ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى(3)

ۋاقتى: 2011-09-12 / تۈرى: مائارىپ-پىسخىلوگىيە / كۆرۈلۈشى: 97 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

3.كەڭچىلىك قىلىش ۋە ئىشىنىش تەلىم-تەربىيىنىڭ ئاچقۇچى

 

     ئۇزۇن يىللىق سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىمىزدە،  دائىم مىجەز-خۇلقى ئالاھىدە بالىلارنى ئۇچىرىتىپ تۇرىمىز.   ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى،  مۇستەقىللىق ئىدىيىسى كۈچلۈك ، باشقىلارنىڭ پىكىر-تەكلىپىنى ئاسان قوبۇل قىلمايدۇ.  ئىشلارنى پەقەت ئۆزىنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپلا تەپەككۈر قىلىدۇ.   باشقىلار تەرەپتە تۇرۇپ تەپەككۈر قىلمايدۇ.  بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ باشقۇرىشىغا قارىتا ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ، دائىم يۈزمۇ -يۈز تاكاللىشىدۇ.  بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە قىلساق ۋاقىتلىق رولى بولغاندەك قىلسىمۇ، ئاسانلا يەنە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.   بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار سىنىپ مۇدىرىغا باش ئاغرىقى ئېلىپ كېلىدۇ.   مەسىلىنى ياخشى  ھەل قىلالمىغاندا،  سىنىپ باشقۇرۇشتا قارشى تەسىر كۆرسىتىپ،  پاسسىپ رول ئوينايدۇ.

     ۋەقە جەريانى مۇنداق:

 

 1998-يىلى، كەچكۈز كۈنلىرىنىڭ بىر ئەتىگىنى مەن ئەمدىلا مەكتەپكە كېلىشىمگە دىجورنى ئوقۇتقۇچى كېلىپ:

سىنىپىڭىزدىكى ئەلى ئادەم بولمايدىغان نىمىكەن  دەپ  داتلىدى.   مېنىڭ يۈرۈكۈم قارت قىلىپ قالدى. چۈنكى ئەلى سىنىپىمىزدىكى ئەڭ كەپسىز ئوقۇغۇچى بولۇپ،  دائىم ئوقۇتقۇچى ۋە سىنىپ ھەيئەتلىرىگە قارشى مۇقام توۋلايتتى.  ئىلگىرى بىر نەچچە ئوقۇتقۇچىلارغا ئەدەپسىزلىك قىلغانلىقى،  ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ،  نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىشىم بىلەن يېقىندا ئۇنىڭدا سەل ئىلگىرلەش بولغان .  ئۇ يەنە نىمە ئىش قىلىپ بۇ ئوقۇتقۇچىنى خاپا قىلغاندۇ؟  مەن دەرھال:  «نېمە ئىش بولدى؟ » دەپ سورىدىم.   دىجورنى ئوقۇتقۇچى تۈنۈگۈن بولۇپ ئۆتكەن ئىشنى سۆزلەشكە باشلىدى.

ئەسلىدە، تۆنۈگۈن چۈشتىن كىيىن مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كىيىن،  ئەلى دىجورنى بولمىسىمۇ قايتماي،  دىجورنى ئوقۇغۇچىلار تازىلىق قىلىۋاتسا، قالايماقانچىلىق چىقىرىپتۇ.  دىجورنى ئوقۇتقۇچى كېلىپ ئۇنى توسىسا،  ئۇ  پەرۋاسىز ھالدا :

ساۋاقداشلىرىمغا چاقچاق قىلىۋاتىمەن.  باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلىمىگەن يېرىم يوق، دەپتۇ ھەم ئوقۇتقۇچىنى ئارتۇق ئىشقا ئارلىشىدىكەن، دەپتۇ.   ئوقۇتقۇچى سىنىپتىن چىقىشىغىلا ناھايتى سەت گەپلەرنى قىپتۇ ھەمدە «سەن پوقنى بىلەمتىڭ؟» دەپتۇ.  ئوقۇتقۇچى چاقىرسا ئاڭلىمىغانغا سېلىپ پېشىنى قېقىپ كېتىپ قاپتۇ.

مەن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ناھايتى خاپا بولدۇم.  دېجورنى ئوقۇتقۇچىغا ئۆزرىخالىق ئېيتتىم ۋە ئەلىنى دەرھال چاقىرىپ ئەدەپلەپ قويماقچى بولدۇم.  چۈنكى، ئەلىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرى كۆپ ئىدى.  بىر قېتىم ئەمگەككە چىققاندا، ياردەمچى ئوقۇتقۇچىنى «سىز سىنىپ مۇدىرى بولمىغاندىكىن بىزنى باشقۇرۇش ھوقۇقىڭىز يوق» دېگەن.   بىراق مەن ئۇنىڭغا ئىنچىكىلىك بىلەن خىزمەت ئىشلىگەندىن كىيىن، ئۇنىڭدا ئازىراق ئىلگىرلەش بولغانىدى.  نۇرغۇن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئۇنىڭدا ئىلگىرلەش بار دەپ ئېيتقان ئىدى.  ئۇنداقتا ھازىر ئۇنىڭغا ئىشلىگەن خىزمەتلەر بىكارغا كەتتىمۇ؟

ئويلاندىم،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە، بولۇپمۇ ئادەتلىنىپ قالغان خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە نىسبەتەن ئوقۇتقۇچى،  ئاتا- ئانا  بولغان ئادەم چوقۇم كۆپ تەرەپلىمە ئىدىيىدە تەييارلىق قىلىشى،  بىردىنلا تۈزىتىشنى تەلەپ قىلماسلىقى، ئۇنىڭ چوقۇم تۈزۈلۈپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك.  مەيلى باشقىلار ئەلىگە قانداق قاراشتا بولسۇن، ئەلىگە بولغان چۈشەنچەم تۆۋەندىكىچە بولدى.    يەنى ئۇ تەرسا،  ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بالا بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ھەققانىيەت قارىشى بار ئىدى. خاتالىقىنى تۈزىتەلەيدۇ،  ئۇنىڭدا چوقۇم ئۇيغىنىش بولىدۇ.  مەن بۇ ئىشتا ئەڭ ياخشى تەربىيە ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم يەنە ساقلىشىم كېرەك. سەۋرىچان بولۇشۇم كېرەك.  بۇ ئويۇمنى سىنىپ باشلىقى ئارقىلىق ئۇنىڭغا يەتكۈزدۈم.

دەرۋەقە،  بىر ھەپتىدىن كېيىن دىجورنى ئوقۇتقۇچى ماڭا ئەلىنىڭ سەمىمىي ھالدا كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى ھەمدە مېنىڭ ئىشلىگەن خىزمىتىمگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  ئەمەلىيەتتە مەن ھېچقانداق خىزمەت ئىشلىمىگەنىدىم.  پەقەن مەن كۈتكەن ۋە ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلغان،  ئىشەنگەن،  سەۋر-تاقەت قىلغان ئىدىم.

 شۇ ھەپتىلىك سىنىپ يىغىنىدا ، پۈتۈن ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتكەنلىكىدىن ئىبارەت ئېسىل ئەخلاقىنى ماختىدىم ھەمدە ئۇنىڭ ئۆگىنىشتە يوشۇرۇن كۈچىنىڭ بارلىقىنى، ياخشى نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.  شۇ كۈنى مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل نۇرنى،  يەنى باشقىلار تەرىپىدىن ئىشەنچىگە ئېرىشكەندىن كيىنكى بىر خىل خۇشاللىق نۇرىنى كۆردۈم.   شۇنىڭدىن كىيىن ئەلىگە بولغان تەربىيىدە مەن ئىشەنچنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدۇم. ئۇ ئىشەنچ ئىچىدە ئاستا- ئاستا ئىلگىرلەپ،  ئۈمىدىمنى ئاقلىدى.

دېمەك، پىداگوكلارنىڭ «تەربىيىلىگىلى بولمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق» دېگەن ھېكمىتى ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان ئىكەن.  ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قۇرامىغا يېتىشكە يۈزلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا بالا.  ئۇلارنىڭ تەبئىي قىزىقىشى ئۆزگىچە،  ئۇلار دائىم خاتالىق سادىر قىلىپ قويىدۇ.  سىنىپتا ئىش چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.  پەقەت سىنىپ ئىستىلى،  ئۆگىنىش ئىستىلىدا چوڭ چاتاق چىقمىسىلا، بۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس. ئادەتتىكى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن «كەڭچىلىك» قىلىش كېرەك ھەم ئۇلارنىڭ بۇ تەرەپلىرىنى ئۆزلىرى تونۇپ تۈزىتىشكە ياردەم بېرىش كېرەك.

  ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇش،   دائىملىق باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق دېگىنىمىز،  نوقۇل ھالدا باشقۇرۇش قانچىكى چىڭ بولسا، شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس،  يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق.  بۇنداق بولمىغاندا، ئۇلاردا قارشىلىق پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرۈپ قويىمىز.

 مائارىپ ئالدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىشتۇر،   باشقۇرۇش ئالدى بىلەن ھۆرمەت قىلىشتۇر،  ھەممىدىن مۇھىمى ئۆز- ئارا  ئىشەنچتۇر.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif