تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە
تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە
رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجىغا چىن مەنىسى بىلەن ماسلىشىش ھەر بىر كىشىدىن نۇرغۇن چىدام-غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ. خۇددى دارۋىن ”جانلىقلارنىڭ تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزىريىسى“ دە“تەبىئەت دۇنياسىدا ماسلىشالىغانلار ھايات قالىدۇ، ماسلىشالمىغانلار تەدىرىجىي يۇقىلىشقا يۈزلىنىدۇ“ دەپ كۆرسەتكەندەك،جەمىيىتىمىزدە گەرچە ماسلىشالمىغان ئادەملەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلاردەك ئۆلۈپ كەتمىسىمۇ، جەمىيەتتىن ئىبارەت بۇ رىقابەت سەھنىسىدە پۈت تىرەپ تۇرالىشى ئىنتايىن قىيىنغا توختايدۇ.
شەخىسكە نىسبەتەن دەۋىرنىڭ تەرەققىيات رېتىملىرىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت توختاۋسىز ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ شەخىسنىڭ ساپاسىغا بولغان تەلەپ ۋە تەخىرسىزلىكنى چۈشىنىپ يىتىش.
بۇ گەپلەرنى دېمەك شۇنچە ئوڭاي، لېكىن كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ئەمەلىيىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتەلىشى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. ئاساسلىق مەسىلە زادى قەيەردە؟ مېنىڭچە، يەنىلا ئىدىيەۋىي كۆز قاراشنىڭ ۋە پوزىتسىيەنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىدا، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ شەكىللەنگەن شەكىللەنمىگەنلىكىدە. بىر-ئىككى يىل بۇرۇن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۆزىنىڭ بىر نۇتىقىدا بىزنىڭ ھازىرقى كىشىلىرىمىزدىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ يەنىلا ناھايىتى كەملىكىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، كىشىلىرىمزدە بۇ خىل تۇيغۇنىڭ كەم بولىشىنىڭ ناھايتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى. بۇ يەردىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى-مەلۇم شەخىسنىڭ كەلگۈسى جەمىيەت تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئالدىن تەييارلىق كۆرۈش، ماس قەدەملىك ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرۈش شۇ ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلىقىنىڭ كەلگۈسىدىكى قىممىتى ھەم ئورنىغا ئاساس سېلىش دېمەكتۇر.
ھازىر“ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىش،ئالغا ئىلگىرلەش، رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش “ قاتارلىق ئىبارىلەر تىلغا ئېلىنسىلا كۆپىنچە كىشىلىرىمىزنىڭ بېشىغا ئاغرىق كىرىشكە باشلايدۇ. بەزىلىرى ئەنسىرەشكە باشلىسا، بەزىلىرى ”باشقا كەلگەندە باتۇر“ پەلسەپىسىنى يورغىلىتىپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا “ باشقىلارغا نېمە بولسا بىزگىمۇ شۇ، ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولا“ دېگەندەك ”ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش“ سەپسەتىسىنى بازارغا سالىدۇ. يېغىنچاقلىغاندا، كۆپىنچە كىشىلەر ھازىر ئىشلىرىنىڭ بەك كۆپلىكى، تۇرمۇش بېسىملىرىنىڭ بەك ئېغىرلىقى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشكە ۋاقتىنىڭ يوقلىقى ھەققىدە بىر تالاي قاقشاشلارنى ۋە باھانىلەرنى ياغدۇرۇپ ئۈلگىرىدۇ. بۇ خىل باھانىلار بىزنى ۋاقىتلىق خاتىرجەملىككە ئىگە قىلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان خەۋىپلىك ئامىللار ۋاقتى كەلگەندە بىزنى ئىجتىمائىي ئورنىمىز ئىنتايىن تۆۋەن، غۇرۇرىمىز سۇنغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشى ئېنىق.
تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ھەققىدىكى مەسىلىلەر مېنى خېلىدىن بېرى ئويلاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەڭ ئاددىيسى كۆز ئالدىمدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ھېچنىمىدىن غېمى يوق كىشىلەردەك بىخارامان ئويناپ-كۈلۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسەم تېخىمۇ بەك ئازابلىنىپ كېتىمەن. خۇددى مەن ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشىدەك، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىلىرى ياخشى چىقماي قالسا، كېچىلىرى كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەي ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە ئۇزاققىچە خىيال سۈرۈپ كېتىمەن. ئۇلار تېزرەك ھەرىكەتكە كېلىپ ”مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە كۆپرەك نەرسە ئۆگنىۋالسا بولاتتى “ دەپ تىت-تىت بولىمەن.
مانا مۇشۇنداق كىشىنى بىئارام قىلىدىغان خىياللار ئىلكىدە ئۆرتىنىپ يۈرۋاتقىلىمۇ خىلى ۋاقىتلار بولۇپ قاپتۇ. يېقىندىن بۇيان ئالىي مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان ھەمدە چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرىمنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرلەش ئويى ۋە ئىرادىسى بولسىلا ھەر قانداق ئوڭۇشسىزلىقنى ۋە ناچار شارائىتنى يەڭگىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. چۈنكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئوقۇش تارىخى ئىنتايىن جاپالىق شارئىتلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىش، ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇش يولىدا توختاۋسىز ئۆگىنىش تارىخى ئىدى. تۆۋەندە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرىنىڭ تارىخى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى.
1. س. مۇھەممەد ئىمىن، يۇرتى خوتەن، ئەڭ دەسلەپ پۈتتۈرگەن مەكتىپى خوتەن پىداگوگىكا مەكتىپى(ئوتتۇرا تېخنىكۇم)، خىزمەت قىلغان ئورنى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسى سامپۇل يېزا باشلانغۇچ مەكتىپى. بىر نەچچە يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان. بۇ مەكتەپتە بىر تەرەپتىن خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەچ ئىنگىلىز تىلىنى قوشۇمچە ئۆگۈنۈپ ماڭغان. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىپ شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتى فىلولوگىيە ئىنىستوتىغا تىلشۇناسلىق كەسپىگە ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا كىرگەن. ماگىستىرلىق ئۈنۋانى ئالغاندىن كېيىن، جۇڭگۇ تاراتقۇ ئىلىملىرى ئۈنۋېرسىتىتىنىڭ كومپىيوتىر تىلشۇناسلىقى كەسپىي بويىچە دوكتۇرلۇققا ئىمتاھان بېرىپ كىرگەن. ھازىر شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.
2. گ . ئېزىز، يۇرتى بايىنغۇلىن ئوبلاستى خۇشۇت ناھىيىسى. دەسلەپ پۈتتۈرگەن مەكتىپى بايىنغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىپى(ئوتتۇرا تېخنىكۇم). دەسلەپ ئىشلىگەن مەكتىپى خۇشۇت ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەپ يۈرۈپ، ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى بېرىپ ئەدەبىيات ۋە خەنزۇ تىللىرى كەسپى بويىچە تولۇق كۇرۇس قوش دېپلۇم ئالغان. كېيىن بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي، چوڭلار ئالىي مائارىپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ ئىنگىلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇغان. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ تىلشۇناسلىق كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىغا خىزمەتكە چۈشكەن. ھەم بىر نەچچە نوقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتناشقان. ھازىر ئامېرىكا كانزاس ئۈنۋېرسىتىتىدا تىلشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ.
3. س. قېيۇم، يۇرتى كۇچا ناھىيىسى. دەسلەپ پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن(ئوتتۇرا تېخنىكۇم). دەسلەپ ئىشلىگەن مەكتىپى كۇچا ناھىيىسى ئۈچئۆستەڭ يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ. كېيىن چوڭلار ئالىي مائارىپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ ئىنگىلىز تىلى كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ جۇڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى كەسپىگە ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا كىرگەن. مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، ئۇ يازغان ئىلمىي خاراكتىردىكى مۇھاكىمە ماقالىلىرى شىنجاڭ مەدەنىيىتى قاتارلىق نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ جەمىيەتتە ناھايتى ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان. ھازىر يەنە مەزكۇر مەكتەپتە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
يۇقىرىدا ئۈچ نەپەر كىشىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىش ۋە ئىلگىرلەش يوللىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتتۈق. قارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوتتۇرا تېخنىكۇمنى پۈتتۈرۈپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش يوللىرى بىلەن تەدىرىجى يۇقىرى ئۆرلىگەن. ھەمدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. كۆز ئالدىدىكى ھەر خىل قىيىنچىلىقلىرىنى ئىلگىرلەش يولىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرغان. ئاللىقاچان مۇقىم خىزمەت ئورنى ۋە مائاشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، كەلگۈسىدىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن قۇربالارنى بېرىش بەدىلىگە مۇۋاپىقىيەت قازانغانلاردۇر. يۇقىرقىدەك مىساللار ساناپ كەلسەك ئىنتايىن كۆپ.
مەن بۇلارنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ھەرگىزمۇ بارلىق كىشىلىرىمىز مۇشۇنداق يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى تاشلاپ ئالىي مەكتەپ ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرىغا يۆتكىلىپ كېتىشى كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلمىدىم. بۇ يەردە ئاساسلىق ئىسپاتلىماقچى بولغان مەسىلە، ھەر بىرىمىز ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا ياكى ئوقۇش ئورۇنلىرىمىزدا ۋاقتىمىزنى قەدىرلەپ، كەلگۈسى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئاز-ئازدىن ئىلىم ۋە بىلىم مەبلىغى توپلاش. ھازىرقى ئورنىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ زەربىلىرىگە ئۇچىراش مۇمكىنچىلىكلىرى ھەققىدە ئالدىن باش قاتۇرۇپ، ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ مېڭىش!
پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، بەلكى تەييارلىقى بارلارغا مەنسۈپ. كونىلاردا ”تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر“دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. بىزنىڭ ھازىرقى قوللانغان تەدبىرلىرىمىزنى كەلگۈسى تەقدىرىمىز ۋە ئىستىقبالىمىزنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغۇسى. بۇ يەردە يەنە مۇنداق بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالمۇ مەۋجۈت. يەنى، بىر مەزگىل تىرىشىپ بېقىپلا بەل قويۋېتىش ياكى بىر قانچە قېتىملىق كىچىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىسىلا ئىلگىرلەش ئىرادىسىدىن ۋاز كېچىش. بۇنداق كىشىلىرىمىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى قىسقا ھېكايە ۋە ئۇلۇغ ھېكمەتنى سوۋغا قىلىشنى لايىق تاپتىم:
سىزدە يەنە توسالغۇنى يەڭگۈدەك قىزغىنلىق بارمۇ؟
ھېكايە:
بىر پىسخىلوگ بىر دانە ئېچىرقاپ كەتكەن تىمساھ بىلەن بىر نەچچە بېلىقنى بېلىق ئىدىشىگە سېلىپ، ئارلىقىنى بىر سۈزۈك ئەينەك بىلەن توسۇپ قويۇپتۇ. دەسلەپتە، تىمساھ قىلچە ئىككىلەنمەستىن، بېلىقلارغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىپتۇ. لېكىن ،مەغلۇپ بوپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بەل قويۋەتمەپتۇ. شۇ تەرىقىدە ئۇ بېلىقلارغا قايتا-قايتا ئون نەچچە قېتىم ھېجۇم قىلىپ، ھەممىسىدىلا مەغلۇپ بوپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىر يارىلىنىپتۇ. شۇنداقتىمۇ، يەنە بار كۈچىنى يىغىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ بېقىپتۇ، بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەت ئۇنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرۈپتۇ. شۇڭىلاشقا،يەنە ھۇجۇم قىلىۋىرىشتىن ۋاز كېچىپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا پىسخلوگ ئوتتۇردىكى سۈزۈك ئەينەكنى ئېلىۋىتىپتۇ. ئەينەكنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنمۇ تىمساھ ئەتىراپىدا ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقلارنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ-يۇ، ئۇلارغا مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ قەتئىي ھوجۇم قىلماپتۇ. ئۇ بۇ ۋاقىتتا بارلىق ئۇرۇنۇشلاردىن بىراقلا ۋاز كېچىپتۇ.
ھېكمەت:
كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى شۇكى،ئاشۇ تىمساھقا ئوخشاش، نۇرغۇن ئادەملەر كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىق،زەربە،مەغلۇبىيەتلەردىن كېيىن، بارا-بارا ئېلىشىش ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. قىزغىلىقى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى بىراقلا ئۆلىدۇ.ئىشىپ قالغىنى پەقەت ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئاھ ئۇرۇش،ئامالسىزلىق ئىچىدە قايغۇرۇش بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاشۇ نۇرغۇنلىغان مەغلۇبىيەتلىرى ئارقىلىق نۇرغۇن تەجىربىلەرگە ئىگە بولغان، غەلبىنىڭ دەرۋازىسىدىن يامانلاپ كەتكەن كىشىلەردۇر.
دېمەك، توختىماي تىرىشقانلار ئۈچۈن غەلبە دەرۋازىسى ھامان ئېچىلىدۇ. غەلبە دەرۋازىسىنى ئېچىش ئۈچۈن، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىغا چۈمۈلگەچ ئەمەلى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز لازىم. ”تاپسام يەيمەن، تاپالمىسام ئاچ قورساق يۈرىۋرىمەن“ دېگەندەك ھورۇنلۇق ئىدىيىسىنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغىنى بىر پاتمان پۇشايمان بولىدىغانلىقىنى ھازىردىن باشلاپ تونۇپ يەتسەكمۇ كېچىككەن بولمايمىز.
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
2012/01/26 18:12:33
قەلمىڭىز كۇندىن -كۇنگە ئۇتكۇرلىشىپ كىتىۋاتىدۇ.بۇئىلخاملار سىزگە نەدىن كىلۋاتىدۇ؟
توغرا دەيسىز تىمساھ دەك كۇنگە قالماسلىقىمىز ئۇچۇن سىلەردەك سەبىلەرنىڭ دىلىنى يۇرۇتقۇچى
ئۇستازلارغا مۇختاج بىز.
2012/01/26 18:17:27
ئىلھام بەرگىنىڭگە رەھمەت!
2012/01/22 21:01:53
يازمىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ،
تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىىنى يىتىلدۈرۈش ھازىرقى زاماننىڭ تەققەززاسى.
ھارمىغايسىز،
2012/01/23 07:31:59
ئىلھام بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر،قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز!