بىرلىكتە ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۆگىنەيلى(10)

 

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى

 

1. تەلەپپۇز قائىدىسى ھەققىدە

  تەلەپپۇز قائىدىسى توغرا سۆزلەش قائىدىسى دېگەنلىكتۇر. ئېنىقراق

قىلىپ ئېيتقاندا،تەلەپپۇز قائىدىسى مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ۋە ئالاقە قىلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ نوتۇقتا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سېستىمىسىدۇر.

   تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن  تەلەپپۇز قائىدىسى تىل ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشتىكى موھىم قائىدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش  دېگەنلىك،ئەمەلىيەتتە  ئىملا بىلەن تەلەپپۇزنى  قېلىپلاشتۇرۇش دېگەنلىك. ئىملانىلا قېلىپلاشتۇرۇپ، تەلەپپۇز تاشلاپ قۇيۇلسا، ئەدەبىي تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىگە  يەتكىلى بولمايدۇ.  

   ئىملا قائىدىسى مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلسە،تەلەپپۇز قائىدىسى ئەدەبىي تىلنىڭ ئېغىز شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ.تىلدا ئالاقىلىشىش شارائىتىنىڭ ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تىلنى بۇ ئىككى جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى بەلگىلىگەن.

   2.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالېكتى ۋە ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى ھەققىدە

     مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىدە شۇ تىلغا تەۋە بولغان دىيالېكىتلاردىن بىرسى ئاساس بولىدۇ.قايسى دىيالېكتنىڭ ئاساس بولىدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ سوبىكتىپ خاھىشى ئەمەس، بەلكى شۇ دىيالېكتنىڭ شۇ تىل قوللىنىلىۋاتقان جەمىيەتتە تۇتقان ئورنى بەلگىلەيدۇ.ئەگەر مەلۇم بىر دىيالېكت رايۇنى شۇ جەمىيەتنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،مەدەنىيەت مەركىزى بولسا ۋە شۇ دىيالېكتتا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ نوپۇسىمۇ كۆپ بولسا،بۇ دىيالېكت شۇ جەمىيەتتە ئەڭ موھىم ھېسابلىنىپ،ئەڭ تەسىرچانلىققا،ۋەكىللىك خاراكتىرغا ئىگە بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەدەبىي تىلنىڭ ئاساسىي دىيالېكتى بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.

     ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاساسىي دىيالېكتى دېگەندە ئۈرۈمچى،ئاقسۇ،قەشقەر ۋە مۇشۇ رايۇنلارغا قاراشلىق ناھىيەلەردە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.بىز بۇ رايۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەركىزىي رايۇنلار ئىكەنلىكىگە قاراپ،بۇ دىيالېكتنى مەركىزىي دىيالېكت دەپ ئاتىدۇق.

     مەركىزىي دىيالېكت رايۇنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يۇقىرىدىكى رايۇنلار تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،مەدەنىيەت جەھەتتە مەركەز بولۇپ كەلگەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايۇنلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.كۆلەم جەھەتتە، بۇ دىيالېكت رايۇنى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويىچە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.مۇشۇ شەرتلەر ئاساسىدا مەركىزىي دىيالېكت ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا ئىنتايىن موھىم رول ئوينىدى ۋە ئوينىماقتا.

بىر ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان دىيالېكتتا ئالاقە قىلىشىدىغانلارنىڭ تەلەپپۇزى ئومۇمەن ئالغاندا شۇ تىلنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ ۋە شۇ تىلنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولالايدۇ.

 گەرچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالېكتىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ تەلەپپۇزى مۇشۇنداق موھىم رولغا ئىگە بولسىمۇ،لېكىن مەركىزىي دىيالېكت  ئىچىگە كىرىدىغان ھەر قايسى شىۋىلەر ئارا بەزى فونېتىكىلىق پەرقلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلپپۇزىنى بېكىتىشتە مەركىزىي دىيالېكت تەۋەسىدىن شۇ دىيالېكت رايۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىراپ قىلىدىغان نىسبەتەن ئۆلچەملىك بولغان تەلەپپۇر رايۇنىنى تاللاپ چىقىش لازىم بولىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە 20_ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان تىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان دىيالېكتنىڭ مەركىزىي دىيالېكت ئىكەنلىكى ۋە نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز رايۇنىنىڭ ئۈرۈمچى ئىكەنلىكى بېكىتىلدى.

بۇ نوقتىنى ئۈرۈمچى رايۇنىنىڭ زامانىمىزدا ئالدى بىلەن سىياسىي مەركەز ،شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغانلىقى ،ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇ رايۇنغا توپلىنىشى ۋە ھەر قايسى دىيالېكتلار ۋە شىۋىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى يىغىنچاقلىغان ھالدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي ئېغىز تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئۆلچەملىك تەلەپپۇزىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى،بۇنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تەرپىدىن ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئېتىبارەن، بۇ رايۇندا مەدەنىيەت- مائارىپ ئىشلىرىنىڭ كۈنسىرى گۈللىنىشى،كىنو-تىياتىر،رادىيو_تېلېۋىزىيە،ئاخبارات ۋە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى،ھەر دەرىجىلىك بىلىم يۇرتلىرىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ئاكتىپ ئامىللار ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىغا ئاساس بولالايدىغان،مەركىزىي دىيالېكت ئىچىدىكى باشقا شېۋىلەر تەلەپپۇزىغا نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بىر مىللەت تىلىدىكى دىيالېكت ۋە شېۋە ئالاھىدىلىكلىرى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ.ئۇلار ئۆز تەرەققىياتى جەريانىدا بىر تەرەپتىن ئەدەبىي تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىپ بارىدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن پايدىلىك تەركىبلىرى بىلەن شۇ ئەدەبىي تىلنى بېيىتىپ بارىدۇ ۋە ئاخىرى شۇ ئەدەبىي تىلى بىلەن بولغان پەرقلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ.مۇنداق تەرەققىيات جەريانى ھەرقايسى مىللەت تىللىرىدا ۋە ئۇلارنىڭ دىيالېكت،شېۋىلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە داۋاملىشىدۇ.بۇ نوقتىدا ئاساسىي ھەل قىلغۇچ ئامىل مەدەنىيەت،مائارىپ،پەن_تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەدەبىي تىل بىلەن دىيالېكت ۋە شېۋىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنداق بولغاچقا،بىز ئەمەلىي تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرگەن،نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇزغا ۋەكىللىك قىلىدىغان شېۋىدىمۇ مەلۇم مەزگىل ياكى ئۇنداق،ياكى مۇنداق شېۋە ئالاھىدىلىكلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.شۇڭا ئەدەبىي ئېغىز تىلى نورمىلىرىنى بېكىتىش بىر تىلدىكى فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تەلەپپۇز جەھەتتىن بىر قېلىپقا سېلىشنى،جۈملىدىن نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز رايۇنىدىكى شېۋىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە شاللېۋىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.مانا بۇ ئەدەبىي تەلەپپۇزنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسىدۇر.

2.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈش پىرىنسىپلىرى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا،سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىغىمۇ ئوخشاشلا ئېتىبار بېرىش ئىنتايىن موھىم.ئادەتتە ئىملا قائىدىسى كىشىلەرنى خاتا يېزىشتىن چەكلىسە،تەلەپپۇز قائىدىسى سۆزلەرنى توغرا،ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.تەلەپپۇز قائىدىسى ئىمكانقەدەر ئىملا قائىدىسىگە بېقىنىشى،يەنى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئىمكانقەدەر ئىملاسى بىلەن ئوخشاش بولۇشى شەرت.جانلىق تىل ئۆزگىرىشچان بولغانلىقتىن تىزگىنلەنمىسە،ئىملا بىلەن تەلەپپۇز ئوتتۇرسىدىكى پەرق بارا-بارا چوڭىيىپ بېرىپ،جانلىق تىل بىلەن يېزىق تىلىنىڭ ئۆزئارا ماسلاشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ- دە،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا،ئىجتىمائىي ئالاقىگە مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلمىي بولغان تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىنتايىن موھىم.تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلەش لازىم.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈشتىكى پىرىنسىپلار تۆۋەندىكىچە:

1)ئىمكانقەدەر سۆز تەركىبىدىكى ھەر بىر ھەر بىر تاۋۇشنى ئېلىپبەدە بېكىتىلگەن تاۋۇش نورمىسى بويىچە تەلەپپۇز قىلىش،سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ شۇ سۆزنىڭ ئىملاسى بىلەن بىردەك بولۇشىنى تەكىتلەش؛جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىشتا،نوقۇل ھالدا نۇتۇقنىڭ راۋانلىقىنى قوغلىشىپ كەتمەسلىك؛جۈملە تەركىبىدىكى مەلۇم سۆزنىڭ تەلپپۇزىدا ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرنىڭ تەسىرىدىن يۈز بېرىدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادە قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋاللاردا ئىملانى ئاساس قىلىش.

ھەر قانداق يېزىق تىل جانلىق تىل ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.لېكىن ئۇ شەكىللەنگەندىن كېيىن يېزىقنىڭ چەكلەش رولى ۋە ئىملا قائىدىسى ئارقىلىق جانلىق تىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنى توغرا يېتەكلەيدۇ.ھەمدە تەلپپۇزنىڭ بىر قېلىپقا چۈشۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.بۇ نوقتىدىن ئالغاندا،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز نورمىلىرىنىڭ ئىملا نورمىلىرى بىلەن بىر خىلدا بولۇشنى تەكىتلەش تولىمۇ موھىم.

2)فىزىيولوگىيەلىك شارائىت يار بەرمىگەن ئايرىم ئەھۋاللاردا سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى قوغلاشماي،تەلەپپۇزغا مەلۇم جەھەتتىن يول قويۇش.

جانلىق تىلمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.بەزى سۆزلەر كونكىرىت ئالاقە شارائىتىدا يېزىقتا ئىپادىلەنگىنى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنسا،نۇتۇقنىڭ راۋانلىقى ۋە يېقىملىقلىقىغا تەسىر يىتىدۇ.شۇڭا تەلەپپۇز قائىدىسىنى بېكىتىشتە،ھەممىلا ئورۇندا سۆزلەرنىڭ ئىملاسى بىلەن تەلەپپۇزنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئاشۇرۇش كېرەك دېگەن تەلەپنى قويغىلى بولمايدۇ.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=656

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-09
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تىل-يېزىق
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: