ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كورلىدىكى نۇتۇقى

ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كورلا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن  باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات، ئەخلاق  پەنلىرى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە قىلىش پائالىيتىدە سۆزلىگەن نۇتىقى بولۇپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوستلارنىڭ بىر كۆرۈپ قويىشىغا ئەرزىيدۇ.

 

 

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3065

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-02
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: فىلىملەر
ئىنكاس: 4دانە
  1. بىلتارىم

    11-ماي ؛ ئۇستازلارنىڭ كاتتا يىغىلىشىغا تەكلىپ.

    ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا سىلەردەك مۇشۇنداق يول باشچى ئۇستازلىرىمىز كۈپلەپ چىقسا،خەلقىمىز نادانلىقتىن تىزراق قۇتۇلسا بەك ياخشى بولاتتى. ھازىر خەلقىمىز ئىغىر كۈلپەتلىك يىللانى بىشىدىن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ ، بۇنىڭ دەلىلى شۇكى ؛ دۈۋلىتىمىز شىددەت بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبى شىنجاڭدا نەچچە مىليۇن قىرىنداشلىرىمىز پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۆزىنىڭ تىرىلغۇ يىرىنى تىرىيالماي مەجبۇرى ھاشارغا سىلىنىۋاتىدۇ ،خوتەندە بولسا يىڭىلا زور ئوت ئاپىتى يۈز بىرىپ خەلىق تولىمۇ ئىغىر كۈندە قالدى، ھۆكۆمەت بولغان زىياننى سۈرۈشتە قىلىپ پۇخرالارنىڭ كۆيۈپ كەتكەن مال-مۈلكىگە ئىسپات تەلەپ قىلىۋاتىدۇ ، ئىسپات بولىدىغان تالۇن ،بانكا كارتىسى ،نەخپۇل ،كىملىك ، قاتارلىقلارمۇ كۈيۈپ كەتكەن تۇرسا خەلىق بولغان زىينىنى ھۆكۈمەتكە قانداق ئىسپاتلايدۇ ،بىچارە قىرىنداشلىرىمىز نىمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالدى .مال مۈلۈك زىينىغۇ ئۇياقتا تۇرسۇن،كۆيۈپ كەتكەن ئۆيلىرىگىمۇ تۆلەم ئالالمايۋاتىدۇ .بىراق سىلەردەك ،مىللىتىمىزنىڭ يۈرىكى بولغان داڭلىق زىيالىلىرىمىز، دوكتۇر، پەيلاسوپ .دىگەندەك جەمىيەت شۇناس ئەرباپلىرىمىز بولسا بۇنىڭدىن بىخەۋەر خاتىرجەم ھالدا 1200يۇەندىن بىلەت سىتىپ لىكسىيە سۈزلىمەكچى بولىۋىتىپسىلەر سىلەرنى قۇتلۇقلايمىز.ۋە مۇشۇ سەۋەپتىن پۈتۈن خەلىقكە ۋاكالىتەن سىلەردىن يادەم سورىماقچى بىز .قولۇڭلاردىن كىلەرمۇ بىلمىدۇق؟ شۇنداقتىمۇ دەردىمىزنى تۈكۈپ باقايلى؛ جەنۇبى شىنجاڭدا نەچچە مىليۇن قىرىنداشلىرىمىز دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئۆز يەرلىرىنى تىرىيالماي مەجبۇرى ھاشاغا سىلىنىۋاتىدۇ، ئاغرىپ يىتىپ قالغانلاردىن ھاشار پۇلىسى يىغىىپ ،بۇ پۇلغا ئالاھىدە دىھقانلارنى ياللاپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. بەزى كەنىتلەردە دىھقانلاردىن شەكلى ئۆزگەرگەن قوغداش ھەققى ۋە ھەرخىل ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئالۋاڭ ياساقلارنى يىغىۋاتىدۇ .بۇ ئەھۋال ھەممەيلەنگە ئايان. ئەلۋەتتە يۇرتىمىزدا باشقا زىيالىلار ۋە جەمىيەت ئەرباپلىرىمۇ بار لىكىن ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەمدۇ ، ياكى سۆزقىلىش ئەركىنلىگى يوقمۇ ؟ بۇنى بىلمىدۇق،بىز دىھقان خەخ ،پەس گەپقىلساق ئۇلار ئاڭلىمايدۇ، ئۈنلۈكرەك گەپ قىلايلى دىسەك تىرورچى دەمدىكىن دەپ قوقىمىز.يۇرتىمىزدا ئالى مەلۇماتلىق زىيالىلىرىمىز مۇ يوق ئەمەس، بىراق مەنسەپ تۇتقانلىرى بىزگە ياردەم بەرمەكتە يوق ،ئاجىز نادان دىھقانلارنى ئالدىغاچىقىرىپ قويۇپ ئۈزى كەينىگە يۇشۇرنىۋىلىپ خەلقىمىزنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئوغۇرلاپ يۈز ئابرۇي، نام ئاتاق، يۇقىرى مەنسەپ ،مال-دۇنيا تىپىش بىلەن ئالدىراش بوپكەتتى. شۇڭا سىلەردىن كۈتىدىغىنىمىز شۇكى، قۇرۇق پەلسەپە ،ئاتالمىش لىكسىيە سۈزلەيمەن دىمەي ئۆمرۈڭلاردا بىر قىتىم بولسىمۇ ئەمەلى ئىشقىلىپ مۇشۇ قۇللۇق تۈزۈمدە ياشاۋاتقان ، يۈرىكى قان زەرداپقا توشۇپ كەتكەن نەچچە مىليۇن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولساڭلار بولاتتى ،قانۇنى يول بىلەن ، دۈۋلىتىمىزنىڭ ئار نۇمۇسىنى ئاقلاپ مۇشۇ قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بۇرۇنراق ئەمەلدىن قالدۇرىلىشغا كۈچ چىقارسا ڭلا دەيدىغان ئۈمۈدىمىز بارتى، بىراق بىلمىدۇق ،بۇ ئۇستازلىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا غەيرىتى بارمىدۇ؟ ھىچ بولمىغاندا بۇقىتىمقى لىكسىيەنىڭ ئاز ، بىر قىسىم مەزمۇنىنى ھاشار توغۇرلۇق سۈزلىسەڭلارمۇ بىز ئۈچۈن چوڭ بىر ياردەم قىلغان بولىسىلەر.
    ناۋادا ئىختىزادى قىيىنچىلىقىڭلار بولسا ئاز كەم بىر مىليۇن دىھقان بار، بىرىمىز 10 يۇەن چىقارساقمۇ 10 مىليۇن دىگەن گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلىقنىڭ دۇئاسى تۈگىمەس بايلىق تۇر.

    پەزىلەتنېڭ سۈيىدە ئاقالمىغان ئەر ئەمەس
    نادانلېقنىڭ تەختېنى چاقالمىغان ئەر ئەمەس
    مۈشكۈللەرنى ئازاد قېپ ئەل كۆڭلىنى ئەيلەپ شاد
    بېزەك قېلىپ ئالتۇننى تاقىيالمىغان ئەر ئەمەس

    بولۇپ بوشاڭ ھەم ھەييار،نەخكەقىلىپ گال تەييار
    ئۆز ھەققىگە ئادىل چوت ، سوقالمىغان ئەر ئەمەس
    پاك مەردانە يول بىسىپ، ئەل كۆڭلىنى ئىللىتىپ
    مەشئەل قېلىپ يۈرەكنى، ياقالمىغان ئەر ئەمەس

    يىتىپ ئارزۇ تېلەككە ، مادار توپلاپ بېلەككە
    بۈركۈت كەبى قوش قانات قاقالمىغان ئەر ئەمەس
    ھەر بىر باسقان قەدەمدە ئۆچمەس ئىزلار قالدۇرۇپ
    ئەلگە يورۇق يۈز بىلەن باقالمېغان ئەر ئەمەس

  2. ئىبراھىم نىياز نىڭ 1989-يىلى 3-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹تارىختىن قىسقىچە بايانلار› دىگەن كىتابى چۈشۈرگىلى بولمىدى، ئۇلانمىسىنى تەھرىرلەپ قويغان بولسىڭىز!

  3. تەڭرىقۇت

    بىلتارىم بۇرادەر:
    مەسىلىنى پەرقلەندۈرۋىلىڭ. بىزنىڭ زىيالىلىرىمىز يازغۇچى پەيلاسۇپلىرىمىز خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بىيىتىش بىلەن ئاۋارە. ھۆكۈمەت مەمۇرى ئورگانلىرىنىڭ قىلدىغان ئىشى، ئۇلارنىڭ ئىشى ئەمەس. مەنىۋى دۇنياسى ئاجىزلاشقان خەلق مەڭگۈلۈك “قۇل“ بولۇشقا ھەقلىق بولۇپ قالدۇ. دىخانلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيتى شۇ قەدەر ئاجىزكى ،ھەممىسى يىغىلىپ ھاشار تۈزمىنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنشىنى،ياكى زىيانغا ئۇچۇرغان مال مۈلكىنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنشىنى ئەمەلدارلار قۇلقىغا توغرا يەتكۈزەلمىگىدەك دەرجەىدە ئاجىز.
    خەلقنىڭ ئارسىدا سىزدەك بىزدەك جان كۆيەر ئوغۇللار بولغاچقا خەلقىمىز ھازىرغىچە مەۋجۇت تۇرۋاتدۇ. مىنىڭچە سىز جاپادا قالغان خەقققە يەتكۈزۈڭ: نەپسانىيەتچى شۆھرەتپەرەس ئەمەلدارلارنىڭ خەلقنىڭ دەردىگە قۇلاق سالماسلىقى،جۇڭگۇ كومنىستىك پارتىيەسىنىڭ روھىغا خىلاپ.
    خەلقنىڭ دۆلتىمىزنىڭ ئادالىتىگە تولۇق ئىشىندىغانلىقى ئۈچۈن توپلۇشۇپ ئەرز قىلغانلىقى، ئەمەلدارلارنىڭ قانۇننى،پارتىيەنىڭ روھىنى كۆزگە ئىلماسلىققا ھەددى ئەمەسلىكىنى، خەلقنىڭ دىمگۇراتىك پۇخراۋى ھوقوقىنى قوغداش مەسۇلىيتى بارلىقىنى سىز يەتكۈزۈڭ. يۇقارقى كىشىلەردىن رەنجىمەڭ.

  4. توغرا دەيتۇ، سىز ماۋۇ فىلىمدىكىدەك دەلىل ىسپات تەييارلاپ تورغا چىقىرىڭ ، خەلقنىڭ نارازلىقى كۈچەيگەندە ھۆكمەت كۆڭەل بولدۇ
    http://bbs.qimbulak.cn/read.php?tid=5546

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: