لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىشى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە

 

لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىشى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە

ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى

(مەزكۇر ماقالە 2013- يىلى 9-ئايدا نىڭشىيادا ئېچىلغان جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ 6-نۆۋەتلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان)

قىسقىچە مەزمۇنى:

مەزكۇر ماقالىدە لوپنۇر دىئالىكتىنىڭ چەتئەل ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى، لوپنۇر دىئالىكىت تەتقىقاتىدىكى تۆھپىكار شەخىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى. ھەمدە لوپنۇر دىيالكىتى تەتقىقاتىدىكى بۇندىن كېيىنكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: لوپنۇر دىيالىكتى، تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى، كەلگۈسى تەتقىقات

ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالىكتلىرى ئىچىدە لوپنۇر دىيالىكتى ئىشلىتىلگەن كۆلەم جەھەتتە كىچىك، ئادەم سانى جەھەتتە ئاز بولىشىغا قارىماي خېلى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا دىيالىكىتلاردىن پەرقلىنىپ كەلدى،   بۇ دىيالىكتىنى ئالاقە تىلى قىلىپ كەلگەن يەرلىك  خەلق بولسا، ئۇزۇن مۇددەتلىك بېكىك تورمۇش كەچۈرۈش، باشقا شەھەر ۋە رايۇنلار بىلەن ئانچە كۆپ باردى-كەلدى قىلماسلىق، سۇ ۋە ئوت قوغلىشىپ چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق ئىگىلىكى بىلەن تارقاق ھالەتتە ياشاش جەريانىدا لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالالىدى. ھەمدە بۇ دىيالىكىتقا مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيەت، تارىخ ۋە ئۆرپ –ئادەتلەرنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزۈپ كەلدى.

شىۋىتسىيىلىك سىۋىن ھىدىن لوپلۇق ئۆردەكنىڭ ياردىمىدە تەكلىماكاندىكى سىرلىق شەھەر قەدىمكى كروران شەھرىنى بايقاپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرگەندىن كېيىن، خەلئارادا بىردىنلا لوپنۇر قىزغىنلىقى ئەۋج ئالدى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئېكىپىدىتسىيىچى، تەتقىقاتچى ئالىملار ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ، لوپنۇر رايۇندا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ باردى. لېكىن، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى لوپنۇر رايۇنىغا كۆمۈلگەن قەدىمكى مەدەنىيەت ۋە تارىخنى ئاساسى تەتقىقات ئوبىكتى قىلىپ تاللىۋالغان بولۇپ، ئۇلار لوپنۇر ھەققىدە خېلى كۆپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئەسەرلەردە لوپلۇقلارنىڭ تىلى ھەققىدىكى قىسقا ۋە چولتا بايانلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا،تىلغا ئالغىدەك ئىلمىي ئەمگەكلەر بولمىدى. مەيلى چەتئەللەردە بولسۇن، مەيلى دۆلەت ئىچىدە بولسۇن لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ سېستىمىلىق ھالدا تەتقىق قىلىنىشى يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي قولغا ئېلىندى ۋە بۇ ھەقتە بىر قىسىم ۋەكىل خاركتىرلىك ئەسەرلەر ۋە ئىلمىي ماقالىلەر بارلىققا كەلدى. مەن مەزكۇر ماقالەمدە ئالدى بىلەن لوپنۇر دىيالىكتىكىنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

1.لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ چەتئەللەردىكى تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى

لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالغاندا، دۆلىتىمىز ئىچىگە قارىغاندا چەتئەللەردىكى تەتقىقاتنىڭ خېلىلا بۇرۇن باشلانغانلىقىنى  ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.“ قولىمىزدا بار ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، لوپنور دېئالېكتى توغرىسىدىكى تەتقىقات ئەنگىلىيىلىك ئېكىسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى قەشقەر، يەركەن، لوپنور، لوپ ۋە چارقىلىق قاتارلىق جايلاردىكى تىل ۋە فولكلور تەكشۈرۈشلىرى بىلەن باشلانغان. ئەنگىلىيىلىك فورسىس (Forsyth) ئىسىملىك ئېكىسپېدىتسىيىچى 1871-يىلى 14 كىشىلىك  ئەتىرىتىنى باشلاپ، يەركەن ۋە لوپنور رايونىنى تەكشۈرىگەن ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ‹‹ ياركەنتنى تەكشۈرۈشتىن دوكلاد›› دېگەن نام بىلەن 1875-يىلى ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھرىدە نەشر قىلدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بىر قىسىم ياۋرۇپا ئەللىرىدە لوپنور قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، روسىيە، شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئەتىرەتلىرى لوپنۇرغا ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىغان. لېكىن، بۇ تەكشۈرۈش ئەتىرەتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ كەسپىي سالاھىيەتلىرى ھەرخىل بولغاچقا، يەنە كېلىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىۋاستە، بەزىلىرى ۋاستىلىق تەكشۈرگەچكە، لوپنورلۇقلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى ۋە لوپنور دېئالېكتى توغرىسىدا ئوخشىمايدىغان يەكۈنلەرنى چىقرىشقان. ئالايلۇق،  فورسىس ئۆزىنىڭ دوكلاتىدا : « لوپنورلۇقلار قىرغىزچىنى بۇزۇپ سۆزلەيدۇ، موڭغۇل تىلىنىمۇ ئارىلاشتۇرىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمان تۈركىيلەرنىڭ تىلىدىن پەرقلىنىدۇ».[1] «لوپلۇقلار نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى لوپقا كۆچۈپ كەلگەن قارا قالماقلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كېيىن بارا-بارا باشقا تۈركىي خەلقلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىشىدۇ»[2]دېگەن. فورسىيس ئۆمىكىدىكىلەر لوپنۇر ۋە لوپتا ئۇزۇن تۇرماي،   كۇچا تەرەپكە تېزلا كەتكەن.

ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، رۇسىيلىك ئېكسىپىدىتسىيەچى نىكولاي مىخايلوۋىىچ پرېژىۋالىسكىييНикола́й Миха́йлович Пржева́льский       839-1888)1) ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان 4-قېتىملىق ئېكسىپىدىتسىيسىدە لوپنۇرنىمۇ تەكشۈرگەن. ئۇ «  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 4-قېتىملىق ئېكسېىدىتسىيسىدىن خاتىرلەر» ناملىق كىتابىدا، «لوپنۇر ۋە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تىلى شىنجاڭدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن پەرقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق پەرق لوپنۇر تىلىدا موڭغۇلچە سۆزلەرنىڭ كۆپرەك بولغانلىقىدۇر. بىراق بۇ سۆزلەرنىڭ ئورنىنى چارقىلىق ۋە خوتەن تەرەپلەردىن كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ سۆزلىرى ئىگىلەشكە باشلاپتۇ» دېگەن.[3] ئۇ يەنە مۇنداق بايان قىلغان:«بىزنىڭ تەرجىمانىمىز ئىلىلىق ئىدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، لوپنورلۇقلار گەپنى ناھايتى تېز قىلىدىكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ گېپىنى چۈشىنش تەس ئىكەن، ئۇلار ئۆز-ئارا پاراڭلاشقاندا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە بىر خىل تىلىنى ئىشلىتىدىكەن».[4]

 پرېژىۋالىسكىي«لوپنۇرغا سەپەر»دىگەن كىتابىدا، لوپنورلۇقلارنىڭ ئېتىنىك تەركىبى ھەققىدە  توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بەزىلەر ئۇلارنى موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئالباتنىڭ باشچىلىقىدا ئىلى دەريا ۋادىلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر موڭغۇل كۆچمەنلىرى لوپنۇرلۇقلار ۋە ماچىنلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆز-ئارا سىڭىشىپ كەتكەن دەپ قارايدۇ».[5] پرېژېۋالسكىيدىن باشقا يەنە كاتانوف، ستەيىن، سۋىن ھىدىن قاتارلىقلار لوپنۇر تىلىنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇقۇشسىز بولغانلىقىنى، ئۇنىڭدا موڭغۇلچە سۆزلەرنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇنىڭ ئاقسۇ، تۇرپان شېۋىلىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.“(1)

 چەتئەللىك ئالىملار ئىچىدە لوپنۇر دىيالىكتىنى بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك تەتقىق قىلغان كىشىلەر ئىچىدە رۇسىيىلىك رادلوف، ن.ئى.ئىلمىنىسكى، ئەنگىلىيە ئالىمى روبىرت شاۋ،گىرمانىيىلىك تۈركۈلوگ لېكوك،شىۋىتسىيە ئالىمى گۇننار يارىڭ، يەنە روسىيە ئالىملىرىدىن تېنىشىف، باسكاكوف، مالوف ،ياپۇنيەلىك تىلشۇناس توئورو ھاياشى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئەمما، مەخسۇس لوپنۇر دىيالىكتىغا ئائىت ئەسەر يازغىنى  ھەم لوپنۇر دىيالىكتىنى تۇنجى بولۇپ تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەكشۈرگىنى پەقەت روسىيەلىك ئالىم مالوف بولدى.س.ي.مالوف  1914-يىلى بىرىنچى بولۇپ لوپنۇر دىئالىكتىنى تەكشۈردى. ئۇنىڭ 1956-يىلى سوۋىت پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان ”لوپنۇر دىيالىكتى“ ناملىق ئەسىرى لوپنۇر دىيالىكىت تەتقىقاتىدىكى تۇنجى ئىلمىي ئەسەر بولۇپ قالدى. ئۇ يەنە 1961-يىلى توپلىغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدا ”شىنجاڭ ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىتلىرى“ ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى.

 مالوفتىن باشقا يەنە تېنىشىفمۇ ”شىنجاڭ ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىتلىرى (1963-يىلى) ”،“ئۇيغۇر تىلى دىئالىكىتلىرىنى ئايرىش پىرىنسىپى(1974-يىلى)“، ”ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالىكىت لۇغىتى (1990-يىلى)“ قاتارلىق ماقالە-ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدى. ئۇ ”شىنجاڭ ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىتلىرى توغرىسىدا“ ناملىق ماقالىسىدا لوپنۇر دىيالىكتىنى ”ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەرقىي دىيالىكتى ياكى لوپنۇر دىيالىكتى“ دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا قىسقىچە تۇنۇشتۇردى. ئۇ 1963-يىلى يازغان ”شىنجاڭ ئۇيغۇر تىلى دىئالىكىتلىرى“ ناملىق ماقالىسىدە ئەينى ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالىكىتلىرى ھەققىدىكى كۆزقاراش ۋە تەتقىقاتلارنى يىغىنچاقلاش، تەھلىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق“ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا مەركىزىي دىيالىكىت، خوتەن دىيالىكتى، لوپنۇر دىيالىكتىدىن ئىبارەت ئۈچ دىيالىكىت بار“دېگەن قاراشنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرغا قويدى.

ئۇنىڭدىن باشقا سوۋىت ئىتتىپاقىلىق ئاسانىيىف 1964-يىلى ”لوپنۇر تىلى گرامماتىكىسىدىن ساۋات“ ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. شېۋىتسىيىلىك مەشھۇر ئالىم گۇننار ياررىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىيچە يەر ناملىرى ــــ لوپنۇردىن تارىمغىچە»ناملىق ئەسىرىدە يەر ناملىرىدىكى فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرنى تەھلىل قىلىپ، لوپنۇر دېئالېكتىنى «شەرقتىكى تۈركىي تىلىنىڭ ئايرىم بىر شەكلى، ئۇ موڭغۇل تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن»دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى. يۇقىرقىلار لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ چەتئەللەردىكى  ئاساسلىق تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىدۇر. يەنە بىر نوقتىدىن ئېيتقاندا، بىز باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تەتقىقاتچى، ئالىملار ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ مەلۇم بۆلەكلىرىدە لوپنۇر دىيالىكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى قالدۇرغان بولىشى مۇمكىن. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. بۇ كېيىنكى تەتقىقاتلاردا بىز ئۇرۇنۇپ كۆرىدىغان مۇھىم مەسىلىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.

2. لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى

”ئۇيغۇر دىيالىكىتلىرى ھەققىدىكى سېستىمىلىق تەتقىقات دۆلەت ئىچىدە 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ رەسمىي قولغا ئېلىندى.

1955-يىلى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كوممىتىتى ۋە جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى تەتقىقات ئورنى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى ۋە شىنجاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى تەتقىقاتچىلاردىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ تەكشۈرۈش ئەتىرىتى ئۇيغۇر تىلىنى ئېلى، قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق ئۈچ نوقتىدا تەكشۈردى.ھەمدە مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكىلاتى تەييارلىنىپ، ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىتلىرىنى غەربىي شىمالىي دىيالىكىت، خوتەن دىيالىكتى، لوپنۇر دىيالىكتىدىن ئىبارەت ئۇچ تۈرگە ئايرىدى. 1956-يىلى يۇقىرقى ئورۇنلار يەنە 700 كىشىدىن تەركىب تاپقان يەتتە تىل تەكشۈرۈش ئەتىرىتى تەشكىللىدى.بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى تەكشۈرۈش گۇرپىسىنىڭ 6-ئەتىرىتى شىنجاڭ، گەنسۇ،چىڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي تىللارنى ۋە شىنجاڭدىكى تاجىكلارنىڭ تىلىنى بىردەك تەكشۈردى. ئۇيغۇر تىلى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرسىدە 53 نوقتىدا تەكشۈرۈلدى. بۇ ئىككى قېتىملىق تىل تەكشۈرۈشكە دۆلىتىمىزدىن لى سىن ئەپەندى بىلەن سوۋىت ئىتىپاقى تۈركىلوگى، مۇتەخەسىس تېنىشىف يىتەكچىلىك قىلدى. مىر سۇلتان ئوسمانوف، ئىمىن تۇرسۇن، ئامىنە غاپپار، غەنىزات غەيرۇرانى، ئابلىز ياقۇپ، غاپپار مۇھەممەد، مەھمۇد زەيدى، چىن زۇڭجىن، ئابدۇرشىت سابىت، ئەنسەرىدىن موسا قاتارلىق ئالىم مۇتەخەسىسلەر قاتناشتى. تەكشۈرۈش ئەتىرىتى پروفىسور لى سېن قاتارلىقلار تۈزگەن ”دىيالىكىت تەكشۈرۈش پروگراممىسى“ ۋە ”سۆزلۈك جەدىۋىلى“نى بىر تۇتاش ئىشلەتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى ئىستىل تۈزىتىش ۋە ئوڭچىلارغا قارىشى ھەرىكەت تۈپەيلى بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى خۇلاسىلانمىدى ۋە ئېلان قىلىنمىدى. توپلانغان بىر قىسىم ماتىرىياللار مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا يوقاپ كەتتى(2)“.  مىرسۇلتان ئوسمانوف ئۆزىنىڭ ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالىكتى“ ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا ئەپسۇسلانغان ھالدا ”لوپنۇر دىيالىكتىنى تەكشۈرگىنىمگە 44 يىل بولدى، تەكشۈرۈلگەن ماتىرىياللار شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا تاپشۇرۇلغان ئىدى، بۇ ماتىرىياللار مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ۋەيرانچىلىققا ئۇچىرىدى،ئۇنى كېيىن ھېچيەردىن ئىزدەپ تاپقىلى بولمىدى“ دەپ يازىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى تەكشۈرۈشتىن قالغان بىردىن بىر ئىزنا 1962- يىلى ۋە 1963-يىللىرى مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى ۋېي سۈييى خانىم بىلەن بىرلىشىپ ”ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر دىيالىكتى“دېگەن ماقالىدۇر.ئۇلار شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىتلىرىنى شىمالىي دىيالىكىت، غەربىي جەنۇپ دىيالىكتى ۋە لوپنۇر دىيالىكتىغا ئايرىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويغان.شۇنىڭدىن كېيىن مىرسۇلتان ئوسمانوف 1982-يىلى ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى“ناملىق ماقالىسىنى؛ 1984-يىلى مىھراي ياقۇپ ”لوپنۇر شىۋىسىدىكى ئىسىملارنىڭ كۆپلۈك شەكلى توغرىسىدا تەھلىل“ناملىق ماقالىسىنى؛1985-يىلى گاۋشىجىي ”فونىتىكا نوقتىسىدىن لوپنۇر دىيالىكتىكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە نەزەر“ ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ لوپنۇر دىيالىكتى تەتقىقاتىنىڭ دەسلەپكى ھۇلىنى سېلىپ بەردى، مىرسۇلتان ئوسمانۇف 1989-يىلى يەنە ئۆزىنىڭ ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر دىيالىكىتلىرى“ ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ ئەسىرىنىڭ 174- بېتىدىن 189-بېتىگىچە بولغان مەزمۇنلاردا دەسلەپكى قەدەمدە لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇردى. ھەمدە ئەسەر ئاخىرىغا لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن پارچىلارنى بەردى. 1989-يىلى غولام غۇپۇر“ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈگى“نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ كىتابىدا لوپنۇر دىيالىكتىغا كىرىدىغان 223دانە سۆز ۋە ئۇلارنىڭ ئىزاھىنى بەردى. بۇ لوپنۇر دىيالىكتىنى ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن تەتقىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن ياخشى بىر پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولدى. مىرسۇلتان ئوسمانوف 1999-يىلى مەخسۇس لوپنۇر دىيالىكىت تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالىكتى(خەنزۇچە)“ناملىق ئىلمى ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. ھەمدە لوپنۇر دىيالىكىتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىر قەدەر سېستىمىلىق ھالدا شەرھىيلەپ بەردى.بۇ ئەسەر مەملىكەت ئىچىگە نىسبەتەن لوپنۇر دىيالىكتى مەخسۇس تەتقىق قىلىنغان تۇنجى چوڭ ھەجىملىق ئەسەر بولۇپ قالدى. 2000-يىلى فۇماۋجى، ھاشىم توختى قاتارلىقلار ”ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر تەلەپپۇزى ھەققىدە تەتقىقات“ ناملىق مەخسۇس ئەسەرنى ئېلان قىلدى. 2006-يىلى 3-ئايدا مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەسھۇلى بولغان ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالىكتى“ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. 2006-يىلى 10-ئايدا مۇھەببەت قاسىم قاتارلىقلار ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىت سۆزلىرى تەتقىقاتى“ ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى.  2007-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەرپىدىن تۈزۈلگەن ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالىكىت ۋە شىۋىلىرى لۇغىتى“ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ لۇغەتكە لوپنۇر دىيالىكتىغا كىرىدىغان 570 تىن ئارتۇق سۆز كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچە لوپنۇر دىيالىكتىغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈك سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر پايدىلىنىش قۇرالى بولۇپ قالدى.

لوپنۇر دىيالىكتى ھەققىدىكى تەتقىقات يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەندى. يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەردىن باشقا يەنە تىل ۋە تەرجىمە قاتارلىق ئۇيغۇرچە ژورناللاردا لوپنۇر دىيالىكتىغا مۇناسىۋەتلىك خېلى كۆپ ماقالىلار ئېلان قىلىندى. بۇلاردىن:

ئابلىكىم رېھىم ”لوپنۇر خەلقى ئارىسىدىكى ئىدىئوملارغا ئىزاھات (تىل ۋە تەرجىمە 1988-يىل2-سان)، ياسىن ئاسىم ”لوپنۇر شىۋىلىرىدىن (بوستان ژورنىلى 1988-يىل3-سان)“، ئابدۇرېھىم ئابلىز ”لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدا ئۇچىرايدىغان دىيالىكىت تەركىبلىرى توغرىسىدا(تىل ۋە تەرجىمە2000-يىل5-سان)“، زۇلپىيە ئابدۇل“ئۇيغۇر لوپنۇر قوشاقلىرىدىكى دىيالىكتىكىلىق تەركىبلەر(شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى 2001-يىللىق 3-سان)“ ماھىرە ھاجىئەكبەر ”ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالىكتىكىنىڭ لېكسىكىسىغا بولغان تەسىرى(تىل ۋە تەرجىمە،2003-يىل 4-سان)“، زۇمرەت غاپپار ”لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى ئىپادىلىرى توغرىسىدا(تىل ۋە تەرجىمە 2004-يىل2-سان)“، ئابدۇنەزەر ئابدۇللا ”لوپنۇر دىيالىكىت سۆزلىرىدە ئەكىس ئەتكەن قىسمەن مەدەنىيەت ئامىللىرى( تىل ۋە تەرجىمە2008-يىل 4-سان)“، ئابلىز ئوسمان ”لوپنۇر شىۋىسىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسى توغرىسىدا (تىل ۋە تەرجىمە 2008-يىللىق 4-سان)“ ، ئەلى ئەمەت ”لوپنۇرلۇقلار ۋە لوپنۇر شىۋىسىدىكى بىر قىسىم شىۋە سۆزلىرى توغرىسىدا(تىل ۋە تەرجىمە 2010-يىل 2-سان)“كېرەم سۇلايمان ”لوپنۇر دىيالىكتىدىكى چارۋېچىلىقتا قوللىنىلۋاتقان بەزى ئىسىملا توغرىسىدا ئىزاھات“ (لوپنۇر تارىخىي ماتىرىياللىرى 8-قىسىم،2012-يىلى)قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا،2012-يىلى 10-ئايدا لوپنۇر ناھىيەسىدە ئېچىلغان ”تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇر مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى“دا يەنە لوپنۇر دىيالىكىت تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە پارچە ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەمدە مەزكۇر يىغىنغا ئاتاپ چىقىرىلغان ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى. بۇلازدىن ئارسلان ئابدۇللا تەھۇرنىڭ ”لوپنۇر دىيالېكتىدا ساقلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەركىبلىرى“،  ئابلىكىم ئابدۇرەشىدنىڭ ”ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالىكتىدىكى قەدىمكى تەركىبلەر“، كۆرەش تايىرنىڭ ”لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە“، ئابدۇرېھىم راخماننىڭ لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ لېكسىكىلىق قاتلىمى“، مۇھەممەد ئابلىز بۆرىيارنىڭ ”لوپنۇر شىۋىسى بىلەن <تۈركىي تىللار دىۋانى>دىكى ئايرىم سۆزلەرنىڭ يېقىنلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە“، ھاشىم تۇردىنىڭ ”لوپنۇر شىۋىسىنىڭ تەتقىقات قىممىتى ھەققىدە(خەنزۇچە)“ ،ئابلىز ئوسماننىڭ ”لوپنۇرلۇقلارنىڭ دېھقانچىلىق ،چارۋىچىلىق ۋە تىل مەدەنىيىتى توغرىسىدا“قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

خەنزۇ تىل يېزىقىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلاردىن مىھراي خانىمنىڭ ”ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر شىۋىسىدىكى ئىسىملارنىڭ كۆپلۈك شەكلى توغرىسىدا“( مىللەتلەر ئەدەبىياتى 1984-يىل 1-سان) ، ”ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر شىۋىسىدىكى ئىسىملاردىكى ئىگىلىك كېلىش ۋە چۈشۈم كېلىش“ (مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى 1991-يىلى 4-سان) ۋە ”ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر شىۋىسىدىكى پېئىل خاراكتىرلىك خەۋەرلەر توغرىسىدا“(شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى1992-يىل2-سان)، گاۋ شىجىينىڭ ”فونىتىكا نوقتىسىدىن لوپنۇر دىيالىكتىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىر نەزەر“(شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى 1985-يىل5- سان)، جۇ خەيلى ”ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر شىۋىسىدىكى بىر قىسىم ئالاھىدە سۆزلەر“ (مىللەتلەر ئەدەبىياتى 1999-يىل4-سان)، جىياڭ پېيچۈن ”ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر شىۋىلىرى تەتقىقاتى ناملىق كىتاپ ھەققىدە“(شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمى ژورنىلى 2002-يىل2-سان)، لى فېي ”ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر دىيالىكتى تەتقىقاتى“ (جۇڭگۇ كىتاپچىلىق يىنامىسى )، ئالى رەخمەت ”لوپنۇر دىيالىكتىدىكى سۆزلەردىن لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېكىلوگىيىلىك مەدەنىيەت قارىشىغا بىر نەزەر“ (ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئامبىرى ژورنىلى 2008-يىللىق 11-سان)، سىخاۋات ”ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر دىيالىكتى بىلەن مۇڭغۇل ئۇيرات دىيالىكتى سۆزلىرى ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقاتقا باھا“(ئەدەبىيات ئوقۇتىشى 2011-يىل4-سان)قاتارلىقلارنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ.

بۇلاردىن باشقا يەنە  مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئاسپىرانتلار لوپنۇر دىيالىكتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ، لوپنۇر دىيالىكتى تەتقىقاتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ئۈچۈن موھىم تۆھپىلەرنى قوشماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە لوپنۇر دىيالىكتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىدىن بىر قانچىنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ:

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ماگىستىر ئاسپىرانتى ماھىرە ھاجىئەكبەرنىڭ ”ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالىكتى توغرىسىدا(1997-يىلى)، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۈنۋېرسىتىتى ماگىستىر ئاسپىرانتى ئالى رەخمەتنىڭ ”لوپنۇر دىيالىكتى سۆزلۈكلىرى ھەققىدە تەتقىقات(2006-يىل 5-ئاي)، ئونۇر چېچىكنىڭ ”لوپنۇر دىيالىكتى بىلەن مۇڭغۇل ئۇيرات دىيالىكتى سۆزلىرى ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات“(2005-يىلى6-ئاي)، يەنە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى ماگىستىر ئاسپىرانتى سىخاۋاتنىڭ“لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى شۇنداقلا دىيالىكتىدىكى موڭغۇلچە سۆزلەر ھەققىدە تەتقىقات“ (2011-يىل) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

4.لوپنۇر دىيالىكىت تەتقىقاتىدىكى تۆھپىكارلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى

لوپنۇر دىيالىكىت تەتقىقاتغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر خېلى كۆپ، بىز تۆۋەندە بۇ ساھەدە يىرىك ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، لوپنۇر دىيالىكىت تەتقىقاتىنى يوقلىقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن ھەم چوڭقۇرلاشتۇرغان تەتقىقاتچىلار بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىمىز.

1)س.يى.مالوف. مالوف (1957-1880) سابىق سۆۋىت ئىتىپاقىلىق داڭلىق تۈركۈلۈگ. ئۇ 1880-يىلى1-ئاينىڭ 16-كۈنى قازاندا تۇغۇلۇپ، 1957-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇ 1904-يىلى سانپېتىربورىگ ئۇنۋېرسىتىنىڭ شەرقشۇناسلىق فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئالى مەكتەپتىكى چېغىدىلا روسىيەلىك داڭلىق تۈركۈلوگ، ئاكادىمىك رادلوف باشچىلىقىدىكى روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى تۈركۈلوگىيە تەتقىقات گۇرپپىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، قەدىمكى تۈرك تىلى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا بىلىدىغان جوڭگۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە گەنسۇدىكى يۇغۇر تىللىرىغا قىزىقىپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا سوۋىت ئىتىپاقى 1915-يىلدىن 1919-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى قېتىم شىنجاڭ ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىگە تىل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتكەن. مۇشۇ گۇرپپىلاردا مالوفمۇ بار بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇن بىرىنچى قول ماتىرىيالارغا ئېرىشكەن. 1916-يىلى تۈرك ئەدىبىياتشۇناسلىقى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1917-يىلىدىن كېيىن قازان، لېنىنگىراد، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە  تۈرك ئەدەبىياتشۇناسلىقى بويىچە ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1934-يىلى سابىق سوۋىت ئىتىپاقى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە ئىشلىگەن. 1939-يىلى ئاكادىمىك بولغان. ئۇ ئۆمىرىدە 150 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان بولۇپ، قەدىمكى تۈرك تىلى ۋە يۇغۇر تىلى تەتقىقاتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە 1956-يىلى ئېلان قىلغان ”لوپنۇر دىيالىكتى“ ناملىق ئەسىرى لوپنۇر دىيالىكىت تەتقىقاتىدىكى تۇنجى مەخسۇس ئىلمى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ  1914-يىلى ئىككىنچى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە، لوپنۇر رايۇنىدىمۇ (ئاساسلىقى چاقىلىق ۋە مىرەننى تەكشۈرگەن) تىل تەكشۈرۈش پائالىيەلىرىنى ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ جەرياندا ئېرىشكەن بىرىنچى قول ماتىرىياللىرى ئاساسىدا ”لوپنۇر دىيالىكتى“ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىققان بولۇپ، 197بەتلىك بۇ ئەسەردە لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ لېكسىكىسى، خەلق قوشاقلىرى، چۆچەكلىرى رۇسچە تەرجىمىسى بىلەن بېرىلگەن. بۇ بىرىنچى قول ماتىرىياللار كىيىنكىلەرنىڭ لوپنۇر دىيالىكىت تەتقىقاتى ئۈچۈن مۇھىم ماتىرىيال مەنبەسى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش ۋە رەتلەشتىمۇ مۇھىم ماتىرىيال سۈپىتىدە پايدىلىنىلغان. گەرچە مالوفنىڭ بۇ ئەسىرىدىكى ماتىرىياللار تەكشۈرۈش كۆلىمى جەھەتتە ئىككى جاي بىلەن چەكلەنسىمۇ، ھەم ئۇ بۇ ئەسىرىدە لوپنۇرلۇقلار ۋە لوپنۇر دىيالىكتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىدا قىسمەن بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى يەنىلا لوپنۇر دىيالىكىت تەتقىقاتىدىكى تۇنجى ھەم بىر قەدەر سېستىمىلىق ئىلمى ئەمگەكتۇر.

2)مىرسۇلتان ئوسمانوف. ئۇيغۇر دىيالىكىت تەتقىقاتىدىكى كۆرىنەرلىك نەتىجىلىرى بىلەن ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن تىل تەتقاتچىلىرىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ لوپنۇر دىيالىكتى ھەققىدىكى نەتىجىلىرى ھەقىقەتەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. مىرسۇلتان ئوسمانوف ئاكا 1962-يىلى ۋېي سۈييى خانىم بىلەن ”ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر دىيالىكتى“ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن تارتىپ، ئىزچىل ھالدا لوپنۇر دىيالىكىت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەردىن ئېرىشكەن قىممەتلىك ماتىرىياللىرى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا يوقاپ كەتتى.شۇنداق بولسىمۇ ئۇ قولىدا ساقلىنىپ قالغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدا 1982-يىلى يەنە قايتىدىن قولىغا قەلەم
ئېلىپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلىدا ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى“ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە لوپنۇر دىيالىكتى ھەققىدە دەسلەپكى قەدەم چۈشەنچە بەردى. ئۇ 1989-يىلى  ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىتلىرى“ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. ھەمدە لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تونۇشتۇردى. شۇنداقلا كىتاپ ئاخىرىغا لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن بىر قىسىم ئۆرنەكلەرنى بەردى. 1999-يىلى 6-ئايدا مەخسۇس لوپنۇر دىيالىكتى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالىكتى(خەنزۇچە)“ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. ھەمدە مەملىكەت ئىچىدىكى لوپنۇر دىيالىكتىغا قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇردى. بۇ ئەسەردە لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ فونتىكىلىق ۋە گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى بىر قەدەر تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ھەمدە ئەسەر ئاخىرغا خەلقئارالىق ترانسكىرپىسىيىسى بىلەن خېلى كۆپ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەرنى بەردى. خەلقئارالىق ترانسكىرپسىيە بىلەن بېرىلگەن بۇ ئۆرنەكلەر تىلشۇناسلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئەڭ موھىمى لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ فونىتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تۇنجى بولۇپ، ئۆلچەملىك تەلەپپۇز بىلەن ئىپادىلەپ ئەسەرنىڭ ئىلمى قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. 2006-يىلىغا كەلگەندە ئۇ لوپنۇر دىيالىكتىنى  يەنىمۇ بىر قەدەم چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغان ئىلمىي ئەسىرى ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالىكتى(ئۇيغۇرچە)“نى ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى قىسمىدا لوپنۇر دىيالىكتىغا باغلاپ تۇرۇپ، لوپنۇرلۇقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئىلمىي قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويدى. ئاكادىمىك مالوف ”لوپنۇر دىيالىكتى“ناملىق ئەسىرىدە كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەرگە ئىلمى پاكىتلىرى بىلەن چۈشەنچە بەردى. ئۇ بۇ ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا بۇ ئىلمىي ئەمگەكنىڭ يېزىلىش زۆرۈريىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:“ قولۇمدا قالغان بىر قىسىم بىرىنچى قول ماتىرىياللار بىلەن 80-يىللاردا لوپنۇر دىيالىكتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغانىدىم.كېيىن ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىتلىرى“ دېگەن ئەسىرىمدىمۇ بۇ توغرلىق بىر قۇر توختىلىپ ئۆتكەن. لېكىن بۇ ئەمگەكلەر لوپنۇر دىيالىكتىدەك مۇنداق بىر مۇھىم دىيالىكىتنى تولۇق بايان قىلىپ بېرەلمەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، ئەسلىدە پروفېسسور س.يې.مالوف تەرپىدىن لوپنۇر دىيالىكتىغا ئائىت ئېلان قىلىنغان ماتىرىياللار لوپنۇرنىڭ ئاساسي مەھەللە پونكىتلىرىدىن ئېلىنغان بولسا، بۇ ئەسەرنى يېزىشنىڭ ئانچە كېرىكى بولمىغان بولاتتى.لېكىن س.يې.مالوف تەكشۈرگەن نوقتىلار چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ بەزى رايۇنلىرى، جۈملىدىن مىرەن قاتارلىق رايۇنلار بولۇپ، بۇ رايۇنلاردىكى تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ ئاساسىي تىل ئالاھىدىلىكى دەپ تونۇغىلى بولمايتتى.چۈنكى، بۇ رايۇنلار خوتەن دىيالىكتى بىلەن لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ ئۇچىراشقان رايۇنلىرى بولۇپ، تىلدا دىيالىكىت ئارلاشمىلىقى يۈزبەرگەن ئىدى(3)“. دېمەك، مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئەسىرىنى ئىككى قېتىملىق ئەمەلىي تىل تەكشۈرۈش (1960-يىلى ۋە 2004-يىلى) جەريانىدا ئېرىشكەن بىرىنچى قول ماتىرىياللىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى ئەستايىدىل پوزىتسىيەلىرىنى مۇنداق بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

(1)ئۆزى بىۋاستە بېرىپ بىرىنچى قول ماتىرىياللارنى توپلاپ كەلگەن.

(2)تەكشۈرۈش نوقتىلىرى لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ خۇسۇسىيەلىرىنى تولۇق ساقلاپ قالغان، ھەم چەت شىۋىلەرنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچىرىغان ئاھالە نوقتىلىرى بولغان.

(3) بۇ ئەسەرنى يېزىشتىن بۇرۇن لوپنۇر دىيالىكتى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر بىلەن پىششىق تونۇشۇپ چىققان ھەمدە بۇ ئەسەرلەردىكى كۆز قاراشلارغا نىسبەتەن پاكىتلىق كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان.

(4)نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ فونتىكىلىق، لېكسىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

(5)كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر تېخىمۇ مول بولۇپ، تاۋۇشلار خەلقئارالىق ترانسكىرىپسىيە بىلەن توغرا ئىپادىلەنگەن. كىتاپ ئاخىرىغا لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا نىسبەتەن فونتىكىلىق ۋە سىمانتىكىلىق پەرقلىنىدىغان سۆزلىرىنى بەرگەن.

دېمەك، مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندىنىڭ لوپنۇر دىيالىكتى ھەققىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى مەيلى ئىلمىي قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى پايدىلىنىش قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن ئۇيغۇر دىيالىكىت تەتقىقاتىدا ئالاھىدە ئۇرۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ لوپنۇر دىيالىكىت تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىلىرى ھەر قانداق كىشىنىڭ قايىللىقىنى  ۋە مايىللىقىنى قوزغايدۇ.

3)فۇماۋجى،ھاشىم توختى،مىھراي خانىم ،سۇڭ جېڭچۈن

2000-يىلى بىرىنچى ئايدا  ”ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر تەلەپپۇزى ئۈستىدە تەتقىقات“ناملىق ئىلمىي ئەسەر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۇ ئەسەر مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق تىلشۇناس، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت تىل تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فۇماۋجى ئەپەندىمنىڭ يىتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ھاشىم توختى، مىھراي خانىم ۋە سۇڭ جېڭچۈنلەر تەرپىدىن يېزىپ چىقىلغان بولۇپ، لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى تەپسىلىي ۋە ئىنچىكە تەتقىق قىلىنغان ئىلمىي ئەسەردۇر. ئەپسۇسكى، فۇماۋجى ئەپەندى بۇ ئىلمىي ئەمگەك بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى.ئەسەر ئومۇمىي بايان، تاۋۇش، تاۋۇش ئۆزگىرىشى،بوغۇم، سۆزلۈك،گرامماتىكا،لۇغەت قاتارلىق سەككىز قىسىمدىن تەركىب تاپقان. بۇ ئىلمىي ئەسەرنىڭ لوپنۇر دىيالىكتى ھەققىدىكى باشقا ئەسەرلەرگە قارىغاندا قانداق ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە تەرەپلىرى بار؟ بىز بۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاپ چۈشەندۈرىمىز.

(1) مەزكۇر ئەسەر لوپنۇر دىيالىكتىدا سۆزلىشىدىغان لوپلۇقلارنىڭ ئاغزاكى تىلىنى تەتقىقات ئوبىكتى قىلىپ تاللىۋالغان بولۇپ، ئەسەردىكى بىرىنچى قول ماتىرىياللار شۇنداقلا مىساللار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى ئاساس قىلماستىن ئادەتتىكى ئاۋام تىلىنى ئاساس قىلغان.

(2) ئەسەر ئاپتۇرلار توپلىغان ماتىرىياللار ئاساسىدا لوپنۇر دىيالىكتى بىلەن ئۇيغۇر يېزىق تىلىنى فونتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردىن ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ، لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ تەلەپپۇز جەھەتتىكى پەرقلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.

(3) ئەسەردە ئۇيغۇر يېزىقى، خەنزۇ يېزىقى ۋە خەلقئارالىق تىرنسكىرىپسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بەلگىلەر سېستىمىسى قوللىنىغان بولۇپ، خەلقئارالىق تىرانسكىرپسىيەدە كەڭ ۋە ئىنچىكە تاۋۇش خاتىرلەش ئۇسۇلى ئورتاق قوللىنىلغان. سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن 48، ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۈچۈن 75 بەلگە قوللىنىلغان بولۇپ، ھەر خىل تاۋۇش ئېلىمىنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىيانتلىرى ئامال بار توغرا ئىپادىلەنگەن.

(4)كىتاپتا بېرىلگەن دىيالىكىت سۆزلىرى لۇغىتى يېڭىچە تەرتىپتە تىزىلغان بولۇپ، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ چىقىش ئورنىنى ئاساس قىلىپ تىزىلغان. سۆزلۈكلەرنى تىزغاندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر يېزىق تىلى بېرىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ لوپنۇر شىۋىسى بىلەن مىرەن چاقىلىق شىۋىسىدىكى تەلەپپۇزىنى سېلىشتۇرما تەرىقىسىدە بەرگەن. سۆزلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن مىساللارنى يانداشتۇرغان. لۇغەت ئاخىرىدا يەنە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېغىز تىلىدا ئىشلىتىدىغان ئالاھىدە سۆزلىرىنى ئايرىم بەرگەن.

(5) ئەسەر ئۇيغۇر ئېغىز تىلى تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي تىل ئوقۇتۇشى ۋە تىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياخشى بىر پايدىلىنىش ماتىرىيالىلىق رولىنى ئوينىغان،

بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان شەخىسلەردىن باشقا يەنە غولام غۇپۇر، مۇھەببەت قاسىم، خالىق نىياز، تۇراپ قاسىم يولچى قاتارلىق تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى كىشىلىرىمىزنى؛ مويدۇن سايىت، غالىپ بارات ئەرك، توختى جامال قاتارلىق لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى توپلىغۇچىلارنى؛ شۇنىڭدەك لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقاتماي ساقلاپ كەلگەن قوشاقچى، داستانچى، چۆچەكچى ۋە باشقا تاۋۇش بەرگۈچى كىشىلىرىمىزنىڭ تۆھپىلىرىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدۇ.

 5.لوپنۇر دىيالىكىت تەتقىقاتىدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم مەسىلىلەر

لوپنۇر دىيالىكتى تەتقىق قىلىنىپ  ھازىرغا كەلگۈچە خېلى كۆپ ئىلمىي نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. ھەر قانداق ئىش مۇككەممەل بولمىغانغا ئوخشاش لوپنۇر دىيالىكتى تەتقىقاتىدىمۇ قىسمەن مەسىلىلەر كۆرۈلدى. گەرچە بۇ مەسىلىلەر ئانچە گەۋدىلىك بولمىسىمۇ، بۇنىڭدىن كىيىنكى تەتقىقاتنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى ھەققىدە بىر ئاز توختىلىپ ئۆتۈش ئانچە ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.

(1) لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ خەنزۇچە نامىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسى

ھازىر ئىلىم ساھەسىدە لوپنۇر دىئالىكتىنىڭ نامى ھەر خىل شەكىللەردە ئېلىنماقتا. بولۇپمۇ خەنزۇچە ماتىرىياللاردا بىز “ 罗布方言“، ”罗布泊方言  ”، “ 罗布话 ”،   قاتارلىق شەكىللەردە ئېلىنىپ ئۇيغۇر تىلىدا ”لوپنۇر دىيالىكتى“ ياكى ”لوپنۇر شىۋىسى“ دەپ ئېلىنماقتا. مېنىڭچە، ئۇيغۇر تىلىدا ”لوپنۇرشىۋىسى“ دەپ ئېلىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، لوپنۇر دىيالىكتى ”لوپنۇر شىۋىسى بىلەن مىرەن-چاقىلىق شىۋىسىدىن ئىبارەت ئىككى تارماقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ”لوپنۇر شىۋىسى“ بىلەن ”لوپنۇر دىيالىكتى“نى تەڭ دەرىجىدە قويۇپ ئىشلەتسەك بولمايدۇ. مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى ئۆز ئەسەرلىرىدە ”罗布泊方言 ”دەپ ئېلىپ كەلگەن.بۇ يەردىكى“罗布泊“لوپنۇر كۆلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاتالغۇدىن ”لوپنۇر كۆلى ئەتىراپىدا ياشاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ يەرلىك تىلى ”دېگەن مەزمۇن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. مېنىڭچە بولغاندىمۇ بۇ خىل ئاتاش لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكىنى بىر قەدەر ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

(2)لوپنۇر دىيالىكتى لېكسىكا تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى

   لوپنۇر دىيالىكتىنى لېكسىكا نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىش ئەمدىلا باشلىنىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن تەتقىقات كۆپىنچە ئۆزىگە خاس بولغان مەنىلىرىنى ئىزاھلاش بىلەنلا چەكلىنىۋاتىدۇ. ئۇنى ئىجتىمائى تىلشۇناسلىق ، مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى ۋە ئىستىلىستىكا نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىش بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات ئىشلىرىمىزدا دېققەت قىلىشىمىزغا تېگىشلىك مەسىلىلىرىمىزدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا لوپنۇر دىيالىكىتىدا ساقلانغان سۆزلەرنىڭ قەدىمكىي تىللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېپىپ چىقىش، ئۇنىڭ دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرىنى ئېنىقلاپ چىقىشمۇ ناھايىتى مۇھىم.

   تۆۋەندە لېكسىكا جەھەتتە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتلاردا دېققەت قىلىشقا تېگشلىك بىر قانچە مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.

1)لوپنۇر دىيالىكتىغا خاس بولغان بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتىدىكى  ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى قايتا دەلىللەپ كۆرۈش.

ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە نەشر قىلىنغان بىر قىسىم دىيالىكىت شىۋىلىرى لۇغىتى ياكى مەخسۇس لوپنۇر دىيالىكتى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەردىكى ئىزاھاتلاردا مۇئەييەن پەرقلەر ساقلانغان. تۆۋەندە بىز پروفسسور مۇھەببەت قاسىم قاتارلىقلار يازغان ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىت سۆزلىرى تەتقىقاتى“ ناملىق ئەسەر بىلەن پەرھات جىلان باشچىلىقىدىكى ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەرپىدىن تۈزۈلگەن “ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالىكىت ۋە شىۋىلىرى لۇغىتى“دىكى لوپنۇر دىيالىكتىدىكى ئوخشاش سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى :

سۆزلۈك

مۇھەببەت قاسىم

پەرھات جىلان قاتارلىق

سايغاق

كۆكۈيۈن

بېلىق تۇتىدىغان سايمان

چېگىلەك

لوپ كەندىرى،ياۋا كەندىر

بىر خىل ئۆسۈملۈك، لوپنۇردىن چىقىدۇ

چاچاق

ئىگىزلىكتىكى قۇمۇش

لويا قۇمۇش ، ئۆت – چۆپلەرنىڭ پاكار ھەم شالاڭ   ئۆسكەن يېرى

تۈتۈچ

قوزىلارغا سۈت ئېمىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان   قۇمۇش

نەيچە

تۆشلەڭ

تۆش

تۆشۋاغ، تۆشلەڭگۈ

تۆزمەك

قانماق

كۆنمەك،ئۆزلەشمەك

پالچىق

سۇ بار كېچىك

لاي، پاتقاق

سەر

قوڭ، كۆت

بەدەننىڭ پاتاڭدىن تۆۋەن، بەلدىن يۇقىرى قىسمى،دۈمبە

يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتلىرىغا قارايدىغان بولساق، بىر دىيالىكىتتىكى ئوخشاش سۆزلەر ئىككى كىتاپتا ئوخشىمىغان مەنىلەردە ئىزاھلانغان. دىيالىكىتلاردا شىۋە پەرقى تۈپەيلىدىن ئوخشاش بىر سۆزنىڭ ئوخشىمىغان ئاھاڭدا ئېيتىلىشى تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما، مېنىڭچە ئوخشاش بىر سۆزنىڭ ئوخشاش بىر دىيالىكىتتا ئوخشىمايدىغان مەنە بېرىشى ئانچە ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. بۇ خىلدىكى سۆزلەرنى يەنە قايتا تەكشۈرۈپ دەللىللەش زۆرۈردۇر.

2) ئىلگىركى تەتقىقات ئەسەرلىرى ۋە لۇغەتلەردە لېكسىكىلىق مەنىسى تولۇق ئىزاھلانمىغان ياكى خاتا ئىزاھلانغان سۆزلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭ توغرا ھەم تولۇق مەنىسىنى ئىزاھلاپ كۆرسىتىش

رەت نۇمۇرى

سۆزلۈك

دەسلەپكى ئىزاھات

تولۇقلانغان ياكى توغرلانغان ئىزاھات

1

تاتقۇ

قۇرۇتۇپ قويۇلغان ئاشلىقىنى دۆۋىلەشتە   ئىشلىتىلدىغان ياغاچ سايمان

خامان ئالغاندا بۇغداينى يېيىتىش ۋە يىغىشتا   ئىشلىتىلدىغان سايمان

2

داڭگىر

قىرچاڭغۇ، گال

ئورۇق، جۈدەڭگۈ

3

ئىلەك

دەريانىڭ تارمىقى

زەيكەش ئېقىن

4

چىگىت

تۇخۇمدان

تۇخۇمدان، كېۋەزنىڭ ئۇرۇقى

5

كۆبدۈن

ئاۋاق، ئورۇق

تويماس

6

قىرچىن

توغراق بىخچىسى

توغراق كۆچىتى

7

سۇلاق

مال-ۋارانلار سۇ ئىچىدىغان جاي

قىشتا مال سۇغىرىش ئۈچۈن مۇزنى چېپىپ ئاچقان   تۆشۈك

8

نىياۋە

ئۆچىرەت

نىسىۋە

9

ئوتۇنلۇق

ئوتۇن، قالايدىغان   ئوتۇن

ئوتۇن دۆۋىلەيدىغان ياكى ئوتۇن كۆپ چىقىدىغان   جاي

10

قالجاق

جەرەن ۋە ئارقارنىڭ ئورتاق ئىسمى

چىشى جەرەن

11

چۆچقار

خاماندا بۇغداي ئورۇشنىڭ ئالدىدا قوي سويۇپ   ئۆتكۈزۈلدىغان بىر خىل مۇراسىم

خاماندا بۇغداينى تاغارلارغا ئۇسۇشتىن بۇرۇن   قوي سويۇپ ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر خىل نەزىر

يۇقىرقى جەدىۋەلدە كۆرسىتىلگەن سۆزلەرنىڭ مەنىلىرى تولۇق ئىزاھلانمىغان ياكى بىر قىسىملىرىنىڭ مەنىلىرى خاتا ئىزاھلانغان. بەلكىم ئىنچىكىلەپ تەكشۈرسەك بۇ خىلدىكى سۆزلەر تېخىمۇ كۆپ بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن. بۇمۇ بىزنىڭ كېيىنكى تەتقىقاتلاردا نەزىرىمىزنى ئاغدۇردىغان مۇھىم بىر تەرەپتۇر.

3) لوپنۇر دىيالىكتىغا خاس بولغان سۆزلەرنىڭ تولۇق قېزىش ۋە لوغەتلەردىن ئورۇن ئالدۇرۇش

   مەن ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا تېخىچە دىيالىكىت_شىۋە لۇغەتلىرىدىن ئورۇن ئالالمىغان يۇقىرقىدەك سۆزلەرنىڭ بارلىقىنى سەزدىم.

رەت نۇمۇرى

سۆزلۈك

مەنىسى

1

كۇشاي

خۇشاللىق

2

غوجما

پىكىر، ئىنكاس

3

ئىجىلىم

ئامىرىقىم

4

قاۋۇسۇنۇ

پۇرسەت، ۋاقىت

5

قوشتاپ

تۇتىۋېلىش،قۇچاقلىۋېلىش

6

ئېتىملىق

ياراملىق

7

سەيت

ئوۋ غەنىمىتى

8

سەمەر

ئادىل، خالىس

9

پارپا

ئېيىق

10

پاشاڭ

داۋراڭ

11

ئورساق

بالا، پەرزەنت

12

قۇيۇلۇشادۇ

تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ

13

ئەرۋە

غۇنچە

14

تارارا

تۈز، سىلىق

15

سالىم

ۋاقتىم، قەرەلىم

بىر دىيالىكىتتا ساقلانغان بارلىق سۆزلەرنى تولۇق توپلاش بۇ ئىش سالمىقى بىر قەدەر ئېغىر بولغان خىزمەت. بۇ سۆزلەرنى مىسالغا ئېلىشىمدىكى ئاساسىي مەقسەت. لوپنۇر دىيالىكتى بىزنىڭ يەنە چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ قېزىشىمىنى كۈتۈپ تۇرغان تىل بايلىقىدۇر. بۇ تىل بايلىقىنىڭ تېخىمۇ تولۇق ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھازىر ھايات تىل شاھىدلىرىدىن قېزىلماي قالغان سۆزلىرىمىزنى قېزىۋىلىشىمىز لازىم.

4)بىر قىسىم  سۆزلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى  تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلارشتۇرۇپ، لوپنۇر دىيالىكتى ئارقىلىق لوپنۇرلۇقلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت يىلتىزلىرىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش.

      تىل بىلەن مەدەنىيەت بىرى-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككى تەرەپتۇر. لوپنۇر دىيالىكتى لوپنۇرلۇقلارنىڭ نۇرغۇن مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. لوپنۇر دىيالىكتىدا بېلىقچىلىققا، چارۋىچىلىققا، ئوۋچىلىققا ، يۇڭ توقۇمچىلىققا ئائىت بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ كۆپرەك بولىشى لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى  ماددىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ كۆمۈلمەس پاكىتلىرىدۇر. بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن تەتقىق قىلىنىشى لوپنۇرلۇقلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەتىراپلىق چۈشىنىشتىكى مۇھىم ھالقىدۇر. مەسىلەن تۆۋەندىكى بىر  سۆزگە قاراپ باقايلى:

چۆچقار _ خاماندا تەييار بولۇپ قالغان بۇغداينى تاغارغا ئۇسۇشتىن بۇرۇن قوي سويۇپ ئۆتكۈزلىدىغان بىر خىل نەزىر.

   لوپنۇرلۇقلار نېمە ئۈچۈن بۇغداينى تاغارغا ئۇسۇشتىن بۇرۇن بۇ خىل نەزىرنى ئۆتكۈزىدۇ؟ قانداق شەكىلدە ئۆتكۈزىدۇ؟، قانداق تەرتىپلەر بىلەن ئۆتكۈزىدۇ؟بۇ نەزىرنىڭ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنى ئېتىقادى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟ بااشقا جايلاردا بۇ خىل نەزىر بارمۇ-يوق؟ دېگەندەك مەسىلىلەر بىز ئېنىقلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىللەردۇر.

5)لوپنۇر دىيالىكتىدىكى ئەدەبىي تىلدا تەڭدىشى يوق بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي تىلدىكى زۆرۈرى تولۇقمىلىق رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش.مەسىلەن تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قاراپ باقايلى:

رەت نۇمۇرى

لوپنۇر دىئالىكتى

ئەدەبىي تىل

1

قايىر-دەرياغا تاشقىن كەلگەندە يىغىلىپ قالغان   شاخ-شۇمبا قاتارلىق نەرسىلەر

يوق

2

تورقۇ- لوپنۇر چىگىسىنىڭ ئەڭ ئېسىل تالاسى

يوق

3

تىپىلاڭ-ئات قىلى ياكى قوي يۇڭىدا يېسى قىلىپ   توقۇلىدىغان ئارغامچا ياكى كاشا

يوق

4

سۇغان-غاز-ئۆردەكلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن سۇ ئۈستىگە   قۇرۇلغان قىسماق

يوق

5

پاقۇل- قوماچ

يوق

6

گۆلمۈ-چىگە تالالىرىدىن توقۇلىدىغان بېلىق تورى

يوق

7

مانجار-بېلىق تۇتىدىغان ئاغزى تەتۈر سېۋەت

يوق

8

چۆچقار-بۇغداي ئۇسۇش ئالدىدا خاماندا قوي   ئۆلتۈرۈپ قىلىندىغان نەزىر

يوق

9

پوستۇمبا-قوي قۇيرۇقىنىڭ تېرىسى

يوق

10

لوك-ياغاچ قۇلۇپ

يوق

مەلۇم بىر تىلنىڭ سۆز-بايلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئوخشاش بولمىغان سۆز قۇبۇل قىلىش ۋە سۆز تولۇقلاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شۇ تىلدا بار بولغان دىئالىكىت شىۋىلەردىن سۆز قۇبۇل قىلىش بولسا، ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. چۈنكى، بۇ شۇ سۆزنىڭ قۇبۇل قىلىشچانلىقى ياكى شۇ تىلنىڭ ساپلىقىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭىلاشقا، يۇقىردا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئەدەبىي تىلدا تەڭدېشى يوق سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدىن ئوزۇن ئېلىشى ۋە مۇئەييەن ئىشلىتىلىش شارائىتىغا ئېرىشتۈرلىشى كېرەك.

6) لوپنۇر دىيالىكتىدىكى سۆزلەرنى بىر قەدەر تولۇق توپلاپ، ”لوپنۇر دىيالىكتى سۆزلىرى ئىزاھلىق لۇغىتى“ گە ئوخشاش ئىلمىي ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقىرىش. بۇ ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ لوپنۇر دىيالىكتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم دىيالىكىتنى ئەتىراپلىق چۈشىنىشى ۋە يېڭىچە تەتقىقات ئۇسۇلى، يېڭىچە نەزىريەلەردىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش لازىم.

خۇلاسە

بىز يۇقىرىدا لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ تەتقىق قىلنىش ئەھۋالى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتلاردا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسم مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتۈق. لوپنۇر دىيالىكتى شىۋە پەرقى ئانچە چوڭ بولمىغان، سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئانچە كۆپ ئۇچىرىمىغان، ئۆزىدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىر قەدەر تولۇق ساقلاپ قالغان دىيالىكىت بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنىشى  يالغۇز دىيالىكىت تەتقىقاتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەقققىيات تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا لوپنۇر دىيالىكتىدا ساقلانغان باشقا تىل تەركىبلىرىنى ئېنىقلاش، ئوخشمىغان تارىخى دەۋىردىكى مىللى تىللارنىڭ تەسىرىنى تېپىپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ سىرلىرىنى ئېچىشمۇ بىز بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات خىزمەتلىرىمىزدە دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان تەرەپلەردۇر.

ئىزاھلار:

(1) ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر ”لوپنۇر دىيالىكتىدا ساقلانغان قەدىمكى تەركىبلەر توغرىسىدا“، ”تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى“دا ئوقۇلغان.

(2) تۇراپ قاسىم يولچى، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىتشۇناسلىقى“ ناملىق كىتاپنىڭ 64-،65-،66-بەتلىرىگە قارالسۇن

(3) مىرسۇلتان ئوسمانوف، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالىكتى“، كىرىش سۆز 1-بەتكە قارالسۇن

پايدىلانغان ماتىرىياللار

1.غولام غۇپۇر تۈزگەن ،“ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلىگى“، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986-يىلى 1-ئاي1-نەشرى

2.مىرسۇلتان ئوسمانوف، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالىكتى“، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2006-يىلى 1-ئاي1-نەشرى

3.مۇھەببەت قاسىم قاتارلىقلار يازغان، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىت سۆزلىرى تەتقىقاتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2006-يىلى 10-ئاي 1-نەشرى

4.ش.ئۇ.ئا.ر ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى تۈزگەن، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالىكىت ۋە شىۋىلىرى لۇغىتى“، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى

5.فۇماۋجى ۋە ھاشىم توختىلار تۈزگەن، ”ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر تەلەپپۇزى ھەققىدە تەتقىقات، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتى نەشرىياتى، 2000-يىلى1-ئاي1-نەشرى

6.تۇراپ قاسىم يولچى، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالىكىتشۇناسلىقى“، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى نەشرىياتى، 2009-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى

7.غالىپ بارات ئەرك ،مويدىن سايىت بوستان تۈزگەن، ”ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى لوپنۇر قىسمى“، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2011-يىلى 9-ئاي1-نەشرى

8. ئالىي رەخمەت، ”لوپنۇر دىيالىكتى سۆزلىرى ھەققىدە تەتقىقات“، غەربىي-شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتى ماگىستىرلىق ماقالىسى(خەنزۇچە)، 2006-يىلى 6-ئاي

9.ئونۇر چېچىك، ”ئۇيغۇر تىلى لوپنۇر دىيالىكتى بىلەن مۇڭغۇل تىلى ئۇيرات دىيالىكتى سۆزلىرى ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات“، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىسى، 2005-يىلى 6-ئاي

10. ئەلى ئەمەت، لوپنۇرلۇقلار ۋە لوپنۇر دىيالىكتىدىكى بىر قىسىم شىۋە سۆزلىرى توغرىسىدا“، تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلى 2010-يىللىق 2-سان



[1] Report of a Mission to Yarkund in 1873, Under Commend of Sir T,D.Forsyth___ Whith Historical and Geographical Information regarding of Possessions of the Ameer of Yarkund.Calcutta 1875. 51~52

[2] Report of a Mission to Yarkund in 1873, Under Commend of Sir T,D.Forsyth___ Whith Historical and Geographical Information regarding of Possessions of the Ameer of Yarkund.Calcutta 1875. 51~52

 

[3] 【俄】H.M.普尔热瓦尔斯基著《第四次中亚探险记》,圣彼得堡,1884年, 313页

[4] 【俄】H.M.普尔热瓦尔斯基著《第四次中亚探险记》,圣彼得堡,1884年, 313页

[5] 【俄】H.M.普尔热瓦尔斯基著 黄健民译《走向罗布泊》新疆人民出版社 乌鲁木齐,1999 年 8 月第一版 121 页


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3454

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-10-31
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىلمىي ماقالىلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: