ئۆردەك ۋە ئۇنىڭ نەسىل-نەسەبى توغرىسىدا(سۈرەتلىك)

ۋاقتى: 2011-12-17 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 311 قېتىم / 3 دانە باھا يوللانغان باھا

 

سىۋىن ھىدىن سىزغان ئۆردەكنىڭ پوتىرىتى(بۇ ئۇنىڭ سىۋىن ھىدىن بىلەن 2-قېتىم كۆرۈشكەندىن كېيىنكى سۈرىتى بولىشى مومكىن)

 

 

ئۆردەك ۋە ئۇنىڭ نەسىل-نەسەبى توغرىسىدا

 

بۇغدا ئابدۇللا

(قەدىمكى كروران شەھەر خارابىسىنىڭ بايقىلىشى)

 

كروران شەھەر خارابىسىنىڭ بايقىلىشى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىردىكى مىسلىسىز بىر مۆجىزە.بۇ خىل بايقاش ئېكىسپىدىتسىيە جەريانىدىكى بىر تاسادىبىي ۋەقە جەريانىدا يۈز بەرگەن. بۇ تۆھپە شەك-شۈبىھسىزكى، ئۆردەككە مەنسۈپ. لوپنۇرلۇقلار بۇ ھەقتە گەپ ئېچىلغاندا ”ئۆردەك“، ”ئۆردەكباي“دېگەن ئىسىمنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ھازىر ئېھتىمال ئۆردەكنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى بىلىدىغانلار ئاز بولسا كېرەك.

 

قۇم دەريا بويىدىكى قۇيۇق ئورمانلىق (1896-يىل)

 

 

تۆۋەنكى تارىم دەرياسىدا تور يېيىۋاتقان بېلىقچىلار(1899-يىل)

 

 

كۆنچى دەرياسىدا كېتىۋاتقان قېيىق ئەتىرىتى

 

ئۆردەكنىڭ ئاتىسى لوپنۇرلۇق ئوماق دېگەن كىشى بولغان.بىز زىيارىتىمىز جەريانىدا بىلدۇقكى،ئۇلار ئۆزلىرىنى كروران شەھرىنى قۇم باسقاندىن كېيىن ئامان قالغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ لوپنۇرغا كېلىپ ئورۇنلاشقان بىر قىسمى دەپ قارايدىكەن. ئۇلار شۇنداق قىلىپ،ئۆگەن دەرياسى،لوپنۇر دەرياسى، ئابدال قاتارلىق جايلاردا ئىستىقامەت قىلغان. ئوماقنىڭ يىراق ئەجدادى مۇشۇ ئائىلىدىن بولغان كىشىلەر ئىكەن.
ئۆردەك 1864-يىلى ئابدالدا تۇغۇلغان. ئوماق ئابدالدا ئىككى پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ،چوڭ ئوغىلىنىڭ ئىسمى تۆمۈر،كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمى ئوسمان بولغان.
ئۆردەك تۇغۇلغاندىن كېيىن بۇ جايدا كۈنچىققان بەگنىڭ قولىدا ئىشلىگەن.كۈنچىققان بەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن،بۇ رايۇندا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ،ئۇلار كۆچمە كۆل،يولۋاس دەرياسى ئارقىلىق چارا،سېيىت كۆل، داش كۆل، تاناۋالدى،ئېزىز باققان دېگەنگە ئوخشاش يەرلەرگە ئىلگىرى-ئاخىر ئورۇنلىشىپ، بۇ جايلاردا بېلىق تۇتۇش، ئوۋ ئوۋلاش، قېيىق چېپىش، تەڭلە، ئىگەر ياساش قاتارلىق ھۈنەر-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ھايات كەچۈرگەن. ئوماق مۇشۇ يىللاردا تېپىق، ھەجەرخان دەپ ئىككى پەرزەنت كۆرگەن. ئۆردەك ئۆسۈپ چوڭ بولغان بۇ يەرلەردە سۇ تولىمۇ مۇنبەت،مول بولغان، ھەممىياق دېگۈدەك قۇيۇق توغراقلىق،يۇلغۇن، قۇمۇش بىلەن قاپلانغانىكەن. بەزىدە قېيىق بولماي قالغان كۈنلەردە،ئۆردەك سۇدىن بىرەر كۈن چىقماي بېلىق، غاز، ئۆردەك قاتارلىق جانىۋارلارنى تۇتۇپ، تۇخۇمىنى ئېلىپ ئاھالىسىنى قامدىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۆردەك سۇ ئۈزگەندە بەلدىن يۇقىرقى ئەزالارغا سۇ تەگكۈزمەيدىكەن ھەم سۇ ئۈستىدە يۈگۈرەلەيدىكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتىسى ئوماقباي: “ مېنىڭ ئۆردەك ئوغلۇم“ دەپ ئەركىلىتىپ، ئۇنى چاقىرغاندا ”ئۆردەك“ دەپ چاقىردىكەن. ئۇ چوڭ بولغاندا ”ئۆردەك“ دېگەن ئىسىم سىڭىپ قېلىپ، ”ئوسمان“ دېگەن ئۆز ئىسمى چۈشۈپ قالغان. ئوماق ئۇزاق ۋاقىت سېيىت كۆل بىلەن داش كۆل ئارلىقىدىكى مۇنبەت يەرگە بۇغداي تېرىپ، دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولغان. لوپنۇرلۇقلار بۇ يەرنى ھازىرمۇ ”ئوماقنىڭ تاختىسى“ دەپ ئاتايدۇ.

كۆنچى دەرياسى بويىدىكى قىيىقلار

 

لوپنۇر كۆلى بويىدىكى ۋەيران بولغان قەلئەگە ئوخشاپ كېتىدىغان چاسا تاغ(1934-يىلى دىكابىر)

 

تەبىئى قۇمۇشلۇق قانال

 

ئۆردەكنىڭ ئاكىسى تۆمۈر 46 يېشىدا سېيىت كۆل ئەتىراپىدىكى بىر تۇرالغۇ جايدا ئاغرىپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئوماق بوۋايمۇ دەل مۇشۇ جايدا ۋاپات بولغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن قالغان ئەۋلادى بۇ يەرنى تاشلاپ چارا دېگەن جايغا كۆچۈپ كېلىپ كېسەكتە ئۆي سېلىپ ئولتۇرغان. بۇ جايدا ئىبراھىم بەگ، ئاققۇلاق شاڭيۇ، ئالىي شاڭيۇ قاتارلىق شاڭيۇلار ئۆتكەنىكەن. ئۆردەك چارىدا ئېزىم باقى دېگەن كىشىنىڭ دۆلەتخان دېگەن قىزىغا ئۆيلەنگەن. بۇ دەل 1884-يىلى ئىكەن. ئۇ 1886-يىلى بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ، بۇ قىز ئالتە يېشىدا قىزىل كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. 1896-يىلى بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن، ئۇنىڭغا سادىق دەپ ئىسىم قويغان. ئۆردەك بۇ ئوغلىغا تامچىلىق ياغاچچىلىق قاتارلىق ھۈنەرلىرىنى ئۆگەتكەن.

ئۆردەكنىڭ ئوغلى سادىق

 

لوپنۇردىن ئايرىلىش

 

سېۋىن ھىدىن لوپنۇر كۆلىدە تەكشۈرۈش ئۈستىدە

 

ئەينى يىللاردا مەشھۇر رۇس شەرقشۇناسى نىكولاي پىرژىۋالىسكىي ئېلى ئارقىلىق تەڭرىتېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ، لوپنۇرغا كەلگەن. لوپنۇردا ئۇزاق تۇرغان ھەمدە لوپنۇر كۆلىنىڭ كۆچمە كۆل ئىكەنلىكى توغرىسىدا ماقالە يېزىپ دۇنياغا ئېلان قىلغان.
ئالىي شاڭيۇ دېگەن كىشى شاڭيۇ بولۇپ تۇرغان چاغدا شىۋىتسىيىلىك سېۋىن ھېدىن چارىغا كەلگەن، ئۇنىڭغا چارىدىكىلەر ”سەپسىن تۆرە“ دەپ ئات قويغانىكەن. ئۇلار چارىنىڭ شەرق تەرپىنى ئېكىسپىدىتسىيە قىلىشقا باشلايدىكەن. ئۆردەكنىڭ مۇشۇ جايدا چوڭ بولغانلىقىنى بىلىپ ئۇنى يول باشلىغۇچىلىققا تاللىغان. 1899-يىلى 6-ئايلار ئەتىراپىدا ئۇلار لوپنۇر كۆلى، كۆچمە كۆل، چىۋىن كۆل، يولۋاس دەرياسىنى كەزگەن. لوپنۇر كۆلىگە بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇزۇق-تۆلۈكلىرى تۈگەپ كېتىپ، قېيىن ئەھۋالدا قالغاندا ئۆردەك كۆلگە ئۈزۈپ كىرىپ بېلىق، ئۆردەك، غاز قاتارلىقلارنى ھەم تۇخۇمىنى ئېلىپ كەلگەن. شۇ چاغدا ھەيران قالغان سېۋىن ھېدىن ئۇنىڭغا : ”ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىڭغا لايىق ئۆردەك ئىكەنسەن“ دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ كارۋانلار يول يۈرۈپ قونالغۇ جايلاردا سۇ بولمىسا قۇدۇق كولاپ، سۇ ئىچىپ ماڭىدىكەن. ئۇلار مەلۇم بىر جايغا قونغاندا، بىر دانە قۇدۇق كولاشقا ئىشلىتىلدىغان گۈرجەكنى ئۇنتۇلۇپ قالىدىكەن. بۇنى تاشلاپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇلار ئۆردەكنى بىر يالاڭ لوكىلىق نار تۆگە بىلەن : “ بۇ يەرنى ئوبدان بىلىدىكەنسەن، گۈرجەكنى سەن تېپىپ كەل“ دەپ ئەۋەتىدىكەن. ئۆردەك مىڭبىر جاپا-مۇشەقەتتە ئاشۇ جايغا بېرىپ، گۈرجەكنى تېپىپ يېنىشىغا قاتتىق بوران چىقىپ كېتىپ، يولدىن ئېزىپ قالىدىكەن. ئەتىسى كۈن چىققاندا، بوران توختاپ يولدا بىر خارابىلىككە كېلىپ قالغان. ئۇ ئۇ يەردىكى قەدىمكى قەبرىلەرنى، ياۋا تۆگە، ياۋا كالا، ياۋا ئات قاتارلىقلارنى كۆرگەنىكەن. ئۇ يەنە بىر دانە سېرىق ھەل بېرىلگەن تاختاينى كۆرگەن ھەمدە تۆگىدىن چۈشۈپ بۇنى ئېلىۋالغان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەندە، سېۋىن ھېدىن ئاڭلىغانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن كارۋانلار ئارقىغا يېنىپ شۇ خارابىيلىككە قايتا بارغان. ئۇ يەردىن بىر كىچىك ساندۇق تېپىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدە بىر دانە كىتاپ بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر ۋارىقىنى ئۇلار رەسىمگە تارتىۋالغان. كېيىن ساندۇق بىلەن كىتاپنى تۆگە يۇڭى، قوي يۇڭى ۋە سىمتاناب بىلەن مەھكەم ئوراپ، شۇ جايغا كۆمۈپ قويغان. بۇ ۋاقىت دەل 1899-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتىپ كېلىپ، قەشقەردە خوشلاشقان.

 

سىۋىن ھىدىن دىلپاردىكى تونۇشلىرى بىلەن سۆبەتلەشمەكتە

 

 

سىۋىن ھىدىننىڭ يارداڭلىق ئارىسىدا كېتىۋاتقان تۆگىلىرى

 

 

تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىن يولغا چىقش(1899-يىل)

 

ئىككىنچى قېتىم 1935-يىلى يازدا_ 6-ئايلار ئەتىراپىدا سېۋىن ھىدىن چارىغا ئۆردەكنى ئىزدەپ كەلگەن، ئۇ چاغلاردا ئۆردەكنىڭ 72 ياش چاغلىرى بولغاچقا، بەللىرى مۈكچەيگەن بولۇپ، قوللىرىدا قاداق ئىزلىرى قالغان ئىدى. سېۋىن ھىدىن ئۆردەك بىلەن كۆرۈشكەندە، كروران خارابىسىگە يەنە بىر قېتىم بېرىش خىيالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئۆردەككە يېنىڭىزدىكى بۇ يىگىت كىم بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ ”ئوغلۇم سادىق بولىدۇ، دېگەن. سېۋىن ھىدىننىڭ تەكلىپى بويىچە سادىق قۇرۇقلۇقتا ئات،تۆگە كارۋانلىرىغا يول باشلاپ ماڭىدىكەن. ئۆردەك بىلەن سېۋىن ھىدىن كېمە بىلەن دەريا ئارقىلىق كرورەن شەھەر خارابىسىگە بارغان. بۇ يەردىكى قەبرىنى بۇ قېتىم بارغاندا تاپالمىغان، شۇنىڭ بىلەن مىرەن، ئالتۇنتاغ، ئاتمىشبۇلاق، كۆمۈش، يىلانلىق دېگەن يەرلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە بارغانىكەن. بۇ دەل 1936-يىلىنىڭ باشلىرى بولۇپ، ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆردەكنىڭ كۆزى ئەما بولۇپ قالغانىكەن. ئۆردەك بوۋاي 1942-يىلى 78 يېشىدا دۇنيادىن خوشلاشقان.

 

كۆنچى دەريا بويىدىكى قەدىمىي توغراقلار

 

 

قۇمۇش بىلەن قويلىرىنى بېقىۋاتقان بالا

 

يېڭى كۆللۈك يىگىت

 

ئۆردەكنىڭ ئوغلى سادىق 1964-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋاپات بولغان. سادىقنىڭ زورىخان دېگەن ئايالىدىن ئىككى قىز، تۇردىخان دېگەن كىچىك ئايالىدىن بىر ئوغۇل قالغان. ھازىر نىياسخان، ئىسمايىل دېگەن ئىككى بالىسى ھايات ئىكەن.
ئۆردەكنىڭ قەبرىسى 1996-يىلى لوپنۇر بازىرىدىن ئۈچ-تۆت كلومىتىر كېلىدىغان بىر قۇم بارخان ئۈستىگە يۆتكەلگەن.

ئۆردەكنىڭ لوپنۇر بازىرىغا يىقىن جايدىكى قەبرىسى

2002-يىلى 8-، 10-ئاي لوپنۇر، ئۈرۈمچى

ماقالىنىڭ مەنبەسى: بۇغدا ئابدۇللا، شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىلى 1-ئاي نەشرى،329-334-بەتكىچە

سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى:سىۋىن ھىدىننىڭ ”كۆچمە كۆل“ ناملىق كىتاپى

ئۆردەك ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا قىزىقسىڭىز،غالىپ بارات ئەركنىڭ ”ئۆردەك ئوماق ۋە ئۇنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى“دېگەن ماقالىغا مۇراجەت قىلغايسىز.

ئادىرىسى:?p=238

بۇ يازمىنى رۇخسەتسىز باشقا بېكەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.

ئالدىنقى يازما:
كىيىنكى يازما:

3نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. تۇران تېكىن
    2011/12/20 21:34:12

    مىنىڭ ئازراق ئېسىمگە كەلدى، ئالدى بىلەن بۇ سۆزنىڭ قايسى تىل تۈرىگە تەۋە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان، ھەم شۇ تىلدا ئۆردەك دېگەن سۆزنىڭ «باشچى» ئالدىدا ماڭغۇچى …… دېگەندەك مەنىلىرىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتۈپتىكەن.

  2. lopnuri
    2011/12/20 12:08:34

    بۇ سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مەنمۇ كۆپ نەرسە بىلمەيدىكەنمەن.مەن پەقەت بۇ سۆزنىڭ بىر قۇشنىڭ نامى ئىكەنلىكىنىلا بىلىمەن. ئەمدى بۇ يازمىدىكى ئۆردەككە كەلسەك،ئۇ كروراننى بايقىغان تۇنجى كىشى. ئۆردەكنىڭ ئىسمىنىڭ قويۇلىشى ئوخشىمىغان يازغۇچى ۋە تەتقىقچىلار ئارسىدا ئازراق پەرق بار. مويد سايىت «كروراندىكى ئىزچىلار»ناملىق رومانىدا ئۆردەك تۇغۇلغان چاغدا دادىسى سىرتقا چىقىپ،بىرىنچى بولۇپ كۆرگەن نەرسە ئۆردەك بولغان.شۇڭا،ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسى بويىچە ئۇنىڭغا «ئۆردەك»دەپ ئىسىم قويغان. بۇ ماقالىدە بولسا،ئۇنىڭ ئۆردەكتە سۇ ئۈزۈشكە ماھىرلىقى تۈپەيلىدىن شۇندا نام بېرىلگەن دېيىلگەن. زادى قايسسىنىڭ توغرا بۇنى پاكىتلار ئارقلىق دەلىللەش لازىم.

  3. تۇران تېكىن
    2011/12/20 08:28:10

    ئۆردەك دېگەن سۆز قانداق كىلىپ چىققان؟ مەنىسى نىمە؟ بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدىنىپ دەسلەپكى ماتىرىيالغا ئىگە بولغان ھەم خاتىرلىۋالغان ئىدىم. ئەمما بۇ خاتىرەمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif