لوپلۇقلار ھاياتىنىڭ بەدىئىي قامۇسى

ۋاقتى: 2011-08-11 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 171 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

لوپلۇقلار ھاياتىنىڭ بەدىئىي قامۇسى

مۆيدىن سايىت بوستاننىڭ« كروراندىكى ئىزچىلار »ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ نەشر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن

غالىب بارات ئەرك

2008–يىلىنىڭ قۇتلۇق نەۋرۇز كۈنلىرىدە ئۇزۇندىن بېرى خەۋىرىنى ئاڭلاپ زارىقىپ كۈتكەن ، مۆيدىن سايىت بوستان ئەپەندىنىڭ ئىككى توملۇق مۇبارەك تارىخىي رومانى«كرورانلىق»نىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان،سۈپەتلىك مۇقاۋىلانغان نۇسخىسى قولىمىزغا تەگدى.مانا،روماننى ئوقۇپ ئاخىرقى سەھىپىلىرىنى تاماملىدىم ۋە ئەپەندىمنىڭ ئىجتىھاتىدىن ئاپىرىدە بولغان بۇ قىممەتلىك بەدىئىي قامۇسى مېنى  تارىخنىڭ يىراق سەھىپىلىرىگە باشلاپ كىردى .

  تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئاياغ ئارامگاھى بولغان لوپ رايونى مەدەنىيىتىمىزنىڭ بۆشۈك ماكانلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا ئەجدادلىرىمىز ياشاپ كەلگەن. مانا قېزىلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان،تارىخى تۆت مىڭ يىلدىن ئاشىدىغان كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى ھەم بۇ قەبرىستانلىق بىلەن دەۋرىيلىك تالىشىدىغان قەدىمكى قەبرىلەر بار جىلغا ( گۇموگۇ ) مانا،يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۆگۈنى بولۇپلا قالماي يەنە پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان كروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى شەھەر –بوستانلىقلار تارىخنىڭ تۈرلۈك بوران چاپقۇنلىرىدا بۇ شانلىق تارىخ يوقالغان، شەھەر بوستانلىقلار ۋەيران بولۇپ، ئاھالىلەر يۇرت ماكانىنى تاشلاپ كۆچۈپ كەتكەن. نەچچە ئون مىڭلىغان ئاھالىلەر شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولىشى بىلەن يۇرت ماكانىنى تاشلاپ كەتكەن. بۇ يەردىكى ئاھالىلەر دەسلەپ، مۇندىن 1500 يىللار بۇرۇن كۆچكەن بولسا، كېيىنكىلەر مۇندىن 650 يىللار بۇرۇن كۆچۈپ كەتتى. نۇرغۇن شەھەر بوستانلىقلار ھوقۇشنىڭ ماكانىغا ئايلاندى . بۇ يۇرتنىڭ بىر تۈركۈم جاھىل ئەمما قەيسەر ئاھالىلىرى ، مۇشۇ قۇرغاق رايوندا ھاياتلىق مەنبەئىي بولغان سۇنى قوغلىشىپ، قەيەردە سۇ بولسا شۇ يەرگە كۆچۈپ ياشاپ قالدى . ئۇلار مىللەت تەركىبى جەھەتتىن« سېرىق ئۇيغۇر» دەپ ئاتالغان ئىدى. 14– ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى،15–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنى مۇشرىك« سېرىق ئۇيغۇرلار»دىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، يۇرتىنىڭ نامىنى قوللىنىپ ئۆزلىرىنى« لوپتۇق ~ لوپلۇق» دەپ ئاتاشتى. كروران رايونىدىكى شەھەر بوستانلىقلار ۋەيران بولغاندىن كېيىن، يۇرتتا قالغان لوپلۇقلار دەريا–كۆل بويلىرىدا،مۇنداقچە ئېيتقاندا تارىمنىڭ پىنھانلىرىدا ھايات كەچۈردى.كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە دېڭىز يىپەك يولى راۋاج تېپىپ قۇرۇقلۇق يىپەك يولى ئەسلىدىكى سەلتەنەتىنى يوقاتقانلىقتىن، مەشھۇر لوپ كۆلىنى بەلگە قىلغان يىپەك يولى بۇرۇنقى ئاۋاتلىقىنى يوقاتتى. سىرلىق بەلباغقا ئايلانغان تارىمنىڭ ئاخىرقى نوقتىلىرى تارىخ ئۇچۇرلىرىدىن پىنھان قالدى. 18– ئەسىرگە كەلگەندە جۇڭغارلارنى قوغلاپ كەلگەن چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرى، تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا دەريا كۆل بويلىرىدا دۇنيادىن بىخەۋەر ، سىرت بىلەن ئالاقە قىلماي ياشاۋاتقان لوپلۇقلارنى بايقاپ ئۇلارنى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالدى .شۇندىن باشلاپ چىڭ سۇلالىسى قەلەمدارلىرى ۋە ئەلەمدارلىرىنىڭ مەلۇماتنامىلىرى ، ئەسەرلىرىدە ئۇلار« لوپنۇرلۇقلار»دېگەن نامدا زاھىر بولدى. شۇ دەۋرلەردىكى يازمىلاردىن چىشىيىنىڭ «غەربىي يۇرتتا ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرىم» ، خېنىڭنىڭ«ئۇيغۇرلار يۇرتىنىڭ ئومۇمىي تەپسىراتى»، چىيۈنشىنىڭ« غەربىي چېگرىدىن قىسقا بايانلار» غا ئوخشاش ئەسەرلەرنى كۆرسىتىمىز، بۇ ئەسەرلەردە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش،ھال–ئەھۋالاتلىرىدىن ئۇچۇرلار قالدۇرۇلغان. گەرچە مانجۇ–چىڭ ھاكىمىيىتى« لوپلۇقلار» ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ،كۆپىنچە يازمىلار ئارقىلىقلا ساقلىنىپ قېلىپ چوڭ داغدۇغىلار قوزغىيالمىدى. تارىخ 1876–يىلىغا كەلگەندە،چاروسىيىلىك رۇس ئېكىسپىدىتىسىيىچى نىكولاي مىخايلوۋىچ پېرژىۋالىسكىي تارىم دەرياسىنى بويلاپ بۇ رايونغا كېلىپ،ئۇلار ئارىسىدا نەچچە ئاي تۇرۇپ قايتقاندىن كېيىن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە زامانىۋىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىپ دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ نەزەرى بۇ يەرگە چۈشتى. شۇندىن كېيىن 1881– يىلى پېرژىۋالىسكىي، 1889– يىلى فرانسىيىلىك بونۋالوت، 1895–يىلى شىۋىتسىيىلىك سېۋىن ھېدىن بۇ يەرگە كەلدى. ئۇندىن كېيىن ئامرىكىلىق خۇنتىڭتۇن،ئەنگىليەلىك ستەيىن،ياپونىيىلىك تاچىبانا زۇيچۇ،رۇسىيىلىك مالوۋ ئەيتاۋۇر كۆپ ئالىملار كېلىپ بۇ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. 1901–يىلى مارتتا ۋەيران بولغىنىغا 1500 يىلدەك بولغان كروران شەھىرىنىڭ بايقىلىشى،1921– يىلى ئەتراپىدا تارىم ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ قوشۇلۇپ شەرققە ئېقىپ قۇرۇپ كەتكەن لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلۇپ،سېۋىن ھېدىننىڭ« لوپ كۆلى كۆچمەن كۆل،1500 يىلنى دەۋر قىلىپ كۆچىدۇ،پات ئارىدا سۇغا تولىدۇ»دېگەن نەزىرىيىسىنى ئىسپاتلىشى بىلەن، بۇ رايونغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىلىم جېڭى يۇقۇرى پەللىگە چىقتى. بۇ رايوندا تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن،يۇرتنىڭ ھەقدار ئىگىلىرى بولغان لوپلۇقلار« سېرىق ساچ ، كۆك كۆز» ئەجنەبىيلەرگە قاراپ ھەيران بولاتتى. ئۇلار، بۇ ئەجنەبىيلەر يۇرت ماكانىمىزنى يۆتكەپ كېتەلمىگەندىكىن، كۆل – دەريالىرىمىز يەنىلا جايىدا قالغاندىكىن، ئۆلچىسە ئۆچىمەمدۇ دەپ كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرۇشقان. بىلىپ ، بىلمەي ئۇلارغا ياللىنىپ ياكى ياردەملىشىپ ، ئاتا بوۋىسىدىن قالغان مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى كولىغان، ئۇلارنىڭ دۇنياۋىي شۆھرەت قازىنىشى ئۈچۈن تۆھپىلەرنى قوشقان.مۆيدىن سايىت ئەپەندىنىڭ بەدىئىي ۋاستە،پاساھەتلىك تىل،مۇكەممەل قۇرۇلمىلىق« كوراندىكى ئىزچىلار»ناملىق تارىخىي رومانى مانا مۇشۇ لوپلۇقلارنىڭ 1860–يىلىدىن1934–يىلىغىچە بولغان ھايات مۇساپىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. رومان قۇرۇلما جەھتتىن ئىككى تومغا بۆلۈنگەن،ھەر بىر تومى ئۆز خاسىيىتى بىلەن توققۇز بابقا بۆلۈنگەن. كىتابنىڭ بىرىنچى تومى ، كرواننى تۇنجى بايقۇغۇچى بولغان ئۆردەكنىڭ ئاتىسى ئوماقنى مەركەز قىلىپ،چارىدىن قاراقۇشۇن كۆلى بويىدىكى كونا ئابدالغىچە بولغان كەڭرى لوپ دالاسىدىكى قاراقۇشۇنلۇقلار،ئابداللار،يانلار،قالۇچىلار،جوداقتارلارنىڭ ھايات پائالىيىتىنى سۆرەتلەپ بەرگەن. بۇ تومدا لوپلۇقلارنىڭ ھۆكۈمدارى نۇرمەتبەگ ئوغلى جاھانبەگدىن تارتىپ،نەچچە يۈز يىل ياشىغان قىلىپ بايانلانغان مەنىۋىي تۈۋرۈك قالاچ قاناقا،«دېۋە تەلەت» چەپەر ۋە باشقا پېرسۇناژلىرى تايۇق، تالىشقۇل،ئايقۇت،ئاقئۇلام،تۈلەك،مەدىل ئاسقال قاتارلىق پېرسۇناژلارنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق لوپلۇقلار ھاياتىنى بەدىئىي ئۇسلۇبتا سۆرەتلەپ بەرگەن .

 بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بولىۋاتقان لوپلۇقلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا ئاساسەن تىل تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش،ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش بولغان ئىدى. مۆيدىن سايىت ئەپەندى 1978–يىللىرىدىن باشلاپ لوپلۇقلار ئارىسىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. مۇشۇ رومانى تاماملانغان2006–يىلىنى ھېساب قىلساقمۇ، ئاز كەم 30 يىللىق ھاياتى لوپلۇقلارنى ئۆگۈنۈش بىلەن ئۆتكەن. بۇ جەرياندا لوپ خەلقىنىڭ نۇرغۇن قوشاق،چۆچەك،داستان قىسسىلىرىنى توپلاپ،تەييارلاپ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەد قىلغان كىتابى« لوپنۇر ئەسلىمىلىرى» 2003–يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولسا،مانا ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئۆگەنگەنلىرى تارىخىي رومان بولۇپ ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىندى.

  « كروراندىكى ئىزچىلار»نىڭ 2–تومى ئالدىنقى تومى بىلەن ئورگانىك بىرىككەن،شۇنداقلا داۋمى بولۇپ لوپلۇقلار ھاياتىنىڭ 19–ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە20–ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ھەم ھايات مۇساپىلىرى يۇرۇتۇلغان. بۇ تومدا رومان پېرسۇناژلىرىنىڭ 2–ۋە3–ئەۋلادلىرى ھەم ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن تارىخى سۆزلىنىدۇ. بۇ دەۋردە كۈنچىققانبەگ،توختى،ئوماق،ئۆردەك،تۈلەك،تايۇق،قاسىم قارى قاتارلىق پېرسۇناژلار بىلەن بىرگە ئەجنەبىي ئېكىسپدىتسىيىچىلەر پېرژىۋالىسكىي،سېۋىن ھېدىن،ستەيىن قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ دەۋردە يەنە ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ،تارىم ۋادىسىنىمۇ ھاكىمىيىتىگە ئالغان مانجۇ–چىڭ ھاكىميىتىىنىڭ ۋەكىللىرى بولغان خودانگىرو قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ تومدا لوپلۇقلارنىڭ ئېڭىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن بىرگە،جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە سىياسىي تۈزۈم ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر نوقتىلىق بايان قىلىنغان.

ئومۇمەن ئالغاندا ، مۆيدىن سايىت بوستان ئەپەندىنىڭ« كروراندىكى ئىزچىلار»ررومانى لوپلۇقلار ھاياتىغا بېغىشلانغان تۇنجى رومان بولۇش بىلەن بىرگە مۇۋەپپەقيەتلىك چىققان تارىخىي رومان ھېسابلىنىدۇ. بۇ روماندا لوپلۇقلارنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەت ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى يۇرۇتۇپ بېرىلىش بىلەن بىرگە،ئەينى دەۋر لوپ رايونىنىڭ ئېكىلوگىيىسى،جۇغراپىيىلىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردىنمۇ ئوقۇرمەنلەرنى مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان. بۇ روماندا لوپلۇقلارنىڭ ئىگىلىگى،ئولتۇراق ئەھۋاللىرى،ئۆرپ–ئادەتلىرى،ئىدىيىۋىي ئەھۋاللىرى،يېمەك–ئىچمىگى،ناخشا قوشاقلىرى،كېيىم–كېچىكى،ئۆز–ئارا مۇناسىۋەتلىرى ئەمىلىي ئىگەللىگەن ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ئىشەنچلىك يۇرۇتۇلغان. ئاپتۇر لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ لېكسىكا بايلىقىدىنمۇ خېلى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. ئۆزى توپلىغان خەلق قوشاقلىرى ئاساسىدا بەزى قوشاقلارنى رەندىلەپ،بەدىئىي مۇۋەپپەقيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان. ئاپتۇر كىتابىدا ئۆزى ئىگەللىگەن يەر ناملىرى ۋە تارىخىي ئاتالغۇلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىنىمۇ پېرسۇناژلىرى تىلى ئارقىلىق بايان قىلىپ كىتابىنىڭ بىلىمچانلىقىنى ئاشۇرغان. مەسىلەن ، باشئەگىم،كورلا،كۆنچى قاتارلىق ناملارنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى .

روماندا كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان،كىتابخانلارنى ئويلىنىشقا سالىدىغان بىر قانچە مەسىلە بار. روماندا تىلغا ئېلىنغان لوپ،لوپ كۆلى دەماللىققا كىتابخانلاردا شۈبھە پەيدا قىلىدۇ. لېكىن ئاپتور ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئايدىڭ چۈشەنچىلىرىگە ئىزاھ بېرىپ كىتابخانلارنى تارىخىي نام جەھەتتىن چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش زۈرۈر. لوپ نامى مىلادىيىنىڭ بېشىدىن باشلاپ قوللىنىلغان تارىخىي نام . كىلاسسىك خەنزۇچە نامىلەردە كۆرۈلىدىغان 纳职  ،纳缚波،弩支 ناملىرى مىلادىيە 7–ئەسىرلەردىكى خاتىرىلىرىدۇر. 9– ئەسىرلەرگە مەنسۇب تىبەتچە يازمىلاردا nob دەپ يېزىلغان. 10–ئەسىردىكى ئۇيغۇر يازمىسىدا نوب دېيىلگەن بولسا،موڭغۇللار دەۋرىدىكى خەنزۇچە يازمىدا罗卜  دەپ يېزىلغان. «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى»دە Lop دەپ يېزىلغان. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازمىلاردا« لوف »دەپ يېزىلغان . بۇ نام تېگى تەكتىدىن ئالغاندا،نوب ۋە لوپ بولۇپ ئالتاي تىللىرىغا ئورتاق لېكسىكا. « تۈزلەڭلىك ، تۈزلەڭلىكتىكى كۆل» دېگەندەك مەنىنى ئاڭلىتىدۇ. كەڭ مەنىدە ناھايىتى كەڭ دائىرىنى كۆرسەتسىمۇ،تار دائىرىدە  تارىم دەرياسىنىڭ لوپنۇر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى چوڭكۆلدىن باشلاپ چاقىلىق ناھىيىسىدىكى مىرەن بوستانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قاراقۇشۇن،لوپ كۆللىرىگىچە بولغان جايلارنى كۆرسەتكەن. غەربتە چاقىلىق ناھىيىسىى ۋاششەھىرى يېزىسىنىڭ غەربىدىن،شەرقتە قۇمتاغ قۇملۇقلىرىغىچە بولغان دائىرىسىنى كۆرسەتكەن . چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىگە جايلاشقان« لوپنۇر كۆلى» ئەمەلىيەتتە لوپ كۆلىنىڭ ئۆزى بولۇپ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەرگە كەلگەن ئەمەلدارلار موڭغۇل،مانجۇ تىللىرىغا ئورتاق لېكسىكاnoor (كۆل) نى قوشۇپ لوپ كۆلى مەنىسىدە لوپنۇر دەپ ئاتىغان. چەتئەل ئالىملىرىمۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەنبەلەردىن پايدىلىنىش داۋامىدا بۇ ئاتالغۇنى قوبۇل قىلىپ قوللانغانلىقتىن بۇ نام ئومۇملاشقان.بۇرۇندىن كۆنچى ئاتىلىپ كەلگەن لوپنۇر ناھىيىسى بازىرى ئەتراپلىرى1945–يىلىدىن باشلاپ لوپنۇر،كۆنچى دەپ ئاتالغان،1958– يىلى يەر ناملىرىنى بېكىتىشتە ناھىيە نامى خەنزۇچە يۈلى،ئۇيغۇرچە لوپنۇر دەپ بېكىتىلگەنلىكتىن لوپنۇر دېگەن نام ئومۇملاشقان. خوتەن ۋىلايىتىدىكى لوپ ناھىيىسىنىڭ نامى مۇشۇ لوپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن،1956–يىلى جەمئىيەت تەكشۈرۈشتە بەزى ئاھالىلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ  تارىم دەرياسى بويىدىكى لوپتىن كۆچۈپ بارغانلىقىنى  ئېيتقان. لوپ ناھىيىسىدىكى خەلق مەيدانىغا تىكلەنگەن ئابىدىدىمۇ مۇشۇ خىل چۈشەندۈرۈش بايانلانغان. ئومۇمەن ئالغاندا ، روماندا لوپنۇر نامى ئەمەس ، لوپ نامىنىڭ قوللىنىلىشى ناھايىتى توغرا بولغان. بۈگۈنكى كۈندە لوپلۇقلارنىڭ چاقىلىق ناھيىسىدىكى ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنى لوپلۇق دەپ ئاتىسا،يەر ناملىرى لوپنىڭ قېقىرى،لوپ لەنگەر،لوپ مەھەللىسى ناملىرى داۋاملىق قوللىنىلماقتا.

لوپلۇقلارنىڭ جايلاشقان يېرى كەڭرى،1900–يىللىرىدىكى جايلاشقان رايونىنى ئالساق،ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ چوڭكۆل ئەتراپلىرىدىن شىمالدا چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ مىرەن بوستانلىقىغىچە سوزۇلغان.تارىم،كۆنچى،چەرچەن دەيرالىرى بۇ رايوندا ھاسىل قىلغان قارابوران كۆلى،قاراقۇشۇن كۆلى،ئۇلۇغكۆل،قاراكۆل،ساداقكۆل،چوڭكۆل،چىۋىنكۆل،ئابدال كۆلى دېگەندەك نۇرغۇن كۆل بويلىرىدا ئولتۇراقلىشىپ بېلىق تۇتۇش،ئوۋچىلىق،چارۋىچىلىق قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ياشىغان. ئۇلار تارىم دەرياسىنىڭ پىنھانلىرىدا ياشىغانلىقتىن ھەقىقىي سانىمۇ ئاشكارە بولمىغان. 1870–يىللىرى ئەتراپىدا فورسېسنىڭ مېسسىيونېر ئۆمىگى لوپلۇقلارنى10مىڭ ئائىلە 70 مىڭ نوپۇس دەپ قارىغان بولسا،ئۇيغۇر ئالىمى مۇسا سايرامى1908–يىلى يېزىپ تاماملىغان« تارىخى ھەمىدىي »ناملىق كىتابىدا 12 مىڭ ئائىلىلىك كىشى دەپ قارىغان. 1900–يىلى ئەتراپىدا لوپلۇقلارنىڭ بېگى سېۋىن ھېدىنغا ئۇلارنىڭ 573 ئائىلە،ئاز كەم 10 مىڭ نوپۇسى بارلىقىنى ئېيتقان. لوپ رايونىدا كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، سېۋىن ھېدىنمۇ بەگنىڭ بايانلىرىنى تەھقىقلىگەن ۋە نوپۇسى 10 مىڭ ئەتراپىدا دېگەن. ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلەرگە شۇنىمۇ ئۇقتۇرۇپ قويۇش مۈمكىنكى،1980-يىلىنىڭ بېشىدا  لوپ رايونىدا ئالتە ئاي تەكشۈرۈشتە بولغان ئەر – خوتۇن تىلشۇناسلار ھاشىم تۇردى ۋە مېھراي ياقۇپلار،لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك قاتلىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاھالە توپلىرىنىڭ سانىنى ئىستاتىسكىلاپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئىگەللىگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا،«قالماقتار» ،«جوداقتار» ،« قالۇچىلار»نىڭ ئومۇمىي سانى 500 ئەتراپىدا ئىكەن. «قىرغىززار »نىڭ سانى250ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇلار مۇنداق دەپ يازغان: « 1982–يىلىدىكى مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا،لوپ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 30 مىڭدىن كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بەش مىڭدىن كۆپرەك. ئاتالمىش موڭغۇللار ۋە قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى سان جەھەتتىن800دىن ئاشمايدۇ. قالغان 24 مىڭ 700 دىن ئارتۇق ئاھالە باشقا جايدىن كۆچۈپ كەلمىگەن ، ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتتىن ئۆزگۈرۈپمۇ كەلمىگەن. ئۇلار لوپ رايونىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يەرلىك ئاھالىلەردۇر». تەيۋەنلىك ئۇيغۇرشۇناس بى چاڭپۇ « قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار » ناملىق كىتابىدا دولانلىقلار ۋە لوپلۇقلارنىڭ قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ چىراي تۇرقىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى يازغان. لوپلۇقلار تىل ، ئېرقىي ئالاھىدىلىك جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىگىنى ساقلاب قالغان ئاھالىلەردۇر.ئۇلار،بىز يۇقۇرىدا كۆرگەنىمىزدەك،بېكىك تۇرمۇش،ناتۇرال ئېگىلىك باسقۇچىدا ياشىغانلىقتىن،بۇرۇنقى ئالاھىدىلىكلەرنى كۆپ ساقلاپ قالغان. لوپلۇقلارنىڭ نوپۇسى قانچىلىك بولۇشتىن قەتئىي نەزەر قاراقۇشۇنلۇقلار لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك قاتلىمىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم،ئاساسىي مەنبەدۇر.  

لوپلۇقلار قانداقتۇر ئەدەبىي جەھەتتىن يېزىلمىغان ، قېزىلمىغان بىر ساھە بولۇپلا قالماستىن مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ تەكشۈرۈلمىگەن،تەتقىق قىلىنمىغان بىر ساھەدۇر. لوپلۇقلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەر مەرھۇم جۈنەيىد بەكرى ۋە مەرھۇم ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. لوپلۇقلارنىڭ تىلى ھەققىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتنى مالوۋ ، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ، غۇلام غۇپۇرى ، ھاشىم تۇردى ، مېھراي ياقۇپ ۋە مۇھەببەت قاسىم باشچىلىدىكى گۇرۇپپا ئېلىپ باردى ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى. ئېغىز ئەدەبىياتىنى مالوۋ ، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ، مۆيدىن سايىت ، ئابدۇكېرىم راھمان ، مۇھەممەد زۇنۇن ، شېرىپ موسالار كۈچ چىقاردى . يۇقارقى ئەزىزلەرنىڭ ئەمگەكلىرى بىلەن لوپلۇقلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى يۇرۇتۇپ بېرىش مۈمكىن ئەمەس. بۇ ساھە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىجتىھات بىلەن مېھنەت قىلىشنى كۈتىدۇ . ھازىرغىچە لوپ خەلقىنىڭ دىئالېكتى بولغان لوپنۇر دىئالېكتى خېلى كۆپ تەتقىق قىلىندى،لېكىن  خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خېلى كۆپ توپلانغان بولسىمۇ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى جەھەتتىن تەتقىق قىلىنمىدى. ئومۇمەن بۇ ساھەدە ئىشلەيدىغان ئىشلار كۆپ . مانا،مۆيدىن سايىت بوستان ئەپەندىنىڭ« كروراندىكى ئىزچىلار» ناملىق كىتابى بايىنغولىندىكى 400 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئەدىبىنىڭ ئەدەبىيات گۈلزارلىقىمىزغا سۇنغان ئېسىل گۈلدەستىسى ھېسابلىنىدۇ.

 

توردىكى مەنبەسى:چاقىلىق مۇنبىرى

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ھونزادە
    2011/08/12 06:55:17

    مەزكۇر كىتابنى بۇرۇن سېتۋالماپتىكەنمەن،ئەمدى سېتىۋالاي دىسەم 2-نەشىرىكەنئ

    • lopnuri
      2011/08/12 09:32:31

      مېنىڭچە،بۇ كىتاپنىڭ بىرىنچى نەشىرى بىلەن ئىككىنچى نەشىرىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوقمىكىن دەيمەن.چۈنكى،بۇ كىتاپتا نازۇك يەرلەرگە چېتىلىدىغان مەزمۇن يوق.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif