شۇنداق ئۆتتۈق بەختنى قوغلاپ

ۋاقتى: 2011-09-13 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 92 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

شۇنداق ئۆتتۈق بەختنى قوغلاپ

 

تۇغۇلساقمۇ دۇنياغا يىغلاپ،

گاھ كۈلەرمىز خۇشال ۋىلىقلاپ،

گاھ يۈرسەكمۇ دۇنيادىن قاقشاپ،

شۇنداق ئۆتتۇق بەختنى قوغلاپ.

 

سورالغاندا ”بەخت نېمە؟“ دەپ،

يورغىلىتىپ ھەركىم ھەرخىل گەپ،

تاپالماستىن ئېنىق بىر سەۋەپ،

شۇنداق ئۆتتۇق بەختنى قوغلاپ.

 

ئۇيقۇمىزدىن ئويغانماي تۇرۇپ،

كۆڭلىمىزدە پىلانلار قۇرۇپ،

نەپسىمىزگە سالالماي قۇلۇپ،

شۇنداق ئۆتتۇق بەخنى قوغلاپ.

 

يىقىلغاندا قۇلۇم-قوشنىمىز،

ھەتتا يېقىن ئۆتكەن دوستىمىز،

كۆرسەكمۇ كور بولدى كۆزىمىز،

شۇنداق ئۆتتۇق بەختنى قوغلاپ.

 

بولۇپ كەتتۇق بەكلا ئالدىراش،

تېپىش ئۈچۈن يېقىن دوست-قاياش،

ئېتەلمىدۇق ۋاقىتنى باغاش،

شۇنداق ئۆتتۇق بەختنى قوغلاپ.

 

ئۇنتۇپ قالدۇق ئاتا-ئانىنى،

باقىمىز دەپ ئۆينى،بالىنى،

چىڭىتالماي ۋىجدان تارىنى،

شۇنداق ئۆتتۇق بەختنى قوغلاپ.

 

ئولتۇرۇشتا يۈردۇق جار بىلەن،

خوتۇن تۇرۇپ يۈردۇق“يار“بىلەن،

ھېساپلاشماي نۇمۇس-ئار بىلەن،

شۇنداق ئۆتتۇق بەختنى قوغلاپ.

 

بۇرنىمىزغا كىرسە كۆپلەپ سۇ،

دېدۇق:ئۇنى تەقدىر دېگەن شۇ،

تۆۋە قىلىش بىزگە ئۇدۇمغۇ؟

شۇنداق ئۆتتۇق بەختنى قوغلاپ.

 

ھەممە ئىشتا نەپنى قوغلىشىپ،

غەيۋەت،قۇرۇق گەپنى قوغلىشىپ،

ئوڭنى ئەمەس چەپنى قوغلىشىپ،

شۇنداق ئۆتتۇق بەختنى قوغلاپ.

 

نىكاھ بولدى بىزگە غەنىيمەت،

توپلاش ئۈچۈن ماددىي مەئىشەت،

بىلەلمىدۇق بۇ قانداق قىسمەت،

شۇنداق ئۆتتۇق بەختنى قوغلاپ.

 

”ھەي“ دېدىققۇ بېشىمىز قاشلاپ،

”ئېسىت“دېدۇق كۆزىمىز ياشلاپ،

پۇشايماننى كۆڭۈلگە باشلاپ،

شۇنداق ئۆتتۇق بەختنى قوغلاپ.

 

(2)

تۇتالىساق كۆڭۈلنى كەڭرى،

تەسىرلىنەر ھەتتاكى تەڭرى،

چىقىپ كەتسە ئاداۋەت كىرى،

شۇنداق ئۆتسەك بەختنى قوغلاپ.

 

كۈيۇنۈشتىن ئېچىلسا گۈللەر،

مۇھەببەتتىن يورۇسا تۈنلەر،

ئىللىقلىققا تولسا بۇ كۈنلەر،

شۇنداق ئۆتسەك بەختنى قوغلاپ.

 

ئىشىمىزدا بولسا بىر ئۇتۇق،

يوللىرىمىز بولغۇسى ئۇچۇق،

غەلبە بىلەن يۈزلەرمۇ يورۇق،

شۇنداق ئۆتسەك بەختنى قوغلاپ.

 

بولالىساق دائىما ھەمدەم،

جاپا بىلەن راھەتتىمۇ ھەم،

دىل بىلەن تىل بولالىسا جەم،

شۇنداق ئۆتسەك بەختنى قوغلاپ.

 

ئۆمرىمىزدە بولسا بىر نىشان،

شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشساق ھامان،

ئارمانلارغا تېپىلسا دەرمان،

شۇنداق ئۆتسەك بەختنى قوغلاپ.

 

چىقارساقلا بىر ياقىدىن باش،

بولۇر پارچە تۆمۈر ھەتتا تاش،

بىلىم بولسا پەقەت بىزگە ئاش،

شۇنداق ئۆتسەك بەختنى قوغلاپ.

 

يىغىشتۇرۇپ بەڭباش تۇيغۇنى،

ئويغاتساقلا ھورۇن ئۇيقۇنى،

ھەمرا بولسا يېڭىش دولقۇنى،

شۇنداق ئۆتسەك بەختنى قوغلاپ.

 

ساۋاقلاردىن ئېلىپ تەجىرىبە،

يېتىپ تۇلۇق ئۇنىڭ قەدرىگە،

باش ئەگمەستىن جاپا-جەۋرىگە،

شۇنداق ئۆتسەك بەختنى قوغلاپ.

 

چېھرىمىزدە پارلىتىپ كۈلكە،

نۇر ياغدۇرۇپ سەبىي كۆڭۈلگە،

بولۇپ بارچە ئىشلاردا ئۈلگە،

شۇنداق ئۆتسەك بەختنى قوغلاپ.

 

بەخت دېگەن كەلمەيدۇ ئۆزى،

بۇ ئېنىقكى ئەجداتلار سۆزى،

ئۇچۇق بولسا ئەقىلنىڭ كۆزى،

شۇنداق ئۆتسەك بەختنى قوغلاپ.

 

بېرەلمەيمىز بەختكە تەبىر،

قىلالايمىز ۋەلىكىن تەدبىر،

بولالايمىز ھەممىگە قادىر،

شۇنداق ئۆتسەك بەختنى قوغلاپ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif