مىھىرى-مۇھەببەت ھەققىدىكى ئويلىرىم

 

 

مىھىرى-مۇھەببەت ھەققىدىكى ئويلىرىم

        مىھىر-مۇھەببەت قول بىلەن تۇتقىلى، سىلاپ-سىپىغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ بەلكى كۆڭۈل ياكى روھ بىلەن سەزگىلى بولىدىغان بىر خىل ئىللىق سېزىم. بۇ خىل سېزىم كىشىدە ھاسىل بولغان پەيتلەردە دۇنيا كۆزىگە شۇنچىلىك جۇلالىق، شۇنچىلىك مىھىرلىك تۇيۇلىشى، ھايات گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان دالىلىدا خۇش ھىدنى قانغىچە سۈمۈرۈپ، غەم-قايغۇدىن ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلغاندەك تۇيغۇغا كېلىشى مۇمكىن. مەيلى باشقىلارغا مىھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلايلى ياكى باشقىلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىگە نائىل بولايلى ھەممىسى بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن قەدىرلىك بولغان تۇيغۇدۇر. خەلقىمىز بۇ خىل تۇيغۇنىڭ بولىشىغا قەدىمدىن تارتىپلا ئەھمىيەت بەرگەن. ئىجتىمائىي ئەخلاقى تەربىيە جەريانىدا بۇ خىل تەربىيەنى سىڭدۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچىگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەسىلەن ئالايلى: ياشانغان، مېيىپ، ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرگە ياردەم بېرىش؛ ئۆزى ياشاۋاتقان رايۇننىڭ مۇھىت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەرەقىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش دېگەندەكلەر بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. خەلقىمىز ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى “ بىچارىگە ياردەم قىلساڭ، چىققان دۆۋەڭ ئىگىز بولغاي“، ”سېنىڭ تاپىنىڭغا كىرگەن تىكەن، مېنىڭ كۆزۈمگە كىرسۇن“ دېگەندەك ھېكىمەتلىرى بىلەن ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن.

مىھىر-مۇھەببەتسىز دۇنيانى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ مېنىڭچە،مىھىر-مۇھەببەتسىز ئىنسانلار ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي دۇنيانىلا ئەمەس، بەلكى، ھايۋاناتلار ياشاۋاتقان تەبىئەت دۇنياسىنىمۇ تەسەۋۇرغا سىڭدۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئادەمنىڭ تۇغۇلىشى گەرچە تەبىئىي جەريان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات باسقۇچلىرى ئىجتىمائىي جەرياندۇر. شۇڭىلاشقا، ئۇ ياشاش مەزگىلىدە باشقىلار بىلەن ئۆز-ئارا مۇئامىلە قىلىشى، ئۇچىرىشىشى، دوستلىشىشى، ھەمدەمدە بولىشى ناھايىتىمۇ زۆرۈردۇر. مانا مۇشۇ ئىجتىمائىيلىق جەرياندا ئۇ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا كېرەكلىك مىھىر-مۇھەببەتىن مەھرۇم قالسا، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ ھاياتنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى قالماسلىقى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە، مىھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆز-ئىچىگە ئالىدىغان دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. ئالايلى، ۋەتەن،ئەل-يۇرتقا بولغان مۇھەببەت؛ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنلەر ئوتتۇرسىدىكى مىھىرى مۇھەببەت؛ ئەر-ئايال ياكى قىز يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىكى مىھرى-مۇھەببەت؛ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار بىلەن شاگىرتلار ئوتتۇرسىدىكى مىھىر-مۇھەببەت؛ ساۋاقداشلار ئوتتۇرسىدىكى مىھىرى-مۇھەببەت….ۋاھاكازالار. ناۋادا مىسال ئېلىپ كەلسەك، مىھىر-مۇھەببەتنىڭ دائىرسىنى ھەر قانداق بىر ساھەگىچە كېڭەيتەلىشىمىز مۇمكىن. قىسقىسى، مىھىر-مۇھەببەتنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئەھمىيىتى ۋاقىت خاراكتىرىنى ئالمىغان مەڭگۈلۈك ئېھتىياجدۇر.

ھازىر جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دۆلەتلەر ئارسىدىكى بېرىش كېلىش، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىجتىمائى مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنىڭ قۇيۇقلىشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئامىللىرى ئۆز-ئارا سىڭىشىپ كىشىلەرنىڭ كىشلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئەسلى ئەنئەنىمىزدە بار بولغان ماددىي ۋە  مەنىۋىي جەھەتتىكى بىر-بىرىنى يۆلەش، ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش ئەنئەنىلىرىگە خېلى كۈچلۈك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە. ھەممىدە ماددىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ھەممىنى پۇل-بايلىق بىلەن ئۆلچەيدىغان زىيادە شەخسىيەتچىلىك خاھىشىنىڭ بارلىققا كېلىشى شەخىس ۋە كوللىكتىپ زۆرۈر بولغان مىھىر-مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ ھەممىمىز دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭىلاشقا، ئائىلىدە، مەكتەپتە ۋە جەمىيەتتە بالىلارغا بولغان بۇ خىل مىھىر-مۇھەببەت تەربىيىسىنى كۈچەيتىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. مىھىر-مۇھەببەت تەربىيىسى بېرىشتە ئىشنى ئەمەلىي ۋە كىچىك ئىشلاردىن باشلاشقا ئەھمىيەت بېرىش ئەمەلىيەت بىلەن قائىدە سۆزلەشنى بىرلەشتۈرۈش لازىم. مەسىلەن، ۋەتەنگە بولغان مىھىر-مۇھەببەت تەربىيىسىنى ئائىلىگە بولغان مىھىر-مۇھەببىتىنى تەربىيلەشتىن باشلاش؛ باشقىلارغا بولغان مىھىر-مۇھەببەتنى ئاتا-ئانىغا ياكى ئائىلە ئەزالىرىغا كۆيۈنۈشتىن باشلاش ۋاھاكازالار.

ئەلۋەتتە، ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئىككى يۈزى بولغاندەك، ھازىر جەمىيىتىمىزدە ئۆز-ئارا مىھىر-مۇھەببەتلىك بولۇش ئىدىيىسى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. ئالايلى، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچىرىسا، ھەممە تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىدىغان جەمىيەت كەيپىياتى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە. تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچىرىغان رايۇنلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش، مەنىۋىي جەھەتتىن تەسەللىي بېرىش؛ بىر قىسىم كىشىلەر تەشكىللىنىپ ئېشىنچا پۇللىرىنى جۇغلاپ مەلۇم فۇندى جەمىيەت ۋە پاراۋانلىق جەمىيەتلىرىنى قورۇپ ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش؛ ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئەمما داۋالىنىشقا قۇربى يەتمەيۋاتقان كىشىلەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەشكىللىنىپ ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ قايتىدىن ھاياتلىق يولى تېپىۋىلىشىغا مەدەت بېرىش؛ ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىش….قاتارلىقلار كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىللىقلىق ۋە مىھىر-مۇھەببەتنىڭ كونكىرىت ئىپادىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

مىھىر-مۇھەببەت گۈللىرى ھامان پەرۋىش قىلىشقا مۇھتاج. ئۇنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغان مەزگىللىرى جەمىيىتىمىزنىڭ خاتىرجەملىك، شاد-خوراملىققا تولغان دەۋرىدۇر. ”يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس“دېگەندەك مىھىر-مۇھەببەتنىڭ چىڭىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە مۇھتاج. مەيلى خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەخلاق چۈشەنچىلىرىدە بولسۇن، مەيلى، ئىسلام دىنىمىزنىڭ قائىدە –ئەھكاملىرىدا بولسۇن قارشى تەرەپكە مىھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش ياخشىلىق ۋە ساۋابنىڭ يادىروسى سانىلىدۇ. ئەنئەنىۋىي ئەخلاق چۈشەنچىلىرىمىزدىكى قۇلۇم-قوشنىلارغا ياكى ئەتىراپىدىكى يىتىم-يىسىرلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى بىر خىل بۇرۇچ ھېسابلاش،“تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە“دېگەن چۈشەنچە بىلەن بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەردىن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش قاتارلىقلار مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىسلام دىنىمىزدىكى ئۆشرە زاكات بېرىش، قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرنىڭ بېشىنى سىلاش قاتارلىق چۈشەنچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىنسانلارنى مىھىر-مۇھەببەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىشنى تۈرلۈك يوللىرى ھېسابلىنىدۇ.

باشقىلارغا مىھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىش مىھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھايات يولىدىكى ئەھمىيەتلىك باسقان قەدەملىرىنىڭ نىشانىسى بولۇپ، روھى جەھەتتە شۇ كىشىنى ئاۋۇندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ياخشىلىق قىلىش يولى بىلەن ساۋابقا ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. باشقىلار مىھىر-مۇھەببىتىدىن مەمنۇنلىق ھېس قىلغان پەيتتە، ئۆزىنىڭمۇ زور روھى ئازادىلىككە ئېرىشكەنلىكىنى سېزىدۇ. بۇ خىل سەزگۈ ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. بۇرۇن بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنىڭ مۇنداقچە ئېيتقاندا گۇناھلىرىنىڭ شۇ ئارقىلىق يۇيۇلىشى ياكى يېنىكلىشى ئۈچۈن كاپالەت بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ھەمدە تېخىمۇ كۆپ مىھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىدۇ. مىھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشكۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىيىن شارائىتتا يۈزىنى سىپاپ ئۆتۈپ، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى ئىللىتقان مىھىرلىك شامالنىڭ قىممىتىنى ھېچقانداق نەرسە بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئۆزى يولۇققان بەختسىزلىك ياكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا باشقىلارنىڭمۇ ھەمشىرىك بولغانلىقىنى ئۇلارنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇلاردىن مىننەتدار بولماي تۇرالمايدۇ. ئۆزىگە ۋە تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى بارغانسىرى ئېشىپ بارىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، باشقىلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىگە نائىل بولغاندىن كېيىن بۇنى يەنە مىھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق قارىشى تەرەپكە ياكى باشقىلارغا ياندۇرۇش ئىرادىسى كۈچىيىدۇ. بۇ خىل ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپلا قالماي، مىھىر-مۇھەببەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

باشقىلارغا مىھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىش ئەمىلىيەتتە ئۇنچىۋىلا مۇرەككەپ بىر ئىشمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ تۈرلىرى يالغۇز قارشى تەرەپكە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئەڭ ئاددىيسى يولدا كېتىۋىتىپ پۇتىمىزغا پۇتلاشقان بىرەر تال چوماق ياكى بىرەر تال تاشنى باشقىلار پۇتلىشىپ كەتمىسۇن، دېگەن نىيەت بىلەن كىشىلەرنىڭ يول يۈرشىگە دەخلى قىلمايدىغان جايلارغا تاشلىۋەتكەن بولساق؛ مەلۇم ئىشلار تۈپەيلى، روھى جەھەتتىن زەربىگە ئۇچىرىغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىمىزگە تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتۈرىشىگە تۈرتكە بولغان بولساق؛ ئابتۇبۇستا ئۆرە تۇرۇپ قىيلىنىلىپ قېلىۋاتقان بوۋاي ياكى مومايغا ئورنىمىزنى بوشىتىپ ئاسانچىلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەن بولساق؛ ئالدىمىزدا كېتىۋىتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشكەن بالىنى ئورنىدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ، يىقىلىپ چۈشكەندىكى ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتەلىگەن بولساق؛ باشقىلارنىڭ يولدا چۈشۈرۈپ قويغان پۇل ۋە باشقا مۇھىم نەرسىلىرىگە كۆز قىرىمىزنى سالماستىن ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرەلىگەن بولساق……………. مانا بۇلارنى تىلغا ئېلىپ كەلسەك ناھايتى كۆپ مىساللارنى تېپىشىمىز مۇمكىن. قارايدىغان بولساق، ھەممىسى ناھايىتى ئاددىي ئىشلار. لېكىن، ھەقىقىي گۈزەللىك مانا مۇشۇ ئاددىيلىقلار ئىچىدە، ھەقىقىي مىھىر-مۇھەببەت مۇشۇ ئاددىي ئىشلارنىڭ جۇغلىنىشى بىلەن تېخىمۇ كونكىرىتلىشىدۇ. ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ياشىشى خاتالىق ئەمەس، ئەمما، ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىماسلىقى زور خاتالىق. بۇ يەردە ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ مۇنۇ روبائىسىنى نەقىل ئېلىشنى لايىق كۆردۈم:

ئالدىڭغا يېقىقلىق شام-چىراققا باق،

كېچىنى كۈندۈزدەك قىلىدۇ ئاپئاق.

تەپەككۇر كۆزىلە ئۇنى بىر كۈزەت،

ئۆزىچۈن يانامدۇ ئۇشبۇ شام چىراق؟

گەپ تامام، پېقىرنىڭ بۇھەقتىكى چولتا پىكىرلىرى مۇشۇنچىلىك داۋاملاشسۇن! ئاللاھ ھەمىمىزگە مىھىر-مۇھەببەتلىك يۈرەك ئاتا قىلسۇن!ئامالسىزلىق ئىچىدە ئىڭراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چىھرىدە ئىللىق تەبەسسۇملار جىلۋە قىلسۇن! مۇھتاجلىق، ئاچ-يالىڭاچلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بوينىنى قىسىمىسۇن، دۇئاغا كۆتۈرگەن جۈپ قوللىرىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ بېشىنى بىرلىكتە سىلايلى!

2013-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3298

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-07-22
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: