ھاجىتىنى راۋا قىلايلى،ئەمما،غورۇرىغا تەگمەيلى!

 

 

 

ھاجىتىنى راۋا قىلايلى،ئەمما،غورۇرىغا تەگمەيلى!

 

      ئادەمنىڭ تۇغۇلىشى تەبىئىي جەريان، ئەمما ئۆسۈپ يېتىلىشى بولسا، ئىجتىمائىي جەرياندۇر. شۇڭىلاشقا جەمىيەتتە ياشاش جەريانىدا، بىر-بىرىمىزگە ھاجىتىمىز چۈشىشى، بىر-بىرىمىزنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىشىمىز مۇمكىن. باشقىلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش پەننىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ياخشى ئىش، دىننىي نوقتىدىن ئېيتقاندا ساۋاپ ئىش. بۇ جەمىيەتتە ياشاش جەريانىدا ھېچكىم ”مەن ھېچقانداق ئادەمگە موھتاج بولمايمەن، ھەممە ئىشىمنى ئۆزۈم قىلىپ، بارلىق قىيىنچىلىقىمنى ئۆزۈم ھەل قىلالايمەن“ دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، دۇنيادا بارلىق ئىشلارنى تۇتقان ئەمىلىمىز ياكى تاپقان بايلىقىمىزغا تايىنىپ ھەل كېتەلىشىمىز ناتايىن. ھەتتا، پادىشاھ بولغان تەغدىردىمۇ ئۇنىڭ يەنىلا قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە ھاجىتى چۈشىشى مۇمكىن. قارىماققا پادىشاھ قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە بۇيرۇق بىلەن قىلماقچى بولغان ئىشىنى قىلدۇرماقچى بولغاندەك تۇرسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ شەكلى ئوخشىمىغان ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۇسۇلىدۇر.

          جەميەتتىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشى، ئىش تەقسىماتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، بايلىقنىڭ تەقسىم قىلىنىشىنىڭ تەكشىسىزلىكى، تاسادىبىي ھادىسلەرنىڭ كىشلەرگە ئېلىپ كەلگەن بالايى-ئاپەتلىرى قاتارلىق ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆز ئالدىمىزدا ھەقىقىي ھاجەتمەن كىشىلىرىمىز دائىم چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالايلى: ياشانغان، ئىگە-چاقىسى يوق كىشىلىرىمىز؛ئۆزى ياكى بالىلىرى ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىشقا ئىمكانىيىتى بولمايۋاتقان كىشىلىرىمىز؛كۈچلۈك ئوقۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، ئەمما ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە بولالمايۋاتقان سەبىيلىرىمىز؛ تەبئىي ئاپەتكە ئۇچىراپ ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەيران بولغان قېرىنداشلىرىمىز قاتارلىقلار ھەققىي ھاجەتمەنلەر قاتارىدىكى كىشىلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ھاجەتمەنلىك ھەرگىزمۇ ئارقا ئىشىك يولى بىلەن سودا يولى ۋە باشقا غەيرىي يوللارنى ئېچىش، زۆرۈر بولمىغان ئىشلارنى شەخسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭىلاشقا، بۇ يەردىكى ”ھاجەتمەنلىك“نىڭ مەنىسىنى ياخشى ئېنىقلىۋىلىش بەكمۇ زۆرۈر.

           بىز يۇقىردا ھەقىقي ھاجەتمەنلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى سەۋەبلەرنى يۈزەكى كۆرسىتىپ ئۆتتۈق. ئەمدى بۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى توغرا ۋە ئۈنۈملۈك يول بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى. مەيلى ھۆكۈمەت تەرەپتىن بولسۇن ۋە ياكى كوللىكتىپ، شەخىسلەر تەرپىدىن بولسۇن،  جەمىيەتتە ھاجەتمەن كىشىلەرگە ئۆزلۈكسىز ياردەم بېرىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تېلېۋىزۇر ۋە مەتبۇئاتلاردا ”پالانى كىشى پوكۇنچىغا مۇنداق نەرسە بېرىپ ھال سورىدى، پالانى ئىدارە مانچىلىك پۇل چىقىرىپ پۇستانىغا مىھىر_شەپقەت يەتكۈزدى“دېگەندەك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز. ھەر قېتىم مۇشۇنداق خەۋەرلەردە چىقىدىغان ئاشۇ ھاجەتمەن كىشىلىرىمىزنىڭ ئوڭايسىزلانغان تۇرقىنى كۆرسەم ئىچىم سېرىلىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەيۇس ۋە مىسكىن چىرايىغا، غورۇرى سۇنغانلىقىنى چاندۇرۇپ بېشىنى تۆۋەن سېلىشلىرىغا قارىغان ھەر قانداق بىر ئادەم مۇشۇنداق تۇيغۇغا كەلمەي قالمايدۇ.    ياردەم بېرىش، ساخاۋەت قىلىش، باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ياخشى ئىش، لېكىن ”سەن نامرات، مەن باي بولغاچقا، بۇ نەرسىلەرنى ساڭا مەن بەردىم“دېگەندەك بۇنى خەلقى ئالەمگە جاكارلاپ بېرىشىمىزنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ-يوق؟ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھاجىتى راۋا قىلىنغانلارنىغۇ ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارغا كۆيۈنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر خىل تەشۋىقاتى ۋە ياكى قىسمەن كىشىلەرگە ياردەم بەرگەنلىكىنى تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقىتىپ باشقىلارنى مۇشۇنداق خەير-ئېھسانلىق ئىشلارغا دەۋەت قىلدى، دەپ قاراپ توغرا چۈشەنسەك. ئەمدى ھەر خىل يوللار بىلەن قولىمىز ئازراق پۇل كۆرگەندىن كېيىن بىر نەچچە خالتا ئۇن بىلەن بىرەر قويىمىزنى تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن بىللە يەتكۈزۈپ بېرىشىمىز ھەققىي مەنىدىكى خەير-ئېھسانمۇ ئەمەسمۇ؟بۇ بىز قايتا-قايتا ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر ھېچكىمگە تۇيدۇرماي خەير-ئېھسان پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، داۋراڭ يولى بىلەن بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بارغانسىرى كۆپىيىپ بارماقتا. خۇددى بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچكىم بۇنداق ئىش قىلىپ باقمىغاندەك، خەيىر-ئېھسان يېقىنقى ئون-يىگىرمە يىل ئىچىدە بارلىققا كەلگەن يېڭى شەيئىدەك تۇيغۇ بېرىلىشكە باشلاۋاتىدۇ. بۇ خىل قىلمىشلىرىمىزنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا، ھاجەتمەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ھاجىتىدىن كەلگەن بېسىمنىڭ ئۈستىگە قوشلاپ بېسىم چۈشۈرۈپ قويغاندەك بىر ئىش بولۇشى مۇمكىن.

 

          نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق يول بىلەن ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىدىغان بولدۇق؟ ”بېيىغاندا ئۆز يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى“ دېگەن قالپاقنى كېيىشمۇ؟ زامانىۋىي ئۇسۇلدا ئۆز يۇرتداشلىرىغا كۆيۈنۈشمۇ؟ جامائەت ئارىسىدا ئابروي-ئىناۋەت قازىنىشمۇ؟ بۇنىڭدىكى مەقسەت ياكى مۇدىئانىڭ قانداقلىقىغا ھۆكۈم قىلىش بىر ئاز قىيىن. بۇنداق دېسەم بەلكىم“ ئۆزۈڭ قىلالامايسەن، باشقىلار قىلسا كۆرەلمەيسەن؟“ دەيدىغانلار خېلى كۆپ چىقار. بۇ ئېنىق مەسىلە. ئەلۋەتتە،بۇيەردە ئۆزۈمنى ئاقلاپ،تەشۋىق قىلىپ ئولتۇرسام، مەنمۇ داۋراڭچىلارنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرگەن بولىمەن.          دىننى نوقتىدىن ئېيتقاندا، تاپقان بايلىقىمىزدىن يىتىم-يىسىر ۋە قولى قىسقىلارغا ھۆشىرە زاكات بېرىش بۇ بىزگە پەرھىز. مېنىڭچە، بۇ پەرھىزنى ئادا قىلىدىغانلار ئادا قىلمايدىغانلار چوقۇم كۆپ. ئەمدى ھەمىمىز ھۆشىرە-زاكاتنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ بۇ يەردە ”مەن پالانىغا مەلۇم نەرسىنى بەردىم، مانچىلىك بەردىم، پالانچى كۈنى بەردىم“دېگەن داۋراڭلار مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى، بىزنىڭ قانچىلىك بېرىشىمىزدىن قەتئىينەزەر چىن يۈرىكىمىزدىن چىقىرىپ خالىسلىق بىلەن تەقدىم قىلىشىمىزدا. شۇنىمۇ ئويلاپ بېقىش كېرەككى، بىز بەرگەن شۇ ئازغىنە نەرسىلەر بىلەن ھاجەتمەن كىشى پۈتۈنلەي بېيىپ كېتىشى ياكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كېتىشى ناتايىن، ئۇ نەرسىلەر پەقەت ئۇنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقىنىلا ھەل قىلالايدۇ خالاس. ئويلىنىپ باقايلى،داۋراڭ بىلەن يەتكۈزگەن مىھىر-شەپقەتلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى بەك يۇقىرى چاغلاپ كەتتۇقمۇ قانداق؟

 

               بىر ۋاقىتتا،شىنجاڭ تىلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ”كۆڭۈلدىكى سۆز ”پروگراممىسىدا مىھرىبان ئانىلار كوللىكتىپىنىڭ قۇرۇغۇچىسى رەيھان ئاپپاي بىلەن ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھەسەنجان ئاكا ۋە تۇرسۇن ھەسەن ئاكىلار سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەتتە ماڭا ئۈمىد غېنىنىڭ مۇنۇ گېپى بەك تەسىر قىلدى.ئۈمىد غېنى مۇنداق بىر سۆزنى ئوتتۇرغا قويدى:“بىز يادەمگە ئېرىشكۈچىلەرنى ئەمەس بەلكى،ياردەم بەرگۈچىلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك،قىلغان ياردىمىمىز باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە دەخلى قىلمىغان ئاساستا بولىشى كېرەك“، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەسەنجان ئاكا مۇنداق بىر مىسالنى ئوتتۇرغا قويدى“ مەن بىر ئىككى يىل بۇرۇن مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ تۆت-بەش بالىنى زىيارەت قىلدىم.بۇ بالىلارنىڭ ھەقىقەتەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار،بۇ بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ“ بالام ساڭا بۈگۈن ياردەم قىلىمىز،سېنى تېلېۋىزۇر، گېزىت_ژورناللاردا ياردەم قىلدۇق،دەپ كۆرسەتسە خالامسەن؟دەپ سورىدۇم. قارىسام گەپ قىلماي تىرنىقىنى تاتلاپ ئولتۇرىدۇ. ”راست گەپ قىل، سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بەر“دېدىم. ھېلىقى بالا:مەن خالىمايمەن.پۇلنى ماڭا بەرمىسەڭلارمۇ مەيلى، ياردەم قىلمىساڭلارمۇ مەيلى،مېنى تېلېۋىزۇرلارغا چىقارماڭلار،دەپ جاۋاب بەردى. مەن قايتۇرۇپ نېمىشقا؟ دەپ سورىدىم. ئۇ بالا:سىلەر ياردەم قىلىپ كېتىسىلەر، سىلەر كەتكەندىن كېيىن، بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالساق، بىزنى دىۋانە،يېتىم ئوغلاق، دەپ ھاقارەت قىلىدۇ“ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ بۇ مىسالنىڭ ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلىپ ”بىز ھەتتا ياردەم قىلغان بالىلارنىڭ ئىسىملىكىنىمۇ ئېلان قىلمايمىز، ”مەلۇم بالا“دەپلا ئالىمىز دېدى.

              مېنىڭچە،باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى ھەقىقىي مەنىدە راۋا قىلىش مانا يۇقىرقىدەك شەكىلدە بولغىنى ئەڭ ياخشى. باشقىلارغا خالىس ياردەم قىلىش ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى. ئەنىۋەر سەمەد قورغانننىڭ ”ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئەخلاقى“ناملىق كىتابىنىڭ 143-ۋە 144-بەتلىرىدە مۇنداق بايانلار ئۇچىرايدۇ: ”ئۇيغۇرلار جەمىيەتتىكى باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ زورىيىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇش ئاساسىدا، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز قۇدىرىتىگە يارىشائۆزىدىن كەمبەغەلرەك كىشىلەرگە ۋە ئىگە-چاقىسىز،يېتىم –يىسىرلارغا ياردەم قىلىش، مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ھەر بىر كىشىنىڭ يالغۇز دىننىي مەجبۇرىيىتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى دەپ تونىلىدۇ. ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئەزەلدىن بۇيان بايلارنىڭ ، ھال كۈنى ياخشى كىشىلەرنىڭ كەمبەغەللەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش، يىتىم-يىسىرلەرگە ۋە ئاجىز ،ئىگە-چاقىسىزلارغا سىلە-رەھىم قىلىشى ئەڭ چوڭ ياخشىلىق دەپ تونۇلغان. بۇنداق تونۇش ئىسلام دىننىي شارائىتىدا تېخىمۇ كۈچىيىپ دىننىي مەجبۇرىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ئىسلام دىنندا كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشىنىڭ ئاشكارا بولۇشتىن مەخپىي بولۇشى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەنگەن………………“

               يۇقىرقى بايانلارنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەيدىغان مۇنداق بىر ھەدىس بار: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە مۇنداق دېيلگەن:يەتتە تۈرلۈك كىشى بار، قىيامەتتە قاتتىق ئىسسىق بولۇپ،ئەرشنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەرشنىڭ ئاستىدا سايىتىدۇ“1)ئىمانى كامىل ئادىل پادىشاھ؛ 2)ياش چېغىدىن تارتىپ ئىزچىل ئىبادەت قىلغان كىشى؛3) قەلبىي داۋاملىق مەسچىتكە باغلانغان كىشى؛ 4)ئاللاھ يولىدا دوست بولۇشقان كىشىلەر؛ 5)بىر گۈزەل ئايال چاقىرسا، ئاللاھتىن قورقىمەن، دەپ تەلىپىنى قۇبۇل قىلمىغان كىشى؛6)سەدىقىنى ئىنتايىن مەخپىي ھالدا قىلغان كىشى؛ 7)خالىي بىر جايدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ ياش ئاققۇزغان كىشى“ (بۇخارى توپلىغان).

       مانا مۇنۇ ئادەمدەك كوچىدا پۇل تارقىتىپ نام چىقىرىش كويىدا بولمايلى،بۇ جۇڭگۇدا خېلى ”نام چىقارغان ساخاۋەت ئىگىسى“دەم داڭلىق كارخانىچى

 

 

   دېمەك،مەيلى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئەخلاق نوقتىدىن ئېيتايلى، مەيلى ئىسلام دىننىي شەرىئىتى نوقتىدىن ئېيتايلى. باشقىلارغا قىلغان ياردىمىمىز قانچە مەخپىي بولسا شۇنچە ياخشى. ئاخىردا دېمەكچى بولغىنىم، توغرا يول بىلەن پۇل تاپايلى! ئۇنى توغرا يوللارغا سەرپ قىلايلى!تاپقان مېلىمىزدىن تىگىشلىكنى ھاجەتمەن كىشىلەرگە خەير-ئېھسان قىلايلى!بۇ خەير-ئېھسانىمىز قەتئىي مەخپىي بولسۇن. ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلايلى،ئەمما غورۇرىغا تەگمەيلى!

 

 

2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2487

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-09
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 3دانە
  1. ياخشى تېما ئىكەن،غۇرۇر توغۇرلۇق خەنزۇچە توردا كۆرگەن بىر قىسقا ھېكايىنى يوللاپ قوياي.
    بىر يىلى نيۇيوركنىڭ قىش پەسىلى ناھايىتى سوغۇق قەھرىتان بۇلۇپ،ياغقان قار ئادەمنىڭ تىزىغا يېتىپتۇ،بۇنىڭ بىلەن كۆپپىنچى مەكتەپ ئوقۇشىنى توخىتىپتۇ،لىكىن ھۆكمەت قارمىقدىكى مەكتەپلەر ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپتۇ. بىر ئائىلە باشلىقى مەكتەپنىڭ بۇ ئىشدىن نارازى بۇلۇپ نىمدەپ داۋامىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىدىغانلىقىىنى سوراپتۇ.
    مەكتەپ مەسئۇلى مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:ئوقۇتۇشىنى توختاتساق،نۇرغۇن نامرات ئائىلەنىڭ بالىلىرى مەكتەپنىڭ ھەقىسز تاماق ۋە ئىللىق پاردىنى بەھىرى ئالالماي،ئۆيدە ئاچ قورساق ھەم سوغۇقدا قالىدۇ دەپتۇ.
    ئۇنداقتا نامرات ئائىلىنڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە ئاپرىپ ئوقۇتسىڭلار بولىمدىمۇ دەپتۇ، بۇ ئائىلە باشلىقى.
    بولمايدۇ، بىز بالىلارغا يارەم قىلىش بىلە بىللە ئۇلارنىڭ غۇرۇرنى دەپسەندە قىلىساق بولمايدۇ دەپتۇ مەكتەپ مەسئۇلى.

    • بۇ مىسالدىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ھەر قانداق بىر ئىشتا ئۆزىنىڭ ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئويلىشىش ناھايتى مۇھىم. بۇ مىسالىڭىز يۇقىرقى تېمىنى تېمىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينىغۇسى!

  2. ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ بىچارە ، يوقسۇل ھالىتىنى باشقىلارغا كۆرسېتىشنى خالىمايدۇ…ئاچنىڭ دەردىنى توق چۈشەنمەپتۇ دېگەندەك ،پۇل ئىئانە قىلىپ نامۇراتلار نىڭ نامۇراتلىق ئەيىپىنى باشقىلارغا يېيىپ كۆرسەتكەنلەرنىڭ بارلىق ئەيىبى قىيامەت كۈنى رەببىمىز ئېچىپ كۆرسەتكۈچىدۇر

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: