلىق سەنئىتىمىز بىر ئىزىدا توختاپ قالغىنى يوق. نۇرغۇن يېڭى كۈچلەر داۋاملىق بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە بۇنىڭغا ئوخشاش ئالاھىدە ۋە ئەھمىيىتى زور سەنئەت شەكىللىرىمىز مەكتەپ مائارىپىمىزدا كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى كېرەك ئىدى. لېكىن،ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئىش ھازىرغىچە ئىشقا ئاشمايۋاتىدۇ. بەلكىم، كەلگۈسىدە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك بۇمۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس،دەپ ئويلايمەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ سەركىسى بولغان نىياز كېرىم شەرقىي ئاكىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ئەلۋەتتە ئاز ئەمەس. يېقىندا بىر ھون تورى تارقاتقان خۇشنۇت، نۇرتېكىن، زەينۇرە مەۋلان، ھەنىپە ئابدۇۋېلى قاتارلىق سىڭىللىرىمىز ئىشلىگەن نىياز كېرىم شەرقىي ئاكىمىزنىڭ ”ئۇيغۇر خەتتاتلىق قوللانمىسى“ ناملىق ئېلكىتابنى كۆرۈپ،ئۇيغۇر خەتتالىقىغا بولغان قىزىقىشىم ۋە سۆيۈنۈشۈم ھەسسىلەپ ئاشتى. نىياز كېرىم شەرقىي ئاكا مەزكۇر كىتابىدا ئۇيغۇر خەتتالىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەن ھەمدە 14 خىل خەت نۇسخىسى، ھەر بىر خەت نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەپ، بۇلاردىن ئۆرنەكلەرنى كۆرسەتكەن. كۆرسەتكەن ئۆزنەكلەرنىڭ يېزىلىشى ئىنتايىن كۆركەم بولۇپلا قالماستىن،بەلكى مەزمۇنىمۇ ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ ئىكەن.شۇڭىلاشقا، دوستلار بىلەن بلوگىمدا بۇ ئۇستازىمىزنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئۇستازغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بىر ھون تورى ۋە ئېلكىتاب ئىشلىگۈچىلەرگە سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
تۆۋەندە ھەر خىل خەت نۇسخىلىرىدىن بەھىرلىنەيلى!
1.تۈز خەت نۇسخىسىدا يېزىلغان ھۆسنىخەتلەر
2.نەسخى خەت نۇسخىسىدىكى ھۆسنىخەتلەر
3.ئەسلىيە نۇسخىسىدىكى ھۆسنىخەتلەر
4.رۇقئىي نۇسخىسىدىكى ھۆسنىخەتلەر
5.تەئىلىق نۇسخىسىدىكى ھۆسنىخەتلەر
بىر-بىرىدىن ئېسىل ئەسەرلىرى داۋاملىق ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىلىدۇ،بۇ يازمىغا قىزىققان بولساڭلار،دېققىتىڭلار لوپنۇرى بلوگىدا بولسۇن!
مەزكۇر يازمىنى رۇخسەتسىز باشقا جايلارغا كۆچۈرمەڭ!
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2716