ئىلھام تەمەچلىرى

ۋاقتى: 2012-02-18 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 243 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

ئىلھام تەمەچلىرى

 

(1)

تەلمۈرۈپ تامادا ئاسمانغا قاراپ،

ئۆتەمسەن بەختنىڭ ئىشىكى ماراپ.

ئىلىم-پەن بېغىدىن ئىزدەمسەن يۇچۇق،

ياشلىغىڭ گۈللىرى بولغاندا خاراپ.

(2)

ھەرگىزمۇ بىراچغا چاپمىغىن مازار،

پىتنىدىن ئۆزۈڭگە تاپمىغىن بازار.

بىكارلا بىراۋغا قىلساڭ يامانلىق،

ئاخىردا ئۆزۈڭگە ھەسسىلەپ يانار.

(3)

ئەي دوستۇم قەدىرلە گۈزەل ياشلىقنى،

ياشلىق ئۇ،خۇددى بىر يىتلگەن ياپراق.

بىر كۈنى ياپراقمۇ چۈشۈر شېخىدىن،

ۋاقىتلار ئۇنىڭغا بەتلىسە ساداق.

(4)

ئۆتكىنى ئۆتمۈشتۇر كەلگىنى ھازىر،

بولمايدۇ بىردەكلىك بۇلاردا ھاسىل.

ئۆتمۈشتىن مۇققەرەر كەلگۈسى گۈزەل،

بۇ دېمەك،كەلگۈسى ئۆتمۈشتىن ئاقىل.

(5)

كەچمىشلەر ئىنسانغا بەرگەندە ئىبرەت،

ھاياتمۇ شۇ چاغدا تاپىدۇ قىممەت.

ھاياتى قەدىرىنى بىلمىسە ئىنسان،

ئۆمۈرنىڭ دەپتىرى بولىدۇ ئاق بەت.

(6)

مەي تۇتتۇم دوستلۇقنىڭ جامىدىن بۈگۈن،

ئىچىۋەت قەلبىڭدە بولسىمۇ تۈگۈن.

ئەزرائىل كەڭ قورساق ئەمەس بىزلەرگە،

ئېپ كىتەر قوينىغا ئەتە يا ئۆگۈن.

(7)

بۇ ھايات مەڭگۈ ئەمەس ساڭا باقى،

تۈگەر ئۆمرۈڭ چۆگلەۋەرسە ۋاقىتنىڭ چاقى.

ئۆتىۋەرسە كۈنلەر،ئايلار ۋە ياكى يىللار،

بىر كۈن شاراپ تەڭلەر ساڭا ئەزرائىل ساقى.

(8)

ھايات دېگەن مۇرەككەپ جۈملە،

ئېنىق ئەمەس ئىگە، خەۋىرى.

ئۆمۈر بولسا بىر قۇتا ھەسەل،

ياشلىق ئۇنىڭ تەمى،جەۋھىرى.

(9)

 

دوست تۇتۇپ كۆرمەيسەن قىلچىلىك خۇۋلۇق،

ئارلاشسا ئارىغا تۈلكىچە قۇۋلۇق.

(10)

تۇتمىغىن ئەي دوستۇم،سۆيگۈگە ماتەم،

سۆيگۈ ئۇ ئۆلمەستىن ياشنار ھامانەم.

 

 

تەنتەك تۇيغۇلار

 

(1)

كېكەچلىسەم قىلمىغىن مازاق،

ئەسلى كېكەچ ئەمەستىم ئۆزۈم.

كېكەچ بولۇپ قالغان ئوخشايمەن،

تىكىلگەندە شۇ ئوتلۇق كۆزۈڭ.

(2)

قاچانكى كۆزۈمدىن يۈتكەنتى قاراڭ،

بوپ قالدىم مەجنۇندەك سەۋدايى ساراڭ.

سەپمىگىن يۈرەككە ھېجران تۇزىنى،

كۈتمەكتە بىزلەرنى شۇ خىلۋەت باراڭ.

(3)

سۆزلىرىڭ قەلبىمدە بىر مۇڭلۇق ناخشا،

سىمايىڭ كۆزۈمدە مەڭگۈلۈك سۈرەت.

قەلبىمدە ئۆركەشلەر ئىللىق بىر سېزىم،

يۈرۈگۈم تارىنى چەكسەڭ ھەر بىر رەت.

(4)

سۆيىۋالسام تۇيدۇرماستىن مەڭزىڭگە،

ئالما كەبى قىزاردى گۈل يۈزلىرىڭ.

”قېلىن“دېدىڭ قارىۋالدىڭ ئارقىغا،

كەينىدىنلا يەنە ئوماق جىلمىيدىڭ.

(5)

تۈنەيدۇ كۆزۈمدە شۇ ئوتلۇق كۆزۈڭ،

يۈرەككە ئۇيۇلدى مۆھۈر بوپ سۆزۈڭ.

قالمىسۇن قەلبىمدە ھىجران داغلىرى،

كۆرسەتكىن ئاي كەبى شۇ ئوماق يۈزۈڭ.

(6)

دېدى قىزچاق تۇيۇقسىزلا يىگىتكە،

-قەيەرلىرىڭ ماڭا ياراپ قالغاندۇ؟!

دىدى يىگىت“قەلبىمدىكى شۇ ئۇچقۇن،

يۈرىكڭگە بارغان بولسا يانغاندۇ؟!

 

بۇلار مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بىر تەرەپتىن دەرس ئاڭلىغاچ،دەرسنىڭ قىزىقى قالمىغاندا مۇئەللىمدىن ئوغۇرلۇقچە يازغان پارچىلار ئىدى.بۈگۈن بۇپارچىلارنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ شۇ چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ئابدىراخمان
    2012/03/05 14:21:43

    ياخشى يېزىپ سىز تېخىمۇ تىرشىڭ.بۇندىن كىيىن تېخىمۇ تىرشىڭ .قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن .

  2. رىسالەت
    2012/02/18 11:48:45

    ياخشى يازمىلاركەن، ھەممە ئادەم ياشلىقىدا بىرەر ئىككى كوپلىت نەرسە يېزىپ باقىدىكەن، كېيىن تاشلىۋىتىدىغانلارمۇ، داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ كىتىدىغانلارمۇ باركەن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif