ھالال ئىشلەپ،ھالال يە!
ھالال ئىشلەپ،ھالال يە!
سەن ئېزىز ئەتكەن قۇلۇڭنى،
خار ئېتەلمەيدۇ كىشى.
سەن ئۆزۈڭ خار ئەيلىسەڭ،
ھەر جايدا باردۇر خار كىشى.
-لوپنۇر خەلق قوشىقى
ھازىر جان باقماق كۈندىن-كۈنگە تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ يۇقىرى ساپالىق تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى ھەم بارغانسىرى يۇقىرىلاپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىنتىلىش ياخشى نىيەت ۋە توغرا يول ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، بۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى ھەمىمىزگە ئايان. ناۋادا بىزدە كۈچلۈك ئارزۇ –ئارمان بولۇپ، بۇ خىل ئارزۇلىرىمىزنى ھال ئىش –ئوقەت ۋە جاپالىق ئەجىر-مىھنەت بىلەن قاندۇرماستىن، ئوغرلىق، جازانىخورلۇق، پارىخورلۇققا ئوخشاش يوللار بىلەن قاندۇرماقچى بولساق، ئېنىقكى بۇ ماڭغان يولىمىز تۇيۇق يولدۇر. تۇيۇق يوللا ئەمەس، بەلكى ھالاكەت يولىدۇر. مانا بۇ ئۆز-ئۆزىمىزنى سۇندۇرۇش، ئۆز-ئۆزىمىزنى خارلاش يولىدۇر. مېنڭ بۈگۈن بۇ يازمىنى يېزىشىمغا يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە مەن ئاڭلىغان، كۆرگەن بىر قىسىم ئوغىرلىق ۋەقەلىرى سەۋەبچى بولدى. بۇ ئوغرلىق ۋەقەلىرى ئارقىمۇ-ئارقا ۋە پىلانلىق تەشكىللىك يۈز بەرگەن ئىدى. تۆۋەندە بۇ ۋەقەلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ باقايلى:
1-ۋەقە
بۇ ئوغىرلىق ۋەقەسى ئىككىنچى ئوغۇلۇم تۇغۇلۇپ، ئىككىنچى كۈنى بىزنىڭ چوڭ ئۆيدە يۈز بەردى. دادام-ئاپاملار بالامنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن ئەتىگەن سەھەردىلا دوختۇرخانىغا يېتىپ كېلىشكەن ئىدى. ئۇلار پەقەت يېرىم سائەتتەكلا ھايال بولدى. ئەمدىلا بالىنى كۆرۈپ تۇرشىغا دوختۇرلار ياتاق تەكشۈرىدىغانلىقى مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ چىقىپ كىتىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن چوڭلار بىز چۈشتىن كېيىن كېلەيلى،دەپ چىقىپ كىتىشتى. ئۇلار چىقىپ كېتىپ 15 مىنۇت ئۆتمەيلا تېلېفۇن كېلىپ ئۆيگە ئوغرى كىرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۆيدىن چوڭلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى پايلاپ تۇرغان بۇ نائەھلىلەر، ئۇلار ئايرىلىشى بىلەنلا پالتا بىلەن ئىشىكنى چېقىپ كىرىشكەن ئىدى. ھېلىمۇ، دوختۇرلارنىڭ ياتاق تەكشۈرۈش سەۋەبى بىلەن چوڭلار قايتىپ كەپتۇ. بولمىغان بولسا، ئۆيدىكى 30مىڭ يۇەن نەق پۇل، 70 نەچچە گىرام ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇ ناكەسلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتەركەن. چوڭلار كېلىپ قالغاندىن كېيىن ئۇلار پەقەت كېلىنىمىز ئەكەپ قويغان 20 گىرام ئەتىراپىدىكى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتنى ئېلىپ ئۈلگىرىپتۇ. ھەمدە قوشنىمىزنىڭ ئۆگىزىسى بىلەن قېچىپ كېتىپتۇ.
2-ۋەقە
بۇ ۋەقە قېيىن ئاناملارنىڭ بىر قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە يۈز بېرىپتۇ. بۇ بىر تۇل ئايال بولۇپ، بىرلا قىزى بىلەن يالغۇز تۇرىدىكەن. ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ ئاران-ئاران ئۆتىۋاتقانلار ئىكەن. يېقىندا بىر ئاز ساقسىز بولغاچقا، بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئېشىنىپ بانكىغا قويغان 8 مىڭ يۇەن پۇلىنى ئېلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانماقچى بوپتۇ. لېكىن بۇ پۇلنى ئېلىپ چىققان كۈنى ئاخشىمى ئۆيىگە ئوغرى چۈشۈپ، پۇلنى پاك-پاكىز ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ بىچارە ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق نالىسىگە كىممۇ چىداپ تۇرالىسۇن؟
3-ۋەقە
ئۈچىنچى ۋەقە كۈپكۈندۈزدە ئاھالىلىكلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە كىرىپ زىبۇ-زىننەت ئوغىرلاش ۋەقەسى بولۇپ، بۇ ئايالىمنىڭ كىچىك ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە يۈز بەردى. ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئىشقا كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىنانىڭ كەينى تەرپىدىن يامىشىپ چىقىپ، دېرىزىنى چېقىپ كىرىپ 40 گىرامدىن ئارتۇق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتنى ئوغرلاپ كەتتى.
4-ۋەقە
بۇ ۋەقە ئاكامنىڭ ئۆيىدە يۈز بەردى. ئاكام قۇشۇمچە قوي، كالا بورداقچىلىقى بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقان، بىر ئاينىڭ ئالدىدا بىر ناھىيەگە بېرىپ 35 كە يېقىن قوينى ئېلىپ كەپتىكەن. قويلارنى بىر ئاي ئوبدان بېقىپ، ئەمدى ساتاي دەپ تۇرغاندا، بىر كېچىدە ئۈچ تۇياق قوي ئىز-دېرەكسىز غايىب بولدى. بولمىسا، ئۇلارنىڭ قوتان قورۇلىرىنىڭ تاملىرىمۇ ئىگىز ھەم مەزمۇت ئىدى. كېيىن ئەتىراپنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك، ئوغرلارنىڭ بىر نەچچىسى بىرلىشىپ، قوتاننىڭ ئۆگىزىسىدىن ساڭگىلاپ كىرىپ، ئارغامچە بىلەن باغلاپ ئۈچ قوينىڭ تاللاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى بايقالدى. چۈنكى، ئۆگىزىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش جەريانىدا، قوي يۇڭلىرى سالغان ياغاچ لىملاردا ئېلىنىپ قېپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاكامنىڭ بىر ئايلىق ئەجىرى، ئالماقچى بولغان پايدىسى يوققا چىقتى.
5- ۋەقە
بۇ ۋەقە قېيىن ئاتام تۈگەپ كېتىپ 40 نەچچە كۈن بولغاندا يۈز بەردى. قېيىن ئانام يېزىدىكى چوڭ قورودا تۇرۋاتقان ئىدى. گەرچە بالىلار شەھەرگە قايتىپ كېلىپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشنى، يالغۇز تۇرماسلىقىنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ئۇ ھېچبولمىسا بىرەر يىلغىچە مەرھۇمنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرمەي تۈرىمەن دەپ، بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىشكە قوشۇلماي ئۆزى يالغۇز تۇرۋاتقان ئىدى. موماينىڭ يالغۇزلىقىنى بىلگەن بىر نائەھلى، شامال چىقىۋاتقان بىر كېچىسى بەلكىم قوي ئوغرلىماقچى بولسا كېرەك، قوروغا چۈشكەن. قويلار قاتتىق مەرەپ كەتكەچكە، قېيىن ئانام بىرەر قوي تۇغۇپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ قول چىراقنى ئېلىپ سىرتقا چىققان. سىرتقا چىقسا جىمجىت، شۇنىڭ بىلەن تەرەت سۇندۇرۇپ كىرىپ كېتەي دەپ ئەمدىلا ئولتۇرىشىغا، ئوغرنىڭ يۈرىكى پوك-پوك دېگەندەك ئالدىدىن بىرسى قېيىن ئانامنىڭ ئېسمىنى توۋلاپ ۋاقىرماسلقنى ھەم باشقىلارغا دېمەسلىكنى ئۆتۈنۈپ گەپ قىلىۋاتقۇدەك. قارىسا، 40 نەچچە ياشلارغا كىرىپ قالغان بىر ئەر قوشنىسى ئىكەن. بۇ نا ئەھلى، ئۆيدە موماينىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى، ھەمدە تاراق-تۇرۇق بولسىمۇ قورقۇپ تالاغا چىقالمايدىغانلىقىنى پەملەپ كىرگەن ئىكەن. لېكىن رەزىل نىيتى ئەمەلگە ئاشماي رەسۋايى ئەزىم بوپتۇ.
يۇقىرقى ۋەقەلەردىن شۇنى بايقايمىزكى، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ تۇغدۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئانىسى ”ئەركەك“دەپ تۇغقان ”ئوغۇل بالىلار“. لېكىن بۇلار ناتوغرا يوللار ئارقىلىق ئۆز نەپسىنى قاندۇرماقچى بولغان.
خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىسىدە ھالال ۋە ھارام چۈشەنچىسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، بۇ خىل چۈشەنچىلەر كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، مەيلى مىللىي ئەخلاقىمىز نوقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى دىننى ئېتىقادىمىز نوقتىسىدىن بولسۇن، بۇ ناھايىتى ئېغىر ئېلىندىغان ئىشتۇر. بىزدە ”ئىشلىگەن چىشلەيدۇ“، ”ئەمگەك بىلەن ئەركۆكىرەر، يامغۇر بىلەن يەر“، ”ئىشلىگەننىڭ يۈزى يۇرۇق، ئىشلىمىگەنننىڭ يۈزى چورۇق“، ”قۇلدەك ئىشلەپ، بەگدەك يە“دېگەندەك ماقال-تەمسىللەر ئارقىلىق كىشىلىرىمىزنى ھالال ئەمگەك بىلەن تۇرمۇشىنى قامداش كېرەكلىگى، كىشىنىڭ ھەققىگە كۆز قىزارتماسلىققا لازىملىقى تەلەپ قىلىنغان. ئەمما، يېقىنقى مەزگىللەردىكى بىر قىسىم ياشلىرىمىزدا كۆرىۋاتقان ئەخلاق ئېڭى سۇسلىشىش، دىننى ئېتىقادى مۇستەھكەم بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جەمىيەتتە يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ئوغرلىق قىلىش ۋەقەلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرماقتا. 80- يىللاردىكىدەك يېزىلىرىمزدا ئىشىكلەرگە قۇلۇپ سالماي ئېتىزلارغا ياكى باشقا جايلارغا كېتىۋىرىش ئالىقاچان كەلمەسكە كەتتى. كىشىنىڭ ھەققىدىن قورقماسلىق، ھەتتا، ئاللاھنىڭ جازاسىدىنمۇ تەپ تارتماسلىق خاھىشى بىلەن ياشاۋاتقان ئاشۇ كىشىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ۋە ئىمان ئاتا قىلىشىنى بىر ئاللاھدىن تىلەيمەن. ئەمەلىيەتتە ھەمىمىزگە مەلۇم ئىسلام دىندا ”ئوغرلىق“تىن ئىبارەت بۇ قىلمىشقا جازا ناھايىتى ئېىنىق، بۇ خىل يول بىلەن كەلگەن ھەر قانداق مال-مۈلۈك قەتئىي ھارامدۇر. ”ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام“ناملىق كىتاپتا بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك قۇرلارنى ئۇچىرىتىشقا بولىدۇ:
”ئىسلامدا ئوغرلىق قىلىش كەسكىن ھارام، بۇ ئوغرلىقنى قىلغۇچى مۇسۇلمان بولسۇن بولمىسۇن، ئوغرلانغۇچىمۇ مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن، ھۆكۈم ئەينى ھۆكۈمدۇر. يەنى ھارام يەنىلا ھارامدۇر.نەسەب ۋە نوپۇزى نەقەدەر يۇقىرى ۋە كۈچلۈك بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەر قانداق نەرسىنىڭ جازاسى بىردەك ئوخشاشتۇر. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇتقان ۋە ئېلان قىلغان يولدۇر. ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ:
”ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ناۋادا ئوغرلىقنى مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە قىلغان بولسا، قولىنى كەسكەن بولاتتىم“.(يۈسۈپ ئەل قارداۋى ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام ناملىق ئېلكىتاب 70-بەت)
دېمەك، ئىسلام دىندا ئوغىرلىق قىلىش قاتتىق چەكلەنگەن، ئىسلام دىننىدىكى دۆلەتلەردە ئوغرلىق قىلغانلارنىڭ قولى كېسىلىشتىن ئىبارەت ئېغىر جازاغا ئۇچىرىشى بۇ قىلمىشنىڭ ناھايىتى يامان قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
مانا مۇشۇنداق تۇرۇپ كىشىنى يىرگەندۈردىغان بۇ خىل ناچار قىلمىشلار يەنىلا يۈز بېرىدۇ؟ بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبلەرنى ئاساسلىق تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە يىغىنچاقلاش مۇمكىن.
1. ئەڭ ئالدى بىلەن دىننى ئېتىقاد ۋە ئەخلاقى جەھەتتىكى ئاڭنىڭ تۆۋەنلىكى ھەتتا يوقلىقى.قانۇن-تۈزۈم كۆز قارىشىنىڭ كەمچىللىكى.
2. روھىيەتتىكى قاتماللىق،ھورۇنلۇق، ئېزلەڭگۈلۈك، زىيادە راھەت قوغلىشىش، بەدەل تۆلەشنى بىلمەي، ھوزۇرلىنىشنى قوغلىشىشتىن ئىبارەت ناچار ئىللەتلەرنىڭ ئادەت خاراكتىرلىك ئىش –ھەرىكەتلەرگە ئايلىنىشى.
3. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك، ھەر خىل شەكىلدىكى قىمار، ھاراق قاتارلىق ناچار كەيىپ-ساپالارغا بېرىلىپ كېتىشى.
بىزدە ”ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن“دەيدىغان ھېكمەت بار، پەقەت ئەجىر مىھنەت، قان-تەر ئارقىلىق كەلگەن راھەت-پاراغەتلا كىشىگە ھەقىقى ھۇزۇر ،بەخت ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېغىشلىيالايدۇ. ئوغرلىققا ئوخشاش نۇمۇسلۇق ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن كەلگەن پۇل ۋە بايلىق، ھوزۇر ۋە ھالاۋەت بىزنىڭ كەلگۈسىدە ھالاكەت يولىغا باشلايدۇ. شۇڭا، ھەقىقىي ئادەم بولۇپ ياشاش ئۈچۈن، بىزدە ئەركەكلەرگە خاس غورۇر ۋە ۋىجدان بولىشى كېرەك. ئاخىردا مۇشۇنداق ناچار قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتقان ۋە سادىر قىلىشنى ئويلاۋاتقان دوستلارغا ”ئاناڭ سېنى ئوغۇل دەپ تۇغقان“دېگەن شېئىرىمنى تەقدىم قىلماقچىمەن.
ئاناڭ سېنى ئوغۇل دەپ توغقان،
كۆز قىزارتما كىشنىڭ ھەققىگە.
تۇيۇق يولغان ئېتىپ ئۆزۈڭنى ،
ئولتۇرما ھەم ئۆمرۈڭ بەختىگە.
ئاناڭ سېنى ئوغۇل دەپ تۇغقان،
خۇشاللىقى يېتىپ پەلەككە.
نائەھلىلىك قىلما ئەي يىگىت،
يەتكۈزمەستىن ئۇنى تىلەككە.
ئاناڭ سېنى ئوغۇل دەپ تۇغقان،
چىقىدۇ دەپ ھۆرمەت تەختىگە.
ئەگرى قىلماي ئاشۇ قولۇڭنى،
ۋارىسلىق قىل ئەجداد كەسپىگە.
ئاناڭ سېنى ئوغۇل دەپ تۇغقان،
ھالال ئىشلەپ چۆمۈلگىن تەرگە.
ئۆز-ئۆزۈڭنى خار قىلما زىنھار،
كۈچۈڭنى بەر لازىملىق يەرگە.
ئاناڭ سېنى ئوغۇل دەپ تۇغقان،
تەڭ قىلمىغان گۆھەر،سەدەپكە.
قىممىتىڭنى سۇندۇرما ھەرگىز،
يات ئىشلارنى قىلىپ ئەدەپكە.
ئاناڭ سېنى ئوغۇل دەپ تۇغقان،
ئىنسابىڭنى تىلەپ ئەبەتكە.
بېشىڭنى تىك كۆتۈرۈپ كىرگىن،
باھادىرلار تىزىلغان سەپكە.
ئاناڭ سېنى ئوغۇل دەپ تۇغقان،
لايىقمۇ سەن ئۇشبۇ تەلەپكە؟
ۋىجدانىڭدىن سورا بىرمۇ-بىر،
”ئەر“ئاتالغان ھەر بىر نەپەستە.
ئاناڭ سېنى ئوغۇل دەپ تۇغقان،
ئويلا ماڭدىڭ قايسى تەرەپكە؟
ئاناڭ سەندىن بولۇرمۇ رازى،
كۆمۈلسەڭ گەر قارغىش لەنەتكە.
ئاناڭ سېنى ئوغۇل دەپ تۇغقان،
ئېرىشسۇن دەپ شانغا-شەرەپكە.
ھارام ئىشتىن قولۇڭنى تارتقىن،
دىيانەتنى لىقلاپ يۈرەككە.
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى
كىيىنكى يازما: ”لوپ“ سۆزى ھەققىدە