لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش
لوپنۇردىكى يەرلىك ئاھالە قارا قوشۇنلۇقلار(سۈرەتنى پرژىۋالىسكىي تارتقان)
لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش
ئەلى ئەمەت
(بۇ ماقالە شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژورنىلىنىڭ 2011- يىللىق 1- سانىدا ئىلان قىلىنغان)
ئاساسى مەزمۇنى: لوپنۇرلۇقلار ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيانلا لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن يەرلىك ئاھالىدۇر. ئۇلار تارىخى تەرەققىيات داۋامىدا قاراشەھەر، تۇرپان، قۇمۇل ۋە دولان قاتارلىق جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بىلەن قوشۇلۇپ، تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۆزئارا يۇغۇرۇلىشىنىڭ نەتىجىسىدە بۈگۈنكى لوپنۇرلۇقلارنى شەكىللەندۈرگەن. ماقالىدە بىر قانچە نۇقتىدىن چىقىپ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنىڭ ئەزەلدىن لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن يەرلىك ئاھالە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاپ چىقىلىدۇ.
ھالقىلىق سۆزلەر: لوپنۇرلۇقلار كىلىش مەنبەسى قارا قوشۇنلۇق
摘要:罗布人是维吾尔族的重要部分。罗布人本身不是外来移民,他们是长期以来在罗布淖尔地区活动的土著居民。在历史发展过程中从焉耆、吐鲁番、哈密、多浪(刀郎)、和田等地迁移过来的外来移民继续融合、形成了今天的罗布人。本文从几个观点观点出发,证明“罗布人的主体是自古以来生活在罗布淖尔地区的土著居民”的现实。
关键词: 罗布人 来源 喀喇和顺人
لوپنۇرلۇقلار (ياكى لوپلۇقلار، بۈگۈنگە قەدەر بۇلارنى ئاتاشتا مۇشۇ ئىككى خىل ئاتالغۇ ئىشلىتىلمەكتە، مەيلى قايسى ئاتالغۇ ئىشلىتىلىشىدىن قەتئىينەزەر كۆزدە تۇتىدىغىنى قەدىمدىن لوپنۇر كۆلى رايونى، جۈملىدىن تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى ۋە چەرچەن دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدىكى بوستانلىقلاردا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردۇر) ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان لوپنۇرلۇقلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيتى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرى ئۈستىدە بىر قىسىم تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لىكىن لوپنۇرلۇقلار كىملەر، ئۇلار قەيەردىن كەلگەن دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار تېخى دىگەندەك چوڭقۇرلاشقىنى يوق. بولۇپمۇ بەزى كىشىلەر لوپنۇرلۇقلارنى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۈگۈنكى قارا شەھەردىن كۆچۈپ كەلگەن دېگەندەك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. تۆۋەندە مەن بىر لوپنۇرلۇق ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ كۆز قاراشلىرىمنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.
1. مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى
لى يىنپىڭ، لى نىڭ قاتارلىق تەتقىقاتچىلار «لوپنۇرلۇقلارنىڭ كىلىش مەنبەسى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە «لوپنۇرلۇقلار ئەسلى قاراشەھەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بولۇپ، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يەرلەرنى ئىگىلىۋىلىشى ۋە باستۇرۇشى تەسىرىدە كىشىلەر ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى، شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر لوپنۇر رايونىغا كېلىپ قالدى. تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىلىكى سەۋەبىدىن ئۇلار ئىپتىدائىي بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇش كەچۈردى، شۇنداقلا دىننىي ئېتىقادىدىمۇ سۇسلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى» دەپ خۇلاسە چىقارغان①. لى يىنپىڭ يەنە «خوتەن ۋە لوپنۇر رايونىدىكى قوش يۆنىلىشلىك كۆچمەنلەر» ناملىق ماقالىسىدا لوپنۇرلۇقلارنى تەشكىل قىلغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ خوتەندىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىدۇ②. بىز بۇ يەردە لى يىنپىڭ ئەپەندىنىڭ قارا شەھەر ۋە خوتەندىن لوپنۇرغا ئاھالە كۆچكەن دېگەن قارىشىنى چەتكە قاقماقچى ئەمەسمىز. گەرچە قارا شەھەردىن لوپنۇرغا كىشلەرنىڭ كۆچكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بولسىمۇ، لىكىن ئۇ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئەمەس. ئەگەر لى يىنپىڭ قاتارلىقلارنىڭ قارىشى بويىچە ئېلىپ ئېيىتقاندا قارا شەھەردىن لوپنۇرغا ئاھالىلەر كۆچۈپ كېلىشتىن ئاۋال لوپنۇر رايونىدا باشقا ھىچقانداق ئاھالە يوق دېگەن يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى كۆنچى، تارىم دەريالىرىنىڭ لوپنۇر ناھيىسى تەۋەلىكى ۋە چارقىلىق قاتارلىق جايلارنىڭ سۇ- تۇپرىقى ئىنتايىن مۇنبەت بولۇپ، بۇنداق جايدا ئاھالىلەرنىڭ يوق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن نۇقتىلاردىن بىز لى يىنپىڭ قاتارلىقلارنىڭ كۆز قارىشىنىڭ مەلۇم چەكلىمىلىككە ئېگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز. بىز بۇ نوقتىلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىشتىن بۇرۇن بۇ تىما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى ئەھۋاللار ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
2. بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشلەر
بۇنىڭدىن ئىلگىرى لوپنۇرلۇقلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار بىر قەدەركۆپ بولسىمۇ، لېكىن لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنبەسىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ناھايتى ئاز. بۇ توغرىسىدا چەتئەللىك بەزى تەتقىقاتچىلار ناھايىتى بۇرۇنلا توختالغان بولۇپ، س. ي. مالوف، ئە. ر. تېنىشىۋ قاتارلىقلار لوپنۇرلۇقلارنىڭ تىلىنى قىرغىز تىلىغا باغلاپ، «لوپنۇرلۇقلار قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادىدۇر» دېگەن كۆز قاراشنى ياقلايدۇ③؛ يەنە بەزىلەر بولسا «لوپنۇرلۇقلار بىلەن دولانلىقلار بىر سىستىمىغا مەنسۇپ» دەپ قارايدۇ④. ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى زوكوتوۋ ئەپەندى 1761- يىلى لوپنۇرنى تەكشۇرگەن شۈ خىدىنىڭ دوكلاتى، «غەربى يۇرتتا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىم», «غەربى يۇرتنىڭ سۇ يوللىرى خاتىرىسى» ۋە «جۇڭغارلارنى تىجىتىش پىلانى» قاتارلىقلاردىكى خاتىرىلەرنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن «دولانلىقلار بىلەن لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئوخشاش بىر تىپقا(同一种族) تەۋە بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى، 1720-يىلىدىكى جۇڭغارلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ۋاقىتتا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر قارا شەھەر (كورلا، بۈگۈرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاقسۇ، بارچۇق قاتارلىق تارىم دەريا بويلىرىدىكى جايلارغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ دولانلىقلار دەپ ئاتالغان» دەپ قارايدۇ⑤.
كىرىم رېھىم، ئابلا ئۆمەرلەر لوپنۇرلۇقلار توغرىسىدا بىرقەدەر بالدۇر ئىزدەنگەن بولۇپ، ئۇلار «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېتنىڭ تەركىبى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە لوپنۇرلۇقلارغا كەڭ تارقالغان رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا تەھلىل قىلىپ، قارا قوشۇنلۇقلارنىڭ يەنىلا لوپنۇر ئاھالىسىنىڭ ئاساسى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان⑥.
تارىخ تەتقىقاتچىسى مىياۋ پۇشىڭ ئەپەندى «چىڭ دەۋرىدىكى دولان ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە لوپنۇرلۇقلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، ماقالىدە «مەيلى ۋىينامە ۋە ياكى قانۇنلار قامۇسىدا خاتىرلەنگەن (乙弗敌国) بولسۇن، ھەممىسى چىڭ دەۋرىدىكى تارىخى ماتىرىياللاردا تەسۋىرلەنگەن لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن بىردەك، بۇنىڭدىن ھېچ بولمىغاندا لوپنۇرلۇقلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن قەبىلە ياكى ئۇرۇق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ⑦.
لوپنۇرلۇقلارنىڭ تارىخ- مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ياش تەتقىقاتچى غالىپ باراتمۇ بۇ توغرىسدا ئىزدەنگەن بولۇپ «لوپلۇقلار قەدىمدىن لوپ رايونىدا ياشاپ كەلگەن ئاھالە، كىرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادى سېرىق ئۇيغۇرلاردۇر» دەپ قارايدۇ⑧.
تىلشۇناس، ئالىم مىرسۇلتان ئاكىمىزمۇ «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟» ناملىق ماقالىسىدە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى توغرىسىدا ئىنتايىن قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەن. ئالىم تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ، تارىخى ماتىرىياللارنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا «چۇمۇللار لوپنۇرلۇقلارنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلغان» دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ⑨.
ئەمما لى يىنپىڭ ئەپەندى بولسا لوپنۇرلۇقلارنى چىڭ دەۋرىلىرىدە قارا شەھەردىن لوپنۇرغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار دەپ قارايدۇ.
يوقىرىقى تەتقىقاتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە لوپنۇرلۇقلار قەدىمدىن لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن ئاھالىدىن ئىبارەت دېگەن كۆزقاراشقا بولغان مايىللىقنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
3. لوپنۇرلۇقلارنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىبلەر
مىرسۇلتان ئوسمانوف ۋە مويدىن سايىت قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئېيتىپ ئۆتكەندەك، لوپنۇرلۇقلار ئۆز ئىچىدىن قارا قوشۇنلۇق، يان (ياللا، يانلار)، جوداقتا، قالماقتا (قالماقلار)، قالۇچى، قىرغىزلار دېگەندەك تەركىبلەرگە بۆلۈنگەن بولسىمۇ لىكىن بىردەك لوپنۇر دىيالېكىتىدا سۆزلىشىدۇ.
بۇ تەركىبلەرنىڭ ئىچىدە قارا قۇشۇنلۇقلار لوپنۇرلۇقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، چارقىلىق ناھيەسىدىكى مىرەندىن تاكى لوپنۇر ناھيىسىنىڭ غەربىگە 200 كىلومىتىر كىلىدىغان دائىرىدىكى قارچۇغا يېزىسىغچە (ئەمەلىيەتتە قارچۇغا يېزىسى لوپنۇردىن 108 كىلومىتىر، لىكىن يېزىغا قاراشلىق ئاقياسىق كەنتى، بۇرۇنقى غوداي، بوز كۆل، چايان، يېڭى مەھەللە قاتارلىق جايلار قارچۇغا يېزىسىنىڭ تېخىمۇ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئورنى يېزىدىن تەخمىنەن 100 كىلومىتىر كېلىدۇ) بولغان كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقالغان. بىز دەۋاتقان لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ تۈپكى گەۋدىسى دەل موشۇ قارا قوشۇنلۇقلاردىن ئىبارەت.
قارا قوشۇنلۇقلاردىنلا قالسا لوپنۇرلۇقلارنى تەشكىل قىلغان ئاھالىلەر ئىچىدىكى سانى بىر قەدەر كۆپرەكى يانلاردۇر. مىرسۇلتان ئاكىمىزنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە يانلار ئاساسلىق تۇرپان، پىچان، قۇمۇلدىن كەلگەن. مىنىڭچە لى يىنپىڭ ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان قارا شەھەردىن كەلگەنلەرمۇ دەل مۇشۇ يانلار بولۇشى مۇمكىن.
لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىنى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتايدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، لوپنۇرنىڭ غەربىگە جايلاشقان. ھازىرمۇ قارچۇغا يېزىسىدىكى بەزى كىشىلەر ئۆزىنى قىرغىز دەپ ئاتايدۇ. مىرسۇلتان ئاكىمىز قىرغىزلارنىڭ كىلىش مەنبەسى ئۈستىدە توختىلىپ «بەلكىم ئۇلار يېقىنقى دەۋرلەردە غەربتىن (ئېھتىمال باي ناھيىسى تەرەپتىن) كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان» دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ لوپنۇرنىڭ قارچۇغا يېزىسىدىكى كىشىلەر ئارىسىغا تارقالغان بىر رىۋايەتتىن مەلۇم بولۇشىچە كۇچانىڭ ياقا دېگەن يېرىدىن بۇرۇن بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ھازىرمۇ قارچۇغا يېزىسىنىڭ غەربىدىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسى يەنى ئۆگەن دەرياسى بويىدا «قىرغىز»، «ئوپقان» دېگەن مەھەللىلەر بار. بۇلاردىن بىز مىرسۇلتان ئاكىمىزنىڭ پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى، يەنى بىز قىرغىزلارنىڭ غەربتىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كىرەككى، بەزى كىشىلەر لوپنۇرلۇقلارنىڭ كەيگەن قالپىقىغا قاراپلا ئۇلارنى قىرغىز دەپ ئاتىۋالماقتا. 2008- يىلى ئورخۇن تورىدا بۇ ھەقتە قاتتىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى، بەزى كىشىلەر ھەتتا قالپاقلا كەيگەن لوپنۇرلۇقلارنىڭ رەسىملىرىنى قىرغىزىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى توربەتلەردە «لوپنۇر قىرغىزلىرى» دەپ ئېلان قىلغانمۇ بولدى. بىز لوپنۇردا ناھايتى ئاز ساندىكى ئۆزىنى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دەيدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز، ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى ئۇلار لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئەمەس. لوپنۇرلۇقلارنىڭ تىلى توغرىسىدا مىرسۇلتان ئوسمانوف تولۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، يوسۇن مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «جوسۇن»، يىرگىنىش مەنىسىدىكى «جىرگەن» قاتارلىق ئىككى سۆزدىن باشقا «ي» ئورنىغا «ج» ئىشلىتىدىغان سۆز يوق، ھەم ھازىر بۇ سۆزلەرمۇ تولۇق يوقىلىپ ئاممىبابلىشىپ كەتتى. بىز ناھايتى ئاز ساندىكى ئادەمگە، ئىككى دانە سۆزگە ۋە كەيگەن قالپاققا قاراپلا لوپنۇرلۇقلارنى قىرغىز دېسەك تازا ئىلمىي بولماي قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە لوپنۇرلۇقلارنىڭ قالپىقى بىلەن قىرغىز قالپىقىدىمۇ مەلۇم پەرق بار.
يوقىرىقى ئۈچ تەركىبدىن باشقا جوداق، قالماقتا(قالماق)، قالۇچى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق، گەرچە بۇلار توغرىسىدا بەزى رىۋايەتلەر بار بولسىمۇ، لىكىن ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس. لوپنۇرلۇقلار ئىلگىرى سرتتىن كەلگەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ يانلار دەپ ئاتىغان، ئۇلار بىلەن ئانچە قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەتمىگەن، شۇنداقلا ئۆزئارا قىزمۇ چىقارمىغان. بۇ خىل ئەھۋاللاردىن بىز ئۇلارنىڭ سرىتتىن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى، قارا قوشۇنلۇقلارنىڭلا لوپنۇرلۇقلارنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى ئاساسىي گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يېتەلەيمىز.
4. لوپنۇرلۇقلار راستىنلا سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەنلەرمۇ؟
ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك، لوپنۇرلۇقلار زادى قەيەردىن كەلگەن، ئۇلار ھەقىقەتەن چىڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە قارا شەھەر، خوتەن، دولان قاتارلىق جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەنمۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن لوپنۇر رايونىدا ئاھالىلەر يوقمىدى دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر تەھلىل ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەڭ ئاۋۋال لوپ دېگەن بۇ ئىسىم ماركوپولۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە ئۇچرايدۇ. خاتىرىدە «چەرچەندىن چىقىپ شارائىتى بەكمۇ ناچار بىر چۆللۈكتە بەش كۈن يول ماڭغاندىن كېيىن ، چۆللۈكنىڭ چېتىدىكى لوپقا يېتىپ بارغىلى بۇلىدۇ. لوپ راباتى شەرقى شىمال تەرەپتە، لوپ چۆللۈكىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان. ئۇ ئۇلۇغ خاننىڭ زېمىنىغا تەۋە بۇلۇپ ، ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن⑩. خاتىرىدىكى «لوپ» ھەرگىزمۇ ھازىرقى خوتەننىڭ لوپ ناھيىسى ئەمەس. قەدىمكى لوپنىڭ ئورنى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان كۆز قاراشلار بار، بەزىلەر ھازىرقى چاقىلىق ناھيە بازىرى دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر مىرەننى كۆرسىتىدۇ دەيدۇ؛ غالىپ بارات ئەرك ئەپەندى بولسا ۋاششەھرى خارابىسى دەل قەدىمكى لوپ دەپ قارايدۇ، مېنىڭچىمۇ ۋاششەھرى خارابىسى قەدىمكى لوپ بولۇشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن. ماركوپولو ئېيىتقان لوپ بازىرى مەيلى ھازىرقى چاقىلىق بازىرى بولسۇن، ياكى مىرەن خارابىسى بولسۇن ۋە ياكى ۋاششەھرى خارابىسى بولسۇن، ئورتاقلىق شۇكى بۇ جاي چاقىلىق تەۋەلىكىدە بولۇپ لوپنۇرلۇقلار بۇرۇندىنلا بۇ جايلارغا خىلى كۆپ تارقالغان.
بۇندىن باشقا «تارىخى رەشىدى» نىڭ ئۈچىنچى بابىدا «قارا قۇرۇم خاراب بولغاندا، مەۋلانا شۇجائىددىننىڭ ئوغلى خوتەن بىلەن تۇرپان ئارىلىقىدىكى بىر ئۇلۇغ شەھەر كەتىك (خەنزۇچە نەشىرىدە 罗布·怯台Lob katak دەپ ئېلىنغان) شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپتۇ، ئۇلار ئۇ يەردە ناھايتى ئىززەتلىنىپتۇ» دەپ خاتىرلەنگەن⑪. يەنە مۇشۇ كىتابنىڭ 32- بابىدا «ئۇۋەيىسخان ناھايتى تەقۋادار ئادەم ئىكەن، ھاياتىنى پاكلىق بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن. خان ھەر يىلى ياۋا تۆگە ئوۋلاش ئۈچۈن تۇرپان، تارىم، لوپ ۋە كەتىك تەرەپلىرىگە باراتتى» دەپ خاتىرلەنگەن⑫.
دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يوقىرىدىكى يازما ماتىرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان «لوپ» نامى ھەرگىز تاساددىپي قويۇلۇپ قالمىغان، چۈنكى لوپنۇرلۇقلار ئۆزىنى بۇرۇن «لوپلۇق»،«لوپتۇق» دەپ ئاتاپ كەلگەن. شۇڭا «لوپ» تىن ئىبارەت بۇ جاي نامى مۇشۇ يەردە ياشاپ، پائالىيەت ئېلىپ بارغان لوپلۇقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. شۇنداق بولغاندا چىڭ دەۋرىدىن نەچچە ئەسرلەر ئىلگىرىلا بۇ رايۇندا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ياشىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملىشىش ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، لوپنۇر ئىلگىرى قۇچۇ خانلىقىغا تەۋە رايون بولۇپ، ئىسلام دىنى بۇ رايوندا خىلى كېيىنكى دەۋرلەردە ئومۇملاشقان. جۇغراپىيىلىك شارائىتتن قارىغاندا چەت، قاتنىشى قولايسىز، ئاھالىلەر تارقاق رايون، شۇڭلاشقا ئىسلام دىنىنىڭ بۇ رايونغا كىرگەن ۋاقتى تۇرپان بىلەن بىر ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن.
«تارىخى رەشىدى»دە «خان (يەنى خىزىر خاجە) شۇ كۈنلەردە خىتاي ( بۇيەردە قىتانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ) تەرىپىگە يۈرۈش قىلدى. تۇرپان ۋە قاراخوجا شۇ ۋاقىتلاردا خىتاي مەملىكىتىگە قوشۇۋىلىنغانىدى، بۇ شەھەرلەر شۇ ۋىلايەتلەردىكى شەھەرلەرنىڭ چوڭراقى ئىدى. خىزىر خاجەخان ئۆزى يۈرۈش قىلىپ ئۇ دىيارنى ئىشغال قىلىپ ئىسلامغا كىرگۈزدى، ھازىرمۇ ئۇ يەرلەر ئىسلام يۇرتلىرىدۇر» دەپ خاتىرلەنگەن⑬. تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ ۋەقە 1392- يىللىرىنىڭ ئالدى كەينىدە يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ تۇرپاندا ھەقىقىي ئومۇملاشقان ۋاقتى تەخمىنەن 15- ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ.
مۇشۇ ۋەقەدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قارا شەھەر رايونىدا ئىسلام دىنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 15- ئەسرلەردىن بۇرۇن تولۇق ئومۇملىشىپ بولغان بولىدۇ. بىراق چىڭ دەۋرىدە لوپنۇرلۇقلار قارا شەھەردىن لوپنۇرغا كۆچكەن بولسا ئۇلاردا ئىسلام دىنىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن قويوق بولۇشى كېرەك، ئەگەر خوتەن ياكى دولاندىن كەلگەن بولسا تېخمۇ گەپ كەتمەيدۇ. بىراق ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. مەسلەن: «تارىخى ھەمىدى» دە «بۇ زېمىندىن خوتەن، يەكەن، ئاقسۇ، كورلا دەريالىرى ئۆتىدۇ. بۇ دەريالار بەزىدە قوشۇلۇپ، بەزىدە پارچىلىنىپ ئېقىپ بېيجىڭ تەرەپكە كېتىدۇ. بۇ دەريالارنىڭ ئەتراپ ۋە ياقىلىرىدا ياكى ئارالچە ۋە شاخچىلىرىدا ئون ئىككى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ. ئۇلارنى مۇسۇلمان دىسە مەسچىدى يوق، كۇپار دىسە بۇتخانىسى يوق» دەيدۇ⑭. «ئەرشىدىن ۋەلى تەزكىرىسى» دە بولسا «مۇسۇلمانمىكىن دىسە ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ، سەدىقە قىلمايدۇ؛ مۇسۇلمان ئەمەسمىكىن دىسە ئىمان ئېيتىدۇ، مۇسۇلمانچە كېيىم كېيىدۇ، مۇسۇلمانچە سۆزلەيدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن⑮. بۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، لوپنۇرلۇقلار ھەرگىزمۇ باشقا جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەن ئەمەس. لى يىنپىڭ ئاساسلانغان خەنزۇچە ماتىرىياللاردىكى قارا شەھەردىن كۆچكەن ئاھالە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئەمەس. بەلكى، لوپنۇرلۇقلاردىكى «يانلار»دۇر. بۇ خىل ئەھۋال مىرسۇلتان ئاكىمىز ئېيتقان يانلار ئاساسلىق تۇرپان، پىچان، قۇمۇلدىن تەرەپلەردىن كەلگەن دېگەن بايانغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.
لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلغان بىر توپ ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم. تارىخى ماتېرىياللار ۋە ئارخېئولوگىيىلىك بايقالمىلارغا ئاساسلانغاندا لوپنۇر رايونىنىڭ بېلىقچىلىق تارىخى ناھايتى ئۇزۇن.
لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە بىز چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك بولغان مەسىلىنىڭ بىرى شۇكى جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى (乙弗敌国) غا دائىر خاتىرىلەردۇر. «ۋىينامە» نىڭ 110-جىلىدتا « تۇيغۇنلارنىڭ شىمالىدا乙弗敌国 بار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى تۇيغۇنلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ، بېلىق ۋە زىسۇ ئۇرۇقىنىلا ئوزۇق قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن⑯. يەنە «قانۇنلار قامۇسى» (通典·边防) دىمۇ «乙弗敌国نىڭ شىمالىدا چوڭ كۆل (屈海) بار، ئەتىراپىدا نۇرغۇنلىغان ئاھالىلەر بار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى تۇيغۇنلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ، بېلىق ۋە زىسۇ ئۇرۇقىنىلا ئوزۇق قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن⑰. (屈海)نىڭ ئورنى توغرىسدا بەزى تەتقىقاتچىلار ئىزدەنگەن بولۇپ، بۈگۈنكى چىڭخەي كۆلىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ⑱. ئەمما مىياۋ پۇشېڭ ئەپەندى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا ئاساسلىنىپ يازما ماتىرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان (屈海)نىڭ چىڭخەي كۆلىنى ئەمەس بەلكى لوپنۇر كۆلىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى⑲. بۇ ئۈچ نوقتا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: «بىرىنچى، چىڭخەي كۆلى تۇيغۇنلارنىڭ دائىرىسى ئىچىدە، شىمالىدا ئەمەس؛ ئىككىنچىدىن، ‹ۋىينامە تۇيغۇنلار ھەققىدە قىسسە›دە چىڭخەي كۆلىنىڭ ئەھۋالى ئېنىق خاتىرلەنگەن، يەنى ‹چىڭخەي كۆلىنىڭ ئەتراپى تۈمەن چاقىرىم كېلىدۇ، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىچىك تاغ بار› دېيىلگەن بولۇپ، ئوخشاش بىر تەزكىرىدە جۇغراپىيىلىك ئورۇن چوقۇم ئېنىق بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، تەيخېنىڭ 17-يىلى، يەنى 497-يىلى، شىمالى ۋىي تۇيغۇن خانىغا غەرپنى ئىدارە قىلغۇچى سانغۇن(征西将军)، غەربنى نازارەت قىلغۇچى تۇتۇق (都督西垂诸军事) ۋە غەربى چوڭ كۆلنىڭ مەمۇرى (西海郡开公) دېگەندەك ئەمەللەرنى بەردى، تۇيغۇنلارنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭىيىپ كىروران(ئەسلى ماتىرىيالدا鄯善 دەپ ئېلىنغان، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان鄯善 نىڭ كۆرسىتىدىغىنى كىروران بەگلىكى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 77- يىلى كىروران بەگلىكى 楼兰 نامىنى 鄯善 گە ئۆزگەرتكەن، بۇ ھازىرقى پىچان ناھيىسىنى كۆرسەتمەيدۇ)، چەرچەن قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ باردى دېيىلگەن»⑳؛ تۇيغۇنلارنىڭ چارقىلىق، چەرچەن قاتارلىق جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى تارىخى ئەمەلىيەتتۇر، بىز بۇ خاتىرىلەردىن (屈海) لوپنۇر كۆلىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز.
ئەمدى بىز چىڭ سۇلالىسى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋرلەردە يېزىلغان خاتىرىلەرگە نەزەر سالساق، لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشىغانلىقى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. مەسىلەن: جۇڭغارلارغا جازا يۈرۈشى قىلغان چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارى يوقىرىغا يوللىغان دوكلاتىدا «لوپنۇر كەڭرى زىمىن، ئورمانلىرى بۈك- باراقسان. كەمىنە 2-ئاينىڭ 9- كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقى قاشقا(哈什哈) بىلەن كۆرۈشتۈم. ئېيتشلارغا قارىغاندا يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان 2000دىن كۆپرەك ئاھالە ئاقسۇ، دولان قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ، پەقەت 600 ئادەملا قاپتۇ، ئۇلار بېلىقچىلىق بىلەن جان كەچۈرىدۇ» دەپ يېزىلغان (21) ؛ چىيەنلۇڭنىڭ 26- يىلى (1761) شۈ خىدى لوپنۇرلۇقلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن يوللىغان دوكلاتىدا بولسا «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىككى قەبىلىسى بار، بىرى قارا كۆل، يەنە بىرى قارا قوشۇن (哈喇和卓)دۇر. (ئىزاھات: بۇ يەردىكى哈喇和卓 قارا قوشۇننىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، لوپنۇر كۆلىگە يېقىن ئەترەپتا مۇشۇنداق بىر جاينىڭ بارلىقى مەلۇم، بۇ تۇرپاندىكى قاراغوجىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ توغرىلىق لى يىنپىڭ ئەپەندىمۇ ماقالىسىدە ئالاھىدە ئىزاھات بەرگەن) ئۇلار دانلىق زىرائەت تېرىمايدۇ، بېلىقنى ئاساسى ئوزۇق قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن (22 ) ؛ «مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ تەزكىرىسى» دە : «لوپنۇرلۇقلار دانلىق زىرائەت تېرىمايدۇ، چارۋا باقمايدۇ، قولۋاقتا يۈرۈپ بېلىق تۇتۇپ ئوزۇقلىنىدۇ، ياكى ياۋا كەندىر، ياكى خاش قۇش تېرىسىدىن كىيىم تىكىپ كېيىدۇ، ياكى بولمىسا قۇندۇز تېرىسى ۋە خاش قۇش مامۇقىنى شەھەرگە ئاپىرىپ سېتىپ، رەخت سېتىۋىلىپ كىيىم تىكىپ كېيىدۇ» دېيىلگەن(23) ؛ «مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ تەزكىرىسى» دىن كېيىنرەك يېزىلغان «غەربىي يۇرتتا كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىم» دا بۇ ھەقتە قوشۇمچە قىلىپ «بەزى – بەزىدە كورلىدىكى مۇسۇلمانلار شەھىرىگە كېلىپ قالىدىغانلار دانلىق ئاشلىق، گۆش يېمەيدۇ، بۇ خىل نەرسىلەرنى كۆرسە كۆڭلى ئېلىشىدۇ، كورلىدا بېلىق كۆپ بولغاچقا ئۇلار كورلىغا كېلىدۇ، باشقا جايغا بېرىشقا پېتىنالمايدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن(24)؛ ئۇلۇغ ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى«تارىخى ھەمىدى»دە بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ زېمىندىن خوتەن، يەكەن، ئاقسۇ، كورلا دەريالىرى ئۆتىدۇ. بۇ دەريالارنىڭ ئەتراپ ۋە ياقىلىرىدا ياكى ئارالچە ۋە شاخچىلىرىدا ئون ئىككى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ… ئۇلار دەريادىن بېلىق تۇتۇپ تائام قىلىپ يەيدۇ. ھەتتا بېلىقلارنى قۇرۇتۇپ تالقان قىلىپمۇ يەيدۇ. يەتتە ياشتىن-يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەر قانداق ئەر-ئايال سۇ ئۈزۇۈشنى بىلىدۇ» دەپ خاتىرلىگەن(25).
بۇلاردىن باشقا، بىز يەنە لوپنۇر رايونىنىڭ ئارخىئولوگىيىلىك ئەھۋالىغا نەزەر سالساق، بۇ رايوندىن بېلىقچىلىققا ئائىت بىر قىسىم بايقالمىلارمۇ تېپىلدى. مەسىلەن: قۇم دەريا قەبرىستانلىقىدىكى قولۋاق شەكىلىدىكى جەسەت ساندۇقلىرى ۋە قەبرە ئالدىغا بېكىتىلگەن پالاق شەكىللىك تىكلىمە ياغاچلار (26)، گۇمۇگۇ قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان بېلىق تورى(27)، ئارخىئولوگ خۇاڭ ۋىنبى لوپنۇر رايونىدىن بايقىغان قولۋاقلىق قەبرىلەر… ۋە پىرژىۋالىسكى تىلغا ئالغان يېقىنقى «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆلگۈچىنى قولۋاققا دەپنە قىلىپ، ئۈستىدىن يەنە بىر قولۋاقنى يېپىپ»(28) قويىدىغان دەپنە ئادەتلىرىگە قارىساق، گەرچە ئايرىم بىر قىسىم ئارخىئولوگىيىلىك بايقالمىلارنىڭ يىل دەۋرى بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى بولسىمۇ؛ لىكىن، يەنە بەزى بايقالمىلار خەن، جىن دەۋىرلىرىگە توغرا كېلىدۇ. بىز بۇلارنى يازما ماتىرىياللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلساق ،لوپنۇر رايونىدا بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ خىلى بۇرۇنلا ئومۇملاشقانلىقىنى ھىس قىلىپ يېتەلەيمىز. شۇنداقلا مەيلى يازما ماتىرىياللار ياكى ئارخىئولوگىيىلىك ماتىرىياللاردىكى ئەھۋال بىلەن يېقىنقى دەۋىرلەردىكى لوپنۇرلۇقلار ئەھۋالى ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، شۇڭلاشقا بىز لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادلىرىنى مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدىكى كىرورانلىقلار ياكى كىيىنكى دەۋىرلەردىكى (乙弗敌国) لار بىلەن بىۋاستە باغلىنىشى بار دەپ ھۆكۈم چىقىرالمىساقمۇ، لىكىن بىز لوپنۇرلۇقلاردىكى بېلىقچىلىقنىڭ ھەرگىز تومتاقلا پەيدا بولۇپ قالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ دەل بىز يوقىرىدا تىلغا ئالغان ئەھۋاللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كىسىپ ئېيتالايمىز. مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ ئويلانغىنىمىزدا بىز لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيانلا لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ پۈتۈنلەي سىرتتىن كۆچۈپ كەلمىگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز.
ئەمدى بىز «لوپ» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر جاي ناملىرىغا قاراپ باقايلى، مەسلەن: لوپنۇر ناھيىسى؛ چاقىلىق ناھيىسىدىكى لوپلۇقلار، لوپنۇر كۆلى، لوپ لەنگەر، ماركوپولو خاتىرىسىدە قەيت قىلىنغان لوپ بازىرى؛ كورلىدىكى لوپئېرىق؛ پىچاندىكى لوپ كارىز؛ قۇمۇلدىكى لاپچۇق؛ خوتەندىكى لوپ ناھيىسى قاتارلىقلار. بۇ ناملاردىن قارىغاندا «لوپ» سۆزى بىلەن ئاتالغان جاي ناملىرى ئاساسلىق لوپنۇر ۋە چارقىلىق ناھيىسىگە تارقالغانلىقىنى، قارا شەھەر تەۋەسىدە بىرمۇ مۇناسىۋەتلىك جاي نامى يوقلىقىدىن لوپنۇرلۇقلار يەنىلا لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن دېگەن چۈشەنچىگە كىلىمىز. پىچان، قۇمۇلدىكى «لوپ» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناملارغا كەلسەك، بۇ جايلار لوپنۇر رايونى بىلەن قوشنا رايونلار بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لوپنۇرلۇقلار لۈكچۈن ۋاڭى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان، شۇڭلاشقا لوپنۇرلۇقلارنىڭ بۇ جايلارغا كۆچۈپ بارغان بولۇش ئېھتىماللىقى يوقىرى. پىچاننىڭ دىغار يېزىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھازىرمۇ ئۆزلىرىنىڭ لوپنۇردىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، لوپنۇرلۇقلار قەدىمدىن بۇيانلا لوپنۇر رايونىدا ياشاپ كەلگەن يەرلىك ئاھالىدۇر، ھەرگىزمۇ يېقىنقى دەۋىرلەردە باشقا جايلاردىن كۆچۈپ كېلىپ لوپنۇرلۇقلار دەپ ئاتىلىپ قالغان خەلق ئەمەس. لىكىن، شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، تارىخى تەرەققىيات داۋامىدا مىللەتلەرنىڭ، ئاھالىلەرنىڭ يۆتكىلىشى، كۆچۈشى ۋە ئۆز ئارا قوشۇلۇپ يۇغۇرۇلىشى تامامەن نورمال ئەھۋال، تارىختا ھەقىقەتەنمۇ قارا شەھەر، دولان، خوتەن، تۇرپان، پىچان ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىن لوپنۇرغا ئاھالىلەرنىڭ كۆچكەنلىكى (لوپنۇردىن ھەم يوقىرىدا تېلغا ئېلىنغان جايلارغا ئاھالىلەرنىڭ كۆچكەنلىكى) مەلۇم، بىراق بۇ جايلاردىن كۆچكەن ئاھالىلەر لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسى ئەمەس، بەلكى لوپنۇرلۇقلارنى تەشكىل قىلغان ئايرىم قىسىملاردىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا بىز لوپنۇرلۇقلارنى ئەھۋالىنى تولۇق ئېگەللىمەي تۇرۇپلا بەزى يازما ماتىرىياللارغا ئاساسلىنىپلا لوپنۇرلۇقلارنى پۈتۈنلەي باشقا جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەن دېگەن يەكۈننى چىقارساق بولمايدۇ (ئۇنىڭ ئۈستىگە يازما ماتىرىياللاردىمۇ مەلۇم چەكلىمىلەر ۋە نۇقسانلار ساقلانغان بولىدۇ). خۇلاسىمىز شۇكى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادلىرى ئېھتىمال قەدىمكى كىرورانلىقلارغىمۇ، ۋىي دەۋرىدىكى «乙弗敌国»لارغىمۇ، «چۇمۇل»لارغىمۇ ۋە ياكى لوپنۇردا ياشىغان باشقا ئاھالىلەرگىمۇ چېتىلىشىمۇ مۇمكىن، بىراق ئۇلار پۈتۈنلەي چىڭ دەۋرىدە قارا شەھەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئەمەس. لىكىن شۇنىسى ئېنىقكى لوپنۇرلۇقلار قەدىمدىن لوپنۇردا ياشىغان يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن كىيىنكى دەۋىرلەردىكى سىرتلاردىن كۆچۈپ كەلگەن خەلىقلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۆزئارا يۇغۇرۇلىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
بىر مىللەتنىڭ ياكى بىر قوۋمنىڭ ئېتنىك مەنبەسى كۆپ مەنبەلىك، تولىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. بۇنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئوخشاشلا لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنگەندىمۇ يەكۈن چىقىرىشقا ئالدىرىماسلىقىمىز لازىم. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلىگەن ماتىرىياللارنى ئىگەللەشكە، توپلاشقا، شۇنداقلا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىزاھاتلار:
① لى يىنپىڭ، لى نىڭ «لوپنۇرلۇقلارنىڭ كىلىش مەنبەسى توغرىسىدا» (خەنزۇچە)، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1999- يىللىق 4- سان.
② لى يىنپىڭ «خوتەن ۋە لوپنۇر رايونىدىكى قوش يۆنىلىشلىك كۆچمەنلەر» (خەنزۇچە)،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى 2008- يىللىق 4- سان.
③ مىرسۇلتان ئوسمانوف «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالېكتى» شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2006-يىل 3- ئاي، 9~10-بەت.
④ بۇ ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى زوكۇتوۋنىڭ «18~19 –ئەسرلەردىكى شىنجاڭ جەمئىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات» (خەنزۇچە) ناملىق كىتابنىڭ 550-بىتىدىكى 204-نەقىلدىن ئېلىندى.
⑤ زوكۇتوۋ «18-19 –ئەسرلەردىكى شىنجاڭ جەمئىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات»(خەنزۇچە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983- يىل، 11-ئاي، 530- بەت.
⑥ كىرىم رېھىم، ئابلا ئۆمەر «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېتنىڭ تەركىۋى توغرىسىدا»، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ژۇرنىلى 1983-يىللىق 2- سان.
⑦⑰⑲ مىياۋ پۇشېڭ «چىڭ دەۋرىدىكى دولان ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا»(خەنزۇچە)، شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر ژورنىلى 1989- يىللىق 4- سان.
⑧ غالىپ بارات ئەرك «كىروراننىڭ سىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»، 2004- يىل، 415- بەت.
⑨ مىرسۇلتان ئوسمانوف «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالېكتى» شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2006-يىل 3- ئاي، 24-بەت؛ يەنە مىرسۇلتان ئوسمانوف «لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟» شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژورنىلى 1998-يىللىق 3- سان.
⑩ ماركوپولو «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى»(خەنزۇچە)، لىياڭ شېڭجىي تەرجىمىسى، جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخ نەشرىياتى 1998-يىل، 9-ئاي، 61- بەت.
⑪⑫⑬ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان«تارىخى رەشىدى» شنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىل 7-ئاي، 51، 165،144- بەتلەر.
⑭(25)موللا مۇسا سايرامى «تارىخى ھەمىدى» مىللەتلەر نەشىرىياتى 2007- يىل1-ئاي، 648، 650- بەتلەر
⑮ ئەسلى كىتاب تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن مويدىن سايىت بوستاننىڭ «لوپنۇر ئەسلىمىلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ 193- بېتىدىكى نەقىلدىن ئېلىندى.
⑯⑳ «ۋىينامە»، 110- جىلىد (خەنزۇچە)، تۇيغۇنلار ھەققىدە قىسسە.
⑱ يۈ تەيشەن «ئېفتالىت تارىخى»(嚈哒史研究)، چىلۇ نەشرىياتى،(خەنزۇچە)، 1986-يىل، 34-بەت.
(21) «جۇڭغارلارنى تىنجىتىش پىلانى» (خەنزۇچە)، 52- جىلىد.
(22) «جۇڭغارلارنى تىنجىتىش پىلانى»(خەنزۇچە)، (داۋامى)، 13- جىلىد.
(23) «مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ تەزكىرىسى»،(خەنزۇچە)، 1-جىلىد.
(24) «غەربى يۇرتتا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىم»(خەنزۇچە)، 2- جىلىد. شاڭخەي قەدىمكى كىتابلار كىتابخانىسى.
(26) لوپنۇر كۆلى رايونىدىكى قۇم دەريا (كىچىك مۈرەن) قەبرىستانلىقىغا نەزەر سالساق، ئومومەن قەبرىلەرنىڭ ئالدىغا ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ياغاچلار تىكلەپ قويۇلغان. بۇنىڭغا قارىتا ئارخىئولوگلار چۈشەندۈرۈش بېرىپ «قەدىمكى دەۋىرلەردىكى جىنىسقا چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ قارايدۇ. بىراق دېققەت قىلىپ قارايدىغان بولساق، قەبرە ئىچىدىكى جەسەت ساندۇقى لوپنۇرلۇقلارنىڭ قولۋىقىغا، قەبرە ئالدىدا تىكلەنگەن نەيزە شەكىللىك ياغاچ لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئشلىتىدىغان نەيزە ۋە توقمىقىغا، پالاق قولۋاقنىڭ پالېقىغا ئەينەن ئوخشايدۇ. مېنىڭچە، بۇ قەبرىستانلىقتىكى تىكلەنگەن ياغاچلار تارىختىن ئىلگىرىكى جىنىسقا چوقۇنۇش بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
(27)ئارخىئولوگ ۋاڭ بىڭخۇا «كۆنچى دەرياسى گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىنىڭ قېزىلىشى ۋە دەسلەپكى تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىدە «چارۋىچىلىق ۋە ئاز ساندىكى تېرىقچىلىقتىن سىرت، بېلىقچىلىق كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ تولوقلىمىسى، قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان بىر دۆۋە كونا بېلىق تورى بۇنىڭ دەلىلى» دەپ كۆرسەتكەن.
(28) پىرژىۋالىسكىي«لوپنۇر كۆلىگە سەپەر»(خەنزۇچە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىل، 132-بەت.
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماتىرىياللاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ماتىرىياللارغا قارالسۇن:
1. مويدىن سايىت بوستان «لوپنۇر ئەسلىمىلىرى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2003- يىل 4- ئاي نەشرى
2. ئابرۇرەھىم ھەبىبۇللا «لوپنۇر ۋە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا» شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى 1986-يىللىق5-سان.
3. ۋاڭ يېپىڭ «لوپنۇرلۇقلار توغرىسىدا» شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 1993-يىللىق 3-سان(خەنزۇچە)
4. ۋاڭ يېپىڭ «لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلار» غەربى شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» 1994-يىللىق1-سان(خەنزۇچە)
5. خۇ باڭتاۋ «دولانلىقلار ۋە لوپنۇرلۇقلار» شىنجاڭ سەنئىتى 1994- يىللىق 4-سان(خەنزۇچە)
6. ئابدۇكىرىم راخمان «لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلار» شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژونىلى 1980-يىللىق 4-سان
7. ئابدۇرھىم ھەبىبۇللا«ئۇيغۇر ئېتنوگىرافىيىسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993- يىل 4-ئاي نەشىرى.
توردىكى مەنبەسى:لوپنۇر لېنىيىسى تورى
كىيىنكى يازما: ئۆلتۈرۋەتكەندىن ئۆزگەرتىۋەتكەن ياخشى
2011/11/03 05:47:36
مېنىڭچىمۇ شۇنداق، ئۇ جايلار بۇرۇن قۇيۇق توغراقلار قاپلىغان جايلار ئىدى. ھازىر ئاساسەن تېرىلغۇ يەرلەرگە ئايلاندۇرۇلۇپ بولۇندى. مېنىڭچە، لوپلۇقلار كېيىن كۆچكەن يېڭى ئابدالنىڭ ئورنى شۇ ئەتىراپلارنى كۆرسىتەمدىكىن دەيمەن.
2011/11/03 02:22:09
بەزى كىشىلەردىن ئاڭلىشىمچە ھازىرقى 34-33 تۈەن دەل قەدىمكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەسلى ياشىغان جايى دەيدۇ ،سىزنىڭچە بۇ قاراش توغرىمۇ ؟