مۇراجەتنامە

بۇ دوستىمىز ناھايىتى خەيرلىك بىر ئىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋىتىپتۇ.شۇڭا ، دوستلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  بۇ مۇراجەتنامە بۇ دوستىمىزنىڭ ھاۋالىسى بىلەن چىقىرىلدى. ياردەم بېرەلەيدىغان دوستلار مۇراجەتنامە ئاستىدىكى ئالاقىلىشى ئۇسۇللىرىغا مۇراجەت قىلغاي.

 

 

 

 

مۇراجەتنامە

ئەسسالامۇ –ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،دوستلار:

بۇ يىل 6-ئاي ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››ۋە‹‹قۇتادغۇبىلىك   ››تىن ئىبارەت ئىككى دۇنياۋىي ئەسەرنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى راۋان   يەشمىسىنى ئىشلىگۈچى تۆھپىكارلارنىڭ بىرى،‹‹ئىز››، ‹‹مەن ئاق بايراق ئەمەس   ››،‹‹ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس ››كە ئوخشاش ئېسىل لىرىكىلارنىڭ،ئۇيغۇر بۈگۈنكى   زامان تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ كاتتا نامايەندىسى بولغان‹‹ئىز››،‹‹ئويغانغان زىمىن››رومانلىرىنىڭ   مۇئەللىپى مەشھۇر ئالىم ،تالانتلىق شائىر،تۆھپىكار يازغۇچى مەرھۇم ئابدۇرېھىم   ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا 90 يىل بولىدۇ.
  ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈر ئەپەندىنى بىلىش،ئالىمنىڭ ئىجادىيەت،تەتقىقات   ،تۇرمۇش مۇساپىلىرى بىلەن تۇنۇشۇش،ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋە ئىدىيەسىنى چۈشىنىشنى   مەقسەت قىلغان بىر قېتىملىق‹‹ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90   يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ›› ئۆتكۈزمەكچى … .
  پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:
  1. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ،ئىجادىيەت ئەھۋالى ،تەتقىقات ئەھۋالىنى   ئەكىس ئەتتۈرىدىغان سۆرەتلەر…(يازغۇچى-ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن چۈشكەن   سۆرەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ…)
  2. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆزى قىلغان دېكىلىماتسىيەسى…(ئۈن لىنتىسى)
  3. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ يۇرۇتۇشقا بېغىشلانغان   كىتاب-ماقالىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسملىگى
  4. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تېكىستلىرىگە ئىشلەنگەن ناخشا-مۇزىكىلار…
  5. ئۆتكۈر ئەپەندىنى دەپنە قىلىشقا دائىر سىن فىلىم ياكى سۆرەت…
  مەن ھازىر جىددىي ھالەتتە بۇ پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن…مۇمكىن بولسا   ئۇستازلارنىڭ بۇ جەھەتتە ياردەم بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن…!
  ھۆرمەت بىلەن: كۈسەمىش)( 18096970179،13139868209)
  (QQنۇمۇرۇم:1833712855)(ئېلخەت   ئادىرسىم: kusamix @126.com)

 

 

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3116

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-22
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: بىلدۈرگىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: