ئۈيۈمنىڭ ئالدىدا ”شۈكۈرگاھ“تىن بىرسى بار

ۋاقتى: 2011-07-23 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 353 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

ئۈيۈمنىڭ ئالدىدا ”شۈكۈرگاھ“تىن بىرسى بار

 

سىزبۇرۇن“ئارامگاھ“،“جەمگاھ“،“جەڭگاھ“،“بارگاھ“دېگەندەك“گاھ“قوشۇمچىسى ئۇلانغان ئۆزىدە مەلۇم خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ“مەيدان،سۇرۇن“بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇمنى بىلدۈردىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مومكىن.لىكىن“شۈكۈرگاھ“دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باقمىغان بولىشىڭىز تەبىئىي. مەن بۇ سۆزنى يۇقارقى سۆزلەرنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىغا تەقلىد ياساپ چىقتىم.بۇ سۆزمۇ باشقا“گاھ“قوشۇمچىسى قوشۇلغان سۆزلەرگە ئوخشاشلا ئالاھىدىلىككە ئىگە.

  ئەمدى بۇ سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئازراق توختىلاي. يېڭىدىن تۇرمۇش قۇرۇپ ھازىر تۇرىۋاتقان مەھەللىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان ئىدىم.مەن ئۆي سېتىۋالغاندا پەقەت ئىككىلا يۈرۈش بىنا ئۆي بار ئىدى.دەسلەپ كۆچۈپ كەلگەن ۋاقىتتا ئۆزۈم ئادەمخۇمار بولغاچقىمۇ،“بۇ تازىمۇ ئادەم كەلمەيدىغان بىر يەر ئوخشىمامدۇ؟بۇ يەرگە يەنە باشقا ئادەملەرمۇ كېلەرمۇ؟“دەپ ئەندىشىدە بولغان ئىدىم.لىكىن بىر يىلدىن كىيىن مەن ئولتۇرغان بۇ بىنانىڭ ئەتىراپىغا يامغۇردىن كىيىن جامالىنى كۆرسەتكەن موگودەك ئوندىن ئارتۇق بىنا ئارقا-ئارقىدىن سېلىندى.ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى بىلىپ قالغاندەك بىز ئولتورغان بىنانىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا ئىشلەمچىلەر بازىرى(ئەمگەك كۈچى بازىرى ياكى مەدىكار بازىرى)نى يۆتكەپ كەلدى.شۇنىڭ بىلەن بىز تۇرىۋاتقان جاي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئادەملەر تېپىلىدىغان تەبىئىي ئادەملەر“مۇزىيى“غا ئايلىنىپ قالدى.

ئىشلەمچىلەر كۆچۈپ كەلگەندىن كىيىن بۇ يەرنىڭ ئاۋات بولۇپ كەتكىنىنى بىر دىمەڭ!پات-پات كېلىپ سەييارە ئۇيۇن قويىدىغانلار،ئۆزلىكىدىن چىقىپ تۇرىدىغان ھەقسىز“چامباشچىلىق فىلىملىرى“بۇ يەرنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىۋەتكەن.بۇ يەردىكى ئەتىگەنلىك بازار بىلەن كەچلىك بازار ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن.سېتىلىدىغان تاۋارلارنىڭ تۈرى كۆپ.باھاسى بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئويلىشىپ قويۇلغان.ئۇلارنىڭ بۇ ماللارنى زادى قانداق جايلاردىن ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.چۈنكى بىزنىڭ بۇ يەردە ئادەتتە كونا ماللار سېتىلىدىغان پىت بازىرىمۇ يوق.

  بۇ يەردە ھايات شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا بۇرۇن باشلىنىدۇ،بەزىدە ئەتىگەن سائەت تۆت يېرىملاردا چىقسىڭىز باشقا يەرلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئادەم يوق،لىكىن ”قۇشقاچ نېمە دەيدۇ؟چىرىك-چىرىك؛بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟تىرىكچىلىك“دېگەندەك بۇ يەر ئاللىقاچان تۇرمۇش غېمىگە چۈشكەن كىشىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ.ئەگەردە ئەتتىگەندە چېنىقىش ياكى ئەتىگەنلىك ھاۋا يىيىش ئۈچۈن چىقىپ قالسىڭىز،بىرەر ئىككى نەپەس ”ئەرلىك پۇراق“نى پۇرىمايمۇ ئۆتەلمەيسىز.

بۇلار كۆچۈپ كەلگەندىن كىيىن گاھىدا بوش قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۆيۈمنىڭ دېرىزىسىدىن ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولۇپ قالدىم.ئۆز يۇرتىدا تۈرۈكرەك تىرىكچىلىك يولى تاپالماي،ئۆزىگە يات بۇ يەردىن ھاياتلىق يولى ئىزدەپ كەلگەن بۇ قېرىنداشلىرىمغا ھەقىقەتەن ھېسداشلىقىم كېلىدۇ.ئۇلارنىڭ توپا يېغىپ تۇرىدىغان چىرايى،ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى،ئىش تېپىش ئۈچۈن ئەمدىلا ئەتىراپىدا توختىغان ماشىنىغا20-30ىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۇپۇرلۇپ كېلىشلىرى،ئەتىگەندە قۇرۇق گىردىنى كۈچەپ تۇرۇپ يۇتۇشلىرى،كەچلىكلىرى داشقازاندا سۇدىن-سۇغا ئەتكەن سۇيقاشلارنى داق يەردىلا ئولتۇرۇپ ئىشتىھا بىلەن ئىچىشلىرىگە قاراپ نامراتلىقنىڭ ئادەمگە ئېلىپ كېلىدىغان روھى ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىكى بېسىملىرىنى تونۇپ يەتكەندەك بولىمەن.شۇڭىلاشقا،كۈندە ئەتىگەندە ئايالىم قېنىق قىلىپ ئەتكەن سۈتلۈك چايغا ئاپپاق بۇغداي نېنى سېلىپ قورساقنى تويغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن،دېرىزىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ،بۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىشلىرىغا قاراپ تۇرۇپ كېتىمەن. ھەمدە ئۆز-ئۆزۈمگە“خۇدا،ماڭا مۇشۇنچىلىك بىر مۇھتاجلىقىم يوق كۈننى ئاتا قىلغىنىڭ ئۈچۈن مىڭ مەرتىۋە شۈكرى“دەپ كېتىمەن.ھەر بىر قىلغان ئىشىمنى تېخىمۇ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك قىلىشقا تىرىشىمەن. ئادەم ئۆز يۇرتىدا بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە ياكى غۇربەتچىلىككە ئۇچىرمىسا ئوڭايلىقچە ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ چىقمايدۇ.بولۇپمۇ،ئۇيغۇرلار شۇنداق.ھەتتا ھايۋانلارمۇ شۇنداق.كىين مەن بۇ جاينى ”شۈكۈرگاھ“دەپ ئاتىۋالدىم.چۈنكى مەن تۇغۇلۇپ ھازىرغا كەلگۈچە ئېغىر مۇھتاجلىق كۈنلەرگە مۇپتىلا بولمىغان بولساممۇ،كۆز ئالدىمدىكى مۇشۇ قېرىنداشلىرىم ماڭا نېمىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ”مۇھتاجلىق“ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرىدۇ.قايسىدۇر بىر كىشى“تۇرمۇش دېمەك-تۈر مۇش دېمەكتۇر“دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان ئىكەن.مېنىڭچە بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۈچۈن تۈگۈلگەن مۇشتلىرى قالغان ھەر قاندىقىمىزنىڭكىگە قارىغاندا قاتتىق ھەم مۇستەھكەم.ئۇلار ئەگەر سەللا بوشاڭلىق قىلسا،تۇرمۇشى تېخىمۇ تەس ھالغا چۈشۈپ قېلىشى مومكىن.بەزىدە قولۇمدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇلارنى سېلىشتۇرۇپ قالىمەن.ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ماددىي تۇرمۇشتىن ھېچقانداق غېمى يوق.قورسىقى تەييار ئەۋەتكەن پۇلدا تويىدۇ،كىيم-كېچىكىنى ئاتا-ئانىسى قىلىپ بېرىدۇ.ھەتتا مەكتەپ قارىقويۇق ھەممىسىگە ھەر ئايدا 150يۇەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ.ئەنە شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا ۋاقىتتىن ياخشى پايدىلىنىشنى،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشنى،كەلگۈسى ئۈچۈن دەسمايە توپلاشنى كۆپىنچىلىرى ئويلاپ قويمايدۇ.ئۈچ ۋاق تاماقنى يىيىش،ياتاققا كىرىپ ئۇخلاش،تورخانىغا چېپىش،قىز-ئوغۇللار ئۆز-ئارا قۇرۇق پاراڭ سېلىش،ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن پۇلنى بۇزۇپ-چېچىش،ئىسراپ قىلىش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىشى.ئوقۇغۇچىلىرىم بۇ يەردىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ھېچقانداق روھى زەربىگە ئۇچىرىمايدۇ.بىلىشىمچە،“مۇساپىرنىڭ غوجا ئاكىسى تولا“دېگەندەك بۇلار بەزىدە ناچاراق كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا،بىر كۈن ئىشلىگەننى ئاز دەپ پۇلىنىمۇ ئالالماي قوڭىغا تېپىك يەيدىكەن.بۇلارنىڭ ئارىسىدا مېنىڭ ئوقۇغۇچۇمدەك بالىلارمۇ خېلىلا كۆپ.بەزىدە ئاشۇنداق كۈننى بىكار لاغايلاپ ئۆتكۈزىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمنى“بۇ يەرگە بىر ئېكىسكۇرسىيەگە ئەكەلسەم،تۇرمۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرۈپ باقسىكەن“دەپمۇ قالىمەن.ئادەمنىڭ توقلۇقتا ئۆتكەن ۋاقىتتا،ئاچ قالغان كۈنلىرى ۋە ئاچ قالىدىغان كۈنلىرىنى ئېسىگە ئالمايدىغانلىقى ئۇنىڭ نۇرغۇن ۋاقىتلاردا مەغلۇپ بولىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا كېرەك.ئۇلار بەلكىم كەلگۈسىدە مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەردەك رىقابەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ھازىر ئويلاپ يىتەلمىسە كېرەك.مېنىڭچە ئۇلارمۇ ئۆز يۇرتلىرىدا مەن كۆرگەن بۇنداق بازارلارنى كۆرگەن،ئارلىغان.لىكىن ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشنى،ساۋاق ئېلىشنى ئۆزىنىڭ ياشاۋاتقان كۈنىگە شۈكرى قىلىشنى ئويلاپ باقمىغان.شۇكرى قانائەت ئاساسىدا كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىشىنى ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك.

ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بۇ جاينى ۋە بۇ جايدىكى كىشىلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە تەپسىلىي كۈزىتىشكە باشلىدىم.ھەمدە شۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلدىمكى،بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا نىسبەتەن بۇ يەر مەن باشتا دەپ ئۆتكەن“گاھ“قوشۇمچىسى قوشۇلغان نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكى ئېنىق ئىدى.

بۇ يەر ئۇلار ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر جەڭگاھ .چۈنكى،ئۇلار تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن بىر كۈنلۈك“ئۇرۇش“نى مۇشۇ يەردىن باشلىشى كېرەك.بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا رىقابەت مەۋجۈت.ئەگەر ئۇلار چىڭ تۇرمىسا بىر كۈن كەچكىچىمۇ ئىش تاپالمايدۇ.ئۇلارنىڭ بىر كۈن بىكار يۈرىشى بىر نەچچە كۈنلۈك قاتتىق ئىشلىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ.ھەتتا بىر كۈن ئاچ قورساق يۈرىشى،كەچلىكى تالادا قېلىشىغىمۇ سەۋەبچى بولىشى مومكىن.

بۇ يەر ئۇلار ئۈچۈن بىر ئارامگاھ.چۈنكى،بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھەر كۈنى ئىش تاپالمايدۇ.ئىش تاپالمىغانلىرى“بۈگۈن ئىش تاپالمىدىم“دەپ كىتىپ قالمايدۇ.بەلكى يەنىلا بىر خىل ئۈمىد بىلەن داق يەردىلا ئولتۇرۇپ ئىش ساقلايدۇ،ھېرىپ كەتسە داق يەردىلا يېتىپ ئۇيقۇغا چۈشىدۇ.كوچىدىكى ماشىنىلارنىڭ غۇيۇلدىغان ئاۋازلىرى،باققاللارنىڭ خېردار چاقىرىپ توۋلاشلىرى ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا كىرىپمۇ قويمايدۇ.

بۇ يەر ئۇلار ئۈچۈن بىر جەمگاھ.چۈنكى،ھەر كۈنى ئىش تېپىپ،تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن كىشىلەر ھېرىپ قالغىنىغا قارىماي كەچتە يەنە بۇ يەرگە توپلىشىدۇ،ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ.كەچلىك بازاردىكى تائاملارنى ھوزۇرلىنىپ يىيىشىپ ئاندىن ئىجارە ئالغان ئۆيلىرى،ياكى بىر كۈنلىكى 2-3يۇەنلىك 20-30 ئادەم بىر ئۆيدە ياتىدىغان ياتاقلىرىغا قاراپ يول ئېلىشىدۇ.

ئوخشىمىغان مەنزىرلەرنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ.ماڭا نىسبەتەن بۇ جاي بىر“شۈكۈرگاھ“،“ئىبرەتگاھ“.

يېزپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشى قانداق تۇرمۇش؟باياشات ياشاۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقىنى قانداق ئىش ؟دەپ ئويلاپ قالدىم.ئەتىراپىمىزدا يامراۋاتقان ئىسراپچىلىق،ئابرۇيپەرەسلىك،بەدخەجلىك؛ئۆزى ئېلىۋاتقان مۇئاشنىڭ قەدىرىگە يەتمەسلىك،خىزمەتتە ھورۇنلۇق قىلىش،ئالغا ئىنتىلمەسلىككە ئوخشاش نوقسانلار ھەر بىرىمىزنىڭ“شۈكۈرگاھ“قا كېلىپ ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋىلىشنىڭ لازىملىقىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ.

ھازىرقى كۈنلىرىمىزنىڭ قەدىرىگە يىتىش،مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە بۇ يولدا تىرىشىش،مومكىن بولسا قىيىن ئەھۋالدىكى كىشىلىرىمىزگە ياردەم بېرىش،خەير-ساخاۋات ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىش،ھەممە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزگە ئوخشاش بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرشىگە بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش نۆۋەتتىكى رىقابەت دەۋرىدە بىز قىلىشقا تېگىشلىك موھىم ئىشلاردىن ئىبارەت.

ئەلۋەتتە،بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا كۈنلۈك ئىشلەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل.بەلكىم سىز“نامراتلىقنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان“دېيىشىڭىز مومكىن.لىكىن،نىمىلا بولمىسۇن“دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنداق ئىبرەت ئالغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان“بولىدۇ.بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىشىمىز،ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماسلىقىمىز كەلگۈسىدە كۆز ياشلىرىمىزنىڭ تۆكۈلىشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن.

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. رىسالەت
    2012/03/08 17:38:44

    بۇ يازمىڭىز مەندىكى پەرىشانلىقنى زور دەرىجىدە يوق قىلىۋەتتى. مەن ئۇ مەنزىرىنى كۆرگەندەك، ھەتتا شۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.
    سىز رومان يازسىڭىزمۇ ياخشى يازغۇدەكسىز جۇمۇ…
    مېنىڭ بلوگىمنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىزچۇ..

    • lopnuri
      2012/03/08 20:52:14

      ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!بلوگىڭىزنى ئۇلىنىشقا قېتىپ قويدۇم!

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif