قۇمۇلنىڭ بىر يۈرۈش تارىخى سۈرەتلىرى

ۋاقتى: 2011-10-02 / تۈرى: تارىخ-مەدەنىيەت / كۆرۈلۈشى: 413 قېتىم / 7 دانە باھا يوللانغان باھا

ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان قۇمۇل

 

 

 

قۇمۇل -ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا موھىم ئورۇن تۇتىدىغان جايلارنىڭ بىرى.شۇنداقلا ئەركىنلىك ئازاتلىق ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنى ئەڭ كۆپ تۆكۈلگەن جاي.بىز ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئۈچ قىسىملىق تارىخى رومانى،ئايشەم ئەخمەتنىڭ ”ئۆچمەس ئىزلار“رومانلىرى ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق.ئەينى ۋاقىتتا قۇمۇلدىن يانغان ئازاتلىق ئۇچقۇنلىرى پۈتۇن شىنجاڭنى لەرزىگە سالغان ئىدى.بىز گەرچە ئاشۇ تارىخنى ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرمىگەن بولساقمۇ،ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ جانلىق،تەسىرلىك،ئوبرازلىق تىلىدىن شۇ ۋاقىت ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھېسىياتقا كەلگەن ئىدۇق.قىسقىسى،مەنمۇ بۇ روماننى ئوقۇش جەريانىدا خىيالىمدا بولسىمۇ،شۇ ۋاقىتتىكى قېرىنداشلىمغا ھەمدەمدە بولغان،ھېسداشلىق قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ باتۇرلۇقلىرىغا چىن دىلىمدىن قايىل بولغان ئىدىم. ،گەرچە ئۆزۈم قۇمۇللۇق بولمىساممۇ،بۇ جايغا ھازىرغا كەلگۈچە بىر قېتىم بېرىپ ئەجداتلار ئىزىنى ئىزدەپ بېقىشقا پۇرسەت تاپالمىغان بولساممۇ، ھەر قېتىم“قۇمۇل“دېگەن بۇنام تىلغا ئېلىنسا،ھۇجۇدۇمدا بىر خىل ھۆرمەت،سۈيۈنۈش ھېسلىرى قاپلايدۇ.يېقىندىن بېرى قۇمۇل ھەققىدىكى بىر قىسىم كىتاپلارنى كۆرۈپ چىقتىم.بۇ جاينىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى،تىلى،مەدەنىيىتى مېنى تولىمۇ جەلپ قىلدى.قۇمۇلغا بولغان تەلپۈنۈشۈم ھەسسىلەپ ئاشتى.شۇڭىلاشقا،قۇمۇل ھەققىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ،بۇ ئەزىز دىيارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلەر قولۇمغا چۈشۈپ قالدى.بۇنى بۇ جايغا بولغان ھۆرمىتىم ۋە قىزىقىشىمنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە بارلىق دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.قېنى سۈرەتلەردىن ھۇزۇرلانغاچ،ئەجداتلىرىمىز شانلىق ئىز قالدۇرغان بۇ دىيارغا ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرەيلى.بۇ سۈرەتلەر شىۋىتسىيىلىك سىۋىن ھىدىن تەرپىدىن 1927-يىلدىن 1935-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا تارتىلغان.ھەم ئۇنىڭ“1927-1935يىللاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپىدىتسىيە تارىخى“ ناملىق ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن.

 

قۇمۇلدىكى بىر قورو

 

 

قۇمۇلدىكى ئالتۇنلۇق مازىرى

 

ئالتۇنلۇق مازىرىدىكى مەسچىتنىڭ ئىچكى كۆرۈنىشى

 

 

ئالتۇنلۇق مازىرى ئىچىدىكى قەبرىلەر

 

 

ئالتۇنلۇق مازىرىنىڭ بىر بۇرجىكى

قۇمۇل بوستانلىقىدىكى قەدىمىي سۆگەت

قۇمۇلدىكى بىر كوچىنىڭ بۇرجىكى

لىيۇ يىلىڭ بىلەن يولۋاس

سىۋىن ھىدىننىڭ قۇمۇل شەھەر دەرۋازىسىغا يىتىپ كەلگەن كارۋىنى

تەملىك قۇمۇل قوغۇنى

قۇمۇل كوچىسىدا نەرسە-كېرەك ئېلىۋاتقان مۇڭغۇللار

ماجۇڭيىڭنىڭ تۇڭگان قوشۇنىغا قۇشۇلۇش ئۈچۈن قۇمۇلدىن تۇرپانغا كېتىۋاتقان تۇرك ياشلىرى(بۇ سۈرەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ”ئويغان زىمىن“رومانىدىن ئوقۇغان بولۇشۇڭلار مومكىن)

7نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. risalet
    2012/02/12 08:54:53

    eng axiridiki svrette mening bowam bar. u lodungdiki jengde ulup ketken.

    • lopnuri
      2012/02/12 23:58:04

      بوۋىڭىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!قۇمۇل ئاتا-بوۋىلىرىمىز قەھرىمانلىق ئابىدىلىرىنى تۇنجى بولۇپ تىكلىگەن مۇققەددەس جاي.

  2. [...] قۇمۇلدىكى بىر قورو  قۇمۇلدىكى ئالتۇنلۇق مازىرى ئالتۇنلۇق مازىرىدىكى مەسچىتنىڭ ئىچكى كۆرۈنىشى  ئالتۇنلۇق مازىرى ئىچىدىكى قەبرىلەر  ئالتۇنلۇق مازىرىنىڭ بىر بۇرجىكىقۇمۇل بوستانلىقىدىكى قەدىمىي سۆگەتقۇمۇلدىكى بىر كوچىنىڭ بۇرجىكىلىيۇ يىلىڭ بىلەن يولۋاسسىۋىن ھىدىننىڭ قۇمۇل شەھەر دەرۋازىسىغا يىتىپ كەلگەن كارۋىنىتەملىك قۇمۇل قوغۇنىقۇمۇل كوچىسىدا نەرسە-كېرەك ئېلىۋاتقان مۇڭغۇللارماجۇڭيىڭنىڭ تۇڭگان قوشۇنىغا قۇشۇلۇش ئۈچۈن قۇمۇلدىن تۇرپانغا كېتىۋاتقان تۇرك ياشلىرى(بۇ سۈرەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ”ئويغان زىمىن“رومانىدىن ئوقۇغان بولۇشۇڭلار مومكىن)  ?p=578 [...]

  3. بەگيار
    2011/12/23 11:15:45

    لوپنۇرى بۇرادەر ئىلمىي ئەمگەكلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن. ئەمدى بۇ بلوگىڭىزنىمۇ ناھايتى ياخشى ماتېرىياللار ۋە ئىجادىي ئەمگەكلىرىڭىز بىلەن بېيىتىپ ياخشى باشقۇرۇۋېتىپسىز. كۆپ مەنپەت ئالدىم، كۆپ خۇرسەن بولدۇم. قارىسام تەرجىمىگىمۇ قۇربىڭىز يېتىدىكەن، تارىخ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىلىمىڭىزمۇ خېلى مولدەك قىلىدۇ.(بۇ جەھەتتىكى قىزىقىشىمىزنىڭ ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلدىم) شۇڭا مۇشۇ ساھەدىكى ماقالە-ئەسەرلەردىن كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ بلوگڭىزىغا يېزىپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن.

    • lopnuri
      2011/12/23 12:08:24

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بەگيار ئاكا!كەلگەن قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن.ماڭا بەرگەن باھايىڭىز ۋە پىكرىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. خۇدايىم بۇيرۇسا،سىز دېگەندەك تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە ئائىت ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشنى داۋاملاشتۇرمەن.قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز!

  4. سىرداش
    2011/10/02 15:21:09

    مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەرنى چىقارغىنىڭىزغا رەھمەت.
    بولسا بىزنى مۇشۇنداق تارىخى ئەسەرلەر بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرۈپ تۇرسىڭىز.
    ئىشلىرڭىز تېخىمۇ ئۇڭۇشلۇق بولسۇن…
    بۇنى باشقا مۇنبەرلەرگە چىقارساق بۇلامدۇ؟؟؟؟؟

    • lopnuri
      2011/10/02 15:52:44

      مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ چىقارسىڭىز مېنىڭ باشقىچە پىكرىم يوق.لېكىن سۈرەتكە تور بەتنىڭ تامغىسىنى بېسىپ بۇزىۋەتسىڭىز بولمايدۇ. سۈرەتنىڭ ئەسلى ھالىتى بويىچە چىقارسىڭىز بولىدۇ.چۈنكى،بۇ تارىخى سۈرەت،تامغا ېسىۋەتسىڭىز بۇ سۈرەتتىن پايدىلانماقچى بولغانلار ئۈنۈملۈك پايدىلىنالمايدۇ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif