لوپ چىگىسى ۋە ئۇنىڭ لوپلۇقلار تۇرمۇشىدىكى رولى

 

 

لوپ چىگىسى ۋە ئۇنىڭ لوپ خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئوينىغان رولى

 

ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى

 

(بايىنغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇتۇش-تەتقىقات بۆلىمى)

 

قىسقىچە مەزمۇنى:مەزكۇر ماقالىدا لوپلۇقلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان لوپ چىگىسى،لوپلۇقلارنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يوللىرى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

 

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:لوپ چىگىسى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئەمەلىي رول

 

       لوپنۇر ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي ماكان، لوپنۇرغا كۆمۈلگەن تارىخ ۋە مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئۆزگىچىلىكى ۋە يىتۈكلىكى بىلەن دۆلىتىمىز، شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلمەكتە. لوپنۇردا ياشاپ كەلگەن ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك، مىھماندوست لوپ خەلقى ئاتا-بوۋىلىرى ياشاپ كەلگەن ئانا زىمىننى تەرك ئەتمەستىن قانچىلىك تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا ئىجتىمائىي بېسىملارغا ئۇچىرىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ رايۇندا ياشاپ كەلگەن. لوپنۇر رايۇنىدا نۇرغۇن قېتىم ئېكىسپىدىسيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە لوپنۇر رايۇنى ھەققىدە خېلى كۆپ ئىلمىي ۋە ئەسلىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەرنى يازغان ياڭ نيەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ“تارىخى ماتىرىياللار شۇنى كۆرسەتتىكى، كروران ئېلى ۋەيران بولغاندىن كېيىن لوپ كۆلى بويىدا يەنە بىر بۆلۈك ئاھالە يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلماي ياشاپ كەلدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، تاڭ دەۋرىدىن كېيىن لوپ كۆلى 10 نەچچە ئەسىرگىچە قاراڭغۇ رايۇنغان ئايلىنىپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن يىپەك يولىنىڭ باشقا تارمىقى ئاساسي يولغا ئايلىنىپ، لوپ يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇش رولىدىن قېلىپ، لوپلۇقلاردىن ئىبارەت بۇ كروران ئەۋلادلىرى تاشقى دۇنيانىڭ نەزىرىدىن سىرتتا قالغان.(1)“دەيدۇ.

        دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان لوپلۇقلار تاشقى دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن بىخەۋەر ھالدا ئۈزۇن مەزگىل بېكىك ھالەتتە ياشاپ، تىل ، ئۆرپ-ئادەت ، تىرىكچىلىك يولى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە قويۇق قەدىمىي ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلاپ قالالىدى. غالىپ بارات ئەركنىڭ ”كروراننىڭ سىرى“ ناملىق ئەسىرىدە قەيىت قىلىنغاندەك، لوپلۇقلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرى يوللىرى ياكى تىرىكچىلىك يوللىرى ھەققىدە تېخى سېستىمىلىق تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغىنى يوق.

ئۆزى تۇرۋاتقان رايۇندىكى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئەقىل_پاراسىتىنى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى نامايەن قىلىدىغان مۇھىم بىر ئامىلدۇر. لوپ خەلقى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى تارىم، كۆنچى، چەرچەن دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا  ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدىكى بوستانلىقلاردا ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق ، چارۋىچىلىق ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىپ كەلدى. ھەمدە ئۆزى تۇرۋاتقان رايۇندىكى جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش جەريانىدىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداپ، قيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ كەلدى. لوپ خەلقى ئارىسىدىكى بېلىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا ئائىت ئىجتىمائىي بىلىملەرنىڭ موللىقى، لوپنۇر دىئالىكتىدا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىڭ باشقا رايۇنلارغا قارىغاندا مول ئىكەنلىكى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. مەن مەزكۇر ماقالەمدە لوپنۇر رايۇنىدىكى كەڭ كۆلەمدە ئۆسىدىغان لوپ چىگىسى ۋە ئۇنىڭ لوپ خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى رولى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

1. ئۆسۈملۈكشۇناسلىق نوقتىسىدىن لوپ چىگىسى بىلەن تونۇشۇش

 

ئۆسۈملۈكشۇناسلىق ئىلمىدە لوپ چىگىسى لوپ كەندىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

لوپنۇر كەندىرى ئىلمى نامى ”  Apocynum venetum L “ خەنزۇچە نامى “ 罗布麻 “ ، مورفىلوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى : يېرىم چاتقال، ئىگىزلىكى 2-1 مىتىرغىچە. پۈتۈن قىسمىدا يېپىشقاق قۇيۇق شىرنىسى بار. غولى تىل ئۆسىدۇ، شاخلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، سۇس قىزىل ياكى قىزغۇچ بىنەپشە. يىلتىزى توم، ئۇزۇنلىقى 2-3 مىتىرغىچە كېلىدۇ.يۇپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، بەزىدە نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى قىسقا، يۇپۇرمىقى ئىللىپىسسسىمان تېمىنە شەكىلدە ياكى سوقىچاق شەكىلدە، گىرۋەكلىرى ئۇششاق ھەرە چىشلىق، چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى شاخ ئۇچىدىن ئۆسىدۇ، گۈل تاجىسى سۇس قىزىل، قوڭغۇراقسىمان، ئۇنىڭ ئىچىدە بەش دانە قوشۇمچە گۈلتاجىسى بار، ئاتىلىقلىرى بەش، گۈل تەخسىسىنىڭ چەتلىرىدە نېكتار بەزلىرى بار.چاناقلىق مىۋىسى ئۇزۇن مۈڭگۈز شەكىلدە، ئاچىماق ھالەتتە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. ئۇرۇقلىرىنىڭ سانى كۆپ، چوققىسىدا تۈكچىلىرى بار.لوپ كەندىرى ياۋا چىگە بىلەن ئارلىشىپ ئۆسىدۇ. ئاساسەن، تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى، يەركەن، يۇرۇڭقاش دەريالىرىنىڭ بويلىرىدا ئۆسىدۇ.

 

2. لوپ چىگىسىنىڭ لوپ خەلقى ئارىسىدىكى ئاتىلىشى ۋە ناملىرى

 

بىز يۇقىرىدا لوپ چىگىسىنىڭ ئىلمىي ناملىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتۈق. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆسۈملۈك  لوپ خەلقى ئارىسىدا ”لوپ كەندىرى“ دېگەن نام بىلەن ئاتالمايدۇ. بەلكى ”چېگە، چېگىلەك ”دېگەن ناملار بىلەن ئاتايدۇ. لوپنۇر كەندىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا قويۇلغان نامدۇر. بىر قىسم دىيالىكىت شىۋىلەر تەتقىق قىلىنغان ئەسەر ھەم لۇغەتلەردە لوپ خەلقىنىڭ  ئېغىز ئەدەبىيات ئەسەرلىرىدە ئۇچىرايدىغان“تورقۇ،تورقا“ شەكىللىرىدىكى سۆزنى، بەزىلەر ”لوپ كەندىرى، ياۋا كەندىر ”دەپ ئاتىسا، بەزىلەر ”چىگە ئائىلىسىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك“ دەپ ئىزاھلىغان. تۆۋەندە بۇ سۆزنىڭ بىر قانچە كىتاپلاردىكى ئىزاھلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

غولام غۇپۇر  “ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈگى“دە ”ياۋا كەندىر تالاسى (69-بەت) “ دەپ ئىزاھلىسا؛مۇھەببەت قاسىم ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالىكىت سۆزلىرى تەتقىقاتى“ ناملىق ئەسىرىدە ”لوپنۇر كەندىرى شاكىلىنىڭ يۇمشاق تالاسى(242-بەت)“ دەپ ئىزاھلىغان؛ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەرپىدىن تۈزۈلگەن ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالىكىت ۋە شىۋىلىرى لۇغىتى“ دە ”چېگىلەك تالاسى(81-بەت)“دەپ ئىزاھلانغان؛ مىر سۇلتان ئوسمانۇف ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالىكتى“ ناملىق ئەسىرىدە ”چىگە ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك(شاخ چىقارمايدۇ،ئۈستى تەرىپى چاڭگاك بولىدۇ،سويۇپ تالاسىنى ئالىدۇ،417-بەت)“ دەپ ئىزاھلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ سۆزنىڭ يەنە ”توقى“ دېگەن ۋارىيانتىمۇ بولۇپ، بۇ سۆزنى غۇلام غۇپۇر، مۇھەببەت قاسىم،مويدۇن سايىتلار ”ئاخلانغان چىگە، چىگىنىڭ ئەڭ ئېسىلى“ دەپ ئىزاھلىغان. مېنىڭچە، بۇ سۆزنىڭ لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئىپادىلەنگەن مەنىلىرى ۋە قەدىمكى ئەسەرلەردىكى مەنىلىرىگە قارىغاندا ”تۇرقۇ“دېگەن بۇ سۆز چىگىنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى چىگىدىن ئېلىنغان ئەڭ ئېسىل تالانى ياكى شۇ ئېسىل تالا بىلەن توقۇلغان رەختنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى:

لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى ئاساس قىلىنغان مويدۇن سايىت توپلىغان ”ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى“نىڭ 5-تومىدا  مۇنداق ئىككى كوپلىت قوشاق بېرىلگەن.

تار بويۇڭغا يورگۈلۈپ تورقا پىلا،

ماڭا توزاق قۇرۇپسەن قىلىپ ھىلا.

تېپىپ ئويناي ئۆز دېمەتلىك خىلىمنى،

سەن تەرەپكە كەلمەيمەن ئىللا بىللا.(مەزكۇر كىتاپ38-بەت)

 

سالقىن تېگىپ ئۇيۇمنىڭ تۇياقىغا،

شامال كېلىپ سوغ تەگدى قۇلاغىغا.

ئاكا ماڭا بىر يوغماق توقى بەرگىن،

قويۇۋېتەي يارىمنىڭ سۇلاقىغا.(مەزكۇر كىتاپ51-،52-بەت)

قۇربان باقىر باش مۇھەرىرلىكىدە تۈزۈلگەن جۇڭگۇ خەلق قوشاقلىرى توپلىمى شىنجاڭ تومى ”لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى“نىڭ 300-بېتىدە يەنە مۇنداق بىر پارچە قوشاق بولۇپ:

تاشلار تەگدى ئۇيۇمنىڭ تۇۋاقىغا،

سالامىمنى ئېلىپ كەلدى قۇلاقىمغا.

ئاتا ماڭا بىر مۇگماق تورقا بەرگىن،

سالىۋاتاي يارىمنىڭ سولاقىغا.

بىرىنچى قوشاقتىكى ”تورقا“سۆزىگە مويدۇن سايىت ”چىگىنىڭ بىر خىلى“ دەپ ئىزاھ بەرگەن ، ئىككىنچىسىدىكى ”توقى“سۆزىگە ”ئاخلانغان چىگە“دەپ ئىزاھات بەرگەن. ”لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى“دىن ئېلىنغان قوشاق بولسا، مەزمۇن جەھەتتىن ئىككىنچى قوشاققا ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ”توقى“ سۆزىنىڭ ئورنىغا ”تورقا“دېگەن سۆز ئالماشتۇرۇلغان. ھەمدە بۇ سۆز ”ئىگىز ئۆسىدىغان چىگە“ دەپ ئىزاھلانغان. ئەمدى بۇ سۆز بېرىكىپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ مەنىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق، بىرىنچى قوشاقتىكى ”پىلا“سۆزى ”پىلە“دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ”تورقا“دېگەن سۆز بىلەن بىرگە كېلىشى ئۇنىڭ ”يۇمشاق“خۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ.  يەنە بىرىنچى قوشاقتىكى ”سۇلاغ“ سۆزى ”قىشتا مال سۇغىرىش ئۈچۈن مۇزنى تېشىپ ئېچىلغان جاي“دېگەن مەنىدە بولۇپ، ”يوگماق“ ۋە ”مۇگماق“سۆزلىرى ”بوغماق مەنىسىدىكى سۆزدۇر، قوشاقنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، سۇلاققا سېلىندىغىنى ”چېگە“بولماستىن بەلكى، سويۇۋېلىنغان ، تەييار قىلىنغان ”تورقا“دۇر. چۈنكى، لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى مۇھاببەت قوشاقلىرىدىن مەلۇمكى لوپلۇق يىگىتلەر كۆيۈپ قالغان قىزلىرىنى قىش ۋاقلىرى مال سۇغرىش ئۈچۈن ئېچىلغان سۇلاقلارنىڭ ئەتىراپىدا كۈتۈپ تۇرىدىكەن. ھەم سوغىلىرىنى بېرىدىكەن.يەنە بىر جەھەتتىن بۇرۇنقى لوپلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ لوپ چىگىسىنى پىشىقلاپ ئىشلەش جەريانىدىن قارىغاندا، ”تورقۇ“ سويۇۋىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن تېخىمۇ يۇمشىتىش ۋە ئەۋرىشىم قىلىش ئۈچۈن سۇغا چىلىنىدۇ. لوپلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت نوقتىسىدىن قارىغاندىمۇ،ئۆز-ئارا سوۋغا قىلىندىغىنى چىگىنىڭ ئۆزى بولماستىن بەلكى، ئۇنىڭ تالاسى ياكى رەختىدۇر. غالىپ بارات بىلەن مويدۇن سايىت بوستان تۈزگەن ”ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى لوپنۇر قىسمى“نىڭ 160-بەت ۋە  181-بېتىدىكى قوشاقلار بۇ نوقتىنى تېخىمۇ ئېنىق يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ.

چىراغ ئوخشاش يورۇيدىكەن تەن-بويۇڭ،

ياراشىپتۇ تورقادىن كەيگەن تونۇڭ.

چاكار قىلىپ خىزمەتكە ئالار بولساڭ،

ئۆلگۈچەمدە توشۇيمەن ئوتۇن، سۈيۈڭ.

 

ئارامىغا قويدۇم خۇدانى،

جەمەسى يىتسۇن شۇلارنى.

چىگەكىم بويۇڭغا زايا،

كىيەرسەن تورقا پىلانى.

يۇقىرقى نوقتىلاردىن قارىغاندا، ”تورقا ”سۆزنى ”بىر خىل چىگە، ئىگىز ئۆسىدىغان چىگە ”دەپ ئىزاھلاش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.

ئەمدى ”توقى“ سۆزىگە كەلسەك، مېنىڭچە، لوپنۇر دىئالىكتىكىدىكى ”تورقا“ ۋە ”توقى“سۆزلىرى ئوخشاش بىر سۆز بولۇپ، ”توقى“  سۆزى“تورقا“نىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە شەكىللەنگەن ۋارىيانتى بولۇشى مۇمكىن. مىرسۇلتۇلتان ئوسمانوف ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالىكتى“ ناملىق ئەسىرىدە “ لوپنۇر دىئالىكتىدا سۆز ئوتتۇرسىدا بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن r تاۋۇشى تەلەپپۇزدا ئومۇمەن چۈشۈرۈلمەيدۇ.ناۋادا چۈشۈپ قېلىنسا، ئەدەبىي تىل ياكى قوشنا شىۋىلەرنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن شەكىللەنگەن ھادىسىدۇر(2)“، ”لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ئۆزلەشكەن بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ”ئا،ئە“ تاۋۇشلىرىنىڭ ئورنىغا ”ئى“ تاۋۇشى قوللىنىلغان(3)“دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن. بۇ نوقتا بويىچە ئېيتقاندا، ”توقى“ سۆزى ”تورقا“ دېگەن سۆزدىكى ”ر“ تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە ”ئا“تاۋۇشىنىڭ ”ئى“غا نۆۋەتلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن. چۈنكى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلەردىمۇ بۇ شەكىل كۆپ ئۇچىرىمايدۇ.

ئەمدى ”تورقۇ“دېگەن سۆز ئۇچىرايدىغان قەدىمكى مەنبەلەرگە قارايدىغان بولساق، ئەڭ دەسلەپ ”قەدىمكى تۇرپان تېكىستلىرى“، ”قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرى“، ”قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر“دە، ”ئېدىقۇتتىن تېپىلغان توي-نەزىر خىراجەت خاتىرسى“ قاتارلىق يادىكارلىقلاردا ئۇچىرايدۇ، ”قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى“غا ئائىت لۇغەتلەردە بۇ سۆز ”يىپەك  ياكى دۇردۇن“ دەپ ئىزاھلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ”تۈركى تىللار دىۋانىدىمۇ بۇ سۆز ”تورقا، تاۋار-تورقا“ ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ”تاۋغاچ خاننىڭ تورقىسى تولا، ئۆلچىمەي پىچماس(4)“دېيىلگەن. قۇتادغۇبىلىكتە بولسا“قوڭۇر يەر يېپىندى يېشىل تورقىنى، تاۋغاچ رەختى يايدى قىتان كارۋىنى(5) ”دېگەن مىسىرالارنى ئۇچىرىتىشقا بولىدۇ. دېمەك يۇقىرقىلاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا ”تۇرقۇ ياكى تورقا ”سۆزى تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن سۆز بولۇپ، قەدىمدە“يىپەك، دۇردۇن ”دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرگەن. ئەمدى يېقىنقى مەزگىللەردىكى بىر قىسىم مەنبەلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ”چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى“ نىڭ 167-بېتىدە ”تورقە“ دېگەن بىر سۆز بار بولۇپ، بۇ سۆزگە ”كەتان ناملىق ماتادىن تىكىلگەن قىممەت باھالىق كىيىم“دەپ ئىزاھ بېرىلگەن.ھەمدە ”ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ ”كەتانى كى زەردىن قىلىپ بافتە، ئۇچاسىن سىلاپدۇر تۇتۇپ تەھبەتە“دېگەن ئىككى مىسىرا بېيىتىنى مىسال كەلتۈرگەن. بۇ يەردىكى ”كەتان“سۆزىگە بولسا، ”كانابتىن توقۇلغان كىيىملىك“دەپ ئىزاھات بېرلگەن. ”كاناب“سۆزىگە ”ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە“كەندىر، كەندىر پوستىدىن ئېشىلگەن يىپ ۋە شۇ يىپتىن توقۇلغان رەخت(4-توم511-بەت)“دەپ ئىزاھات بەرگەن.بۇنىڭدىن شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدىكى، ”تورقۇ ياكى تورقا“سۆزى كىيىنكى مەزگىللەردە فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساش جەريانىدا ”تورقە“شەكىلدە ئىشلىتىلگەن بولىشى، بىلدۈرگەن مەنىسىمۇ تەدىرىجى كېڭىيىپ“كەندىر“دىن توقۇلغان سۈپەتلىك رەختلەرنىمۇ كۆرسىتىدىغان بولغان بولىشى مۇمكىن. قەدىمدە ”يىپەك“، ”دۇردۇن“قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرگەن بۇ سۆز نېمە ئۈچۈن لوپنۇر دىئالىكتىدا ”چىگىنىڭ يۇمشاق تالاسى“نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ قالغان. مېنىڭچە، سۆز مەنىسىنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە تەدىرىجى ھالدا ”يۇمشاق چىگە تالاسى ياكى شۇنىڭدىن توقۇلغان رەخت“نىمۇ كۆرسىتىدىغان بولغان بولىشى مۇمكىن. يەنە بىر سەۋەپ، لوپنۇر دىئالىكتىدا قەدىمدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ سۆز دەسلەپتە ئۆز مەنىسى بويىچە ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، يىپەك يولىنىڭ لوپ رايۇنىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكىنىڭ ئۆزۈلۈپ قېلىشى بىلەن لوپلۇقلارنىڭ ئېسىل يىپەك ياكى دۇردۇنلار بىلەن ئۇچىرىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ كىيىم-كېچەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى توقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ”يۇمشاق چىگە تالاسى“نى يىپەك مەنىسىنى بىلدۈردىغان ”تورقۇ“سۆزىنىڭ ئورنىغا دەسەتكەنلىكىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن.  

دېمەك، ھازىر ئىلمىي ھالدا ”لوپنۇر كەندىرى“دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئۆسۈملۈكنىڭ لوپ خەلقى ئىچىدىكى بۇرۇندىن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان نامى ”چېگە ياكى چېگىلەك“ تىن ئىبارەت بولۇپ.“تورقا“سۆزىنى“ئىگىز ئۆسىدىغان چىگە ياكى چىگىنىڭ بىر خىلى“دەپ ئىزاھلاش ئانچە ئەقىلغە ئۇيغۇن ئەمەس.

 

3. لوپنۇر دىئالىكتىدا ساقلانغان لوپ چىگىسىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈكلەر

 

1)تورقا ياكى تورقۇ_ لوپ كەندىرىدىن ئايرىپ ئېلىنغان يۇمشاق تالا.

2)پۇشۇڭ_ چىگىلەكنىڭ قۇرۇپ ياغىچى چىقىپ، پوستى تۈگەپ كېتىپ ئىشلىتىلىشكە مۇۋاپىقلىشىپ قالغان قىسمى.

3)dzawa     _ چىگىدە ۋە يۇڭدا توقۇلغان توقۇلما

4)يەم قىل _ توزغاق بولغان چىگىنى قوشۇپ پىلتە قىلىش

5)پاخما چىگە_ ئىلغانمىغان بېسىلغاق چىگە

6)چېگەلەك_ ياۋا كەندىر، لوپ كەندىرى

7)چېگە_چەكمەن  _ چېگە يىپ بىلەن توقۇلغان سىپتا رەخت. ئازراق يۇڭ ئارلاشتۇرىلىدۇ.

4.لوپ چىگىسىنىڭ لوپ خەلقى ئارىسىدىكى ئىشلىتىلىشى

لوپ چىگىسىنىڭ ئىشلىتىلىش يوللىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچقاندا ئۇنىڭ يىلتىزىدىن تارتىپ،يۇپۇرماق، غول، چېچەك قاتارلىق قىسىملىرىنىڭ لوپ خەلقى تەرپىدىن ماھىرلىق بىلەن قوللىنىلغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ نى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

 

1) تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدۇ

 

بۇ يەردىكى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئاساسەن لوپلۇقلارنىڭ كىيىم_ كېچەك، ئۆي ئىچىگە سېلىندىغان ھەرخىل سېلىنچا ، تويلۇق، ھەمدەپنە بويۇملىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. لوپ چىگىسىنىڭ يۇقىرىدىكى لازىمەتلىكلىرىنى توقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى مۇناسىۋەتلىك تارىخى مەنبەلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.

لوپلۇقلارنىڭ چىگىدىن كىيىم –كېچەك تىكىپ كەيگەنلىكى ھەققىدىكى دەسلەپكى يازما مەنبەلەر چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ”چىڭ سۇلالىسىنىڭ مانجۇ ئەمەلدارى چۈنيۇەن چىنشى 1760-يىلى ئەتىراپىدا ئاقسۇدا ئۈچ يىل تۇرغان،ئۇنىڭ 1764-يىلىدىن بۇرۇن يېزىلىپ، 1777-يىلى كىتاپ ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن ”غەربىي يۇرتتا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمدىن خاتىرە“ ناملىق كىتابىدا، ”ئۇيغۇرلار يۇرتىدىكى دەريالار نەچچە مىڭ يول ئېقىپ شەرقى جەنۇبتا يىغىلىپ لوپنۇر (贺部诺尔 ) غا قۇيۇلىدۇ. …. ئىككى مەھەللە بار. لوپنۇر (贺部诺尔 ) دېيىلىدۇ، ھەر بىر مەھەللىدە تۆت –بەش يۈز ئۆيلۈكتىن ئاھالە بار. بۇلار تېرىقچىلىق قىلمايدۇ، چارۋا باقمايدۇ. بېلىق تۇتۇپ يەپ ھايات كەچۈرىدۇ، چىگىدىن كىيىم كىيىدۇ، ئاققۇ قاتارلىق قۇشلارنىڭ پەيلىرىنى ئىچىگە ئېلىپ قىشلىق كىيىم تەييارلاپ كىيىدۇ(6)“ دېيىلگەن.

1876-يىلدىن 1877-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا لوپنۇر رايۇنىغان كەلگەن روس ئىكىسپىدىسىيىچىسى پرژىۋالىسكى ئۆزىنىڭ ”ئېلىدىن چىقىپ تەڭرىتېغىدىن ئۆتۈپ لوپنۇر كۆلىگە بېرىش “ دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق بايانلارنى يازىدۇ:“ لوپلۇقلار ئۈچۈن يەنە بىر كەم بولسا بولمايدىغان ئۆسۈملۈك لوپ چىگىسىدۇر، گەرچە شۇ ۋاقىتتا قارا قوشۇن كۆلى بويىلىرىدا ياۋا لوپ چىگىسىنى ئانچە كۆپ ئۇچىراتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل لوپ چۆلىكىنىڭ ھەمىلا يېرىدە لوپ چىگىسى بار ئىكەن. ھەر يىلى كۈزدە، كۆل ياقىلىرىغا ئولتۇراقلاشقان لوپلۇقلار توپ-توپ بولۇشۇپ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى قاقاس دالىلارغا بېرىپ ياۋا چىگە ئورىدۇ، ئابدالدىكى لوپلۇقلار لوپ چىگىسىدىن كىيىم –كېچەك ۋە بېلىق تورى توقۇپ ، تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىدۇ(7).“

ياڭ نىيەن ئۆزىنىڭ ”ئەڭ ئاخىرقى لوپلۇق“ناملىق كىتابىدا مۇنداق بىر ئىشنى تىلغان ئالىدۇ: بىر قېتىم بوراندىن دالدىلىنىش ئۈچۈن، پرژىۋالىسكى ئابدال كەنتىنىڭ سىرتىدىكى بىر ئۆيدە بىر كۈن توختاپ ئۆتىدۇ، ئۇ بۇ ئائىلىدىكى بارلىق ئائىلە سەرەمجانلىرىنى مۇنداق خاتىرلىگەن“ توغراق ياغىچىدىن ئۆزى ياسىۋالغان سەرەمجانلار ئىككى قولۋاق، ئىككى دانە ھېجىر ۋە بىر دانە ياغاچ داس، بىردانە ياغاچ چېلەك، بىر نەچچە تال قۇشۇقتۇر.ئائىلىدىكى ھەممەيلەن دېگۈدەك لوپ چىگىسىدىن توقۇلغان كىيىم كىيىۋالغان؛ چارقىلىقتىن سېتىۋالغان تۆمۈر سەرەمجان بولسا، بىر دانە قازان، بىر دانە پالتا؛ ئەر ساھىبخاننىڭ بىر پىچاق، بىر دانە ئۇستىرىسى؛ ئايال ساھىبخاننىڭ بىر دانە يىپ ئىگىرىش چاقى ۋە يىپ ئىگىرىشتە ئىشلىتىدىغان بولقىسى بار“.(مەزكۇر كىتاپ 161-بەت)

لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاكتىپ توپلاپ،رەتلىگۈچىسى ”كروندىكى ئىزچىلار“، ”لوپنۇر ئەسلىمىلىرى“قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ژورنالىست، لوپنۇرشۇناش مويدۇن سايىت بايىنغۇلىن تارىخى ماتىرىياللىرىنىڭ 10-قىسمىغا بېسىلغان ”لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرپ_ئادەتلىرى توغرىسىدا“ ناملىق ماقالىسىنىڭ130-بېتىدە  لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېيىم كېچىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:“…… بەدەننىڭ تۆۋەن تەرپىگە پالاز ئىشتان كىيىدۇ.پالاز ئىشتان ئىچىگە ئەستەر تۇتۇپ كىيىدۇ. ئەستەرلىمىگەن بولسا ئىچىگە چىگە ۋە تورقا تالالىرىدا ئېتىلگەن يالاڭ تامبال كىيىدۇ. بۇنداق كىيىم قىشتا ئىسسىق، يازدا سۆرۈن بولىدۇ. ئاياللار قىشمۇ ياز تورقا تالاسىدا توقۇلۇپ تىكلگەن شايى كۆڭلەك كىيىپ، ئۈستىدىن چىلىتكە كىيىۋالىدۇ. چىلىتكىنى ”ئىجەك“دەيدۇ.(بۇ تۈركىي تىللار دىۋانى“دىكى ئاتىلىشى بىلەن ئوخشاش)“دەپ مەلۇمات بېرىدۇ.

غالىپپ باراتمۇ ”كىروراننىڭ سىرى ”ناملىق كىتابىدا ”لوپلۇقلارنىڭ ئەڭلى“ ھەققىدە توختىلىپ ”لوپلۇقلارنىڭ ئەڭلى لوپ چىگىسىنى خام ئەشيا قىلىدۇ…….قىزلارنىڭ كىيىملىرى 1890-يىللاردا كورلىلىق سودىگەرلەردىن سېتىۋىلىنغان. ئاز بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئۆزلىرى ياسىغان.رەختلىرى قوي يۇڭىدىن ياكى چىگە تالاسىدىن توقۇلغان.كۈزدە ياكى قىشتا چىگىنىڭ غولى يىغىۋىلىنىپ،كالتەكلىنىپ ئاندىن سۇدا قاينىتىپ، يۇيۇپ تالاسى سۈزىۋىلىنغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم قاينىتىلغان ھەمدە چىگە تالاسى تارالغان.يىپ ئىگىرىدىغان چارق بىلەن ئىگىرىلگەندىن كېيىن،ئىپتىدائى توقۇمىچىلىق ئۇسۇلىدا توقۇلغان، موكا بىلەن تارالغاندىن كېيىن سىپتا ھەم نەپىس توقۇلما تەييار بولىدۇ(8)“.

شىڭ پىڭ يېزا داشى مەركىزى مەكتەپنىڭ ئارامغا چىققان  ئۇقۇتقۇچىسى رابىيەم تۆمۈر ”قەدىمكى تەكلىماكان قۇملىقىدىكى ئۇلۇغكۆل ۋە قاراچاشنىڭ ئۆتمۈشى ۋە تەرەققىياتى“ ناملىق ئەسلىمىسىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ لوپ چىگىسىدىن قانداق پايدىلانغانلىقى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بايانلارنى يازىدۇ:

ئاتا بوۋىمىز ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلدە شۇ يۇرىتنىڭ (ئۇلۇق كۆل ، قاراچاش ) ئاساسى بايلىغى بولغان چىگىدىن پايدىلىنىپ يوتقان – كۆرپە ، تاغار ، چاپان ، ئىشتان ، چورۇق توقۇپ كىيگەن يەنى ئۇ جاي قۇرغاق بولسىمۇ تۇزلەڭدە چىگە كۆپ بۇلۇپ ئۇنى چېپىپ ئۇچىنى سىلىق ياغاچ بىلەن ئۇرۇپ توزۇتۇپ باغلاپ بىر قىش ئۇنى سويۇپ باغلاپ سىلىق توخماق بىلەن ئۇرۇپ يۇمشاق ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن چوڭ قازانغا سېلىپ چوڭ توغراقتىن ئالغان يەرلىك توغرىغىغا ئارلاشتۇرۇپ ئوبدان بىر كېچە قايناتقاندىن كىيىن سىلىق ھەم يۇمشاق ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن ئالدى بىلەن قولدا بىر قەدەر خام ئىگىرىپ ئاندىن كىيىن چاختا ئىگىرىپ پىششىق يىپ ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن يۇمىلاق قىلىپ تۇتۇپ ، كەڭرى تۇز جايغا 4- 5 مىتىر ئارلىقتا قوزۇق قېقىپ توقۇيدىكەن . بۇ كەڭرىلىگى 40 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا ئۇزۇن رەخ ھالىتىگە كەلگەندىن كىيىن ئەنلەپ كىسىپ چاپان ، ئىشتان ، يوتقان – كۆرپە ، ئۇزۇن چاپان قاتارلىقلارنى ( ئۆز يپېى )بىلەن تىكىپ كىيىدىكەن .

ھەر قانداق ئائىلىدە قوي بولمىسا چىگە چۇقۇم بۇلىدىكەن ، شۇنداق قلىپ كىيىم – كېچەكنى ئۆزلىرى ھەل قىلىدىكەن ، يەنە پۇخرالار تۇقۇغان چىگە رەختنى چوڭ – چوڭ پالاز تىكىپ كاڭغا سېلىپ ياتىدىكەن . چىگە ، قوي يۇڭىدىن ئىبارەت يەرلىك ئاددى بايلىقتىن خېلى يىللار داۋاملىشىپ كەلگەن.  ماتا ئۇچاغلاردا پاختا تېرىلمىغان بولغانلىغى ئۇچۇن كىيىن سودىگەرلەر خوتەن – قەشقەردىن ئاق – قىزىل ماتا ئەكىلىپ قوي يۇڭىغا ئالماشتۇرۇپ گېلەم تۇقۇپ لوپقا ئەكلىپ سېتىپ بايلار ئۇيىگە سالىدىغان بولغان .

دېمەك، ئەينى ۋاقىتتا لوپلۇقلارنىڭ كىيىم-كېچىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق خام ماتىرىيالى لوپ چىگىسىدۇر.

لوپ چىگىسىنىڭ لوپ خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى ئىككىنچى ئىشلىتىلىش ئورنى ئۇنىڭ يەنە لوپلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىۋارلىق تويلۇق مېلى قاتارىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقىدا كۆرىلىدۇ. بۇنى پىرژىۋالىسكىنىڭ قاراقۇشۇنلۇقلارنىڭ تويى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. يىگىت توي قىلىشتىن بەش يىل بۇرۇن، قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىش قىلىدۇ.ھەمدە قولۋاق، تور، قىسماق، قۇرۇتۇلغان بېلىق، بېلىق يېغى، چىگە يىپ قاتارلىق نەرسىلەرنى قالىن مال قىلىپ ئېلىپ بارىدۇ.  ”گابرېل بونۋالوتنىڭ تەرجىمان ئابدۇللا يۈسۈپ ئ.ەپەندىدىن سورىشىچە، يىگىتنىڭ ئاتىسى كېلىنىگە چىگە ئۆتۈكتىن 10 جۈپ، قۇرۇتۇلغان بېلىقتىن 10 باغلام، بېلىق يېغىدىن بىر سوغا، بىر دانە تۆمۈر قازان، 20-30نان، 50-100 گىچە ياۋا ئۆردەك، بىر دانە چاقماق تاش، بىر دانە قولۋاق سوۋغا قىلىدىكەن(9)“. يەنە توي قىلغان كۈنى قىز-يىگىت تۇرىدىغان ۋاقىتلىق ئۆيمۇ(ساتما) كېيىنكى مەزگىللەردە قوغۇن تاۋۇزنى ئوغرلاردىن قوغداش ئۈچۈن ياسالغان ساتمىلارغىمۇ لوپ چىگىسى ئىشلىتىلگەن.

لوپ چىگىسىدىن ئىشلەنگەن رەختلەر  يەنە لوپلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم –يېتىم ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان دەپنە بويۇمى ھېسابلىنىدۇ.

غالىپ باراتنىڭ چاقىلىق تارىخى ماتىرىياللىرىنىڭ 5-تومىغا كىرگۈزۈلگەن ”لوپلۇقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى ئەھۋاللىرى توغرىسىدا“ ناملىق ماقالىسىدا لوپلۇقلارنىڭ ئۆلۈم_يىتىم ھەقىىدىكى قائىدە يۇسۇنلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا مۇنداق بايانلار بار:

”لوپلۇقلارنىڭ ئۆلۈم يۇسۇنلىرى بىر قانچە خىل بولسا كېرەك، ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىدە ئىسلام دىنغا يات ئادەتلەرمۇ ساقلانغان. مىسال قىلساق، مېيىتنى ئۇلاققا سېلىپ يەرلىكىگە قويۇش، ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن بېلىق تۇتۇش سايمانلىرىنى قەبرە يېنىغا تاشلاپ قويۇشقا ئوخشاش. قارا قوشۇن كۆلى بويىدىكىلەر ئۆلگۈچىنى ئاۋال يۇيۇپ-تارپ كېپەنلەيدۇ، كېپەنلىك ئاق رەختتىن بولىدۇ…… قارا قوشۇن مەھەللىسىدىكىلەر كېپەنلىك رەخت سېتىۋالالمىغانلىقتىن لوپ چىگىسىدىن توقۇلغان رەختنى كېپەنلىك قىلىدۇ.“

دېمەك، كېپەنلىك رەخت، بېلىق تورىغا ئوخشاش دەپنە بويۇملىرىغا يەنىلا لوپ چىگىسىنى خام ئەشيا قىلىپ تەييارلىنىدۇ.

2)ئىشلەپچىقىرىش لازىمەتلىكلىرىنى تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

 

بۇ يەردىكى ئىشلەپچىقىرىش لازىمەتلىكلىرى لوپلۇقلارنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش جەريانىدا يەنى، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق قىلىش جەريانىدا كېرەكلىك بولغان تاغار، گۆلمۈ، مانجار، ئارغامچا قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.لوپلۇق ئۇيغۇرلار لوپ چىگىسىدىن كىيىم-كېچەك كىيىش، پالاز توقۇش، دەپنە بويۇملىرىنى تەييارلاشتىلا پايدىلىنىپ قالماستىن، يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىگىگە كېرەكلىك بويۇملارنى تەييارلاشتىمۇ ئۇنىڭدىن پايدىلانغان.

مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىم نىكولاي فېدوروۋېچ كاتانوف 1891-، 1892-يىللىرى ئارىلىقىدا قىزىلسۇ، تۇرپان، قۇمۇللاردا خەلق ئاغزىدىن يىغقان فولكلور ماتىرىياللىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىردىكى تىل، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ئەھۋالىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا تېپىلغۇسىز قىممەتلىك بىرىنچى قول مەنبە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ”تۇرپان ئۆلكىسى لوپنىڭ بايانى“ دېگەن قىسمىدا مىجىت ئاخۇننىڭ ئاغزىدىن:“…. بۇ لوپلۇقنىڭ ئەر خەلقى قوي بېقىپ، ئىشكار قىلىپ مۇنداق ئىشلارنى قىلادو. خوتۇن خەلقى يىراق جاڭگاللارغا بېرىپ قىزىل چىگە سويۇپ ئاپكېلىپ بۇ چىگىنى سۇغا چىلاپ بىر نەچچە كۈن بولغاندا، ئاندىن ئېلىپ پوستىنى سويۇپ ئالادو. پوستىنى ئېلىپ ئۇششاق-ئۇششاق باغلاپ يەنە سۇغا سالادو. بۇ چىگە سۇدا بەش-ئالتى كۈن تۇرغاندا سېسىپ ئۆزىدىن ئۆزىگە تال-تال بولۇپ ئارىلادو، بۇ چىگىنى ئاندىن خوتۇللەر تۆرت-بېشى بىر يەردە ئولتۇرۇپ، بىر خوتۇن ئىككى قولىغا بىردىن ئىككى تال چۇبۇق ئېلىپ بەش-ئالتى خوتۇن بىر قۇچاق، ئىككى قۇچاق چىگىنى ئوترادا قويۇپ تۆبۈرۈپ ئولتۇرۇپ بۇ چىگىنى سابايدو. ئاندىن بۇ چىگە بىر سائەت بولغاندا يۇمشاق پاختاغا ئوخشاش بولادو. ئاندىن بۇ چىگىنى خوتۇللەر تۆمۈر يىككە يۆرگەپ ئېشىپ، ھەر كۈنىگە شۇنداق تۆرت-بەش يىك ئېگىرىپ بىر كۈللەر  بولغاندا بۇ خوتۇللەر  شۇ چىگىنى ئادەم بېشىدەك، ئادەم بېشىدەك يىگىرمە-ئوتتۇز يۇمغاق قىلادو. ئاندىن مەھەللىنىڭ خوتۇللىرىنى ھەممىسىنى يىغىپ كېلىپ، يەرگە قوزۇق قېقىپ بىر قوي ئۆلتۈرۈپ بىر كۈن بۇ چىرلاغان مەزلىملەرگە ئاش بېرىپ، ئاشنى يەپ بولغاندىن كېيىن ، ئاشنىڭ ئىگىسى ئورنىدىن قوپۇپ قولىنى باغلاپ تۇرۇپ« ئەي مەيماللەر، مەن ئەرتىلىككە تاغار يۈگۈرەدۇرمەن، ئەرتىلىككە ماڭا تاغار يۈگۈرۈشۈپ بېرۈرلەر» دېسە، بۇ خوتۇللەر ئاندىن ئەرتىسى كېلىپ بۇ خوتۇڭغا تاغار يۈگۈرۈشۈپ بېرۈرلەر. بۇ يۈگۈرگەن تاغارنى نەچچە كۈن يۈگۈرسە، ئوتتۇز-قىرىق تاغارلىقنى بىر قېتىمدا يۈگۈرۈب ئالۇرلەر. بۇ يۈگۈرگەن تاغارنى يەنە شۇ خوتۇن خەق توقۇيدۇرلەر. ئىشتان-كۆڭنەك، كىيەتۇرغان يۇڭنىما خوتۇن خەق توقۇيدو. ھەممە تاغار-خۇرجۇن ، پالاز، داستۇرخان توقۇيدۇرغاننى لوپلۇقنىڭ خوتۇن خەلقى قىلادو.(10)“دېگەن بايانلارنى بەرگەن.

غالىپ باراتمۇ ”ئېكىسپىدىتسىيىچى پىرژىۋالىسكى توقۇمىچىلىق ۋە كۆنچىلىك مۇشۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ھېساپلىنىدۇ. مۇندىن باشقا ئاندا-مۇندا تۆمۈرچى، موزدوزلار ئۇچىراپ قالىدۇ دەپ يازغىنىدەك، توقۇمچىلىق (رەخت ۋە پالاز توقۇش) ۋە كۆنچىلىك (تېرە ئاشلاش، تۇماق، ئۈتۈك قاتارلىقلارنى تەييارلاش) ھۈنەرلىرى بولغان. چىگىدىن ئىشلەنگەن تاغارلار ”چىگە تاغار“دېگەن نامدا تاكى 1980-يىللارغىچە ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن(11)“. دەپ يازاغان.

مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالىكتى“ناملىق ئەسىرىدە چوڭ مەھەللىلىك ئىمىنخاننىڭ تاغار توقۇش ھەققىدىكى تۆۋەندىكى بايانلىرىمۇ بۇ نوقتىنى ئىسپاتلايدۇ:

ياۋا چېگەسىنىڭ ئاسسىنداقى باخما چەگەسىنى ئالىپ شونۇ يانچىپ توزغوق قىلامىز، ئۇنۇ ساۋاپ توزغۇق قىلامىز. يەم قىلىپ قالۋا ئېتەمىز.سۇغا سالامىز.ئاپپاق ۋولغاندا چىقىرامىز. يانچىپ سۇغا چايقايمىز.قۇرۇغاندا يۇمۇلاق تۈرۈمىز.ئالتى تال قۇزۇقنى قاقىپ يۇمۇلاقنى تۈزگە چۇۋۇيمىز. داغدا نۇرۇنغا كۈزۈكتەيمىز. ئۇنۇڭغا ئارقاق ئۆتكۈزۈپ سوقامىز. سوققاندا قاراشەك كەپ تۇرادۇ. ئۇنى سوقۇپ بولغاندىن كېيىن كېسەمىز. قىلىچ سالامىز،تاغار ئېتەمىز،داختىدايمىز،ئاغزىنى تۇتۇمىز. بۇنىڭ ۋىلەن تاغار پۈتۈدۇ.(12)

دېمەك، چىگە تالالىرى خام ئەشيا قىلىنغان ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش سايمىنى تاغاردۇر.

بېلىقچىلىق لوپلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك كەسىپلەرنىڭ بىرى. لوپ چىگىسىدىن ئېلىنغان تالالار بېلىقچىلىقتا ئشلىتىلدىغان گۆلمۈ ۋە مانجار توقۇشقا تولىمۇ باپ كەلگەن. مۇيدۇن سايىت بوستان  “لوپنۇر ئەسلىمىلىرى“ناملىق كىتابىنىڭ 172-بېتىدە لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:“ ئۇلارنىڭ بېلىق تۇتۇش ئۇسۇللىرى كۆپ، قۇرال سايمانلىرىنىڭ تۈرىمۇ تولا. بۇلار ”گۆلمە(ياۋاچىگىنىڭ تورقۇ دەپ ئاتىلىدىغان يۇمشاق تالاسىدىن توقۇلىدىغان، ئاسان چىرىمەيدىغان تور)، مانجا (چىگە تالالىرىدا سۈكەن شەكىلدە توقۇلىدىغان ئىپتىدائى بېلىق تۇتۇش سايمىنى)، كېمە، ساچقاق، ئىلغاق، چاڭگاق قاتارلىقلار“.

 لوپلۇقلار لوپ چىگىسىدىن پايدىلىنىپ گۆلمۈ ۋە مانجار توقۇغاندا، ئۇنى ئادەتتىكى ئۇسۇل بىلەنلا ئىشلەتمەستىن بەلكى ئۇنىڭغا بېلىق يېغى ۋە توغراق شۇلتىسىنى قوشۇپ تېخىمۇ ئەۋرىشىم ۋە سۇدا ئوڭاي چىرىمەيدىغان ھالەتكە ئەكەلگەن. بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئەمەلىي تەجىربىلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر ھايات بىر قىسىم يۇرت چوڭلىرىنىڭ كىشىلەرگە ئەسلەپ بېرىشچە ياكى بىر قىسىم ئەسلىمە خاراكتىرلىك ماقالىلەردە بۇ توغرىدا خېلى كۆپ بايانلارنى ئۇچىرىتىش مۇمكىن.

نىياز ئايۇپ ”ئازاتلىقتىن ئىلگىركى لوپ ( دوڭقۇتان ) نىڭ ئومومى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە بايان ”ناملىق ماقالىسىدە لوپنىڭ ئائىلە ھۈنەرۋەنچىلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق بايانلارنى يازغان:

لوپ خەلقى خېلى بۇرۇنلا تۇقۇمچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ  تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن ئىدى. ئىلگىرى  لوپتا چىگە  تولا ئىدى.  چىگىنىڭ  ئېگىز ئۆسكەنلىرىنى تاللاپ ئېلىپ، بوغۇم – بۇغۇم قىلىپ باغلاپ بىرەر كۈن سۇغا چىلاپ يۇمشىغاندىن كېيىن  يۇلغۇن زىق بىلەن يېرىپ، كالتا – كالتا  ئۇشتاپ  ، سويۇپ تۇرقىسىنى ( ئىنچىكە ، ئۇزۇن تالاسىنى ) ئىلىپ ئۇنىڭدىن گۆلمۆ (تور ) توقۇپ، بېلىق تۇتاتتى. تاشقى  قاسىرغىنى ئاغامچى قىلىپ ئىشلەيتتى.  چىگە يىلدىن – يىلغا ئۆسۈۋەرگەندىن كېيىن كونىلىرى ئاپتاپ  چىقىپ ئاقىرىپ كىتىدۇ. بۇنى كىشلەر يىغىپ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ،يۇمشىتىپ شاكىلىنى  چىقىرىۋىتىپ، توزۇغىنى ئېلىپ، ساۋاپ يىپ ئىگىرىپ، پالاز توقۇپ، ئۆيدە  سىلىنچا پالاز، ئاشلىق قاچىلايدىغان تاغا (قاپ ) قىلىپ ئىشلىتەتتى.  ئېھتىياجىدىن ئاشقىنىنى  ئاشلىققا  تىگىشەتتى. قوي بار ئائىلىلەر توزۇققا قوي يوڭىنى ئارلاشتۇرۇپ يىپ ئىگىرىپ  پالاز توقۇيتتى. بۇنىڭ سۈپىتى ياخشى بۇلۇپ، يوقىرى باھادا ساتالايتتى. قوي يوق ئائىلىلەر تۇزۇقتىلا پالاز تۇقۇيتتى. بۇنىڭ سۈپىتى ناچار بولسىمۇ، ئىشلەتكىلى ۋە ساتقىلى بولاتتى. ھەممە ئائىلىلەردىكى ئاياللار ۋە قىزلار پالاز توقۇپ، ئائىلە تۇقۇمچىلىغى بىلەن شۇغۇللىناتتى.

لوپلۇق ئۇيغۇرلار يەنە كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە قوي يۇڭى بىلەن چىگە تالاسىنى ئارىلاشتۇرۇپ چىدامچانلىق ۋە سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى توقۇلمىلارنى توقۇپ ئىشلەتكەن. شېرىپ موسا ”لوپلۇقلارنىڭ يۇڭ توقۇلما ھۈنەر-سەنئىتى“ناملىق ماقالىسىدا بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلارنى يازىدۇ:

“ يۇڭ تۇقلمىلار-يۇڭ يىپ ئارقىلىق توقۇلىدۇ.يۇڭ يىپىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى قوينىڭ دۈمبە يۇڭى ھساپلىنىدۇ.بەزىدە يۇڭ ئازلىق قىلسا پۇشۇڭ قۇشۇلىدۇ.

پۇشۇڭ –بىر قانچە يىل بېسلپ تۇرۇپ،غۇلى چىرىپ كۈكۈمگە ئايلىنىپ كەتكەن چىگىلەك‹لوپنۇركەندىر› نىڭ ئۆزلىگىدىن سويۇلۇپ يىغلىپ قالغان تالالىرى يەنى كونا چىگىدۇر(تور ماقالىسى).

دېمەك، لوپ چىگىسىدىن لوپ خەلقى ئەمەلىي تۇرمۇشتا كىيىم-كېچەك ،ئۆيگە سالىدىغان پالاز،ئاخىرەتلىك كىيىم قاتارلىقلارنى توقۇغان بولسا؛ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرى جەريانىدا بېلىق تۇتۇش سايمانلىرى توقۇش(گۆلمە ۋە مانجار)، تاغارتوقۇشتا پايدىلانغان. تېخى يېقىنقى مەزگىللەرگە كەلگۈچە لوپ چىگىسى لوپنۇر دىھقانلىرىنىڭ قول بىلەن ئورۇلغان بۇغدايلىرىنى باغلايدىغان ”باغلىق“ ئورنىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن ئىدى. لوپ چىگىسىدىن ئايرىلغان تالالارنىڭ چىداملىقلىقى، ئەۋرىشىملىكلىكى ئۇنىڭدىن توقۇلغان توقۇلمىلارنىڭ لوپ خەلقىنىڭ ياشاش شارائىتىغا ناھايىتى ياخشى ماسلىشالايدىغانلىقى ئۇنى لوپ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددىي بۇيۇمغا ئايلاندۇرغان.

3)ئاۋام تىبابىتىدە ئىشلىتىش

لوپ چىگىسى يالغۇز لوپ خەلقىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش لازىمەتلىكلىرىنى تەييارلاشتىكى مۇھىم خام ئەشيا بولۇپلا قالماستىن يەنە، كېسەل داۋالاش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى مۇھىم بىر ساغلاملىق ماتىرىيالىدۇر. گەرچە يازما ماتىرىياللاردا بۇ ھەقتە ئانچە كۆپ مەلۇماتلار قالدۇرۇلمىغان بولسىمۇ، بىزنىڭ ياشقا چوڭ كىشىلەردىن ئاڭلىشىمىزچە، لوپ چىگىسىنىڭ گۈلى، يۇپۇرمىقى، يىلتىزى نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالىيالايدىكەن. ”ئۇلار يەنە چىگىنىڭ يىلتىزىنى ئوتقا قاقلاپ يەيدىكەن(13)“. شائىر بۇغدا ئابدۇلامۇ ئۆزىنىڭ ”تارىم قەدىمىيەتلىرى“ ناملىق كىتابىنىڭ 10-بېتىدە: ”لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سىرلىرىنى بىلىش، تەتقىقات ۋە ھازىرقى زامان ئادەملىرى ئۈچۈن قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولغانلىقىدا گەپ يوق، ئۇلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى تەبىئىي نەرسىلەردىن ئۇزۇق ئېلىشنى بەلگىلىگەن. ئادەتتىكى ئىستىمالدا چىگىنىڭ گۈل ۋە يۇپۇرماقلىرىدىن چاي دەملەپ ئىچىدۇ. يانتاق، بۇيا يىلتىزلىرىنى شورايدۇ، بېلىق ۋە بېلىق مېيىغا ئامىراق كېلىدۇ……“ دەپ يازىدۇ. ھازىرقى زامان ئىلىم پېنىدە لوپ چىگىسىنىڭ دورىلىق قىممىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرلىقى ئىلغار پەن_تېخنىكا ئارقىلىق ئىسپاتلانماقتا. 1976-يىلى 7-ئايدا نەشر قىلىنغان ”شىنجاڭ جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى“ ناملىق كىتاپنىڭ ”141-بېتىدىكى ئىسسىقلىقىنى قايتۇردىغان دورىلار تىزىملىكىدە لوپ كەندىرى(لوپ چىگىسى)نىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بېرىلگەن:

 “ تەبىئىتى: تەمى قېرىقغراق تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل، سەل زەھەرلىك،ئوت ئىسسىقنى قايتۇردۇ، يەلنى بېسىپ،جىگەرنى تىنچلاندۇرىدۇ.كۆڭۈلنى خاتىرجەملەندۈرىدۇ، سۈيدۈكنى ھەيدەپ ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ.

ئىشلىتىلىشى(1) جىگەر ياللۇغى قورساق كۆپۈشكە (2) نېرۋا ئاجىزلىق، باش قېيىش، مېڭىنىڭ سىلكىنىپ كېتىشىدىن كېيىنكى ئاسارىتى.يۈرەك ئېغىش، ئۇيقۇسۇزلۇققا ئىشلىتىلىدۇ.(3) يۇقىرى قان بېسىم، قورساق كۆپۈشتىن بولغان قورساق سۈيى، ئىششىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

مىقتارى: 1-3 مىسقال، قايناقسۇغا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىلىدۇ.قاينىتىشقا بولمايدۇ. ”

لوپ چىگىسىنىڭ كىسەل داۋالاشتىكى بۇ روللىرى لوپ خەلقى تەرپىدىن خېلى بۇرۇنلا بايقالغان بولىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئاساسلىقى، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ ئادەتلەنگەن لوپ خەلقىنىڭ مىجەز تەبىئىتىنىڭ تەڭشىلىشىگە لوپ چىگىسىگە ئوخشاش ئىسسىقنى قايتۇردىغان تەبىئىي دورىنىڭ ماس كەلگەنلكىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بولمىسا،لوپ خەلقى ئىچىدىدىن يۈز ياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ كۆپلەپ چىقىشىمۇ مومكىن بولمايدىغان بىر ئىشتۇر. مانا بۇ ھەممە كىشىنى قىزىقتۇردىغان ۋە ھەيران قالدۇردىغان شىپالىق لوپ چىگىسىنىڭ ئاۋام تىبابىتىدىكى ئىشلىتىلىشى ۋە رولىدۇر.

ھازىر پەن-تېخنىكىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ لوپ چىگىسىنڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى شىپالىق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە.ئۇنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ۋە كېسەل داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك رولىدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىلماقتا.

4) لوپ چىگىسى ۋە ”تارتىشماق ئۇيۇنى“

ئابلىز مۇھەممەد بۆرىيار ئەپەندىنىڭ ”ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى“ناملىق كىتابىدا نامى مۇشۇ خىل ئۇيۇن بىلەن ئوخشاش يەنە بىر ئۇيۇن تۈرى تونۇشتۇرۇلغان. يەنى، ”تارتىشماق“ئۇيۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ”ئۆتۈشمەك“، ”تۈرتۈشمەك“ دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن مەۋجۈت.  بۇ ئۇيۇندا بالىلار بەللىرىگە پوتا ياكى تانا باغلىشىپ تەڭ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.كۈچلۈكرەك بالىدىن بىرسى ئالدىدا تۇرىدۇ.ھەمدە مەلۇم پاسىلنى بەلگىلەپ قويۇپ، ئۇيۇننى باشلايدۇ. كىم پاسىلدىن قارشى تەرەپنى ئۆتكۈزەلىسە، شۇ يەڭگەن بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. مەن بۇ يەردە تونۇشتۇرماقچى بولغان ”تارتىشماق“ئۇيۇنى گەرچە نام جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ، ئويناش ئۇسۇلى،مۇۋاپىق كېلىدىغان ياش باسقۇچى،ئۇيۇنغا كېتىدىغان ماتىرىيال قاتارلىق جەھەتلەردىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. تۆۋەندە بۇ خىل ئۇيۇن تۈرى بىلەن تەپسىلى تونۇشۇپ چىقايلى:

ئۇيۇن ماتىرىيالى:لوپنۇر چىگىسى چېچەكلەپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ چېچەكلىگەن غول قىسىملىرىدا ئادەمنىڭ قورساق قىسمىدىن تۆۋەنكى قىسمىغا ئوخشاش ئاچىماق شەكىلدە بىر نەرسە پەيدا بولىدۇ.بۇ ئادەتتە يەرلىك تىلدا ”تارتىشماق“دەپ ئاتىلىدۇ. ”تارتىشماق“نىڭ غولى سۇس قىزغۇچ  رەڭدە،تۇتاشقان قىسمى بولسا ئادەتتە قېنىق قىزىل رەڭدە بولىدۇ.ئىككى ئاچىمىقىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى تەڭ نىسبەتتە بولۇپ، بەك ئۇزۇنلىرىنىڭ 20 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا، قىسقىلىرىنىڭ 10 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن قىسقىلىرى ئادەتتە ئۈزۈلمەيدۇ. غول قىسمىنى يارسا، ئاق توزۇنداق شەكىلدىكى نەرسە چىقىدۇ.غول قىسمى يۇمشاقراق بولىدۇ. ئىككى غولنىڭ تۇتاشقان قىسمى قاتتىق بولىدۇ.

ئويناش ئۇسۇلى:ئاۋال بۇ ئۇيۇن ئۈچۈن چېگە غولىدىن ”تارتىشماق“تەييار قىلىنىدۇ. ئادەتتە 15-20 تال ئەتىراپىدا تەييار قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن ئىككى ئادەم بىر بولۇپ ”تارتىشماق ئۇيۇنى“نى باشلىسا بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزى چوقۇم يېڭەلەيدۇ دەپ قارىغان تارتىشماقنى تاللاپ، ئۇلارنى كىرىشتۈرۈپ تەڭلا كۈچەپ تارتىدۇ. كىمنىڭ تارتىشمىقىنىڭ ئاچىمىقى يىرىلىپ كەتسە شۇ ئۇتتۇرغان بولىدۇ.بۇنى شۇ تەرىقىدە ئىككى تارتىشماقنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ ئوينايدۇ. چوڭراق بالىلار بولسا، تۆت-بەش ھەتتا ئوندەك تارتىشماقنى كىرىشتۈرۈپ ئاندىن كۈچەپ تارتىدۇ. بۇنى ئۈزۈشكە خېلى كۆپ كۈچ كېتىدۇ. بەزىدە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ بىر قانچە ئادەم تەڭ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئۇيۇندا ئۇتتۇرغانلارغا بېرىلىدىغان جازا بولسا، تارىلىپ كەتكەن قوي پادىلىرىنى يىغىپ كېلىش ياكى زىرائەت تەرەپكە كەتكەن قويلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ كېلىش بولىدۇ.

پايدىلىق تەرىپى: بۇ ئۇيۇننىڭ ماتىرىيالى تەبىئەتتىن ئېلىنغاچقا، بۇنى ياساشقا ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىنمايدۇ. بۇ ئۇيۇن ئارقىلىق قوي بېقىش جەريانىدىكى بىر قىسىم بىر-بىرىگە بەس سېلىشىپ، سوقۇشۇپ قالىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئۇتتۇرغۇچى تەبىئىيلا مەيلى يېشى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، يۇقىردا كۆرسىتىپ ئۆتكەن جازا ئۇسۇللىرىنى شەرتسىز ئورۇندايدۇ. بۇنداق بولمىغاندا بەزى ۋاقىتلاردا بالىلار زىرائەت تەرەپكە ماڭغان قوي ياكى كالىلارنى ”سەن توس“ دېسە ”سەن توس“دەپ بىر بىرىنى بۇيرۇپ، قويلار باشقىلارنىڭ زىرائەتلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. تارتىشماق ئۇيۇنى بىرلىكتە قوي بېقىۋاتقان بالىلار ئوتتۇرسىدىكى ئىناق كەيپىياتنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.بۇ ئۇيۇن يەنە بالىلارنىڭ قول ۋە بېغىشلىرىنى چېنىقتۇرۇش، كۈچىنى ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىپ قارشى تەرەپنى يېڭىش قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىر بۇرۇنقىدەك قويلارنى كەڭ يايلىتىپ باقىدىغان لوپ چىگىلىرى بولۇق ئۆسكەن ئاشۇ جاڭگاللىقلار كىشىلەر تەرىپىدىن تېرىلغۇ يەرلەرگە ئايلاندۇرۋېتىلگەچكە، لوپنۇر چىگىسى ئاشۇ تېرىلغۇ ئېتىزلارنىڭ باش قىسىملىرىدىكى كىچىكىنە يەرلەردىلا بار بولۇپ، بۇرۇنقىدەك يايلاق بولمىغاچقا، قويلارمۇ يوق دېيەرلىك.قوي كۆپ بولمىغاچقا، بىرلىكتە قوي باقىدىغان بالىلارمۇ يوق دېيەرلىك. شۇڭىلاشقا ”تارتىشماق ئۇيۇنى“ھازىر يەرلىك بالىلار تەرپىدىن بارا-بارا ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.

خۇلاسە

دېمەك، لوپ چىگىسى خېلى بۇرۇندىن تارتىپلا لوپنۇر رايۇنىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئېسىل گۆھەرلىك رولىنى ئويناپ كەلگەن. لوپ خەلقىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا، ساقلىقىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان دەرىجىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان. لوپ چىگىسى بىلەن باغلانغان لوپلۇقلارنىڭ ماددىي فولۇكلورى بىز يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. ئەپسۇسكى، بىپايان لوپ دالاسىنى ماكان قىلغان لوپ چىگىسى تۈرلۈك ئىجتىمائى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆلىمى بارغانسىرى ئازلاپ كېتىش، لوپ چىگىسىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلدىغان قول-ھۇنەرۋەنچىلىكنىڭ زامانىۋىي مەدەنىيەت تەرىپىدىن يىيىلىپ كېتىشى بىلەن بۇ گۆھەرنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغان تېخى بىزگە نائىنىق. بۇ ھەقتىكى بىلىمىنىڭ چولتىلىقىغا قارىماي،كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تېمىنى ياخشى يورۇتۇشقا تىرىشتىم.كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدىي پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىزاھلار:

(1) ياڭ نيەننىڭ ”ئەڭ ئاخىرقى لوپلۇق“دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

(2) مىرسۇلتان ئوسمانوف، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالىكتى“، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2006-يىلى 1-ئاي1-نەشرى، 51-،52-بەتلەر

(3) مىرسۇلتان ئوسمانوف، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالىكتى“، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2006-يىلى 1-ئاي1-نەشرى، 31-بەت

(4)مەھمۇد كاشغەرى، ”تۈركىي تىللار دىۋانى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىلى 10-ئاي1-نەشىرى، 1-توم 325-بەت

(5) يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ”قۇتاغۇبىلىك“، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىلى 5-ئاي 1-نەشرى، 53-بەت 68-بېيىت

(6) چاقىلىق تارىخى ماتىرىياللىرى5-توم، ئىلىكتىرۇنلۇق نۇسخا، غالىپ باراتنىڭ ”لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى“ناملىق ماقالە

(7) ياڭ نيەن ”ئەڭ ئاخىرقى لوپلۇق“، بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى، 2010-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى، 161-بەت

(8) (10) (11)چاقىلىق تارىخى ماتىرىياللىرى5-توم، ئىلىكتىرۇنلۇق نۇسخا، غالىپ باراتنىڭ ”لوپلۇقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئەھۋاللىرى توغرىسىدا“ناملىق ماقالە

(9)غالىپ بارات ، ”كروراننىڭ سىرى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2004-يىل 12-ئاي 1-نەشرى، 428-بەت

(12) 11.مىرسۇلتان ئوسمانوف، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالىكتى“، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2006-يىلى 1-ئاي1-نەشرى،368-بەت

(13) غالىپ بارات ، ”كروراننىڭ سىرى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2004-يىل 12-ئاي 1-نەشرى، 422-بەت

پايدىلانغان ماتىرىياللار

1.مويدىن سايىت بوستان ، ”لوپنۇر ئەسلىمىلىرى“، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2003-يىلى 4-ئاي1-نەشرى

2.بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى سىياسىي كېڭەش تارىخى ماتىرىياللار كوممىتىتى تۈزگەن، بايىنغۇلىن تارىخى ماتىرىياللىرى 10-توپلام، مويدۇن سايىت بوستاننىڭ ”لوپلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ_ئادەتلىرى توغرىسىدا“ناملىق ماقالە

3.مويدىن سايىت بوستان، ”ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984-يىلى 2-ئاي1-نەشرى

4.قۇربان باقىر مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن، ”لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى“، 1992-يىلى 7-ئاي1-نەشرى

5.غالىپ بارات ،مويدىن سايىت بوستان تۈزگەن، ”ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى لوپنۇر قىسمى“، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2011-يىلى 9-ئاي1-نەشرى

6.غالىپ بارات ئەرك، ”كروراننىڭ سىرى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىلى7-ئاي1-نەشرى

7.چاقىلىق تارىخى ماتىرىياللىرى5-توم، ئىلىكتىرۇنلۇق نۇسخا، غالىپ باراتنىڭ ماقالىلىرى

8.ياڭ نىيەن ، ”ئەڭ ئاخىرقى لوپلۇق“، بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۈنۋېرسىتىتى نەشرىياتى، 2008-يىلى 10-ئاي1-نەشرى

9.بۇغدا ئابدۇللا، ”تارىم قەدىمىيەتلىرى“، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2011-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى

10.غولام غۇپۇر تۈزگەن ،“ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلىگى“، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986-يىلى 1-ئاي1-نەشرى

11.مىرسۇلتان ئوسمانوف، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالىكتى“، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2006-يىلى 1-ئاي1-نەشرى

12.مۇھەببەت قاسىم قاتارلىقلار يازغان، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالىكىت سۆزلىرى تەتقىقاتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2006-يىلى 10-ئاي 1-نەشرى

13.ش.ئۇ.ئا.ر ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى تۈزگەن، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالىكىت ۋە شىۋىلىرى لۇغىتى“، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى

14.مەھمۇد قەشقىرى، ”تۈركى تىللار دىۋانى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىلى10-ئاي1-نەشرى

15.يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ”قۇتادغۇبىلىك“، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىلى 5-ئاي1-نەشرى

16.ئابلىمىت ئەھەت، دىلدار مەمتىمىن، ”قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى“، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى،1989-يىل 10-ئاي1-نەشرى

17. ئىسمايىل تۆمۈرى، ”ئېدىقۇت ھۆججەتلىرى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى10-ئاي1-نەشرى

18.مۇھەممەدتۇرسۇن باھاۋىدۇن قاتارلىقلار تۈزگەن، ”چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2002-يىلى4-ئاي1-نەشرى

19.مىجىت خۇدابەردى، ئۈمىد خالىق، ”شىنجاڭ ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش، شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىتى نەشرىياتى،1995 –يىل9-ئاي1-نەشرى

20.ش ئۇ ئا ر ئىنقىلابى كوممىتىت سەھىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئۇرۇنلار تۈزگەن، ”شىنجاڭ جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1976-يىلى 7-ئاي1-نەشرى

22. شىرىپ موسا،“ لوپلوقلارنىڭ يۇڭ تۇقۇلما قول-ھۈنەر سەنىئىتى توغرىسىدا“، لوپنۇر لېنىيىسى تورى ماقالىسى

23. نىياز ئايۇپ، ” ئازاتلىقتىن ئىلگىركى لوپ ( دوڭقۇتان ) نىڭ ئومومى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە بايان“، لوپنۇر لېنىيىسى تورى ماقالىسى

24. رابىيەم تۇمۇر،“ قەدىمكى تەكلىماكان قۇملۇغىدىكى ئۇلۇغكۆل ۋە قارا چاشنىڭ ئۆتمۇشى ۋە تەرەققىياتى “ لوپنۇر لېنىيىسى تورى ماقالىسى

مەزكۇر ماقالە بۇ يىل 10-ئايدا لوپنۇر ناھىيەسىدە ئىچىلغان ”تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى“غا ئاتاپ چىقىرىلغان ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.مەزكۇر ماقالىنى رۇخسەتسىز باشقا بېكەتلەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2923

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-02-02
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىلمىي ماقالىلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: