«ئۇرۇش ۋە قۇماندان »ناملىق ئېلكىتاپ تارقىتىلدى

 

”ئۇرۇش ۋە قۇماندان“ ئەزىزوف قاسىمنىڭ كىتابى بولۇپ،1994 -يىلى خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ كىتاپتا ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىكى تاكتىكىلار ھەققىدە خېلى كۆپ مەلۇماتلار بار.ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتاپنىڭ يەنە بىر قىممەتلىك يېرى قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىلىرى ھەققىدە خېلى ئەتىراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى تاكتىكىلىرنى يىشىپ چۈشەندۈرگەن. سىزنىڭ قەدىمكى دەۋىردىكى ئۇرۇش ۋە قۇماندانداننىڭ مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتلىرىنى چۈشىنىشىڭىزگە خېلى چوڭ ياردىمى تېگىدۇ. ئېلكىتاپ ياساش تېخنىكامنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى.كىتاپ بەتلىرىنى بىر بەت بىر بەتتىن قىلىشقا ئىمكان بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر بەتنى بىردىن ئايرىپ قىلسام كىتاپنىڭ سىغىمى ئېشىپ كېتىپ چۈشۈرۈشكە قولايسىز بولغىدەك. قارىماققا خەت شەكلى كىچىكتەك بولسىمۇ، كۆرۈنۈش پىرسەنتىنى يۇقىرى كۆتۈرسىڭىز يەنىلا ئېنىق ۋە ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ.

 

 ئاساسلىق مەزمۇنى:
.1باپ ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللارنىڭ تەرەققىياتى
1)ئۇرۇش توغرسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە
2)قۇلدارلىق تۈزۈمى دەۋرىدىكى ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللار
3)فىيوداللىق تۈزۈمى دەۋرىدىكى ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللار
4)كاپىتالىزىم تۈزۈمىدىكى ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللار
5)جاھانگىرلىق دەۋرىدىكى ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللار
2.باب «سۇنۋۇ ۋە سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى»
1)قەيسەر قۇماندان سۈنۋۇ
2)“سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى“
3)ھۇجۇم پىلانى مەسلىسى
4)يەر تۈزلىشىدىن پايدىلىنىش
5)ئايغاقچىلارنى ئىشقا سېلىش
6)سىتىراتىگىيە ۋە تاكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىش
7)مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا ئۆتكەن ئۈچ مەشھۇر ھەربىي سەركەردىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

3.باب تارىختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي سىتىراتىگىيىسى ۋە تاكتىكىسى
1)قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى
2)قاراخانلار دەۋرىدىكى ھەربىي تەشكىلات
3)يۈرۈش ھالىتىدىكى قوشۇننىڭ نامى
4)ھەربىي تەشكىلاتلار،ھەربىي ئۇنۋان-دەرىجىلەر
5)ھەربىي قۇراللار
4.باب ئۇرۇش ھېيلە بىلەن بولىدۇ.
1)غالىب كېلىش ئامالى
2)قايمۇقتۇرۇش ئامالى
3)ھۇجۇم قىلىش ئامالى
5)ئۇستاتلىق ئامالى
6)يېڭىلدۈرۈش ئامالى
5.باب قۇماندان ۋە ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلىش سەنئىتى
1)قۇماندان
2)قۇماندان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك
3)ھەربىي-پەن تېخنىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە قۇماندان
4)قۇماندان ئۇرۇشنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشى كېرەك
5)قۇماندان ئۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىشقا ئۇمۇمىي ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
6)قۇمانداننىڭ ئەسكەر ئىشلىتىش سەنئىتى

 

كىتابنىڭ چۈشۈرۈش مەنبەسى: http://pan.baidu.com/share/link?shareid=68692&uk=3909161718

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2430

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-01
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇرى ئېلكىتابلىرى
ئىنكاس: 15دانە
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئېلكىتاب تازا ئۆلچەملىك ياسالماپتۇ.

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئېلكىتاب تازا ئۆلچەملىك ياسالماپتۇ، بەت يۈزىدە بىكار ئورۇن بار ئىكەن. قارىغاندا رەسىملەرنى word قا كىرگۈزۈپ ياسىغاندەك تۇرىسىز. بۇنداق ياسىسا بولمايدۇ. ئەڭ ئۆلچەملىك ياساش ئۇسۇلى:
    1. ئەگەر رەسىملەرنىڭ كەڭلىكى بىردەك بولمىسا، ئالدى بىلەن توردىن 批量处理图片尺寸 دەپ ئىزدىسىڭىز، يۇمشاق دېتاللار بەك كۆپ، شۇنداق دېتال ئارقىلىق رەسىم كەڭلىكىنى بىردەكلەشتۈرىمىز.
    2. ئاندىن Adobe Acrobat ئارقىلىق رەسىملەرنى PDF كە ئايلاندۇرۇمىز. ئايلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن Adobe Acrobat تا بىر قېتىم ئەلالاشتۇرۇۋەتسەك (ئاۋۇ رەسىملەردىن قارىغاندا) ئېلكىتاب تېخىمۇ سۈزۈك ۋە سىغىمى 20 ئىچىدە كونتىرول قىلىنىدۇ.
    ——
    ئەگەر بۇ جەريانلار مۇرەككەپ تۇيۇلسا، رەسىملەرنى بىرەر بوشلۇققا يۈكلەپ ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭ، مەن ياساپ قايتۇرۇپ بېرەي.

    • بەرگەن تەكلىپىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر،راستىنى ئېيتسام بۇ ھەقتىكى بىلىمىم سەل كەمچىل. مەن سىز دېگەن ئۇسۇل بويىچە قايتىدىن ياساپ باقاي.سىز دېگەندەك بۇ كىتابنى ئاۋۋال سىكانىرلاپ ئاندىن ۋورقا كىرگۈزۈپ پ د ف قا ئديلاندۇرغان ئىدىم.

  3. كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈڭ، سىز بىرھونغان قالدۇرغان ئىنكاسلىق يازمىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆچۈرۈپ ساپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئىنكاسىڭىزدىكى ئۇلىنىشنىمۇ كۆرۈش مۇمكىن بولمىدى. خاپا بولماي قايتا قالدۇرغان بولسىڭىز.

  4. كەچۈرۈڭ، سىز قالدۇرغان ئادرېس د بانكىسىنىڭ ئۆلچەملىك چۈشۈرۈش ئادرېسى ئەمەسكەن، ئۇ ھۆججەتنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ئۇلانما ھاسىل قىلىپ بېرىڭ. رەھمەت.

  5. تورباجىن

    دوستىمىزنىڭ بۇ قىلغان ئىشى ،بەلكىم تۈنجى قېتىملىق ئەمگىكىدۇر.شۇڭا نوخساندىن خالى بولالماپتۇ.

  6. بەك ئوبدان كىتاپنى تەۋسىيە قىپسىز.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

    • خۇشخۇي ئاكامنىڭ قەدىمىگە مۇبارەك بولسۇن.قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىڭىزنى ئايمىغايسىز.تېنىڭىزگە سالامەتلىك،ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

  7. رەھمەت سىزگە مەن سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى دېگەن كىتاپنى ئېلىپ بىر ئىككى باپ ئوقۇغانتىم ، بۇ كىتاپنىمۇ ئوقۇپ باقاي

  8. جاپا تارتىپسىز ، رەھمەت ، راست دېگەندەك بىر ھون ئەپەندى قايتا ياساپ باقسا بولغۇدەك

  9. قىسسەسۇل ئەنبىيا كىتابىنى يوللاپ قويسىڭىز

    • يۇقىرقى ئىككى كىتابنىڭ ئېلىتاب نۇسخىسى ھازىرچە مەندە يوق، ياسىغان ياكى تاپقان چاغدا خۇدايىم بۇيرۇسا يوللاپ قويىمەن.

  10. مىسكەتۇل مەسابھ كىتابىنى يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن. رەھمەت.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: