«قەدىمىي يۇرت لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلار»ناملىق ئېلىكىتابنى چۈشۈرۈڭ
ئىلاۋە: ”لوپنۇرى“نامىدىكى بلوگنى ئاچقاندىن بېرى، بۇ بلوگدا لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلارغا ئائىت ماقالىلەرنى توپلاپ، لوپنۇرغا قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدىم. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرىنى تور بېكەتلەردىن يىغدىم، بەزىلىرىنى ماتىرىياللاردىن تېپىپ كومپىيوتىرغا كىرگۈزدۈم، قىسمەنلىرىنى تەرجىمە قىلدىم. ئايرىملىرىنى ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ، قىسقارتىپ تەييارلىدىم. بەزى ماقالىلەرگە ماس كېلىدىغان سۈرەتلەرنى تېپىپ قىستۇردۇم. بۇ جەرياندا ئۆزۈممۇ ئانا يۇرتۇم لوپنۇر ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. بۇ ماتىرىياللارنى يىققانسىرى ھەم كۆرگەنسىرى ئۆز يۇرتۇمدىن پەخىرلىنىش ھېسىياتىم تېخىمۇ كۈچىيىپ باردى. بلوگىمنى زىيارەت قىلىپ مەن يوللىغان ماتىرىياللاردىن پايدىلانغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئىنكاس، تېلېفۇن ئارقىلىق ياكى يۈز-تۇرانە تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ بۇ مىننەتدارلىقلىرى مېنى تېخىمۇ غەيرەتكە كەلتۈردى. بۇ ماتىرىياللارنى توپلاش، رەتلەش ۋە تورغا يوللاشقا نۇرغۇن ۋاقتىم ۋە زېھنىم كەتتى. ئەمما، بۇنىڭغا قىلچىلىك ئۆكۈنمەيمەن. بۇنداق قىلىشنى ۋىجدانەن بۇرچۇم دەپ ھېسابلايمەن. قارىسام توپلىغان ماتىرىياللىرىم يىگىرمە-ئوتتۇز پارچىغا يىتىپ قاپتۇ. بەزىدە تور بەتلەردىن ئىزدەپ كۆرگەندە بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. ناۋادا تور شارائىتى بولمىغان ۋاقىتلاردا ماتىرىياللارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولماي قالىدۇ. شۇڭىلاشقا، كەڭ بىلىمخۇمار دوستلارنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ ئېلىكىتابنى ئىشلەپ چىقىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.ھەمدە نامىنى ”قەدىمىي يۇرت لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلار“دەپ قويدۇم. ماتىرىياللارنى بىر نەچچە خىل سەھىپىگە ئايرىپ قوللىنىشقا قولايلىق ھالەتكە كەلتۈردۈم. مەن ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان بىر ئىش، توردىن ساقلىۋالغان بىر قىسىم ماتىرىياللارنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى بۇرۇن ئېنىق ساقلىۋالمىغاچقا، مەنبەنى كۆرسىتىشتە ئېنىق كۆرسىتەلمەي قالدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن دوستلاردىن ئەپۇ سورايمەن. بەلكىم، بۇ ماقالىلەردە ياكى ئېلكىتابتا بەزى سەۋەنلىكلەرگە يول قويغان بولۇشۇم مۇمكىن. دوستلارنى سەمىمىي تەنقىد پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سەمىمىي تەكلىپىم: مەن يەرلىك مەدەنىيەتكە زور ئىشتىياق باغلىغۇچى، بۇ مېنىڭ يۇرتۋازلىقىمدىن ئەمەس، بەلكىم ئۆز كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن جايىمنى ئەزىزلىگىنىمدىن بولدى. بىزدە قېزىلمىغان يەرلىك تارىخ ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرى خېلى كۆپ. بۇلارنى ۋاقتىدا قېزىش، رەتلەش، ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىزدۇر. بالىلىرىمىزغا ئانا يۇرت تەربىيىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىشتە بۇ خىلدىكى ماتىرىياللارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. يەرلىك مەدەنىيەت پۈتۈن بىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تولۇقلىغۇچى. ئۇ بىز سەل قاراۋاتقان، يۇشۇرنۇپ يېتىۋاتقان بىر بايلىق. مېنىڭچە، ئۆز يۇرتىنى سۆيۈش ئەمەلىي ئىش-ھەركەتلەردىن باشلىنىشى كېرەك. قۇرۇق گەپ بىلەن شەھەر ئالىدىغانلارنىڭ كۆپۈك مۇھەببەتلىرى قۇرۇپ كەتسۇن. بىزگە كېرىكى، ھەقىقىي مەنىدىكى ئانا يۇرت سۆيگۈسى. بۇ خىل سۆيگۈ يۈرەككە مۆھۈردەك ئۇيۇلىشى كېرەك. بۇ مۆھۈرنىڭ سىياسى ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخىنى، ئۆر-ئادەتلىرىنى، مەشھۇر شەخىسلىرىنى، تاغ-دەريالىرىنى بىلىش ۋە تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت مىھنەت ماتىرىياللىرىدىن ياسىلىشى كېرەك.قېنى ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئوبدان سۇئال قويۇپ بېقىڭ. ئانا يۇرتىڭىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ئانا يۇرتىڭىز ھەققىدە قانچىلىك ئىزدىنىپ كۆردىڭىز؟ ئانا يۇرتىڭىزنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى باشقىلارغا قانچىلىك تونۇشتۇرالىدىڭىز؟قېرىندىشىم، ھېلھەم كېچىكمەيسىز. دەرھال ھەركەتكە كېلىڭ.ئاتا-بوۋىكىڭىزنىڭ باسقان ئىزلىرىنى ئىزدەپ يولغا چىقىڭ!
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=40546&uk=3909161718