بوۋا، يۈرەك سۆزۈم بار

ۋاقتى: 2012-01-20 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 195 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

 

بوۋا، يۈرەك سۆزۈم بار

 

(رەسسام مۇھەممەد ھېيتنىڭ“قۇياش چاقنىغان كۈنلەر“ناملىق ماي بوياق ئەسىرىنى كۆرگەندىن كېيىن)

(1)

ئېتىزلىقتىن ياندىڭمۇ بوۋا؟

خىيالىڭنى كەچمىشكە يانداپ.

ئەگەشتىمۇ غەمنىڭ بۇلۇتى؟

سايىسىنى كۆڭلۈڭگە تاشلاپ.

 

قوللىرىڭغا ئېلىپ قىزىل گۈل،

ياشلىقىڭنى ماڭدىڭمۇ ئەسلەپ؟

بۇ ئۆمرۈڭدە ئارزۇ-ئارمىنىڭ،

ئېچىلغانمۇ گۈلدەك پورەكلەپ؟

 

يۈزلىرىڭگە چۈشكەن قورۇقلار،

ئىزلىرىمۇ سەن باسقان يولنىڭ؟

چېچەك كەبى ئاقارغان ساقال،

شاھىدىمۇ سەن ئالغان رولنىڭ؟

 

بولمىدىمۇ دەردىڭگە  دەرمان،

پەرزەنتلىرىڭ ئارزۇلاپ باققان؟

ھاياتمۇ شۇ دىلكەش ھەمرايىڭ،

كۆيۈپ-پىشىپ چېكەڭگە قىسقان؟

(2)

ياشاپ كەلدىڭ مېنىڭچە چوقۇم،

پوتسىنى باغلاپ غەيرەتنىڭ.

ئۇنۇتمىدىڭ ئەسلىڭنى ھەرگىز،

چىرىقىنى يېقىپ ئەجداتنىڭ.

 

شۈكرى دېدىڭ بار بىلەن يوققا،

قانائەتنى قىلىپ دەسمايە.

تەمەننانى بىلمەيسەن چوقۇم،

كەمتەرلىكنى قىلغاچ ھىمايە.

 

سەن نەۋرەڭگە ئېيتقان چۆچەككە،

سىڭىپ كەتتى بارچە تىلىكىڭ.

”بالام“ دېدىڭ بىر ئۆمۈر تىنماي،

ئۆزۈڭ ئۈچۈن سوقماي يۈرىكىڭ.

 

ئالقىنىڭدا قاتقان قاداقلار،

جاپايىڭدىن بەردى بىشارەت.

سەن تاغ كەبى تۇرغاچقا مەزمۇت،

كۈلۈپ چىقتى قۇياش ناھايەت.

(3)

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسىكەن دەيمەن،

ساڭا ئوخشاش تەۋەرۈك زاتلار.

چايلىرىڭدا تۇرسىكەن ئېرىپ،

پەرزەنتلىرىڭ سالغان ناۋاتلار.

 

غەم-غۇسسىلەر كېتىپ بېشىڭدىن،

ئەگمىسىكەن بېلىڭنى يۈكلەر.

مۇھتاجلىققا قالمىساڭ دەيمەن،

باغلىرىڭغا تېگىپ ئۈشۈكلەر.

 

يۈرەك باغرىڭ ئېزىلگەن كۈننى،

تامام ئۇنتۇپ قالسىكەن دەيمەن.

تۆرلەردە ھەم ئولتۇرۇپ مەغرۇر،

ئىززەت-ھۆرمەت تاپسىكەن دەيمەن.

 

بىر ئۆمۈرلۈك تارتقان جاپانىڭ،

مېغىزىنى چاقسىكەن دەيمەن.

بەخت بالقىپ كەلگەن تاڭلارغا،

خۇشال كۈلۈپ باقسىكەن دەيمەن.

 

2012-يىل 1-ئاينىڭ20-كۈنى

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. رۇستەمجان
    2012/01/26 14:27:52

    شۇنداق ،ئاتا-ئانا بالا دەپلام قىلماقچى بولغان ئارزۇ ئارمانلىرىدىن كىچىدىكەن

  2. ئابدىراخمان.
    2012/01/25 20:32:14

    بەلەن يېزىپسىز. ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى شۇبالا دەپلام ياشايدىكەن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif