ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تەسىراتى(سۈرەتلىك)

 

جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمىيىتى 6-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن تەسىرات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۆھتىرەم تورداشلار! مەزكۇر تېمىنىڭ بىرىنچى بۆلىكدە تەۋەككۇل تىلىۋالدى ئاكا بىلەن تۇرۇپ بارات ئاكىنىڭ يىغىندا ئوقۇغان نۇتۇقلىرىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمدى يىغىن جەريانىدىكى كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىم ھەققىدە ھەر قايسىڭلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. يىغىنغا قاتنىشىش ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۋېلىپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.خۇشال بولۇشۇمدىكى ئاساسلىق سەۋەب، بىرى مەن قىلغان ئىلمىي ئەمگەكنىڭ ئىتىبارغا ئېلىنغانلىقى بولسا، يەنە بىرى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىملار، تەتقىقاتچىلار ۋە مۇتەخەسىسلەر بىلەن ئۇچىرىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىم بولدى. ئۇقتۇرۇشنى كۆتۈرگىنىمچە، مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ ئىشخانىسىغا چاپتىم، ئۇ ئۇقتۇرۇشقا بىر قۇر نەزەر سېلىۋىتىپ، باشقا ئارتۇق گەپ قىلمايلا، بارساڭ بولىدۇ، دەپ ئىمزاسىنى قويۇپ بەردى. ئەمدى مېڭىش تەييارلىقىنى قىلمىسام بولمايتتى. بىزنىڭ بۇ جايدىن بارىدىغان يەنە بىر ئىككەيلەننى بىلەتتىم، ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشتىم. ئۇلار ئاللىقاچان پويىز بېلىتىنى ئېلىپ بولغان ئىكەن. بىز تەتىلدە سەل ئۇزۇنراق ئارام ئالغاچقا،ئۇقتۇرۇشنى مەن كېچىكىپ تاپشۇرۋاپتىمەن. ئۇلار بىلەن بىللە مېڭىش ئۈچۈن، دەرھال پويىز ئىستانسىغا چاپتىم. بېلەت ئېلىش كۆزنىكىگە بېرىپ لاسسىدە بولۇپ قالدىم. چۈنكى، نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايۇنىغا بارىدىغان بويىزنىڭ بېرىش ۋە كېلىش بېلىتى ئاللىقاچان سېتىلىپ بولغان ئىدى. ئەمدى بىردىنبىر ئامال ئايرۇپىلاندا مېڭىش ئىدى. لېكىن ئۆزۈم يالغۇز ماڭىدىغانلىقىم ئۈچۈن سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. بۇ ۋاقىتتا ئايالىم ماڭا مەدەت بېرىپ: “ ئايرۇپىلاندا مېڭىۋېرىڭ، چوقۇم بىرگە ماڭىدىغانلار چىقىپ قالىدۇ“ دېدى. ئىككىلىنىشىمدىكى سەۋەب، ماڭا نىسبەتەن نىڭشانىڭ مەركىزى يىنچۇەن پۈتۈنلەي ناتونۇش يەر ئىدى. ئايالىمنىڭ مەدىتىنى ئاڭلاپ، ئىككىلىنىشلىرىم پۈتۈنلەي يوقالدى. ئايرۇپىلاننىڭ بېرىش-كېلىش بېلىتىنى سېتىۋالدىم. ماڭىدىغان كۈنى ئۈرۈمچى ئايرۇدۇرۇمىغا كىرىپ، ھاياجاندىن توۋلىۋەتكىلى تاس قالدىم. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، ئايرۇپىلان كۈتۈش زالىغا كىرسەم،ئانا مەكتىپىم شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتتىدىكى پروفىسسور غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىق ئوننەچچە ئۇستاز ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇلار مېنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالدى. ئۇلار بىلەن ئەمدى كۆرۈشۈپ تۇرۇشۇمغا شائىر، تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدى، شائىر بەگمەت يۈسۈپ قاتارلىق يەنە بىر قانچە كىشىلەر كىرىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمدىكى ئىككىلىنىش ۋە خەۋپسىرەش تۇمانلىرى ئاللاقاياقلارغىدۇ غايىپ بولدى. پولات قۇش ئالاھەزەل ئىككى يېرىم سائەتتە يىنچۇەن ئايرۇدۇرۇمىغا يىتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ ئۆتكۈزلۈش ئورنىنى تەمىنلىگەن شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدىكى بىر قانچە يولداش بىزنى ئالغىلى چىقىپتىكەن. ناھايىتى تېزلا يىغىن ئېچىلىدىغان ئورۇنغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەردە بىزنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى ئىدارىسىدىن تەۋەككۇل تىلىۋالدى ئاكا، جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلىدىن تۇرۇپ بارات ئاكا، ھېيتاخۇن ئاكا، دوكتۇر دولقۇن قادىر قاتارلىقلار قىزغىن قارشى ئالدى.ھەمدە تىزىملىتىش ئورنىدا ھەر بىر يىغىن ئەھلىگە تارىخ تەتقىقاتچىسى توختى موزات ئەپەندىنىڭ“ئوتتۇرا ئەسىر ئويغۇر جەمىيىتى“ دېگەن كىتابىنى تارقىتىپ بەردى.  ياتاقلارغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، كەچلىك تاماققا چىقتۇق. ھەمدە ئەتىكى يىغىنغا جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن قاتنىشىش ئۈچۈن، ھەممىمىز بالدۇراق يېتىپ ئارام ئېلىشقا تۇتۇندۇق.

تاڭمۇ ئاتتى، ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن يىغىن زالىغا قاراپ ئاتلاندۇق. دەسلەپ تەۋەككۇل تىلىۋالدى ئاكا، ئاندىن تۇرۇپ بارات ئاكا، شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ مۇدىر، كەلگۈسى گوروھىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى ناھايىتى ئاددىي ۋە تېزلا ئاخىرلىشىپ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ماقالە ئوقۇش ۋە مۇلاھىزە قىلىش باسقۇچىغا ئۆتتۈق.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش 

مەن ئىككىنچى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ئىدىم. بۇ گۇرۇپتا جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىن لاڭ يىڭ خانىم، داڭلىق ئارخىلوگ ئابدۇقېيۇم خوجا ئاكا، پروفسسور غەيرەتجان ئوسمان، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى فلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى دوتسېنت ئابدۇشۈكۈر موللەك، تارىخ مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ھاجى ئابدۇراخمان باقى،ئېرپان شېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئابدۇللا ئۆمەر ئېرپان، شائىر ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كروران، خۇنەنلىك ئۇيغۇر لى شىگاڭ(ئۇيغۇرچە ئىسمى رەشىدە)، جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇر جىيەن جۇڭ قاتارلىقلار بار ئىدى. گۇرۇپپا مۇھاكىمىسىگە جەمئىي تولۇق بىر كۈن ۋاقىت بېرىلگەن بولۇپ، ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى ھەر بىر قاتناشقۇچى ئۆز ماقالىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەتتى. گۇرۇپپا مۇھاكىمىسى باشلاندى. بۇ مۇھاكىمىگە ئابدۇشۈكۈر موللەك رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ بىر كۈن جەريانىدا كۆپچىللىك ئوخشىمىغان تېمىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. بۇ ماقالىلەردە ئۇيغۇر تارىخى ، مەدەنىيىتى، تىلى ھەققىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى. ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغىنى ئابدۇقېيۇم خوجا ئاكىنىڭ ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىگە ئائىت يازغان ماقالىسى، پروفسسور چىمەن نەجمىدىننىڭ قەشقەر شەھرىدىكى كونا ئۆيلىرى چېقىلىپ يېڭى ئولتۇراق رايۇنلارغا كۆچكەن ئاۋامنىڭ يېڭى ھايات مۇساپىسىدە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئەمىلىي تەكشۈرۈش دوكىلاتى، قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ دوتسېنتى ئەنۋەر مەتسەيدىنىڭ ئۇيغۇر بازار مەدەنىيىتى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىسى، ھاجى ئابدۇراخمان باقىنىڭ قەشقەر رايۇنىدىكى قەدىمكى كىتابلارنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىگە كىرگۈزۈپ قوغداشنىڭ ناھايىتى زۆرۈرلىكى ھەققىدىكى ماقالىسى، رەشىدە لى شىگاڭنىڭ خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ھەققىدىكى ماقالىسى بولدى. قالغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ماقالىلىرىمۇ بىر-بىرىدىن سەرخىل بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قېزلمىغان بوز يەرلىرى قېزىلىشقا يۈزلەنگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ بىر كۈنلۈك گۇرۇپپا مۇلاھىزىسى ئاخىرلاشتى. ئاخىردا ھەر بىر گۇرۇپپتىن ئون پارچىغا يېقىن ماقالە بېلەت تاشلاش شەكلى بويىچە باھالاپ چىقىلدى. بۇ ماقالىلەر ئەتىدىكى چوڭ يىغىندا ئوقۇلىدىغان ۋە مۇكاپاتلىنىدىغان ماقالىلەر ئىدى. ئاخىردا، ئابدۇقېيۇم خوجا، ئابدۇشۈكۈر موللەك، ئەنۋەر مەتسەيدى، چىمەن نەجمىدىن، ھاجى ئابدۇراخمان باقى قاتارلىق بىر نەچچە كىشىنىڭ ماقالىسى يۇقىرى بېلەت بىلەن تاللاپ چىقىلدى. شۇنداق قىلىپ ھەش-پەش دېگۈچە بىر كۈنلۈك گۇرۇپپا مۇلاھىزىسى ئاخىرلاشتى.تۆۋەندە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدىن بىر قانچە كۆرۈنۈش كۆرۈپ باقايلى:

گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى باشلىنىش ئالدىدا

ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم گۇرۇپپا مۇزاكىرسىغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا 

كۆڭۈل قويۇپ ماقالە ئاڭلاۋاتقان يىغىن قاتناشچىلىرى

داڭلىق ئارخىلوگ تەتقىقاتچى ئابدۇقېيۇم خوجا تەتقىقات ماقالىسى ئوقۇماقتا

خۇنەنلىك ئۇيغۇر رەشىدە ماقالە ئوقۇماقتا 

“قەدىمكى ئۇيغۇر كىتاب مەدەنىيىتى“، ”ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىن تەرمىلەر“ناملىق كىتابلارنىڭ ئاپتۇرى ھاجى ئابدۇراخمان باقى ماقالە ئوقۇماقتا

ئەتىسى ئەتىگەندە تاللانغان ماقالىلەرنى كۆپچىللىك ئورتاق ئاڭلاش باسقۇچى ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدا خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن مۇھەممەدتۇرسۇن سىدىقنىڭ ”ئۇيغۇر قەغەزچىلىكى ۋە يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان ئەنئەنىۋى خوتەن قەغىزى“ ناملىق ماقالىسى، تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ ”ئۇيغۇر كىتاب مەدەنىيىتى “ ناملىق ماقالىسى، جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى تەتقىقاتچى رەيھان قادىرنىڭ ”ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئولتۇرقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار“ قاتارلىق ئون پارچىغا يېقىن ماقالە ئوقۇپ ئۆتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ رەيھان قادىرنىڭ تەتقىقاتى چوڭقۇر ۋە ئەتىراپلىق يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۇ مۇشۇ بىر پارچە ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن، ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارغا بىرمۇ-بىر بېرىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇنىڭ ماقالىسىدىن كۆپچىللىك ئىچكىرىدە تارىختىن بۇيان ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ يات مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراش ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى، تۇرمۇش ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى ئەھۋالى، يىلتىزىنى ئىزدەش جەريانىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى تەپسىلىي سۈرەتلىك ماتىرىياللار بىلەن كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىدى. كوللىكتىپ ماقالە ئوقۇش ۋە مۇلاھىزە قىلىش يېرىم كۈن داۋاملاشتى. يىغىن كۈنتەرتىپى بويچە ماقالە ئوقۇش ۋە مۇلاھىزە قىلىش باسقۇچى ئاخىرلىشىپ، نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايۇنىنى تەكشۈرۈش ۋە چۈشىنىش باسقۇچى باشلاندى. بۇ جەرياندا يىنچۈەندىكى خۇيزۇ ئۆرپ-ئادەت سارىيى، يىنچۈەندىكى ئەڭ چوڭ خۇيزۇ مەسچىتى، يىنچۇەن شەھەر ئىچى، يىنچۇەندىكى داڭلىق ساياھەت رايۇنى قۇمكۆل، تاڭ دەۋرىدىكى تاڭغۇت قەبرىستانلىقى قاتارلىق جايلارغا باردۇق. ھەمدە يىنچۈەننىڭ تارىخ-مەدەنىيىتى، بۇ يەردىكى ئاساسلىق مىللەت خۇيزۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشۇپ چىقتۇق.(ئېكىسكۇرسىيە جەريانىدىكى تەسىراتلىرىمنى كېيىنكى باسقۇچقا قالدۇرىمەن).تۆۋەندە چوڭ يىغىندىن بىر قانچە سۈرەت كۆرۈپ باقايلى:

داڭلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا

 تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس ماقالە ئوقۇماقتا

مۇھەممەد تۇرسۇن سىدىق ماقالە ئوقۇماقتا

دېمەك، بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدىكى تەسىراتلىرىمنى يىغىنچاقلىسام تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا مەركەزلىشىدۇ:

1.ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيىتى ھەر بىر ئۇيغۇر قوغداشقا، ئاسراشقا تېگىلشلىك بىباھا بايلىقتۇر. ئۇنىڭدا ئېچىلمىغان ۋە قىزىلمىغان بايلىقلار يەنىلا تولۇپ يېتىپتۇ، بىز جەزمەن ئوخشىمىغان پەنلەر نوقتىسىدىن چىقىپ ئۇلارنى تەتقىق قىلىشىمىز ۋە قىزىشىمىز كېرەككەن. بۇ يەردە ”تەتقىق قىلىش“ دېگەن بۇ ئىبارىنى كەڭ دوستلارنىڭ ئەيمىنىدىغان بىر ئىبارە قاتارىدا كۆرمەسلىكىنى سورايمەن. قانداقتۇر، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئالىي مەكتەپتىكى پروفسسورلار، تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار ياكى مەدەنىيەت سېستمىسىدا  خىزمەت قىلغۇچىلارنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس، بۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى ۋە بۇرچىدۇر. شۇڭىلاشقا، كۆپرەك كىتاب-ماتىريال كۆرۈپ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ خەلقىمىز ئىچىدىكى ئېسىل مەدەنىيەت بايلىقىلىرى،  قىممەتلىك تارىخى ئۇچۇرلار، ئۆزگىچە يەرلىك مەدەنىيەت قاتارلىقلارنى قېزىپ چىقىشىمىز ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس سۈپىتىدە قالدۇرىشىمىز ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەممە ئۇيغۇر قىزىقىدىغان قىزىق نوقتىغا ئايلىنىشى، ھەممە پەخىرلىنىدىغان،غورۇرلىنىدىغان قىممەتلىك مىراسقا ئايلىنىشى مەيلى قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنايلى ھەممىمىزگە باغلىق بولغان ئىشتۇر. يىغىن مەيدانىدا مەن ئۇچىراتقان كىشىلەر ئىچىدە ئوخشىمىغان مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىكى، ئوخشىمىغان كەسپ قۇرۇلمىسىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلىكى، ھەممەيلەننىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا قاراپ ئەمەس، قىلغان ئەمگىكى نوقتىسىدىن ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچىرىشى مېنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالى مەكتەپ پروفسسورلىرىمۇ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاددىي ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ؛ تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەخسۇس تەتقىقاتچىلىرىمۇ، يەككە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەرمۇ بار ئىدى. دېمەك، تەتقىق قىلىش ۋە ئويلىنىش ، تەنقىدىي پىكىر يۈرگۈزۈش ھەممىمىزنىڭ ھوقۇقى، قېزىلمىغان بايلىقلارنى قېزىپ چىقىپ كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ داستىخانىغا ئېسىل نېھمەت قاتارىدا تىزىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى.شۇڭىلاشقا، سىز ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدىنىڭ، تەتقىق قىلىڭ. قىلغان ئىشىڭىز ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي خىزمەتلا بولىدىكەن. بۇ خىزمىتىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن چوقۇم ئىتىبارغا ئېلىنىدۇ.

2. بۇ خىل تۈردىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئۈچۈن بىر ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە پىكىرلىشىش سورۇنى بولۇپ، بۇ جايدا سىز ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مۇتەخەسىس، ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولالايسدىكەنسىز. تاماق ئۈستىلىدە، ئارام ۋاقىتلىرىدا، ئېكىسكۇرسىيە جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاڭلايدىكەنسىز. بۇ ئۇچۇرلار سىزنىڭ كېيىنكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش خىزمەتلىرىڭىز ئۈچۈن مۇھىم يىپ ئۇچىلىق رولىنى ئوينىشى مۇمكىن. شۇڭىلاشقا، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك گۇمانلىنىۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان مەسىلىلىرىڭىز بولسا، بىللە ئالغاچ بېرىڭ. ئۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن ئەركىن ئازادە مۇڭدىشىڭ. كەلگۈسى قىلماقچى بولغان تەتقىقاتلىرىڭىز ھەققىدە يول ۋە ماتىرىيال مەنبەسى ئىزدەڭ. مانا بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە كۆڭۈللۈك بىر ئىشتۇر.بىزدىمۇ تەتقىقاتچىلار قوشۇنى كۆپرەك بولسۇن، ئېچىلمىغان ساھەلەر ئېچىلسۇن. ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىز، كۆمۈلۈپ ياتقان تارىخى بايلىقلىرىمىز يورۇقلۇققا چىقسۇن. يۇقىلىش ئالدىدا تۇرۋاتقان ياكى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان غەيرىي مادديي مىراسلىرىمىز قۇتقۇزۇلۇپ قېلىنسۇن!

3. يىغىن جەريانىدا نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم، تەتقىقاتچىلار بىلەن تونۇشتۇم، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. ئەمما، جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن خىراجەتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ئاڭلاپ، كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى. بۇ جەمىيەت مەملىكىتىمىز بويچە ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ھەققىدىكى نوپۇزلۇق جەمىيەت بولسىمۇ، يىغىن ۋە پائالىيەت خىراجەتلىرىنى ئۆزىگە تايىنىپ ھەل قىلىدىكەن. يۇقىرىدىن مەخسۇس مەبلەغ چىقىرىپ بەرمەيدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دەسلەپتە قۇرۇلغاندا دۆلەت تەرپىدىن پەقەت بىر قېتىملا خىراجەت ئاجىرتىپ بېرىلىپتۇ. كېيىن ھېچقانداق مەبلەغ بېرىلمەپتۇ. يىغىن خىراجىتىنى جەمىيەتتىكى كىشىلەر ھەر خىل يوللار بىلەن ھەل قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئىجتىمائىي ئالاقە، مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق بىر قىسىم كارخانا، گوروھلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق مەبلەغ جۇغلاپ كېلىۋىتىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ جەمىيەتتىكى كىشىلەرگە تېخىمۇ قايىللىقىم ۋە ھۆرمىتىم ئاشتى. بىزدىمۇ نۇرغۇن بايلار بار، مۇمكىن بولسا، ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ مۇشۇنداق ئىلمىي ئىش-پائالىيەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىسە نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە! بۇ ئىشلارنى ئويلىسام ھەقىقەتەن كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ.

ئەمدى يىغىن ئارلىقىدىكى سۆھبەتلەردىن بىر قانچە پارچە كۆرۈپ باقايلى:


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3490

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-11-18
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: بىلدۈرگىلەر
ئىنكاس: 2دانە
  1. تۇران تېكىن

    ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بۇلۇپتۇ. ئالدى بىلەن سىزنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك مۇساپە قېيىقىدا داڭلىقلىرىمىز بىلەن بىرگە بولالىغانلىقىڭىزغا مۇبارەك!

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: