تىكەنلىك لاشىن مەھەللە تەزكىرىسى

 

تىكەنلىك لاشىن مەھەللە تەزكىرىسى

 

 

مىجىت سىدىق

 

1800 – يىللاردا قەدىمقى تىكەنلىك خەلقى  سۇيى بار دەريا كۆللەرنى قوغلۇشۇپ ، تارقاق  ۋە كۆچۇپ يۇرۇپ تىرىكچىلىق قىلغان  ، ئۇلار  لوپنۇر كۆلى ئەتىراپلىرىدىن ئابدال، قاراداي، قاراچىگە ، قاراچاچ ، چېگىلەك ئۆي  قاتارلىق جايلاردا دەريا ، كۆللەرنىڭ بويلىرىغا تارقىلىپ تۇرمۇش كەچۇرگەن.

1893 – يىلى ۋىي گاڭتۇ دىگەن  ئادەم مەسئول بۇلۇپ پىلانلاپ، دورال شەھىرىنى سالدۇرغان، شەھەر قۇرۇلۇشىنى تامو دىگەن ئادەم مەسئول بۇلۇپ پۇتتۇرگەن، دورال شەھىرىنىڭ ئورنى ئەسلى دىگەن  يەر بۇلۇپ، بو جايغا شەھەر بىنا قىلىشتىكى مەقسەت، بو جاي كۆنچى  دەرياسىنىڭ   دوقمۇشىغا  تارىم دەرياسىغا يىقىن بولغانلىغى ئۈچۈن،  بوز يەر ئىچىشقا بەكمۇ  قولايلىق ئورۇن بولغان ھەمدە كورلىدىن  چاقىلىققا بارىدىغان قاتناش  يولىنىڭ  ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇلۇپ، دورالدىن شەرقى جەنۇپقا چاقىلىق ئارقىلىق چەرچەن، خوتەنگىچىلىك بارغىلى بولاتتى.  شەرقى شىمال يولنى بويلاپ، چاقىلىق ئارقىلىق  دوڭخۇاڭ، چىڭخەيگە بارغىلى بولاتتى. شىمال تەرىپى تۇرپان، پىچان، ئۇرۇمچى تەرەپلەرگىمۇ بارغىلى بولاتتى. كورلا  ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەممە تەرىپىگە بىرىش ئىمكانىيىتى بار  بولۇپ،  دورال شەھىرى شۇنداق قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان، باشقۇرۇش  دائىرىسىدىن ئالغاندا ، بۇ شەھەرنىڭ  ئورۇنلىشىشى ئوتتۇرىغا جايلاشقان بۇلۇپ، باشقۇرۇشقا قويلايلىق ئىدى.

دورال  شەھىرىدە  ۋە مەمۇرى ھەھكىمە قۇرۇلۇپ، ناسىر گوڭ دىگەن  كىشىنىڭ  ئۇزۇن مۇددەت باشقۇرۇشىدا بۇلۇپ كەلگەن. باشقۇرۇش دائىرىسى كەڭ بۇلۇپ، چاقىلىق، چەرچەن، شايار، كورلا قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان.  ئو تەۋەسىدىكى  لوپنۇرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى  يەنى دوڭقۇتان  رايونى، شىڭ پىڭ رايونى، چارا، ئاقسۇپا، تىيىز كۆل ، ئولۇقكۆل، كۆزلەك، يىڭسۇ قاتارلىق جايلارنى ئومومىيۇزلۇك باشقۇرغان.

دورال شەھىرىنىڭ دائىرسى  97 مىڭ 564 كوۋادىرات مىتىر بۇلۇپ، تۆت  تەرىپىگە سىپىل سىلىپ چىققان، سىپىلنىڭ  شىمالىدىن جەنۇپقا بولغان ئارلىغى 328.5 مىتىر،  شەرقتىن – غەرىپكە بولغان ئارلىغى 297 مىتىر،  سىپىلنىڭ ئاستى ھۇلىنىڭ كەڭلىگى 6.9 مىتىر ، ئۈستى كەڭلىگى 4 مىتىر ئەتىراپىدا بولغان.  سىپىلنىڭ ئىگىزلىگى  12 مىتىر بۇلۇپ،  سىلىپنىڭ  ئۈستىگە  50 مىتىر  ئارىلىقتا قوغدۇنۇش ئۆيلىرى  ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تۆت بولۇڭىغا ئوخشاشلا قاراۋۇلخانىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قوغدىنىش ئۆيلىرىنىڭ تۆت تەرىپىگە چوڭ  – كىچىك  توشوكچىلەر  قۇيۇلغان. سىپىلنىڭ غەربىي تەرىپى ۋە شىمال تەرىپىگە  ئىككى چوڭ دەرۋازا قۇيۇلغان  دەرۋازىنىڭ كەڭلىگى 8.5 مىتىر ،  ئىگىزلىگى 8.5 مىتىر بولغان، دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە  قاراۋۇلخانا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ، سىپىل ئىچىگە  كىسىپ ئۆتىدىغان  تۆت چوڭ يول سىلىنغان بۇلۇپ،  يول ئەتىراپىغا تۆتكە بۆلۇنگەن ئۆيلەر سېلىنغان، شىمال تەرىپىگە ھەربىي ، مەمۇرى باشقۇرۇش بىناسى ، ئىككى تەرىپىگە  ھەربىي مۇھاپىزەتچىلەر بىناسى، لەشكەرلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى، ئەمەلدارلار ۋە لەشكەرلەرنىڭ  ئائىلە تۇرالغۇ ئۆيلىرى رەتلىك سىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سىپىل سىرتىدا رەتلىك سىلىنغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ  ئولتۇراق ئۆيلىرى ، سودا سىتىق دوكانلىرى رەتلىك سىلىنىپ ئاۋات شەھەر بىنا قىلىنغان. سىپىل ئىچىگە  تۇرپان، كورلا  قاتارلىق جايلاردىن ھەر خىل مىۋىلىك دەرەخلەرنى ، زىننەت دەرەخلىرىنى  ئەكىلىپ تىكىپ ئۆستۇرگەن.  دۇرال شەھىرىنى سالدۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ يىل ۋاقىت كەتكەن. سىپىل ئومومىيۇزلۇك  ئادەم كۈچى بىلەن سېلىنغان ، سىپىل سىلىشقا ھەر يىلى 2 مىڭ ئادەم قاتناشقان، سىپىلنى سىلىش ئۈچۈن  تۇرپان، پىچان ، لۈكچۈن تەرەپلەردىن كورلا ، چاقىلىق، كۈچا تەرەپلەردىن كۆپلىگەن ئادەملەرنى يۆتكەپ كىلىپ،  سىپىل قۇرۇلۇش ئەمگىگىگە  يەرلىك خەلق بىلەن بىرگە  مەجبۇرى قاتناشتۇرغان. لەشكەرلەر ئەمگەكچىلەرنى كىچە – كۈندۇز  مەجبۇرى  ئەمگەككە سالغان. نارازى بولغۇچىلار ۋە قاچقانلارنى سىپىل تامنىڭ ئىچىگە تىرىك  كومۇۋاتقان. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆي مانالىرىدىن ، ئۇرۇق – تۇققانلىرىدىن ئايرىلغان. سىپىل ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ قان – تەرى ، جاپالىق ئەمگەك قىلىشى  بىلەن پۈتۈپ چىققان. ئەينى ۋاقىتتا دۇرال شەھىرىنىڭ  ئاھالىسى 9 مىڭ 600 دەك كىشى بۇلۇپ،  بۇنىڭ ئىچىدە  يەرلىك خەلق 1 مىڭ 200 ئەتىراپىدا، خەنزۇلار 200 ئەتىراپىدا، تۇرپان، تۇقسۇن، پىچان، لۈكچۈندىن  يۆتكەپ كەلگەنلەر 200  ئائىلە ئەتىراپىدا، بۆز يەر ئۆزلەشتۇرۇش ئۈچۈن كەلتۇرۇلگەن  خويزۇلار 8 مىڭ ئەتىراپىدا بولغان. دۇرال شەھىرى  1911 – 1912 –يىلغا كەلگەندە  سۇئاپىتى  يۇز بىرىپ، دۇرال دەريا توسمىسىنى بۆسۇپ كىتىش بىلەن دۇرال ئەتىراپى كۆلگە ئايلىنىپ، دۇرال شەھىرى ۋايران بولغان.  دۇرال شەھىرى باشقۇرۇش مەھكىمىسى تىكەنلىك  رايونىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى چاڭقۇلى دىگەن  جايغا يۆتكىلىپ بۆز يەر ئىچىپ، دىھقانچىلىق قىلغان بولسىمۇ، قۇرغاقچىلىق  ئاپىتىنىڭ  داۋاملىشىشى بىلەن  بۇ يەرنى تاشلاپ كىشىكە مەجبۇر بولغان.

        1912 – يىلغا كەلگەندە ، دۇرالدا سۇ قىس بۇلۇپ، تىرىقچىلىق  ئىشلىرى راۋاج تاپماي، دۇرالنى بىر مەزگىل ئاۋات قىلغان كىشىلەر ، ھاياتلىق يولى ئىزدەپ تەرەپ – تەرەپكە  تارقىلىشقا باشلىغان.

        دۇرالدىكى ئادەملەر توپى  تارقالغاندىن كىيىن، تۇرپان ،لۇكچۇنلەردىن  دۇرالغا كەلگەن كىشلەر ، بىر – بىرلەپ  ھازىرقى لوپنۇر ناھىيسىنىڭ 210 كىلومىتىر  شەرقى جەنۇپى، قۇرۇق تاغ شىڭدىنىڭ 150 كىلومىتىر جەنۇبى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ 40 – 50 كىلومىتىر شەرقى شىمالىغا كىلىپ ، كۆنچى دەريسىنىڭ 40 كىلومىتىر جەنۇبى تەرىپىدىن باشلاپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئالىم سالغان دىگەن يىرىدىن ئايرىلىپ شەرقى جەنۇپقا ماڭغان بۆلىكى  تىكەنلىك دەريسىنىڭ جەنۇبى قىرغىقىنى بويلاپ  ئولتۇراقلاشقان ، بارا – بارا  تۇرپاندىن كەلگەن  كىشلەر بىر  يەرگە توپلۇشۇپ تۇرپانلىقلار مەھەللىسىنى تەشكىل قىلغان. كىيىن ۋاقتىنىڭ ئۆتۇشى بىلەن تۇرپان  مەھەللىسى دەپ ئاتالغان. لۈكچۇن تەرەپتىن كەلگەن  كىشلەر بىر يەرگە توپلۇشۇپ لاشىنلىقلار مەھەللىسىنى تەشكىل قىلغان ، كىيىن ۋاقتىنىڭ ئۆتۇشى بىلەن لاشىن  مەھەللىسى دەپ ئاتالغان. 

لۈكچۈندىن  دەسلەپ كەلگەن ئادەملەر دۇرال شەھىرىدىن 8 – 10 كىلومىتىر جەنۇپ تەرەپتە ئولتۇراقلىشىپ تىرىكچىلىك قىلغان ، كىشىلەر بۇ جاينى « لاشىن  مەھەللىسى » دەپ ئاتىغان، لاشىن دىگەن ئۆي ۋە قۇتاننىڭ ئالدى تەرەپكە تىككەن   ئات، ئىشەكلەرنى باغلاپ قۇيىدىغان بىر تال چەنزە ياغاچنى كۆرسىتىدۇ.  كىشىلەرنىڭ ئېتىڭنى لاشىنغا باغلا دىگىنى  شۇ لاشىننى كۆرسىتىدۇ.  بۇرۇنقى « لاشىن مەھەللىسى » دە ئولتۇرغان لۇكچۇنلۇكلەر  دۇرال ۋەيران بولغاندىن كىيىن كۈچۇپ بارغان  جاينى بۇرۇنقى لوكچۇنلۇكلەر مەھەللىسىنىڭ نامى بىلەن  « لاشىن مەھەللىسى » دەپ ئاتىغان. لاشىن مەھەللىسىدە ئاساسلىق بوغداي، قۇناق تىرىلغاندىن باشقا  شال ، ئارپا، ئاق قۇناق ( گاۋلىياڭ) ، پاختا، قوغۇن ،تاۋۇز ، سەي – كۆكتات قاتارلىق  زىرائەتلەر تېرىلاتتى. ھەر كىم ئۆزىنىڭ يەر كۆلىمىگە ۋە ئىھتىياجىغا قاراپ تىرىقچىلىق قىلاتتى.

سۇ كۆپ يىللىرى مەھەللىنىڭ شەرقى تەرىپىگە  40 – 50 مو كۆلەمدە شال تىرىلاتتى.  كىينچە بۇ يەر  نامى شاللىق دەپ ئاتالدى. پىشىق يەر ئاز ، سۇ قۇرۇلۇشى موقىم ئەمەس ئىدى.  ئۇ ۋاقىتلاردا پۈتۈن تىكەنلىك رايونىدا سەككىز غۇلاچ دىگەن يەردىن باشلىنىپ، ئاياق مەھەللىنىڭ قازاق  تۇقايغىچە بارىدىغان بىرلا ئۆستەڭ بۇلۇپ،  بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىگە تايىنىپ، پۈتۈن تىكەنلىك خەلقى تىرىكچىلىق قىلاتتى.  ئۆستەڭنىڭ كەڭلىگى ئۈچ مىتىر كىلەتتى. بۇ ئۆستەڭدىكى سۇنى دەرياغا بىر باشلام  چۇشۇرۇپ بىر تاش  تۇگمەن ماڭدۇرغان ئىدى.

لاشىن مەھەللىسىدە سۇ ئاز بولغانلىقتىن دىھقانلار تارىم دەرياسىنىڭ تارماق ئىقىنلىرىنىڭ مۇۋاپىق جايلىرىنى  تۇغ ئېتىپ، بۆز يەرلەرگە  سۇ چىقىرىپ ئوسا قىلىپ، شاڭيو، بوجاڭلارنىڭ بۆلۇپ بىرىشى بىلەن  بوغداي ، قىچا، زاغۇن قاتارلىقلارنى چېچىپ، ساپان قوش بىلەن ئۇ يەر بۇ يەرنى جىراپ ھەيدەپ ئارقىدىن كۆتەك ياكى قۇڭارچاق تىكەن بىلەن سۆرەم سىلىۋىتىپ، بوغداي ، زاغۇن ، قىچىلار پىشقاندا بىرىپ ئورۇپ شۇ يەرنىڭ ئۆزىگىلا يىغىپ خاماندا تىپىپ دان قىلىپ  ئەپكىلەتتى. بۇ رايوندا ھول يىغىن  ئاز بولغاچقا زىرائەتلەر ئەتىيازدىكى ئوسا سۇيى بىلەنلا  پىشاتتى. ئارلىقتا بىرىپ ئېتىز پەرۋىش قىلىنمايتتى.  بۇ يىلى   بۇ تەرەپكە تىرىسا ، يەنە بىر يىلى  ئۇ تەرەپكە تىرىيتتى.  يەنى دەريانىڭ سۇيى ئولغايغاندا  قايەردىكى   يەرلەر ئوسا بولسا  ، دىھقانلار شۇ يەردە تىرىقچىلىق قىلاتتى.

ئۇلار تىرىقچىلىقتا قول بىلەن ئۇرۇق چىچىپ،  يەر كالا قوشى بىلەن ھەيدىلەتتى.  كالىسى يوقلار ،  كالىسى بارلارغا ھەقلىق ئىشلەپ ، ئۆزىنىڭ يىرىنى تىرىۋالاتتى. قىشىچە موز يىتىپ سۇغا ئوبدان قانغان بىنەم يەرلەرگە بىر توماق بوغداي چىچىپ ، مىڭ چىڭ بوغداي  يىغىۋالاتتى. لاشىن مەھەللىسىنىڭ ئەتىراپىدىكى يەرلەر تۇپىرىقى مۇنبەت  يەرلەر ئىدى.  بىنەم يەرلەردىن يىغىۋالغان  بوغداي ، زاغۇن، قىچىلارنى ئەكىلىۋىلىشقا قۇربىي يەتمىگەنلەر  ، شۇ يەرلەردىكى قۇم دۆڭلەرگە كۆمۇپ قۇيۇپ، ئاز – ئازدىن ئەكىلىپ يەيتتى. قوغۇن – تاۋۇزلارنىڭ  ھوسۇلى يوقىرى ئىدى.  تاۋۇزغا قارىغاندا  قوغۇننى كۆپىرەك تىرىيتتى.  قوغۇنغا ئۇغۇت بىرىدىغان ئىش يوق ئىدى. بىنەم يەرلەرنىڭ  بىر بۆرجىگىگە قوغۇن تىرىپ قويسا، بىر  پىلەكتە 7 دىن  10 غىچە قوغۇن چۇشەتتى، قوغۇنلارنىڭ تەمى شۇنداق تاتلىق ئىدى.

لاشىن مەھەللىسىدىكى دىھقانلار تىرىغان پاختىسىنى يەرلىك چىغىرىقلاردا چىگىتىدىن ئايرىپ، ماتا، چەكمەن قاتارلىقلارنى تۇقۇپ كىيىم تىكىپ كىيىۋالاتتى.

ئۇلار يوغان توغراق كۆتىگىدىن  جوۋاز ياساپ، تىرىغان قىچا ، زاغونلىرىنى ياغ تارتىپ يەتتى.

ھەسەن مىراپ دىگەن  ئادەم  لاشىن مەھەللە ئاياق مەھەللىنىڭ تۈگىگەن يىرىدىن  كىچىك بىر باشلام سۇنى توغراق كوڭتەيلەرنى ئۇلاپ تىكەنلىك دەرياسىغا ئاچا بوقا باغلاپ  دەريانىڭ جەنۇپ تەرىپىدىن  شىمالى تەرەپىگە  سۇ ئۆتكۇزۇپ دىھقانچىلىق قىلغان.  بۇ قۇرۇلۇش شۇدەۋىردىكى چوڭ سۇ قۇرۇلۇشى ھىساپلىناتتى. دەريانىڭ  ئوستىدىن ئۆتكۇزگەن ياغاچ كوڭتەيلەرنىڭ ئۇزۇنلىغى  يۇز مىتىرچە كىلەتتى. 1949 – يىلى شىنجاڭ  تىنىچىلىق بىلەن ئازات بولدى. تىكەنلىك لاشىن مەھەللە خەلقىمۇ پارتىيە ۋە ماۋجۇشىنىڭ غەمخۇرلىغىغا ئىرىشتى.

1952 – يىلى 3 – ئايدا زاھىت ئۆلدى دىگەن يەردە( ھازىرقى تارىم دەرياسىنىڭ  بېشى ) ھاشار بولدى، تىكەنلىك لاشىن مەھەللىسىدىن ئۈچ يۇزدەك ئەمگەكچى  بۇ يەردىكى توغان ياساش ھاشىرىغا قاتناشتى. شۇ يىلى لاشىن مەھەللىسىدىكى  دىھقانلار سىيىت ئاكىنىڭ يىرى بىلەن ئەمەس  سېلىمىنىڭ يىرىنىڭ پاسىلىدىن كۆتەرمە قىلىپ،  30 مىتىر ئورۇنلۇقتا بىر يىرىم مىتىر كەڭلىكتە ياغاچ شالدىن ئۆستەڭ ياساپ ، تىكەنلىك دەرياسىنىڭ ئۇستىدىن  شىمال تەرەپكە سۇ ئۆتكۇزۇپ، ئايدىڭكۆل  ، پىيتىڭ چاڭزا(1) دىگەن يەرلەرنى ئېچىپ، دىھقانچىلىق  كۆلىمىنى كىڭەيتتى.  بۇ قۇرۇلۇشنى لاشىن مەھەللە خەلقى ئىككى قولىغا تايىنىپ ئىلىپ باردى.

(1) پىيتىڭ چاڭزا دىگەن ئايرىپىلان ئىستانسىسى  دىگەن مەنىدىكى سۆز

1958 – يىلى تىكەنلىك گوڭشى قۇرۇلدى. كەڭ دىھقانلار پارتىينىڭ چاقىرىغا ئاۋاز قۇشۇپ، يىڭىدىن قۇرۇلغان خەلق گوڭشىسىنىڭ رەھبەرلىگىدە تارىم دەرياسىنىڭ  ئاياق ئېقىنىدىن پايدىلىنىپ،قاراداي دىگەن يەردە نۇرغۇن بىنەم يەرنى ئوسا قىلىپ، 1959 – يىلى ئەتىيازدا بوغداي  تىرىدى.  ھەر بىر تال بوغداي 30 تالغىچە  تۈپلەپ بوغدايلار ناھايىتى ئوخشىدى، ئوخشاپ كەتكەن بوغدايلىققا كۆز يەتمەيتتى. چەشلەپ قويغان بوغداينى قاچىلاشقا تاغار ئازلىق قىلىپ ئەتىراپنى  بوغداي قاچىلىغان تاغار بىلەن تام ئامبار  قىلىپ، ئوتتۇرىسىغا  بوغداينى 30 مىتىر ئىگىزلىكتە تۆكىۋاتقان  ئىدى .

گوڭشى قۇرۇلغاندىن كىيىن  لاشىن مەھەللىنى ئاساس قىلغان ئاياق تەرەپنى بىرىنچى دادۇي دەپ ئاتىدى. 1960 – يىلى تارىم گوڭشىسى قۇرۇلۇپ، تىكەنلىكنىڭ ئادەملىرى تارىم گوڭشى تەۋەلىگىگە كۆچۇرۇپ كىلىندى.  ئەسلىدىكى لاشىن مەھەللىسىنى ئاساس قىلغان ( تۇرپان مەھەللىسى، خاڭگوڭ مەھەللىسى  ، لاشىن مەھەللىسى ، ئاياق مەھەللىسى ) 1 – دادۇي تارىم ئۆستىڭىنىڭ باش تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يەر نامى تارىم گوڭشىنىڭ 1 – دادۇيى بولدى.  دادۇي ئىشخانىلىرى ، چوڭ يىغىن زالى بىرىنچى دادۇينىڭ 2 – دۈيى  يەنى بۇرۇنقى لاشىن مەھەللىسىدە بولدى.  ئىككىنچى دۇيدىكى راخمان كىرەم  1 – دادۇي پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى ، 2 – دۈيدىكى ئىسمايىل سىيىت ، پاتەمخان قاتارلىقلار دادۇي رەھبىرى بولدى.

دادۇي مەسئوللىرى 1965 – يىل 1 – دادۇي  2 – دۈيدىكى  تومۇرچى ، ياغاچچىلارنى بىرلەشتۇرۇپ 12 دانە تۇمۇر  ھارۋا ياسىلىپ دىھقانچىلققا ئىشلىتىلدى. شۇيىلى  چوڭ ئۆستەڭگە  ياغاچ كۆۋرۇك سىلىپ ئاممىنىڭ قاتنىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى.

1973 – يىلى دادۇي  بىر دانە دۇڭفاڭ  توك چىقىرىش ماتورى ۋە ئۈچ گاڭمۇ سېتىۋىلىپ بىر ئۇن زاۋۇتى قوردى. بۇنىڭ بىلەن دادۇي تارمىغىدىكى ئالتە دۈينىڭ  ئۇن تارتىش  ئىھتىياجى قاندۇرۇلۇپلا قالماي، باشقا ئورۇنلارنىڭمۇ ئىھتىياجىنى قاندۇردى.  1974 – يىلى 1 – دادۇي  ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، بىر دانە 28 تىپلىق تىراكتۇر سېتىۋالدى. بۇنى قاتناش ۋە دىھقانچىلىققا ئىشلەتتى.

1975 – يىلغا كەلگەندە  تارىم تىراكتۇر پونكىتىنى تارقاقلاشتۇرپ ئورۇنلاشتۇرغاندا  1 – دادۇيگە ئىككى دانە زەنجىر تاپانلىق شەرىق قىزاردى تىپلىق  تىراكتۇر تەقسىم قىلىنىپ، شۇ يىلدىن باشلاپ، 1 – دادۇي خەلقى ئۇچ  چوڭ تىراكتۇر بىلەن دىھقانچىلىق قىلىشقا باشلىدى.

1977 – يىلى 1 – دادۇيگە  50 ئات كۈچىگە ئىگە   رىزىنگە چاقلىق بىر دانە تىراكتۇر تەقسىم قىلىپ بىرىلدى.  دادۇي  ئۆزى بىر دانە 25 تىپلق بوغداي ئورۇش ماشىنىسى  سېتىۋىلىپ، چوڭ تىراكتۇرغا چىتىپ ئىشلەتتى. شۇ يىلى 1 – دادۇي  كىچىك تىپتىكى بىر دانە كىينو قۇيۇش ئاپراتى  سېتىۋىلىپ، 1 – دادۇي  تەۋەسىدىكى ئاممىنىڭ  مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى جانلاندۇردى.

1977 – يىلى 2 – دۇي ئۆز كۈچىگە تاينىپ 15  ئات كۈچىگە ئىگە بىر دانە  ماتور سىتىۋىلىپ ، ئۆز ئالدىغا بىر تاش تۇگمەن ماڭدۇردى. بۇرۇنقى لاشىن  مەھەللىسىدىكى  دىھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىدا  ماتۇرلاشقان تۇگمەن  قۇرۇلدى.  لاشىن مەھەللىسى  1957 – يىلدىن باشلاپ  ياۋا كىيىك بالىسىنى تۇتۇپ  قولدا بىقىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ساتتى ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن مەخسۇس  ئۆمەكلەر كىلىپ  لاشىن مەھەللىسى بىلەن دوستلۇق ئورناتتى. 1958 – يىلدىكى ئىككى پارچە خاتىرە سۇرەت   ھازىرغىچە ساقلانماقتا.  تىكەنلىكتىن كۆچۇپ كەلگەندىن كىيىنمۇ  1 – دادۇي  2 – دۇي  بۇ قۇشۇمچە كەسىپنى داۋاملاشتۇردى.  بۇ ئارقىلىق 2 – دۇينىڭ كوللىكىتىپ  كىرىمى كۆپەيدى. سىتنىياز مىراپ ، نۇراخاننىڭ ئۆمرى مۇشۇ كەسىپ  بىلەن ئۆتتى.

لاشىن مەھەللە خەلقىنىڭ  ئۆزىنىڭ مىللى مەدەنىيىتى بار بۇلۇپ، توي مەشىرىپى، گۇلخان مەشىرىپى  ۋە ئوما ناخشىلىرى  چوڭلاردىن كىچىكلەرگىچە خىلى  ئوموملاشقان. مەشىرەپلەردە ئاساسلىق تۇرپان ، لوكچۈن ناخشلىرى ئېيتىلاتتى. توي مەشىرىپى مۇنداق ئۆتكۇزۇلەتتى.  توينىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى يىگىت تەرەپتىن بىر توپ ياشلار قىزنىڭ ئۆيىگە  بىرىپ توي باشلاش مەشىرىپى ئۆتكۇزەتتى. ئەتىسى توي  مەركىسىدە يىگىت  تەرەپ قىز تەرەپ  ئۆز ئالدىغا نەغمە – ناۋا قىلىشاتتى. يىگىت تەرەپ قىزنى كۆچۇرۇپ كەلگىلى بارغاندا قىز تەرەپنىڭ ئىشىگىدىن كىرگىچە  قىز تەرەپ دەرۋازىسىنى ئېتىۋالاتتى. بۇۋاقىتتا  يىگىت تەرەپتىن كەلگەنلەرنىڭ بىيىتچىلىرى  ئالدىغا ئۆتۇپ، قىز تەرەپكە  بىيىت تاشلايتتى. قىز تەرەپمۇ جاۋابەن بىيىت ئىيتاتتى. ئىككى تەرەپتىن 20 – 30 كوپلىت بىيىت ئىيتىلغاندىن كىيىن قىز  تەرەپ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بىرەتتى.  يىگىت تەرەپ ئىشىكتىن كىرىش دەستىخنىنى قىز تەرەپكە  بىرىپ ئىشىكتىن كىرەتتى.  توي كۆچۇرۇشكە كەلگەنلەر ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن تاماق تارتىلاتتى. تاماق يىيىش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن  يىگىت بىشىغا قىز تەرەپ تاييارلىغان سەللا يۆگىگەن دوپپىنى كىيىپ، قولداشلىرى بىلەن كىگىز سىلىنغان مەيداندا كۆرپىنىڭ ئۇستىدە ئولتۇراتتى ئاندىن « تاغدا تىرىق » ناخشىسىدىن باشلاپ بىر يۇرۇش  تۇرپان خەلق ناخشلىرى ئىيتىلاتتى. ۋە تويغا كەلگەن قىز – يىگىتلەر قىزغىن ئۇسۇلغا چۇشەتتى. مەشرەپ 2 – 3 سائەت داۋاملىشىپ   ئاندىن قىزنى كۆچۇرۇپ ماڭاتتى.

قىزنى كۆچۇرۇپ يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئەكەپ بولغاندىن كىيىن كەچلىگى يەنە مەشرەپ بولاتتى.  بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا مەشرەپ مەيدانىنى يورىتىدىغان  چىراق بولمىغاچقا  مەيداننىڭ ئوتتۇرسىغا  گۇلخان يىقىپ قويۇلاتتى.  ئۇسۇلچىلار گۇلخان  ئەتىراپىدا ئوينايتتى.  مەشرەپ ئىككى  سائەت ئەتىراپىدا ئوينالغاندىن كىيىن، مەشرەپچىلەر توي ئىگىسى بىلەن خوشلۇشۇپ تارقىشاتتى.

قىز- يىگىت  تويىدا ئوغلاق تارتىشىش قىزىپ كىتەتتى. ھەر بىر مەھەللە ئۆز مەھەللىسىدىن  ياخشى ئېتى بار قاۋۇل يىگىتلەرنى ئوغلاق تارتىشىشقا تەشكىللەيتتى. لاشىن مەھەللىسىنىڭ مەشىرەپلىرىدە  مەيداندا ئويناۋاتقان ئۇسۇلچى ئەتىراپتىكىلەردىن كىمنى ئۇسۇلغا تارتسا ، شۇ كىشى مەيدانغا  چۇشۇپ ئوينىشى كىرەك ئىدى .  ئۇسۇل ئويناشنى بىلمەيدىغان كىشى باشقا  بىرسىنى تەكلىپ قىلاتتى.  لاشىن مەھەللىسىدىكى بىر قىتىملىق توي مەشرىپىدە ئۇسۇل نۆۋىتى موسا قارى ئىسىملىك كىشىگە كىلىپ قالىدۇ. بىراق  موسا قارى  ئۇسۇل ئوينىيالمايدىغان بولغاچقا مەشرەپ ئەھلىدىن ئۆزىرخانىلىق  سورايدۇ.  مەشرەپ ئەھلىنىڭ تەلىۋى ناھايىتى چىڭ  بولغاچقا  موسا  قارىنىڭ ئوزىرىسى  رەت قىلىنىدۇ.  بۇ ۋاقىتتا موسا قارى ئۇسۇلنى ئوبدان بىلىدىغان ئىسىمائىل  تايىر ئىسىملىك ياشنى بىر كۆرە بوغداي برىشكە ۋەدە قىلىپ ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئۇسۇل ئويناپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ.مەشرەپ ئەھلى قوشۇلىدۇ. 

لاشىن مەھەللىسىدىكى ئىۋىيدىخان ئىمىن،تىللاخان ناسىر ، سوپۇرىغان  ئەيسا قاتارلىق ياشلار 1934 – يىلى تۇنجى قىتىم « قارا كۈنلەر » دىگەن  ئوپىرانى ئويناپ  چىققان ئىدى.  بۇ ئوپىرادا  بىر كەمبىغەل دىھقاننىڭ تېخى بويىغا يەتمىگەن قىزىنى يۇرت  زومىگىرى  رىيىم شاڭزۇڭ قەرزىنى قىستاش  باھانىسى بىلەن كەمبىغەلنىڭ قىزىنى زورلۇق  بىلەن ئۆزىگە  خوتۇقلۇققا ئالماقچى بولغانلىغى ئاساسى مەزمون قىلىنغان ئىدى.

لاشىن مەھەللىسىدە يەنە مايسا چىيىمۇ ئوينىلاتتى. مايسا چىيى ئەتىيازدا نوۋرۇزدىن ئىلگىرى  ئۆتكۇزۇلىدىغان بۇلۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئالدى بىلەن بوغداي ، ياكى ئارپىدىن مايسا ئۆستۇرىلەتتى. مايسىنىڭ بويى بىر چارەك كەلگەندە مايسا ئۆستۇرگۇچى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كۆڭلى  يىقىن دوست – بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسىگە مايسا تۇتاتتى. مايسا بىر چوڭ پەتنۇسقا سىلىنىپ، ئۇنىڭ ئەتىراپىغا  ياخشى  ساقلىغان قوغۇندىن بىرنى توغرا كىسىپ، ئۇرۇقى ئېلىۋىتىلىپ قويۇلاتتى. تۆت يەرگە ياخشى ساقلانغان گۇل سانچىپ قۇيۇلاتتى. بىر تەرىپىگە  بىر كىيىملىك رەخ قۇيۇلۇپ، قالغان يەرلىرىگە ئالما، نەشپۇت، قاق، قۇرۇق ئۇزۇملەر تىزىپ قۇيۇلاتتى. مايسا  ئىگىسى ئوتتىرىغا چىقىپ بىيىت ئىيتىپ دوستلىرىدىن بىرىگە  مايسىنى تۇتاتتى. دوستى  مايسنى ئىلىپ  پەتنۇستىكى نىمەتلەرگە ئېغىز تىگەتتى. ئاندىن كىيىن  نەغمە قىلىپ، مەشرەپ ئوينىلاتتى. مايسىنى ئالغان كىشى كىلەر قىتىملىق مايسا چىيىنى ئۆتكۇزىدىغان كىشى بولۇپ، بۇ چاينىڭ  ئايىغى ئۇزۇلمەيتتى.

1982 – يىلى تارىم 1 – دادۇي  تۆت مەمۇرى كەنتكە ئايرىلغاندا 2 – دۇي بىر كەنت بولۇپ خادادۆڭ كەنتى دەپ ئاتالدى. ھازىر  بىز دەۋاتقان گۇلباغ يېزىسىنىڭ خادادۆڭ كەنتى ئەسلىدىكى تىكەنلك لاشىن مەھەللىسى بۇلۇپ، لوپنۇر ناھىيسىدىكى 47 مەمۇرى كەنتنىڭ  بىرى.  بۇ كەنتتىكى لاشىنلىقلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىگىدە تۈرلۈك  قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ئالدىنقىلارنىڭ  ئىزىنى كىيىنكىلەر بىسىپ، سوتسىيالىسىتىك يىڭى كەنت ، ئالدىن  بىيىغان كەنت بەرپا قىلىشقا تىرىشماقتا.

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2257

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-03
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: