قەدىمكى تەكلىماكان قۇملۇغىدىكى ئۇلۇغكۆل ۋە قارا چاشنىڭ ئۆتمۇشى ۋە تەرەققىياتى

ۋاقتى: 2011-09-30 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 130 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

قەدىمكى تەكلىماكان قۇملۇغىدىكى ئۇلۇغكۆل ۋە قارا چاشنىڭ ئۆتمۇشى ۋە تەرەققىياتى

رابىيەم تۇمۇر

( شىڭ پىڭ يېزا داشى مەركىزى مەكتەپنىڭ ئارامغا چىققان  ئۇقۇتقۇچىسى )

 

ئۇلۇغكۆل دىگەن ئاتالغۇ ئەينى يىللاردىكى نامى بۇلۇپ ، شۇ يۇرۇتتا ناھايىتى چوڭ بىر كۆل بۇلۇپ ئۇ يەردىن كىشىلەر بېلىق تۇتۇپ يەيدىكەن . بەزىدە سۇ كۆپىيىپ تاشقىن كەلگەندە كۆلگە كىرگەن كىشىلەر سۇ دىن چىقالماي سۇدا تۇنجىقىپ ئۇلىدىكەن ، تەلىيى ئوڭدىن كەلسە نۇرغۇن بېلىق تۇتۇپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن . شۇنداق قىلىپ ھەر يىلى شۇ كۆلدە نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىغى ئۇچۇن يۇرىت چوڭلىرى نەزىر– چىراق قلىپ«ئۇلۇغلىرىم» نەزەر سالغان دەپ قاراپ « ئۇلۇغكۆل»

ئاتاپ ھەر يىلى نەزىر – چىراق قلىپ تۇرىدىكەن ھەم بېلىق تۇتۇپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن ، يەنى بېلىق تۇتۇش ئۇچۇن گۆلمە سېلىش يەنى تور سېلىش ، ساشقاق (تۇمۇر ھارا) سېلىش ئارقىلق تۇتىدىكەن .

قارا چاش دىگەن ئاتالغۇ 17- ئەسىردە شۇ يۇرۇتتا ئۆتكەن مۆتىۋەر كىشىنىڭ ناھايىتى كىلىشكەن ، چىرايلىق قىزى بۇلۇپ ئۇنىڭ چېچى بەك ئۇزۇن بولغاچقا شۇ نامنى بەرگەن ئىكەن .

ئۇلۇغكۆل قۇرۇپ چۆل بۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن قارا چاشقا كۇچۇپ كىلىپ ، قاراچاشمۇ چۆل بۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ھازىرقى لوپنۇرغا كەلگەنكەن .

17 -18- ئەسىرلەردە ئۇلۇغكۆلنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى روناق تاپقان بۇلۇپ ئاساسى تىرىكچىلىگى چارۋىچىلىق ، دېھقانچىلىق ، بېلىقچىلىق بىلەن قامدىلىدىكەن .

ئۇ يۇرۇتتا پەقەت 200 گە يېقىن ئائىلە بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئاز قىسمى چارا مەھەللىسىدىن ، يېڭىسۇ مەھەللىسىدىن بۇلۇپ ، كۆپ قىسمى شۇ يۇرىتنىڭ مۆتىۋىرى سېتىۋالدى ھاجىنىڭ دادىسى كېرەم باقى دىگەن كىشىنىڭ جەمىتى بۇلۇپ كىيىنكى كۇنلەردە ئۇلار كۆپىيىپ چوڭ بىر قەبىلىگە ئايلانغان . پۇتۇن قەبىلنىڭ بارلىق تىرىكچىلىك پائالىيىتى كېرەم باقىنىڭ ئۇچ ئوغلى – سېتىۋالدى ھاجى ، ھاداجى ، ساۋۇت شاڭيىلەرنىڭ باشقۇرۇشىدا بۇلىدىكەن . شۇڭ ئۇلار پەرزەنىتلرىنىڭ سىرىتتىن ئۆيلىنىشىگە روخسەت قىلماي ، قىزلىرىنى سىرىتقا ياتلىق قىلماسلىقتەك تۇزۇم ئورنىتىلغان بۇلۇپ ، ئۇغۇل – قىز پەرزەنىتلىرىنى ئايرىپ ، ھەم ئىگىز ھەم خىلۋەت جايدا يەنى چوڭ بىر سارايدا تەربىيلەيدىكەن . ئۇ قىز – ئۇغۇل پەرزەنىتلەر 5 ياشتىن 15 ياشقىچە سىرىتقى موھىت بىلەن ئۇچىراشماي ، ئاتا – ئانىسى بىلەن ئۇچۇق – ئاشكارا پىكىرلەشمەي كۇن بۇيى قۇرئان ئۇقۇش بىلەن بەنىت بۇلىدىكەن يەنە قالغان ۋاقىتتا قىزلار بولسا كەشتە تىكىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن ، ئۇغۇللار ھەر-خىل قول-ھۆنەرئۆگىنىدىكەن ، شۇنداقلا قىزلار ئۆزلىرىنىڭ گۇزەللىگى بىلەن ئەدەپ – ئەخلاقلىق،ئىتائەتمەن بۇلۇپ ئۇيغۇرلارغا خاس ئۆرۇپ – ئادەت ، ئارا- نۇمۇس ، پەردە – شەپ دىگىننى ئۆلچەم قىلىپ ئىتائەتمەنلىك بىلەن قېرىنداشلاركىچىگىدىنلا ئېناق – ئىتتىپاق ، بىر – بىرىگە كۇيۇمچان قىلىپ تەربىيلەنگەنكەن .

كېرەم باقى ئۆزى تىجارەتچى ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان بولغاچقا ئۆز پەرزەنىتلىرىدىن سېتۋالدى ھاجى ، ھاداجى ، ساۋۇت شاڭيىلەرنى ناھايىتى تىرىشچان ، ئىقتىساتچىل ھەم ئەققىلىق قىلىپ تەربىيلەپ چىققانكەن .

ساۋۇت شاڭيىنىڭ ئوغلى ھاشىم شاڭزۇڭ ئۇلۇغكۆلدىن لوپنۇردىكى توڭچىكە دىگەن يەرگە كىلىپ بارلىق قېرىنداشلىرى بىلەن يەر ئېچىپ يايلاق پاسىل قلىپ « جىگدە چېكە ، سېرىق تۇز،شامال قىرچىن » دىگەن جايلاردىن پاسىل ئارقلىق  تېرىقچىلىق ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆز جەمەتىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇرۇش ئۇچۇن ياخشى باشلامچى بولغان ئىكەن . كىيىنكى كۇنلەردە تۇرپان ۋاڭىغا يۇرۇتتىكى مىللى تىبىابەت ساھەسىدىكى مۆتىۋەرگە نۇرغۇن يامبا ، كۇمۇش ئېلىپ بېرىپ تىۋىپچىلىقنى ئۆگىنىپ كىلىپ ئۆز يۇرتىدا تومۇر تۇتۇپ رىتسىپ يېزىپ كېسەل داۋالىغانكەن ، يەنى چوڭلاردىكى ئىستىخار كېسىلى ( ئۆپكە تۇبۇركىلىيوز ) نى چامغۇر ، شورپا قاتارلىق ئاددى يىمەكلىك بىلەن ، يەل كېسەر ئۇچقۇن پاقا ، يىلان ، موزا قاتارلىقلار بىلەن ، كىچىك باللىلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەل بولغان قىزىلنى بېلىق ۋە شورپىسى ، ئاق قۇمۇش يىلتىزى ، كۆك چېچەك گۇلى قاينىتىپ سۇيىنى ئىچىرىش ئارقلىق داۋالايدىكەن .

بوۋىمىز سېتىۋالدى ھاجى ئۇچ قېتىملىق ھەج قلىش سەپىرىدە نۇرغۇن ئات ، تۆگە ، مەپە قاتارلىق قاتناش قوراللىرى بىلەن ئىگىز تاغ ، چۆل – جەزىرە ، قۇم – باياۋان ، چەكسىز دېڭىز ئارقلىق يول يۇرۇپ قايتىپ كلىشىدە ئالتۇن زىبۇ – زىننەت ، ئۇنچە – مەرۋايىت ، ئالى نەرسە – كېرەك ، يىپەك مال ، مىس ئابدۇش ، داڭقان ، مىس چۆگۇن ، چەينەك ، ئاپتۇۋا – چىلاپچى ، يۇگەن ، ئىگەر ، شايى – ئەتلەس قاتارلىق مەدىنى بۇيۇملارنى ئەكەلگەن ھەم بىر قانچە ئوغۇل نەۋرىلىرىگە ھۆنەر ئۆگىتىپ كىلىپ ئۆز يۇرتىنىڭ قول – ھۆنەر ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ قۇرۇلۇش بېناكارلىق يەنى ئۆي ساراي نەقىش قىلىش ، گۇل سىزىش ، پېشايۋان چىقىرىش ھۆنەرلىرىنى مۇستەھكەملەپ ئۆز يۇرتىنى گۇللەندۇرگەنكەن .ئۇدۇن – ھازىرقى خوتەن ، سۇلى – ھازىرقى قەشقەر ، كۆسەن – ھازىرقى كۇچار ، قۇجۇ –ھازىرقى تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن مەدىنىيەت ئۆگىنىپ كەلگەنكەن .

سېتىۋالدى ھاجىنىڭ ئۇچۇنچى ئۇكىسى ساۋۇت شاڭيى 40 يىل شاڭيۇم بۇلۇپ پەرزەنىتلىرىدىن توختى بەگ ، ياقۇپ بەگ ، مۇھەممەت قاتارلىقلارنى ئۇرۇمچىگە ئۇقۇشقا ئەۋەتىپ ئۇلارنى لوپنۇردىكى ئاساسلىق ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ لوپنۇرنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان ۋە نەۋرىسى كىيىنكى كۇنلەردە (توختى بەگ) بۇگۇرگە ھاكىم بولغان ، غۇپۇر ياقۇپ لوپنۇرغا ھاكىم بولغان . دىمەك ئۆتمۇشتە ئېزىش – ئېزىلىش ، ھەق – ناھەق ، توغرا خاتا ، ئاق – قارا ئارلىشىپ كەتسىمۇ چوڭ جەھەتتىن لوپنۇردىكى داۋالغۇش جەھەتتە دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، قول – ھۆنەر ، سودا سېتىق ئىشلرى راۋاجلانغان، مىللىي ئورۇپ – ئادەت ، قائىدە – يۇسۇن ئۆلچەملەشكەن . بۇلۇپمۇ ئۇزۇن چاپان ، كۆينەك ، ئۇزۇن چاچ ھەم دوپپا ، تۇماق قاتارلىق كىيىم – كېچەك ئۇيغۇرلارغا خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان .شۇنداقلا ئۆز يۇرتىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆرۇپ – ئادىتىگە مەڭگۇ سادىق بولغان . دىمەك شۇ يىللاردىكى كونا كىشىلەرنىڭ بۇيى ئىگىز ، قول – پۇتى يوغان بۇلۇپ ئۇلار 12 ياشتىن ئاشقاندىلا ساقال – بۇرۇت قۇيۇپ قەددى – قامىتىگە ياراشقان كىيىم – كىېچەك كىيگەن . ئۇغۇللار بېشىدىن دوپپىنى ، تۇماقنى ئايرىمايدىغان ، قىزلار بولسا ئۇزۇن چاچلىرىغا يارىشىملىق ئۇزۇن ياغلىق ، يۇزىگە چۇمبەل تارتىپ ئۆز ئائىلىسىگە بەركەت ، سىرتىغا نام – ئابروي ، ئۆزىگە ئىپپەت نۇمۇسنى ئاساسى ئۆلچەم قىلىپ كەلگەن ئۇلار تاماق ئەتكەندە چېچىنى چىڭ ئوراپ ياغلىق چىگىش ، تاماق يىگەندە دوستىخان سېلىپ تاماق يىيىش نان ئۇۋىقىنى قالايمىقان تاشلىماسلىق ، ئۇن – گۇرۇچ خالتىسىنىڭ ئاغزىنى ئۇچۇق قويماسىلىق ، يەنى بەركەت قاچىدۇ دەيدىغان ئىلمى ئاساسى بار قائىدە- يۇسۇنلار بار ئىكەن . يەنە كېسەل ئائىلە ، كېسەل بالا بار ئۆيگە كىرمەسلىك بۇلۇپمۇ قىزىل چىققان ئائىلىگە چوڭ – كىچىك ئادەم كىرمەسلىك ، ئىشىككە قىزىل لاتا ئېسىپ قۇيۇپ بەلگە ئارقلىق كېسەل يۇختۇرۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، يەنە كۆيگەن كېسەلنىڭ كۆيگەن جايىنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىكدەك ئالاھىدە قائىدە – يۇسۇن چىقىرىپ ئەۋلاتمۇ – ئەۋلات داۋاملىشىپ كەلگەن .

ئاتا بوۋىمىز ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلدە شۇ يۇرىتنىڭ (ئۇلۇق كۆل ، قاراچاش ) ئاساسى بايلىغى بولغان چىگىدىن پايدىلىنىپ يوتقان – كۆرپە ، تاغار ، چاپان ، ئىشتان ، چورۇق توقۇپ كىيگەن يەنى ئۇ جاي قۇرغاق بولسىمۇ تۇزلەڭدە چىگە كۆپ بۇلۇپ ئۇنى چېپىپ ئۇچىنى سىلىق ياغاچ بىلەن ئۇرۇپ توزۇتۇپ باغلاپ بىر قىش ئۇنى سويۇپ باغلاپ سىلىق توخماق بىلەن ئۇرۇپ يۇمشاق ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن چوڭ قازانغا سېلىپ چوڭ توغراقتىن ئالغان يەرلىك توغرىغىغا ئارلاشتۇرۇپ ئوبدان بىر كېچە قايناتقاندىن كىيىن سىلىق ھەم يۇمشاق ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن ئالدى بىلەن قولدا بىر قەدەر خام ئىگىرىپ ئاندىن كىيىن چاختا ئىگىرىپ پىششىق يىپ ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن يۇمىلاق قىلىپ تۇتۇپ ، كەڭرى تۇز جايغا 4- 5 مىتىر ئارلىقتا قوزۇق قېقىپ توقۇيدىكەن . بۇ كەڭرىلىگى 40 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا ئۇزۇن رەخ ھالىتىگە كەلگەندىن كىيىن ئەنلەپ كىسىپ چاپان ، ئىشتان ، يوتقان – كۆرپە ، ئۇزۇن چاپان قاتارلىقلارنى ( ئۆز يپېى )بىلەن تىكىپ كىيىدىكەن .

ھەر قانداق ئائىلىدە قوي بولمىسا چىگە چۇقۇم بۇلىدىكەن ، شۇنداق قلىپ كىيىم – كېچەكنى ئۆزلىرى ھەل قىلىدىكەن ، يەنە پۇخرالار تۇقۇغان چىگە رەختنى چوڭ – چوڭ پالاز تىكىپ كاڭغا سېلىپ ياتىدىكەن . چىگە ، قوي يۇڭىدىن ئىبارەت يەرلىك ئاددى بايلىقتىن خېلى يىللار داۋاملىشىپ كەلگەن.  ماتا ئۇچاغلاردا پاختا تېرىلمىغان بولغانلىغى ئۇچۇن كىيىن سودىگەرلەر خوتەن – قەشقەردىن ئاق – قىزىل ماتا ئەكىلىپ قوي يۇڭىغا ئالماشتۇرۇپ گېلەم تۇقۇپ لوپقا ئەكلىپ سېتىپ بايلار ئۇيىگە سالىدىغان بولغان .

شۇ يۇرىتتا قوي ، ئۆشكە كۆپ بولغانلىغى ئۇچۇن ئاق ، قارا،بوز قوي يۇڭىلىرىنى شۇشاڭ بىلەن قىرقىپ ئۇچ خىلنى ئايرىم – ئايرىم تۇرۇپ ئۆزلىرى توقۇپ چاپان – ئىشتان ، چەكمەن تىكىپ تۇرمۇشنى قامدايدىكەن ۋە كىگىز بېسىپ ئۆيگە سالغان ئىكەن. ئۇلۇق كۆلدە بىر چوڭ كۆل بۇلۇپ بۇنىڭدا بىر قانچە ئارال بۇلۇپ قۇمۇش ئۆسىدىكەن ، قۇمۇشنى قىشتا ئورۇپ كىلىپ باغلاپ ياغاچ بىلەن ئۇرۇپ – سوقۇپ يۇمشاق ھالەتكە كەلگەندە كاڭغا پالازنىڭ تىگىگە سېلىپ ياتىدىكەن ، ئۇلار كىيىنكى كۇنلەردە بايلار يەنى چوڭ بوۋاملار سىرىتتىن كۆك ، قىزىل ، قارا رەڭلەرنى ئەكىلىپ بېرىپتۇ شۇنىڭ بىلەن تېخنىكىنى ئۆزگەرتىپ رەڭلەر بىلەن بوياپ ھەرخىل گۇللۇك قلىپ يۇڭ ۋە چىگىدىن چىرايلىق كىيىم تىكىپ كىيىدىكەن . تۇلكە تۇتۇپ دۇمبە تېرىسىنى ئايرىم ، قورساق تېرىسىنى ئايرىم قلىپ ئاشلاپ ئاق ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن بەگلەر تۇماق ، جۇۋا تىكىپ كىيگەن .

ئۇلارنىڭ ئەڭ بالدۇرقى يىمەك – ئىچمىگى ئاساسەن بۇغداي ، قوناق ، ئارپا ، مايلىق زىزائەتلەردىن ئەڭ كۆپ ، كۇنجۇت ، زاغۇن ، قىچا كۆپ بۇلۇپ ئاشلىقنى بايلار سۇ تۇگىمەندە نامىراتلار ياغۇچاق دا تارىتىپ ئۇن قىلىپ يەيدىكەن ، مايلىق زىرائەتنى  چوڭ توغراق ياغىچىدا ياسىغان جۇۋازدا كالا – ئېشەك قوشۇپ ياغ چىقىرىدىكەن ، ئەڭ موھىمى جاڭگالدىكى ئۇششاق جىگدە ( قاغا جىگدىسى ) كۆپ بۇلۇپ بىر يىلدا كۆپ بولغاندا ئوننەچچە تاغار، ئاز بولغاندا 5-6 تاغار قاچىلىۋىلىپ قىشىچە بۇغداي ئوماچقا سېلىپ ئىچىدىكەن . يوقارقىلارنىڭ زىيىنى يوق . توزاق قورۇپ جەرەن تۇتۇپ يەيدىكەن  .

شۇڭا بوۋامنىڭ دادىسى 115 ياشتا ۋاپات بولغان .

قەدىمقى يۇرىت ئۇلۇغكۆل ۋە قارا چاچ دىگەن يەردە ياشاپ كەلگەن مەرھۇم بوۋىمىزنىڭ ئۆتمۇشى ۋە تارىخى تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا

 

مەرھۇم بوۋىمىز كېرەم باقى 1802-يىلى ئۇلۇغ كۆلدە تۇغۇلۇپ 1902-يىلى 107 يېشىدا ئۇلۇغ كۆلدە ئالەمدىن ئۆتكەن .

مەرھۇم بوۋىمىز كېرەم باقى سودىگەر ئائىلىسىدىن دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ ، كىچىگىدىن باشلاپ تۇرپان ، كۇچار ، خوتەن قاتارلىق يۇرىتلاردا سودىگەرلىك قلىپ گېلەم ، ئەتلەس ، ماتا ، پىچاق ، شۇشاڭ ، ئورغاق ، غىدىر چىنە – قاچا ، تاغاق – سۇرگۇچ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ – سېتىپ سودا سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ، تۇرمۇش كۇچۇرۇپ كەلگەن ، مەرھۇم بوۋىمىز كېرەم باقى 1828- يىلى توي قىلغان بۇلۇپ 1836- يىلى چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى ئۇلۇغ كۆل دىگەن يەردە بىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .

ئىككىنچى ئۇكىسى ھادى 1838- يىلى ئۇلۇغ كۆل دىگەن يەردە تۇغۇلغان . ئۇچىنچى ئۇكىسى ساۋۇت 1840- يىلى قاراچاچ دىگەن يەردە تۇغۇلغان ، ئۇلار 7 ياشقىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان ، 7 ياشتىن كىيىن تۇرپان ، كۇچار ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان ، 18 ياشقا كىرگەندە ئۆيلۇك – ئوچاقلىق بولۇپ ، ئۇلارغا تۇرمۇش كۇچۇرۇش ، جان بېقىش يوللىرى ئۇستىدە تەربىيە بېرىپ ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ ئىگىلىك يارىتىپ ، ھەر قانداق جاپادىن ، قىيىنچىلىقتىن قورۇقماي كۆڭۇل قۇيۇپ ئىشلىگەندە ھەرقانداق ئىشنى ھۇجۇتقا چىقارغىلى بۇلىدىغانلىغى توغرىسىدا نەسىھەت قلىپ ، ياراملىق ئادەم بۇلۇش يولدا تەلەپنى يوقۇرى قۇياتتى .

چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى ئۇچ ئوغلىغا ئۇچ خىل ئىشنى قىلىشقا دائىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ تۇراتتى .

چوڭ ئوغلى تۇمۇرنى تۇرپان ، خوتەن ، كۇچار ، قەشقەر قاتارلىق يۇرىتلاردىن تۇرمۇشقا كېرەكلىك بۇيۇملارنى ئەكىلىپ سودا – سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئورۇنلاشتۇرسا ، ئىككىنىچى ئوغلى سالىنى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، چارۋىلىرىنى يىلمۇ – يىل كۆپەيتىش ، چارۋا ساننى ئاشۇرۇشنى چىڭ تۇتاتتى . ئۇچۇنچى ئوغلى ئەمەتنى يەر ئېچىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى نەسىھەت قىلاتتى . ئۇچ ئوغلىنىڭ ياراملىق ئادەم بۇلۇپ تېز باي بۇلۇشنى ، قىلغان ئىشلىرىدىن مەنپەت قىلىشنى ئۇمۇت قىلاتتى شۇنداقلا يۇرۇتتىكى خەلىققە پايدا يەتكۇزىدىغان ئادەم بۇلۇش جەھەتتە تەربىيىنى چىڭ تۇتقان ئىدى .

چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى ئۇچ ئوغلىغا يۇقارقىدەك تەلەپلەرنى قۇيۇپ ئۇچ ئوغلىنى دىىنى مەكتەپتە ئۇقۇتۇپ باللىرىنى ئىلىم – بىلم بىلەن تەربىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ بىر پاك دىل ئادەم بۇلۇش يولىنى ئۆگەتكەن ھەمدە قانداق قىلغاندا ئۆز جېنىنى ياخشى بېقىش ، قانداق قىلغاندا جەمىيەتكە خەلىققە پايدا يەتكۇزۇش ، يۇرىتنى گۇللەندۇرۇش توغرىسدا نەسىھەت قىلغان .

چوڭ ئوغلى ئاتا كەسپىنى چىڭ تۇتۇپ سودا – سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرپان ، كۇچار ، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن گېلەم ، ئەتلەس ، ئورغاق ، كەتمەن ، پىچاق ، ماتا ، تاغار ، تاغاق – سۇرگۇچ ، غىدىر چىنە – قاچا قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ يۇرتىدا سودا – سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان .

ئىككىچى ئوغلى سالىنى چارۋا بېقىش ۋە چارۋىنى كۆپەيتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىپ تۇراتتى . ئۇچۇنچى ئوغلى ئەمەتنى يەر ئېچىپ دېھقانچىلىقنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باراتتى . بۇ ئۇچ ئوغۇل ئۆز – ئارا ماسلىشىش ئارقلىق ئېناق – ئىتىپاق ، ئىجىل ئۇتۇپ ئىگىلىكنى تىكلىگەن ۋە تەرەققى قىلدۇرغان ، بۇ ئارقلىق يۇرتنى گۇللەندۇرۇش ، خەلىقنى تىنىچ – ئامان تۇرمۇش كۇچۇرۇش شارائىتىغا ئىگە قىلغان .

چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى 1874- يلى 38 يېشىدا بىرىنچى قېتىم ھەجگە بېرېپ ھاجې بۇلۇپ كەلگەندىن  كىيىن  40 ياشقا  كىرگەندە ئىككنچى قېتىم  ھەج  قىلىپ  بۇ جەرياندا  سەئۇدى  ئەرەبىستاندا ئككى يىل تۇرۇپ ، ئۇ جايدا مەدەنىيەت،  ئۇرپە-ئادەت ئۇگۇنۇپ قايتىپ كېلىپ لوپنۇر، تىكەنلىك ،كوزلەك ، ئۇلۇق  كول، قارچاش قاتارلىق جايلاردا دىننى تارقاتقان ، شۇ ئارقلىق ئۆز يۇرتىنىڭ دىن ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۇچۇن ئالدى بىلەن ئۆز پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلەپ دىننى مەكتەپ ئېچىپ قۇرئان ساۋادىنى چىقارغان ئۇنىڭدىن كىيىن دائىرسىنى كېڭەيتىپ پۇتۇن مەھەللىدىكى ئوغۇل – قىزلارنى ئايرىپ ئىككى سىنىپقا بۇلۇپ ئۇقۇتقان ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇچۇنچى قېتىم ھەج قلىش ئۇچۇن ئۆز جەمەتىدىن ئوننەچچە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ ھەج قىلدۇرۇپ شۇ جاينىڭ مەدىنىيىتىنى ئۆگىتىپ كەلگەن . ھەج قلىش جەريانىدا باللارغا قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ھەر بىر بالىغا بىردىن ھۆنەر ئۆگىنىشكە بۇيرىغان يەنى ياغاچچىلىق ، تۇمۇرچىلىق ، موزدوزلۇق ۋە باشقا ھۆنەرلەرنى ئۆگىنىپ يۇرىتنى گۇللەندۇرۇشكە ، خەلىقنى باياشات تۇرمۇش كەچۇرۇشكە رىغبەتلەندۇرگەن . چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى ئۆز يۇرتى ئۇلۇغ كۆلگە چوڭ مەچىت سالدۇرۇپ ، ئىچى – تېشىنى چەتئەلنىڭ مەچىتلىرىدەك زىننەتلەپ ئۆز يۇرتىنىڭ مەدىنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ھەسسە قوشقان ، يەنە بىر تەرەپتىن تۇمۇرچىلەرنى تەشكىللەپ كەتمەن ، پالتا ، ئورغاق سوقۇپ يەر ئېچىپ دېھقانچىلىق قلىشقا باشلىغان .خەلىقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يوللىرى ئۇستىدە ئىزدىنىپ توزاق ، ساشقاق سوقۇپ ئوۋچىلىق قلىپ ھەر خىل ئۇسۇلدا تۇرمۇش كەچۇرۇشنىڭ يولىنى تېپىپ بەرگەن .

دىمەك شۇ زاماندىكى باي ھاجى ، بەگلەر ساۋاتسىز بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىپ كىشىلەرنىڭ غېمىنى يىگەن ، يۇرىتنى گۇللەندۇرۇشكە بەل باغلىغان .

چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى ۋە ئىككى ئۇكىسى ھاداجى بىلەن ساۋۇت شاڭيى ئۇچ ئاكا – ئۇكىلار ئېناق ئىجل ئۇتۇپ ، يۇرىت خەلقىنىڭ ئامان ئېسەن بۇلىشى ئۇچۇن لوپنۇر دائىرىسىدە چوڭ كۆل ، كۇزلەك ، چارا ، تىكەنلىك ، قاراچاش ، تېيىز كۆل قاتارلىق بىر قانچە مەھەللىلەردىن 2- 3 مىڭ ئادەم تەشكىللەپ تارىم دەياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنى يىلدا بىر قېتىمدىن ئىككى قېتىمغىچە تۇغ ئىتىپ سۇ باشلاپ خەلىقىنىڭ ئامان –ئېسەن تۇرمۇش كۇچۇرۇشكە شەرىت – شارائىت يارىتىپ يۇرىت خەلقىگە بۇغداي ، قىچا ، زاغۇن تېرىغۇزۇپ يەر تەقسىم قلىپ ، يەر ھەيدەيدىغان كالا ، قوش ئارىيەت بەرگەن ، بۇ ئىشلارنى كۆرگەن يۇرىت خەلقى سېتىۋالدى ھاجىغا كۆپلەپ رەخمەت ئېيىتقان .

سېتىۋالدى ھاجى ئىككى ئۇكىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۆز يۇرتى ئۇلۇغ كۆل بىلەن قارا چاشتىكى خەلىققە كۆپلەپ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى ئۆيلاپ ، چەتئەلدىن ئۆگىنىپ كەلگەن . باللىرىنىڭ ھۆنەرلىرىنى يۇرىت خەلقىگە ھەقسىز ئۆگەتكەن . مەسلەن : تام قوپۇرۇش ، ياغاچچىلىق ، تۇمۇرچىلىك ، ناۋايچىلىق ، موزدوزچىلىق ، سەيپۇڭلۇق ۋە باشقا ھۆنەرلەرنى ئۆگىنىشكە يۇرىت خەلقىنى دەۋەت قىلغان ، شۇ ئارقلىق يۇرىتنى گۇللەندۇرۇش ، يۇرىت خەلقىنى باي بۇلۇشقا يىتەكچىلىك قىلغان شۇنداقلا لوپنۇرنى يېڭىدىن قورۇش ، لوپنۇرنى گۇللەندۇرۇشنى ئويلاپ  كۆپ ئىزدەنگەن .

چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى ۋە ئۇكىسى ھاداجى ، كىچىك ئۇكىسى ساۋۇت شاڭيى بىر يەرگە كىلىپ مەسلىھەتلىشىش ئارقلىق 1902- يلى لوپنۇرنىڭ (ھازىرقى تەمىنلەش بېنا ئورنى )نى سېتىۋىلىپ ، ئولتۇراق ئۆي ، دۇكان ، دەڭ (ئادەم ياتىدىغان ئۆي) ، باغ قاتارلىقلارنى بېنا قىلدۇرغان . شۇ يەرنىڭ ئۇدۇل تەرىپى يەنى (ھازىرقى بەيخۇا گۇڭسى بېناسى ) ئورنىغا چوڭ مەچىت سالدۇرغان ، قوزەت ئەلەم ئاخۇننى شۇ مەچىتكە ئىمام قىلغان . شۇ يىلى لوپنۇر بازىرىنىڭ يولى ۋە كوچىسىنى بويلاپ كونا دوختۇرخانا ئالدىدىكى چوڭ ئۆستەڭگە كۆۋرۇك سېلىپ ئۇدۇل تەرەپى ھازىرقى كىنوخانا ئالدىغىچە يول ئېلىپ ئىككى ياقىسىغا ئېرىق چاپتۇرۇپ ياقىسىغا قارا سۆگەت قويدۇرغان ، بۇ سۆگەتلەر ياخشى پەرۋىش قىلغانلىقتىن بۆك – باراقسان ئۇسۇپ لۇپنۇر ناھىيىسىنى قارقۇمدىن كۇچۇرۇپ كىلىشكە ياخشى شەرىت –شارائىت ھازىرلاپ بېرىلگەن . شۇ زاماندا تىكلىگەن ھازىرقى كىنوخانا ئۇدۇلدىكى ( بۇرۇنقى سوت مەھكىمىسى ) ئورنىدىكى ئىككى تۇپ قاپاق تېرەكنى 1902- يلى 4- ئايدا دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى ئۆز قۇلى بىلەن ئات ماخوسىنىڭ ئالدىغا تىككۇزۇپ ، بۇ تېرەك ئات سايدايدىغان ئورۇن بۇلۇدۇ دەپ ئات باققۇچىغا ياخشى ئاسىراشنى تاپىلىغان . ئاخىرى بۇ ئىككى تۇپ چوڭ تېرەك لوپنۇر بازىرىغا ھۇسۇن قوشۇپ خەلىققە بەخىت ئاتا قلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئاخىرى 1990- يلى كىشىلەر تەرىپىدىن ئوت يېقىلىپ قۇرۇپ ۋەيران بولغان . بۇنىڭدىن بىر ئەسىر بۇرۇنقى كىشىلەر ساۋاتسىز بولسىمۇ لوپنۇر ناھىيىسىنى بۆك – باراقسان قلىش ، خەلىققە بەخىت يارىتىپ يۇرىتنى گۇللەندۇرۇش ئىشلىرىنى قلىپ بوشاشتۇرماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن .

چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى ئىككى ئۇكىسى ھاداھاجى بىلەن ساۋۇت شاڭيىنى چاقىرىپ ناھىيىنىڭ يايلاق پاسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان مۇقۇم بولمايۋاتقانلىغىنى ناھىيە ھاكىمىنىڭ يايلاق پاسىلنى ھەل قىلماي كورلا بىلەن لوپنۇر خەلقى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش – تالاش ماجىرا زىدىيەتلەر داۋاملىق يۇز بېرىۋاتقانلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇچ ئاكا – ئۇكا ئۆز يېنىدىن يامبا يىغىش قلىپ 1936- يلى 500 دانە يامبا ئېلىپ قارا شەھەردىكى ئامبالغا سوغا قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بۇلىدۇ .

چوڭ دادىمىز قارا شەھەرگە بېرىش سەپىرىدە چوڭ ئوغلى تۇمۇر بوجاڭ چوڭ ئۇكىسىنىڭ ئوغلى ئاسىم شاڭيى ، كىچىك ئۇكىسىنىڭ ئوغلى ھاشىم شاڭزۇڭ ، چوڭ قىزىنىڭ چوڭ ئوغلى نىياز قارىغا ۋە باشقا يۇز ئابرويلۇق كىشىلەردىن ئۇچ كىشىنى ئېلىپ بىرگە بارىدۇ .

چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى يوغان ھەم بەستىلىك كىشى بولغانلىغى ئۇچۇن ، قارا شەھەر ئامبىلى سېتىۋالدى ھاجىنى كۆرۇپ ھەيران بۇلۇپ سەن لوپنۇردىن قانداق كەلدىڭ ، سىنى ئات قانداق كۇتۇرۇپ كەلدى ، سەن نىمە يەپ بۇنچىۋالا يوغىناپ كەتكەن ئادەم ، مەن سىنى بىر جىڭلاپ باقسام قانداق ؟ دەپتۇ . چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى ماقۇل بۇلۇپ جىڭلىغاندا توپتوغرا 195 كىلوگىرام كىلىدۇ ، بۇنى كۆرگەن قارا شەھەر ئامبىلى ھەيران بۇلۇپ سەن نىمە يەيسەن دەپ سورىغاندا ، دادىمىز مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . مەن داۋاملىق بېلىق يەيمەن ، بېلىقنىڭ بېشىنى يىيىشنى ياخشى كۆرىمەن ، بېلىقنىڭ سۇيىگە ئوماش ئىتىپ ئىچىمەن . ئۇنىڭدىن باشقا نەرسە يىمەيمەن دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . قارا شەھەر ئامبىلى دەرھال باغراش كۆلىدىن يوغان بېلىق تۇتقۇزۇپ كىلىپ مېھمان قىلىدۇ ھەمدە سىلەرنىڭ لوپنۇرنىڭ ئېتى كىچىك ئىكەن دەپ ،قارا شەھەر ئېتىدىن بىرنى ( چىلان تۇرۇق ) سوغا قىلغان ۋە ئىككىسى دوس بۇلۇشقا ۋەدە بېرىپ قول تۇتۇشۇپ ئىشلار ئۇستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە 1936- يلى چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى قارا شەھەر ئامبىلى بىلەن بىرگە لوپنۇر ، كورلا پاسىلنى ئايرىش ئۇچۇن كورلا ھاكىمى ۋە باشقا بىرنەچچە ئادەملەر بىلەن بىرگە يول يۇرۇپ شىنىغا باش ئېڭىزنىڭ شىمال تەرىپىدە بىر بۇلاق بۇلۇپ ، بۇ يەردە دەم ئالغاچ بىر ئاخشام قۇنۇدۇ . بۇ يەرنى ھازىرمۇ شىنىغا خەلقى ئامبال پاڭزا دەيدۇ ۋە بۇ نام  بىلەن ئاتلغان،ئۇلار يەنە لوپنۇرغا كېلىپ دۆڭقۇتان يېزسنىڭ ھاجى توغراق كەنتىدە بىر ئاخشام قۇنۇپ چىگرا مەسىلسنى بىرتەرەپ قىلغان شۇنىڭ بىلەن ھاجى توغراق دىگەن نام شۇنىڭ بىلەن قېلىپ قالغان .

چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجىنىڭ خەلىققە ، يۇرتىغا بولغان مېھرى- مۇھەببىتىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇرلىغىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ . دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى مال – دۇنيا توپلاشنى بىلىدۇ ھەم ئۇنى ئۆز ئورنىغا خەشلەشنى بىلىدۇ ۋە ئۆز يۇرتىدىكى قىيىنچىلىغى ئېغىر ، ئاجىز – ئۇرۇق ، غېرىپ غۇرۋا ، تۇل خوتۇن ، يىتىم ئۇغۇللارنى يۆلەشنى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىپ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ يۇرتىدىكى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان .

چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى ئائىلە باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ ، ئائىلىسىدىكى بىر تۇققان قېرىنداشلىرىنى ئىتىپاقلاشتۇرۇپ تۇرمۇش ئۇچۇن ئۇلارنى ئۇيغۇرلارغا خاس سالاپەتنى ، ئۆرۇپ – ئادەت ، قائىدە – يۇسۇن ، مېھرى – شەپقەت دىگەنلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇپ بىر – بىرى بىلەن ئېناق ، ئىتىپاق ، مېھرىبان قلىپ تەربىيلەپ ، چوڭلار – كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ، كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە چوڭلارنىڭ تۇرلۇك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا بويسۇنىدىغان ، بايلار – ئاجىزلارنى يۆلەيدىغان ئالىجاناپ پەزىلەتنى ئەۋلاتمۇ – ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇشقا يىتەكلىدىگەن .

چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى قىز – ئوغۇللىرىنى ئايرىپ ، قىزلارنى ئايرىم قورو ئىچىدە تەربىيلەپ كىيىم – كېچەكلىرىنى بىر خىل تاۋار دوردۇندىن ئىشتان – كۆينەكلىرىنى ئوخشاش كىيىندۇرەتتى . قىزلارنىڭ چاچلىرىنى ئوششاق ئۆرۇپ ، بېشىغاچىممەن دوپپا كەيدۇرۇپ ، چىرايلىق ياساندۇرۇپ ، ئەل ئىچىدە ھىچقانداق ئادەمگەكۆرسەتمىگەن ، بۇ قىزلارنى كۆرۇش ئۇچۇن مەھەللە ياشلىرى مۇنداق قوشاق توقۇشقان .

بۇ ئىگىز تاملارنى

يامبىۇ بىلەن سالغانمۇ .

كۆرسەتمەيسەن قىزلارنى

ئەلدىن بۇلاپ ئالغانمۇ

سېتىۋالدى ھاجى ئاڭلاپ قوي

بىر كۇنى تويلاپ ئالۇرمەن

كۆرسەتمىگەن قىزلارنى

مەھەللە ياشلىرى قوشاق تۇقۇش ئارقلىق كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇ قىزلارغا ئېرىشەلمىگەن چۇنكى چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى ئۆز ئالدىغا تۇققانلار پەرزەنىتلىرىگە قائىدە يۇسۇن ئورنىتىپ ، ئۇغۇللار باشقا يۇرىت ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ باللىرىغا توي قىلماسلىق ، ئاكا – ئۇكىلارنىڭ باللىرى بىر – بىرى بىلەن تويلىشىش تۇزىمىنى يولغا قويغان ، چۇنكى مال – دۇنيالىرىمىز باشقا كىشىلەرگە ئۇتۇپ كىتىدۇ دەپ ئويلاپ ، ئاخىرى كۆپ زىيان تارىتقان ، تۇغۇلغان باللىرى مىيىپ تۇغۇلۇپ پەرزىنىتلىرى گاچا ، پاڭ ، ئاقساق- چولاق تۇغۇلغان پەرزەنىتلىرىنىڭ ئايالى ئۇلۇپ قالغان ئاخىرى كۆپ زىيان تارتىپ بۇلارنىڭ جەمەتى كۆپەيمەي ئازلاپ كەتكەن . بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ تىگى- تەكتىنى چۇشەنگەندىن كىيىن چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى بىلەن ئۇكىسى ھاداجى كۇچارغا بېرىپ شاۋۇدۇن داموللا ئىسىملىك كۇچاردا داڭقى بار مۆتىۋەر ئادەمنىڭ ئىككى قىزى بۇلۇپ ، بۇ قىزلارنىڭ ئىسمى چوڭى ئايشىخان ، كىچىگىنىڭ ئىسمى ئايسىخان بۇلۇپ ، بۇ ئاچا – سىڭىل ئىككىسىنى سېتىۋالدى ھاجى بىلەن ھاداجى ئاكا – ئۇكا ئىككىسى توي قلىپ توقاللىققا ئېلىپ كىلىدۇ ، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇق – تۇققانلار ئارا تويلىشىدىغان ئىشلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان .

سېتىۋالدى ھاجى كۇچاردىن توي قىلىپ كەلگەندىن كىيىن ئايالىنىڭ ھەر خىل ھۆنەرۋەن ئۇرۇق – تۇققانلىرىدىن سەككىز ئائىللىكنى كۇچۇرۇپ  ئېلىپ كىلىدۇ ، شۇ ئارقىلىق بۇ ھۆنەرۋەنلەر يۇرتىنىڭ بۇلۇپمۇ لوپنۇر خەلقىنىڭ يېڭى ھۆنەرلەرنى ئۆگىنىپ ، تۇرمۇشنى ياخشىلاش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ شۇنىڭدىن باشلاپ سېتىۋالدى ھاجىنىڭ قىز – ئۇغۇللىرى ياقا-يۇرىتتىن ئۆيلىنىدىغان ، قىزلار باشقا يەرگە ياتلىق بۇلىدىغان ئادەت شەكىللەنگەنكەن .

چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى ۋە ئىككى ئۇكىسى ۋە ئۇلارنىڭ باللىرى ، شۇ زاماندىكى بەگ، بوجاڭ ، شاڭيۇ قاتارلىق ئەمەللەرنى تۇتۇپ ، ئادەم باشقۇرۇپ ، ئادەم ئىشلىتىپ ھۆكۇم سۇرگەن . بۇ جەرياندا خەلىقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۇچۇن زورلۇق زۇمىبۇرلۇق قىلغان ، بەزىدە ئادالەتسىزلىك ، شەخىيەتچىلىك قىلىپ باشقىلارنى ئەزگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ يۇرتىنى ئويلاش ئىدىيىسى كۇچلۇك بۇلۇپ ، يۇرتىنى گۇللەندۇرۇشكە كۆپ ئەجىر سىڭدۇرگەن ۋە يۇرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ لوپنۇرنىڭ قورۇلۇش ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىغان .

سېتىۋالدى ھاجى ۋە ئىككى ئۇكىسىنىڭ مال – چارۋىلىرى 40-50 مىڭ تۇياققا يەتكەن ، سېتىۋالدى ھاجى ھەر يىلى ئىككى ئۇكىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆز يۇرتىدىكى پۇقرالارغا قىيىنچىلىغى ئېغىر مىيىپ ، ئاجىز ئۇرۇق ، تۇل خوتۇن ، يىتىم – ئۇغۇللارغا قۇربان ھېيىت ۋە روزا – رامزاندا 2 مىڭ چارۋا تارقىتىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ يىلنى ئامان ئېسەن ئۇتىشىگە ياردەم قىلغان ، ھېيىت بايراملارنى خوشال –خورام ئۇتكۇزۇپ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان .

چوڭ دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى ئۇلۇپ كىتىش ئالدىدا ئۇچ بالىسىغا ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ، ھازىر بار مال – دۇنيانى ئۆزەڭلەرگە يەتكىدەكنى ئېلىپ قېلىپ قالغان قىسمىنى يۇرىتتىكى دېھقانلارغا تەقسىم قلىپ بېرىڭلار، ئۇچ ئوغلىدىن ئېناق – ئىتىپاق ، ئىجىل بىر – بىرىگە يار يۇلەك بۇلۇشنى ئۆز ئىشلىرىغا پۇختا بۇلۇپ خەلىق ئاممىسىنى ھەر ۋاقىت ئىسىدە چىڭ تۇتۇپ ، خەلىقىنىڭ ھەققى دەردىگە يىتىپ يۇرىتنىڭ گۇللىنىشى ئۇچۇن تۆھپە قوشۇش تەربىيەسىنى قالدۇرغان .

دادىمىز سېتىۋالدى ھاجى 1943- يىلى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئۇلۇغ كۆلدە 107 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ، ھازىر 32- تۇەن ئۇلۇغ كۆل دىگەن يەردە گۇمبەز قوپۇرلۇپ يەرلىككە قويۇلغان ھازىرمۇ شۇ ئورۇندا قەبرىسى بار .

1944- يىلى سېتىۋالدى ھاجى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇچ ئوغلى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ شىڭ پىڭ يېزا داشى كەنتىگە كۇچۇپ كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۇرگەن ھازىر 4- ئەۋلات باللىرى ئېناق – ئىتىپاق ، ئىجىل تۇرمۇش كەچۇرمەكتە .

ئەسكەرتىش : يوقارقى دادىمىز سېتىۋالدى ھاجىنىڭ تارىخىنى ئېيتىپ بەرگۇچى نىياز تېپىلدى ، سېتىۋالدى ھاجىنىڭ چوڭ قىزىنىڭ چوڭ ئوغلى بۇلۇپ ، ھايات ۋاقتىدا تارىخ ئېيتىپ بەرگەن ، 1993 – يىلى 98 يېشىدا لوپنۇر داشى كەنتىدە ئالەمدىن ئۆتكەن  .

2008- يىلى 3- ئاينىڭ 16- كۇنى

 

مەنبە:لوپنۇر لېنىيىسى تورى

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif